ئەڭ كەسپىي بولغان تور سودا تەربىيىلەش سىنىپى ئېچىلدى!!!
ھەممىمىزگە مەلۇم ، يېقىندىن بۇيان ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەر ئېغىزىدىن دائىم دىگۈدەك «تور سودىسى» ، «توردا مال سېتىش» ، «ئېلىكترۇن سودا» ... دىگەندەك بىر يۈرۈش ئاتالغۇلارنى بارغانسىرى كۆپ ئاڭلايدىغان بوپ قالدۇق ۋە بىر تۈركۈم كىشىلىرىمىزمۇ بۇ ساھەگە ھەر خىل يۆنۈلۈشلەردىن خېلى ئىچكىرلەپ كىرىپمۇ بولدى . ئۇنداقتا بۈگۈنكى كۈندە شىددەت بىلەن ھەرقايسى سودا ۋە تىجارەت ساھەسىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان جۈملىدىن رايۇنىمىز ئىقتىسادىغىمۇ بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان «ئېلكترۇن سودا» دىن ئىبارەت بۇ سودا قانداق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ؟
«ئېلېكترۇن سودا» يەنى تور سودىسىدىن ئىبارەت بۇ ئاتالغۇنى ئىزاھلاشتىن بۇرۇن بىز ئالدى بىلەن «ئەنئەنىۋى سودا» ئۇقۇمىنى ئەسلەپ ئۆتەيلى، «ئەنئەنىۋى سودا» شەكلى بويىچە بولغاندا مەلۇم بىر شىركەت ياكى ئورگان بىر مەھسۇلاتنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىپ ھەرخىل دۇكان ياكى سودا ساراي قاتارلىق ئورۇنلارغا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ۋە خېرىدارلارنىڭ ئۇ يەرلەرگە بېرىپ سېتىۋىلىش ئارقىلىق سودا تاماملىنىدىغان ئۇسۇل بولۇپ بۇ خىل سودا ئۇسۇلىدا سېتىپ چىقىرىش ۋاقىت، ئورۇن ۋە مەبلەغنىڭ چەكلىمىسىگە كۆپ ئۇچرايدۇ . بولۇپمۇ سېتىش مىقدارىنى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن زور تۈركۈمدە ئىقتىسادنى ئىلان - تەشۋىقاتقا سەرپ قىلىدۇ .
ئەمدى «ئېلىكترون سودىسى» غا كەلسەك ، ئېنتىرنىت ، تور ئالاقى ئىشلىرىنىڭ شىددەت بىلەن كېڭىيىشى، قولايلىشىشىغا ئەگىشىپ بىر تۈركۈم ئېنتىرنىت تور سۇپىلىرىدا مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغۇچىلار ياكى مال ساتقۇچىلار رايۇن ۋە چىگرا چەكلىمىسىدىن ھالقىپ تۇرۇپ ئۆزى بىۋاستە خېرىدارلار بىلەن ئالاقىلىشىپ مال ساتىدىغان يېڭىچە بىر سودا ئەندىزىسى شەكىللىنىشكە باشلىدى . بۇ خىل سودا ئەندىزىدە ئىلگىركى ئىجارە ئورۇن، ئىلان تەشۋىقات ، خىزمەتچى خادىملار مۇئاشى ، شۇنىڭدەك يەنە نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھنى كۈچلەرگە ... سەرپ بولىدىغان تەننەرق ناھايىتى زور دەرىجىدە كېمىيدۇ . نەتىجىدە مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىپ بىۋاستە خېرىدارلارنىڭ قولىغا يىتىپ كەلگۈچە بولغان نۇرغۇن باسقۇچ قىسقىراپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن ھەر بىر يەككە مەھسۇلاتنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ ھەمدە ئىستىمالچىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ .
دەرھەقىقەت ، ئېلىكترون سودىنىڭ كۈنسايىن شىددەت بىلەن كۈچىيىپ بېرىشى كونا ئەنئەنىۋى سودا بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كەلدى، چۈنكى بۇ خىل يېڭى سودا شەكلىدە خېرىدارلار ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى ئالاھىدە ئاجرىتىپ چوڭ سودا-سارايلارنى ئايلىنىپ يۈرىشىنىڭ ، يىراق يىزا-قىشلاقتىكىلەرنىڭ بولسا چوڭ شەھەرلەردىكى ئۆزى ياقتۇرغان ماللارنى ئالالماي قېلىشىدىن ئەنسىرىشىنىڭ ھاجىتى يوق بولۇپ ، ساتقۇچى ھەم سېتىۋالغۇچىغا ھەر تەرەپتىن قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىغان بۇ خىل سودا ئەندىزىسى شۇ سەۋەپتىن ناھايىتى تىزلا تەرەققى تاپقان رايۇنلاردا ئوموملىشىپ مانا بۈگۈنگە كەلگەندە بىزنىڭ رايۇنلىرىمىزدىمۇ خېلى بىخ سۈرمەكتە.
ئۇنداقتا بۇ خىل يېڭىچە سودا ئەندىزىسىگە نىسبەتەن سىزنىڭ تەييارلىقىڭىز قانداق ؟! سىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇزاق دەۋىر داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان «ئەنئەنىۋى سودا» ئەندىزىمىزنى بۈگۈنكى يېڭىچە سودا ئەندىزىسىگە كۆچۈرۈشتە ئۆزىڭىزنىڭ قانچىلىك ئىقتىدارىڭىزنى ۋە قابىلىيتىڭىزنى جارى قىلدۇرالايسىز ؟ ناۋادا سىز بىر سېتىپ چىقارغۇچى سودىگەر بولسىڭىز نۆۋەتتىكى كۈندىن كۈنگە تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقان تىجارىتىڭىزنى يۈكسەلدۈرۈشنىڭ يېڭى يوللىرىنى ئىزدەۋاتامسىز ؟ ناۋادا سىز بىر تېرىشچان ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولسىڭىز ئۆز ئوقۇشىڭىزنى ئوقۇۋىتىپمۇ يېڭىچە ئىگىلىك تىكلەش يولىنى تېپىشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟ ئېلېكترون سودىسى ئارقىلىق ئايلىق تاپاۋىتىڭىزنىڭ 20،000 يۈندىن ئېشىپ كېتىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟ ناۋادا سىز بىر ئاددى خىزمەتچى بولسىڭىز ھازىرقى خىزمەت ئورنىڭىزدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قىلچە ئەنسىرىمەي كۆڭۈلدىكىدەك تېرىكچىلىك يولىنى تاپالىشىڭىزغا ئىشەنچ باغلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ...
يۇقارقى ئارزۇلارغا يېتىش ئۈچۈن ھەرگىزمۇ نەچچە يىل ۋاقىت ۋە زىھىن سەرپ قىلىپ مەخسۇس كومپىيۇتىر ۋە تور تېخنىكىلىرىنى ئۈگىنىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق . ئەگەر سىزدە يېڭى بۇ ساھە ئارقىلىق " چوقۇم ئۆز ئەھۋالىمنى ياخشىلايمەن " دەيدىغان كۈچلۈك ئىرادە بولسىلا ناھايىتى ئاز مەبلەغ ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ ساھەدىكى تەجىربىلىك مۇتەخەسىس ۋە كەسپىي ئۇستازلار سىزگە ئەڭ ياخشى يىتەكچى بولالايدۇ . بۇ ساھەدىكى مەخسۇس كەسپى ئورۇن شىنجاڭ يىپەك يولى بۇلۇت تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بۇ قېتىم بۇ تۈردىكى مەخسۇس مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ ۋە ئىلغار ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى ھازىرلاپ تۇنجى قارار «يىپەك يولى تور سودىسى كەسپى تەربىيىلەش سىنىپى» نى تەسىس قىلدى . بولۇپ ھازىر رەسمى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى! ئىشەنچىمىز كامىل ، بۇ قېتىمقى تەربىيلەش باسقۇچى سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىڭىزدىكى يېڭى بىر پەللە بوپ قالغۇسى !
تەربىيىلەش پىلانىمىز ھەققىدىكى تەپسىلى ئۇچۇرلارنى تۆۋەندىكى رەسىمدىن كۆرسىڭىز بولىدۇ
|