- تىزىملاتقان
- 2015-3-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 182
- نادىر
- 0
- يازما
- 8
ئۆسۈش
60.67%
|
ھەدىيەمۇ ياكى قەرزمۇ؟
ئانامىنىڭ ساندۇقىدا ساقىلىنۋاتقان بىر قەغەز بار. ئۇنىڭىدا ئاكامنىڭ توي مەرىكىسىدە مىھمانلاادىن كىمنىڭ قانچىلىك پۇل -پۈچەك ئېلىىپ كەلگەنلىكى خاتىرلەنگەن . ئانام بىرەر تويغا بارماقچى بولسا،ئاۋۋال ئۇنىڭىغا قاراپ ، "ھە پالانى تويدا 50 كوي ئېلىىپ كەپتىكەن. مەن 100 كوي قىلىپ قۇياي." دىگەن خۇلاسىگە كىلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئانام تويغا بارىسىمۇ، تۇغۇت يوقلىسىمۇ،ئۈلەمگە بارسىمۇ،كىسەل يوقلىسىمۇ ..پۇل قىلىدۇ. بۇرۇنلاردا .ىككى ناننى يۆگەپ بېرىپ، تىنچىلىق، ئامانلىق سۇرايدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە كۆڭۈلنى پۇل بىلەن ئىپادىلەيدىغان بۇلۇپ كەتتۇق. بۇرۇنقى ھەدىيەلەر بۈگۈن شەكلى ئۆزگەرگەن «قەرز»گە ئۆزگەردى. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئەھۋال جەمئىيىتىمىزدە بەكلا ئومۇمىلىشىپ كەتتى. راستىنى دىگەندە، بۇ خىل ئەھۋال كىشىنىڭ كۆڭۈلىنى يېرىم قىلىدۇ. ئەمما ئەڭ مۇھىم بولىغىنى بۇ بىزنىڭ دىنىمىزدا چەكلەنگەن . چەكلىك بىلىمىم بىلەن چەكىسىز بىلىم مەنىبىي بولغان قۇرئانغا قارىغىنمىدا، مېنىڭ ئۇچىراتىقىنىم ئىككىنجى قېتىملىق ۋەھېىينىڭ مەزمۇنى بولغان "كۆپ ئېلىش نىيىتىدە بەرمە، (ينى بىر كىشىگە سوۋغا بەرسەڭ، ئۇنىڭىدىن كۆپرەك ئېلىشنى تەمە قىلىما.) 74- سۈرە مۇددەسسىر 6-ئايەت. دىمەك، بىز كىشىلىك مۇناسىۋەتنى پۇل بىلەن ئەمەس. بەلكى خالىس نىيەت بىلەن ئالاقە قىلىشقا ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك.
ئەھلى ئىسىلام ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋەت ئۆلچىمى-ئاللاھ رىزاسنى ئىزلەپ مېھىر بېرىش بۇلۇشى كېرەك.پەيغەمبىرىمىز دىدىكى:" مۆئىمنىلەر خۇددى بىر تەنگە ئۇخشايدۇ، ئۇنىڭ قايسى بىر ئەزاسى ئاغىرسا، باشقا ئەزالارمۇ تەڭ ئازاپلىنىدۇ." دىگەندەك بۇلۇشىمىز كېرەك. بىرىمىزگە خۇشاللىق كەلسە تەڭ شاتلانساق، مۇسىبەت كەلسە تەڭ قايغۇرىساق. ئۆزئارا سەۋرنى، شۈكۈرنى تەۋىسىيە قىلساق بۇلاتتى. بىرىسىگە ھەدىيە بەرسەك مەقىسەت پەقەت ئارىمىزدىكى مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بۇلسا ھە!كىسەل يوقىلساق ئەجىرنى ئۈمۈت قىلساق. بىر- بىرىمىزنى ئاللاھ ئۈچۈن ياخىشى كۆرىسەك....بىز باشقىلاردىن كىيىم بىلەن قىياپەت بىلەن ئەمەس بەلكى قەلىب بىلەن پەرقلەنسەك نېمەدىگەن ياخىشى ئىدى ھە! |
|