قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 749|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئامېرىكىدىكى ئاسپىرانتلار ئوقۇش مۇكاپاتى ھەقسىز چۈشلۈك تاماق ئە...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

1

دوست

433

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   66.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34763
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 152
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-21
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 20:05 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
ئامېرىكىدىكى ئاسپىرانتلار ئوقۇش مۇكاپاتى ھەقسىز چۈشلۈك تاماق ئەمەس
لىن چىڭ

ئۈلۈشكۈن خىزمەتدىشىم بىلەن پاراڭلاشقانىدىم، ئۇنىڭ قىزى كېلەر ئايدا ئامېرىكىدىكى UIUC ( ئىللىنوئىس ئونىۋېرسىتېتى چامپېين مەكتەپ رايونى) غا  بېرىپ ئىقتىسادشۇناسلىق تولۇق كۇرسىدا ئوقۇشقا بارىدىكەن، ئوقۇش پۇلى، تۇرمۇش خىراجىتى بىر يىلدا 60 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن. خىزمەتدىشىمنىڭ دېيىشىچە، كىچىكرەك ئۆيىنى سېتىۋېتىپ قىزىنىڭ چەتئەلدە ئوقۇش خىراجىتىنى تەييارلايدىكەن.
ئوقۇش پۇلى ۋە ئوقۇش مۇكاپات مەسىلىسى چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇماقچى بولغانلار بىرىنچى بولۇپ ئويلىشىدىغان ئامىل. ئەگەر ئىقتىسادى تېرەك بولمىسا ئۇلۇغ غايىلەرنى قوغلاشقان بىلەنمۇ بەرىبىر ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئوقۇش مۇكاپات تېمىسىدا چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇپ باققان ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۇنتۇلمايدىغان ھېكايىسى بولىدۇ.
نەچچە يىل ئىلگىرى مەن ئامېرىكىغا چىقىپ دوكتۇرلۇقتا ئوقۇدۇم، تۆت يىلدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خاراكتېرى، دەرىجىسى ئوخشىمايدىغان ئۈچ ئوقۇش  ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىلتىماس قىلدىم.
بىرىنچى قېتىملىق ئوقۇش مۇكاپاتى دوكتۇرلۇققا قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇش قەغىزى بىلەن بىللە ئەۋەتىلگەن ئىدى. ئۇ يىلى مەن ئامېرىكىدىكى جەمئىي يەتتە ئونىۋېرسىتېتنىڭ ئاسپىرانتلار ئىنىستىتۇتىغا ئىلتىماس قىلىش ماتېرىياللىرىمنى تاپشۇردۇم. كېيىن كەينى-كەينىدىن بەش ئالىي مەكتەپتىن قوبۇل قىلىش ئالاقىسى كەلدى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ مەكتەپ ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. تولۇق مۇكاپات ھەممە ئوقۇش پارچە خىراجەتلىرىنى كەچۈرۈم قىلىشتىن باشقا يەنە تۇرمۇش ياردەم پۇلى، چەتئەلدە ئوقۇش تۇرمۇشىنىڭ ھەممە چىقىملىرىنى تەمىنلەشنى كۆرسىتىدۇ. ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بار خەت تەكلىپ قىلىش (offer) دېيىلىدۇ، ئوقۇش مۇكاپات پۇلى يوقى بولسا پەقەت قوبۇل قىلىش ( admission) دېيىلىدۇ.
مېنىڭ ئاخىرىدا قوبۇل قىلغىنىم بولسا ئەڭ ئاۋۋال كەلگەن ساۋاننا ئونىۋېرسىتېتى ھەم ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى ئەڭ كۆپ تەمىنلىگىنى، ئەلۋەتتە ئاساسلىق ئويلاشقىنىم يەنىلا كەسىپ يۆنىلىشى ئىدى. ئېسىمدە قېلىشىچە ئۇ قىزىل تەگنىڭ ئۈستىگە كۆزگە چېلىققۇدەك « رەسمىي قوبۇل قىلدۇق» (OfficialAcceptance) دېگەن سۆز بېسىلغان چوڭ لىپاپ ئىدى. بۇ مەكتەپ دەرىجىلىك تولۇق سوممىلىق ئوقۇش مۇكاپاتى (Graduateassistantship) دا، بارلىق ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلغاندىن باشقا يەنە ھەر ئايدا 1500 ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بار بولۇپ، ياردەم قىلىش ۋاقتى ئوقۇشنىڭ ئالدىنقى ئىككى يىلى ئىدى. خەتتە يەنە ھەر ھەپتىسى مەكتەپ ئۈچۈن 16 سائەت خىزمەت قىلىدۇ دېيىلگەنىدى.
مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن ئاندىن ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ خېلى يۇقىرى دەرىجىدىكى ئاسپىرانتلار ئوقۇتۇش ياردەم پۇلى ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ھەتتا فاكۇلتېتتىكى پروفېسسور بىلەن تۇنجى قېتىم كۈرۈشكەندىمۇ بۇ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى شەرەپ ئىكەنلىنى تىلغا ئالغانىدى. ئوقۇتۇش ياردەم پۇلى فاكۇلتېتتا دەسلەپكى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق، ئاسپىرانتلار ئىنىستىتۇتى يەنە ئەلالىرىنىڭ ئەلالىرىنى تاللاش تەرتىپى ئارقىلىق، دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىكى مىڭلىغان ئىلتىماس قلغۇچىلار ئىچىدىن تاللاپ چىقىلىدۇ. ئەمما كۆپلىگەن خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئېرىشكەن بىرىنچى دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىشتىن باشقا يەنە 1000 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا ياردەم بار. ئەمەلىيەتتە ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش قىسىمى ئەڭ مۇھىم، ئەينى چاغدىكى ئاسپىرانتلار ئوقۇش پۇلى تەخمىنەن ھەر يىلى ر 20~10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا ئىدى.
بۇ تۈردىكى ئوقۇتۇش ياردەم پۇلى ئەمەلىيەتتە ئىنىستىتۇت ياكى فاكۇلتېت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش بولۇپ ، پروفېسسورغا ياردەملىشىپ كۈندىلىك ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش ياكى تەتقىقات جەھەتتە ياردەم قىلىش، يەنى خەتتە دېيىلگەندەك ھېلىقى 16 سائەت خىزمەت قىلىشتۇر. ئىجتىمائىي پەنلەر ئوقۇش مۇكاپاتى ئاساسلىق ئىنىستىتۇت ياكى فاكۇلتېتنىڭ خىزمەت خىراجىتىدىن كېلىدۇ، ھالبۇكى تەبىئىي پەنلەر ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنىڭ كۆپىنچىسى  پروفېسسورنىڭ شەخسىي تەتقىقات تېما خىراجىتىدىن كېلىدۇ. ئالىي مەكتەپتىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى مۇكاپات تۈرى بولسا مەكتەپ مۇدىرى ئوقۇش مۇكاپاتى (Fellowship) بولۇپ، مەكتەپتە ئەڭ تىرىشقان ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارغا مەخسۇس بېرىلىدۇ. يىلدا نەچچە ئادەممۇ چىقمايدۇ، پەقەت ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭلا ئىلتىماس قىلىش سالاھىيىتى بولىدۇ.
ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنىڭ تارقىتىلىشى خۇددى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاش ئالغىنىغا ئوخشايدۇ، شۇ ئادەم ھەر ئاينىڭ 15-كۈنى مائاش بۆلۈمى (payrolldepartment) گە بېرىپ بىر ۋاراق پۇل چېكىنى ئالىدۇ، ئاندىن بانكا ئېلېكترونلۇق تورلاشتۇرغاندىن كېيىن ئاي بويىچە شەخسىي ھېساباتقا كىرىدۇ.
مەن ئېرىشكەن ئىككىنچى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بولسا  فاكۇلتېت دەرىجىلىك ئوقۇتۇش ياردەم پۇلىدۇر. ئۇ ئالدىنقى ئىككى يىللىق ئوقۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن يازدا ئىلتىماس قىلىنغان. ئەينى چاغدا ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى ئانچە ياخشى بولمىغاچقا بەزى ساۋاقداشلارنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىدىن ئايرىلىپ قېلىش سەۋەبلىك باشقا مەكتەپكە يۆتكىلىشكە ياكى ئوقۇشتىن توختاشقا مەجبۇر بولۇش ئەھۋالى كىلىپ چىقىپ، كۆپچىلىككە زور بېسىم بولدى. ئېسىمدە قېلىشىچە فاكۇلتېتقا ئىلتىماس جەدۋىلى، چۈشەندۈرۈش ئالاقىسى، شەخىسنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى، يەنە ئېلان قىلغان ماقالىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى قاتارلىق بىر يۈرۈش ماتىرىيالنى يوللاپ، 8-ئايلاردا ئوقۇش باشلاشتىن ئىلگىرى ئېرىشتىم. بۇ بىر يىللىق فاكۇلتېت دەرىجىلىك ئوقۇتۇش ياردەم پۇلى بولۇپ، ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلغاندىن باشقا ھەر ئايدا 1000 ئامېرىكا دوللىرى يادەمنى قوشۇپ بېرىدۇ، خىزمەت ۋاقتى ھەر ھەپتىسىگە 12 سائەت ئىدى.
بەلكىم نۇرغۇنلىغان ئادەملەر خىزمەت قىلىش بەك ئاۋارىچىلىق، ئەڭ ياخشىسى پۇلنى بىكارغىلا ئېلىپ، ئىشلىمەسلىك كېرەك دەپ قارايدۇ؛ بىراق ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئېتىقادىدا بىكارغا چۈشلۈك تاماق يوق، مۇتلەق كۆپ قىسىمدىكى ئاسپىرانتلارغا بېرىلگەن ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنىڭ ھەممىسى بەلگىلىك خىزمەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە كۆپچىلىكنىڭ تىرىشقىنى فاكۇلتېتتىكى پروفېسسورغا ئىشلەش پۇرسىتىدىن ئىبارەت. راستىنى ئېيتقاندا، پروفېسسورغا ياردەملىشىش شۇ ئادەمنىڭ مەكتەپ ۋە فاكۇلتېتتىكى ھەر قايسى ئەھۋاللارنى چۈشىنىش، پروفېسسورنىڭ دەرس ئۆتۈش ۋە تەتقىقاتىغا قاتنىشىشتا تەستە ئېرىشىدىغان پۇرسىتى، كۆپلىگەن كىتابتىن سىرتقى بىلىملەرنى ئۆگىنىشتۇر. ئوقۇتۇش ياردەمچىسى خىزمىتىدىمۇ كۆپلىگەن قىزىقارلىق ئىشلار يۈز بېرىدۇ.
ئەگەر فاكۇلتېتتىكى ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمىسە، مەكتەپتىكى باشقا خىزمەتلەرگە ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، كۇتۇپخانا، ئاشخانا، كىتابخانا، تەنتەربىيە سارىيى، ئوقۇغۇچىلار ياتىقى، مەكتەپ ماشىنىسى قاتارلىق مۇلازىمەت ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئىشلەش دېگەندەك. بىراق بۇ خىزمەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى ئىلتىماس قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلمايدۇ، سەل-پەل سائەتلىك ئىشچى خاراكتېرىگىمۇ تەۋە. سائىىتى بويىچە 15~10 ئامېرىكا دوللىرى بېرىدۇ، بىر ئامال قىلىپ تۇرمۇش خىراجىتىنى تاپقىلى بولىدۇ، ئوقۇش پۇلىغا يەنە باشقا ئامال تېپىش كېرەك.
مەن ئامېرىكىدىكى ئونۋېرسىتېتتا ئېرىشكەن ئۈچىنچى ئوقۇش مۇكاپاتىدا ئازراق تەلىيىم كىلىپ قالغان. بۇ مەكتەپ مەخسۇس دوكتۇر ئاسپىراتلارنىڭ ئاخىرقى يىلى ماقالە تەتقىقاتىغا ئىشلىتىدىغان مۇكاپات. پەقەت دىسسېرتاتسىيە ياقلاشتىن ئۆتكەن، تەتقىقات باسقۇچىغا كىرگەن يۇقىرى يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلتىماس قىلىش سالاھىيىتى بولىدۇ. جەمئىي 18 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق بۇ مۇكاپاتنى مەكتەپ ئاسپىرانتلار ئىنىستىتۇتى تەمىنلەيدىغان بولۇپ، 10 ئايغا بۆلۈپ بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچقانداق خىزمەت قىلىشنى تەلەپ قىلمايدۇ، بۇ ئاز ئۇچرايدىغان پەقەت پۇلنى ئېلىپ خىزمەت قىلمايدىغان تۈرگە تەۋە!
ھەممە دوكتۇرلار دېگۈدەك بۇنداق ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىششنى ئويلايدۇ، بىراق ھەر يىلى ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن تەخمىنەن %5 ى بۇ شەرەپكە ئېرىشىدىغان بولۇپ، رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن. مۇشۇنىڭ ئۈچۈن مەن تەخمىنەن بىر يىلدىن كۆپرەك تەييارلىق قىلدىم. ھەر بىر پەندىكى نەتىجەمنى  A قىلىشقا كۈچىدىم، ھەرخىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ماقالە ئېلان قىلدىم، ئىنگلىزچە، خەنزۇچە ژۇرناللارغا ماقالە بەردىم، يەنە تېخى فاكۇلتېتتىكى ئوقۇتۇش ياردەمچىلىك خىزمىتىمنى ياخشى قىلدىم، قىسقىسى ئۆزۈمنىڭ تەرجىمھالىدىكى ئىلىمنى مول ھەم مۇكەممەل قىلدىم. ئىتىماس قىلىشتىن بۇرۇن ئون كۈن سەرپ قىلىپ بىر پارچە ئىلتىماس يازدىم، يەنە فاكۇلتېتتىكى ئىككى پروفېسسورنى تۇنۇشتۇرۇش يېزىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدىم.
بۇ خىل يىللىق ئوقۇش مۇكاپاتىدىن باشقا، چەتئەلدە ئوقۇۋاتقاندا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تۆت قېتىم ئامېرىكا دۆلەت ئىچى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ساياھەت ياردىمىگە ئىلتىماس قىلدىم. ھەر قايسى فاكۇلتېتتا ئاسپىرانتلارغا بېرىدىغان مۇشۇنداق ياردەم تۈرى بولىدۇ، ئادەتتە ھەر بىر ئادەم يىلدا بىر قېتىم ئىلتىماس قىلىش بىلەنلا چەكلىنىدۇ. ئىلتىماس تەرتىپى بولسا يىغىندىن بۇرۇن جەدۋەل تولدۇرۇپ ئىلتىماس قىلىنىدۇ ھەمدە ماقالىنىڭ چوڭ يىغىن تەرىپىدىن ئىشلىتىدىغان تاپشۇرۇۋېلىش  ئالاقىسى قوشۇمچە قىلىنىدۇ، يىغىندىن كېيىن چەكنى ئېلىپ فاكۇلتېت كاتىپىنى ئىزدەپ ئاتچوت قىلدۇرىلىدۇ. بىر قېتىملىق سومما 500~400 ئامېرىكا دوللىرى بىلەن چەكلىنىدۇ، بېرىپ كېلىشتىكى ئايروپىلان بېلىتى ۋە ياتاق ھەققىگە يېتىدۇ، ئادەتتە ئۆزىمىز ئازراق چىقىرىمىز.
ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىشتا يىغىپ ئېيتقاندا ئۈچ تەرەپتىكى بىلىشىم ئەڭ چوڭقۇر.
بىرىنچى، ئۇچۇر ئاشكارا، تەرتىپى روشەن قېلىپلاشقان، نەتىجىسى بىر قەدەر ئادىل. ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئائىت ئۇچۇرلار مەكتەپ تورىدا ۋاقتىدا ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ، تاپشۇرىدىغان ماتىرىياللار ھەمىشە كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىسپات بولۇپ، باھالاش نەتىجىسى مۇتەخەسسىسلەر ھەيئەت كوللېكتىپى تەرىپىدىن مۇزاكىرە قىلىنىپ قارار قىلىنىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا خەت-ئالاقە شەكلىدە بىۋاستە ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىگە يەتكۈزۈلۈپ، ئوقۇش مۇكاپاتى تارقىتىش مەكتەپنىڭ مائاش باشقۇرۇش سېستىمىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ. مەن قايسى بىر سەتچىلىكنى ياكى تالاشقۇدەك ئىشنىڭ يۈز بەرگىنىنى ئاڭلاپ باقمىدىم.
ئىككىنچى، مۇۋەپىقىيەتلىك ھالدا ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىشنىڭ مۇھىم ھالقىسى: ئەمەلىي كۈچ + ئەقىل-پاراسەت + ئازراق تەلەي. شەخىسنىڭ ئەمەلىي كۈچى سىزنىڭ ئۆگىنىش خاتىرىڭىز، تەتقىقات ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئېرىشكەن نەتىجىلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، قابىلىيەت ئادەتتىكىچە بولىدۇ. ئىلتىماس قىلغاندا يەنە ئەقىل-پاراسەتنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇ دەرسلەرگە ئالدىن تەييارلىق قىلىش بولۇپ، ئىلتىماس ماتىرىيالىنى قاراتمىلىققا ئىگە قىلىدۇ، يېتەرلىك ئاساس بولغاندا باھالىغۇچىلارنى تەسىرلەندۈرگىلى بولىدۇ. پروفېسسورلار شەخىسنىڭ ئىقتىسادى شارائىتىنىمۇ ئويلىشىدۇ، ئەمما ئەڭ مۇھىمى ئىقتىدار ئاساس قىلىنىدۇ، يەنى بۇ پۇلنى كىمگە بەرسە ئەڭ چوڭ رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.
ئۈچىنچى، كۆپلىگەن ئاسپىرانتلار ئوقۇش مۇكاپاتى ماھىيەتتە مەكتەپتكى خىزمەت ئورنى بولۇپ، كۈتۈلمىگەن ھارام بايلىق ئەمەس. گەرچە ئالدىن دەپ قويۇلسىمۇ ، لىكىن سىز چوقۇم  ھەر كۈنى ئەستايدىل خىزمەت قىلسىڭىز ئاندىن ئۇنى قولىڭىزغا ئالالايسىز، ھازىرچە يىلدا بىر قېتىم باھالىنىدۇ. ياردەم پۇل قىسىمى ئاي بويىچە شەخسىي ھېساباتقا تارقىتىلىدۇ، ئوبيېكتىپ قىلىپ ئېيتقاندا شەخىسلەر ئەركىن باشقۇرسا بولىدۇ، ساۋاقداشلارنى، تۆۋەن يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنى تاماققا تەكلىپ قىلىشتا چاتاق يوق، لىكىن ئۇنداق قىلىدىغانلار ئىنتايىن ئاز.  
مەنبە:«جۇڭگو ياشلار گېزىتى»دىن تەرجىمە قىلىندى. ئوكيان تورىدىن لوقمان تەرجىمە قىلدى.


0

تېما

0

دوست

60

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   20%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34812
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 18
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-20
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 21:13 |ئايرىم كۆرۈش
مۇشۇ ناسارالارنىڭ نىمشقا تەرەققى قىلىپ كەتكەنلىكىنى بۇ ماقالىدىن بىلگىلى بولىدىكەن.  بىز قاچانمۇ شۇلاردەك بولارمىز؟...
بۇ بەلكىم مۈمكىن ئەمەس، چۈنكى كاللا ئوخشىمايدۇ........
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

13

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   4.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34829
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-20
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 10:48 |ئايرىم كۆرۈش
بۇلار ھەقىقەتەن كاللىسى ئىشلەيدىغان خەق،بىزمۇ ئۇلارنىڭ ياخشى تەرەپلىرىدىن ئۈگۈنىشىمىز كىرەك...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )