قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 865|ئىنكاس: 10
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

‹‹لوپنۇر››،‹‹لوپ مەدەنىيتى›› ۋە لوپ ناھىيەسى توغىرسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

6

دوست

1491

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   49.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31651
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 456
توردىكى ۋاقتى: 173
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-26
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
‹لوپنور› ،‹لوپ مەدەنىيتى›ۋە لوپ ناھىيسى توغىرسىدا


    ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنۇم ئۇبلاستىدىكى لوپنور، چەر چەن، چاقىلىق قاتارلىق جايلار ئىنسانلارنىڭ ئەڭ قەدىمى پائالىيەت ئېلىپ بارغان ماكانلىرىدىن بىرى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان جۇڭگۇ ۋە خەلىقئارادىكى ئالىم، تەتقىقاتچىلارنىڭ كۈچلۈك دىققەت-ئىتىۋارىنى قوزغاپ كەلگەن ئىدى. ئۆتكەن يىلى لوپنوردا «تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ لوپنورلۇقلارمەدەنىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» لوپنورناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەربىرلەشمىسىنىڭ كونكرېت تەشكىللىشى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلدى. بۇ ماھىيەتتتە نۇقۇل ھالدىكى لوپنور مەدىنىيتىنى تەتقىق قىلىشلا بولماستىن بەلكى پۈتكۈل مىللى مەدىنىيتىمىزنىڭ يىلتىزى، تۇپرىقى بولغان تارىم مەدىنىيتىنى تەتقىققىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشمىزدىكى يەنە بىرمۇھىم قەدەم ھىساپلىنىدۇ.
     يىللاردىن بىرى بىرقىسىم ئالىملار، تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇتېما ئۈستىدە كوپ تەرەپلىمە  تەتقىقاتلارنى ئىلىپ بىرىشى،‹لوپنور›،‹لوپلۇقلار›‹لوپ مەدەنىيىتى› ھەققىدىكى ئىزدىنىشلەرنىڭ بارغانسىرى چوڭقۇرلىششىغا ئەگىشىپ نىمە ئۈچۈن لوپنور رايۇنىنىڭ نەچچە يۈز كىلومىتىر غەربىدە يەنە ‹لوپ› دىگەن ئاتالغۇ پەيدابولغان؟‹‹لوپنور››، ‹‹لوپ مەدىنىيتى››، ‹‹لوپلۇقلار›› قاتارلىق ئاتالغۇلارنىڭ خۇتەن ۋىلايىتىدىكى لوپ ناھىيسى ئوتتۇرسىدا باغلىنىش بارمۇ-يوق؟ دىگەن مەسىلەبارغانسىرى كىشىلەرنىڭ دىققەت-ئىتىۋارىنى قوزغاشقا باشلىدى.شۇڭا مەن لوپ ناھىيەسىدە تۇغۇلۇپ ياشىغانلىقىم ،ناھىيە تارىخى توغىرسىدىكى ماتىرياللار ئۈستىدە ئىزدىنىپ كىلىۋاتقانلىقىم ھەم يىقىنقى يىللاردىن بۇيان كىتاب،گىزىت- ژورناللاردا ئىلان قىلىنغان لوپنۇر، لوپنورمەدەنىيتى توغىرسىدىكى ماتىرياللارنى كۈرۈش، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇ ھەقتە مەلۇم تۇنۇشلارغا ئىگە بولغانلىقىم ئۈچۈن بۇ مەسىلە توغىرسىدىكى دەسلەپقى قاراشلىرىمنى مۇشۇ ساھەدە ئىزدىنىۋاتقان تەتقىقاتچىلار ۋە ئۇقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
1
   ئۇزۇن تارىحى دەۋىرلەردىن بۇيان تارىم دەرياسى، كۆنچى دەرياسى، چەرچەن، مىرەن دەريالىرىدىن ئېقىپ كەلگەن سۇتاراملىرى قۇملۇقلار ئارىسىدىن ئېقىپ ئۆتۈپ، لوپنور كۆلىگە قۇيۇلۇپ، مول سۇزاپىسىنى ھاسىل قىلىپ، لوپنور كۆلىنىڭ ئەتراپلىرىدا نۇرغۇن بوستانلىقلارنى شەكىللەندۈرۈپ،تارىم ئويمانلىقىدىكى ئەجداتلىرىمىز ئۈچۈن موھىم ھاياتلىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلىگەن. شۇڭا لوپنور قەدىمقى ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ موھىم نوقتىسى بولۇپ قالغان.دۇنياغا مەشھۇر بولغان يىپەك يولىنىڭ جەنۇبى ئوتتۇرا تارماق يولى بۇيەردىن ئۆتۈپ، شەرىق بىلەن غەرىپنىڭ مەدىنىيەت ئالماشتۇرىشىداموھىم كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان. نۇرغۇن قەدىمى مىللەتلەر، دىنلار ۋە مەدەنىيەت ئامىللىرى ئۆز- ئارا بۇ رايوندا ئۇچرۇشۇپ، تارىم مەدەنىيىتىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى ياراتقان.
    بۇمەنىدىن ئالغاندا‹‹لوپنور››ۋە ‹‹لوپمەدىنىيتى››،لوپلۇقلار››قاتارلىق ئاتالغۇلارنىڭ ئوز-ئارا مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىش ئاددى بىر تەتقىقات تۈرى ئەمەس.بۇلۇپمۇ لوپنور رايۇنىدا ياشاپ ئوتكەنئىنسانلارنىڭ تارىخى ئۇزۇن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇرايۇندىكى ئىنسانلار مەدىنىيتىگەدائىر نۇرغۇنلىغان سىر-ھىكمەتلەر تىخى ئىچىلغىنى يوق.بۇرايۇننىڭ تارىخى، جۇغراپىيلىك ئەھۋالى جەھەتتىكى ئوزگىرىشلەرمۇ بىرقەدەر مۇرەككەپ.بۇ تىمىنىڭ دائىرىسى ناھايىتىكەڭ .بىرەر ئىككى پارچە ماقالە ئارقىلىق بۇتىمىنى ھەرگىز يۇرۇتۇپ بەرگىلى بولمايدۇ. شۇڭا بىز ماقالىمىزدا ئالدى بىلەن‹‹لوپنور››،‹‹لوپ مەدىنىيتى ›› ، ‹‹لوپلۇقلار ›› دىگەن ئاتالغۇلارنىڭ تۇمۇرى بولغان‹‹لوپ››دىگەن ئاتالغۇ ئۈستىدىلا توختىلىمىز،
2
   چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلوڭ زامانىسىدىن تارتىپ، تاھازىرغىچە ‹لوپنور› ياكى ‹لوپ› سۆزىنىڭ ئېتمولۇگىيىسى توغرسىدا نۇرغۇن تالاش-تارتىش ، بىر نەچچە خىل قاراش ۋە پەرەزلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلدى. مۇشۇ داۋامىدا‹‹لوپ›› سۆزىنىڭ مەنىسىنى تېپىش ئۈچۈن، رۇسىيەلىك رادلوۋ،مالوۋ، ئۇدۇنشۇناس خۋاڭ ۋىنبىن، ئۇيغۇرشۇناس نيۇروچىن، موڭغۇل لوپنورشۇناس گاردىنباتىر، مەشھۇر لوپنورشۇناس سىۋىن ھېدىن قاتارلىق زاتلار كۆپ ئەجىر قىلدى. لېكىن‹‹لوپ›› سۆزىنىڭ ئېتمولوگىيەلىك مەنىسىنى ئەڭ توغرا چۈشەندۈرگۈچى روسىيلىك رادلوۋبولدى. ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا تېرىم بويلىرىغا ئائىت تۈركىي يېزىقىدىكى ماتېرىياللارنى كۆرۈش ئاساسىدا ‹‹لوپ›› سۆزىنى قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹‹لاپ›› (نەملىك، سۇيىغىلىش) ‹‹لەب››، ‹‹ناب›› (سۇ كۆلچىكى) سۆزىنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسى بىلەن ئالىم،سەيياھلارنىڭ لوپنور رايونىدىكى جۇغراپىيەلىك كۆزىتىش، كارتوگىرا فىيەلىكسېلىشتۇرۇشلىرىغا ئاساسەن ئىلمىي خۇلاسە چىقىرىپ ‹‹سۇ يىغىلىش››، ‹‹سۇ تىندۇرمىلىرى›› دېگەن ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويدى. قەدىمكى زاماندىكى خەنزۇمەنبەلىرىدىكى ‹‹دەريا ئېقىنلار ھەققىدە پۈتمە›› دېگەن رىسالىدە ‹‹لوپ ئۇيغۇرلىرى تىلىدا لوپ سۆزى يىغىلغان سۇ دېيىلىدۇ›› دەپ پۈتۈلگەنلىكى ئىسپاتلاندى. ئەڭ ئاخىرى ئالىم رادلوۋنىڭ ئىسپاتى دۇنيا جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىندى (1)
بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم تەرەپ‹‹لوپ››دىگەن سوزنىڭ بۇرۇنقى نۇرعۇن تەتقىقاتچىلارئوتتۇرىغا قويعان باشقا مىللەت تىللىرىدىكى ھەرخىل شەرھىلەردىكىدەك بولماستىن بەلكى قەدىمى ئۇيغۇرتىلىدىن كەلگەنلىكىدە. تارىخى ماتىرياللارغا ئاساسلا نغاندا ‹‹لوپ››دىگەن ئاتالغۇ مىلادىنىڭ بىشىدىلا چاقىلىق ناھىيسى تەۋەسىدە مەۋجۇت بۇلۇپ دەسلەپتە ‹‹نوپ››دەپ تەلەپپۇز قىلىنىپ كىيىنچە ‹لوپ›› دەپ تەلەپپۇزقىلىنغان ۋە ھازىرغىچە شۇنداق تەلەپپۇز قىلىش داۋاملىشىپ كەلگەن. ‹‹لوپ››دىگەن ئاتالعۇباشتا چاقىلىقنىڭ بىر قىسىم شەھەربازارلىرىنى كۆرسەتكەن بولسا ئوتتۇرا ئەسىرلەرگە كەلگەندە ۋاش شەھرى كونا شەھرىنىيەنى يازمىلاردىكى مەشھۇر لوپ قەدىمى شەھرىنى كۆرسىتىدىغان بولغان.‹‹لوپ››ئاتالعۇسىنىڭ دەسلەپتە پەيدا بولعان ئورنىعا كەلسەك ئۇنىڭ جۇغراپىيەنوقتىسىدىن قارىغاندا، تارىم دەرياسى، كۆنچى دەرياسى ۋە چەرچەن دەريالىرىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىنلىرىدىكى قەدىمدىن بۇيانقى لوپنور كۆلى رايونى ھەقىقىتەن يۇقۇردىكى دەريالارنىڭ سۇلىرى يىعىلىپ توپلىشىدىعان دائىرە بولعاچقا تارىحتابۇجايلارعا‹‹لوپ›ئاتالعۇسى بىلەن ئاتالعان.
    ‹‹لوپنور››دىگەن ئاتالغۇغا كەلسەك، قەدىمدىن بۇيانقى لوپنور كۆلى رايونى، جۈملىدىن تارىم دەرياسى، كۆنچى دەرياسى ۋە چەرچەندەر يالىرىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىنلىرىدىكى بوستانلىقلارنى كورسىتىدۇ.‹لوپنور›ئاتالغۇسى ھەرگىزمۇ ھازىرقى لوپنورناھىيسى دائىرسى بىلەن چەكلەنمەيدۇ. ھازىرئورتاق ئىشلىتىلىۋاتقان «لوپنۇر» دېگەن سۆزدە ئىملا خاتالىقى بار، ئەسلى توغرىسى«لوپنور» بولۇشى كېرەك. پاكىت شۇكى، بۇ يۇرت تارىختىن بېرى لوپ دەپ ئاتىلىپ كەلگەن، يېڭى زاماندا خوتەننىڭ لوپ ناھىيەسىگە ئوخشاپ قالماسلىقى ئۈچۈن، لوپ دېگەن سۆزگە موڭغۇلچە كۆل مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «نور» دېگەن سۆز قوشۇپ ياسالغان. كېيىن ئېغىز تىلىدا «نور» سۆزى«نۇر» غا ئۆزگىرىپ ھازىرقى «لوپنۇر»غا ئايلىنىپ قالدى،شۇڭاتوغرىسى «لوپنور» بولۇشى كېرەك.(2)
      لوپنورنىڭ ئۆزگىچە تارىخى ئوزگىچە ئالاھىدىلىككەئىگە بۇلۇپ، ئۇزۇن ئۆتمۈشتە لوپنور دىيارىدا قەدىمىي كروران دۆلىتى مەۋجۇت بولغان،يەنە كېيىن يىللارنىڭ ئۆتۈشى، قۇملارنىڭ كۆچۈشى قاتارلىق نۇرغۇن سەۋەبلەر بىلەن بۇدۆلەت يوقاپ كەتكەن. كېيىن سىۋېن ھېدىن قاتارلىق ئىكىسپىدىتسىيەچىلەرنىڭ  بايقىشى بىلەن قايتىدىن دۇنياغا تونۇلغاندىن كېيىن، ئىلىم دۇنياسىدا كروران دۆلىتى ۋەكروران دۆلىتى جايلاشقان لوپنورغا نىسبەتەن زور قىزىقىش پەيدا بولغان، چۈنكى بۇرايون ئەينى ۋاقىتتا يىپەك يولىنىڭ جەنۇبىي بۆلىكىدىكى مۇھىم بىر ئۆتەڭ بولغاچقا،ئاسىيا-ياۋروپا مەدەنىيەت مۇناسىۋېتىنىڭ ئۆتۈشۈشىدىكى نۇرغۇن تارىخىي ئۇچۇرلارمۇشۇجايغا كۆمۈلۈپ قالغان، شۇڭا تارىخچىلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ.
‹‹لوپنورمەدىنىيتى››ئۇقۇمى بۇلسا،لوپنورناھىيەسىنىلا ئەمەس،ئۇنىڭ ئەتراپتىكى چاقىلىق،چەرچەن،بۈگۈر،كۇچا،كورلاقاتارلىق يۇرتلارنىڭ بىر قىسىم لوپقا مۇناسىۋەتلىك سەنئەت، تىل، تارىخ، فولكلور قاتارلىقمەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ، بۇ ھەقىقىي لوپ مەدەنىيىتى چەمبىرىكىنى كۆسىتىدۇ.
      ‹‹ چاقىلىق ناھىيىسى تەزكىرىسى ›› دە  ”1797- يىلى باھاردالوپنور كۆلى  رايۇنىدايۇقۇملۇق كېسەل تارقىلىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇن لوپلۇق ئاھالە يۇقۇملىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن، ھايات قالغانلىرى بۈگۈنكى لوپ (洛浦) ۋە لوپنور(尉犁) قاتارلىق جايلارغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان، بىر قىسمى ئابدالدائولتۇراقلاشقان“دىيىلگەن. بىزگە ھازىرچە بۇ قاراشنىڭ قانچىلىك ئىشەنچىلىك مەنبەدىن كەلگەنلىگى نامەلۇم ، ئەمما لوپ رايۇنىدا بىر قانچە قېتىملىق يۇقۇملۇق كېسەل تارقىلىپ نۇرغۇن ئاھالىنىڭ قىرىلىپ كەتكەنلىگى ھەقىقەت، تاكى يېقىنقى كۈنلەرگىچەلوپلۇقلارنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلدىن قورقۇش دەرىجىسىنىڭ ئىنتايىن چوڭلۇقى شۇ تارىخى يىللاردىكى دەھشەتلىك يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىدا قالدۇرغان ئاسارەت ئىكەنلىگىنى كۆرۈۋېلىش مۈمكىن. ‹‹ چاقىلىق ناھىيىسى تەزكىر ىسى ››نىڭ بىزگە بەرگەن يۇقارقى ئۇچۇرى بەلكىم ئەينى يىللاردا خاتىرىلەنگەن خەنزۇچە مەنبە ئاساسىداچىقىرىلىغان يەكۈن بۇلۇشى مۈمكىن ، بىز ئىمكان بار ئەسلى مەنبەنى تېپىپ چاقىلىق ناھىيىسىكى لوپ نامىنىڭ قانداقچە خوتەن ۋىلايىتىدە قوللۇنۇشقا باشلىغانلىغىنى چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىپ كۆرۈشىمىزگە توعرا كىلىدۇ . (3)
خوتەن ۋىلايىتىدىكى لوپ ناھىيىسىنىڭ نامىغاكەلسەك بۇ ناممۇ بىۋاستە چاقىلىقتىن ئىبارەت لوپ نامىنىڭ قەدىمى ماكانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلىشى مۈمكىن . 1885 – يىلى چاقىلىق لوپلۇقلىرىنى ۋە خوتەننىڭ لوپكەنتىنى كېزىپ چىققان ئاتاقلىق روس ئېكىسپىدىتسىيىچىسى پېرژىۋالىسكىمۇ خوتەن ئاھالىلىرى توغرىلىق توختىلىپ ” ئاھالىلەرئىچىدە لوپ ۋە ھانگۇي كەنتىدىكىلەردىن باشقىلار ھەممىسى ماچىنلىقتۇر. لوپ كەنتىدىكى ئاھالىلەر لوپ كۆلىنىڭ جەنۇبىدىكى لوپ شەھرى ۋەيران بولغاندا شۇ جايدىنقېچىپ چىققان كىشىلەرنىڭ ئەۋلاتلىرى “ دەپ قارىغىنىغا ئوخشاش بەزى رىۋايەت ۋەتەتقىقاتلاردا خوتەن ۋىلايىتىدىكى لوپ ناھىيىسى نامىنىڭ چاقىلىق ناھىيىسىدىكى لوپنامى بىلەن بىۋاستە مەنبەداشلىققا ئىگە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ.(4)
چاقىلىق ناھىيىسى تەۋەسىدە لوپ نامىنىڭ مىلادىنىڭ بېشىدىن باشلاپ مەۋجۇت بولغانلىغىنى ، لوپ ناھىيىسى نامىنىڭ كېيىنكى دەۋرلەردە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا ‹لوپ› ئاتالغۇسىنىڭ ئەسلىمەنبەسىنىڭ چاقىلىق ناھىيىسى ئىكە نلىگىنى دەسلەپكى قەدەمدە چۈشەنچە ھاسىل قىلىش مۈمكىن.
يۇقىردائالىملار،تەتقىقاتچىلارنىڭ‹لوپ›،‹لوپنور›،‹لوپنورلۇقلار›،‹لوپ مەدىنىيتى› قاتارلىق ئاتالغۇلار توغىرسىدىكى بايانلىرى ئارقىلىق بۇ ئاتالغۇلار توغىرسىدا دەسلەپقى قەدەمدە چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇق.ئەمدى نەزىرىمىزنى يۇقىردىكى ‹لوپ››ئاتالغۇسى بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن يەنە بىر يۇرت-خۇتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيەسىگە ئاغدۇرىمىز.
3
    خۇتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيسى-كوئىنلۈن تىغىنىڭ شىمالى تىزمىسىغا، تارىم ئويمانلىغىنىڭ غەربى جەنۈبىغا جايلاشقان. جەنۈبى كوئىنلۈن تىغى بىلەن تۇتۇشىدۇ. غەربى تەرپى يۈرۈڭقاش دەرياسى بىلەن چىگىررلىنىپ خوتەن ناھىيسى، خوتەن شەھىرى بىلەن قارىشىپ تۇرۇدۇ. خۇتەن شەھىرى بىلەن ئارىلىق 20كىلومىتىر،  شەرقى تەرەپتىن چىرا ناھىيسىبىلەن چىگىرلىنىدۇ. چىرا ناھىيسى بىلەن ئارىلىقى 75كىلومىتىر، شىمالى تەرەپتەتەكلىماكان چۈلىگە تۇتۇشۇپ ئاقسۇ ۋە ئاۋات ناھىيلىرى بىلەن چىگىرلىنىدۇ. جەنۈپتىنشىمالغا ئۈزۈنلىغى 337.5 كىلومىتىر، شەرىقتىن غەرىپكە كەڭلىگى 24.9   كىلومىتىر دىن67.5 كىلومىتىر غىچە كىلىدۈ.315-نۇمۇرلۇق دۆلەت يۇلى بۇ ناھىينى شەرىقتىن غەرىپكە كىسىپ ئۈتىدۇ. ئۇمۇمى يەركۈلۈمى13مىڭ 572كۈادىرات كىلومىتىر، بۈنىڭدىن تاغلىق رايۈن%10.4نى، يىشىللق كۈلۈمى%5.6نى، چول %84 نى ئىگەللەيدۈ. ناھىيدە  8يىزا، بىر بازا،207كەنتە،240 مىڭ649 نۇپۇسبار.(5)
     لوپ ناھىيسى جۇغراپىيلىك ئۇرۇن جەھەتتەكوئىنلۈن تىغىنىڭ شىمالى تىزمىسى ئالدىدىكى يانتۇ تۈزلەڭلىككە جايلاشقان. يەر شەكلى جەنۇپتىن شىمالغا يانتۇ شەكلىدە بۇلۇپ غەربى جەنۇبى تەرپىي ئىگىز، شەرقى شىمال تەرىپى پەس، بۇناھىيە تەۋەسەگە قايلاشقان تاغلىق رايۇن دېڭىز يۈزىدىن 3مىڭ300مىتىر ئىگىز،بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئىگىز چۇققا تىكىلىك تاغ چۇققىسى بۇلۇپ دىڭېزيۈزىدىن ئىگىزلىكى5مىڭ466 مىتىركىلىدۇ.
ئوتتۇرا قىسمى يىشىللىق رايۇن بۇلۇپ، يۇرۇڭقاش دەريا ھاۋزىسىنىڭ شەرەق تەرەپتىكى قىيپاش تۈزلەڭلىك بەلبىغى ھىساپلىنىدۇ.   
      بۇزېمىن قەدىمدىن  بۇيان ئۇدۇن دۆلىتىنىڭ دېھقانچىلىق ،چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق، باغۋەنچىلىك تەرەققى قىلغان مەركىزى رايۇنلىرىنىڭ بىرى بۇلۇپ كەلگەن. بۇ رايۇننىڭ دىڭىز يۈزىدىن ئوتتۇچە ئىگىزلىكى 1300-1500مىتىركىلىدۇ. شەرقى شىمالى تەرپى  تەكلىماكان چۈلىگە تۇتىشىدىغان چۆللۈك بۇلۇپ يەر تۈزۈلىشى پەس . يۇقارقىدەك ئالاھىدىلىكلەرتۈپەيلىدىن ئوكلۇن ئۆزگىرىش پەرقى ناھايىتى چوڭ، تاغلىق رايۇننىڭ ئوكلۇنى چوڭ،ئوتتۇرا قىسىمدىكى يېشىللىق رايۇننىڭ ئوكلۇنى كىچىك، چۆللۈكتىكى ئوكلۇن يوق دىيەرلىك.
      كىلىمات جەھەتتە قۇرۇقلۇق خاراكتىرىدىكى تۇراقلىق ھاۋا،تۆت پەسىلى رۇشەن پەرىقلىنىدۇ.كىچە بىلەن كۈندۈز تىمپىراتۇا پەرقى چوڭ، قېروسىز مەزگىلى ئۇزۇن، كۈن نۇرى ۋە ئىسسىقلىق بايلىقى بىرقەدەر مول ،ھۆل-يىغىن مىقدارى ئاز، شىمالى قىسمى قۇملۇق چول بۇلۇپ بۇ يەر چول خاراكتىرلىق قورغاق ھاۋا كىلىماتىغا كىرىدۇ.بۇناھىيە دىكى ئاھالىلەر ئولتۇراقلاشقان ئوتتۇراقىسىم رايۇننىڭ %70زېمىنى 80-يىللاردىن ئىلگىرى زەي، شور قاپلىغان بۇلۇپ لوپ خەلقىنىڭ 80-يىللارنىڭ باشلىرىدابىر نەچچە يىل ئۇدا بۇشاشماي ناھىيە بۇيچەجەنۇپتىن شىمالغا سۇزۇلغان‹‹ ئۈچ ئانا زەيدان›› قۇرۇلۇشىنى ئىلىپ بىرىپ پۈتۈن ناھىيە نىڭ يېزا ئىگىلىكىگە تەھدىت سىلىپ كىلىۋاتقان زەي، شور ئاپىتىگە خاتىمەبەردى. پارتىيە ۋە ھۈكۈمەتنىڭ قوللىشى ۋە خەلىق ئاممىسىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى  جاپالىق ئەمگەكلىرىنىڭ نەتىجىسىدەناھىيەنىڭ تەبئى شارائىتى ، ئىكىلوگىيلىك مۇھىتىدا ھازىر ئالەم شۇمۇلئۆزگىرىشلەربارلىققا كەلدى.
4
    تارىخى ماتىرياللارغا نەزەر سالىدىغان بولساق‹‹لوپ ناھىيسىنىڭ خەرىتىلىك يەر ناملىرى تەزكىرىسى›› دە : غەربى خەن سۇلالىسى دەۋرىدەھازىرقى لوپ ناھىيسىنىڭ شەرقى زىمىنى يۈيمى (ئۇزۇنتاتى) دولىتىگە، غەربىزىمىنى ئۇدۇن دولىتىگە تەۋە ئىدى، خەن سۇلالىسىنىڭ شىڭ جۋە 2-يىلى(مىلادىدىنبۇرۇنقى 59-يىلى) قۇرىغار دۇخۇسىنىڭ قارمىغىدىكى ئۇدۇن دولىتىگە تەۋە بولدى.لوپناھىيسى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى گۇاڭشۈينىڭ 28-يىلى(مىلادى 1902-ۇىلى) قۇرۇلۇپ ئورنىلوپ كەنتىگە جايلاشقانلىقى ئۈچۈن لوپ ناھىيسى دەپ ئاتالغان.تارىختا لوپ يۇرۇڭقاشكەنىت (ئۇدۇن دولىتىدىكى ئالتە شەھەرنىڭ بىرسى) گە قاراشلىق ئىككى مەھەللىنىڭ بىرىئىدى، دەپ يىزىلغان.
يەنە مۇشۇ كىتاپتا ؛ چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپقىمەزگىلىدە يۇرۇڭقاش ئالتە شەھەرنىڭ بىرى بولغان خۇتەنگە تەۋە بۇلۇپ يۇرۇڭقاش كەنتدەپ ئاتىلاتتى. ‹‹شىنجاڭدىكى چوڭ ۋەقەلەر خاتىرسى›› دە ‹‹يۇرۇڭقاش شەھەر سىپىلىسۇقۇلمىغان، ئۇ ئالتە شەھەرنىڭ بىرىنىڭ ئىچىدە بۇلۇپ ‹‹شۇپۇر›› (ھازىرقى سامپۇلكەنتە)، بۇيى، (بۇيا) كەنتىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دەپ ئىزاھلانغان.
    دىمەك ،مىڭ سۈلالىسى دەۋرىدىكى خەنزۈچە كىتاپلار ۋە مىللى يىزىقتىكى ئەسەر، ماقالىلاردا«لوپ» دېگەن ئىسىم تىلغا ئىلىنمىغان، 18-ئەسىردىمۈ لوپ تېخى ئانچە چوڭ كەنتەھىساپلانمايتتى. شۈڭا1763 -يىلدىن1771-يىلغىچە يېزىپ تاماملانغان«غەربى دىيارنىڭ ئاممىباب تەزكىرىسى»گىمۈ «لوپ» دېگەن ئىسىم كىرگۈزۈلمىگەن، لېكىن بۇ تەزكىرىگە شۇچاغدا خوتەندىكىئالتەبازارنىڭ بىرى بولغان يۈرۈڭقاش كىرگۈزۈلگەن.(6)
    1821-يىلى يېزىپ تاماملانغان «شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تۇنۇشتۇرلىشى» دىگەن  كىتاپتا لوپ دىگەن ئاتالغۇ تۇنجى قېتىم  تىلغا ئېلىنغان . بۇنىڭدىن باشقا مىنگۇنىڭ38-يىلى (1944-يىلى11-ئايدا) يېزىلغان «لوپ ناھىيسىنىڭ يەرلىك ئاپتۇنومىيەئەھۋالىنى مەلۇم قىلىش توغرىسىدىكى دوكلات» تا مۇنداق دىيىلگەن :« ناھىيە تەسىسقىلىشتىن بۇرۇن لوپ بىر كەنتە بۇلۇپ، 20-30 دەك ئائىلە بار ئىكەن . ئۇ ۋاقىتلاردالوپنىڭ مۇھىم قاتناش يوللىرى ۋە سىياسى، ئىىتىساد، مەدەنىيەت مەركىزىي سامپۇلدابۇلۇپ كېرىيە ناھىيسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولغان. 1902-يىلى ناھىيەقۇرۇلغاندا  ناھىيە بازىرى ھازىرقى ئۇرۇنغامۇقۇمدىلىنىپ ناھىيە نامى لوپ دەپ ئاتالغان دىيىلگەن .»(7)
     1902 -يىلى لوپ ناھىيسى قۇرۇلغاندا ‹خۇتەننىڭ شەرقىدىن يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى 15كەنتىنى، كېرىيەنىڭ غەربىدىن ‹‹يېكەن لەڭگىرى›› نىڭ غەربىدىكى23 كەنتىنى لوپقا ئايرىپ بىرىپ ناھىيە قۇرۇلغان. شۇ چاغدالوپ ناھىيەسى سامپۇل مىڭ بەگلىكى، ئالتىلە مىڭ بەگلىكى، تەۋەككۇل مىڭ بەگلىكىدىگەن ئۈچ مىڭ بەگلىككە ئايرىلغان.(8)
     لوپ ناھىيەسىنىڭ ناھىيە بۇلۇپ قۇرۇلىشى توغىرسىدىكى يۇقارقى مۇھىم بىربايان ئۈستىدە بىر مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ئۈتۈشكەتوغرا كىلىدۇ. بارلىق خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ماتىرياللاردا يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭشەرقىدىكى 15 كەنتىنى ،كېرىيەنىڭ غەربىدىكى 23كەنتىنى ئايرىپ لوپ ناھىيەقۇرۇلغانلىقى يىزىلغان. ئەمما يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى،كىرىيەنىڭ غەربىدىكىدىگەندە ئەمەلىيەتتە مۇشۇنداق بولغاندا يەنى ئىككى تەرەپ بىر يەرگە كەلسە ئۇ تەبئىھالدا بىر ئۇرۇن بولغان بۇلىدۇ. ئەمما بۇنى شەرقىدە ، غەربىدە دەپ ئايرىشتا  چىگرسى قايسى جاي ياكى قايسى شەرتلىك بەلگەئاساس قىلىنىغان  دىگەن مەسىلە ھازىرغىچەئايدىڭ بولماي كەلدى.
1908- يىلى لوپ ناھىيەسىنىڭ دىۋانبىگىلىق مەنسىپىدە ئولتۇرغان جۇن چىڭيۈەن يازغان‹‹لوپ ناھىيەسىنىڭ يۇرتتەزكىرىسى››دە ؛ ناھىيە ئۈچ مىڭلىققا بۈلىنىدۇ،(ئۇيغۇرلار 1000 ئائىلىنى بىرمىڭلىك دەيدۇ) بىرى سامپۇل مىڭلىقى بۇلۇپ ئۇنىڭغا 23 كەنىت قارايدۇ، كىرىيەناھىيەسىدىن ئايرىپ بىرىلگەن. يەنە بىرى ئاتلان مىڭلىقى، بۇنىڭغا 14كەنىت قارايدۇ.بۇنى خۇتەن ئايمىقى ئايرىپ بەرگەن بۇلۇپ ناھىيەنىڭ غەربى زىمىنى بۇلۇپھىساپلىنىدۇ. گىجا كەنتىدىكى چوڭ ئۆستەڭ ۋە ئۇنىڭ تۈەن ئېقىنىدىكى بۇلاق سۈيىئاقىدىغان ئىرىق-ئوستەڭلەر خۇتەن بىلەن كېرىيەنىڭ كونا چىگرىسى دەپ يازغان.(9)جۇن چىڭيۈەن تىلغا ئالغان چوڭ ئوستەڭ دەل ھازىرقى دولەت 315-نۇمۇرلۇق يۇلىنىڭ چاھارباغيېزىسى بىلەن بۇيا يېزىسىنى ئايرىپ تۇردىغان قارا سۇ ئوستەڭ (ھاڭگى ئۆستىڭى)ىدىنئىبارەت. بۇ قەدىمى ئىقىن مىلادىدىن ئىلگىركى ۋاقىتلاردىن باشلاپ ئۇدۇن بەگلىكى ۋەئۇزۇنتات بەگلىكى نىڭمۇ ئايرىلىدىغان چىگىرسى بۇلۇپ كەلگەن.
5
ئەمدى بىز ياشاۋاتقان بۇ زىمنىنىڭ قانداق بۇلۇپلوپ ناھىيسى دەپ ئاتىلىپ قالغانلىقى ۋە ‹لوپنور› ئاتالغۇسى بىلەن بولغانمۇناسىۋىتى ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلىۋاتقان ۋاقتىمىزدا، لوپنۇر ئاتالغۇسى بىلەن لوپناھىيەسىنىڭ ‹لوپ› نامىنىڭ پەيدا بۇلىشى توغىرسىدا چۇقۇم باغلىنىش بارلىقىنىمۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بەزى ئوزگىچە بولغان مەسىللەرنىبايقايمىز. بۇنىڭ بىرسى، ئەينى ۋاقىتتا كۆچۈپ كەلگەن لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئوزيۇرتلىرىدىن كۈچۈپ چىققاندىن كىيىن ئىلگىرى ئوزلىرى ياشىغان جۇغراپىيلىكئالاھىدىلىكلەرگە ئوخشايدىغان قورغاق، چۆللۈك، زەيلىك ، سۇ يىغىلىپ قالغان تەبئىمۇھىتنى ئوزلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتى قىلىپ تاللىغانلىقى، چۈنكى كۆچكەندىن كىيىن ئۇلارباشقا مۇھىتتىكى جايلارنى تاللىمىغان. يەنى ئۇلار دەسلەپتىلا يەرلىك ئاھالىلاركۆجۈم ياشىغان ئاھالىلەر رايۇننى ياكى شۇچاغدىكى شەھەر، بازارلارنى ياشاشتىكىتاللاش ئۇبىكتى قىلىمغان. يەنە بىرسى، ئەگەر ئوز ۋاقتىدا لوپنۇرلۇقلار بۇ زېمىنغاكەلمىدى دىگەندىمۇ ياكى كۈچۈپ كەلمىگەن تەقدىردىمۇ ئەزەلدىن بۇ يەردە لوپنۇررايۇنىنىڭ تەبئى شارائىتىغا ئوخشايدىغان بىر زېمىن ئاللىقاچان مەۋجۇت ئىدى.
تىخىمۇ مۇھىمى شۇ چاغدىكى لوپنۇر رايۇنى بىلەن لوپ ناھىيسىنىڭ تەبئى شارائىتى توغىرسىدىكىبايانلار ئىچىدە كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان بىر ئوخشاشلىق بار،گەرچە‹‹لوپ››ئاتالغۇسى قەدىمى ئۇيغۇر تىلىدا‹‹سۇيىغىلىپ قالغان يەر››، ‹‹نەملىكيەر›› دىگەن مەنىدە بۇلۇپ ئاتالغۇ جەھەتتە لوپنور كۆلى رايونى، جۈملىدىن تارىمدەرياسى، كۆنچى دەرياسى ۋە چەرچەن دەريالىرىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىنلىرىدىكىبوستانلىقلارنى كورسىەتسىمۇ جۇغراپىيلىك ئورنى جەھەتتە لوپ ناھىيمىز بىلەنئارىلىقى خىلى يىراق. ئەمما ئەجەپلىنەرلىكى لوپ ناھىيسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىمزىمىنى بۇلۇپمۇ لوپ بازىرىنىڭ ئىلگىركى ۋاقىتلاردىكى سۇ يىغىلىپ قالغان، ئىغىردەرىجىدە زەيلەشكەن زىمىنىنىڭ كەڭ كەتكەن لوپنور رايۇنى زىمىنى بىلەن ئاساسەنئوخشاشلىقىدىن ئىبارەت. دىمەك، بىز گەرچە لوپ ناھىيەسى زېمىنىنىڭ ‹لوپ› دەپئاتىلىپ قىلىشىدا لوپنۇرلۇقلارنىڭ بۇ زېمىنغا كۈچۈپ كىلىشىنى ‹لوپ› دەپئاتىلىشىنىڭ ئاساسى سەۋەبى دەپ مۇقىملاشتۇغان بولساقمۇ يۇقارقى ئوخشاشلىقلارغاقاراپ لوپنۇرلۇقلار كۈچۈپ كەلمىگەن تەقدىردىمۇ قارىماققا بۇ زېمىننىڭ نامىنىيەنىلا ‹لوپ› دەپ ئاتىسا مۇۋاپىق بۇلىدىكەنغۇ دەپ قارىساق بۇلارمۇ دىگەن بىرپەرەزمۇ تۇغۇلىدۇ. قىسقىسى  بۇ يەردە ‹لوپ›دىگەن يەنى ‹‹سۇيىغىلىپ قالغان يەر››، ‹‹نەملىك يەر›› دىگەن بۇ ئاتالغۇ لوپناھىيسى زىمىنىدا يەنە ئوز مەنىسىنى تاپقان.
لوپ ناھىيسىنىڭ جۇغراپىيلىك ئەھۋالىدىن ئىلىپئىيتقاندا شىمالى تەرەپتە تارىم ئويمانلىقىغا تۇتۇشىدىغان بۇلغاچقا ئاساسلىقىچۆللۈك، قۇم دوڭلىرىدىن باشقىسى زەيلىشىپ كەتكەن تۇپراق. جەنۇبى تەرپى تاققاتۇتاشقان ھازىرقى سامپۇل يىزىسى، ناۋا يىزىسى كوپ قىسىم كەنىتلىرى ۋە چاھارباغيىزىسىنىڭ جەنۇبى تەرەپتىكى ئايدىڭكول كەنتىدىن باشلاپ قارقى كەنتىگىچە بولغان كونارەخمانپۇر ئىقىنى بۇيىغا جايلاشقان كەنتىلىرى، قارا سۇ ئىقىنى(ھاڭگىيا ئوستىڭى)بۇيىغا جايلاشقان  چاھارباغ يېزىسىنىڭتايلاق كەنتىدىن باشلاپ يا كەنىت،باش قۇمئىرىق كەنىت، بامى كەنت، قوچاق ئىرىقكەنىت، ئويلا،چاھارباغ كەنىت ،چوڭ كولبىشى كەنتىگىچە بولغان كەنتىلەر  ، بۇيا يېزىسى ، لوپ بازىرىنىڭ قىقاش كەنتىسى،ھاڭگىي يىزىسىنىڭ كونا ھاڭگىي دائىرسى، دول يىزىسىنىڭ يولچىكول ئەتىراپىقاتارلىقلاردىن باشقاجايلارنىڭ ھەممىسى 80-يىللارغىچە ئاساسەن زەيلىشىپ كەتكەن.سۇيىغىلىپ قالغان. لوپ ناھىيەلىك ئىستاستىكا ئىدارىسىنىڭ تارىخى ماتىريالىلىرىدىنقارىغاندا   60-يىلللاردا ناھىيە بۇيچەشال  تىرىلغۇ كۈلىمى ئەڭ كوپ بولغانيىللىرى 20 مىڭ 500 موغا يەتكەن. زېمىنى ئاساسەن قۇرۇقلۇق ھىساپلىنىدىغان چاھارباغيېزىسىدىمۇ 70-يىللاردىن بۇرۇن مىڭ مۇ ئەتىراپىدا شال تىرىلاتتى. ھەتتا خىلى بىرقىسىم يەرلەرگە سۇ يىغىلىپ قالغان زىمىن ئىدى.
تارىخى تىپىلمىلار، تەتقىقاتلار ۋە ئىجتىمائىنوقتىدىن قارىغاندا لوپ ناھىيسىنىڭ ھازىرقى زىمىنى قەدىمقى زامانلاردائىنسانلارنىڭ قايناق ھاياتلىق سەيناسى بولغان، شۇنداقلا جەنۇبى يىپەك يۇلىغاجايلاشقان مۇھىم جاي بۇلۇپ قەدىمقى ئۇدۇن دولىتىنىڭ مەركىزى پائالىيەترايۇنلىرىنىڭ بىرى بۇلۇپ كەلگەن. شۇڭا بۇ زېمىندا قەدىمدىن قالغان ئاسارە-ئەتىقەمىراسلىرىنىڭ ئورنى كەڭ، تارىخى، مەدەنى يادىكارلىقلار كوپ. ھازىرغىچە خوتەنۋىلايىتىدە بايقالغان گوۋۇيۈۋەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن دۆلەت دەرىجىلىك نوقتىلىققوغدىلىدىغان بەش مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى نوقتىسىدىن ئىككىسى ، يەنى دولەت ئىچىۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققەت-ئىتىۋارىنى قوزغىغان سامپۇل قەدىمىقەبىرستانلىقى، ئاقسىپىل قەدىمى مەدىنى يادىكارلىق ئورنىى قاتارلىقلار لوپ ناھىيسىزىمىنىدا، ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك نوقتىلق قوغدىلىدىغان مەدەنىي يادىكارلىقئورنىدىن ئىككىسى ، ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىدىن6 سى لوپ ناھىيە تەۋەسىدە بۇلىشى قاتارلىقلار لوپ زېمىنىنىڭ قەدىمكى ئۇدۇندولىتىنىڭ ئىقتىسات، مەدەنىيەت مەركىزى بۇلۇپ ئوتكەنلىكىنى كۈرۈۋالغىلى بۇلىدۇ.
شۇڭاگەرچە‹لوپ›تىن ئىبارەت بۇ زېمىننىڭ تارىخىتا تۇتقان جۇغراپىيلىك ئورنى ناھايىتىمۇھىم بولسىمۇ دائىرسى كىچىك، پارچە يىشىللىق ، بىر نەچچە كەنتىلەردىن ئىبارەتبولۇپ كۈپۈنچە ئۇدۇن ۋە ئۇزۇنتات دولەتلىرىنىڭ باشقۇرىشىدا بۇلۇپ كەلگەنلىكتىن‹لوپ› دىگەن بۇ ئىسىم ئۇدۇن، ئۇزۇنتات، كىرورەن دىگەن ئىسىملاردەك تەسىرگە ئىگەئەمەس.  مۇشۇلاردىن قارىغاندا ھازىرقى لوپدىگەن بۇ ئىسىمنىڭ مۇشۇ زىمىنغا نىسپىتەن تۇلىمۇ ياشلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. شۇڭا لوپدىگەن بۇ جاي ئىسمىنى تەتقىق قىلغاندا قەدىمى خۇتەن دىيارىدىكى جۇغراپىيلىكئۇمۇملۇق نوقتىسىدىن ئويلىشىشنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كىرەك.
لوپ ناھىيلىك خەلىق ھۈكۈمىتى 1983-يىلدىن1986-يىلى 10-ئايغىچە پىشىقەدەم، بىلىملىك ،ھەر ساھە كىشىلەردىن16 كىشدىن تەركىپتاپقان خىزمەت گۇرۇپىسى تەشكىللەپ 3يىلغا سۇزۇلغان پۈتۈن ناھىيە بۇيىچەيەرناملىرىنى كەنتە- مەھەللىلەرگىچە بىرىپ تەكشۈرۈش ئىلىپ بارغان.بۇداۋامىدا لوپناھىيسىنىڭ كىلىپ چىقىش تارىخى ، ناھىيە ئىچىدىكى يەر ناملىرى توغىرسىدابىرتەرەپتىن لوپ ناھىيسىگە ئالاقىدار بارلىق تارىخى ھۆججەتلەر، ئارخىپ-ماتىرياللارنى يىغپ پايدىلىنىش، يەنە بىرتەرەپتىن خەلىق ئارسىغا بىرىپ چوڭقۇرتەكشۈرۈپ –تەتقىق قىلىپ  لوپ ناھىيسىنىڭتارىخى، ۋە يەرناملىرى توغىرسىدا دەسلەپقى بىرىنچى قول ماتىرياللارغائىرىشكەن.ئاخىردا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلىق ھۈكۈمىتىنىڭ تەكشۈرۈپ بىكىتىشى ئارقىلىق‹‹لوپ ناھىيسىنىڭ خەرىتىلىك يەر ناملىرى تەزكىرىسى›› دىگەن كىتاپنى تۈزۈپ نەشىرقىلدۇرغان. مۇشۇ كىتاپتا ‹لوپ› دىگەن ئىسىمنىڭ پەيدا بۇلۇش مەنبئىى توغىرسىدامۇنداق دىيىلگەن:
لوپنىڭ كىلىپ چىقىش تارىخى ۋە مەنىسى ھەققىدەمۇنداق خىل چۈشەندۈرۈش بار، ئۇنىڭ بىرى ‹شىنجاڭنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرسىدە ‹لوپنىمۇسۇلمانلار(ئۇيغۇرلار) دولپۇر دەپ ئاتايدۇ. ئۇمۈرە، ئۇستىخان دىگەن › مەنىدەدىيلگەن. ئىككىنجىسى، يەناملىرىنى ئۇمۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە ئىسپاتلىنىشچە لوپ ئەسلىلوپنوردىگەن نامدىن كىلىپ چىققان، ئۇ توختام سۇ يىغىلىپ كۆلمەك بۇلۇپ قالغانسازلىق يەردىگەن مەنىدە.‹نۇر›قەدىمكى تۈرۈك تىلى ۋە ئۇيغۇرتىلىدا كول دىگەن مەنىدە(قەدىمكى تۈرك تىللىرى لۇغىتى،موسكىۋا1962-يىلى نەشىرى)‹چىڭگىزخاننىڭتەرجىمىھالى›ئاپتۇرى،مۇڭغۇل تارىخچىسى سەيشالىنىڭ ئىيتىشىچە،لوپ-مۇڭغۇلچەسۇيىغىلىپ قالغان سازلىق يەردىگەن مەنىدە. رىۋايەت قىلىنىشىچە،18-ئەسىرنىڭ بىشىدالوپنور رايۇنىنىڭ لوپ كەنتىدە،چارقىلىق بويلىرىدا(ھازىرقى چارقىلىق ناھىيسىنىڭشىمالىدا) ئەجەل خاراكتىرلىق چوڭ ۋاباكىسىلى تارقىلىپ، شۇچاغدا ھايات قالغانچارۋىچىلىق، بىلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچى ۋە ئۇنىڭ كوچمەنچى چارۋىچىلىرى بولغانلوپلۇقلار قىچىشقا مەجبۇر بۇلۇپ، ئىككى تارماققا بۈلۈنۈپ قاچقان. بىرتارمىقىشىمالدىكى قۇۇرق دەريا تەرەپكە قىچپ تەكلىماكان چۈلى بۇيىدىكى يىشىللىق تارىمۋادىسىغا بارغان، يەنە بىرتارمىقى غەرىپتىكى چەرچەن دەرياسىنى بويلاپ، چەرچەندىنئۈتۈپ، ھازىرقى لوپ بازىرى تۇرۇشلۇق يەردە ماكان تۇتقان. يەرلىك دىھقانلاربىلەنبىرلىشىپ بوزيەر ئاچقان ۋە لوپلۇقلار كەنتى دەپ نام ئىلىپ‹لوپ› دىگەن نامنىشەكىللەندۈرگەن.كىيىچە بىرقىسىم لوپلۇقلارئەسلى يۇرتىنى سىغىنىپ ماكانىغا قايتقانبولسىمۇ(1956-يىلى:شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنى تەكشۈرۈش:) لېكىن لوپ دىگەن نامھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە. (10)
لوپ دىگەن ئىسىمنىڭ پەيدا بۇلۇش مەنبىىتوغرىسىدا يەنە مەدەنىيەت يادىكارلىقلار تەتقىقاتچىسى،‹‹بۇددا ئىلىئۇدۇن››ماۋزۇلۇق كىتاپنىڭ ئاپتۇرى يولداش لى يىنپىڭ لوپ ناھىيلىك سىياسى كىڭەشكومتىتى 1993-يىلى تۈزگەن‹‹لوپ تارىخى ماتىرياللىرى››نىڭ1-قىسىم كىتاۋىغا بىسىلغان«لوپ دېگەن نامنىڭ تارىخى ۋە مەنىسى» ماۋزۈلۈق ماقالىسىدا ھازىرغىچە تەتقىقاتچىلارئارسىدا 3 تۈرلۈك قاراش ئوتتۈرىغا قۈيۈلغانلىغىنى ،بۈ 3خىل قاراش ئىچىدە2- خىلقاراش- يەنى لوپنۈرلۈقلار كۈچۈپ كەلگەچكە لوپ دېگەن نام پەيدا بولغان دېگەنقاراشنىڭ مەلۈم ئاساسى بار دىيىشكە بۈلۈدىغانلىقىنى ئوتتۈرىغا قويغان. ئۈدەلىللەپ  ؛ لوپنورلۇقلار كۈچۈپ كەلگەچكەلوپ كەنتە دىگەن ئىسىم پەيدا بولغان  دىگەنقاراشنىڭ مۇھىم ئاساسى بار دىيىشكە بۇلىدۇ . چۈنكى، 18-  19- ئەسىرلەردە  لوپنور كۆلى بۇيىدىكى سۇ پەيدىن-پەي ئازىيىپ،ئەتراپتىكى ئاھالىلەر تۈركۈم-تۈركۈملەپ كۆچۈپ كەتكەن . بۇ كۆچمەنلەر خوتەن دەرياسىياكى چەرچەن ئارقىلىق لوپقا كىلىپ ئولتۇراقلاشقان.  ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كىسەللىك تارقالغان يىللاردا كىشىلەركۆچمەنلەرنى لوپنورلۇقلار كەنتى دەپ ئاتىغاندىن كىيىن بۇ نام تەدرىجى ھالدائۇمۇملىشىپ قالغان››.
يۇقىردا كورسىتىپ ئۈتۈلگەندەك، لوپنورلۇقلارنىڭئوتكۈر يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر تۈپەيلىدىن كوچكەنلىكى توغىرسىدىكى بىر قەدەرئىشەنچىلىك ئاساسلارنىڭ بۇلىشى بىلەن بىللە لوپنۇردىن كەلگەن كوچمەنلەرنىڭ ھەقىقىتەنلوپقا كىلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغانلىقى توغىرسىدا لوپ ناھىيسىدە ئىشەنچىلىكمەلۇماتلار بولغان. 80-يىللارنىڭ بېشىدا  يەنى لوپ ناھىيلىك خەلىق ھۈكۈمىتى ناھىيە بۇيچە يەرناملىرىنى ئۇمۇميۈزلۈكتەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇۋاتقان مەزگىلدە مەن چاھارباغ يىزىلىق پارتىكۈمنىڭ كاتىۋىبولغاچقا مۇشۇ يېزىدىكى مۇشۇ يەر ناملىرىنى تەكشۈرۈش خىزمىىتگە قاتناشقان .مۇشۇۋاقىتتىكى بىر قىتىملىق يەرناملىرى تەكشۈرۈش توغىرسىدىكى سوھبەت داۋامىدا مۇشۇناھىيە نىڭ دول يېزىسىدا تۇغۇلۇپ ئوسكەن، شۇچاغلاردا لوپ ناھىيسىنىڭ مۇئاۋىنھاكىمى ۋە لوپ ناھىيلىك يەرناملىرىنى تەكشۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلىش گۇررۇپىسىنىڭباشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈتىۋاتقان يولداش مەترۇزى سادىقنىڭ ئىغىزىدىن لوپ بازىرنىڭھازىرقى ناھىيلىك سىمۇنىت زاۋۇتى جايلاشقان ئۇرنى يەنى غەربى جەنۇبى  تەرەپتىكى كەنتىدە لوپنوردىن كۈچۈپكەلگەنلەرنىڭ بىرنەچچە ئائىلىلىك ئەۋلاتلىرى بارلىقى توغىرسىدىكى سۈزىنى ئاڭلىغانئىدىم.
2013-يىلى8-ئايدا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلىقھۈكۈمىتىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرشىغا ئاساسەن شىنجاڭ ئۇنۋىرىستىتىنىڭ بىرتەكشۈرۈش گۇرپىسىىلوپ ناھىيمىزدە ‹لوپنور› بىلەن لوپ ناھىيسى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈپتەتقىق قىلدى. بۇ تەكشۈرۈش گۇرۇپسى كەلگەندىن كىيىن نا ھىيمىزدىكى ھەرساھەكىشىلەردىن مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە پىكىر ئالدى، تەكشۈرۈش ئىلىپ باردى.مەن شۇداۋامىدا بۇ تەكشۈرۈش گۇرپىسىدىكىلەرنى 80-يىللاردا ھىلىقى پىشىقەدەم ھاكىم نىڭئىغىزىدىن ئاڭلىغان لوپ بازىرىدا لوپنۇر دىن كۈچۈپ كەلگەنلەرنىڭ ئەۋلاتلىرىبارلىقى توغىرسىدىكى ئۇچۇربىلەن تەمىنلىدىم. شۇ قاتاردا ‹لوپنور›نىڭ لوپ ناھىيسىبىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغىرسىدا بىلىدىغان، ئاڭلىغان ئەھۋاللارنى سوزلەپبەردىم. تەكشۈرۈشنىڭ ئاخىردا ئۇلار مىنى سۈرەتلىك زىيارەت قىلدى، كىيىن مۇشۇتەكشۈرۈشكە قاتناشقانلاردىن ئۇقۇشىمچە مۇشۇ ئۇچۇر بۇيچە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشئارقىلىق بىر ئايغا يىقىن داۋاملاشقان بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ھازىرقى لوپبازىرىدا لوپنور رايۇنىدىن كۈچۈپ كەلگەنلەرنىڭ ئەجداتلىرىدىن بىر نەچچە ئائىلەبارلىقى ئىسپاتلىنپتۇ. ئۇلارنىڭ سوزلەپ بىرىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا بۇ كوچمەنلەرئەسلىدە لوپنور رايۇنىدىن تارىم دەرياسىنى بويلاپ كەلگەن بۇلۇپ ئەڭ دەسلەپتەيۇرۇڭقاش دەرياسى بۇيىغا جايلاشقان سۈيى ئەلۋەك يېشىللىق ھازىرقى خۇتەن ناھىيسىنىڭتەۋەككۇل يىزسى دائىرسىدىكى زېمىنغا ئۇرۇنلاشقان. ئۇلار ‹‹بۇيەرنىڭ سۈيى، تۇپرىقىياخشىكەن، تەۋەككەل، مۇشۇ يەردە توختايلى›› دىيىشىپ شۇ يەردە توختاپئولتۇراقلاشقان، ۋاقىتنىڭ ئۈتۈشىگە ئەگىشىپ ھازىرقى ‹تەۋەككۇل ›دىگەن نام شۇنىڭدىنقالغان ئىكەن دەپتۇ. دىمەك، لوپنوردىن كۈچۈپ كەلگەنلەرنىڭ ئەجداتلىرىدىن لوپبازىرى تەۋەسىدە ئولتۇراقلاشقانلىرىدىن باشقا يەنە خۇتەن ناھىيسىنىڭ تەۋەككۇليىزىسى، خۇتەن شەھرىنىڭ يۇرۇڭقاش بازىرى ئەتىراپى، يۇرۇڭقاش بازىرىنىڭ مىيقىلاكەنتە قاتارلىق ئۇرۇنلاردا بۇلۇپ ھازىر 18 ئائىلىلىك ئادەم بار ئىكەنلىكىئىنىقلانغان. بۇ جەھەتتىكى تەپسىلاتلار تەكشۈرۈش گۇرپىسىنىڭ دوكلاتى ئىلانقىلىنغاندىن كىيىن تىخىمۇ ئايدىڭلىشىشى مۇمكىن.
دىمەك، لوپنورلۇقلارنىڭ ئوتكۈر يۇقۇملۇقكىسەللىكلەر تۈپەيلىدىن كوچكەنلىكى توغىرسىدىكى بىر قەدەر ئىشەنچىلىك ئاساسلارنىڭبۇلىشى ،يۇقارقى مەلۇماتلاردىن ئەمەلىيەتتىمۇ لوپنورلۇقلارنىڭ بۇ زىمىنغا كۈچۈپ كىلىپ ئولتۇراقلاشقانلىقى،ئۆز نۆۋىتىدە لوپنۇر رايۇنىنىڭ  نەچچە يۈزكىلومىتىر غەربىدە ‹لوپلۇقلار كەنتى›نىڭ بارلىققا كىلىشىگە، ئاخىرىدا بۇئاتالغۇنىڭ تۇمۇرى بولغان‹لوپ› نىڭ بىز تۇرغان بۇ زىمىننىڭ لوپ ناھىيسى بۇلۇپئاتىلىشىغا ئاساسلىق سەۋەپ بولغان دىگەن خۇلاسىگە كىلىشكە بۇلىدۇ.
6
    تارىختىكى مۇشۇنداق بىر رىياللىقنىڭ بارلىققاكىلىشىى، مۇشۇنداق بىر ناھىيەگە ئىسىم بۇلۇشقا سەۋەپ بولغان بىر ئاتالغۇنىڭ پەيدابۇلۇشىدا تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە ئامىللارنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ؛بىرىنجىدىن، تارىختا مەشھۇر بولغان ، ئۇدۇن دولىتىدىن شەرىققە سۇزۇلغان قەدىمىيىپەك يولى لوپنور رايۇندىن ئۈتىدۇ، شۇڭا لوپنور رايۇنى بىلەن لوپ ، ئۇدۇن دولىتىئوتتۇرسىدا سودا-سىتىق، مال ئالماشتۇرۇش، خەت-ئالاقە ئىشلىرى خىلى بۇرۇنلارىۋاجلانغان ، شۇڭا يول ئۈستىدىكى بۇ زىمىن لوپنورلۇقلارغا ناتۇنۇش ئەمەس.مۇشۇنداق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن كوچمەنلەرنىڭمۇ  ئىغىر كۈنلەرگە دۇچ كەلگەندە ئوزلىرىتۇنۇش بولغان شۇ يولدىن ۋە مۇشۇ يۇرتتىن پايدىلىنىشى ئىھتىمالغا ئىنتايىن يىقىن. ئىككىنجىدىن، شۇچاغدىكى ئۇدۇن دولىتى ۋە لوپنۇر رايۇنىدىكى ئاھالىلەرنىڭ مىللەت،تىل، دىن، مەدىنىيەت، ئورىپ-ئادەت ، جۇغراپىيلىك جايلىشش ۋە باشقا جەھەتلەردە خىلىكوپ ئوخشاشلىقلارغا ئىگە.
   ئۈچۈنجىدىن،لوپتا ناھىيە تەسس قىلىنىشتىن ئىلگىرى ۋە كىيىن بۇ زىمىننىڭ باشقۇرۇش مەركىزى سامپۇل دا بولغان . ئەمماشۇچاغدىكى‹ لوپ كەنتە› پەقەت ھازىرقى مەھەللە ھىساۋىدىكى بىر بىرلىك ئىدى
     ‹   ‹لوپ ناھىيسىنىڭ خەرىتىلىك يەر ناملىرىتەزكىرىسى›› دە كورسىتىلىشچە 1934-يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە پۈتۈن ناھىيە6 مەمۈرىرايۈنغا بۈلۈنگەندە ناھىيە شەھەر ئىچى 1-رايۈن بۈلۈپ ئۈنىڭغا لوپ، قوغان، چاپال،راخمان پۈر ، دول كەنتىلىرى قاراشلىق بولغان. مۇشۇ بەش كەنتە ئىچىدىمۇ پەقەت لوپ،قوغان، چاپال قاتارلىق ئۈچ كەنتلەرلا شۇ يەردىكى ئەسلى تەبئى كەنتىلەر بۇلۇپ،كىيىن راخمانپۇر كەنتە  ھاڭگىي يىزىسىتەرەپتىن، دول كەنتى دول يىزسى تەرەپتىن قۇشۇپ تەشكىللەنگەن،
تارىخى ماتىرياللاردا كورسىتىلىشىچە1940-يىللاردىمۇ ناھىيە مەركىزى ھىساپلىنىدىغان ‹لوپ بازىرى› شەرىقتىن غەرىبكە700مىتىرئەتىراپىدا، جەنۇبتىن شىمالغا 500مىتىرئەتىراپىدا كلىدىغان رەستە، بىرنەچچەدۇكان،ئاشخانا، ناۋايخانىلاربار، ئەتىيازدا زەي دەستىدىن پاتقاقلىشىپ ماڭغىلىلى بولمايدىغان بازار ئىكەن.
      1958   -يىلىغا كەلگەندە سامپۇل رايۈنىدىن 6- يېزا (قىقاش)، دول رايۇنىدىن 6-يېزا (بوشقان) قاتارلىقلارنى قۇشۇپ قىزىليۇلتۇز خەلق كومۇناسى يەنى ھازىرقى لوپ بازىرى قۇرۇلغان (11). 1986-يىلغا كەلگەندە بەش ئاھالە كۇمتىتى،17 كەنت كۇمتىتىدىن تەركىپ تاپقان.يۇقارقىلاردىن قارىغاندىمۇ لوپ كىچىك بىر مەھەللىدىن لوپكەنتىگە،كىيىنكى لوپ بازىرى، يەنى ناھىيە مەركىزىگە ئايلانغان.
ئەمدى20-30 ئائىلىسى بار بىر كەنتنڭ ئاخىردا لوپ بازىرىنىڭ ناھىيەبازىرى شۇنداقلا ناھىيە ئىسمى بۇلۇپ قېلىشى توغىرسىدا پىشىقەدەملەر ئارسىداھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن، كىچىگىمدە خىلى كوپ چوڭلارنىڭ ئىغىزىدىن ئاڭلىغانتۆۋەندىكىدەك بىر رىۋايەت بار: ناھىيە تەسس قىلىش ۋاقتىدا  چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭجەنۇبى شىنجاڭنى باشقۇرۋاتقان مەسلىھەتچى ئامبىلى ناھىيە مەركىزىنىڭ ئورنىنىبىكىتىشتە ئورنى مۇۋاپىق، تۇپرىقى مۇنبەت بولغان ئىككى جاينى تاللاپ ئۇلارنىڭ ھەربىرىدىن بىر خالتىدىن ئەۋرىشكە تۇپراق ئېلىپ چىقارتىپ بىرىشنى تەلەپ قىلغان . ئىشبىجىرۋاتقان ئەمەلدارلار ئەسلىدىكى يۇرۇڭقاش بازىرىنى خوتەن شەھرىگە بەك يېقىن دەپقارىغانمۇ ئىشقىلىپ يۇرۇڭقاش بازىرىنى ناھىيە مەركىزىي قىلىپ تاللىمىغان، بەلكىچاھارباغ يېزىسى بىلەن لوپ يېزىسىنى تاللىغان ۋە ئۇ يەرلەردىن ئايرىم-ئايرىم ئىككى خالتىغا ئەۋرىشكە تۇپراق ئېلىپچىقارتقان. ئەۋرىشكە تۇپراقنى ئېلىپ ماڭىدىغان چاغدا خىزمەتچىلەر خاتالىشىپ چاھارباغنىڭتۇپرىقى سېلىنغان خالتا ئەۋرىشكىسىگە «لوپنىڭ تۇپرىقى» دەپ، لوپنىڭ تۇپرىقىئېلىنغان خالتا ئەۋرىشكىسىگە «چاھارباغنىڭ تۇپرىقى» دەپ يېزىپ قويغان، مەسلىھەتچىئامبال تۇپراقلارنى تەكشۈرگەندە ئاشۇ خاتالىققا ئاساسەن، لوپنىڭ تۇپرىقى ياخشىئىكەن، ناھىيە مەركىزىي لوپتا تەسس قىلىنسۇن دەپ تەستىق چۈشۈرگەنمىش . شۇ ۋەجىدىن يىڭى تەسسىس قىلىنغانناھىينىڭ ناھىيە مەركىزىي قايسى تەرەپتە بولمىسۇن دەل ناھىينىڭ ئوتتۇرسىغاكىلىدىغان چاھارباغ بولماستىن بەلكى ناھىينىڭ شەرقى ياقىسىغا جايلاشقان لوپتابۇلۇپ قالغانمىش .
     بۇبىر كۈچلۈك چىنلىق پۇرقىغا ئىگە رىۋايەت بۇلۇپئۇ بىرتەرەپتىن بۇ زىمىندا ناھىيە تەسس قىلىش ۋاقتىدا ناھىيەگە يىڭدىن ئىسىم قۇيۇشزۈرۈرىيتى تۇغۇلغانلىقىنى، ناھىيە مەركىزىنى بىكىتىش مەسىلىسى كىلىپ چىققانلىقىنىكورسەتسە، يەنە بىرتەرەپتىن شۇ ۋاقىتتا لوپ زىمىنىنىڭ ئۇمۇمى ئەھۋالىنى نەزەردەتۇتۇپ ناھىينىڭ ئەسلى تارىخى ئەھۋالى، جۇغراپىيلىك ئەھۋالىغا تىخمۇ ماس كىلىدىغان، لوپ زىمىنىڭ ئوتتۇرسى بۇلىدىغان ،تۇپرىغى مۇنبەت جاي چاھارباغ يىزىسىنىڭ لوپناھىيسىنىڭ مەركىزى قىلىپ تاللاشنى ئويلىشىلغانلىقىدەك رىيال ئەھۋالنىمۇ ئەكىسئەتتۈرۈپ بىرىدۇ.
چاھارباغ يىزىسى ئىنسانلارنىڭ بۇندىن2 مىڭ700يىللار بۇرۇنقى ھايات پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى دولەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغانمەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىنى ئوز قويىنىدا ساقلاپ ياتقان سامپۇل يىزىسىبىلەن  ئەزەلدىن بىر باشقۇرۇش دائىرسىدەبۇلۇپ كەلگەن، زېمىنى سامپۇل ىيزىسى بىلەن تىخى 60-يىللارغىچە راخمانپۇر ئوستىڭىئارقىلىقلا چىگىرلىناتتى. يەنە بىرتەرەپتىن چاھارباغ يىزىسىنىڭ شىمالى تەرپىدەتارىختا ئۇدۇن دولىتىنىڭ پايتەختى دەپ قارىلىپ كىلىۋاتقان دولەت دەرىجىلىكقوغىدىلىدغان مەدىنىيەت يادىكارلىق ئورنى ئورنى ئاقسىپىل قەدىمى شەھەر خارابىسىجايلاشقان.   شۇڭا ئىنسانلارنىڭ قەدىمى ھايات ئىزلىرىنىڭ گۇۋاچىسى بولغان بۇ ئىككى جاي ئوتتۇرسىغا جايلاشقان ، تارىختا‹تۆت باغ› بىنا قىلىنغان، مىۋە-چىۋە ماكانى بولغان قەدىمى جاي چاھارباغ يىزىسىھەقىقىتەن ناھىيە مەركىزى بۇلۇشقا مۇناسىپ گۈزەل زىمىن ئىكەنلىكىدىن گۇمانلانمايتۇرالمايمىز. ئەمما ئاخىردا لوپلۇقلار ئولتۇراقلاشقان  كىچىك بىر كەنتىنىڭ نامىنىڭ ھازىرقى بۇزىمىننىڭ نامى بۇلۇپ قىلىشى تارىخنىڭ تاللىشى بۇلۇپ قالغان.
    ماقالىنىڭ ئاخرىدا لوپنورلۇقلارنىڭ بۇزىمىنغاكەلگەندىن كىيىكى يەرلىكلەرگە كورسەتكەن تەسىرىمىكىن دىگەن بىر مەسىلە ئۈستىدەيۈزەكى قارشىمنى دەپ باققۇم كەلدى. مىنىڭچە، ئۇيغۇر ئىنتۇگىرافىيسى نوقتىسدىنقارىغاندا لوپنور رايۇنىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلار بىلەن بۇزىمىندىكى ئۇيغۇر ئاھالىلارئوتتۇرسداچوڭ جەھەتتە ئوخشاشلىك بولسىمۇ، كۈچۈپ كەلگەنلەرنىڭ سانى كوپ بولمىغاچقائوز-ئارا كورسىتىدىغان تەسىرىمۇ چوڭ بولمايدۇ.ئەمما مەدىنيەت يەنى ئورىپ-ئادەت،يىمەك-ئىچمەك-كىيىم-كىچەك قاتارلىق جەھەتلەردە پەقەت تەسىر كورسەتمىدى دىگىلىبولمايدۇ . مەسىلەن، مەن كىچىك ۋاقتىمدا ئائىلىمىزدە بىر قالپاق بۇلىدىغان. ھەمباشقىلارنىڭ بىشىدىمۇ كۈرەتتۇق. بۇ قالپاق ئەسلى كىگىزپارچىسىنىڭ ئۈستىى چىرايلىقھەرخىل رەخىتلەر قاپلىنىپ گىرۋەكلىرى، ئوتتۇرسى تۆت بۈلەككە بۈلۈنۈپ قول ۋە كىيىمتىكىش ماشىسى ئارقىلىق گۈل چىكىپ چىقىلىدۇ، قالپاقنىڭ ئىككى يان تەرپىدە يىرىقنىڭ چوڭقۇرلىقى7-8سانتىمىتىر كىلىدىغانچىكى بار، بۇچىكىنى ئۈستىگە قايرىپ قۇيۇپ كىيىۋالسا ئادەمنىڭ پىشانىسىنى ئاپتاپتىن تۇسىدۇ، بۇ قالپاق  قىلىن بولغاچقا كۈزكۈنلىرى كىيسە سۇغۇقتىن مۇداپىئەلەنگىلى بۇلىدۇ، يازكۈنلىرى كەيسە ئىسسىق ئۈتۈپكىتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ. كىيىنكى ۋاقىتلاردا مەن بۇقالپاقنى باشقا مىللەتلاردىنكىرگەنمىدۇ-دەپ ئويلاپ قالاتتىم، كىيىنچە بۇنى لوپنورلۇقلاردىن كىرگەنمۇ قانداقدىگەن قاراشتمۇ بولغان ئىدىم.. ‹‹لوپنور››،‹‹لوپ مەدىنىيتى››كەڭ دائىردىكىتەتقىقاتنى ئوزئىچىگە ئالغاچقا،بۇلۇپمۇ ‹‹لوپ مەدىنىيتى›نىڭ لوپ ناھىيسىدىكىتەسىرى بارمۇ-يوق،بولسا قايسى دەرىجىدە دىگەنلەرنى بۇندىن كىيىن داۋاملىقئىزدىنىشكە، تەتقىق قىلىشقا توغرا كىلىدۇ.
    دىمەك، يۇقارقىلاردىن تارىم دەرياسى ھاۋزىسى قەدىمدىن بۇيان ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئورتاق ياشاپ ،ئورتاق پائالىيەت ئىلىپ بارغان كەڭ سەينا ئىكەنلىكىنى ۋە تارىم مەدەنىيىتىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى ئورتاقياراتقانلىغىنى، شۇڭا ‹‹لوپنور››، ‹‹لوپلۇقلار› نىڭ لوپ ناھىيسى دىگەن ئاتالغۇنىڭپەيدا بۇلىشىدا مۇئەييەن باغلىنىش بارلىقىدىن شەكلەنگىلى بولمايدىغانلىقىنىكۈرۈۋالغىلى بۇلىدۇ. ئەمما لوپنۇر، لوپ مەدەنىيتى ئۆزلۈكسىز تەتقىق قىلىنۋاتقانچوڭ تېما بولغانلىقى ئۈچۈن بۇجەھەتتىكى تەتقىقاتلارنىڭ تىخىمۇ چوڭقۇرلىششغائەگىشىپ يۇقارقى مۇلاھىزىمىزتىخىمۇ يىڭى مەزمۇنلارغا ئىگە بۇلىدىغانلىقىغائىشىنىمەن.
    قانداقلا بولمىسۈن، ئانا يۈرتىمىز لوپ ناھىيسى-خۇددى لوپنور رايۇنىدىكى قىدىمقى لوپ مەدەنىيتىنى ياراتقان ۋە ھازىرغىچەساقلاپ كەلگەن ئاقكۈڭۈل، ئەمگەكچان خەلىققە ئوخشاشلا ئەجداتلىرىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللارئىلگرىكى سەلتەنەتلىك ھۆكۈم سۈرگەن مۈبارەك قەدەم ئىزلىرنى ئوز قوينىداساقلاپ ياتقان، ئەقىللىق، ۋاپادار، ئاق كۆڭۈل، ئەمگەكچان ئۈغۇل-قىزلىرىنى ئۈزىنىڭ ئىسسق مىھرى، مول مەئىشەتلىرى بىلەن پەپىلەپ بىقىۋاتقان قەدىمى، سىرلىق، گۈزەل ماكاندۈر.

پايدىلانغان ماتىرياللار

(1)(‹‹تەكلىماكاندىكى قەدىمكى شەھەر لوپ›› غالىپ بارات ئەرك ‹‹شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەرتەتقىقاتى››ژورنىلى2003-يىلى1-سان)
(2)(لوپلۇقلارمەدىنىيتى ھەققىدە. ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرىھىم، دولقۇن قادىر،‹‹شىنجاڭمەدىنىيتى››ژورنىلى2013-يىل3-سان)
(3) ‹‹تەكلىماكاندىكىقەدىمكى شەھەر لوپ›› غالىپ بارات ئەرك. ‹‹شىنجاڭئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى››ژورنىلى2003-يىلى1-سان)
( 4) ‹‹تەكلىماكاندىكى قەدىمكى شەھەر لوپ››غالىپ بارات ئەرك. ‹‹شىنجاڭئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى›› ژورنىلى2003 -يىلى1-سان)
5-لوپ ناھىيەلىك خەلىق ھۈكۈمىتى ئىستاستىكائىدارىسىنىڭ 2011-يىللىق مەلۇمات جەدىۋىلى دىن ئىلىنغان.
(6)‹‹ لوپ تارىخى ماتىرياللىرى››1993-يىلى 1-قىسىم
(7) ‹‹لوپ تارىخى ماتىرياللىرى››1993-يىلى1-قىسىم
(8) (‹‹لوپ ناھىيسىنىڭ خەرىتىلىك يەر ناملىرى تەزكىرىسى››1987-يىلى3- ئاي نەشىرى 7-بەت)
(9)‹‹دۇنيادا بىرلا خۇتەن بار›› شىنجاڭ گۈزەلسەنئەت - فۇتۇ سۈرەت نەشرىياتى، شىنجاڭ ئىلىكتىرون ئۈن-سىن نەشىرىياتى.2011-يىلنەشىرى 19-قىسىم 265-بەت
(10)(‹‹لوپ ناھىيسىنىڭ خەرىتىلىك يەر ناملىرى تەزكىرىسى›› 1986-يىلى10-ئاي نەشىرى››)
(11) ‹‹لوپ تارىخىماتىرياللىرى››1993-يىلى 1-قىسىم
(12) ‹‹گۆھەر زېمىن- خۇتەن ›› 1995-يىل11-ئاي نەشىرى
(13) لوپتېكىن مەدەنىيەت مىراسلىرىتوربېكىتىدىكى لوپنور ھەققىدىكى ماقالىلار

‹‹لوپنۇرمەدەنىيتى›› ژورنىلىنىڭ2014-يىل 1-سانىغا بىسىلغان.

0

تېما

0

دوست

910

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23951
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 278
توردىكى ۋاقتى: 69
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-25
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بىلىۋالدۇق كۆپ رەخمەت.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

2

دوست

2240

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27382
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 664
توردىكى ۋاقتى: 75
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-25
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sawda571 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-25 00:37  

تىمىڭىزغا رەھمەت ، ھەقىقەتەت كۆپ ئىزدەنگەنلىكىڭىز چىقىپ تۇرۇدۇ .
مەن ئۆزۈمچە ماۋۇ ئۈچ نوقتىنى ئەسكەرتسەم ، كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ . دىمەكچى بولغۇنۇم ئىلمى مەسىلە ئەمەس ، پەقەت شەخسى گەپ ، قوبۇل قىلمىسىڭىزمۇ بولۇدۇ .

( 1 ) « ئاپتونوم راتونىمىز » دەپ ئالماي ،« ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز » دەپ ئالساق قانداق بولار .
بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىغۇ تۇلۇق ئاتاپسىز .

( 2 )« راخمانپۇر » ئەمەس ، « راخمانپور » . بۇ يەردە « ئو » تاۋۇشىنى « ئۇ » دەپ ئېلىپسىز .
بۇنداق ئالسىڭىز مەنا ئۆزگۈرىشى يۈز بىرىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ ماقالىڭىزغا ئوخشاش ، كېيىنچە ئەۋلاتلىرىمىز « پۇر » دىن مەنا تاپالماي باشقا مىللەت تىللىرىغا ئىلتىجا قىلىپ يۈرمىسۇن !

« پور » خاقانىيە تۈرۈكچىسىدە ، بولۇپمۇ كېيىنكى چاغاتاي تۈرۈكچىسىدە « پور » دىگىنىمىز تەۋەلىك مەنىسىدە بولۇپ كەنتە ، مەھەللە ، يېزا ، سەھرا دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ .
« پۇر » ئەمەس « پور » ، يەنى « راخمانپۇر » ئەمەس « راخمانپور » .
بىر « ئۇ » ۋە « ئو » تاۋۇشى ئۈستىدە ئىزدىنىۋېتىپ ، يەنە مۇشۇ تاۋۇش ئۈستۈدە ، ماقالىڭىز ئىچىدىلا خاتالىققا يول قويۇپسىز .

( 3 )  مۇشۇ ياشاۋاتقان زىمىنىمىزنىڭ ناملىرى توغرىسىدا ئىزدەنگەندە ، ئامال بار ئۆزىمىزدىن قېزىشقا تىرىشساق . مەسىلەن سىز دىگەندەك « نور » نىڭ موڭغۇل تىلىدىن كەلگەنلىكىنى بۈگۈنكى كۈندە ھېچكىم كىسىپ بىرنىمە دىيەلمەيدۇ . شۇڭا بۇنى باشقىلار دىسىمۇ ، بىز ئىتىراپ قىلمىساق بولىۋېرىدۇ .
   چۈنكى خەنلەردە مۇنداق بىر ماقال - تەمسىل بار ، يەنى « ئىسىم ئۆز ئىگىسىدىن كىلۇر ».  

ئاساسىم : بىر ئوبدان ئۇيغۇر تىلىمىزدا مەنىسى بار « نۇر » سۆزىنى ، بىرمۇنچە ئىزدىنىپ  پەرەز بىلەنلا ( بىرنەچچە تەتقىقات ئىگىلىرىمۇ بار ) موڭغۇل تىلىدىكى « نور » سۆزىگە باغلاپ ، ئاندىن تەلەپپۇزدىكى مەسىلىگە ئارتىپ « نۇر » بولۇپ قالغان دەپسىز .
« نۇر » سۆزى بىزچە ئوبدانلا مەنىسى بار « لوپ » سۆزىنىڭ ئارقىسىغا قوشۇشقا شۇنداق ماس كىلىدىغان  بىر سۆز ئەمەسمىكەن ؟
دىمەك « لوپنور » ئەمەس «  لوپنۇر » دىيىش كېرەك . مەسىلەن : قۇياشنىڭ نۇرى .

ماقالىڭىزدىن قارىسام ، سەۋىيىڭىز ئادەتتىكى ئادەمگە ئوخشىمايدىكەنسىز .
ئاتا بوۋىللىرىمىز مۇشۇ زىمىندا ياشاپ ، ئەلمىساقتىن چىڭگىزخان ئىستىلاسىدىن ئۆزگە ۋاقىتتا بىرەر موڭغۇلنى تاپقىلى بولمايدىغان بىر پاك زىمىندا ، بوۋىللىرىمىز ئۆزى ياشىغان  ئۆزى ئاچقان ، بىر پارچە  تۇپراققا ، يېرىمى ئۇ يەردىن يېرىمى موڭغۇلچىدىن ئىسىم قويۇشقا ، ئاندىن تەلەپپۇزدا قىينىلىپ ، يەنە بىزچىگە ئوخشۇتۇپ تەلەپپۇز قىلىشىغا نىمە سەۋەپچى بولغاندۇ ؟
« نۇر » بىزدە مەنىسى شۇنداق كەڭ مۇستەقىل بىر سۆزغۇ !
ئويلۇنۇپ باقارسىز ، كەمىنىڭىز بىلىمسىز ئادەممەن ، بىراق بۈگۈنكى كۈندە ماڭا تەئەللۇق بولغان نەرسىنى ، بولۇپمۇ مىراس قالغان نەرسىنى ، ئۇنىڭ بولغىيمىدى - بۇنىڭ بولغىيمىدى دەپ ئىزدىنىش ، ۋە باشقىلارنىڭ قىلىش تەمەسىدە ئىزدىنىش ئەمەس ، پەقەت ۋە پەقەت ئۆزۈمنىڭ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈستىدە ئىزدىنىمەن  ! پەقەت ئۆزۈمدىن ئاتا - بوۋامدىن ئىزدەيمەن .
ئىشىنىمەنكى ئۆزۈمىز ۋە ئاتا - بوۋىللىرىمدىن تېپىلىدۇ !
دىمەك بىز ياشاۋاتقان بۇ مۇقەددەس تۇپراقنىڭ ، بىر دانچىسىغىمۇ بىز ئىسىم قويغان !  بىز ئاتا - بوۋىللىرىمىزنى 3 - ئەۋلاتتىلا ، يۈزسىزلىك بىلەن ئۇنتۇپ كىتىدىغان  ،    پۇشتۇ - پاناھسىز يامان ئادەتنى يۇقتۇرغاندىن بۇيان  مۇشۇنداق باشقىلار سۇئاللارنى ئوتتۇرغا قويۇپ ، يەنە ئۆزى جاۋاپ تېپىپ ، ئاندىن بىزگە ئۈگۈتىپ ، ئۇلارمۇ كۆندى بىزمۇ كۆندۇق ، قازماقچى بولساق ئۆزىمىزنى قازايلى،  ئۆزىمىزدىن ئىزدەيلى ئىشىنىمەنكى جاۋاپ تېپىلىدۇ . تاپالمىساق قۇربىتىمىز يەتمىسە جىم تۇرساق بولۇدۇ . ئىشىلىرىمىزغا باشقىلارنىڭ تامغۇسى بېسىلمىسا ، ئىناۋەتسىز ھىس قىلىشىمىزنىڭ زۈرۈرىيىتى يوق .

0

تېما

2

دوست

2240

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27382
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 664
توردىكى ۋاقتى: 75
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-25
يەر
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بىر ئوبدان نامنى يوق قىلاي دەپسىزدە شۇنچە ئىزدىنىپ .

0

تېما

1

دوست

3557

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31660
يازما سانى: 431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1042
توردىكى ۋاقتى: 269
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-25
5#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   YOQSUL تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-25 00:14  

''نور''سۆزى ئەسلى قەدىمقىي تۈركچە سۆز بولۇپ، بىپايان سۇ ياكى كۆل،دېگەن مەنىلەرگە ئىگە.لوپ سۆزى بولسا سۇلۇق يەرياكى سازلىق ،دېگەن مەنىلەرگە ئېگە.

0

تېما

2

دوست

2240

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27382
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 664
توردىكى ۋاقتى: 75
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-25
6#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ بەتتىكى 2 پارچە يازما مەخپىيەتلىك سەۋەبىدىن يوشۇرۇلغان .
بۇ قانداق گەپ ، ئۆزەم يېزىپ ئۆزەممۇ كۆرەلمەمدىمەن .

0

تېما

2

دوست

2240

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27382
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 664
توردىكى ۋاقتى: 75
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-25
7#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:24 |ئايرىم كۆرۈش
مەن بۇ ماقالىگە بىر ئىنكاس يازغان ، بىراق يوللاپ  بولساممۇ كۆرۈنمەيدۇ ، بۇ نىمە گەپ ، بىلىدىغانلار چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار .

ئاختۇرسام مەخپىيەتلىك سەۋەبىدىن يۇشۇرۇنغان يازما دەپ چىقتى .

13

تېما

1

دوست

4049

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   68.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28327
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 56
تۆھپە : 1402
توردىكى ۋاقتى: 231
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-26
8#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 23:36 |ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالام قېرىنداشلار ، تېما يوللىغۇچىنىڭ ۋە «سەۋدا571»ناملىق(ناۋادا مۇشۇنداق ئوقۇلۇشى توغرا بولسا) تورداشنىڭ ئەجرىگە تەشەككۇر. دەرھەقىقەت ، لوپنۇر رايونى ئۈستى ئوچۇق تارىخ مۇزېيى دەپ تەرىپلىنىدىغان بىر رايون. بۇ ھەقتە غالىپ بارات ئەرك ئەپەندى كۆپ ئىزدىنىپ ئەھمىيەتلىك ئىلمىي ئەمگەكلەرنى روياپقا چىقارغان. مۇمكىن بولسا شۇ كىشىنىڭ ئەسەر-ماقالىلىرىنى ئوبدان ئوقۇپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ. بۇ يەردە شۇنى ئېيتقۇم كېلىدۇ، «سەۋدا571»ناملىق تورداشنىڭ« بىر ئوبدان ئۇيغۇر تىلىمىزدا مەنىسى بار « نۇر » سۆزىنى ، بىرمۇنچە ئىزدىنىپ  پەرەز بىلەنلا ( بىرنەچچە تەتقىقات ئىگىلىرىمۇ بار ) موڭغۇل تىلىدىكى « نور » سۆزىگە باغلاپ ، ئاندىن تەلەپپۇزدىكى مەسىلىگە ئارتىپ « نۇر » بولۇپ قالغان دەپسىز .« نۇر » سۆزى بىزچە ئوبدانلا مەنىسى بار « لوپ » سۆزىنىڭ ئارقىسىغا قوشۇشقا شۇنداق ماس كىلىدىغان بىر سۆز ئەمەسمىكەن ؟دىمەك « لوپنور » ئەمەس «  لوپنۇر » دىيىش كېرەك . مەسىلەن : قۇياشنىڭ نۇرى »دېگەن پىكرىنى ئويلىنىپ كۆرۈش كېرەك. لوپنۇردىكى نۇر سۆزىنى مۇڭغۇلچىدىن كەلگەن دېيىش پەرەز بىلەنلا ئېيتىلغان گەپمۇ ئەمەس. چۈنكى، چوڭ كۆللەرنىڭ مۇڭغۇلچىدا نۇر دەپ ئاتىلىشى ۋە شۇنىڭ بىلەن باغلانغان كۆل ناملىرى خېلى بار. مەسىلەن ، رايۇنىمىزدىكى «ئېبنۇر» كۆلى، چىڭخەيدىكى «كۆكنۇر»كۆلى(يەنى سەيدام ئويمانلىقىدىكى «چىڭخەي»كۆلى)دېگەندەك. ئەمما، مۇشۇ تورداش ئېيتقاندەك،  بۇرۇندىن قېرىنداشلىرىمىز ياشاپ كەلگەن قەدىمىي يۇرتنىڭ نامىنىڭ يېرىمىنىڭ مۇڭغۇلچە دېيىلىشى تازا ئەقىلگە سىغمايدۇ. ۋەھالەنكى ، بۇنى يەڭگىللىك بىلەن«قۇياش نۇرى»دىكى «نۇر»دىيىش ياكى ئەسلى « نور » ئىدى دېيىش ئۈچۈن ھېچبولمىغاندا پاكىتلىق تىل ئىسپاتى بولۇشى كېرەك. بولمىسا بۇمۇ پەرەز بىلەنلا ئېيتىلغان گەپ بولۇپ قالىدۇ. لېكىن شۇنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەككى، ئۇزۇندىن زور كۆپچىلىك تەتقىقاتچىلار: قەدىمقى تۈرك تىلى بىلەن مۇڭغۇل تىلى، شۇنداقلا مۇشۇ ئىككى تىلغا تۇغقان كېلىدىغان تىللار ئەڭ دەسلەپتە بىر  ئانا تىلدىن ___ يەنى ئىپتىدائىي ئالتاي تىلىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا بۇ ئىككى تىلدا نۇرغۇن ئوخشاش سۆزلەر كۆپ ، دەپ قارايدۇ(يەنە بەزى تەتقىقاتچىلار: بۇنداق بۇلۇشى بۇ  خەلقلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئۆزئارا ئالاقسىدىن شەكىللەنگەن تىلنىڭ ئۆتۈشۈشىدىن بولغان دەپمۇ قارايدۇ). مەسىلەن، ئالتۇن، ئاغا، غول(دەريا-ئېقىن)، كۆك، تۆمۈر، ....دېگەندەك. شۇڭا «لوپنۇر»دىكى«نۇر»سۆزىنى كەسكىن ھالدا تۈرك-ئۇيغۇر تىلى ياكى مۇڭغۇل تىلىنىڭ بىرىگىلا مەنسۇپ بولۇشى كېرەك ، دېگىلى بولمايدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )