كىتاب نامى :ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە
ئاپتۇرى :زۇلپىقار بارات ئۆزباش
نەشىرى :2011-يىلى 4-ئاي 1-نەشىرى
بېسىلىشى :2013-يىلى 4-ئاي 2-بېسىلىشى
ئاپتور ھەققىدە :
زۇلپىقار بارات ئۆزباش ،ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى .1975-يىلى ئاقسۇ ئۈچتۇرپان ناھىيسىدە تۇغۇلغان .1992-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تىللىرى فاكۇلتىتىدا ئوقۇغان .ئىنگىلىز تىلىنى ئۆزلۈكىدىن ئۈگەنگەن .ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىدا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ .
كىتابنىڭ ئاساسى مەزمۇنى :
بۇ كىتابتا ئاپتور ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتى دا ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىنىلا سۆزلەپ قالماي يەنە ھونولۇلۇ شەھىرىنى ،ھاۋايلىقلارنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشىنى سۆزلەش بىلەن بىرگە ئامرېكانلار ۋە ئامىرېكىنىڭ بۈگۈنى ھەققىدە ئايرىم ئايرىم توختالغان .
ئاپتور جەننەتتەك شۇنداق گۈزەل مەنزىرلىك جايلارغا بارغان ۋاقىتتىمۇ خۇشاللىقىدىن ئۈزىنى يۇقىتىپ قويمىغان ،ھەممەيلەن ھاياجاندىن سەكرىشۋاتقان ۋاقىتتا ئاپتورنىڭ خىيالى يەنىلا ئۆز دىيارىدا ئىدى . ئاپتور مەدەنىيەت ئەندىكشى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسلىلەر ئۈستىدىمۇ نۇرغۇن خىياللارنى سۈرگەن . ئامېرىكا پىروفېسسور لىرىنىڭ سېھرى كۈچى يەنى ئېسىل پەزىلەتلىرىنى شۇنداقلا پەزىلەتنىڭ ئۈنسىز تەربىيەدىكى رولىنى ۋە پىروفېسسور نىڭ مەنىۋى دۇنياسىنىڭ ئوقۇغۇچىسىغا يوشۇرۇن بىلىم بېرىدىغانلىقىنى ،زىيالىيلارنىڭ رولىنى سەل چاغلاشقا بولمايدىغانلىقىنى ئۆگەندىم دەپ يازغان ، ھەمدە ئۇيغۇر جەمئىيتىدە كىلاسسىك زىيالىيلارنىڭ بارغانسىرى ئازلاۋاتقانلىقى ،چىن زىيالىيلارنىڭ نىمە ئۈچۈن يۇقاپ كېتىۋاتقانلىقى ،زىيالىيلارنىڭ بازار ئىگىلىكى دەۋرىدىكى مەنىۋى دۇنياسى ۋە قىيىنچىلىق ،تارىيۋاتقان ئىمكانىيەتلەر ئالدىدىكى ئىپادىسى قاتارلىق نۇقتىلار ھەققىدە ئويلانغان .
ئاپتور مەكتەپ ئاشخانىسدا تاماق ئەتكۈچە باشقا دۆلەت كىشىلىرىنىڭ ھەرخىل قىلىقلىرىغا قاراپ مۇنداق بىر پاكىتنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلغان :مىللى ئوبراز ،مىللى كىملىك نۇقتىسىدىن بىر ئادەم بىر مىللەت دېمەكتۇر . شەخىسنىڭ ھەرىكىتى بىر مىللەت ئوبرازىنىڭ سۈزۈك ئەينىكى ۋە ئىخچام كۆرۈنىشىدۇر …بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ،ئۇيغۇرلار ئوبرازىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەردە خۈنۈكلىشىشى -ئازغىنە كىشلەرنىڭ شەخسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن مىللى كىملىكنى بۇلغىغانلىقنىڭ نەتىجىسى .
ئاپتور ئامېرىكا مائارىپى توغرىلىق سۆزلەپ ،ئادەمنىڭ قۇلىقى ياخشى گەپلەرگە ،مەدھىيەگە كۆنۈپ كەتسە بولمايدىغانلىقىنى ؛تەتقىقات ۋە مۇنازىرە ئەخلاقىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ،ھەمكارلىق روھىنى تەكىتلەشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ،ئىلمىي ئادەم بولۇش ئۈچۈن توختىماي ئىزدىنىش ،پىكىر ئىچىدە ياشاش ،ئىدىيە تارقىتىش ھەم ئۆزىگە قەرەللىك جەڭ ئېلان قىلىپ تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم دەپ يازىدۇ . كىتابنىڭ ئاخىردا ئۈچ بابتا ياشلار توغرىلىق سۆزلەيدۇ ، ئامرېكىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش ۋە ياشلارنىڭ قىينچىلقىنى يېڭىشىگە تۇسالغۇ بولۇۋاتقان روھىي ئامىللارنى تەپسىلى بايان قىلغان .بىز ياشلارغا سەھەر تۇرۇش،تەشەببۇسكار بولۇش ،ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئالدىن قىياس قىلىش ،ۋاقىت تەقسىملەش ،يالغۇز تۇرىدىغان ۋاقىتنى كۆپەيتىش ،ئۈن تىنسىز پىكىر قىلىش (قۇرۇق خىيال سۈرۈش ئەمەس )،زىيادە ئۇچۇردىن نېرى تۇرۇش قاتارلىق ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ بېقىش تەكلىپىنى بەرگەن .
كىتابتىن ئالغان تەسىراتىم :
بۇ كىتابتىن ئالغان ھوسۇل ناھايىتى مول بولدى . بۇرۇن زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ بىر نەچچە لېكسىيەسىنى ئاڭلىغان ئىدىم ،شۇڭىمىكىن كىتابنى ئوقۇغان ۋاقتىمدا ئۈزۈم كىتاب ئوقۇۋاتقاندەك ئەمەس بەلكى زۇلپىقار بارات ئۆزباش بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندەك ،كىتابتىكى بايانلارنى ئاپتورنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلاۋاتقاندەك تۇيغۇلاردا ئوقۇپ تۈگەتتىم .
ئاپتور «سەرخۇش ئىنگىلىز تىلى تەربىيەلەش مەركىزى »نى تاقاپ ،يېزىۋاتقان كىتابىنى يېرىم يولدا توختىتىپ ،قۇلىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى تارقىتىۋەتكەن . ئاپتورغا كىملىكىنى ،مەسئۇلىيىتىنى ۋە يېڭى ئىستەكلەرنى ھېس قىلدۇرۇپ تۇرۇۋاتقان ،ئۈچ ئايلىق بولغان ئوغلىغا يىغلاپ تۇرۇپ خوش دېگەن .بۇلار ئاپتورنىڭ زېمىندا 31يىل دەسسەپ يۈرۈپ ھېس قىلغان ئەڭ چىن ۋە سەمىمىي خۇشلۇقلىرى ،ھاياتىنىڭ ئەڭ تاتلىق تۇيغۇ مەنىلىرى سىڭگەن نەتىجىلىرى ئىدى . ئاپتور « ھەممىسگە كۆزۈمنى يۇمۇپ تۇرۇپ خوش دېدىم ۋاقتىنچە ،بۇ ئۇلارنى تاشلاش ئەمەس ،بەلكى ئاشۇ سۆيۈملۈك نەرسىلەرنى يۈرىكىمگە تاڭغان ھالدا ئۆزۈمنى تېخىمۇ بۈيۈك مەنزىلگە باشلاش ئىدى ،مەن ئۆزۈمنىڭ ئەقىدىسىگە بولغان ئېتقادىم ،ئۇيغۇر جەمئىيتىدىكى ئىجتىمائىي مەسلىلەر تەتقىقاتىغا بولغان ئىخلاسىم ،خەلقىمگە ۋە ئائىلەمگە بولغان مۇھەببەت تۇيغۇسى بىلەن راھەتتىن ۋاز كېچىپ ،ئازابلىق تاللاشلارغا چىداپ بۇ سەپەرگە چىقىۋاتاتتىم . ئادەمنىڭ ئۆز خەلقىگە ،تۇپرىقىغا ،ئائىلىسىگە بولغان مۇھەببىتى غايەت زور بەدەل تەلەپ قىلىدۇ .»دېگەن . بۇ يەرلەرنى ئوقۇغىچە تولىمۇ تەسىرلەندىم ،ئادەمنىڭ ئۆز ئارزۇسى ،غايىسى ئۈچۈن كۆرەش قىلىش ئادەمدىن تولىمۇ كۆپ بەدەل تەلەپ قىلىدىكەن ،بەدەل تۈلەشكە ،بەزى نەرسىلەردىن ۋاز كېچىشكە چىدىمىغانلارنىڭ ئارزۇ غايىللىرى خام خىيال بولۇپ قالىدىكەن ،ئەكىسچە زۇلپېقار بارات ئۆزباشتەك ۋاز كېچىشتە دادىل بولۇپ يۈرىكى كۈيىۋاتسىمۇ ئالغا قاراپ ماڭالىغانلار بولسا ،ئۈزىنىڭ غايىللىرىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپلا قالماي ، خەلىقنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئېلىپ ياشايدىكەن .
ئادەملەر ئۈزىنى ۋە جەمئىيەتنى بەك چۈشنىدىغاندەك ھېس قىلىدۇ .ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خام خىيال .بۇ خام خىيال ۋە كۆپىنچىلىرىمىزگە ئورتاق بولغان «ئۈزىنى بەك ياخشى كۆرۈپ كېتىش كېسىلى » ئەمەلىيەتتە ئۈزىمىزنى ھەقىقىي تونۇشتىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ .ئۆزلۈكنى ،كىملىكىنى ئۆمۈر بويى تونۇماي ئۆتۈپ كېتىش بىر تىراگېدىيە. ئەمما نۇرغۇن ئادەملەر ئىلگىرىكى مەندەك بۇ تىراگېدىيەنى تونۇمايدۇ . ئېيتىش كېرەككى، بىز ئۆزىمىزنى ئەقىللىق چاغلىغاندىلا نادانغا ئايلىنىۋاتقان بۇلىمىز . مۇشۇ قۇرلاردىن كېيىن مەن ئۆزۈمنىڭمۇ «ئۈزىنى بەك ياخشى كۆرۈپ كېتىش كېسلى» گە گىرىپتار بولغانلىقىمنى ھېس قىلدىم ھەم قاتتىق ئويلاندىم ،مەن راستىنلا جەمئىيەتنى بەك چۈشنىدىغاندەك ھېس قىلىدىكەنمەن .
« بۇرۇن ئابىستىراكىت سۆيگۈ ۋە ئابىستىراكىت تونۇشلار قورشاۋىدا لەيلەپ يۈرگەنىكەنمەن . ئەمدى ئادەملەرنى كونكرېت سۆيۈشنى ،ئېغىز بىلەن ئەمەس ،بەلكى ئەمەلىي ھەركىتىمدە سۆيۈشنى ئۆگىنىۋاتىمەن .» مۇنۇ قۇرلاردىن كېيىن بىز تۇلىمىزنىڭ ئادەملەرنى ھەرىكىتىمىزدە ئەمەس ئېغىزىمىز بىلەنلا سۆيىدىغانلىقىمىزنى ھېس قىلدىم ، مىللەت ،ۋەتەننىڭ تەرەققىياتى ئېغىز بىلەن «مىللىتىمنى سۆيىمەن ،ۋەتىنىمنى سۆيىمەن » دىن ئىبارەت ئىككى جۈملە سۆز بىلەن تەرەققى قىلىپ گۈللىنىپ كەتمەيدۇ ، ئاشۇ ئىككى جۈملىنى يۈرىكىگە ئويۇپ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۈزىنى كۈچلەندۈرگەن ،چېنىقتۇرغان ،راھەتتىن ۋاز كېچىشكە رازى بولۇپ ياشاۋاتقانلارلا مىللەتنىڭ ،ۋەتەننىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ . مانا بۇ ئېغىزىدا سۆيۈش بىلەن ھەرىكىتىدە سۆيۈشنىڭ پەرقى . ئاپتور يەنە « ماڭا تۇز بەرگەن تۇپرىقىمغا ،سۆيۈش سۆيۈلۈش تۇيغۇسى ئاتا قىلغان سۆيۈملۈك خەلقىمگە ئاسىيلىق قىلمىسام ،روھىي دۇنيايىمنىڭ ھامان نۇر بىلەن تۇلىدىغانلىقى ئېنىق .» ؛« قورساق ياكى غېرىبسىنىشنى دەپلا چىدىماسلىق قىلىش غايىلىك ئوغۇل بالىنىڭ ئىشى ئەمەس -تە؟ » مۇنۇ جۈملىلەردىن ئاپتورنىڭ ئۈزىنى خەلقىگە قەرزدار دەپ بىلىپ ،ئەگرى توقاي ھاياتلىق يوللىرىدا كۆپ ئىزتىراپلارنى چېكىۋاتقان بولسىمۇ يەنىلا تەن بەرمەي ،چىدىماسلىق قىلىش غايىلىك ئوغۇل بالىنىڭ ئىشى ئەمەس دەپ قەيسىرانە روھ بىلەن ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدىم ھەم تولىمۇ تەسىرلەندىم ،مەندىمۇ شۇنداق يۈرەك بارمۇ؟ دەپ ئۆز -ئۈزۈمدىن سۇرىدىم .
ماڭا تەسىر قىلغان يەنە بىر پارچە بولسا : « تەرەققى تاپقان ئەللەرنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن مەشھۇرلىرىمۇ ئاجايىپ ئەتىۋارلىنىدىكەن ھەم بۇ خىل ئەتىۋارلاش قۇرۇق ماختىنىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىكەن . بىز ئۆز خەلقىمىزنىڭ ئارىسىدىن چىققان بۈيۈكلەردىن ماختىنىش ،پەخىرلىنىش ھېسسىياتى نۇقتىسىدىلا توختاپ قالساق بولمايدۇ . بىرنەچچە يىلدىن بۇيان بىر قىسىم كىشلىرىمىز ،ھەتتا بەزى زىيالىيلار ئارىسىدا ئامرېكانلارنىڭ گېپى چىقسىلا بېشى ئاغرىيدىغان ،غەربنىڭ نەرسىللىرىنى زەھەرلىك دەپ قارايدىغان خاھىش باش كۆتۈرۈپ قالدى ،بۇ تەنقىدى ئويلىنىشنىڭ كەم بولۇشى تۈپەيلى كېلىپ چىقىۋاتقان بىر تەرەپلىمىلىك .» بۇرۇن مەن تەنقىدى ئويلىنىشنى باشقىلاردىن قۇسۇر تېپىش ،ئىچى تارلىق دەپ قارايتتىم ،ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس ئىكەن ،مەن تولىمۇ خاتالاشقان ئىكەنمەن . ئەتراپىمىزدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ياخشى تەرىپىنى قۇبۇل قىلىپ ياخشى بولمىغان يەرلىرى بىلەن كارىمىز بولمىسا بولىدۇ دەپ قاراش كىشىنى ھۇرۇنلۇققا ، ئىدىيە زەئىپلىكىگە ئاپىرىدىكەن ،كىم نىمە دېسە «ھە شۇنىڭ توغرا »دېمەي ،باشقا نۇقتىلاردىنمۇ ئويلاپ بېقىش ،پىكىر قىلىپ بېقىش ئارقىلىقلا ئاندىن مەۋجۇتلىقىمىزنى ئىپادىلەيدىكەنمىز ،ئەگەر ئۇنداق قىلماي باشقىلار نىمە دېسە ھە شۇ دېسەك بىز شۇ ئادەمنىڭ ئۈزى بولماي نىمە ؟! بىزدىمۇ شۇلارغا ئوخشاش ساغلام تەن ۋە ساپ ئەقىل بار ،بىزگە بېرىلگەن ساپ ئەقىلنى نىمىگە ئىشلىتىمىز؟!
ئەسەردە يەنە ئامرېكانلارنىڭ ۋاقىت ئېڭى ،مۇنازىرە ئەخلاقى توغرىلىق سۆزلىگەن ، ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئۈگنىۋالغاندىن سىرىت يەنە مۇنازىرە ئەخلاقىدىن ئىبارەت بىر ئىجتىمائىي ساۋاتقا دىققەت قىلمىساق بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم . ئاپتور كىتاب ئوقۇش سەنئىتى توغرىلىق ئايرىم بىر بابتا توختالغان ،بۇ بابنى ئوقۇغاندىن كېيىن دائىم كىتاب ئوقۇيدىغان مەن يېڭيېڭى بىر بىلىمگە ئىگە بولدۇم . يەنە بىر بابتا ئاپتور مۇنداق دېگەن : ئادەمنىڭ قۇلىقى ياخشى گەپلەرگە ،مەدھىيەگە كۆنۈپ كەتسە بولمايدىغانلىقىنى ؛تەتقىقات ۋە مۇنازىرە ئەخلاقى يېتىلدۈرۈشنىڭ ،ھەمكارلىق روھىنى تەكىتلەشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ،ئىلمىي ئادەم بولۇش ئۈچۈن توختىماي ئىزدىنىش ،پىكىر ئىچىدە ياشاش ،ئىدىيە تارقىتىش ھەم ئۆزىگە قەرەللىك جەڭ ئېلان قىلىپ تۇرۇش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم . ھاياتنى بىزگە باشقىلار ياشىشىپ بەرمەيدۇ . ئۆز ئىمانىمىزنى ،ئۆز روھىمىزنى ،ئۆز زېھنىمىزنى ئۆزىمىز قوغدىشىمىز كېرەك . باشقىلارنىڭ پىكىر ئەندىزىسدەياشاش ،ئۆز خاسلىقىنى ساقلىيالماي ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىش ئادەمنى پۈچەك ،داغۋاز قىلىپ قۇيىدۇ . زىيادە ئۇچۇر ئادەمنى دۆتلەشتۈرۈپ تەپەككۇرىنى گاللاشتۇرىدۇ ،ئادەمنى ئەخلەت ئىدىيەلەرنىڭ ،پۇچەكلىكنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرۋېتىدۇ . بۇ بايانلاردىن ئاپتورنىڭ پىكىرىنىڭ تولىمۇ ئۆتكۈرلىكىنى ،شۇنچىلىك مۇرەككەپ ،قەدەمدە بىر كىشىنى ئازغۇنلۇققا باشلايدىغان رەڭگارەڭ تۇرمۇشتا يەنىلا قەيسەرلىك بىلەن ئۆز ئادەم بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ ياشاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم ھەم مۇنداق ياشاشنىڭ بىر زىيالى ئۈچۈن ئەڭ توغرا ،ئاقىلانە تاللاش ئىكەن دەپ قارىدىم . بىز ھازىرقى ياشلارمۇ باشقىلارنىڭ پىكىر ئەندىزىسدە ياشىماسلىقىمىز ،كىتابنى كۆپ ئوقۇشىمىز ،زىيادە ئۇچۇردىن ئۈزىمىزنى قاچۇرۇپ ،دادىل پىكىر قىلىشنى ئۆگىنىشىمىز ،تەنقىدى پىكىر قىلىشقا كۆنىشىمىز تولىمۇ زۆرۈر . ئاپتور يەنە مۇنداق دەيدۇ : قارشى پىكىر ،ئىدىيە ئىختىلاپى قورقۇنچلۇق ئەمەس . قورقۇنچلۇق يېرى ،بىر زىيالى ئۈچۈن بىر تەرەپلىمە كۆزقاراشلىرىنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلالماي ئۆزى ئادەتلىنىپ قالغان پىكىر رامكىسىدىن چىقالماسلىق . بىر تەرەپلىمە كۆز قاراشلىرىدىن ۋاز كەچمىگەن ئادەم كاللىسى تەقىب ئاستىغا ئېلىنغان ئادەمدۇر .
بۇ كىتابتىن ئېرىشكەنلىرىم تولىمۇ نۇرغۇن بولدى ،بۇ كىتابنى ھازىر ئوقىۋالغىنىمدىن بىردە خۇشال بولسام ،بۇرۇنراق ئوقۇپ تۈگىتىۋەتمىگىنىمدىن ئۆكىنىۋاتاتتىم . بۇنى تېخى ئوقۇشقا ئۈلگۈرمىگەن ياشلىرىمىزنىڭ بىر ئوقۇپ قۇيىشىنى چىن قەلبىمدىن تىلەيمەن .
|