قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 321|ئىنكاس: 1
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئىزدىنىشتىن مۇكاپاتلىق تەسىرات: »بۈيۈك شاھمات تاختىسى»

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

0

دوست

906

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   81.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9901
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 14
تۆھپە : 290
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-20
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:15 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
ئىزدىنىشتىن مۇكاپاتلىق تەسىرات: »بۈيۈك شاھمات تاختىسى»

ئۆمەرجان ئىسمائىل

2014-يىل12-ئاي ـــ2015-يىل1-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە ئوقۇلدى.
كىتاب نامى:بۈيۈك شاھمات تاختىسى-ئامېرىكىنىڭ ئۈستۈنلۈكى ۋە ئۇنىڭ رايون ئىستراتېگىيىسى
2013-يىل 8-ئاي نەشىر قىلىنغان
ISBN 978-7-105-12811-2/D.2510维447

    يېقىندا ئامېرىكىنىڭ زامانىمىزدىكى داڭلىق سىياسيونى،ئستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى،رايون سىياسىي ئانالىزچىسى زبىگنېۋ بىرژىنىسكىينىڭ »بۈيۈك شاھمات تاختىسى:ئامېرىكىنىڭ ئۈستۈنلۈكى ۋە ئۇنىڭ رايون ئىستراتېگىيىسى«ناملىق كىتابىنى كۆرۈپ چىقتىم.گەرچە بۇ كىتاب-1997يىلى يېزىلغان بولسىمۇ،شۇ چاغدا 2015-يىل كېيىنكى ئىشلارنى،يەنى دەل ھازىرقى دەۋردە يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئۆزگىرىشلەرنى مۆلچەرلەش ۋە ئۇنىڭغا بولغان ئىدىيەۋىي تەييارلىقنى ئاساس قىلىپ يېزىلغاچقا،بىزگە ئوخشاش باشقىلارنىڭ ئەمەس بەلكى ئۆزىمىزنىڭ كەلگۈسى،ھەتتا ھازىرىغىمۇ بىرەر ئەمەلىي چېرتيۇژ لاھىيەلەش ئىمكانىيىتى بولمىغان كىشىلەر ئۈچۈن ھىچ بولمىغاندا ئۆزىمىزنىڭ ھازىرقى دۇنيادىكى ئورنىمىز،شاھمات تاختىسىدا ئويناۋاتقان رولىمىز ھەققىدە ئويلىنىشىمىزغا تۈرتكە بولالايدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم.
  بۇ كىتابتا ئاپتور شۇ ۋاقىتتىكى ئۆلچەم بويىچە)ھازىرغىمۇ ئاساسەن توغرا كېلىدۇ(بەش شاھماتچىنى كۆرسەتكەن)يەنى دۇنيا تەرتىپىنى بېكىتكۈچى،يېتەكچىلىك قىلغۇچى ۋە شۇنىڭغا ئۇرۇنغۇچى) ،ئۇلار فرانسىيە،گېرمانىيە،رۇسسىيە،جۇڭگو ۋە ھىندىستاندىن ئىبارەت.بۇلار ئامېرىكا بىلەن دۇنيادا تەسىر كۈچى تالىشىش شەرتىنى ھازىرلىغانلاردۇر،ئەمما ئەنگىلىيە بىلەن ياپونىيەنى بۇ قاتارغا قوشمىغان.كىتابتا ئەڭ ئاساسلىقى رۇسسىيە بىلەن ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلغان بولۇپ،ئۇندىن قالسا جۇڭگو بىلەن ياپونىيەگە خېلى كەڭ ئورۇن ئاجراتقان،باشقا مۇھىم دۆلەتلەرنى ئاساسەن مۇشۇ دۆلەتلەرگەباغلاپ تەھلىل قىلغان.
  يىغىنچاقلىغاندا،ئاپتور مەيلى رۇسىيە بولسۇن،مەيلى جۇڭگو ياكى باشقا دۆلەت بولسۇن،يېقىن كەلگۈسىدە،20-15يىل ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى يېتەكچىلىك ئورنىغا خىرىس قىلالمايدۇ دەپ ھۆكۈم قىلغان.ھازىر بۇ ھۆكۈمنىڭ توغرىلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز.رۇسىيەنىڭ سابىق مۇستەملىكىلىرىدىن پايدىلىنىپ قۇرغا«مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى»،بېلۇرۇسىيە بىلەن بولغان ئىتتىپاق قاتارلىقلار بىلەن »ئىمپېرىيە چۈشى«نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ رېئاللىقتىن بەكلا يىراق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ئاپتور ئۇلارنىڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى مۇنداق تەرىپلەيدۇ:
  «ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىدىكى ئاز ساندىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ بىرىنچى دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار دۆلەتلەرگە قارشى سەپ تۈزىشىنىڭ ھىچقانداق ئىدىيەۋى ئورتاقلىقى يوق،پەقەت زومىگەرلىككە قارشى كەيپىيەت بىلەنلا ئوتتۇرىغان چىققان ئىتتىپاق دېيىش مۇمكىن،بۇ ئىتتىپاقتىن ھىچقايسىسى تۈزۈك نەپ ئالالمايدۇ.»
  ئاپتور رۇسىيەگە نىسبەتەن ئەڭ ياخشى تاللاشنىڭ ئىمپېرىيە چۈشىدىن ۋاز كېچىپ دۆلەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىش  ئىكەنلىكىنى خۇلاسىلەپ ،ئۇلارغا مۇستاپا كامالغا ئوخشاش سىياسىي باشلامچىنىڭ كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ:
  «شۇڭا رۇسىيەنىڭ سىياسىي سەرخىللىرى رۇسىيە ئۈچۈن ھازىر ئۆتمۈشتىكى دۇنياۋى ئورنىنى تىرىلدۈرۈش يولىدا ئاقماس تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ يۈرمەستىن،بەلكى زامانىۋىلىشىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتمىكى مۇھىم.»
  جۇڭگوغا  نىسبەتەن ئاپتور دۇنياۋى چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىپ ئامېرىكا بىلەن تىركىشىشكە كەلگۈسى 25يىل ئىچىدىمۇ ماغدۇرى يەتمەيدۇ دەپ قاراپ،جۇڭگوغاچەكلەش تەدبىرى قوللىنىشنى ئەخمىقانىلىق دەپ قارىغان،بۇنى جۇڭگو ھەققىدىكى تۆۋەندىكى بايانلىرىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ:
  »ئىقتىسادنىڭ ئۇچقاندەك ئېشىشى تاشقى دۇنياغا بولغان ئاشكارىلىق قاتارلىق جەھەتلەردە نىسبىي بېكىنمە،بيۇرۇكرات،قاتمال سىياسىي تۈزۈم بىلەن ئېنىقكى چىقىشالمايدۇ.پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسى قانداقتۇر ئىدېئولوگىيە مەسىلىسى ئەمەس،بارغانسېىرى مەنپەئەت مەسىلىسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
  «جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ئەمەلىيەتتە غەربنىڭ مەبلىغى،تېخنىكىسى،شۇنداقلا  چەتئەل بازىرىنىڭ كىرىشىگە تايىنىپلا ئۇچقاندەك ئېشىۋاتىدۇ،ئۆز نۆۋىتىدە مۇشۇ ئامىلنىڭ ئۆزىلا جۇڭگونىڭ پۇت-قولىنى چۈشەيدۇ.»
   »ناۋادا جۇڭگو ئامېرىكىنى(ياپونىيەنىڭ ھەمدەملىكىدە)ئۆزىنىڭ مىللىي،رايونچىل غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلىسا،‹زومىگەرلىككە قارشى ئىتتىپاق›تەشكىللەش ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تاللىشىغا ئايلىنىدۇ،ۋەھالەنكى،بۇ ناھايىتى شۇ يوقسۇللارنىڭ ئىتتىپاقى بولۇپ قالىدۇ-دە،ئۇلار بارغانسېرى تېخىمۇ بەتتەر نامراتلىشىپ كېتىدۇ.»
شۇڭا ئاپتور جۇڭگو بىلەن كۆپرەك ھەمكارلىشىشنى،بەزىبىر تەلەپلىرىگە يول قويغان ئاساستاجۇڭگونىڭ تەسىرىنى رايون ئىچىدىلا مادارا-مۇرەسسەگە قىستاشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.تەيۋەننىڭ خەلقئارادىكى  ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرمەسلىكنى تەكىتلەيدۇ.
ياپونىيەنى بولسا تاجاۋۇزچىلىق تارىخى ۋە ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆچمەنلىكى سەۋەبىدىن رايون ئىچىدە چوڭ رول ئوينىيالمايدىغانلىقى،  ئەمما خەلقئاراد يېتەكچى دۆلەت سالاھىيىتىگە تامامەن توشىدىغانلىقىنى  كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ.
قىسقىسى،كىتابنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن خەلقئارا سىياسىينىڭ ماھىيىتىگە يەنە بىر قېتىم چوڭقۇرلاپ كىردىم.بىر دۆلەتنىڭ يەنە بىر دۆلەتنى ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلىشى،بىرىنىڭ يەنە بىرىنىڭ مەبلىغىنى قوبۇل قىلىشى...ئىشقىلىپ ھەر بىر ياخشى ئىشنىڭ ئارقىغا غايەت زور قارا نىيەت ،ئەڭ بولمىغاندا زور ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەت يوشۇرۇنۇپ تۇرغان بولىدۇ،بۇنداققارا نىيەتلەرنى پەقەت شاھمات ئوينىغۇچىلارلا بىلىپ تۇرىدۇ،شاھمات ئۈستىدىكى ئۇرۇقلار،ھەتتا گەردىمۇ بىلمەيدۇ،ناۋادا بىلگەن تەقدىردىمۇ شاھماتچى قويغان يەردە تۇرماي ئامالى يوق.
  بۇكىتابتا ئەڭ تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىكى شۇكى،ئاپتور 1997-يىلىلا روسىيەنىڭ ئوكرائىنا بىلەن ئىتتىپاق تۈزمەي كونا ھەيۋىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدىغانلىنى،ناۋادا ئوكرائىنادا مىللەتچىلىك كۈچىيىپ غەربكە مايىل بولسا،رۇسسىيەنىڭ قىرىم ۋە سېۋاستپولدىكى كۆپسانلىق رۇسلاردىن
پايدىلىنىپ قىرىمنى يۇتۇۋالىدىغانلىقىنى پەرەزقىلغان،مانا،بۈگۈن بۇنىڭغا شاھىت بولۇپ ئولتۇرىمىز،يەنە قازاقىستاننىڭ غەربىي شىمالى ۋە شەرقىي شىمالىدارۇسلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان،يەنە كېلىپ قازاقىستان نوپۇسىنىڭ 35% نى ئىگەللىگەچكە،رۇسىيە بىلەن يامانلىشىپ قالسا پارچىلىنىش خەۋپىگەدۈچ كېلىدۇ دەپ قارىغان.مەن شۇندىلا قانچە يىللار
ئىلگىرى قازاقىستاننىڭ پايتەختىنى غەربىي شىمالدىكى ئاستانىغا يۆتكەپ كەتكەنلىكىنى ئازراق بولسىمۇ چۈشەنگەندەك بولدۇم. ئاپتوردەل پەردە ئارقىدىكى مەنپەئەتلەرنى لاھىيەلىگۈچى،ھەم باشقىلارنىڭ پەردىسى ئارقىسىدىكى مەقسەدلىرىنى ئاشكارە قىلغۇچى مەيداندا تۇرۇپ بۇ كىتابنى يازغاچقا،ئۇقۇغان كىشىنىڭ تەسەۋۋۇر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ،تەپەككۇرىنى قاناتلاندۇرىدۇ،بولۇپمۇ ئۆزىمىزگە باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلغىنىمىزدا،ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان،ياكى يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرغان ئىشلارغا بۇرنىمىزنىڭ ئۇچىدىكى ماددىي مەنپەئەت نۇقتىسىدىن ئەمەس ، بەلكى كەلگۈسىدىكى ۋاستىلىك كېلىدىغان تەسىرلىرى ھەققىدەسوغۇققان ۋە چوڭقۇر ئويلىنىشقا ئۈندەيدۇ.

مۇكاپاتلىق تەسىراتلار ئۇيغۇر كىتاب مۇنبىرىمىزدە ئىزدىنىشتىن مۇكاپاتلىق تەسىرات:«......» دىگەن تىمىدا كۈندە بىر سان ئېلان قىلىنىدۇ.ئىزدىنىش كىتابخانىسىنىڭ مۇكاپاتلىق پائالىيىتىگە داۋاملىق قاتناشماقچى بولسىڭىز تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ

مەنبە:www.uykitab.cn

6

تېما

9

دوست

4286

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21850
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 22
تۆھپە : 1412
توردىكى ۋاقتى: 706
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-21
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 21:17 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ كىتابنىڭ بەزى تەرجىمىلىرىدە چوڭ خاتالىق بار ئىكەن:

مەسىلەن: 地缘政治  دېگەننى «رايونلۇق سىياسەت» دەپ خاتا تەرجىمە قىلىپ قويۇپتۇ.

توغرىسى جۇغراپىيىۋى سىياسەت، يەنى ئىنگىلىزچە گېئوپولېتىكا دېگەن شۇ.

توردا ئېقىپ يۈرگەن تەرجىمىگە سېلىشتۇرساق، بىر قىسىم مۇھىم خەرىتىلەر يوق تۇرىدۇ.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )