قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 841|ئىنكاس: 10
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشتىكى بىر قىسىم ئۇچۇرلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

2

دوست

269

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   89.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33845
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 86
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-2
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-25 02:46:08 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Tirishbeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-26 23:27  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق تورداشلار. بۇ مېنىڭ باغداشتىكى تۇنجى يازمام. ئەسلىدىغۇ باغداشقا دىققەت قىلىۋاتقىلى ئۇزۇن بولغان، ئەمما ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تىزىمغىمۇ ئالمىغانىدىم. يېقىندا تىزىمغا ئالدۇرۇپ، بۈگۈن بۇ يازمىنى يېزىۋاتىمەن.

مەن بولسام بىر ئاددىي ئوقۇغۇچى. ئاسپرانتلىق ئوقۇشۇمنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى ۋېيجيۇ شىركىتى (威久留学) دە بىر مەزگىل ئشلىگەنىدىم. شۇ جەرياندا خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن ئەكبەرجان بىلەنمۇ تونۇشتۇم ھەم خىزمەتتە ھەمكارلىق توختامىمۇ تۈزدۇق. شۇنىسى ئېنىقكى، باغداش تورىدا چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا قىزىقىدىغان تورداشلار خېلى بار. ئەكبەرجان بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە بۇنى تېخىمۇ جەزىملەشتۈردۈم. مۇنبەردىمۇ چەتئەلدىكى بىر قىسىم ئۇستازلار ھەرخىل يازمىلارنى ئېلان قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارغا يېزىلغان ئىنكاسلاردىمۇ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش توغۇرلۇق ئۇچۇرلارنىڭ سورالغانلىقلىرىنى كۆپ قېتىم كۆردۈم. شۇڭا ئاددىي بولسىمۇ بۇ يازمىنى تەييارلىدىم. خاتالىق بولغان يەرلىرى بولسا، كۆپچىلىكنىڭ، بولۇپمۇ كەسپ ئەھلىلىرىنىڭ تەنقىد-پىكىر بېرىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.

بۇ يازمىدا ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر تونۇشتۇرۇلۇپ ئۆتۈلىدۇ. ئاساسلىقى ھەر يىللىق خىراجەت ۋە ئىلتىماس قىلىش ئۆلچەملىرى تونۇشتۇرىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇش ۋە تۇرمۇش پۇلى كەڭ ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا-ئانىلار ئەڭ قىزىقىدىغان ئۇچۇرلاردۇر. بۇلاردىن باشقا ئوقۇش باشلاش ۋاقتىمۇ بېرىلدى. تەۋسىيە شۇكى، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى ئەڭ ئاز دېگەندە بىر يىل بۇرۇن پىلانلاڭ. يەنى ئوقۇش باشلاشتىن بىر يىل بۇرۇن (ھېچ بولمىغاندا يېرىم يىل بۇرۇن). شۇنداق قىلغاندىلا تەييارلىق پۇختا بولىدۇ.

شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى بۇ ئۇچۇرلار ئاساسلىقى باكلاۋۇرلۇققا ۋە ماگستىر ئاسپرانتلىققا دائىر ئۇچۇرلاردۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغۇچىلار چوقۇم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ياكى ئالىي مەكتەپ (تولۇق كۇرس) نى پۈتتۈرگەن ياكى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان بولۇشى كېرەك. ئالىي تېخنىكوم (大专) ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم (中专) نى پۈتتۈرگەنلەرمۇ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئەمما بۇ ئىككى ئوقۇش تارىخىنى ئېتىراپ قىلىدىغان دۆلەتلەر كۆپ ئەمەس. ئەگەر سىز كۆڭلىڭىزدە ئويلىغان دۆلەتكە چىقماقچى بولسىڭىز ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش ئىمتاھانى (自考本科) غا تىزىملىتىڭ. بۇ ئوقۇش تارىخىنى ئاساسەن ھەممە دۆلەتلەر ئېتىراپ قىلىدۇ.

بۇ يازمىدا ئالدى بىلەن چەتئەلگە چىقىپ ئېنگلىز تىلىدە تەييارلىق ئوقۇغىلى بولىدىغان دۆلەتلەر تونۇشتۇرىلىدۇ. ئاندىن ياۋروپادىكى ئۆز تىلىنى ئاساس قىلىپ دەرس ئۆتىلىدىغان دۆلەتلەر تونۇشتۇرىلىدۇ. ئاخىرىدا شىمالىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەر تونۇشتۇرىلىدۇ.  

1. ئامېرىكا
شەك-شۈبھىسىزكى ئامېرىكا جۇڭگولۇقلارنىڭ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشىدىكى بىرىنچى تاللىشى. جۈملىدىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ ئامېرىكىغا كۆپلەپ چىقىۋاتىدۇ ۋە چىقىشنى ئارزۇ قىلىۋاتىدۇ. ۋېيجيۇ شىركىتى ئويۇشتۇرغان پائالىيەتلەردىمۇ ئامېرىكىغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتكە كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغانىدى. دېمىسىمۇ ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مائارىپى بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلماقتا. ئامېرىكىدا يىلدا ئۈچ قېتىم ئوقۇش باشلايدۇ، يەنى ھەر يىلى 1-، 5-، 8-ئايلاردا ئوقۇش باشلايدۇ. ئامېرىكا ئالىي مەكتەپ مائارىپى ئۈچ خىل بولىدۇ.

1) ئىجدىمائىي ۋە تەبىئىي پەن ئىنىستىتۇتلىرى (文理学院(College of Liberal Arts and Sciences或简称 Liberal Arts College))
بۇ خىل ئىنىستىتۇتلار ئاساسلىقى ئوقۇغۇچى تەربىيلەشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىلمايدۇ، باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىلا تارقىتىلىدۇ. شۇنداق بولغاچقا بۇ خىلدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشى ناھايىتى ياخشى. ئەمما بۇ خىلدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۇلىمۇ خېلىلا قىممەت، ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئېلىشمۇ ئاسان ئەمەس. شۇڭا مەن شەخسەن بۇ خىلدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى تەۋسىيە قىلمايمەن.

2) باشلانغۇچ ئىنىستىتۇتلىرى (初级(或社区)学院(Junior or Community College))
بۇ خىلدىكى مەكتەپلەر جۇڭگودىكى ئالىي تېخنىكوملارغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئوقۇش مۇددىتى ئىككى يىل. ئوقۇش پۇلى ئىنتايىن تۆۋەن. بىر يىللىق خىراجەت (ئوقۇش+تۇرمۇش) ئەڭ كۆپ بولغاندا 120 مىڭ خەلق پۇلى بولىدۇ. ئەرزانلىرى 70~80 مىڭ بولىدۇ. ئوقۇشقا كىرىشمۇ ئانچە تەس بولمايدۇ. ھەتتا بىر قىسىم مەكتەپلەرگە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرمىگەن بولسىمۇ قوبۇل قىلىنىۋېرىدۇ، بۇ ئەھۋالدا تولۇق ئوتتۇردىكى ئىككى ياكى ئۈچ مەۋسۈملۈك نەتىجىسى تەلەپ قىلىنىدۇ. مەكتەپ ئىلتىماس قىلغاندا ئەگەر ئېنگلىز تىلى نەتىجىسى بولمىسا ( (79) TOEFL ياكى  (6.0)IELTS)، ياكى  نەتىجىسى يەتمىسە ئېنگلىز تىلىدىن سىناق ئېلىنىپ، تىل سەۋىيىسى يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئېنگلىز تىلى دەرىسى ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. تىل دەرىسىنىڭ مۇددىتى 10~52 ھەپتىگىچە بولىدۇ.

ئوقۇش پۈتتۈرگەندە كاندىداد باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى (副学士(Associate' Degree)学位) غا ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭدىن كېىيىن ئوقۇغۇچى خىزمەت ئىزدەشنى ياكى داۋاملىق ئوقۇشنى تاللىۋاسا بولىدۇ. ھەرقايسى باشلانغۇچ ئىنىستىتۇتلىرىنىڭ شۇ شەھەر ياكى شۇ شتاتتىكى ھەمكارلاشقان ئۇنۋېرسال ئالىي مەكتەپلىرى (تۆۋەندە تونۇشتۇرۇلىدۇ) بولۇپ، ئوقۇغۇچى ياخشى ئوقۇغانلا بولسا شۇ  ئۇنۋېرسال ئالىي مەكتەپلەرنىڭ 3-يىللىقىغا قوبۇل قىلىنىدۇ.

3) ئۇنىۋېرسال ئۇنىۋېرسىتىتلار (综合性大学(Comprehensive University,或简称University))
بۇ دەل بىز ئادەتتە دەيدىغان ئالىي مەكتەپلەردۇر. بۇ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بېرىلىدىغان كەسپلىرى بىر قەدەر تولۇق بولىدۇ. باكلاۋۇرلۇقتىن دوكتۇرلۇققىچە بولغان ئۇنۋانلارنى تارقىتىدۇ. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۆلچىمى باشلانغۇچ ئىنىستىتۇتلىرىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئەمما مەكتەپنىڭ دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنسېرى، كىرىش ئۆلچىمىمۇ يۇقىرلايدۇ. ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىشنىڭ ئۆلچىمى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.

باكلاۋۇرلۇققا ئىلتىماس قىلغۇچى چوقۇم تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ياكى پۈتتۈرۈش ئالدىدا بولغان ئوقۇغۇچىلار بولۇشى كېرەك. بىۋاستە قوبۇل قىلىنىش ئۈچۈن تىل ئىمتاھانلىرىدىن ((90) TOEFL ياكى  (6.5)IELTS) ئېلىشى كېرەك. ئەگەر تىل ئىمتاھان نەتىجىلىرى بولمىسا، تولۇق ئوتتۇرا جەريانىدىكى نەتىجىلىرى ياخشى بولسىلا قوش قوبۇل قىلىش (双录取) ئىمكانىيىتىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭدا ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىسز ئەمما تىل دەرىسلىرىگە قاتنىشىشىڭىز كېرەك. تىل دەرسلىرىگە مەكتەپ ئۆزى بىۋاستە ئوقۇغۇچىدىن تىل ئىمتاھانى ئېلىپ، ئوقۇغۇچىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن دەرىسكە ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. تىل دەرىسىنىڭ مۇددىتى 10~52 ھەپتىگىچە بولىدۇ.

ئەگەر سىز ياخشىراق ئالىي مەكتەپكە (دەرىجىسى ئالدىنقى 100 نىڭ ئىچىدە) ئۆتمەكچى بولسىڭىز ياكى ئوقۇش مۇكاپاتى ئالماقچى بولسىڭىز، چوقۇم SAT بېرىشىڭىز ھەم ھېچ بولمىغاندا 1800 نومۇر ئېلىشىڭىز كېرەك. نۆۋەتتە SAT نى ئەڭ يېقىن بولغاندا شياڭگاڭدا بەرگىلى بولىدۇ. ئەگەر تېخىمۇ ياخشى مەكتەپلەردە (دەرىجىسى ئالدىنقى 50 نىڭ ئىچىدە) ئوقۇماقچى بولسىڭىز تىل ئىمتاھانلىرى  ((100) TOEFL ياكى  (7.0)IELTS)  ۋە (2000) SAT  دا يۇقىرى نومۇر ئېلىشتىن باشقا، تولۇق ئوتتۇرىدا ھەرخىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىڭىز، ياكى، سەنئەت ياكى تەنتەربىيەدە ئالاھىدىلىكلىرىڭىز بولۇشىمۇ تەلەپ قىلىنىدۇ.

ماگستىر ئاسپرانتلىقتا ئوقۇش ئۈچۈن تىل ئىمتاھانلىرىدىن باشقا تەبىئىي پەن كەسپلىرىگە، ھەتتا بىر قىسىم ئىجىمائي پەن كەسپلىرىگىمۇ GRE تەلەپ قىلىنىدۇ. سودا تۈرىدىكى كەسپلەرگە GMAT تەلەپ قىلىنىدۇ. GRE دا 300 نومۇر ئالالىسىڭىز ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىشىڭىزنىڭ مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى بولىدۇ. ئەگەر بۇ خىل ئىمتاھانلارنىڭ نەتىجىسى يوق بولغاندا، ماگستىر ئاسپرانتلىققىمۇ قوش قوبۇل قىلىنىش ئىمكانىيىتى بولىدۇ. ئەمما GRE نەتىجىسى بولمىسا ئوقۇش مۇكاپات ئېلىش سەل قىيىنغا توختايدۇ. مەكتەپلەرنىڭ دەرىجىسى يۇقىرى بولغانسېرى تىل ۋە GRE غا بولغان تەلىپىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.

بۇ خىل ئۇنۋېرسىتىتلارنىڭ ئوقۇش پۇلىمۇ ئەرزان بولمايدۇ. ھەر يىلىغا (ئوقۇش+تۇرمۇش) 200~300 مىڭ خەلق پۇلى كېتىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە ئەرزان مەكتەپلەرمۇ بار. گەرچە بۇلار ئالدىنقى 100 مەكتەپنىڭ تىزىملىكىگە كىرمىسىمۇ، سىزنىڭ چەتكە چىقىش ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ياخشى تاللىشىڭىز بولالايدۇ. تۆۋەندە مەن ئىككى مەكتەپنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.  

(1) غەربىي كېنتاكىي ئۇنىۋېرسىتىتى (WKU) (西肯塔基大学West Kentucky University)  
بۇ ئۇنۋېرسىتىت ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ئەڭ ئاز مەكتەپ. باكلاۋۇرلۇقنىڭ ئوقۇش پۇلى 12000 دوللار، ئاسپرانتلىقنىڭ ئوقۇش پۇلى 9000 دوللار. بۇ مەكتەپتە باكلاۋۇرلۇقتىن دوكتۇرلۇققىچە بولغان ئۇنۋانلار تارقىتىلىدۇ. مېدىتسىنا (临床医学) دىن باشقا ھەممە كەسپلەر بار. بۇ مەكتەپتە بىر ئوقۇغۇچىغا  (باكلاۋۇر) بىر يىلدا 120 مىڭ خەلق پۇلى كېتىدۇ (ئېنگلىز تىلى تەييارلىقى بۇنىڭدىن قىممەت بولىدۇ). مەكتەپ ئىلتىماس قىلغاندا، ئەگەر 6.5 IELTS نومۇرىڭىز بولسا ئۇدۇل قوبۇل قىلىنىسىز. نەتىجىڭىز بۇنىڭغا يەتمىسە ياكى يوق بولسا، نەتىجىڭىزگە قاراپ ياكى مەكتەپ چىقارغان بىر تۇتاش تىل ئىمتاھانىغا ئاساسەن تىل دەرىسى ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. مەلۇم ئېنگلىز تىلى ئاساسىغا ئىگە بالىلار (5.5 IELTS) بىر يىللىق ئۆلچەملىك ئوقۇشقا، يەنى تىل ۋە ئالىي مەكتەپ بىرىنچى يىللىق دەرىسلىرىنى تەڭ ئېلىپ ماڭىدىغان پروگراممىغا قوبۇل قىلىنىدۇ. دېمەك بىر يىللىق تىل ئۆگىنىش ۋاقتىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.

ماگستىر ئاسپرانتلىققا قوبۇل قىلىشتا GRE نەتىجە كەتمەيدۇ. 5.5 IELTS نەتىجىڭىز بولسىلا ئاسپرانتلىق تەييارلىق سىنىپىغا قوبۇل قىلىنىسز. بىر مەۋسۈم ئوقۇپلا كەسپكە چۈشىسىز. ئاسپرانتلىققا بىر يىلدا ئەڭ ئاز دېگەندە (ئوقۇش+تۇرمۇش) 100 مىڭ خەلق پۇلى كېتىدۇ.

(2) فلورىدا ئاتلانتىك ئۇنىۋېرسىتىتى (FAU) (佛罗里达大西洋大学Florida Atlantic University)
بۇ ئۇنىۋېرسىتىت ئامېرىكىدىكى ئەڭ ئەرزان ئۇنىۋېرسىتىت ھېسابلىنىدۇ. باكلاۋۇرلۇققا ھەر يىلى بىر ئوقۇغۇچىغا (ئوقۇش+تۇرمۇش) 100~110 مىڭ خەلق پۇلى كېتىدۇ. ئوقۇتۇش پروگراممىلىرى يۇقارقى WKU بىلەن ئاساسەن ئوخشايدۇ. ئەڭ مۇھىمى بۇ مەكتەپ ئوتتۇا تېخنىكومنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن بالىلار ئۇدۇل باكلاۋرۇلۇققا قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ مەكتەپتىمۇ مېدىتسىنادىن باشقا ھەممە كەسپلەرنى تاپقىلى بولىدۇ، دوكتۇرلۇققىچە ئۇنۋان تارقىتىلىدۇ.

يۇقارقى ئىككى مەكتەپتىكى بارلىق كەسپلەرنىڭ ئارىسىدا، سىز بىلىدىغان ھەممە كەسپلەرنى تاپقىلى بولىدۇ. شۇڭا بۇ ئىككى مەكتەپ مائاشقا قاراشلىق ئائىلىلەرگە نىسبەتەن بىر ياخشى تاللاش. چۇنكى سىز ئەرزان باھادا، يەنى بىر باشلانغۇچ ئىنىستىتۇت بىلەن ئوخشاش باھادا، بىر ئۇنىۋېرسال ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيالايسىز. ئۇنىڭدىن باشقا، خەلقئارالىق ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ھەر ئىككى مەكتەپتە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئىلتىماس قىلالايسىز. گەرچە چوقۇم ئېلىشىڭىز ئېنىق بولمىسىمۇ، بىر سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.

ئامېرىكا مەكتەپلىرىدە ئەلۋەتتە دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا خىزمەت تاپقىلى بولىدۇ. ئەمما خىزمەت مەكتەپ ئىچىدىلا بولۇشى شەرت. بىر ئايدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 600 دوللار تاپالايسىز.

ئەمدى ئامېرىكىغا ئىلتىماس قىلىش توغۇرلۇق قىسقىچە توختۇلاي. مېنىڭ قىسقىغىنە خىزمەت تەجرىبەمگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىغا ئىلتىماس قىلىش ئەڭ مۇرەككەپ ھېسابلىنىدۇ. ئىلتىماس قىلىش يوللىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى سىز ئىلتىماس قىلماقچى بولغان مەكتەپنىڭ تور بېكىتىدە تاپالايسىز. ھەربىر مەكتەپتىن سورالغان ماتېرىياللارنىڭ تۈرى ئازدۇر-كۆپتۇر ئوخشىمايدۇ. ئىلتىماس قىلىشتا ئەگەر سىزنىڭ ئېنگلىزچە سەۋىيىڭىز ئالاھىدە ياخشى بولمىسا (7.0 IELTS ياكى 100 TOEFL)، چوقۇم ۋاستىچى شىركەتلەر بىلەن ئالاقىلىشىڭ. تىل سەۋىيىڭىز ياخشى بولغان تەقدىردىمۇ چوقۇم سىزدىنمۇ سەۋىيىلىك بىرى سىز يازغان ماتېرىياللارنى (قىسقىچە تونۇشتۇرۇش، ئىلتىماس قىلىش خېتى) تۈزىتىپ بېرىشى كېرەك. چۈنكى ماتېرىياللاردىكى ھەربىر خاتالىق سىزنىڭ قوبۇل قىلىنىشىڭىزغا تەسىز كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا ۋاستىچى شىركەتلەر سىز ئىلتىماس قىلماقچى بولغان مەكتەپلەرنىڭ تىل ئىمتاھانىنى ئېلىش سالاھىتىگە ئىگە. تىل سەۋىيەسى تۆۋەن بولغان بالىلار ئۈچۈن بۇ ھەقىقەتەن بىر چوڭ ئاسانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ۋىزا ئىلتىماس قىلغاندىمۇ ۋاستىچى شىركەتلەرنىڭ رولى چوڭ بولىدۇ. بولۇپمۇ يۈزتۇرانە ئىمتاھاننىڭ ئالدىدىكى مەشق ۋە چېنىقتۇرۇش ۋىزا ئىلتىماسىڭىزنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. ئامېرىكا ۋىزا ئىلتىماسى بارغانسېرى تەسلىشىۋاتقان بۇگۇنكى كۈندە بىر ۋاستىچى شىركەت ئىشلىرىڭىزنى كۆپ ئاسان قىلىدۇ.

ئەمما ۋاستىچى شىركەتنى چوقۇم دىققەت بىلەن تاللاش كېرەك. خىزمەت تەجرىبىسى مول، ياكى سىز بىلىدىغان بىرىنى چىقىرىپ باققان بولسا ئەڭ ئىشەنچىلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭغا چوقۇم ئەستايىدىل بولۇش كېرەك.

2. ۋېنگىرىيە
ئامېرىكا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئەڭ قىزىقىۋاتقان دۆلەت بولسا، ۋېنگىرىيە ئەرزان ئوقۇش پۇرسىتى بىلەن ئاتا-ئانىلىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە. ئەڭ مۇھىمى ۋېنگىرىيەدە ئېنگلىز تىلى تەييارلىق سىنىپىنىڭ قۇرۇلۇشى ئېنگلىزچە ئاساسىي ئاجىز بالىلار ئۈچۈن بىر ياخشى تاللاش بولىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ۋېنگىرىيە جۇڭگونىڭ دوختۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئېتىراپ قىلىدىغان ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى. گەرچە ۋېنگىرىيەنىڭ دۆلەت تىلى ئېنگلىز تىلى بولمىسىمۇ، ئالىي مەكتەپلەردە ئېنگىلىز تىلى كەڭ قوللىنىدۇ. ئېنگلىز تىلىدا ئۆتىلىدىغان دەرسلەرمۇ خېلى كۆپ.

ۋېنگىرىيەدە باكلاۋۇرلۇققا قوبۇل قىلىشنىڭ ئۆلچىمى يۇقىرى ئەمەس بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن بولسىڭىزلا قوبۇل قىلىنىشتا چاتاق يوق. ئەگەر 5.5 IELTS بولسىلا بىۋاستە قوبۇل قىلىشى مۇمكىن. ئاسپرانتلىققا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلا بولسىڭىز (ئوتتۇرىچە نومۇرىڭىز بەك تۆۋەن بولمىسا) 6.0 IELTS نەتىجە بىلەن بىۋاستە قوبۇل قىلىنىسىز. ئېنگلىز تىلى ئاساسى يوق بالىلار بىر يىللىق ئېنگلىز تىلى پروگراممىسىغا قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ بىر يىلدا ئېنگلىز تىلى ۋە ماتېماتېكا دەرسلىرى ئۆتىلىدۇ. بۇ بىر يىللىق ئوقۇش پۇلى 4500 ياۋرو بولىدۇ.

تەييارلىق ئوقۇشنى تۈگەتكەندىن كېيىن كەسپىي ئوقۇش رەسمى باشىلىنىدۇ. باكلاۋۇرلۇق ئۈچ يىل بولۇپ، ھەر يىللىق ئوقۇش پۇلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5800 ياۋرو بولىدۇ. ماگستىر ئاسپرانتلىق ئىككى يىل بولۇپ، ئوقۇش پۇلى 4000 ياۋرونىڭ ئەتراپىدا بولىدۇ. ۋېنگىرىيەدە تۇرمۇش خىراجىتى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ ئەڭ كۆپ بولغاندا ھەر ئايدا 600 ياۋرو بولىدۇ. ئىقتىسادچىل بالىلار 400~500 ياۋرونىمۇ يەتكۈزەلەيدۇ.

دېمەك ۋېنگىرىيەدە ھەر يىلىغا ئەڭ كۆپ بولغاندا (ئوقۇش+تۇرمۇش) 80~90 مىڭ خەلق پۇلىغىچە چىقىم بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بىر يىل تەييارلىق ئوقۇشقا (ئوقۇش+تۇرمۇش) 80 مىڭ خەلق پۇلى كېتىدۇ. بۇ ئامېرىكىدىكى بىر يىللىق تەييارلىق ھەققى (ئوقۇش+تۇرمۇش) 200 مىڭ خەلق پۇلىدىن كۆپ ئەرزان. شۇڭا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋېنگىرىيەدە بىر يىللىق تەييارلىقنى تۇگىتىپلا باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ كەتكەن ئەھۋاللىرىمۇ بولغان.

ئەمما ۋېنگىرىيەدە خىزمەت تېپىش ئانچە ئاسان ئەمەس. شۇنداقتىمۇ قانۇن بويىچە بىر ھەپتىدە 20 سائەت ئىشلىيەلەيسىز.

ۋېنگىرىيەنى تونۇشتۇرغاندا، دوختۇرلۇق كەسپىنىمۇ سۆزلىمەي بولمايدۇ. ۋېنگىرىيە جۇڭگونىڭ دوختۇرلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئەمما ۋېنگىرىيەدىكى دوختۇرلۇققا مۇناسىۋەتلىك كەسپلەر (临床医学) گە پەقەت دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بېرىلىدىغان بولغاچقا يەنىلا باشتىن باشلاپ ئوقۇشقا توغرا كېلىدۇ. سىزنىڭ بۇرۇنقى ئوقۇش تارىخىڭىز بىر يىللىق دوختۇرلۇق تەييارلىقىغا (تىل تەييارلىقى ئايرىم) توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتەلەيسىز. ئۇنىڭدىن باشقا يۈز-تۇرانە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتاھانىدىمۇ، كەسپىي بىلىملىرىڭىز تازا ئەسقاتىدۇ ئەلۋەتتە. ئەمەلىيەتتە مۇنداق ئوقۇغاندا، ۋاقىتتا ھەرگىز زىيان تارتمايسىز.  ۋېنگىرىيەدىكى دوختۇرلۇق ئوقۇش 6 يىل بولىدۇ ۋە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بىلەن پۈتتۈرىسىز. ئەگەر سىز جۇڭگودىمۇ دوختۇرلۇق كەسپىدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز 3 يىل ئاسپرانتلىق + 4 يىل دوكتۇرلۇق بىلەن جەمئىي 7 يىل بولىدۇ. ئەمما دوختۇرلۇققا مۇناسىۋەتلىك كەسپلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى يۇقىرى بولۇپ ھەر يىلىغا 15 مىڭ ياۋرو كىتىدۇ، بۇ تەخمىنەن 100 مىڭ خەلق پۇلىغا تەڭ كېلىدۇ (تۇرمۇش پۇلى بۇنىڭ سىرتىدا).

ئاخرىدا يەنىلا ئىلتىماس توغۇرلۇق سۆزلەي. ۋېنگىرىيەدە ئوقۇش 10-ئايدا باشلىنىدۇ. ئىلتىماس قىلىش بولسا 5-ئاينىڭ ئاخرىغىچە داۋاملىشىدۇ. ئەمما مەكتەپنىڭ پىلانىدىكى ئوقۇغۇچىلار سانى توشقان بولسا، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بالدۇر ئاخىرلىشىدۇ. شۇڭا يەنىلا بالدۇرراق ئىلتىماس قىلىش كېرەك. نەزەرىيە جەھەتتىن ئالغاندا ئېنگلىز تىلى سەۋىيىسى مەكتەپ ئىلتىماسىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئەمما ۋىزا ئىلتىماسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ ئېنگلىز تىلى سەۋىيىڭىز بەك تۆۋەن بولسا ۋىزا ئىلتىماسىدىكى يۈز-تۇرانە ئىمتاھاندىن ئۆتەلمەيسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ بولمىدى دېگەندىمۇ جان ساقلاش ئېنگلىز تىلى (Survival English) نى ئېگەنلىشىڭىز كېرەك.

يۇقىرىدا چۈشەندۈرۈلۈپ ئۆتكەن ئىككى دۆلەت ھازىر چەتئەلدىكى ئېنگلىز تىلىدا تەييارلىق ئوقۇغىلى بولىدىغان ئىككى دۆلەت. تۆۋەندە ياۋروپادىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ مائارىپىدا ئۆز تىلىنى ئاساس قىلىدىغان دۆلەتلەر تونۇشتۇرىلىدۇ.

3. گېرمانىيە
گېرمانىيە ئامېرىكىدىن قالسىلا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. گېرمانىيە مائارىپىدا نېمىس تىلى ئاساس قىلىنىدۇ. شۇڭا گېرمانىيە مەكتەپلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۇدەك نېمىس تىلى تەربىيلەش كۇرسى بولىدۇ. بۇنىڭدا ئوقۇش ئۈچۈن چوقۇم مەلۇم دەرىجىدە نېمىس تىلى ئاساسى بولۇشى كېرەك. بۇ ئاساسنى ئوقۇغۇچىلار ئادەتتە ئۆز دۆلىتىدە ئىگەللەيدۇ. بۇ ئاساسقا ئادەتتە 400~600 سائەت نېمىس تىلى دەرىسى ئارقىلىق يەتكىلى بولىدۇ. ئەمما تىل ئۆگىنىشكە قويۇنغان ئەڭ ئۇزۇن چەك ئىككى يىل. بۇنىڭدىن ئېشىپ كەتسە ۋىزا بېرىلمەسلىكى مۇمكىن.

ئەلۋەتتە، گېرمانىيەدىمۇ ئېنگلىز تىلىدا ئۆتۈلىدىغان كەسپلەر بولىدۇ، بولۇپمۇ ئاسپرانتىق ئوقۇشتا بۇنداق كەسپلەر كۆپرەك بولىدۇ. ئەگەر سىز ئوقۇماقچى بولغان كەسپنىڭ ئېنگلىز تىلىدا دەرس ئاڭلاش ئىمكانىيىتى بولسا، بۇمۇ بىر ياخشى پۇرسەت بولىدۇ.

ئەمما گېرمانىيەگە قوبۇل قىلىنىش ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس. گېرمانىيەدە مەكتەپ دەرىجىلىك، ئۆلكە دەرىجىلىك ۋە دۆلەت دەرىجىلىك قىزىق كەسپلەر بار. بۇ كەسپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭمۇ ئۆلچىمى بەك يۇقىرى بولىدۇ. بولۇپمۇ دوختۇرلۇققا مۇناسىۋەتلىك كەسپلەر شۇنداق بولىدۇ. ئاسپرانتلىققا ئىلتىماس قىلغاندا چوقۇم سىز ئىلتىماس قىلماقچى بولغان كەسپ بىلەن سىزنىڭ بۇرۇنقى كەسپىڭىز يېقىن بولۇشى كېرەك.

گېرمانىيەدە ئوقۇش پۇلى ئېلىنمايدۇ. ئەمما ھەر مەۋسۇمدە تىزىملىتىش ھەققى 500 ياۋرو ئېلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا تىل ئۆگۈنۈش تەييارلىقىدا ئوقۇش پۇلى ئېلىنىدۇ. بۇ ھەق ھەرقايسى مەكتەپلەردە ئوخشىمايدۇ. تۇرمۇشقا ھەر ئايدا 600 ياۋرو كېتىدۇ. كىچىكرەك شەھەرلەردە 550 ھەتتا 500 ياۋرولا كېتىدۇ. دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا، تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، قانۇنلۇق خىزمەت قىلسا بولىدۇ. ھەربىر ئوقۇغۇچى ئۆز تۇرمۇشىنى قامداپ كېتەلەيدۇ. دېمەك گېرمانىيەدە ھەر يىللىق خىراجەت (ئوقۇش+تۇرمۇش) 8200 ياۋرو بولىدۇ. بۇ تەخمىنەن 56 مىڭ خەلق پۇلىغا توغرا كېلىدۇ.

شۇڭا گېرمانىيە ھەقىقەتەنمۇ چىقىپ ئوقۇشقا ئەرزىگۇدەك بىر دۆلەت. گېرمانىيەدە ھەر يىلدا ئىككى قېتىم ئوقۇش باشالايدۇ، يەنى ھەر يىلى 4- ۋە 10- ئايلاردا ئوقۇش باشلايدۇ. ئەمما گېرمانىيەگە ئىلتىماس قىلىشمۇ ئالاھىدە مۇرەككەپ. بۇنىڭ بىر سەۋەبى گېرمانىيىگە ئىلتىماس قىلىشنىڭ بىرىنجى قەدىمى بولغان APS سىنىقىدۇر. بولۇپمۇ يېقىندىن بۇيان APS نىڭ بىرىنجى سىناقتىكى ئۆتۈش ئۆلچىمى ئاران %40 ئەتراپىدا بولىۋاتىدۇ. ئىككىنجى قېتىملىقنىڭ %80 بولىۋاتىدۇ. بۇ ئەڭ ۋاقىت يەيدىغان بىر جەريان. APS دىن ئۆتكەندىن كېيىن مەكتەپ ئىلتىماس قىلىش باشلىنىدۇ. مەكتەپنىڭ قوبۇل قىلىش قەغىزىنى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن ۋىزا ئىلتىماس قىلىنىدۇ.

گېرمانىيە توغۇرلۇق ئەڭ مۇكەممەل ئۇچۇر ۋە ئىلتىماس قىلىش يوللىرى دوكتۇر قۇربان باراتنىڭ تور بېكىتىدە بار بولغاچقا بۇ يەردە تەپلسىلىي توختالمايمەن. بۇ يەردە دوكتۇرنىڭ مۇناسىۋەتلىك يازمىلىرىنىڭ ئادرېسلىرىنى بېرىپ ئۆتىمەن.
http://achinuq.org/?p=106
http://achinuq.org/?p=651

4. ئىتالىيە
ياۋروپا گۈزەل-سەنئەت ئويغىنىشىنىڭ بۆشۈكى بولغان ئىتالىيەدە سەنئەت تۈرىدىكى مەكتەپ ۋە كەسپلەر ئىنتايىن كۆپ. دۆلەت ئىگىلىگىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇش پۇلى ئېلىنمايدۇ. ئىتالىيەدە ئوقۇشقا تەييارلىق قىلىش گېرمانىيەنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ.

بىر قىسىم تەبىئىي پەن كەسپلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىتالىيەدىكى ھەممە كەسپلەردە ئىتالىيان تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدۇ. شۇڭا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار بىر يىل ئىتالىيان تىلىدا تەربىيلىنىشى كېرەك. بۇ تەربىيلىنىشنى ئوقۇغۇچىلار كۆرسىتىلگەن مەكتەپتە ياكى تىل مەركەزلىرىدە ئېلىپ بارىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنىڭغىمۇ بىر ئاساس كېتىدۇ. بۇ ئاساسنى ئوقۇغۇچىلار ئۆز دۆلىتىدە ئىگەللەيدۇ. بۇنىڭغىمۇ 400~600 سائەتكىچە ۋاقىت كېتىدۇ.

ئىتالىيە بىلەن جوڭگو ئارىسىدا مائارىپ ھەمكارلىق توختامى تۈزۈلگەن بولۇپ، ئىتالىيە تەرەپ جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارغا تۆۋەندىكى ئىككى خىل تۈردە باكلاۋۇرلۇققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بېرىدۇ.

1) ماركوپولو پروگراممىسى
بۇ پروگرامما ئاساسلىقى تەبىئىي پەن كەسپلىرىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئىمتاھان نەتىجىسى (高考) تىن 340 يۇقىرى بولسىلا قوبۇل قىلىنىدۇ. دۆلەت ئىچىدە بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە يەتكەندىن كېيىن ئىتالىيەدىكى كۆرسىتىلگەن مەكتەپتە ياكى تىل مەركىزىدە ئىتالىيان تىلىدىن تەربىيلىنىشكە چۈشىدۇ. ئۇنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تۈگەتكەندىن كېىيىن ئاندىن كەسپىي ئۆگىنىش رەسمىي باشلىنىدۇ.

2) تۇراندو پروگراممىسى
بۇ پروگرامما ماركوپولو پروگراممىسىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئەمما بۇ سەنئەت تۈرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى نىشان قىلغان بولىدۇ. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا يۈز-تۇرانە ئىمتاھان بېرىشى مۇمكىن.

ئىتالىيەدە ئاسپرانتلىقتا ئوقۇشمۇ يۇقارقى ئۆچەمگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئەمما بۇنداق پروگراممىلار يوق. ئەگەر كەسپىڭىز ئېنگلىز تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىغان كەسپلەرگە چۈشسە 6.0 IELTS نەتىجە بىلەن ئۆتۈپ كەتكىلى بولىدۇ.

ئىتالىيەدىمۇ تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتكەندىن كېيىن خىزمەت تاپقىلى بولىدۇ. ھەر ئايلىق كىرىم بىلەن تۇرمۇشنى قامدىغىلى بولىدۇ.

5. روسىيە
روس تىلى دىيارىمىزدا ئىشلىتىلىشى بىر قەدەر كۆپ تىللارنىڭ بىرى. روسىيەگە چىقىپ ئوقۇشمۇ كۆپ خىراجەت تەلەپ قىلمايدۇ. بولۇپمۇ رۇبلىنىڭ باھاسى چۇشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە روسىيەدە ئوقۇش تېخىمۇ ئەرزان بولىۋاتىدۇ. بىر يىلدا تەخمىنەن (ئوقۇش+تۇرمۇش) 40~80 خەلق پۇلىغىچە خىراجەت قىلىسىز. تىل ئاساسسىز قوبۇل قىلىنىسىز. شۇ يەردە بىر يىللىق روس تىلى تەييارلىققا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ.

شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، روسىيەدە دوختۇرلۇققا مۇناسىۋەتلىك كەسپلەردە ئوقۇغىلى بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە ئالىي تېخنىكوملارنى ئېتىراپ قىلىدۇ.

يۇقارقى ئىككى دۆلەتكە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاغا ئانچە پۇختا ئەمەسكەنمەن. ئىتالىيەدىكى تۇرمۇش چىقىمى ۋە بۇ ئىككى دۆلەتكە ئىلتىماس قىلىشقا دائىر ئۇچۇرلاردىن ھېچنىمە ئېيتىپ بېرەلمىگىدەكمەن. بۇنىڭ سەۋەبى مەن خىزمەت جەريانىدا بۇ ئىككى دۆلەتكە مەسئۇل بولمىغانىدىم. شۇڭا پەقەت بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى ئىگەنلىگەن. بۇنىڭ ئورنىنى تۆۋەندە بۇ يازمىنىڭ ئۈچىنجى بۆلىكىدىن تولدۇرۋالاي.

تۆۋەندىكى بۆلەكتە شىمالىي ياۋروپادىكى تۆت دۆلەت تونۇشتۇرىلىدۇ. مەن ماگستىر ئاسپرانتلىقنى شىۋىتسىيەدە ئوقۇغان بولغاچقا، خىزمەت جەريانىدا بۇ تۆت دۆلەتكە مەسئۇل بولغانىدىم. شۇڭا بۇ تۆت دۆلەتنىڭ ئوقۇش ئۇچۇرلىرىغا مەن خېلى پۇختا ئىدىم. مېنى ھەيران قالدۇرغان يېرى شۇكى، ھېچقانداق بىر ئوقۇغۇچى بۇ تۆت دۆلەتنى سۈرۈشتە قىلىپ باقمىدى، ھەم ئوقۇشقىمۇ قىزىقمىدى. ھالبۇكى بۇ تۆت دۆلەت دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەتلەر ھېسابلىنىدۇ. جىنايەت سادىر قىلىش نىسبىتىمۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ تۆۋەن (ھەتتا تۆت دۆلەتنىڭكىنى قوشقاندا). بەلكىم بۇ شىمالىي ياۋروپانى چۈشەنمەسلىكتىن كېىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. تۆۋەندە بۇ تۆت دۆلەتكە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى بىر-بىردىن شەرھلەپ ئۆتەي.

6. شىمالىي ياۋروپا
شىمالىي ياۋروپادىكى تۆت دۆلەت Nordic countries دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇلار شىۋىتسىيە، فىنلاندىيە، نوۋرىگىيە ۋە دانىيەدىن ئىبارەت. بۇلارنىڭ ئىچىدە فىنلاندىيەدىن باشقا ئۈچ دۆلەت پادىشاھلىق تۈزۈمىنى ساقلاپ قالغان، ئەمما ھەممىسىنىڭ دۆلەت تۈزۈلمىسى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بۇ تۆت دۆلەت شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكىگە يېقىن يەرگە جايلاشقان بولغاچقا كىشىلەرگە سوغۇق بىلىنىدۇ. ئەمىلىيەتتە بۇ تۆت دۆلەتنىڭ شىمالىي كۇتۇپقا يېقىن جايلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بولۇپمۇ جەنۇب تەرەپلىرى ئانچە سوغۇق بولمايدۇ، ھەتتا ئىللىق بولىدۇ. بۇ تۆت دۆلەتتىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تىلى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. مەسىلەن شىۋىت تىلى بىلەن نورۋىگ تىلىدا ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ. ئېنگلىز تىلىمۇ جەمئىيەتتە خېلى ئومۇملاشقان. ئەمما بۇ تۆت دۆلەتنىڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا قويغان ئۆلچەملىرى ھەرخىل بولىدۇ. ئوخشايدىغان يېرى شۇكى، تۆت دۆلەتنىڭ ھەممىسىدە باكلاۋۇرلۇق 3 يىل، ماگستىر ئاسپرانت 2 يىل بولىدۇ. ئوقۇش جەريانىدا خىزمەت تېپىش ئانچە ئاسانغا چۈشمەيدۇ.

1) شىۋىتسىيە (瑞典، شىۋىتسارىيە 瑞士 ئەمەس)
بەلكىم شىۋىتسىيە بۇ تۆت دۆلەتنىڭ ئارىسىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئەڭ <<يېقىن>> دۆلەت بولسا كېرەك. ھېلىھەم شىۋىتسىيەدىكى چوڭ كىچىك كۈتۈپخانا ۋە مۇزىيلاردا ئۇيغۇرلارغا دائىر ئاسارىي-ئەتىقە ۋە قول يازمىلار ساقلانماقتا. ئۇيغۇرلار بەكرەك بىلىدىغان بۇرۇنقى شىۋىت ئالىملىرىدىن سۋېن ھېدىن ۋە گۈننار ياررىڭ قاتارلىقلار كۆپچىلىك تورداشلارنىڭ ئېسىدە بولۇشى مۇمكىن. ئەڭ داڭلىق پۇتبولچىسى ئىبراھىموۋىچنى پۇتبول ھەۋەسكارلىرىدىن تونۇمايدىنىغىنى يوق.

شىۋېتسىيە دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ دۆلەتتە باي ۋە كەمبەغەللەرنىڭ پەرقى ئەڭ كىچىك. ئومۇمىي ساپاسى يۇقىرى. مائارىپقىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. باكلاۋۇرلۇقتىكى كۆپىنچە كەسپلەر ۋە ئاسپرانتلىقتىكى بارلىق كەسپلەر (دوختۇرلۇققا مۇناسىۋەتلىك كەسپلەر بۇنىڭ سىرتىدا) ئېنگلىز تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدۇ. ئەمما خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلادىن ئوقۇش پۇلى تەلىپ قىلىنىدۇ. ئوقۇش پۇلى ھەربىر كەسپىكە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلىغا 125 مىڭ ئوقۇش پۇلى ئېلىنىدۇ. بۇ ناھايىىتى كۆپ پۇل. ئەمما شىۋىتسىيە ھۆكۈمىتى ئوقۇش مۇكاپاتى تەسىس قىلغان بولۇپ، ئېرىشىش ئانچە تەس ئەمەس. بۇ ئوقۇش مۇكاپاتى ئوقۇش پۇلىنىڭ %75 پېرسەنتىنى كەچۈرۈم قىلىۋىتىدۇ. دېمەك ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرشىسىڭىزلا يىلىغا ئوقۇش پۇلى ئۈچۈن 32 مىڭ خەلق پۇلى كېتىدۇ.

بەزىلەر شىۋىتسىيەدە ياشاش قىممەت دەپ ئويلايدۇ. شىۋىتسىيە ئوقۇغۇچى ۋىزىسى ئىلتىماس قىلىشقا ھەر ئايدا 7300 كرون ھېسابلايدۇ. بۇ تەخمىنەن 5400 خەلق پۇلىغا توغرا كېلىدۇ. ئەمما ھەقىقىتەن شۇنداق قىممەتمۇ؟ مېنىڭ تەجىربەمگە ئاساسلانغاندا شىۋىتسىيەدە ياشاش ئۈرۈمچىدە ياشاشتىن ئەرزان. قىممەت يېرى ياتاق ۋە قاتناش ھەققى. 600 كرون خەجلەپ ۋېلسىپىتتىن بىرنى ئېلىۋالسىڭىزلا قاتناش ھەققىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىسىز. ئەمما ياتاق ھەققى ئەڭ چوڭ سالماقنى ئىگەنلەيدۇ. مەن 2750 كرونلۇق ئوقۇغۇچىلار ياتىقىدا تۇرغانىدىم. ھەر ئېيىغا 4000 كرون خەجلەيتىم. مەن كىچىك شەھەردە تۇرغانىدىم. چوڭ شەھەرلەردە ياتاق ھەققى قىممەترەك بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا بىر ئايدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5000 كرون چىقىم بولىدۇ دەپ ئېيتشقا بولىدۇ.  بۇ تەخمىنەن 3800 خەلق پۇنىلىڭ ئەراپىدا بولىدۇ. تۇرمۇشى ئەرزان دېيىلىۋاتقان گېرمانىيەدىمۇ 500~600 ياۋروغىچە خەجلەيسىز، بۇ پۇل گېرمانىيەنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ. دېمەك شىۋىتسىەدىكى يللىق چىقىم (ئوقۇش+تۇرمۇش) (ئوقۇش مۇكاپاتى ئالاللىغاندا) 90 مىڭ خەلق پۇلى بولىدۇ.

شىۋىتسىيەدە تىل دەرسلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلمايدۇ. شۇڭا چوقۇم ئېنگلىز تىلى سەۋىيە ئىمتاھان نەتىجىسى بولۇش كېرەك، يەنى ((90) TOEFL ياكى  (6.5)IELTS) بولۇشى كېرەك. ((79) TOEFL ياكى  (6.0)IELTS) بولسىمۇ مەكتەپ ئىلتىماس قىلغىلى بولىدۇ، ئەمما ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىش تەسكە توختايدۇ.

شىۋىتسىيەدە يىلدا ئىككى قېتىم ئوقۇش باشلايدۇ، يەنى ھەر يىلى 3- ۋە 9-ئايلاردا ئوقۇش باشلايدۇ. ئەمما 3-ئايدىكى ئوقۇش باشلاشتا كەسپلەر ناھايىتى چەكلىك بولىدۇ. شۇڭا يەنىلا 9-ئايدا ئوقۇش باشلاشقا تىزىملىتىش كېرەك. بۇنىڭ تىزىملىتىش ۋاقتى ھەر يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە بولىدۇ. شىۋىتسىيەگە ئىلتىماس قىلىش ئانچە تەسمۇ ئەمەس. ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولغاچقا بۇ ھەقتە ئارتۇق توختالماي، كېيىنرەك بۇ توغۇرلۇق ئايرىم يازما يېزىلىدۇ.

شىۋىتسىيەدە باكلاۋۇرلۇققا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن چوقۇم تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن بولۇشى ياكى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان بولۇشى كېرەك. ئاسپرانلققا ئۆتۈش ئۈچۈن چوقۇم ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ياكى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان بولۇشى ۋە ئوتتۇرىچە نەتىجىسى 75 تىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك.

2) فىنلاندىيە
فىنلاندىيە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن تۆۋەن مۆلچەرلىنىۋاتقان ۋە سەل قارىلىۋاتقان بىر دۆلەت. فىنلادىيەدە پۈتۈن ئوقۇش پۇلى كەچۈرۈم قىلىنغان. باكلاۋۇرلۇق ۋە ئاسپرانتلىقتا ئاساسەن ئېنگلىز تىلىدا دەرس بېرىلىدۇ (دوختۇرلۇققا مۇناسىۋەتلىك كەسپلەر بۇنىڭ سىرتىدا). ئىلتىماس قىلىشنىڭمۇ بىرلا ئۆلچىمى بولۇپ، ((90) TOEFL ياكى  (6.5)IELTS) تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەمما تىل دەرسلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلمايدۇ. فىنلاندىيەدە ھەر يىلى 9-ئايدا ئوقۇش باشلايدۇ. بۇنىڭ تىزىملىتىش ۋاقتى 1-ئايدا بولىدۇ. بۇنىڭمۇ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولغاچقا، ئىلتىماس قىلىشقا دائىر ئۇچۇرلارنى كېينرەك ئايرىم يازمىدا توختىلىمەن.

فىنلاندىيەدە ياشاشمۇ قىممەتكە توختىمايدۇ. ھەر ئايلىق خامچوت 700 ياۋرو بولىدۇ. يەنى بىر يىللىق چىقىم 60 مىڭ خەلق پۇلىغا يەتمەيدۇ. بۇ ئېنگلىز تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئارىسىدا ئەڭ ئەرزان بىر دۆلەت. ئاتا-ئانامنى قىيناپ قويماي دېسىڭىز ئېنگلىز تىلىنى ياخشى ئۆگۈنۈپ مۇشۇنداق دۆلەتلەرگە بىۋاستە چىقىڭ.

فىنلاندىيەدىمۇ باكلاۋۇرلۇققا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن چوقۇم تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن بولۇشى ياكى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان بولۇشى كېرەك. ئاسپرانلققا ئۆتۈش ئۈچۈن چوقۇم ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ياكى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان بولۇشى ۋە ئوتتۇرىچە نەتىجىسى 75 تىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك.

3) نورۋىگىيە
نورۋىگىيەدىمۇ ئوقۇش پۇلى پۈتۈنلەي كەچۈرۈم قىلىۋېتىلگەن. ئەمما باكلاۋۇرلۇقتا ئېنگلىز تىلىدە ئوقۇلىدىغان كەسپ بولمايدۇ. ئالىي تېخنىكومنى ئېتىراپ قىلىدۇ. (5.0)IELTS ئالسىڭىزلا باكلاۋۇرلۇققا قوبۇل قىلىنغىلى بولىدۇ، ئەمما تىل مەكتەپتە بىر يىل نورۋىگ تىلىدا تەربىيلىنىسىز. نورۋىگىيەدە ئاران ئۈچ مەكتەپتە تىل تەربىيلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ. لېكىن تىل مەكتەپنىڭ ئۇقتۇرۇش قەغىزى بىلەن ۋىزا ئىلتىماسى ئاسانغا توختىمايدۇ. سىز ئۆتكەن تىل تەربىيلەش ئېلىپ بېرىلىدىغان مەكتەپلەردىمۇ سىز ياخشى كۆرگەن كەسپ بولۇشى ناتايىن. ۋاقتى كەلگەندە مەكتەپ ئالمىشىشمۇ ئامېرىكىغا ئوخشاش ئاسان بولمايدۇ. شۇڭا ئاسپرانتلىققا ئىلتىماس قىلغان ياخشى. ئاسپرانتلىقتا ھەممە دەرسلەر ئېنگلىز تىلىدا ئۆتۈلىدۇ. قوبۇل قىلىش ئۆلچىمى ((90) TOEFL ياكى  (6.5)IELTS)، بۇنىڭدىن باشقا ئوتتۇرىچە نەتىجە بەك تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.

نورۋىگىيەدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەربىر ئوقۇغۇچىغا يىلىغا 60~80 مىڭ خەلق پۇلىغىچە كېتىدۇ. ئەمما نورۋىگىيەدە جوڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارغا بىر ئوقۇش مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئەگەر ئېرىشەلىسىڭىزلا ئۆز تۇرمۇشىڭىزنى ئۆزىڭىز قامداپ كېتەلەيسىز. نورۋىگىيەگە ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى ھەر يىلى 12-ئايدىن بۇرۇن بولىدۇ، كېلەر يىلى 9-ئايدا ئوقۇش باشلايدۇ. ئەمما ئىلتىماس قىلىش بىر مۇرەككەپ جەريان. بۇنىڭغا يۇقىرى ئېنگلىزچە سەۋىيە كېتىدۇ. بۇ توغۇرلۇقمۇ ئايرىم يازما يېزىشقان توغرا كېلىدۇ.

4) دانىيە
دانىيە شىمالىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قىممەت دۆلەت. ئوقۇش ۋە تۇرمۇش پۇلىنىڭ قىممەت بولۇشىغا قارىماي ھېچقانداق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىلمەيدۇ. بىر يىللىق ئوقۇش پۇلى 40~110 مىڭ خەلق پۇلىغا توغرا كېلىدۇ. يىللىق تۇرمۇش پۇلى 65~88 مىڭ خەلق پۇلىغا توغرا كېلىدۇ. دېمەك بىر يلىغا 105~200 مىڭ خەلق پۇلىغىچە كېتىدۇ. شۇڭا مەن دانىيەدە ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلمايمەن. ئەگەر قىزىققۇچىلار بولسا، كېيىنرەك بۇ توغۇرلۇق ئۇچۇر تەييارلىساممۇ بولىدۇ.

7. باشقا دۆلەتلەر
بۇ يازمىدا مەن ئاساسلىقى بۇرۇنقى ئوقۇش ۋە خىزمەت جەريانىدا توپلىغان ئۇچۇرلاغا ئاساسەن، مەن بىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئالىي مائارىپىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم. ئەمما يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەر قېلىپ قالدى. بۇ دۆلەتلەرنى مەن ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدىكەنمەن ياكى بىلىدىغانلىرىم تولىمۇ ئاز ئىكەن. مەسىلەن، گوللاندىيەگە ئوقۇشقا كىرىشكە ((90) TOEFL ياكى  (6.5)IELTS) بولۇش كېرەك؛ ياپونىيەگە چىقىش ئۈچۈن ئۆز دۆلىتىدە ياپون تىلى ئۆگۈنۈپ مەلۇپ دەرىجىگە يەتكەندە ئاندىن چىققىلى بولىدۇ. ياپونىيىگە چىقىپ تىل ئۆگىنىش ئىككى يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. كانادانىڭ ئوقۇتۇش تۈزۈلمىسى ئامېرىكىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئوقۇش ۋە تۇرمۇش پۇللىرىمۇ ئامېرىكىدىن ئەرزانراق بولىدۇ. بۇلاردىن باشقا مالايسىيا ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار قىزىقىدىغان دۆلەتلەر ئىدى. ئەمما بەك چۈشىنىپ كەتمەيدىكەنمەن. تورداشلارنىڭ تولۇقلاپ بېرىشىنى سورايمەن.

ئاخىرقى سۆز
خۇلاسىلىغاندا، چەت ئەلدىمۇ ئەرزان باھادا ئوقۇغىلى بولىدۇ. ئېنگلىز تىلى نەتىجىسى ((90) TOEFL ياكى  (6.5)IELTS)  بار بالىلارغا تاللاش بەكمۇ كۆپ. تىل نەتىجىسى يوق بالىلار ئېنگلىز تىلىنى ۋەتەندە پۇختا ئىگەللىشى كېرەك. ئەگەر بۇنىڭغا كۆز يەتمىسە، ئامېرىكا ياكى ۋېنگىرىيەدە تەييارلىق ئوقۇشىنى تاماملاپ باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ كەتسىمۇ بولىدۇ.

مەن بىلىدىغان چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا دائىر ئۇچۇرلار مۇشۇنچىلىك ئىكەن. بىلىدىغىنىمنى ئايىمىدىم. ئەمما نۇقسانسىز دېيەلمەيمەن. خاتا بولغان يەرلىرى بولسا كەڭ تورداشلارنىڭ تۈزۈتۈپ بېرشىنى سورايمەن. بولۇپمۇ بۇ تۇنجى يازمام بولغاچقا، ئىملا خاتالىقى كۆرۈلۈپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇيغۇرچە خەت يازمىغىلىمۇ ئۇزۇن بولۇپ كېتىپتىكەن. يازمىدا دېيىلىپ ئۆتكىنىدەك، كام قالغان يەرلىرىنى كېيىنكى يازمىلاردا تولۇقلايمەن.

ئاخىرىدا ھەممىڭلارغا ئامانلىق تىلەيمەن.

2015-يىلى 3-ئاي

(بۇ يازما باغداش مۇنبىرىدە ئېلان قىلىندى، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ!)

2

تېما

0

دوست

567

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   13.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28049
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 166
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-1
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
تۈركىيىدە ئوقۇش توغرىىسدا مەلۇمات بولسا يوللاپ قويساڭلار؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

15

تېما

1

دوست

4371

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   79.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 1322
توردىكى ۋاقتى: 324
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-1
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئىسىل يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن قېرندىشىم.
توفىل ،ئايىلتىس ئېمتىھانلىرى قىيىنمۇ ؟قانداق تەييارلىق قىلساق بۇلىدۇ؟

15

تېما

1

دوست

4371

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   79.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 1322
توردىكى ۋاقتى: 324
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-1
يەر
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئۆزىڭىزنىڭ ئوقۇش جەريانىدىكى تەسراتلىرڭىزنى ئاڭلاپ باقساق؟

2

تېما

2

دوست

269

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   89.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33845
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 86
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-2
5#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
tikan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-27 20:30
ئۆزىڭىزنىڭ ئوقۇش جەريانىدىكى تەسراتلىرڭىزنى ئاڭلاپ ب ...

رەخمەت. ئۆزۈمنىڭ چەتئەلدىكى تەسىراتلىرىمنى يېزىشنى ئويلىغانتىم، ئەمما يېقىندىن بۇيان سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىم. كېيىنچە بۇ توغۇرلۇق ئايرىم تېمىدا بىر يازما يېزىش پىلانىم بار. ئېنگلىز تىلى ئىمتاھانلىرى قىيىن ئاسانلىقى، سىزنىڭ ھازىرقى تىل سەۋىيىڭىزگە باغلىق. ئەگەر ھازىر سىز ئالىي مەكتەپ ئېنگلىز تىلى 4-دەرىجىدىن ئۆتەلىسىڭىز، ياخشى تىرىشسىڭىزلا يېرىم يىلدىن بىر يىلغىچە ئايلتىس دا 6.5 ئالالايسىز. ئەگەر ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولسا، تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. ئەمما مۇتلەق ئەمەس. يەنىلا ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق.

تۈمەن ئۆركىشى

14

تېما

55

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   20.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4025
يازما سانى: 1579
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1636
تۆھپە : 4384
توردىكى ۋاقتى: 800
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-1
6#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
Tirishbeg يوللىغان ۋاقتى  2015-3-27 22:43
رەخمەت. ئۆزۈمنىڭ چەتئەلدىكى تەسىراتلىرىمنى يېزىشنى ئ ...

تېشلىقمۇ؟ موشۇنداق ئېسىل تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي...

2

تېما

2

دوست

269

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   89.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33845
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 86
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-2
7#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
orkex يوللىغان ۋاقتى  2015-3-27 23:39
تېشلىقمۇ؟ موشۇنداق ئېسىل تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي...

رەخمەت

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   26.76%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1612
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4723
توردىكى ۋاقتى: 1376
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-1
8#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
پايدىلىنىش قىممىتى بار ئۇچۇر ئىكەن.ھازىر مۇشۇنداق ئۇچۇرلارغا ئىھتىياج كىشىلەر ئاز ئەمەس.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )