- تىزىملاتقان
- 2014-1-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2363
- نادىر
- 0
- يازما
- 136
ئۆسۈش
12.1%
|
تۈنۈگۈن گىرمانىيەنىڭ گىرمانىيە قانىتى ناملىقA320 يولۇچىلار ئايرۇپىلانى فىرانسينىڭ جەنۇبىدىكى ئالپىس تاغ تىزمىسغا چۈشۈپ كەتتى،ئايرۇپىلاندىكى150نەپەر يولۇچى ھەم ئۇچقۇچىلارنىڭ ھەممىسى قازا قىلدى، يولۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى گىرمانىيە،ئىسپانىيە ۋە تۈركىيەدىن كەلگەن،ۋەقەدىن كېيىن نۇرغۇن كىشلەر نېمىشقا يولۇچىلار ئايرۇپىلانغا پاراشوت ئورناتمايدۇ?پاراشوت بولغان بولسا ئۆلۈم يېتىم ئەھۋالى تېخىمۇ ئازايمامدۇ?دەپ سوئال قويۇشتى.
قارىماققا بو سۇئال ناھايىتى توغرىدەك راستنلا پاراشوت بولغان بولسا كۆپ كىشى ئامان ئېسەن قالدىغاندەك تۇيۇلىدۇ،ئەمما ئەھۋال دەل ئەكىسچە.چۈنكى ھەريىلى يۈز بېرىدىغان ئايرۇپىلان ھادىسلىردە ئادەم ئۆلۈش ھادىسسى ناھايىتى ئاز بىر قىسمنىلا ئىگەنلەيدۇ،
1.پاراشوتتىن سەكرەش ئۈچۈن ئالاھىدە مەشىقلەندۈرۈلگەن بولۇشى كىرەك،ھەتتا ھاۋا ئارمىيەنىڭ ئۇچقۇچىلىرى ۋە پاراشوتچى ئەسكەرلىرىمۇ پاراشوتتىن سەكرەپ يەر يۈزگە يۈزدە يۈز سالامەت قونىمىز دىيەلمەيدۇ،يولۇچىلار ئالاھىدە مەشققە قاتنىشىپ باقمىغاچقا ،ئايرۇپىلاندىن سەكرەپ قانچىلىك ۋاقىتتا ئېغىرلىق ئېشىپ كېتىدىغانلىقىغا توغرا ھۆكۈم قىلالمايدۇ دە ۋاقتىدا پاراشوتنى ئاچالماي يەرگە ئوق تېزىلكىدە چۈشۈپ كېتىدۇ،
2.ئادەتتە يولۇچىلار ئايرۇپىلانى 7000-12000مېتىر ئىگىزلىكتە ئۇچىدۇ،لېكىن پاراشوت سەكرەش ئېگىزلىكى 500-1500مېتىر ،ئەگەر ئايرۇپىلان ئېگىز بوشلۇقتا ھادىسگە ئۇچرىسا يولۇچىلار پارشۇتتىن سەكرىگەن تەقدىرىدىمۇ لېكىن ئوكسېگىن يېتشمەسلىك،تۈۋەن تېمپىراتۇرا،يۇقىرى ھاۋا ئېقىمى تۈپەيلى ئۆلۈش نېسبىتى ھايات قىلىش نېسبىتدىن مۇتلەق يۇقىرى بولۇپ قالىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە يولۇچىلار ئايرۇپىلانىڭ بۈلۈمچىلىرى يۇقىرى بېسمىلىق بۈلۈمچىلەر بولغاچقا يۇقىرى بوشلۇقتا ئايرۇپىلان ئىشكى ئېچىلغاندا ھاۋا ئېقىمى تۈپەيلى يولۇچىلار زەمبىرەك ئوقىدەك ئېتلىپ چىقىپ كېتىدۇ، ئايرۇپىلان ئشىكى ئايرۇپىلان قانتىنىڭ تۆۋىنگە ئورۇنلاشتۇرۇلغاچقا ،يولۇچىلار ئېگىز بوشلۇقتىن سەكرىگەن چاغدا ئۇياق بۇياققا كېتىپ قالماي ئۇدۇللا ئايرۇپىلان قانتىدىكى ماتۇرىغا كىرىپ كېتىدۇ،
3.ئايرۇپىلان ھادىسسى ئاساسەن كۆتۈرۈلگەندە ياكى يەرگە قونۇش ئالدىدا يۈز بېرىدۇ،قونۇش ئالدىدىكى ھادىسە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ،پاراشوت بىلەن سەكرىگەن چاغدا ئېگىزلىك بەكلا تۆۋەن بولغاچقا پاراشوت ئېچىلغان تەقدىردىمۇ يېتەرلىك ھاۋا قارشلىقى بولمىغاچقا يولۇچىلار يەر يۈزگە چۈشۈپ كېتىدۇ،
4.ئايرۇپىلانغا سەكرەش قۇرۇلمىسى ئورنتىش ناھايىتى كۆپ مەبلەغ كېتىدىغان ئىش،ئەگەر ئورناتسا بېلەت باھاسى نەچچە ھەسسە ئۆرلەپ كېتىدۇ،ھە بوپتۇ بۇنمۇ تەڭشەپ ئورناتتى دەيلى،ئۇنداقتا ھادىسە يۈز بەرگەندە كىم بىرىنچى بولۇپ سەكرەيدۇ?ئۇچقۇچىلار يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكگە بار كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلشى كىرەك،ئەلۋەتتە بۇنىسى ئېنىق،لېكىن جىددي ئەھۋال راستنلا يۈز بەرگەندە يولۇچىلار ئۆز جېنى ئۈچۈن ئۇچقۇچىلارنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە ئىش كۆرمەي پاراشۇت تالىشش باشلىنىپ ئۆلۈش نېسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇشى ئېھتمالغا ناھاىىتى يېقىن،شۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەممە يولۇچىنى ساق سالامەت پاراشۇتتىن سەكرەتكۈزۈش مومكىن ئەمەس ،چۈنكى ۋاقىت يار بەرمەيدۇ دە،
|
|