قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1879|ئىنكاس: 6
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئالتۇن باھاسى كەلگۈسى 10 يىلدا 2000 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كېتىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

1

دوست

511

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   2.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34763
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 176
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-24
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
ئالتۇن باھاسى كەلگۈسى 10 يىلدا 2000 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كېتىدۇ

ۋول كوچىسى گېزىتى تورى  (ئوكيان تەرجىمىسى): كەلگۈسى 10 يىلدا يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلارنىڭ مەركىزىي بانكىسى ئەمەلىي ئالتۇن زاپىسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق بازارنىڭ يېڭى لەيلىمە پېرېۋوت نىسبىتىگە بولغان ئىشەنچىنى كۈچەيتىشكە موھتاج. بۇنىڭدا كۆپلىگەن مەركىزىي بانكىلار 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىكى ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىدىن كېيىن زور مىقداردىكى تاشقى پېرېۋوت زاپىسى جۇغلىدى. تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ مەركىزىي بانكىسى ھازىر بار بولغان ئالتۇن زاپىسىنى ئۆزگەرتمەسلىكى مۇمكىن، بۇ كەلگۈچى نەچچە يىلدە مەركىزىي بانكىلارنىڭ داۋاملىق ئالتۇن سېتىۋالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئەگەر دۇنيادىكى بارلىق مەركىزىي بانكىلارنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسىدا ئاز دېگەندە %5 تى ئالتۇن بولسا، بۇ مەركىزىي بانكىلارنىڭ يەنە 8 مىڭ توننىغا يېقىن ئالتۇن سېتىۋېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئەگەر مەركىزىي بانكا ئالتۇن باھاسىغا تەسىر يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلمىسا، بۇ سەۋەبلىك قىيىن مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ.
ئاۋسترالىيە- يېڭى زېللاندىيە بانكىسى (ANZ)نىڭ يادرولۇق مۆلچەرى بولسا 2030-يىلغا بارغاندا نامدىكى ئالتۇن باھاسى ھەر ئۇنسىيەسىنىڭ 2400 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ، بۇنداق يۇقىرى باھا يېڭى تەمىنلەشنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، بىرلا ۋاقىتتا كىرىمنىڭ ئېشىشى ئېھتىياجنى يۆلەيدۇ. ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ھەققىدىكى باشقا پەرەزلەر بولسا 2030-يىلغا بارغاندا ئالتۇن باھاسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ھەر ئۇنسىيەسى 3000 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ، كەلگۈسى 10 يىلدا ئالتۇن باھاسى ھەر ئۇنسىيەسى 1000 ئامېرىكا دوللىرىلىق سەۋىيەدىن سەل تۆۋەن بولىدۇ، دېگەنلەردىن ئىبارەت.
بىز بېكتىكەن مەركىزىي ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، ئالتۇن باھاسى پەيدىنپەي ئۆرلەپ، كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە ئەڭ ئاخىرى ھەر ئۇنسىيەسى 2000 ئامېرىكا دوللىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈشى مۇمكىن. بۇ ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى ئەھۋال، بىز مۇمكىنچىلىكى %45 دەپ قارايمىز. بۇ مۆلچەر بىزنىڭ يەر شارى پۈتكۈل ئىقتىسادىنىڭ يادرولۇق ئىقتىسادىي مۆلچەرى ھەمدە پۇل-مۇئامىلە مۆلچەرىمىزنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.
بۇنىڭدىن سىرت، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلار مەركىزىي بانكىلىرى ئەمەلىي ئالتۇن زاپىسىنى داۋاملىق ئاشۇرىدۇ، ئالتۇن زاپىسى كۆلىمى پەيدىنپەي تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بازىرىنىڭكى بىلەن يېقىنلىشىدۇ. شۇڭا مەركىزىي بانكىلار يەنىلا ئالتۇن سېتىۋالغۇچىلار، ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 75 توننا ئالتۇن سېتىۋالىدۇ.
ئۆتكەن 20 يىلدا، جۇڭگونىڭ تېز سۈرئەتلىك سانائەتلىشىش مۇساپىسى جۇڭگونى بارغانسېرى مۇھىم بولغان چوڭ ھەجىملىك تاۋارلار ئەمەلىي سودا بازىرىغا ئايلاندۇردى.
گەرچە جۇڭگو ئەڭ چوڭ ئالتۇن ئىستېمال قىلغۇچى دۆلەت ھەم ئەڭ چوڭ ئالتۇن ئىشلەپ چىقارغۇچى دۆلەت بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتە يەر شارى ئالتون سودىسى بازىرىدىكى ئۈلۈشى يەنىلا نىسبەتەن كىچىك. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، جۇڭگونىڭ ئالتۇن قەرەللىك مال بازىرى كۆلىمى كېڭەيدى، يېقىن كەلگۈسىدە جۇڭگونىڭ قەرەللىك ھوقۇقى ھەمدە باشقا تۇغۇندى مەھسۇلات بازىرى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەرەققىي قىلىدۇ.

بۇ ماقالە ئاۋسترالىيە-يېڭى زېللاندىيە بانكىسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى ۋاررېن خوگان (Warren Hogan) ۋە چوڭ ھەجىملىك تاۋار ئىستراتېگىيەچىسى ۋىكتور سىيانپىتىيا (Victor Thianpitiya) «باررېن ھەپتىلىكى»دە ئېلان قىلغان «ئاسىيا ۋە ئالتۇننىڭ كەلگۈسى» (East to El Dorado: Asia and the Future of Gold) ناملىق دوكلاتتىن ئېلىنغان.


0

تېما

0

دوست

13

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   4.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34849
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-21
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
مىنىىڭچە  ئاتۇن باھاسى يانا  چۇشۇدۇ
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

7

تېما

0

دوست

902

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   80.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6108
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 70
تۆھپە : 240
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-21
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
قارىغاندا سىلەرنىڭ دۇكاندا خېرىدار يوق ، ئالتۇندىن زىيان چىقىپ باشقىلارنى قىززىقتۇرۇش ئۈچۈن بۇنى يازدۇقما

2

تېما

2

دوست

4054

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   68.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9612
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 507
تۆھپە : 914
توردىكى ۋاقتى: 152
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-25
يەر
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
تەھلىلنىڭ ئاساسى بار. يېقىنقى ئون يىل ئىچىدە تۆۋەن سەۋىيەدە تۇرسىمۇ، ئەمما كېيىنكى يىللاردا ئۆسۈشىنى جەزم قىلغىلى بولىدۇ

0

تېما

0

دوست

776

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   55.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6668
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 16
تۆھپە : 244
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-25
5#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:37 |ئايرىم كۆرۈش
بىر خار بىر ئەزىز    ،   ئاينىڭ 15ى ئايدىڭ 15ى يورۇق دىگەن گەپلەر بىكا چىقمىغان ،       11يىل بۇرۇن مەن ئۆيلەنگەندە ئالتۇننىڭ گىرىمى 70يۈەن ئىدى.لىكىن جىقراق ئالىدىغانغا پۇل يوق .ئەمدى ئازراق پۇل تاپتۇقمىكى ئالتۇن ئالىلى دىسە بۇنىڭ قىممەتلىگى.

0

تېما

0

دوست

776

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   55.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6668
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 16
تۆھپە : 244
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-25
6#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:37 |ئايرىم كۆرۈش
بىر خار بىر ئەزىز    ،   ئاينىڭ 15ى ئايدىڭ 15ى يورۇق دىگەن گەپلەر بىكا چىقمىغان ،       11يىل بۇرۇن مەن ئۆيلەنگەندە ئالتۇننىڭ گىرىمى 70يۈەن ئىدى.لىكىن جىقراق ئالىدىغانغا پۇل يوق .ئەمدى ئازراق پۇل تاپتۇقمىكى ئالتۇن ئالىلى دىسە بۇنىڭ قىممەتلىگى.

0

تېما

0

دوست

581

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   16.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34488
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 160
توردىكى ۋاقتى: 39
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-24
7#
يوللىغان ۋاقتى 12 سائەت ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ھە....مۇشۇ  بىنىڭ  قىز ئايالىرمىز [ ئالتۇن ] دىسە جىنىمۇ بىرەمىكىن....توي قىلاي دەپ قىزنىڭ ئۇيگە ئەلچىلىككە باسا...ئالتۇنى شۇنداق سېلۋىتىدىكەن...بىزنىڭ بۇياقلادا  .ئەڭ ئاز دىگەندىمۇ..35،40 گىرامغىچە.......مۇشۇ خەنزۇ خەقلەر  مىليۇن پۇلىسى بولسىمۇ ئالتۇنغا  ئانچە قىزىقمايدىكەن...نىمدىگەن ياخشى؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )