قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2526|ئىنكاس: 23
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

دوكتور تاشپولات روزىدىن خۇش خەۋەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دىنىم ئىسلام مىللىتىم ئۇيغۇر

11

تېما

12

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3877
يازما سانى: 502
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3748
تۆھپە : 2913
توردىكى ۋاقتى: 520
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-1
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-25 09:33:53 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
UAV پروفېسسورى پولات ئىشلەپچىقىرىشقا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتتا
ياپونىيە بىلەن ھەمكارلاشتى




ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار،
بۈگۈن ئامېرىكا جەرەن جىلغا ئۇنىۋېرستېتى ماتېماتىكا پەنلىرى پروفېسسورى، دوكتور تاشپولات روزى ھەققىدە بېسىلغان «UAV پروفېسسورى پولات ئىشلەپچىقىرىشقا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتتا ياپونىيە بىلەن ھەمكارلاشتى» ناملىق خەۋەرنى كۆرۈپ سىلەر بىلەن ئورتاقلىشاي دېدىم. دوكتور تاشپولات روزى ھازىر ياپونىيەدە بىر قېتىملىق تەتقىقات ھەمكارلىقى ئورنىتىش سەپىرىدە بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ قېتىم ھەمكارلاشماقچى بولغان تەتقىقات تۈرى پولات ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت مۇھىم سانائەت تۈرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. دوكتور تاشپولات روزىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرستېت تورىدا تونۇشتۇرۇلۇشى كىشىنى تولىمۇ خۇشال قىلىدۇ. مەن دوكتور تاشپولات روزىىنىڭ بۇ قېتىملىق ھەمكارلىق سەپىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى ۋە بۇندىن كېيىنكى تەتقىقات ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىنى تىلەيمەن. مۇبارەك بولسۇن تاشپولات ئاكا!



ئامېرىكا جەرەن جىلغا ئۇنىۋېرستېتى (UAV) تورى خەۋىرى:
جەرەن جىلغا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ (University of Antelope Valley, UAV) ماتېماتىكا پروفېسسورى، دوكتور تاشپولات روزى، 3-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە ياپونىيە كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتى سانائەت ماتېماتىكا ئىنستىتۇتىنىڭ زىيارەت تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ بۇ قېتىمقى تەتقىقات سەپىرىدە، شۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دوكتورلىرى بىلەن بىرلىشىپ “ماگنىتلىق ئاقار جىسىم مېخانىكىسىدا ماتېماتىكىلىق تەتقىقات” ناملىق تەتقىقات تۈرىنى ئېلىپ بېرىپ، قولغا كەلتۈرگەن تەتقىقات نەتىجىلەرنى ئامېرىكا فىزىكا ژۇرنىلىدا ئېلان قىلماقچى. بۇ تەتقىقات تۈرىگە ياپونىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى مەبلەغ سالغان.



   دوكتور تاشپولات روزى بۇنىڭدىن باشقا كۆپلىگەن ئىلمى ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ماقالىلىرى “Hill قۇيۇنىغا 3 ئۆلچەملىك كىچىك ئۆزگىرىش بەرگەندىكى تەقسىملىنىشى ” قاتارلىقلارنىمۇ ئوز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنۇڭ ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ماقاللىرى ياپونىيە فىزىكا ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان. ئۇ ھازىرغا كەلگۈچە خەلقئارالىق ژۇرناللاردا 7 تەتقىقات ماقالىسىنى ئېلان قىلغان ۋە 6 خەلقئارالىق ئىلمىي يىغىنغا قاتنىشىپ ماقالە ئوقۇغان.

    2009-يىلى داڭلىق ماتېماتىكا ۋە فىزىكا ئالىمى پروفېسسور Michal Branicki  ۋە Stephen Wiggins بىرلىكتە داڭلىق ESEVIER فىزىكا ژۇرنىلى D دا  بىر 32-بەتلىك ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇلار دوكتور تاشپولات روزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسىنى ئىككى ئورۇندا قوللىنىدۇ. دوكتور تاشپولات روزىنىڭ “سىلىندىرلىق سۇ يولىدىن ئۆتكەن ئىككى ئۆلچەملىك تۇراقلىق ئاقار جىسىملار ئۇستىدىكى سان قىممەتلىك تەتقىقاتى” جۇڭگو شىنجاڭ ياش ئاكادېمىك يىللىق يىغىنىدا بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ “تۇرۇبا ئىچىدىكى ئاقار جىسىملار قۇيۇن ھەرىكىتى” دېگەن ماقالىسى ياپونىيەدە 10-قېتىملىق كوجى فۇسىمى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ ياپونىيەدە تۇرغان ۋاقتىدا، يەنە 1998-يىلى ۋە 1999-يىللىرى ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭلىق چەتئەلدە تۇرۇۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر ئىلمى دوكلات يىغىنىڭ كاتىپلىق ۋە رەئىسلىك خىزمەتلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.

    دوكتور تاشپولات روزى 1984-يىلدىن باشلاپ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. ئۇ 2000-يىلى ئامېرىكاغا كەلگەندىن بېرى ماتېماتىكا ئانالىزى، سىزىقلىق ئالگېبرا، تېرگونىمېتىرىيە، ئالگېبرا، باشلانغۇچ ئالگېبرا، ئىقتىساد ماتېماتىكا، كومپيۇتېرنىڭ قوللىنىشى ۋە دورا مىقدارىنى ھېسابلاش قاتارلىق دەرسلەرنى لوس ئانجېلېستىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئۆتۈپ كەلمەكتە. ئۇ ھازىر جەرەن جىلغا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇقىم ماتېماتىكا پروفېسسورى ۋە ئاۋانگارت ئوقۇغۇچىلار مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش پروگراممىسىنىڭ مەسئۇلى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىمەكتە.



    دوكتور روزى مۇنداق دەيدۇ، “جەرەن جىلغا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ماتېماتىكا سىنىپلىرىغا دەرس بېرىش ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ماتېماتىكىنىڭ گۈزەللىكىنى تونۇتۇش مەن ئۈچۈن شەرەپلىك ئىش” ئۇ سۆزىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپ، "مەن كىچىك ۋاقتىمدا ماتېماتىكنى بەك ياخشى كۆرۈپ كەتمىگەن بىراق مەن يېرىم يولدا توختاپ قالمىدىم، مانا ئەمدى ئۇ مېنىڭ كەسپىم بولۇپ قالدى. مەن ئوقۇغۇچىلارغا شۇنداق دېگۈم كېلىدۇ، ھەرقانداق چۈش ۋە مەقسەتكە چوقۇم يەتكىلى بولىدۇ پەقەت سىز قاتتىق تىرىشسىڭىز ھەم ئۆزىڭىزنى ئاشۇ مەقسەتلەر ئۈچۈن بېغىشلىسىڭىزلا كۇپايە قىلىدۇ" دەيدۇ.



    جەرەن جىلغا ئۇنىۋېرستېتى مەكتەپ مۇدىرى ماركو جونسون مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئۆتكۈر ماتېماتىك ۋە مەكتىپىمىز ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۈلگىسى دوكتور تاشپولات روزىنى تەبرىكلەيمىز ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرىمىز. بىز بۇ دەرىجىدىكى مۇنەۋۋەر پروفېسسورلارنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن داۋاملىق يۇقىرى مائاش ۋە باشقا ئۇلارنى جەلىپ قىلىدىغان شارائىتلار بىلەن تەمىنلەشكە داۋاملىق تېرىشىمىز».

    دوكتور تاشپولات روزىنىڭ روھى ئوزۇقلۇقى ئېينىشتېيننىڭ مۇنۇ تەڭلىمىسى: ئەگەر ”A” نى مۇۋەپپەقىيەت دېسەك، بۇ مۇۋەپپەقىيەت فورمۇلىسى مۇنداق بولىدۇ، ”A” بولسا “X” قوشۇلغان “Y” قوشۇلغان “Z”. بۇ يەردە ”X” خىزمەت قىلىشنى، “Y” ھەرىكەتنى، “Z” ئېغزىنى يۇمۇشنى كۆرسىتىدۇ.

خەۋەرنىڭ ئەسلى ئېنگىلىزچە نۇسخىسىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:


    قوشۇمچە: دوكتور تاشپولات روزىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ھەمكارلاشقان ياپونىيە كىيۇشۇ ئۇنىۋېرستېتىدىكى پىروفىسور ياسۇھىدا فۇكۇموتو بولسا سانائەت ماتېماتىكىسى ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى ئىكەن. بۇ كىشى ئۆز ساھەسىدە دۇنيادا كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىم بولۇپ، كۆپ قېتىم ياپونىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي جەمئىيەتلەرنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ۋە كۆپلىگەن خەلقىئارالىق ئىلمىي ژۇرناللارنىڭ باش تەھرىرلىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىكەن.


مەنبە :ئىزدىنىشتىن بىلگىجان  

0

تېما

0

دوست

2054

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   1.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27927
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 654
توردىكى ۋاقتى: 80
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-12
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-25 09:55:54 |ئايرىم كۆرۈش
ئالىمىمىزنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

5

دوست

4547

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   84.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21916
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1450
توردىكى ۋاقتى: 195
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-25 10:06:22 |ئايرىم كۆرۈش
رەخمەت .ئىشقا كىلىپلا بۇ خوش خەۋەرنى كۆرۈپ ئىنتايىن خوش بولدۇم. ئالىمىمىز ،ئۇيغۇر ئوغلانىغا ئاپىرىن ، تىنىنىڭ ساق، ئىشلىرىنىڭ ئوڭئۇشلۇق بولىشىنى ياراتقۇچىدىن تىلەيمەن.

0

تېما

0

دوست

434

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34908
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 134
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-12
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-25 10:17:40 |ئايرىم كۆرۈش
بىر مىللەتنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى ئىككى نەرسە بەلگۈلەيدۇ ، بۇنىڭ بىرى ئالىملار ، يەنە بىرى مۇنەۋەر كارخانىچىلار

0

تېما

5

دوست

1390

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   39%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32248
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 418
توردىكى ۋاقتى: 69
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-10
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-25 10:28:25 |ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ ئەتگەندە ئىشقا چۇشۇپلا بۇ خەۋەردىن ناھايتى خوش بولدۇم.

0

تېما

0

دوست

1113

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   11.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33767
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 338
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-7
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-25 10:30:38 |ئايرىم كۆرۈش
تەبرىكلەيمەن پولاتكا ئاللا ئىرادىڭىزنى پولاتتەك مۇستەھكەم قىلغاي

‹‹ ›

0

تېما

1

دوست

454

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10949
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 125
توردىكى ۋاقتى: 43
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-11
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-25 10:32:27 |ئايرىم كۆرۈش
مەن ئەتتىگەندە دەرىسكە چىقىپلا بۇ خەۋەرنى كۆرۇپ بكلا ھاياجانلاندىم

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭى

3

تېما

8

دوست

7589

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   51.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12516
يازما سانى: 649
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 609
تۆھپە : 1885
توردىكى ۋاقتى: 332
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-25 11:02:00 |ئايرىم كۆرۈش
ئىسىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )