چەتئەلدە ئۇيغۇر مانى دىنى تەتقىقاتى قەدىمكى ئەسەرلىرىمىز يورۇقىدا-يۇرتىمىز مەدەنىيتى-4
مۇجىبۇل راخمان ئەكىم
بىلدۈرگۈ: نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان باغداش مۇنبىرىمىزدە قەدىمكى ئۇيغۇر تېكىستلىرىگە ئائىت ماقىلىلەر « قەدىمكى ئەسەرلىرىمىز يورۇقىدا-يۇرتىمىز مەدەنىيتى» دېگەن تېما ئاستىدا بېرىلىپ كەلگەنتى. بىراق، ئۇيغۇر مىللىتىمىز ياراتقان پارلاق مەدەنىيەتلەرنى يورۇتۇپ بېرىۋاتقان مۇشۇنداق مۇھىم بىر تېما، ئوقۇرمەنلەرنى جەلىپ قىلىش مەقسىتىدە« ھەرەڭ-سەرەڭ » قويۇلىۋالغان تېمىلار ئالدىدا كۆرۈلۈشى كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قالدى. شۇڭا، بىز باشتىكى « قەدىمكى ئەسەرلىرىمىز يورۇقىدا-يۇرتىمىز مەدەنىيتى» دېگەن تېمىدىن ۋاز كەچمىگە ئاساستا، بۈگۈندىن باشلاپ ( 3-ئاينىڭ19-كۈنىدىن ) قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت تېمىنى ئۇشبۇ ماقالىنىڭ تۈپ مەزمۇنىنى چىقىش قىلىپ قويۇشنى مۇۋاپىق تاپتۇق.
يۇرتىمىزدىن تېپىلغان ھەرخىل تىل-يېزىقلىق قەدىمكى تېكىستلەرنىڭ قاچاندىن باشلاپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەتقىق قىلىنىشقا باشلىغانلىقى،قانداق چوڭقۇرلاشقانلىقى ۋە قايسى دەرىجىگەيەتكەنلىكى ھەققىدە ۋە چەتئەللىك مەسئولىيەتچان تەتقىقاتچى، پىرافېسسور، ئالىملار ھەققىدە ئۇچۇرلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
ئالدىنقى ماقالىلەردە دەپ ئۆتكىنىمىزدىكىدەك يۇرتىمىزدىن تېپىلغان مانى دىنى ھەققىدىكى تۇنجى تېكىسىتلەر 1903-يىلى2-ئاينىڭ11-كۈنى گېرمانىيىلىك دوكتور مىللەر تەرپىدىن ئوقۇلۇپ دۇنياغا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دۇنيادا تۇنجى قېتىم مانى دىنى ھەققىدىكى تېكىستلەرنى ئوقۇش، تەتقىق قىلىش سەھپىسى بارلىققا كەلدى.1904-يىلى مىللەر ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، مانى تېكىستلىرىنى ھازىرقى زامان تىلىغا تەرجىمە قىلغان، شەرھىلىگەن تۇنجى ئەۋلاد تەتقىقاتچىغا ئايلاندى. ئۇنىڭدىن كېيىن روس ئالىملىرىدىن رادىلوف ۋە سالونۇن قاتارلىقلارتۇرپاندىن تېپىلىپ سانكىسپېتىربورىگدا ساقلىنىۋاتقان كىتابلارنى تۇنجى قېتىم تەرجىمە قىلىپ، تەھرىرلەپ نەشىر قىلدۇرغان بولدى. دۇنياغا سىرلىق يۇرتىمىزغا قىلغان ئېكىسپىدىتسىيە ھەركىتى بىلەن تونۇلغان مەشھور ئېكىسپىدىتىسيىچى ئالبېرت فون لېكوك 1908-يىلىدىن باشلاپ ئۆزى بىۋاستە مانى دىنى تەتقىقاتىغا كىرىشىپ كەتتى. ئۇ 1909-يىلى « تۇرپان قۇچۇدىن تېپىلغان مانى دىنى ھەققىدىكى تېكىسلەر -1»، 1910-يىلى « تۇرپان قوچۇدىن تېپىلغان مانى دىنى ھەققىدىكى تېكىستلەر-2»، 1912-يىلى « تۇرپان قۇچۇدىن تېپىلغان مانى دىنى ھەققىدىكى تېكىسىتلەر-3»نامىدىكى ئۈچ پارچە كىتابنى نەشىر قىلىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ نەزىرىگە سۇندى. 1923-يىلىدىن باشلاپ گېرمانىيەتلىك مەشھور ئالىم تۈركولوگ گابائىن خانىمنىڭ ئۇستازى مىللى بانمۇ مانى دىنى تەتقىقاتىدىكى نەتىجىلىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ، ئىلىم ئەھلىنىڭ دىققىتىگە سۇنۇشقا باشلىدى. ئۇ ئالدى بىلەن «مانى دىنى مەدىھىيەسى »، « مانى دىنىدىن ھېكايىلەر» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ مانى دىنى تەتقىقاتىغا كۆرۈنەرلىك ھەسسە قوشتى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ۋاقىت يەنە 1970يىللار ھەم 1980-يىللارغا كەلگۈچە مانى دىنى تەتقىقاتىدا يۇرتىمىزدىن تېپىلغان، ئوتتۇرا دەۋىر ئېرانچىدا يېزىلغان مانى دىنى تېكىستلىرىنى تەتقىق قىلىش باھارى باشلاندى. بۇنىڭدا باشلامچى رول ئوينىغان گېرمانىيەلىك ئالىملاردىن سىۋىلىگ كارل ئاندىرىياس، ۋالتې برونو ھېلنىڭ قاتارلىقلار ئوتتۇرا دەۋىر ئېرانچىدىكى مانى دىنى تېكىسىتلىرىنى ئوقۇپ، تەرجىمە قىلىپ « ئوتتۇرا ئېران تىلىدا يېزىلغان جۇڭگو تۈركىستاندىن تېپىلغان مانى تېكىستلىرى» تېمىسىدا ئۈچ پارچە ماقالىسىنى نەشىر قىلدۇرۇپ، دۇنيا ئەھلىنى يەنەبىر قېتىم ھاياجانلاندۇردى. 1930-يىللاردا ۋالتې برونو ھېلنىڭ بۇ ساھادە ئەڭ كۆپ نەتىجە ياراتقان ئالىم بولدى. ئۇ مانى دىنى ئۆرپ-ئادەتلىرى، قائىدە-رەسمىيەتلىرى ۋە تارىخى ھەققىدە بىر تۈركۈم ماقالىلەرنى يازدى. بۇ ماقالىلەر يۇرتىمىزدىن تېپىلغان سوغدى تىلى، ئوتتۇرا ئېران تىلى قاتارلىق مانى تېكىستلەرنى مەنبە قىلغان ئىدى. 1980-يىللاردا، مانى دىنى تەتقىقاتىدا گېرمانىيەدە ئەڭ كۆ پنەتىجە ياراتقان تەتقىقاتچى، يۇرتىمىز تەتقىقاتى بىلەن تونۇلغان تىلشوناس ئالىم ھانىس يۇۋاشىم كىلىنكايىت بولدى. ئۇ نۇرغۇنلىغان ماقالە ۋە كىتابلىرىدا مانى دىنىنىڭ دۇنياغا تونۇلمىغان قائىدە-يوسۇن، رەسمىيەتلىرى خاتىرلەنگەن تېكىسىتلىرىنى تەرجىمە قىلىپ ئىلىم ئەھلىگە سۇندى. ئۇنىڭ مانى دىنى تېكىستلىرىنىڭ تۈرى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدىكى تەتقاتىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. كىلىنكايىت ئەپەندىم يۇرتىمىزدىكى تەتقىقاتچىلارغىمۇ تونۇش بولۇشى كېرەك، چۈنكى ئۇ جۇڭگودىكى داڭلىق تىلشوناس،ئالىم گېڭشىمىن بىلەن بىرلىكتە « تۇرپان تېكىستلىرى» نى تەتقىق قىلىشتا نام قازانغان. كېيىنكى ۋاقىتلاردا گېرمانىيەدىن ئوتتۇرا دەۋىر ئېران تىلى،سوغدى تىلى مانى دىنى تېكىستلىرىنى ئەڭ كۆپ تەتقىق قىلغان ھەم ئەڭ كۆپ ماقالە يازغان كىشى، ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان دەغىنە سۈنداغمەن بولدى.بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا تەتقىقات ئاسمىنىدىن نۇرى ئۆچكەن بۇ كىشى تاكى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىگىچە مانى دىنى تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللۇنۇپ ۋاپات بولدى. يەنەبىر مۇھىم تەتقىقاتچى ئالىم بولسا، پىرافېسسور دوكتور پېتىر چىمېر ئەپەندىمدۇر. بۇكىشى تەتقىقات ساھەسىدە ئوقۇش ۋە تەتقىق قىلىش ئەڭ قىيىن بولغان مانى دىنىغا ئائىت تېكىسىتلەرنى ئوقۇپ، نەشىر قىلىپ، تەتقىقات ساھەسىدە بۇ جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتە باشلامچىلىق رولىنى ئوينىغان مەسئولىيەتچان ئالىم بولدى، ئۇ ھازىرمۇ، تېخىچە ئېلان قىلىنمىغان مانى دىنى تېكىستلىرىنى تەتقىق قىلىش خىزمىتى بىلەن شوغۇللىنىۋاتىدۇ. يەنە بۇ ساھەدە يېقىنقى زامانلاردا ئەڭ زور نەتىجە قازانغان كىشى گېرمانىيەدىكى ئەڭ ياش ئالىملاردىن بىرى يەنىس ۋىلكىنىس. يەنىس ۋىلكىنىس مانى دىنى قائىدە-رەسمىيەتلىرى ھەققىدە كۆپ قىسىم ماقالىلەرنى يازغان . ئۇ 2000-يىلى بېرىلىندا ساقلىنىۋاتقان « تۈركچە مانى دىنى ئەسەرلىرىنىڭ ئومۇمىي كاتولوگى»نى تۈزۈپ دۇنيا جامائەتىگە سۇندى. ئۇنىڭ بۇ ئەسىرى ئۇيغۇر مانى دىنىنى تەتقىق قىلىشتا، كەڭ تەتقىقاتچىلار تەرپىدىن مۇھىم بىر ئەسەر سۈپىتىدە قوللىنىشقا باشلىدى.
1929-يىلىدىكى گېرمانىيە بېرلىن موزىيىدا ساقلىنىۋاتقان يۇرتىمىزدىن ئېلىپ كېتىلگەن يادىكارلىقلار
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى بومباردىماندا نۇرغۇن قىممەتلىك يادىكارلىقلىرىمىز بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىغاندىن كېيىن، قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بېرلىن موزىياخانىسى
بۇلاردىن باشقا يەنە گۆتىنگىن ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ پىرافېسسورلىرىدىن كىلائوس غىيوبون، يەنىس پېتىر لائۇت قاتارلىقلار مانى دىنىغا ئائىت بىر قاتار ماقالىلارنى يېزىپ، بۇ تەتقىقات ئۈچۈن بەلگىلىك تۆھپە قوشقان ئالىملار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. ياۋروپادا ئەنگىلىيە، بېلىگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە خېلى بۇرۇنلار مانى دىنى تەتقىقاتى باشلانغان. ئەنگىلىيەدە دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان بىر تۈركۈم مانى دىنى ئەسەرلىرى تەتقىق قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە يۇرتىمىزدىن ئەنگىلىيەگە ئېلىپ كېتىلگەن مانى دىنى قوليازمىلىرىنى تەتقىق قىلغان پەھلىۋىي قاتارلىق كۆپ خىل تىللارنى بىلىدىغان دەۋىد نايىل مەكىنسىت . بۇ كىشى مانى دىنى ھەققىدە كۆپلىگەن ماقالىلەرنى يازغان. يەنە بىرى 1980-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ تەتقىقات ھاياتىنى يۇرتىمىزدىن تېپىلغان مانى دىنى تەتقىقاتىغا بېغىشلىغان بېلىگىيەلىك تەتقىقاتچى ئالىم ئالىيوسىفان تونگىرلو بولدى. 1988-يىلى « قەدىمكى ئۇيغۇرچىدىكى ئوتتۇرا دەۋىر ئىلىمېنىتلىرى»دېگەن ماقالىسى بىلەن مانى دىنىنى ئاساس قىلغان ماقالىلىرىنى يېزىپ ئېلان قىلىپ،بۇ جەھەتتىكى سېلىشتۇرما تەتقىقاتى نەتىجىلىرى بىلەن ئايرىم بىر تەتقىقات ساھەسىنى قۇرۇپ چىقتى.تونگىرلو ھازىرمۇ ئۆز تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، دۇنيادا مانى دىنى تەتقىقاتى جەمئىيەتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، مانى دىنىغا ئائىت تەتقىقات كىتابلىرىنىنەشىر قىلدۇرۇش ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىپ كەلمەكتە. ئەلۋەتتە،ياپونىيەلىك ئالىملار ئەستايىدىللىقى ۋە تارىخى بىلىمىنىڭ چوڭقۇرلىقى بىلەن مانى دىنى تەتقىقاتىدا زور نەتىجىلەرنى يارىتىپ، بىر قىسىم ياش ئالىملارمۇ يېتىشىپ چىقتى. بۇلارنىڭ ئىچدە 1990-يىللاردا مانى دىنى تارىخى ھەققىدە بىر قاتار تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان تاكا مورىياسودۇر.تاكا مورىياسور 1991-يىلى « ئۇيغۇر مانىنىزىم تارىخى ھەققىدە تەتقىقات » دېگەن كىتابىنى نەشىر قىلىپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا بۇ كىتابى بىر قانچە تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ، دۇنيا مانى دىنى تەتقىقاتىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئاچقۇچلۇق كىتابقا ئايلاندى. مانى دىنى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى كەلگۈسى پارلاق بولغان يەنەبىر دۆلەت تۈركىيە. ئۆز ۋاقتىدا پەقەتلا ئاندا-مۇندا ئاز بىر قىسىم مانى دىنى تەتقىقاتىدىكى تەرجىمە ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان تۈركىيە، مانى دىنى تەتقىقاتى ئۈچۈن بىر تۈركۈم ياش تەتقىقاتچى ئىز باسارلارنى يېتىشتۈرىۋاتىدۇ. مەسلەن بۇلاردىن، دوكتور زەنىنە ئۆزەرتۇرال. ئۇ ماگىستىرلىق، دوكتورلۇق ماقالىلىرىنى مانى دىنى تېكىستلىرى ھەققىدە يېزىش بىلەن بىرگە، توختىماستىن مۇشۇ ساھادە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ياش تەتقىقاتچى. ئۇ ھازىر گۆتتىنگىن ئۇنىۋېرسىتىدىكى پىرافېسسور رويبوننىڭ يېنىدا تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ. ئومۇمىي ئۇيغۇر تېكىسىتلىرىنى قايتىدىن ئىشلەش، سېلىشتۇرما تەتقىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان زەنىنە ئۆزەرتۇرالغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمىز. زەنىنە ئۆزەرتۇرال ئۆزىنىڭ دوكتورلۇق كىتابىنى لىكوكنىڭ دەسلەپ نەشىر قىلغان قۇچۇدىن ئېلىپ كېلىنگەن ئۇيغۇرچە تېكىستلەر تەتقىقاتى ھەققىدە يېزىلغان ئۈچ پارچە كىتابىنى تەتقىق قىلىپ سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ يېڭىچە قاراشلىرى ۋە توختاۋسىز تۈزىتىشلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ناھايتى مۇۋاپىقىيەتلىك تەتقىقات ئېلىپ بارغان كۆپ قىرلىق تەتقىقاتچى خانىمغا ئايلاندى.ئۇنىڭ كېيىنكى تەتقىقاتىدا سوغدىچە مانى دىنى تېكىستلەر بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇرچە تېكىستلەرنى سېلىشتۇرۇش خىزمىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرماقتا. گۆتتىنگىن ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئاساس قىلغان مانى دىنى تەتقىقاتى مەركىزىنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرىدىن بىرى بولغان زەنىنە خانىم، بۇ جەمئىيەت تەرپىدىن چىقىرىلغان مانى دىنى ھەققىدىكى كىتابلارنى نەشىر قىلىش خىزمىتىگىمۇ مەسئول.
مانى دىنى تەتقىقاتى تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنى ماقىلىلەر توپىلىمى
يېقىنقى ۋاقىتلارنى ھېساپلايدىغان بولساق مانى دىنى ئۇيغۇرچە تېكىستلىرى ھەققىدە ئەڭ مۇكەممەل تېكىستلەرنى نەشىر قىلغان كىشى بولسا ئامرىكىلىق تەتقىقاتچى لاررىي كىلاك. لاررىي كىلاك ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتىدا ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن تەتقىقاتچى بولۇپ، ئۇ يۇرتىمىزدىن تېپىلغان بىر تۈركۈم تېكىستلەرنى ئۆزىگە خاس ئۇسۇلى بىلەن تەپسىلىي تەتقىق قىلىشتا دۇنياغا تونۇلغان. مەسلەن، ئۇنىڭ يۇرتىمىزدىن تېپىلغان ئەرەبچە يېزىقتىكى « ياركەنت تېكىستلىرى » تەتقىقاتى بۇنىڭ تىپىك مىساللىرىنىڭ بىرى بولالايدۇ. ئامرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىرافېسسورى لاررىي كىلاك ئىككى قىسىم تۈزۈلگەن كىتابىنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا قەدىمكى تېكىستلەرنىڭ تىرانسىپىكيونى، تەرجىمىسى ۋە ئىزاھاتلىرىنى بەرگەن.ھازىرغىچە مەلۇم بولغان قەدىمكى ئۇيغۇرچە تېكىستلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ چوڭ ھەجىملىك كىتاب- مانى تەتقىقاتىنىڭ قايسى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقىنى كۆرستىدىغان مۇھىم دەلىللەرنىڭ بىر بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنى دۇنيادا بىر قىسىم ياش ئالىملارنىڭ تۈركىيە،گېرمانىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە بۇ ئەسەرلەر ئۈستىدە قايتىدىن تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىزگە ئايان.
ئامرىكىلىق لاررىي كىلاك ئەپەندىم يازغان كىتابنىڭ ئىككىنچى قىسمىنىڭ مۇقاۋىسى
گېرمانىيەدە قۇرۇلىۋاتقان، يۇرتىمىزدىن تېپىلغان يادىكارلىقلار قويۇلغان خۇمبۇلوت مۇنبىرى
مانى دىنىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكىرى ۋە ئەھمىيتى: ئورخۇننىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىن باشلىنىپ يېزىق شەكلىدە مەۋجۇت بولغان نۇرغۇن تېكىستلەرنى ئۆزئىچىگە ئالغان بۇ دىن - قۇچۇ خاندانلىقىدا بىر مەزگىل ئاجايىپ گۈللەنگەن پارلاق بىر مەدەنىيەتنىڭ جانلىق ئىسپاتلىرىدۇر. مانى دىنى تېكىستلىرىدە ساقلىنىپ قالغان نۇرغۇن سۆزلەر قەدىمكى تۈرك-رونىك يېزىقى بىلەن ئۇيغۇر تىلى يېزىقى دەۋىرلىرىنى بىر بىرگە باغلىشىمىزدا ئىنتايىن مۇھى ئەھمىيەتكە ئىگە. قەدىمكى ئۇيغۇرچە مانى دىنى تېكىستلىرىدە يەنە ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغان بىر نۇقتا شۇكى، بۇ تېكىسىتلەردە- بىر قىسىم تارىخى ۋەقەلەر بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان ۋە بۇ ۋەقەلەرگە،پائالىيەتلەرگە بىۋاستە قاتناشقان ئۆز دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر قاغانلىرىمىز،مۇھىم ئەرباپلىرىمىزنىڭ ئىسمى ھەم پائالىيەتلىرى خاتىرىگە ئېلىنغان. شۇنىڭ ئۈچۈن قەدىمكى ئۇيغۇرچە مانى دىنى تېكىستلىرىنى تەتقىق قىلىش قانداقتۇر باشقىلارنىڭ ئىشى ئەمەس. يۇرتىمىزدىكى ياشلىرىمىز، قەدىمكى مەدەنىيەتنى تەتقىق قىلغۇچىلىرىمىزنىڭمۇ بۇ دىننى تەتقىق قىلىشى يات بىردىننى، باشقا بىر مەدەنىيەتنى ئەمەس، يۇرتىمىز مەدەنىيتىنىڭ ئايرىلماس بىرقىسىمىنى، يۈرەك پارىسىنى تەتقىق قىلغانلىقى بىلەن باراۋەردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ ساھەدە كۆپلىگەن ئىز باسارلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. |