قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1748|ئىنكاس: 31
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئاتا-ئانىلارغا جىددى ئاگاھلاندۇرۇش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

295

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   98.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33667
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 80
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-21
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:02 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
جىنسىيەت بۇ ناھايىتى ئىنچىكە قارىلىدىغان سۆز بولغاچقا ،نۇرغۇن كىشى بۇ ھەقتەئېغىز ئېچىشتىن  خىجىل بولىدۇ ۋە ئىھتىيات قىلىدۇ. ئادەتتە ئۆي ئىچىدىكى ئىشلارنى باشقىلارغا دىيىش قەتئىي ھارام ئىشتور. جىنسىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىش ھەركەتلەر دەل مۇشۇنداق مەخپىيەتلىككە ۋە پىنھانلىققا ئىگە.  بۈگۈنكى سۆھبەت ياشلاردا كۆرىلىۋاتقان ۋە ئۇيغۇر جەمىيىتىگە ئېغىر لېكىن كۆرۈنمەس تەسىر بىرىۋاتقان سېرىق فىلىم توغرىسىدا بولىدۇ. سېرىق فىلىمنىڭ كېلىش تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، كىنو بارلىققا كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا مەيدانغا كەلگەن. غەرىپ دۇنياسىدا پاھىشىگە بولغان بېسىم يىللاردىن بېرى ئاجىزلاپ باردى . پاھىشە ئەخلاقنى سۇندۇرۇدۇ. جەڭگىۋارلىقنى، جەسورلۇقنى يەرگە ئۇرىدۇ. ھەقىقەتنى سۇغا چىلاشتۇرىدۇ، ئىنساننى مۇناپىق سۈپەتكە ۋە ئاسمىلاتسىيەگە ئېلىپ بارىدۇ. بۇ ھەقتە دەپ كەلسەك كۆپ.
         دىمەك ھازىر بولۇپمۇ ئىنتىرنىت پەيدا بولغاندىن كېيىن پۈتكۈل دۇنيادىكى  سېرىق فىلىمنىڭ تاقىلىشى ۋە تەسىرى ئالاھىدە ئېچىنىشلىق بولىۋاتىدۇ .ھەرقايسى دۆلەتلەر جۈملىدىن جۇڭگومۇ سېرىق فىلىمنىڭ تەسىرىنى يوقىتىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقاندەك قىلغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە  نۇرغۇن سېرىق فىلىم تور بىكەتلىرىنى توسىيالمايۋاتىدۇ .يېقىندا دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت تور ئادرىسى سودىسى بىر سېرىق فىلىم تارقىتىدىغان مەنە ئىپادىلەيدىغان تور ئادرىسى ئۈستىدە بولدى. بۇ خەۋەر پۈتكۈل دۇنيادا كۈچەپ تەشۋىق قىلىندى. ئاقىۋەت بۇ ئادرىسنى ھەممە بىلىپ بولغان بولسىمۇ لېكىن بىرمۇ دۆلەتتە بۇ سېرىق فىلىم ئادرىسنى چەكلىمىدى.
       غەرىپچە مەدىنىيەتنىڭ تەسىرى بىلەن سېرىق فىلىم ئۇيغۇر دۇنياسىغىمۇ تەسىر قىلدى ۋە يىلسىرى زىيىنى ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتماقتا .ئۇيغۇر تور ساھاسىدە سېرىق فىلىمنىڭ ياشلارغا بولغان تەسىرى بولۇپمۇ ئۇنىڭدىن قانداق قىلغاندا ئالدىنى ئېلىش توغرىلىق ئىزدىنىشلەر بولۇندى، لېكىن بۇ ئاساسەن تېۋىپلار تورلىرىدا ئانچە مۇنچە بولۇندى . ئەمەلىيەتتە سېرىق فىلىم ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئارسىغا تاشلانغان بىئولوگىيەلىك بومبا دىسەك ئېغىر كەتمەيدۇ . تەھلىق قىلايلى . ئۇ ئانانىزىمغا خۇمار قىلدۇردۇ ، پاھىشىگە ئېلىپ بارىدۇ، قاننى بۇلغايدۇ ، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشقا ۋە جىنسىي كىسەل بولۇشقا سەۋەپ قىلىدۇ . ئىبادەتلەردىن تەرك ئەتكۈزىدۇ. ئىرادىنى ۋە جەڭگىۋارلىقنى يوقىتىدۇ . بوشاڭ ۋە مەسئولىيەتسىز بىر ئەۋلاتلارنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ . ئۇنىڭ زىيىنىنى س‍ۆزلەپ تۈگىگەتكىلى بولمايدۇ .ئۇنداقتا سىرىق فىلىم ئۇيغۇر ياشلىرىغا قانچىلىك تەسىر كۆرسىتەلىدى ؟ بۇ ھەقىقەتەن قىيىن سۇئال . بىز پەقەت جەمىيەتتەيۈز بىرىۋاتقان ھادىسىلەرنى كۆرۈپ يۈزەكىلا تەھلىك يۈرگىزەلەيمىز .لېكىن ئەھۋال بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بولىشى مۇمكىن . مېنىڭ بىر رەسمى سىتاستىكا قىلىشىمچە مەن سۇئال سورىغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى (تولۇقسىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) توقسان پىرسەنتىدىن ئارتۇق بالا سېرىق فىلىم كۆرۈپ بېقىپتۇ . يېرىمىدىن كۆپ بالا ھەپتىدە ئايدا بىر نەچچە قېتىم كۆرىدىكەن . بەزىلەر ھەتتا تېلىفۇنغا قاچىلۋېلىپ مەكتەپلەرگە ئېلىپ كېلىپ ساۋاقداشلىرىغا كۆرسىتىدىكەن .
      بىر قىسىم ئۇكىلىرىمنىڭ ئېيتىشىچە، سېرىق فىلىمنى ھەتتا ئوتتۇرا مەكتەپ قىزلىرى ئارسىدا كۆرىدىغانلىرىمۇ كۆپىيۋېتىپتۇ . بىر نۆۋەت بىر تېلىفۇنغا ناخشا قاچىلايدىغان ئۇكام بىلەن پاراڭلاشسام بىر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ تېلىفۇنىدىن بىر نەچچە سېرىق فىلىمنى بايقاپتۇ . بۇ قىزنىڭ ئەپتىدىن ئۇنداق نەرسە كۆرىدىغانلىقى چىقمايدۇ دەيدۇ بۇ ئۇكام . دىمەك بۇ گەپ راستكەن. بەزىلەر ماڭا ساۋاقداشلار كىكىيۇ توپلىرىدا دائىم يېڭى بايقالغان سېرىق فىلىم ئادرىسلىرىنى  ھەمبەھىرلەپ تۇرىدىغانلىقىنى ، قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىكىيۇ توپلىرىدا ھاھاھاھا دەپ كۈلۈپ كېتىدىغانلىنى ماڭا ئېيتتى .
      ھادىسە مانا مۇشۇنداق ئېغىر . ھەممە ئىش پىنھاندا بولىۋاتىدۇ. ئاتا-ئانىلار !! ئۆزىمىزنىڭ ئىلىمسىزلىكى ۋە كومپىيوتىر بىلىمىنىڭ يىتەرسىزلىكى بىلەن بالىلارنىڭ بۇ پاتقاققا پېتىپ قېلىۋاتقانلىقىنى سەزمەيۋاتىمىز . ئەمدى بۇنىڭ بىلەن قانداق ئەشەددىي ئىشلار مەيدانغا كېلىۋاتىدۇ ؟ تۆۋەندىكى قۇرلارغا نەزەرگە سېلىڭ، بەزى ئوقۇغۇچىلار ئاتا ئانىسى يوق چاغلاردا كومپىتورنى ئېچىپ سېرىق فىلىم كۆرىدىكەن ۋە دائىم ئانانىزىم قىلىدىكەن . بەزىلەر ئۆزى تورۇشلۇق شەھەرنىڭ دەۋىر مەيدانلىرىغا بېرىپ، ئۇندىدارنىڭ ئادەم ئىزدەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ پاھىشە قىلىدىغان ئوبىكىتى ئىزدەيدىكەن .قىززىق يېرى دەۋىر مەيدانىغا بولۇپمۇ ياز كۈنلىرى ئاتا ئانىسىنى ئالداپ پەي توپ ئويناشنى بانا قىلىپ ،تۈركۈم تۈركۈم قىز ئوقۇغۇچىلار چىرايلىق ياسىنىپ ئۆزىنى بازارغا سېلىۋېتىپتۇ .ئىشەنمىسىڭىز تەكشۈرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ . ئەلۋەتتە بۇ قىزلار پاھىشە چىقماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەتراپىدا مۆكوپ ياتقان بۆرىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدۇ . شۇنداق قىزلار جىنسىي پائالىيەتتە ئاكتىپ ۋە تەشەببۇسكار بولمايدۇ . سېرىق فىلىمنى جىق كۆرۈپ كاللىسى شەھۋاتكە پاتقان ئوغۇللار ئالدى بىلەن جەسور ، مەرت، ئەخلاقلىق، چىقىشقاق قىياپەتتە قىزلارغا يېقىنلىشىدۇ . قىزلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن ئاندىن مۇھەببەت باسقۇچىغا يىتىلەيدۇ . ئاندىن قىزلارنىڭ ھىسيات جەھەتتە قوغدىنىشىنىڭ تۆۋەنلىكى ھەم  ئاتا ئانىسى ئۆگەتمىگەن قىزلار ‹ئىنتايىن تەبىئىي› ھالەتتە ئۆزىنى تۇتقۇزۇپ قويىدۇ . شۇنداق مۇشۇ يىللاردا بۇزۇلىۋاتقان قىز ئوقۇغۇچىلىرىمىز دەل ئاشۇ سېرىق فىلىم كۆرۈپ ئوغۇللارنىڭ ئېزىقتۇرىشى بىلەن بۇزۇلىۋاتىدۇ .
          ئەمدى قۇرامىغا يەتكەن جەمىيەتتىكىلەر توغرىسىدا توختالمىساقمۇ بولار ئەقىللىق ئوقۇرمەن ئىشنىڭ زادى قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ بىلەلەيدۇ . ئۇنداقتا بۇ ھادىسدىن قانداق ئالدىنى ئالىمىز ؟ ياشلارنى سېرىق فىلىمدىن قانداق توسايمىز؟ ئاتا ئانىلار قانداق قىلغاندا بالىنىڭ زەھەرلىشىنى توسالايدۇ ؟
      مېنىڭ تەكلىپىم تۆۋەندىكىدەك:
      1. ئالدى بىلەن ئۆزىمىز سېرىق فىلىمنىڭ زىيىنىنى قەتئىي چۈشىنىشىمىز كىرەك. ئاندىن سورۇنلاردا ، سۆھبەتلەردە بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىمىزنى باشقىلارغا بىلدۇرۇپ قويىشىمىز ، چامىمىزنىڭ يىتىشىچە تەشۋىق قىلىپ قويىشىمىز كىرەك .  
    2. كۆز زىناسىنىڭ ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكىنى ، باشقىلارنىڭ جنسى ئالاقە قىلغان كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈشنىڭ كۆز زىناسىدىنمۇ ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكىنى ئەگەر تەۋبە قىلمىسا مەڭگۈ ئازاپتا قالىدىغانلىقنى بىلىشىمىز ، مۇشۇ تونۇشقا كېلىشىمىز كىرەك .
       3.ئۆزىمىزدە تونۇش ئەينەكتەك سۇزۇك ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن بالىمىزغا مۇشۇ ھەقتە پەدىشەپ كۆتىرەلەيدىغان دائىرە ئىچىدە ئامال بار ئوچۇق زىنا تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشىمىز كىرەك .ئۇلارغا زىنانىڭ ھارام قىلىدىغانلىقى ، جازاسىنى چۈشەندۈرۈشتىن سىرىت ،زىنانىڭ مىللەتنىڭ قېنىنىڭ بۇلغىنىشىغا سەۋەپ بولىدىغانلىقىنى ، مىللەتنىڭ جەڭگىۋارلىقى ۋە جەسورلۇقىغا ئېغىر زىيانلار ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىشىمىز كىرەك .
       4.كومپىيوتىرنىڭ ۋاقىتلىق ساقلىغۇچىنى دائىم كۆرۈپ تۇرىشىمىز ، تور ئادرىس خاتىرلىگۇچنى دائىم تەكشۈرۈپ تۇرۇشىمىز . بالىمىزنىڭتېلىفۇنىنى ۋە ساقلىغۇچلىرىنى ئامال بار ئۆزى سىزەلمىگەن ۋاقىتتا تەكشۈرۈپ تۇرۇشىمىز كىرەك .ئۇلارنى چەكلەش تەدبىرى ئامال بار پىنھان بولىشى كىرەك .ۋاقىتلىق ساقلىغۇچتا شۇ كۈندە ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى مەلۇم كۈنلىرىگىچە كۆرگەن تور بىكەتلەردىكى رەسىم ۋە فىلىملەر ساقلىنىپ قالىدۇ . بۇ تېخنىكىنى بارلىق ئاتا ئانىلار ئامال بار ئۆگىنىۋېلىشى كىرەك .
5.ئەگەر ئوغۇلىمىزنىڭ ياكى قىزىمىزنىڭ سېرىق فىلىم كۆرگەنلىكىنى بايقىساق ،پاكىتنى ئېنىق توپلىغاندىن كېيىن ،ئۆزىمىزنى قەتئىي تۇتىۋېلىپ، ئۇلارغا تەربىيە قىلىش ئۈچۈن پۇختا تەييارلىق قىلىشىمىز. ئۇلارغا مۇستەبىتلىك ۋە تەن جازاسى بىلەن ئەمەس بەلكى چىن يۈركىدىن تەۋبە قىلالايدىغان ھالەتتە تەربىيە قىلىشىمىز .ئەگەر تەربىيە قىلىشتا ئىشەنچىمىز بولمىسا ،بىرەر ئۇستاز تېپىپ مەسلىھەت سورىشىمىز . بولۇپمۇ سېرىق فىلىم كۆرگەن بالىدا خۇددى زەھەر ۋە نەشىدەك خۇمار قىلىدىغان ئۇنىڭدىكى كۆرىنىشلەر بەزى بەزىدە كۆز ئالدىغا كېلىۋېلىپ شەھۋەتنى ئۇيغۇتۇپ يەنە كۆرۈشكە ئېلىپ بارىدۇ. قىزىمىزغا شەرمى ھايانىڭ مۇھىملىقىنى ، شەرمى ھايالىق قىزلارنىڭ بەخىتلىك بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىشىمىز .               
      6. بالىلىرىمىز بىلەن ئامال بار سۆھبەتداش بولۇپ ، بىللە بولىدىغان ۋاقىتنى كۆپەيتىشىمىز .ئۇلارنى دالا پائالىيەتلىرىگە ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرگە، خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىش پائالىيەتلىرىگە، ئېكىسپىدىتسىيە پائالىيەتلىرىگە، دەۋەت پائالىيەتلىرىگە، بوكىس ۋە پۇتبول قاتارلىق تەنتەربىيە ،چېنىقىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇشمىز كىرەك . ئامال بار ئۇلارنى يالغۇز تاشلاپ قويۇشتىن ئىھتىيات قىلىشىمىز كىرەك . ئۇلارنىڭ دوستلىرىنىڭ كىملىكى قانداق ئەخلاقتا ئىكەنلىكى ،ئاتا ئانىسىنىڭ كىملىكى قانداق ئەخلاقتا ئىكەنلىكى توغرىسىدا كۆز قۇلاق بولۇپ تۇرشىمىز كىرەك .
         قېرىنداشلار جىق سۆزلەپ قويدۇم ، بەلكىم مەن بۇ ھەقتە سىزلەردىنجىقراق ئىزدەنگەنلىكتىن سىزلەردىن يېرىم قەدەم بۇرۇن سەزگەندۇرمەن ۋە بۇ سەۋەب بىلەن جىقراق سۆزلەپ قويغاندۇرمەن . ئاندىن سىزلەرنىڭ سەبىر تاقەت بىلەن مېنىڭ تەكلىپىمنى ئويلىشىپ بېقىشىڭىزلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .

12

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   3.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2680
يازما سانى: 561
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2025
تۆھپە : 2117
توردىكى ۋاقتى: 467
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-21
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 20:09 |ئايرىم كۆرۈش
   راست دەيسىز ھازىرقى جەمىيىتىمىزدە سېرىق فىلىم بىلەن زەھەرلىك دورىلار بالىلارنى خاتا يولغا باشلايدىغان ئىبلىسلارغا ئايلىنىپ قالدى ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئائىلە تەربىيەسىمۇ ۋە ئاتا - ئانىنىڭ ھەر بىر ھەركىتىمۇ بالىغا تەسىر قىلىدۇ ، شۇڭا ئائىلىدە ۋە جەمىئەتتە بالىلارغا تەربىيەنى بوشاشتۇرماسلىقىمىز كېرەك .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

781

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   56.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33156
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 222
توردىكى ۋاقتى: 39
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-21
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 20:13 |ئايرىم كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تىما بوپتۇ ، مېنىڭچىمۇ شۇنداق بولۇپ كېتىۋاتىدۇ ، لىكىن يەنە بىر جەھەتتىن ئېيىتساق ، بىزنىڭ ئاشۇ توغرىلىك توغرا بولغان ، ئوچۇق بولغان تەربىيىلەر كەم .

7

تېما

4

دوست

2518

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   17.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 734
توردىكى ۋاقتى: 163
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-21
يەر
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 20:14 |ئايرىم كۆرۈش
سېرىق فىلىملارنى توسۇش ئەمەس، سېرىق جىلىمنى ئەمەلىيەتتە ئىشلەپچىقىرىدىغان سورۇنلار بىلەن كىمنىڭ ئىشى بوپتۇ؟

ئىتتىپاقلىق كۈچ.

11

تېما

0

دوست

8932

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   78.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8558
يازما سانى: 604
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1509
تۆھپە : 1674
توردىكى ۋاقتى: 261
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19
5#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 22:07 |ئايرىم كۆرۈش
مۇشۇ ئۈندىداردا سېرىق فىلىمنى تارقاتقانلارنىمۇ ئۆزكۈزۇم بىلەن كۆردۇم، ئالىملارنىڭ كۆرسىتىشچە سېرىق فىلىم خىرويىندىن مۇ كۈچلۇك بولغان زەھەر بۇلۇپ، ئادەمنىڭ ئىدىيىسىنى زەھەرلەشتە خىرويىننىڭ 3ھەسسىسىگە تەڭ كەن.

7

تېما

4

دوست

2518

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   17.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 734
توردىكى ۋاقتى: 163
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-21
6#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 22:12 |ئايرىم كۆرۈش
bandigah يوللىغان ۋاقتى  2015-3-19 22:07
مۇشۇ ئۈندىداردا سېرىق فىلىمنى تارقاتقانلارنىمۇ ئۆزكۈ ...

ياخشى بايقاش. قانداق يوللار بىلەن شۇ سۈرەتلەرگە ياكى سىن ھۆججەتتلىرىگە ئېرىشمىسۇن ئۈندىدارغا يوللاۋاتىدۇ. شۇنى قىلغان ئادىمىي ھايۋانلار ئەمەلىيەتتە ئۆز سىڭلىسى، ھەدىسى ۋە ئانىسىنىڭ ئەيىۋىنى ئېچىۋاتىدۇ. بۇنداقلار قانداق ئىنسانلاردىن تۇغۇلۇپ قانداق تەربىيەدە چوڭ بولغانلىغىغا ئەقلى يەتمەيدۇ ئادەمنىڭ.

0

تېما

0

دوست

573

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   14.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26563
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 180
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-21
7#
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 00:11 |ئايرىم كۆرۈش
sheydai يوللىغان ۋاقتى  2015-3-19 22:12
ياخشى بايقاش. قانداق يوللار بىلەن شۇ سۈرەتلەرگە ياكى  ...

ھەقىقەتەن توغرا ...

0

تېما

1

دوست

823

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   64.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33477
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 246
توردىكى ۋاقتى: 49
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-20
8#
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 05:37 |ئايرىم كۆرۈش
سىرىق فىلىمنى زادى تۇسىغىلى بولمايدىغان نەرسىمۇ؟  ھوكىمەتكاممۇ ئامال قىلالمامدا؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )