«گېرمان قانىتى» ناملىق ئايرۇپىلانى چۈشۈپ كەتتى
ئەنگلىيە ئاگىنتىلىقى خەۋرى: تۈنۈگۈن گېرمانىيەنىڭ «گېرمان قانىتى» ناملىق 150 كىشلىك ئايرۇپىلانى ئىسپانىيەنىڭ بارسىلونادىن گېرمانىيەنىڭ دۇسلدورف (Dusseldorf) قاراپ ئۇچۇپ، فرانىسيەنىڭ ئالىپ تاغ رايونىدا چۈشۈپ كەتكەن.
ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئېيتىشچە، Airbus شىركىتنىڭ A320 -U9525 تىپلىق ئايرۇپىلانى Digne بىلەن Barcelonnette ئارىسىدا چۈشۈپ كېتىپ، بىرمۇ كىشى ھايات قالمىغان. فرانىسيە ئىچكى ئىشلار مىنستىرى قۇتقۇزۇش سگىنالى تارقىتالمىغان. ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە گېرمانىيەدىكى مەكتەپتىن كەلگەن 16 بالا بار ئىكەن.
فرانسىيە، ئىسپانىيە ۋە گېرمانىيە رەھبەرلىرى ئۆز ھەيرانلىقىنى بىلدۈرۈشتى، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل مۇخبىرغا: «بىز ھەممىمىز ناھايىتى بىر قايغۇلۇق بىر ۋاقىتتا تۇرۋاتىمىز» دەپ ئېيتقان، ھەمدە قۇشۇمچە قىلىپ ئۆزىنىڭ ئايرۇپىلان ھادىسىگە ئۇچرىغان نەق بېرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىر ئىزدەش ئەترىتى ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان بولۇپ، لېكىن كىشنى ئەنىدىشىگە سالدىغان يېرى، بۇ يەرنىڭ ناچار ھاۋا شارائىتى ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە زور توسالغۇ بولماقتا ئىكەن. Marseille تەكشۈرۈش ئەترىتىدىكى Bruce Robin نىڭ رويتىرىس خەۋەر ئاگىنتلىقىغا تىك ئۇچار ئايرۇپىلان ئارقىلىق ۋەقەگە يۇلۇققان ئايرۇپىلان قالدۇقلىرىنى كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە «ئايرۇپىلان گەۋدىسى پۈتۈنلەي چۇل-چۇل ھالەتتە بولۇپ، بىرمۇ ساق ئايرۇپىلان قانىتى ۋە گەۋدىسى يوق» دەپ ئېيتقان.
ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپ قىسمى گېرمانىيەلىك ياكى ئىسپانىيەلىك. يۇلۇچىلار ئىچىدە سەپەر قىلىپ قايتقان گېرمانىيەلىك 16 باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى با ئىكەن، Pra Loup قار تېيلىش ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى Sandrine Boisse ئەنگلىيە ئاخبارات (BBC) ئاگىنتىلىقىغا سائەت 11:00 لەر ئەتراپىدا تاغ تەرەپتىن بىر غەلىتە ئاۋازنى ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە : «دەسلەپتە، بۇ بەلكىم قار گۈمۈرلۈپ چۈشكەن ئاۋاز چىغى دەپ ئويلاپ قاپتۇق، لېكىن بۇ ئاۋاز قار گۈمۈرۈلگەن ئاۋازغا ئوخشىمايتتى، مەن بۇنى ئايرۇپىلاننىڭ تېز سۈرئەت بىلەن پەسكە چۈشۈۋاتقان ئاۋازى دەپ ئويلىدىم. »-دېگەن.
«گېرمان قانىتى» دائىمىي ئىشلار ئەمەلدارى Thomas Winkelmann مۇخبىرغا ئايرۇپىلان چارلاش ئىگىزلىكىگە يەتكەندىن كېيىن ئايرۇپىلان بىر مىنۇت تۆۋەنگە شۇڭغۇيدىغانلىقى ھەمدە 8 مىنۇتقىچە تۆۋەنگە داۋاملىق چۈشۈدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە: ئايرۇپىلان سائەت 10:53 مىنۇت ئۆتكەندە، دېڭىز يۈزدىن ئىگىزلىكى 6،000 فوت بولۇپ، فرانىسيە ھاۋا قاتناش باشقۇرغۇچىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان.
ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: تۇران
مەنبە: ئەنگلىيە ئاگىنتلىقى خەۋىرى
http://www.bbc.com/news/world-europe-32030270
|