نەنجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مۇنبەر پائالىيتى
(2-قېتىملىق، ئىنتىلگۈچى)
روشەنكى، مەيلى تەبىئىي ھادىسلەر ياكى ئىجتىمائىي ھادىسلەر بولسۇن ۋە ياكى دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ مەۋجۇت بۇلىشى بولسۇن ھەممىسىدە ئۆزىگە خاس ھېكىمەت، ئالاھىدىلىك ۋە قائىدە-قانۇنىيتى بار. تەپەككۇر دەل ئادەمنى مۇشۇ نەرسىلەر ئۈستىدە ئويلىنىشقا ۋە ئىزدىنىشكە سالىدۇ. تەپەككۇر ئىنساننىڭ مۇھىم بىر بارلىقى، مىللەتنىڭ روھىنى شۇنداقلا شەخىسنىڭ روھىنى زالالەتتىن سائادەتكە يېتەكلەيدىغان ئاساسىي كۆۋرۈك. تەپەككۇرنىڭ ھەممىسى توغرا بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. دۇنياۋى فىزىكا ئالىمى ئېينىشتىن مۇنداق دېگەن«سىزنىڭ كۆز ئالدىڭىزدىكى ھادىسە ياكى شەيئىنى توغرا كۈزىتەلىشىڭىز، سىزنىڭ پارقىراپ تۇرغان كۆزىڭىزگىلا باغلىق بولماستىن ئۇ يەنە سىزنىڭ قانداق تەپەككۇر قىلىشىڭىزغا باغلىق. تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى سىزنىڭ زادى نېمە كۆزەتكەنلىكىڭىزنى بەلگىلەيدۇ. ». كىتاب بولسا ئادەم تەپەككۇرنى يېتىلدۈرۈشكە ياردىمى بولدىغان ئۇزۇق. بىلىم نۇقۇل يادىلاش يولى بىلەن ئەمەس بەلكى ئاكتىپ تەپەككۇر بىلەن قۇبۇل قىلىنسا ئاندىن ھەقىقى بىلىمگە ئايلىنىدۇ.
بىز دەل ئانا تىل كىتابلىرى ۋە ئۆز تىلىمىز ئارقىلىق پىكىر قىلىش بىلەن ئۆز تەپەككۇرىمىزنى ئاز-تولا جانلاندۇرۇش مەقسىتىدە ئىككى ھەپتە ئۆتۈپ 2-قېتىملىق مۇنبەر پائالىيتىمىزنى ئۆتكۈزدۈق. بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە نەنجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى قانۇن كەسپىنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى بىلەن تارىخ كەسپىنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى باش بولۇپ ئۆزى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ئوتتۇرغا قويدى، باشقىلار ھەرخىل مۇلاھىزىلەرنى قىلدى ۋە سوئاللارنى سورىدى. پائالىيەت ئىككى سائەت ناھايىتى ياخشى كەيپىياتتا داۋام ئەتتى.
قانۇن كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى داڭلىق يازغۇچىمىز زوردۇن سابىرنىڭ «گۈلەمغان» ناملىق پوۋېستلار توپىلىمى ھەقىقىدە ۋە ئۆزنىڭ قانۇن كەسپىدىكى بىزگە نامەلۇم بولغان بەزى ساۋاتلارنى سۆزلەپ بەردى. تۆۋەندە ئولتۇرغان بالىلار بۇ كىتابتا قامچىلانغان ۋە مەدھىيىلەنگەن خەلقىمىزنىڭ ھەرخىل خاراكتېر ئىللەتلىرى شۇنداقلا ئارتۇقچىلىقلىرى ھەققىدە سوئاللارنى قىلىپ ياخشى پىكىر يۈرگۈزدى. ئۆزىمىزدىكى بولغان ھەرخىل خاراكتېر ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە توختىلىپ، قانداق قىلغاندا ئوقۇشىمىزغا پايدىلىق ياخشى خاراكتېر يېتىلدۈرۈش ھەققىدە ئويلاندى.
تارىخ كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئۆزنىڭ تارىخى بىلىمى بىلەن يازغۇچى ئابدۇۋەلى ئەلىنىڭ «تورغاق خوجىلار» ناملىق كىتابىنى بىرلەشتۇرۇپ دوكىلات بەردى. بۇ تەپسىلى دوكلاتتىن بىز خوجا جەمەتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان تەسىرىنى شۇنداقلا شۇ دەۋرلەردىكى بەزى ۋەقەلەرنى بىلىۋالدۇق. ياخشى بولغان ئىلمى پوزىتسىيە بىلەن تەييارلانغان بۇ دوكلات بىزگە تارىخنى بىلىش، ئۆزىمىز ھەققىدە ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىشنىڭ شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىلمى پوزىتسىيەنىڭ ۋە ئەستايدىللىقنىڭ بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىز ۋە باشقا ئىشلىرىمىزغا ئىنايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇتتى.
بۇ قېتىملىق پائالىيەت بىزگە توختاۋسىز ئىزدىنىش، ئۆز كەسپى- قىلۋاتقان ئىشى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىش، ئۆزىنى بىلىش، بىلىم ئىگەللەشكە كېرەكىلىك پوزىتسىيە ۋە خاراكتېر يەنى ئادەت قاتارلىقلار ھەققىدە ئاز-تولا چۈشەنچىلەرگە ئىگە قىلدى. كىلەر قېتىملىق پائالىيەتتە بىز تەپەككۇرنىڭ مۇھىم ئىپادىلىنىش شەكلى ۋە ئاساسى بولغان تىل ئۈستىدە يەنى ئاساسلىق تىل ئۆگىنىش ھەققىدە توختالماقچى. پەن-تېخنىكىدا بىزدىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغان مىللەتلەرنىڭ تىلىنى ئۆگىنىش ئۆزىمىزنىڭ پارلاق كەلگۈسىمىزنى يارتىشتا مۇھىم، شۇنداقلا بۇنى ئۆزىمىز ۋە ئۆزتىلىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشمۇ مۇھىم. بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۈچۈن بىر ئىغار مىللەنىڭ تىلىنى ياخشى ئۆگىنىش ھالقىلىق بىر ئۆتكەل. شۇڭا بۇ بىز ئۈچۈن ئىزدىنىشكە ئەرزىيدىغان بىر تىما. ھەمما قېرىنداشلارنىڭ ئوقۇش ۋە باشقا ئىشلىرىنىڭ ياخشى بۇلىشىنى تىلەيمىز.
نەنجىڭ
2015.3.30
|