ئەزەربەيجاندا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ئىزلىرى
مەلۇم بولۇشىچە 13-ئەسىرلەردە ئىلخانىيلار ھاكىمىيىتىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەزەربەيجانغا كىرگەن ئۇيغۇر تىلى مەملىكىتىمىزدە ئاساسىي ئورۇندا تۇرىۋاتقان قىپچاق تۈركچىسى بىلەن ئوغۇز تۈركچىسىگە بىۋاستە تەسىر قىلىپ، بۈگۈنكى ئەزەربەيجان تىلىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. بۇ مەسىلە توغرىسىدا پروفېسسور جاۋاد ھاياتمۇ ئۆزىنىڭ "ئەزەربەيجاننىڭ تۈركلىشىشى ۋە ئەزەربەيجان تۈركچىسىنىڭ تەركىۋى" دىگەن ئەسىرىدە ئېنىق ئۇرغۇ بېرىپ ئۆتكەن. يېقىندا تۈركىيەنىڭ ت ر ت تېلېۋىزىيەسىمۇ بۇ ھەقتە مەخسۇس پروگرامما كۆرسەتتى.
" باكۇۋى 13-ئەسىردە ياشىغان بولۇپ، ھەسەنئوغلىنىڭ زاماندېشى ئىدى. مەندە ئۇنىڭ بىر شېئىرى بار. مەن بۇ شېئىرنى كىتاۋىمغا قوشۇپ نەشىر قىلدۇردۇم. ئۇنىڭدا ئۇيغۇر تۈركچىسىنىڭ ئالاھىدىلىگى كۆرسىتىلگەن. بىزنىڭ تىلىمىزدا قىپچاق ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزلىرى باردۇر. بىزنىڭ تىلىمىز ئوغۇز تۈركچىسىنىڭ ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۇيغۇر تىلىنىڭ بەلگىلىك تەسىرى بار. قىپچاق تۈركلىرى 9-ئەسىرلەردە ئەزەربەيجانغا يەنى ھەزەر دېڭىزىنىڭ شىمالىغا كېلىشكەن. ئۇيغۇرلار بولسا 13-ئەسىردە ھەزەرنىڭ جەنۇبىغا موڭغۇللار بىلەن بىرلىكتە كەلگەن. تەبىئىيلا ئۇلارمۇ تۈركىي تىللىق بولغاچقا بىزنىڭ تىلىمىزغا چوڭ تەسىرلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن. ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەزەربەيجان تىلىغا قالدۇرغان تەسىرىنىڭ ئىسپاتلىرى بۈگۈنكى شەرقىي ئەزەربەيجاننىڭ سويۇقبۇلاق بوستانلىغىدىن سۇلدۇز قارا قالپاقلىرىغىچە، خوي كۆلى ۋادىسىدىن تۈركىيە چېگرىسىغىچە بولغان ۋادىدىكى خەلىقلەرنىڭ ئىستىمالىدىكى "ئۇيغۇر-ئاۋشار" شىۋىسىدىن ئىبارەتتۇر. بۇ شىۋە ئاساسەن ئىلخانىيلار دۆۋلىتىنىڭ دۆۋلەت تىلى بولمىش ئۇيغۇر تىلىنىڭ خوراساندىن تارتىپ، تۈركىيەدىكى ئاۋشارلار ۋادىلىرىغىچە تارالغانلىغىدىن شەكىللەنگەن. بۈيۈك رەس ئوغلى "ئەزەربەيجاندا تۈرك شىۋىلىرى" دىگەن ئەسىرىدە بۇ شىۋە دېڭىزنىڭ غەربىدىن 8 كىلومېتىر كېلىدىغان قارا ھەسەن كەنتى ۋە زېينەللى، يورغانلى، بالوۋ، غەجىن، ۋېلېندە، قالا، تۇپراق قالا، قارىغاچ قاتارلىق جايلاردا ناھايىتى مۇكەممەل ئقستىمالىنى ساقلاپ كەلمەكتە دەپ يازىدۇ.
ئۇيغۇرلار بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزگە پەقەت تىل جەھەتتىنلا تەسىر قالدۇرغان بولماستىن بەلكى سەنئەت يەنى خەلق سەنئىتىمىزگىمۇ بەلگىلىك تەسىرلەرنى قالدۇرغان.
مەسىلەن ئەزەربەيجان خەلق سەنئىتىنىڭ ئاساسلىق ياتماقلىرىدىن بولغان بۇلۇت ۋە يامغۇر كومپوزىتسىيەسى بىلەن تۈركلەرنىڭمۇ شۇ ساھەسىگە ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ تەسىرى كۆرۈنەرلىك بولغان. بۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ بىزگە سىڭدۈرگەن مەدەنىيەت ئامىللىرى مۇزىكا ساھەسىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.
Azərbaycanda Uyğur Türklərinin Mədəniyyət İzləri
Məlum olduğu kimi 13-cü əsrdə Elxanilərin bölgəyə hakim olmasıyla birlikdə Azərbaycana girən uyğur türkcəsi, qıpçaq türkcəsiylə birlikdə bölgədə nüfuz baxımından çoxluq təşkil edən oğuz ləhçəsinə təsir edərək bu günkü Azərbaycan türkcəsinin oluşmasında önəmli bir rol oynamışdır. Bu xüsusu bir çox araştırmacının yanı sıra Prof. Dr. Cavad Heyət də “Azərbaycanın Türkləşməsi və Azərbaycan Türkcəsinin Təşəkkülü” adlı əsərində açıkca vurğularkən, [12] TRT-İNT və
ئەزەربەيجان يازغۇچىسى ئابۇلھەمىد ئاۋشارنىڭ بۇ يازمىسىنى قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. بەزى خاتالىقلار بولۇشى مۈمكىن. تورداشلار تۈزىتىپ قويسا.
|