ئۇيغۇر رايونىغا ئەڭ دەسلەپ كەلگەن ئەرەب ساياھەتچىلىرى جەمىلە ئابلا
تەمىم ئىبىن بەھرۇل مۇتتەۋى (8-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 9-ئەسىرنىڭ باشلىرى) ئەسلىدە بىر پىدائىي ئەسكەر ئىدى. ئەرەب تارىخىي ماتېرىياللىرىدىلا تەمىمنىڭ قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق ئوتتۇراغا ئاسىياغا، شۇنىڭدەك ئېلىمىزنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىغا كەلگەنلىكى خاتىرىلەنگەن. ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى فاتىق، ياقۇتى، خۇردادبېھلارنىڭ كىتابلىرىدا بايان قىلىنغان. مىنورىسكى بۇ ماتېرىياللارنى 1948-يىلى ئىنگىلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغان. تەمىمنىڭ ساياھەت قىلغان ۋاقتى 760-800-يىللارغا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ساياھەت خاتىرىسىدە ئەڭ ئاۋۋال توققۇز ئوغۇزلار ھەققىدە خاتىرە قالدۇرۇلغان. تەمىم مۇشۇ مىللەت ئولتۇراقلاشقان رايونغا كەلگەن. توققۇز ئوغۇز ئادەتتە ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىدۇ. بەزى ئالىملار بۇنىڭ ھەر قايسى دەۋرلەردە ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنىسىمۇ ئوخشىمايدۇ دەپ قارايدۇ. بارتولدىنىڭ قارىشىچە، بۇ نام دەسلەپتە ئۇيغۇرلارنى كۆرسەتمەستىن، بەلكى سارت تۈركلىرىنى كۆرسىتەتتى. ئەبۇ سەئىد «جۇڭگو ۋە ھىندىستاندا ئاڭلىغان-كۆرگەنلىرىمدىن خاتىرە» دېگەن ئەسىرىدە جۇڭگو خانى خۇاڭ چاۋغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن توققۇز ئوغۇز پادىشاھىدىن ئەسكەر چىقىرىپ ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى يېزىلغان، بۇ مۇقەررەر ھالدا ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئورخۇن دەرياسى بويىدا دۆلەت قۇرۇپ، 840-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن غەربكە كۆچكەن. تەمىمنىڭ ساياھەت قىلغان ۋاقتى 800-يىلدىن ئىلگىرىكى ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ. تەمىم ساياھىتىدە ئۇيغۇرلار رايونىدا زوروئاستىر دىنى مۇرىتلىرى بىلەن مانى دىنى مۇرتلىرىنى كۆرگەن، زوروئاستىر مۇرىتلىرى ئادەتتە يېزا-كەنتلەردە، مانى دىنى مۇرىتلىرى بولسا پايتەختتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىدى.
خۇدادبېھ (820-913،0912-يىللار) ئەرەب جۇغراپىيەسى ئىلمى بويىچە ۋەكىللىك ئەرباب بولۇپ، ئىراندا بىر داڭدار ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى تەبەرىستاننىڭ مۇئاۋىن ۋالىيىسى ئىدى. خردادبېھ دەسلەپتە باغدادتا ئوقۇغان، كېيىن ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي ئەمەلدارى بولغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى خېلى كۆپ بولسىمۇ، بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ كەلگىنى «ئەللەر ۋە يوللار تەزكىرىسى» دىنلا ئىبارەت. ئۇنىڭدا ئەينى ۋاقىتتىكى سودا ئىنىيەسى ھەم ھەر قايسى مۇھىم بازارلارنىڭ ئەھۋالى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ كىتاب 846-847-يىللىرى تاماملانغان، كېيىن يەنە تولۇقلىنىپ، 885-886-يىللىرى تاماملانغان، ئۇ بۇ كىتابنى يېزىشتا ئارخىپ-ماتېرىياللار ۋە باشقىلار تەمىنلىگەن ئۇچۇرلاردىن كەڭ كۆلەمدە پايدىلانغان. خاتىرىنىڭ مەزمۇنى 9-ئەسىر بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، 8-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى ئەھۋاللارنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالغان. بۇ خاتىرىلەرنىڭ بىر قىسمىنى جاڭ شىڭلىياڭ ئەپەندى تەرجىمە قىلىپ، «جۇڭگو –غەرب مۇناسىۋەت تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار توپلىمى»نىڭ 2-قىسمىغا كىرگۈزگەن. ئۇيغۇرلارغا دائىر خاتىرىلەرنىڭ بىر قىسمى تۆۋەندىكىچە:
«بارلىق تۈركلەر ئىچىدە توققۇز ئوغۇز (ئۇيغۇرلارنىڭ) يېرى ئەڭ كەڭ، ئۇ يەرگە ئولتۇراقلاشقانلارنىڭ بىر قىسمى زوروئاستىر دىنى مۇرىتلىرى، يەنە بىر قىسمى مانى دىنى مۇرىتلىرى. توققۇز ئوغۇز قاغانى 12 قاناتلىق تۆمۈر قوۋۇقلۇق چوڭ شەھەردە تۇرىدۇ. بۇ شەھەرنىڭ ئاھالىسى مانى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. قاغان ئىچكى شەھەرنىڭ ئەڭ ئېگىز يېرىگە ئالتۇن رەڭلىك ئوردا ياساتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇلازىم 900گە يېتىدۇ. قاغان بۇ يەردە تۇرۇپ بەش فەرسەق (بىر فەرسەخ بەش كېلومېتىرغا تەڭ) يىراقلىقتىكى مەنزىرىنى كۆرەلەيدۇ.
«تۈرك، تۈبۈت، قاسارلارنىڭ پادىشاھى ئومۇمەن قاغان دېيىلىدۇ. قارلۇق پادىشاھى يابغۇ دېيىلىدۇ، جۇڭگو پادىشاھى تەڭرىنىڭ ئوغلى يەنى پەغپۇر دېيىلىدۇ. بۇ پادىشاھلارنىڭ ھەممىسى ئەفرىدوننىڭ پۇشتىدۇر». ئەفرىدۇن رىۋايەتلەردىكى ئىران پادىشاھى بولۇپ، خۇردادبېھ پېرسىيەلىك بولغاچقا ئاشۇنداق دەپ مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن.
ئەبۇ دۇلەف (10-ئەسىردە ياشىغان) ئەرەب زائىرى، ئالىم، ساياھەتچى. ئۇ ئەسلى سامانىيلار خاندانلىقى ناسىر 2 (914-943-يىللار) زامانىدىكى ئوردا شائىرى ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا بۇخارادا جۇڭگودىن كەلگەن بىر ئەلچى بار ئىدى. دۇلەف بۇ ئەلچى جۇڭگوغا قايتىش ۋاقتىدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئوتتۇرا ئاسىيا، ئۇيغۇر، تۈبۈتلەر رايونى ۋە جۇڭگونىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىن ئۆتۈپ، ئاندىن ھىندىستان ئارقىلىق ئۆز دۆلىتىگە قايتقان. ئۇنىڭ بۇ ئىش-ئىزلىرى خاتىرىلەنگەن ئەسەرنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ساقلانمىغان. بۇنى پەقەت ياقۇتى، قەزۋىنىيلەرنىڭ كىتابىدىكى پارچىلاردىنلا كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ ساياھەت خاتىرىسىدكى نۇرغۇن يەر ناملىرىنى بېكىتىش ناھايىتى تەس. ئۇ جۇڭگونىڭ دىنىي ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، باخې شەھىرىدە مۇسۇلمانلار، يەھۇدىيلار، خىرىستىيان مۇرىتلىرى، ئاتاشپەرەسلەر ۋە بۇتپەرەسلەرنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالغان. ئەبۇ دۇلەفنىڭ جۇڭگو پادىشاھى دەپ ئاتىغىنى ئۇيغۇر قاغانىنى كۆرسىتىدۇ، بۇنى كىتابتا كۆرسىتىلگەن جۇغراپىيەلىك ئورۇندىن بىلگىلى بولىدۇ.
مەنبە: «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى.
|