قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 2474|ئىنكاس: 17

ئىلىم ئەھلىلىرى نورۇز ئىلىم چېيىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

26

تېما

35

دوست

400 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8883
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 800063
تۆھپە : 802415
توردىكى ۋاقتى: 2768
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-22 16:56:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلىم ئەھلىلىرى نورۇز ئىلىم چېيىدا

   

    ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلانى، جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتورى زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ تەشەببۇسى، ئۈرۈمچى ئوسمانىيە چاي–تائاملار رېستۇرانىنىڭ يېقىندىن قوللىشى بىلەن تۇنجى نۆۋەتلىك نورۇز ئىلىم چېيى 21 – مارت چۈشتە ئۈرۈمچى ئوسمانىيە چاي-تائاملار سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. تەبىئەت بايرىمى بولغان نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى ئىلىم چېيىغا جامائەت ئەربابى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇدىرى مىجىت ناسىر، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فېلېلوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور يېتەكچىسى ئوسمان ئىسمايىل تارىم،شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسور، ئىقتىساد پەنلىرى بويىچە ئاسپىرانىت يېتەكچىسى، غەربىي شىمال ئازسانلىق مىللەتلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، ئىقتىسادشۇناس ئابلىكىم ھەسەن ئۆگەن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا ۋە سىستېما پەنلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ماتېماتىكا پەنلىرى دوكتورى ئابدۇرىشىت ئابدۇۋەلى، مالايسىيا مالدېمىدىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەدەنىيەت–مائارىپ پەنلىرى دوكتورى، تەتقىقاتچى ھاجى ئۆمەر رەھىم ئوغلان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر قۇرۇلۇشى ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇر سوفت شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ھەم مەسئۇلى ئالىم ئەھەت، ئاتاقلىق شائىر ئادىل تۇنىياز، شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى، بوكس چېمپىيونى ئەكرەم ئىسھاق، «باغداش» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەكبەرجان ئەسەت باغداش، «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى، ئىلىم چېيىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى ھەم بۈگۈنكى نورۇز ئىلىم چېيىنىڭ رىياسەتچىسى ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۈيەر، «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررى تاھىر خالىق  قاتارلىق ئەزىز مېھمانلار ئىشتىراك قىلدى.
     ئىلىم چېيىدا زۇلپىقار بارات ئۆزباش مۇئەللىم ئۇيغۇرلاردىكى كوللىكتىپ جامائەت رىشتى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ نۆۋەتتكى مۇقەددەس بۇرچى ھەم مەسئۇلىيىتى، زىيالىيلار ئارا  ھەمكارلىق ۋە ئىتتىپاقلىقنىڭ مۇھىملىقى، بىرقىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدا يامراۋاتقان« مەشھۇرلۇق كېسىلى»،«ئۆز –ئۆزىگە مەپتۇن بولۇش كېسىلى» ۋە ئۇنىڭ ئاۋامغا ئېلىپ كېلىدىغان خەتەرلىك ئاقىۋىتى قاتارلىقلار توغرىسىدا، مىجىت ناسىر ئاكا سەمىمىيلىكنىڭ بىر ئىنساننىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقى ئىكەنكىنى، بۈگۈنكى رىقابەت دەۋرىدە  تىرىشچانلىقنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا، ئۇستاز ئوسمان ئىسمايىل تارىم نورۇز بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ تارىخى ۋە بۇ بايرامنى ئۆتكۈزۈشنىڭ قىممىتى ھەم ئەھمىيىتى توغرىسىدا، ماتېماتىكا پەنلىرى دوكتورى ئابدۇرىشىت ئابدۇۋەلى مۇئەللىم بۈگۈنكى ئىلىم –پەن يېڭىلىقلىرىنىڭ يۈزلىنىشى، بولۇپمۇ ياپونىيەنىڭ ئىلغار كارخانا باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى ۋە كارخانا مەدەنىيىتى، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى زىيالىيلار بىلەن تەبئىي پەن ساھەسىدىكى زىيالىيلارنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا، ئۇستاز ئابلىكىم ھەسەن ئۆگەن مۇئەللىم ئىلىم–مەرىپەتنىڭ مۇھىملىقى، بولۇپمۇ مەكتەپ مائارىپىنىڭ، يەنى ئاساس مائارىپ ۋە ئالىي مائارىپىنىڭ بىر شەخسنىڭ كېيىنكى ھايات مۇساپىسىگە كۆرسىتىدىغان مۇھىم تەسىرى توغرىسىدا، ئۇيغۇر سوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ھەم مەسئۇلى ئالىم ئەھەت مۇئەللىم ئۇيغۇرسوفت ئىملا لۇغىتى ۋە ئۇيغۇر سوفت كۆپ تىللىق لۇغەتنى بارلىققا كەلتۈرۈش، مىكروسوفت  windows سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقىنى ئېچىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىنى يېڭىلاش جەريانىدىكى سەمەرىلىك ئەمگەكلىرى ھەققىدە،  مائارىپ پەنلىرى دوكتورى، تەتقىقاتچى ھاجى ئۆمەر رەھىم ئوغلان ئەپەندى مالايشىيادىكى ئوقۇش ھاياتى ۋە ئۆز كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، نۆۋەتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىنتايىن يۈزەكى بىلىمىنى دەستەك قىلىپ،تۈرلۈك مۇنبەرلەردە ئاۋامنى تۇيۇق يولغا باشلاۋاتقانلىقىنى قاتتىق تەنقىدلەش بىلەن بىرگە، قانداق زىيالىيلارنىڭ ھەقىقىي زىيالىي بولۇشقا مۇناسىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئىلمىي ۋە پاكىتلىق  سۆزلىدى.
      داڭلىق شائىر ئادىلجان تۇنىيازمۇ ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلىش ۋە تىجارەت قىلىش جەريانىدا بىۋاسىتە كۆرگەن-بىلگەنلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەر بىلەن بېرىش – كېلىش قىلىش جەريانىدا، مەيلى كىشىلىك مۇناسىۋەتتە بولسۇن  ياكى سودا–تىجارەتتە بولسۇن ،  ئۇيغۇرلاردەك سەمىمىي ، ئاق كۆڭۈل، ئەركەك مىجەز بىر مىللەتنى كۆرمىگەنلىكىنى (بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇسۇلمان ئەللىرىدە) ، ۋەتەن سىرتىدا تۇرۇپ لىللا باھا بەرگەندە، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مىللەتلىرى ئىچىدە  ئەڭ مۇنەۋۋەر بىر مىللەت بولۇشقا مۇناسىپ كېلىدىغانلىقىنى پاكىتلىق ھەم چوڭقۇر ھاياجان ئىلكىدە ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە سورۇندىكى نورۇز ئەھلىگە «قەشقەردىكى يەر شارى» ناملىق شېئىرىنىڭ بىر بۆلىكىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى. بۇ قېتىمقى ئىلىم چېيىغا يەنە ئىلىمخۇمار ياشلاردىن ئابدۇغۇپۇر ئابدۇراھمان، ئابدۇلئەزىز ئىسكەندەر، ئابدۇۋەلى ئابدۇشۈكۈر، يەھيا روزى، بەھرام يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق قاتارلىق ياشلارمۇ قاتناشتى. مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى، باغداش تورى، ئەلدىيار تورى قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ مەسئۇللىرى ھەم مۇخبىرلىرىمۇ  ئىلىم چېيىغا قاتناشتى. بولۇپمۇ  ئالاھىدە تەكلىپ قىلنغان تاراتقۇلاردىن ئەلدىيار تورى پۈتكۈل سۆھبەت جەريانىنى سىنغا ئالدى ۋە بىر قىسىم سۆھبەت ئىشتىراكچىلىرىنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلدى. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەلدىيار تورىغا چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز. ئەلدىيار تورىنىڭ  مەسئۇلىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ئۇلار پات يېقىندا پائالىيەتنىڭ نەق مەيدان فىلىمىنى ئۆز تورىغا يوللايدىكەن.   
    قىسقىسى، بۇ قېتىمقى نورۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئىلىم چېيى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.
تاھىرخالىق، ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۈيەر خەۋىرى ، تاھىرخالىق فوتوسى  
1.jpg

2.jpg


3.jpg


    5.jpg

6.jpg


7.jpg


8.jpg


9.jpg


10-1.jpg


10.jpg


11.jpg


13.jpg


12.jpg


14.jpg


15.jpg


16.jpg


17.jpg


18.jpg


19.jpg


uyghuray

2

تېما

6

دوست

4019

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26563
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 1346
توردىكى ۋاقتى: 281
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-22 18:38:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك مۇبارەك بىر يىغىلىش ھەم سۆھبەت بوپتۇ. بىزدىكى زىيالىيلار جەمئىيەتتىكى بەزى مەسىلىلەرگە يۈكسەك سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلالىسىلا، ئىشىنىمەن ئىنشائاللاھ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىرى تىخىمۇ ئىلگىرلەيدۇ.

0

تېما

0

دوست

5296

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   5.92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30184
يازما سانى: 553
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1566
توردىكى ۋاقتى: 299
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-22 19:15:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ياخشى باشلىنىش بوپتۇ، داۋاملاشسا ياخشى بولاتتى. مۇنبەردىكى بىر قىسىم بىدئەتچى سوپىچاقلار بۇ ئىشتىن قۇسۇر تاپمىسا بولاتتى.

1

تېما

8

دوست

4173

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   72.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31651
يازما سانى: 166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1320
توردىكى ۋاقتى: 453
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-22 19:45:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى، ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بۇپتۇ، سوھبەتلەرنىڭ مەزمۇنلىرىدىن  خەۋەردار بولغۇم كىلىۋاتىدۇ.
uyghuray

2

تېما

0

دوست

3671

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25610
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1144
توردىكى ۋاقتى: 383
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-22 20:40:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         بۇ ناھايىتى ياخشى ۋە ئەھمىيەتلىك نۇرۇز چىيى بوپتۇ ، زىيالىلىرىمىزنىڭ ئىشلىرنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىغا تىلەكداشمەن .

0

تېما

0

دوست

88

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   29.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34863
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 14
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-22 22:07:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باغداش مۇنبىرىدىمۇ ئېلان قىلىشنى ئويلاۋاتىمىز ....

1

تېما

0

دوست

1066

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   6.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18702
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 338
توردىكى ۋاقتى: 102
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-23 13:12:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« مەشھۇرلۇق كېسىلى » دېگەن  قانداق كېسەلدۇ ؟
بەزىلەرنىڭ تۈرلۈك ئىلمىي نىقاپلاردا شەمۇ -شە، سەھنىمۇ-سەھنە  قاتراپ ، ئۆزىنى نامايەن قىلىشىى خۇددى كىشىگە  « مەشھۇرلۇق كېسىلى » گە گىرىپتار بولغانلدەكلا تۇيغۇ بېرىپ قويىدىكەن .
دېمىسىمۇ ھازىرغۇ  زىيالىيلارنىڭ ئاغزىدا شەھەر ئالىدىغان قۇرۇق گەپلىرىگە ئاۋاممۇ ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ.

0

تېما

0

دوست

223

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   74.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34511
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 68
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-23 13:36:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھەقىقەتەن قۇتلۇقلاشقا تېگىشلىك پائالىيەت بوپتۇ...بارىكاللا!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )