قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 819|ئىنكاس: 4
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئالاھىدە خادىم ئالاھىدىن (رومان) - ئەفغانىي

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

21

تېما

0

دوست

1800

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   80%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29919
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 47
تۆھپە : 558
توردىكى ۋاقتى: 40
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-24
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
ئالاھىدە خادىم ئالاھىدىن
ئابدۇرەھمان ئەفغانىي


بىرىنچى قىسىم
«پەلىپەتىش» كۈلسەر

(ئىككىنچى باب)
شاھرۇلخان بىلەن تۇغقانكەنلا


     رامزا بوۋايدىن ئۈچ سائەت بۇرۇن بىر فۇنكسىيە لىنىيىسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈلسەر ھازىر بىر ۋاراق ھەرىكەت ستونىنى  تۇتقىنىچە ۋەزىپە ئورنىدىكى قوغدىغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن چوڭ داچىنىڭ ئارقا ھويلىسىدا قالايمىقان گۈل پۇتاپ ساراڭلىق قىلىۋاتاتتى. بىر چاغدا بىرەيلەن: «ھوي، نېمە ئادەمسەن؟» دەپ توۋلىغاندىلا، ئۇنىڭ ئېڭىكىدە دېيەرلىك بىلىنمەيدىغان بىر جۈپ زىنىخ ئويمانچىلىرى شەكىللەندى. لېكىن ئۇ ئاڭلىماسقا سېلىۋالدى. ئۇدا بىرنەچچە رەت چاقىرسىمۇ ئۆزلىرىنى نۆلگە تەڭ قىلمىغان كۈلسەرگە ئاچچىقى كەلگەن قوغدىغۇچىلار قوراللىرىنى ئۇنىڭغا چەنلىشىپ قېشىغا كەلدى.
     ___ سېنى كىم دەۋاتىمىز؟
     ___ ...
     ___ گەپ قىل!
     ___ ...
     قاراۋۇللارنىڭ سوراققا تارتىشلىرى خېلى بالدۇرلا بالكوندىن كۈلسەرنى كۆزىتىپ تۇرغان ياقۇپباينىڭ: «كىمكەن ئۇ؟» دېگەن ئاۋازى بىلەن ئاخىرلاشتى.
     ___ سورىدۇق، بىر ئېغىز سۆز قىلمىدى. قانداق قىلىمىز، ئاكا، قوغلىۋېتەمدۇق ياكى... ___ باش قوغدىغۇچى شۇنداق دېگەچ چاپلاشقان بارماقلىرىنى كانىيىغا سۈرۈپ قويدى. بۇ ئېنىقكى «ئۇنى جايلىۋېتەمدۇق؟» دېگەنلىك بولاتتى.
     ___ كىملىكىنى بىلىپ بولۇپ ئۇزىتىپ قويساقمۇ ۋەللاھى كېچىكمەيمىز، يېنىنى ئاختۇرۇپ باق.
     ___ خەتەرلىك بىر نەرسە يوقكەن.
     ___ ياخشى، ئۇنى ئاۋۇ راۋاققا باشلا.
     ئۇلار ئاستا قەدەملەر بىلەن راۋاققا كەلدى ۋە ئوتتۇرىسىغا نەفس شىرە قويۇلغان زانانە تەڭلىماتتا ئولتۇردى.
     ___ ئۆزۈڭ كىم؟ ھالىڭ بولسا ئېيت، ياكى ئىشپىيونمۇسەن؟
     ___ ...
     ___ ماڭا قارا، بىردەمدىن كېيىن ئۆلىسەن. گەپ بولسا ۋاقتىدا دېيىشىۋالايلى، سەنمۇ تېزدىن سېنى كىمنىڭ بۇ يەرگە كەلتۈرگەنلىكىنى دېگىن. قارىغاندا مېنى ئانچە تونۇمايدىغاندەك قىلىسەن. مەيلى، ھېلى تونۇپ قالىسەن. مەن دېگەن ياقۇپباي بولىمەن، شىنجاڭدا ئانچە داڭقىم بولمىغىنى بىلەن، ئىچكىر - ئۆلكىلەردە ۋەللاھى مېنى تونۇمايدىغان بىرمۇ ئىنس - جىن يوق. بۇ چاغقىچە مېنىڭ چىشىمغا تېگىپ سالغان ئادەمنىڭ قانداق ھالاكەتكە دۇچار بولغانلىقىنى ساڭا دەپ ئولتۇرماي. ھەممىسىلا ئۆلدى، دېمەي دەپ يەنە دەپساپتىمەنغۇ! بولدى ئېيتە، نېمىشقا كەلدىڭ؟ سېنى چوقۇم ئاكام ئەۋەتتى شۇنداقمۇ؟
     ___ كەچۈرۈڭ، خوجايىن، ئەتىدىن دېگەنلىرىڭىزنىڭ ھېچبىرىنى ئاڭلىيالمىدىم. مەن گاس.
     ___ ئەمىسە ئەتىدىن ئاناڭنىڭ بېشىغا كاپىلدىدىممۇ مەن؟ ___ ياقۇپباينىڭ ئەرۋاھى قىرىق گەز ئەمەس، تۆت يۈز گەز ئۆرلىگەنىدى. ئەھۋالاتنىڭ گۈزەل كېتىۋاتقانلىقىنى پەملەپ بولغان كۈلسەر دەررۇ كۈتۈلمىگەن مېھمانلىق مۇددىئايىنى ئېيتتى:
     ___ خوجايىن، سەھەردىكى ئېنىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، سىلى شاھرۇلخان بىلەن تۇغقانكەنلا.
     ياقۇپباي بۇ يىگىتنىڭ گاسلا ئەمەس، گالۋاڭلىقىنىمۇ يۈزدەيۈز جەزملەشتۈرۈپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ جۆيلۈشلىرىگە ئازراق قىزىپ قالدى. «راست شۇنداق چىقىپ قالمىسۇن يەنە!» دەپ ئويلاپمۇ قالغانىدى ئۇ. ئۇ دەرھال بىر قولىنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى يەنە بىر قولىنىڭ ئالىقىنىغا ئەكىلىپ ئۇياق - بۇياققا يۈرگۈزۈۋىدى، كۈلسەر ھاپىلا - شاپىلا: «ھەئە، خەت تونۇيمەن.» دەپ جاۋاب بەردى. ياقۇپباي قوغدىغۇچىلارغا: «قەغەز - قەلەم كەلتۈرۈڭلار!» دەپ بۇيرۇق بەردى. شۇنداق قىلىپ پەرەز ئىچىدىكى غەرەزمۇ باشلىنىپ كەتتى.
     ___ دېگىنە، نەچچە تۇغقانكەنمەن؟ ___ ياقۇپباي بىر قەترە ھاياجانلانغان قىياپەتتە قەغەزگە شۇنداق يازدى.
     ___ بەش، بەش تۇغقانكەنلا.
     ___ دەۋاتقىنىڭ بوللىۋودنىڭ ئارتىسى شاھرۇلخاندۇ؟
     ___ ئەلۋەتتە، باشقا خەق بولغان بولسا سىزنى ئاۋارە قىلىپ ئولتۇرامتىم؟
     ___ ئۇنداقتا تەپسىلىيرەك سۆزلە.
     ___ دېمىسەممۇ بىلىسىز، خوجايىن، بۇ كىچىك ئىش ئەمەس. قوغدىغۇچىلىرىڭىز ئاڭلاپ قالسا، ئېغىزدىن - ئېغىزغا ئۆتۈپ بىر سائەتتىلا قورۇيىڭىزنىڭ ئالدى زېرىكەرلىك مۇخبىرلار بىلەن توشۇپ كېتىدۇ. ياخشىسى ئۇلار ئارقا ھويلىغا چىقىپ كەتكەچ تۇرسۇن.
     ياقۇپباي كۈلسەرگە يالتتىدە بىرنى قاراپ قويۇپ، يەنىلا ئۇنىڭ دېگىنىدەك قىلدى: «ھەممىڭلار ئارقىغا ئۆتۈپ كېتىڭلار، سەن تاپانچاڭنى بۇ يەردە قويۇپ قوي.»
     ___ قېنى!
     ___ سىز ھازىر ئاكا دەپ يۈرۈۋاتقان بىرسى بارغۇ، ئۇنىڭ ئىسمى ئەمەلىيەتتە ھايۋان، ئەسلى ھېندىستانلىق بىرنېمە ئۇ.
     ___ جۆيلۈمەيۋاتقانسەن؟
     ___ جۆيلۈمەيۋاتىمەن. ئۇ ھازىر قوللىنىۋاتقان ئىسىم ئەسلىدە ئۇنىڭ بوۋىسىنىڭ ئىسمى بولۇپ، ئۇ بوۋاينىڭ دادىسى ھەم دەل سىزنىڭ بوۋىڭىزنىڭ دادىسىنىڭ ئىنىسى ئىكەن. دېمەك سىزنىڭ بوۋىڭىزنىڭ دادىسى ئۇنىڭ بوۋىسىنىڭ دادىسىدىن چوڭ، يەنى ئاكىسى بولىدۇ. بىراق يەنە نېمىدەپ بۈگۈن ئۇ سىزگە باشلىق بولىۋالىدۇ؟ بۇ مەسىلە سىزنىڭ ئويلىنىشىڭىزغا تېگىشلىك. ئەمدى شاھرۇلخاننىڭ مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇنىڭ بوۋىسىنىڭ بوۋىسى بۇنىڭدىن ئىككى يۈز يىللار بۇرۇن سىزنىڭ بوۋىڭىزنىڭ ئانىسى بىلەن ئىككى ھەپتە ئۆي تۇتۇپتىكەن. شۇ چاغلاردىن باشلاپ شاھرۇلخان بىلەن سىزنىڭ ئارىڭىزدا قانداشلىق مۇناسىۋىتى ئۇلاشقانىكەن.
     ___ ئەمىسە بۇنى پاتراق گېزىتكە باسايلى.
     ___ خالىسىڭىز ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىمىز. بايا مېنىڭ كىملىكىمنى سورىغانىدىڭىز، مەن بىر مۇخبىر.
     دەل شۇ چاغدا ئارقا تەرەپتىن بىر قوغدىغۇچى چىقىپ ياقۇپبايغا بىر ئىشتىن خەۋەر بېرىش ئۈچۈن ئاغزىنى ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئەكىلىۋىدى، ياقۇپباي نارازىلىق بىلەن:
     ___ ئۈنلۈك دەۋەر، ۋەللاھى ئۇ دېگەن پاڭ، ___ دېدى.
     ___ بولىدۇ، خوجايىن، ئىسكەندەر ئاكىمىز ھۈسەيىن قارانىڭ ئۆلۈم ئىشىنى سۈرۈشتە قىلىپ تېلىفۇن ئۇرۇپتۇ.
     ياقۇپباي تۈنۈگۈن ئاۋۋال ئاخشامدىلا ھۈسەيىن قارانىڭ تۈگىگەنلىك ئۇچۇرىنى ئاڭلاپ باشتا ھولولوپلۇق بىلەن ھودۇققان، كېيىن مۇغەمبەرلىك بىلەن ھىجارىغانىدى. ياقۇپباي بىلەن ھۈسەيىن قارا ئىككىسى ئىسكەندەر باشنىڭ ئوڭ - سول قولى بولۇپ، تاشقىرىدىن قارىماققا بىر ئېغىلدىكى مال - ۋارانلاردەك چىقىشقاق كۆرۈنگەن بىلەن، رېئاللىقتا ئىچى كۆتمەك كۈچۈكلەر كەبى ئىگىسى ئىسكەندەر باشتىن كاتتىۋاشلىق ئۇستىخانىنى تەمە قىلىۋاتقان ھەپسەرلەردىن ئىدى. ھۈسەيىن قارانى كىم ئۆلتۈرگەن بولسا، بۇ ئىشقىلىپ ياقۇپباينىڭ ئۆمۈرلۈك ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا كەتمەن چېپىپ بەرگەنلىك بولاتتى. ياقۇپباي قوغدىغۇچى ئەكەلگەن تېلىفۇننى قۇلىقىغا ياقتى.
     ___ سالامەتمۇسىز، ئاكا؟  
     ___ ھۈسەيىنگە نېمىش بولدى؟
     ___ مەنمۇ بىلمىدىم، ئاكا.
     ___ بىلمىدىم دېگەن قانداق گەپ؟ ئۇنىڭغا سەندىن بۆلەك يەنە كىم قارا سانىيالايدۇ؟ يەنە كىم ئۇنى ئۆلتۈرۈش تۈگۈل، تۈكىنى تارتىپ بېقىشقا پېتىنالايدۇ؟
     ___ ۋەللاھى خاتا چۈشىنىپ قاپسىز، ئاكا. بۇ ئىشنى چوقۇم ھۈسەيىن چىشىغا تېگىپ قويغانلار قىلدى. مەنمۇ بار كۈچۈم زىر - زەۋەرلەپ تەكشۈرۈۋاتىمەن.
     ___ تەكشۈرۈمىسەڭمۇ بولىدۇ، ئۆلۈپ كېتىش ئاجىزلىقنىڭ بەلگىسى. ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن بىر نەرسىنى چۈشەنگەن بولساڭ، ئەمدى ئۆزۈڭگە ھېزى بول.
     ___ ئەلۋەتتە، ئاكا.
     ___ ھازىرچە ھۈسەيىننىڭ ئادەملىرىنى سەن تەرتىپكە سالغاچ تۇر، مۇشۇ بىر نەچچە كۈندە ئۇ يەرگە بىر باشلىق ئورۇنلاشتۇرىمەن.
     ___ ماقۇل، ئاكا.
     قوغدىغۇچى ياقۇپباي بىلەن كۈلسەرنى يەنە يالغۇز قويدى.
     ___ قېنى، داۋاملىق شاھرۇلخاننى، ___ دەپ قەغەزگە يازدى ياقۇپباي.
     ___ تېلىفۇن قىلغان كىمكەن، خوجايىن.
     ___ ئاكام.
     ___ ھايۋانمۇ؟
     ___ ئۇ ھايۋان ئەمەس، مېنىڭ ئاكام.
     ___ بەرىبىر ئوخشاشقۇ، ئەسلىدە ھايۋان بولغاندىكىن.
     ___ سەن دەۋاتقان ھايۋان نېمە دېگەن گەپ؟
     ___ ئادەم ئەمەس دېگەن گەپ شۇ.
     ___ چاقچاقنىمۇ چېكىدە قىل، ئۇكا.
     ___ چاقچاق قىلمىدىم، راست دەۋاتىمەن. سىز شاھرۇلخان بىلەن ئەنە شۇنداق تۇغقان.
     بۇ پاراڭ زاتەن بەكمۇبەك سۈنئىي ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى. ياقۇپبايمۇ، كۈلسەرمۇ قارشى تەرەپنىڭ ئىچىدىكىنى ئاللىقاچان قىياس قىلىپ بولغانىدى. ياقۇپباي تېخىچە كۈلسەردىن گۇمانلىنىۋاتاتتى. ئۇ گۇمانىنىڭ راست - يالغانلىقىنى ئايرىۋېتىش ئۈچۈن قەستەن ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئارقىسىنى قىلىپ تۇردى. دېگەندەك، ئىشلار ئۇ ئويلىغاندەك چىقىپ، ئۈستەلدىكى تاپانچا ئۇنىڭ ئارقا مېڭىسىگە تەڭلەندى.
     ___ ھا - ھا - ھا... ___ سەت كۈلدى ياقۇپباي، ___ مەن بىر قاراپلا سېنىڭ ياخشى بىرنېمە ئەمەسلىكىڭنى بىلىپ بولغان، قۇلىقىڭمۇ ساق سېنىڭ. ئاتە، قېنى ئاتمامسەن! تەپكىنى باس، ئىچىدە ئوق بولمىغاندىكىن ئەمدى قانچە باسقىنىڭنىڭمۇ پايدىسى يوق.
     ___ ئوق بار، ئەبلەخ، ___ كۈلسەر تاپانچىنىڭ دىسكىسىنى چىقىرىپ ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر پاي ئوقنى ياقۇپبايغا كۆرسىتىپ قويدى، ___ سېسىق جېنىڭغا بۇ يەتمىسە يەنە بار.
     كۈلسەر كەمىرىنىڭ توقىسىغا ئەپلىك تىقىپ قويۇلغان يەنە تۆت پاي ئوقنى دىسكىغا تىزدى. ياقۇپباينىڭ چەكچەيگەن كۆزلىرىدىن ئوت ئوقچۇدى. ئۇ ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاپ كۈلسەرگە پىستىرما قۇرغانىدى، كۈلسەر ئەسلى ئەۋلىيا ئىكەن. ھۈسەيىن قارانىڭ تەقدىرىنىڭ ئەمدى ئۆزىنىڭ بېشىغا كەلگەنلىكىگە ئىشنەلمەيۋاتقان ياقۇپباي قوغدىغۇچىلارنى قىچقىرىش ئۈچۈن ئاغزىنى ئۇچلىۋىدى، كۈلسەر: «ئەگەر بۇندىن كېيىن ئىككىنچى گەپ قىلماسلىقنى ئۆزۈڭگە قىسمەت بىلگەن بولساڭ ھازىر ۋارقىراۋەر، كاركىراۋەر.» دەپ ئۇنىڭ تىلىنى «گاچا» قىلىپ قويدى.
     ___ ئۈن - تىنسىز ماڭ، قورۇدىن چىقىمىز.
     ياقۇپباي قويدەك بويسۇندى.
     ___ ئادەم يوق يەرگە ماڭ.
     ياقۇپباي كۈلسەرنى ئىشەنچلىك بىر يەرگە باشلاپ كەلدى.
     ___ ئىسكەندەر باش قەيەردە؟
     ___ ۋەللاھى بىلمەيمەن.
     ___ ئۇنداقتا ئۆلىسەن.
     ___ ئۆلسەممۇ كىملىكىڭنى بىلىپ ئۆلەي.
     ___ كىملىكىمنى ئاخىرەتتە بىلىپ قالىسەن. بۇ يەردە ئادەم يوق، شۇنداقمۇ؟
     ___ ھەئە، يوق.
     ___ ئەمىسە خاتىرجەم ئۆلۈۋەر!
     كۈلسەر ھۈسەيىن قارانى قانداق ئۇشتۇمتۇتلۇق بىلەن ئۆلتۈرگەن بولسا، ياقۇپباينىمۇ شۇنداق تۇيۇقسىزلىق بىلەن جېنىدىن ئايرىدى ۋە كۆككە قىيپاش قاراپ: «كەچۈرگىن شاھرۇلخان، ئادالەت ئۈچۈن زىتىڭغا تېگىپ سالدىم.» دېگىنىچە كەلگەن يېرىگە كەتتى.



                2015 - يىلى مارتنىڭ 20 - كۈنى، يۇرۇڭقاش

0

تېما

0

دوست

856

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   71.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34244
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 254
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-25
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
قىززىۋاتىدۇ قىززىۋاتىدۇ،داۋامىغا بەك ئۇزۇن ساقلىتىۋاتمەڭ ئادەمنى...
ۋەقەلىكنىڭ ئورۇنلاشتۇرىلىشى قالتىس،قوشۇمچە تەسۋىرلەرنى ئازراق كۆپەيتىشكە توغرا كەلگۈدەك، لىكىن...ئۈزۈلمىسۇن
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

37

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   12.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34852
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 12
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-24
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش

0

تېما

0

دوست

308

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34118
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 82
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-22
يەر
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
داۋامى ئۈزلۈپ قالمىغاي…

4

تېما

3

دوست

2566

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   18.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9364
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 197
تۆھپە : 669
توردىكى ۋاقتى: 100
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-24
5#
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 00:51 |ئايرىم كۆرۈش
  كىنوسىنى قاچان كۆرەمىز ھە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )