قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2970|ئىنكاس: 30
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ياخشى تۈزۈم بولسىلا لۈكچەكلەر بىلەنمۇ دۆلەت قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

31

دوست

4845

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   94.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13250
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى: 175
تۆھپە : 1550
توردىكى ۋاقتى: 808
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-25
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
پەقەت تۈزۈم ياخشى بولسىلا بىر توپ لۈكچەكلەر بىلەنمۇ مەدەنىيەتلىك
دۆلەت قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ


    پەقەت ياخشى تۈزۈملا بولسا بىر توپ لۈكچەكلەر بىلەنمۇ مەدەنىيەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ، ئاۋسترالىيە بۇنىڭ مىسالى.
   1788-يىلى 26-يانۋار كاپىتان ئارتور فېلىف  770 نەپەر جىنايەتچىنى باشلاپ گىياھ ئۈنمەس بۇ زىمىنغا كەلدى . شۇنىڭدىن كېيىنكى 80يىلدا جەمئىي 160 مىڭ ئەنگىلىيىلىك جىنايەتچى بۇ يەرگە كېلىپ ماكانلاشتى، باشقىلار ئاۋسترالىيىنى جىنايەتچىلەر قۇرۇپ چىققان دۆلەت دەپ چاقچاق قىلىشىدۇ . ئەمما ھازىرقى ئاۋسترالىيە ئەركىن ، دېموكراتىك دۆلەت بولۇپ پۇقرالىرىنىڭ  تۇرمۇشى باياشات  . نۇرغۇن جۇڭگوپۇقرالىرى كۆچمەن بولۇپ بېرىشقا تەلپۈنىدىغان جايلارنىڭ بىرى.

تۈزۈم ھەممىنى بەلگىلەيدۇ!
   ئاڭلىشىمچە كېپەن  ئوغرىلاشقا تۆشۈك كولاپ گۆرگە كىرىپ بايلىقنى ئېلىپ چىقىشقا مەسئۇل ۋە ئىچىگە چۈشكەن ئادەمنى تارتىپ چىقىرىشقا مەسئۇل ئىككى ئادەم كېتىدىكەن ، دەسلىپىدە ئارغامچا بىلەن تارتىپ چىقىرىشقا مەسئۇل كىشى بايلىقنى كۆرۈپ ، ئەقلىدىن ئېزىپ ھەمراھىنى تاشلاپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆپ كۆرۈلگەچكە ، كېيىنچە كېپەن ئوغۇرلىرى ئاتا-بالا بىر بولۇپ گۆركولاشقا يۈزلەنگەن ، بىراق بالىسى گۆردىكى ئاتىسىنى تاشلاپ كېتىدىغانلارمۇ چىقىپ قالغان.  
    كىيىن بۇ كەسىپتە ئاتىسى ئۈستىدە تۇرۇپ ئارغامچىنى تارتىدىغان بالىسى گۆرگەچۈشىدىغان قائىدە ئورنىتىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرەرنى گۆرگە تاشلاپ قېچىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار قەتئىي كۆرۈلمىگەن ، ئەگەر مۇشۇنى تۈزۈم قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسى دېسەك ئۇنداقتا بىز ئوغرىلارنى ئۇستاز دېسەكمۇ بولغۇدەك.   
   بۇرۇن بىللە تۇرىدىغان يەتتە كىشى بار ئىكەن ، كۈندە يۇغان بىر قازان ئۇماچنى بۆلۈشۈپ تەڭ ئىچىدىكەن ، بىراق ھەر كۈنى ئۇماچ يىتىشمەيدىكەن  ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىرى بىر كۈندىن ئۇماچنى بۆلۈپ بېرىشكە كېلىشىپتۇ ، مۇشۇنداق قىلسىمۇ ئۇلار ھەپتىدە ئاران بىر كۈن يەنى ئۆزى ئۇماچ بۆلگەن كۈنىلا ئۇماچنى تويغۇدەك ئىچەلەيدىكەن.  
   كىيىن ئۇلار ئىچىدىكى ئەڭ ئالىيجاناب بىرىنى ئۇماچ تەقسىم قىلىشقا قۇيۇپتۇ، ھوقۇق زىيادە مەركەزلىشىپ كەتسە چىرىكلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارماي قالمايدۇ ، كۆپچىلىكنىڭ پۈتۈن ئوي پىكرى قانداق قىلىپ ئۇنىڭغا پارا بېرىپ كۆڭلىنى ئېلىشتا بوپ قاپتۇ  ، شۇنداق قىلىپ بۇ كىچىك كوللېكتىپ قالايمىقانلىشىپ كېتىپتۇ ، كىيىن يەنە مەسلىھەتلىشىپ ئۈچ كىشىلىك ئۇماچ تەقسىم قىلىش بىرلەشمىسى ۋەتۆت كىشىلىك باھالاش كومىتېتى قۇرۇپ بىر-بىرىنى نازارەت قىلماقچى بوپتۇ ، بىراق بۇجەريانلارنى تۈگىتىپ ئۇماچ ئېغىزىغا بارغاندا ئاللىقاچان سوۋۇپ كېتىپتۇ.
    ئەڭ ئاخىرى ئۇلار نۆۋەتلىشىپ ئۇماچ تەقسىم قىلىدىغان بىراق ئۇماچ تەقسىم قىلغۇچى ئەڭ ئاخىردا قالغان ئۇماچنى ئىچىدىغان بوپ كېلىشىپتۇ ، بۇنداق بولغاندا ئۇماچ تەقسىم قىلغۇچى ئۆزىگە ئاز تەقسىم قىلىنىشىدىن ئەنسىرەپ ئامال بار ئوخشاش قىلىپ تەڭشەشكەتىرىشىپتۇ ، بەزىدە ئۆزىگە ئازراق تېگىپ قالسىمۇ مەيلى دەپتۇ . كۆپچىلىك خۇشال-خۇرام، ئىناق –ئىتتىپاق ئۆتۈشكە باشلاپتۇ ، كۈنلىرىمۇ بارغانسېرى ياخشىلىنىپتۇ ،ئوخشاشلا يەتتە ئادەم ، بىراق تەقسىمات تۈزۈمى ئوخشىمىغاچقا ئوخشاش بولمىغان كەيپىيات ھاسىل بولغان.

تەشكىلى تۈزۈمى بولمىغان تەشكىلات خەتەرلىك
   بۇ يەردە ئادەمنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ياخشىمۇ ياكى يامانمۇ دەپ تەھلىل قىلىپ ئولتۇرۇشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق ، مۇۋاپىق  تەشكىلى تۈزۈمدە ھوقۇق ۋە نازارەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان بولۇپ سىزنىڭ قابىلىيىتىڭىزگە ئىشىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ماھىيىتىڭىزدىن گۇمانلىنىدۇ.بىراق تۈزۈم ئارقىلىق ئادەم خاراكتېرىدىكى ياخشى تەرەپنى گەۋدىلەندۈرۈپ ۋەھشىيلىكىنى تىزگىنلىگىلى  بولىدۇ.
    ئەگەر خاراكتېردىكى ياخشى تەرەپلەرنىلا گەۋدىلەندۈرىمىز دېسە ھەرقانداق بىر ياخشى تۈزۈممۇ ئاخىرى ھالاك بولىدۇ، چۈنكى ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش ئىنساننىڭ تۇغما تەبىئىتى ، ئەگەر پەقەت يامانلىقنىلا تىزگىنلەيمەن دەيدىكەن ئۇ تۈزۈمنىڭمۇ ئۆمرىمۇ ئۇزاققا بارمايدۇ ، بۇ دېگەن مۇستەبىتلىك . چۈنكى ئىنساندىكى ئەركىنلىك ، باراۋەرلىككە بولغان ئېتىقاد ھامىنى پارتلايدۇ ، پەقەت مۇشۇ ئىككىسى بىرىككەندىلا مۇسبەت ، مەنپىي تەرەپلەر تۇلۇق بولۇپ تەشكىلى تۈزۈم ساغلام تەرەققىي قىلالايدۇ.
   بىر ئادۋوكات ئاغىنەم ماڭا مۇشۇ يىللاردا نۇرغۇن دوستلىرىنى يىتتۈرۈپ قويغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى . بۇ دوستۇم ئۆزى بەك ئۇچۇق ، گېپىدە تۇرىدىغان كىشى ئىدى. ھەممىمىزگە  مەلۇم ئادۋوكاتلار ئالدى بىلەن ھەق ئېلىپ ئاندىن ئىش بېجىرىدۇ ، بىراق ئۇ دوستلىرىغا ياردەم قىلىپ داۋالىشىپ بەرگەندە ھەمىشە ئالدى بىلەن ئىشنى پۈتتۈرۈپ ئاندىن ھەق ئالىدىكەن.
    ئۇنىڭ دېيىشىچە بۇ دوستلىرىغا بولغان ساداقىتى ئىكەن ، بىراق نۇرغۇن دوستلىرى ئۇنىڭ قانۇن جەھەتتىن قىلغان ياردىمىدىن كېيىنلا ناتونۇشلاردىن بوپقالغان، سەۋەبى ئۇ ئۆزۈمنىڭ ئاغىنىسى دەپ قاراپ توختام تۈزىمىگەن بىراق قارشى تەرەپ بىلەن ئىش پۈتكەندىن كىيىن پۇل ئىشىدا پۈتۈشەلمىگەن ، ئاخىرى يەنە ئاغىنىدارچىلىقمۇئاخىرلاشقان.
    مەن ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن كىيىن مۇشۇنداق ئىشقا يولۇققاندا ئالدى بىلەن توختام ياكى كېلىشىم تۈزىۋېلىشنى ئېيتتىم . بۇنداق قىلىش ئاغىنىلىرىگە يامان ئادەم بولۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەرمەسلىك ئۈچۈندۇر ، دەسلىپىدە قايسىسىنىڭ چوقۇم ئېلىشقا تېگىشلىك ھەق قايسىسى دوستانە ياردەم ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ قويغان ياخشى.
   ئىنسان نەپسىنىڭ چېكى بولمايدۇ، مىجەزنىڭ ياخشى يامان بۇلىشىمۇ ھەر ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ ، پەقەت ئۆز ئورنىغا ماس كېلىدىغان مەسئۇلىيەت ۋە ھوقۇقنى ئېنىق بېكىتكەندە  ۋە ئۇلارنى نازارەت قىلىپ تۇرىدىغان تۈزۈمنى ئورناتقاندىلا ھەركىم ئۆز قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇپ ئىناق مۇھىت بەرپا قىلغىلى بولىدۇ.
     مەلۇم سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى خىزمەتتە ناھايىتى مەسئۇلىيەتچان بولۇپ قانۇننى ئىجرا قىلىشتا قاتتىق قول ئىكەن ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلا بولسا يۈزقارىماي قانۇننىڭ ئادىللىقىنى قوغدايدىكەن ، شۇنداق قىلىپ ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ رەنجىتىپ قۇيۇپتۇ.
   ئۇ رەنجىتىپ قويغان كىشىلەر يوق يەردىن پىتنە –پاسات تارقاتقاچقا رەھبەرلىك دائىم ئۇنىڭ ئىشخانىسىنى نازارەت قىلىدىغان بۇلىۋاپتۇ ، مەھكىمە باشلىقى دائىم داۋالاشقۇچى بىلەن كۆرۈشكىلى ياكى سوت سىرتىدا ياراشتۇرغىلى چىقىپ كېتىدىغان بولغاچقا رەھبەرلەركەلگەندە دائىم يوق بولۇپ چىقىدىكەن ، شۇنىڭ بىلەن يىل ئاخىردىكى تەڭشەشتە ئۇنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ يېنىك ئىشتىن بىرگە قۇيۇپتۇ ، بۇنداق تەڭشەش ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بوپتۇھەم ئۆزىنىڭ قىلغانلىرى ئۈستىدە قايتا ئويلاندۇرۇپتۇ ، ئۇ ئاستا-ئاستا بىر "ھەقىقەت"نى تونۇپ يىتىپتۇ، يەنى ئىشنى كۆپ قىلغان ئادەمنىڭ خاتالىقىمۇ كۆپ بولىدۇ ھەم باشقىلارنىڭ چىشىغىمۇ تېگىپ قۇيىدىغان گەپ .شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىشقا ۋاقتىدا كېلىپ ۋاقتىداچۈشۈپ ، ئىشخانىسىدا گېزىت ئوقۇپ، چاي ئىچىپ ،توردا ئويۇن ئويناپ ئولتۇرۇپتۇ . ئويلىمىغان يەردىن باشقىلار ئۇنىڭغا ياخشى كۆزدە قارايدىغان ، رەھبەرلەرمۇ ئۇنى ئىشقا ۋاقتىدا كېلىپ ۋاقتىدا چۈشىدۇ دەپ ماختايدىغان بوپتۇ . ئۇنىڭغا بولغان كۆز قارىشىدىمۇ ئۆزگىرىش بوپتۇ.
ياخشى تۈزۈم يامان ئادەملەرنى يامانلىق قىلغىلى قويمايدۇ ، ناچار تۈزۈم ياخشى ئادەملەرنى ناچارلاشتۇرۇۋېتىدۇ ، پەقەت ياخشى تۈزۈم بولغاندىلا ياخشى ئادەملەرنىڭ يامانغا ئۆزگىرىپ كېتىش پۇرسىتى بولمايدۇ .
سۇلۇق تەرمىلەر ئۈندىدار سالۇنىدىن تەرجىمە قىلىندى .
مەنزىل :
http://mp.weixin.qq.com/s?__biz=MjM5ODExNDM0Mg==&mid=207131541&idx=3&sn=35a3d8a74f44b093bcc5a8e41a7895ec&key=fbe9f9f4b565962c5b76950e4033bad5cf966af559549d4a3de79d8aad4714a4f52e684c8e3bd1894b74388dd947b17e&ascene=1&uin=MjEzMTAzMTAyMQ%3D%3D&devicetype=webwx&version=70000001&pass_ticket=Zf2OSDE17TQwwu%2BCpzWnpxafI%2FSdtYQYObG29ZUueVwdvUIXIhYUNrMUsl4%2BvD29

0

تېما

1

دوست

325

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   12.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32867
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 100
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-22
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   26.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1606
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4695
توردىكى ۋاقتى: 1369
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-25
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
خېلى مەزمۇنى ياخشى يازما ئىكەن. تەرجىمە قىلىغان ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

0

تېما

10

دوست

499

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   99.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34230
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 140
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-24
يەر
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ ئوخشاش قاراشتا.... گەپ تۈزۈلمىدە...

0

تېما

3

دوست

1268

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   26.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19948
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 404
توردىكى ۋاقتى: 203
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-22
5#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ھۇقۇقنىڭ تۇۋەنگە چۇشىشى ياخشىى ئىش ، بىراق نەپسىيانىيەچچى ، نادان ، بىلىمسىزنىڭ قۇلىغا چۇشىشى ،پۇقرانى يامان كۇنگە قۇيىدىكەن ئەمەسمۇ

17

تېما

27

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1496
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4210
توردىكى ۋاقتى: 1687
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-25
6#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
akaxman يوللىغان ۋاقتى  2015-3-22 20:15
ھۇقۇقنىڭ تۇۋەنگە چۇشىشى ياخشىى ئىش ، بىراق نەپسىيانىي ...

  قانون-تۈزۈمنىڭ نۇپوزى بولسىلا ‹‹ئەمەت ياكى سەمەت باشلىق بولسۇن ئەمەس خەلىققە يىتەكچىلىك قىلالايدىغان قابىليەت كىمدە بولسا شۇ باشلىق بولسۇن›› بۇلىدۇ، ‹‹ياخشى تۈزۈم›› دىگىنى شۇ...
  

2

تېما

2

دوست

1600

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   60%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33927
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 460
توردىكى ۋاقتى: 116
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-25
7#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئىنسانىيەت جەمىئەت تۈزۈمى بىلەن ھايۋانلارنىڭ جەمىئەت قۇرۇلمىسى تەشكىلى تۈزۈم بىلەن پەرقلىق .

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13214
توردىكى ۋاقتى: 6538
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-23
8#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
مانا بۇ ياخشى تېمىكەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )