پۇتىن: رۇسىيە «دۈشمەن كۈچلەر»نىڭ قورشاۋىدا قالدى
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 27-مارت خەۋىرى (ئوكيان تەرجىمىسى): رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن 3-ئاينىڭ 27-كۈنى دېيىشىچە، رۇسىيە دۈشمەن كۈچلەرنىڭ قورشاۋىدا قالغان. ئۇ يەنە قەسەم بېرىپ، مەيلى ھەربىي مەقسەتتە رۇسىيەنى قورشىغان بولسۇن ياكى ئىچكى قىسىمدىن ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرماقچى بولسۇن، ئۆزىنىڭ قاتتىق قايتۇرما زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ رۇسىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ رەھبىرى بورىس نېمتسوۋ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ھەمدە پۇتىن ئاممىنىڭ نەزىرىدىن يوقاپ كەتكەندىن كېيىن، پۇتىننىڭ تۇنجى قېتىم مۇھىم سۆز قىلىشى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتتە ئىنتايىن قاتتىق تەدبىر قوللاندى، بۇ قېتىمقى سۆزى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى قايتا تىكلىمەكچى بولدى. 2-ئاينىڭ 27-كۈنى نېمتسوۋ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلدى. 3-ئايدا پۇتىن ئاممىنىڭ نەزىرىدىن 11 كۈن يوقاپ كەتتى. ئالدى-كەينى بولۇپ يۈز بەرگەن بۇ ئىككى ۋەقە موسكۋا سىياسىي سەھنىسىدە پۇتىن ھۆكۈمىتىدىكى ئىچكى كۈرەش ھەمدە ئۇنىڭ ھوقۇقنى كونترول قىلىشىنىڭ مۇقىملىقىغا بولغان پەرەزلەرنى بارغانسېرى ئۇلغايتتى.
پۇتىن رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىرىگە سۆز قىلىپ:«ئەگەر بىز ھەربىر قەدەمدە باش ئەگسەك ۋە يول قويساق، رۇسىيەنىڭ ئەتراپىدىكى ۋەزىيەت ياخشىلانمايدۇ. پەقەت بىز تېخىمۇ قۇدەتلىك بولساق، ئاندىن ۋەزىيەت ياخشىلىنىدۇ» دېدى. رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى پۇتىننىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى قورالى، دەسلەپتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جاسۇسلۇق ئىدارىسى KGB ، پۇتىننىڭ سىياسىي ھاياتى KGB دىن باشلانغان.
پۇتىن غەربنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى. ئۇ:«غەربنىڭ مەخسۇس ئورگانلىرى ئىجتىمائىي تەشكىلات، ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات ھەمدە سىياسىي تەشكىلاتلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا، ئۇلار تىرىشچانلىقى ئازراقمۇ توختاپ قالغىنى يوق، بولۇپمۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئىشەنچ كۈچى ۋە رۇسىيەنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ شۇنداق» دېدى.
ئۇ يەنە:«ئۇلار ئالاقىدار پىلانىنى باشلىدى، 2016-يىلدىن 2018-يىلدىكى سايلام يېتىپ كېلەي دېگەن مەزگىلدە ھەرىكەت قوللانماقچى» دېدى.
رۇسىيە كېلەر يىل يېڭى پارلامېنت سايلاپ چىقىدۇ، پۇتىننىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق پرېزىدېنتلىق ۋاقتى 2018-يىلى توشىدۇ. نۆۋەتتە، پۇتىن يەنە سايلامغا قاتنىشىدىغان قاتناشمايدىغانلىقىنى تېخى جاكارلىمىدى، بىراق ئۆكتىچى زاتلار پۇتىننىڭ مەڭگۈ پرېزىدېنت بولماقچى بولۇۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
نېمتسوۋ پۇتىننى تەنقىدلەيدىغان ھەرخىل زاتلارنى بىر يەرگە ئۇيۇشتۇرغان ئاچقۇچلۇق شەخس. ئۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندىن كېيىن، زور دەرىجىدە ئاجىزلىشىپ كەتكەن رۇسىيە ئۆكتىچىلىرى يەنىمۇ پارچىلىنىپ كېتىشى مۇمكىن. ئۆكتىچى زاتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نېمتسوۋنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى رۇسىيەدىكى ۋەھىمىلىك كەيپىياتنى كۈچەيتكەن ھەمدە پۇتىننى تەنقىدلىگۈچىلەرنىڭ يەنىمۇ چەتكە قېقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
پۇتىن ئۆكتىچىلەر بىلەن سۆزلىشىشكە تەييارلىنىپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى، «ئىجابىي تەنقىدىي پىكىر»دىكى كىشىلەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلايدىكەن. پۇتىن:«لېكىن، سىرتقى كۈچلەرنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى ئەمەس بەلكى چەتئەل دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ ئىش كۆرىدىغان كىشىلەر بىلەن سۆزلىشىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق» دېدى. ئۇ يەنە تولۇقلاپ، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل مەبلىغىنى قوبۇل قىلغان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنى داۋاملىق قاتتىق نازارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
پۇتىن يەنە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپانىڭ مۇداپىئە ئىشلىرىنى كۈچەيتىش تەدبىرىنى ئەيىبلىدى. پۇتىن غەربنىڭ رۇسىيەنىڭ «مۇستەقىل سىياسىتى»نى ھەمدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى ئىككى تەرەپنى ياراشتۇرۇش تىرىشچانلىقىنى جازالىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى، ئۇ بۇ خىل قىلمىشنىڭ مەغلۇپ بولۇدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
پۇتىن يەنە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى پىلانىنى مەخسۇس تىلغا ئېلىپ، بۇ پىلاننىڭ «ھازىرقى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان يادرو تەڭپۇڭلىقىغا بۇزغۇنچىلىق» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئوكيان تەرجىمىسى
|