قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3165|ئىنكاس: 18
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

جۇڭگو ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرى ئازاب بىلەن باھا ئۇرۇشى قىلماقتا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

19

تېما

2

دوست

831

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   66.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34763
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 43
تۆھپە : 274
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
جۇڭگو ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرى ئازاب بىلەن باھا ئۇرۇشى قىلماقتا

پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 31-مارت خەۋىرى (ئوكيان تەرجىمىسى): جۇڭگو ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرى پايدىنى قۇربانلىق قىلىش ئارقىلىق سېتىشنى جانلاندۇرمىسا بولمايدىغانلىقىنى بايقىدى، چۈنكى ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ كاساتلىشىشى سەۋەبلىك ئۆيلەرنىڭ سېتىلماي بېسىلىپ قېلىشى ئۇلارغا بارغانسېرى بېسىم بولدى، بىرلا ۋاقىتتا يېڭى مەبلەغكە ئېرىشىش يولى ئىنتايىن چەكلىك بولۇپ قالدى.
جۇڭگودىكى پېيى بازارغا سېلىنغان كۆپ قىسىم ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرى ئېلان قىلغان مالىيە دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلى كىرىمى مۇقىم ئاشقان، ئەمما نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ پايدىسى شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ كەتكەن، بۇ قەرز يۈكى ئېغىر ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ بېسىلىپ قالغان ئۆيلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە جىددىي ئېھتىياجلىق نەق پۇل ئۈچۈن باھانى چۈشۈرۈش تەدبىرىنى قوللانغانلىقىنى ئىپادىلەپ بەردى.
ياجۈلى ئۆي-مۈلۈك شىركىتى ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان مالىيە دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلى شىركەت كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8 ئاشقان، ئەمما پايدىسى %11 تۆۋەنلىگەن. گۇاڭجوۋ فۇلى ئۆي-مۈلۈك شىركىتىنىڭ پۈتۈن يىللىق پايدىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15 تۆۋەنلىگەن، يۈجوۋ ئۆي-مۈلۈك شىركىتىنىڭ پۈتۈن يىللىق پايدىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8 چۈشكەن، يەنى بۇ ئىككى شىركەتنىڭ سېتىش سوممىسىدا ئېشىش كۆرۈلگەن.
مۇدىينىڭ تەھلىلچىسى بىر دوكلاتىدا:«بىز كەلگۈسى نەچچە ئايدا باھانىڭ يەنىلا چۈشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدۇق، چۈنكى ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرى قارمىقىدىكى تۈرلەرنى داۋاملىق باھا چۈشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ» دەپ يازغان.
بىر قىسىم مۇۋەپپەققيەت قازانغان ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ پايدىسىمۇ تۆۋەنلىگەن. بىگۇييۈەننىڭ 2014-يىلدىكى كىرىمى %33 ئاشقان، لېكىن پايدىسى پەقەت %20 لا ئاشقان.
ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ كاسات بولۇشى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئاستىلىشىدىكى ئاچقۇچلۇق ئامىل. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ كرېدىتنىڭ قۇرۇلۇش پائالىيىتىگە تۈرتكە بولۇشىنى تايىنىشنى تۆۋەنلەتمەكچى بولۇشىغا ئەگىشىپ، 2014-يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى %7.4 بولدى، بۇ 20 نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ئېشىش سۈرئىتىدۇر.
شىياڭگاڭدا پېيى بازارغا سېلىنغان فاڭشىڭ ئۆي-مۈلۈك شىركىتىنىڭ باش لېدىرى خې ساۋ بىلدۈرۈپ:«ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۆي-مۈلۈك كەسپى بىر مەزگىل چوڭقۇر تۈزەش مەزگىلىنى داۋاملىق باشتىن كەچۈرىدۇ. ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرى پايدىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە رىقابەتنىڭ كەسكىنلىشىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىلمۇ خىل خرىسقا دۇچ كېلىدۇ» دېدى.
روبىنى يەر شارى ئىقتىسادىي مەسلىھەت بېرىش شىركىتىدىكى كىيان زاندىيېخ (Kiyan Zandiyeh) ۋە دالى ۋاڭ (Daili Wang) ئاگاھلاندۇرۇپ، نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ ئۆي-مۈلۈك بازىرىدا تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئېشىپ قېلىش ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلىشىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇلار دوكلاتىدا:«ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرى سېتىشنى ئاشۇرۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى ھەمدە بازار ئۈلۈشىنى قوغدىماقچى، شۇڭا ئۇلارنىڭ داۋاملىق يېڭى ئۆي سېلىشىدا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بار، بۇ بازاردىكى تەمىنلەشنىڭ ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش ۋەزىيىتىنىڭ پەقەتلا تېخىمۇ ئېغىرلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دەپ يازغان.


ئوكيان تەرجىمىسى



جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۆي بازىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كۈچلۈك تەدبىر قوللاندى


ۋول كوچىسى گېزىتى تورىنىڭ 31-مارت خەۋىرى ( ئاپتورى: ئالېكس فرانگوس، ئوكيان تەرجىمىسى): جۇڭگو ئۆي بازىرىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن ئاخىرى ئەمەلىي تەدبىر قوللاندى. مەبلەغ سالغۇچىلار بۇ قېتىمقى تەدبىرنىڭ ئامال بار ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى كۆپ قېتىملىق ئېھتىياتچان قويۇپ بېرىش تەدبىرلىرى بىردەك ئۆي باھاسىنى ئۆستۈرەلمىدى، ئەمەلدارلار 30-مارت تېخىمۇ كەسكىن ھەرىكەت قوللاندى. جۇڭگو ئۆي قەرزىدە تۇنجى قېتىمدا تۆلەش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتتى، بۇ ئىككىنچى يۈرۈش ئۆينىڭ قەرزىدىكى تۇنجى تۆلەش نىسبىتى %60 دىن تۆۋەن بولماسلىق %40 دىن تۆۋەن بولماسلىققا تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
گەرچە غەربنىڭ ئۆلچىمىدە بۇنداق تۇنجى تۆلەش تەلىپىنى يەنىلا نىسبەتەن يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىم تەڭشەش ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەتنىڭ مەبلىغى كۆپ ئۆي سېتىۋالغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ يەنە بازارغا كىرىشىنى ئۈمىد قىلغانلىق سىگنالىنى بەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، جۇڭگو مالىيە مىنىستىرلىكىمۇ قىسمەن ئۆي-مۈلۈك سودىسىنىڭ تىجارەت بېجىنى يوقىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تىجارەت بېجىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن ئەر-خوتۇنلار ئاجرىشىش دولقۇنى بىر مەھەل ئەۋج ئالغان ئىدى.
بۇ تەدبىرلەر جۇڭگو ئەمەلدارلىرى بوئاۋ مۇنبىرىدە سەپەرۋەرلىك قىلغاندىن كېيىن جاكارلاندى. ئالدىنقى ئايلىق ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىپادىسى ناچار بولدى، مەبلەغ سالغۇچىلار جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشنى يەنە ئىلگىرى سۈرىدىغان سىرلىق ۋاسىتىنىڭ بار يوقلىقىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدى.
مۇنداقچە ئېيتقاندا، جۇڭگو رەھبەرلىرى: بىزگە ئىشىنىڭلار، بىزنىڭ يەنە كۆپلىگەن سىياسەت قوراللىرىمىز بار، دېگەن مەنانى يەتكۈزىدۇ. جۇڭگو رەئىسى شى جىنپىڭ «جۇڭگونىڭ ئىمكانىيەتلىك بوشلۇقى چوڭ، سىياسەت قورالى كۆپ» دېدى. مەركىزىي بانكىنىڭ باشلىقى جوۋ شىياۋچۈەن پۇل پاخاللىقى تارىيىش خەتىرىدىن ئاگاھ بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى، بۇ خىل ئىپادە مەركىزىي بانكىنىڭ تېخىمۇ كۆپ پۇل قويۇپ بېرىش تەدبىرى چىقىرىشقا تەييارلاندى، دەپ چۈشىنىلىدۇ. بازار مەركىزىي بانكىنى ناھايىتى تېزلا بانكا ئامانەت زاپاس پۇل نىسبىتىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىدۇ دەپ قارايدۇ.
پاي چېكى بازىرى قوزغىتىش تەدبىرىگە ئالاقىدار سىگناللارغا ئىنتايىن دىققەت قىلىدۇ. شاڭخەي ئاكسىيەسى ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچى 30-مارت %2.6 ئۆرلەپ، يەتتە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقتى، بۇنداق ئۆرلەش ۋەزىيىتى رەنە قەرز تەلىپىنى بوشىتىدىغانلىقىنى جاكارلاشتىن ئىلگىرى كۆرۈلدى. بازارنىڭ ئېشىش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ناھايىتى كۈچلۈك، ئۆتكەن 14 سودا كۈنىنىڭ 13 سودا كۈنىدە پاي بازىرىدا ئۆرلەش كۆرۈلدى.
پاي چېكى بازىرىنىڭ داۋاملىق ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، جۇڭگو چوقۇم بۇ خىلدىكى قويۇپ بېرىش تەدبىرىنى داۋاملىق يولغا قويۇشى كېرەك. ئەمما كىشىلەرنىڭ بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ئىلگىرىكىدەك چوڭ بولماسلىقىدىن ئەندىشە قىلىشىنىڭ ئاساسى بار. سېتىلمىغان ئۆيلەرنىڭ بېسىلىپ قېلىشى نۆۋەتتە تارىختىكى يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرماقتا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئۆي باھاسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن چۈشۈش دەرىجىسى %5 كە يەتكەن بولغاچقا، ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ دەرھال بازارغا كىرمەي يەنە بىر مەزگىل قاراپ بېقىشنى ئويلىشىشىنىڭ ئەمەلىي ئاساسى بار.
سىناققا دۇچ كەلگىنى جۇڭگو چىقارغان بۇ ئەنئەنىۋى تەدبىرلەر رولىنى جارى قىلدۇرالامدۇ يوق.

ئوكيان  تەرجىمىسى




ئىتتىپاقلىق كۈچ.

11

تېما

0

دوست

9046

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   80.92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8558
يازما سانى: 616
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1509
تۆھپە : 1708
توردىكى ۋاقتى: 265
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-1
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bandigah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-31 22:36  

غايەت زور پايدا ئېلشىنى كۆزلەيدىغان ئۆي-مۇلۇك بازىرىنىڭ ئەمدى غۇلايدىغان ۋاقتى كەلدى، چۈنكى ئەمدى خەلىقنىڭ يانچۇقىدا ئۇلار ئالغۇدەك پۇل قالمدى. مىنىڭ بىلىشىمچە بىركۈرپۇس يۇقۇرى قەۋەتلىك بىنا سېلىش ئۈچۇن 5مىليۇن يۇەن پۇل كەتسە، ئۆي-مۇلۇك سودىگەرلىرى بىكاردىنلا ئوتتىرىسىدىن 4-5مىليۇن پايدا ئېلىۋاتىدۇ، ئاشۇ  4- 5مىليۇن پۇل باشقا يەردىن ئەمەس دەل سزنىڭ ۋە بىزنىڭ يانچۇقىمىزدىن چىقىۋاتدۇ. بۇنداق چىكىدىن ئاشقان ئاچكۆزلۇكنىڭ ئاقىۋىتى ناھايتى يامان بۇلۇدۇ. ئاشۇ بىر ئۆي-مۇلۇك خۇجايىنىنىڭ يانچۇقىغا كىرىپ كىتىۋاتقان ھەددى -ھىساپسىز پۇل دەل سىز ۋە بىز بانكىدىن قەرىز ئالغان پۇل بۇلۇپ، ئۆي-مۇلۇك سودىگەرلىرى قانچە باي بولغانسىرى، خەلق شۇنچە قەرىزگەبۇغۇلىدۇ، مانا بۇ مەتبۇئاتلاردا دىيىلىۋاتقان كۈپۇك ئىقتىساد بۇلۇپ، ئىقتىسادشۇنداق تەرەققى قىلۋاتقاندەك كۈرۇنگىنى بىلەن مىليۇنلىغان كىشلەرنىڭ قەرىزگە بۇغۇلۇش ھىساۋىغا كەلگەن بۇلۇپ، بۇ ئىقتىسادنى خەتەرلىك ھاڭغا باشلايدۇ.  
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

763

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   52.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26563
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 238
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئۆي-مۈلۈك سودىسى جەھەتتىكى بۇ پارتلاش جوڭگۇنىڭ شىمالىي رايۇن (غەربىي شىمال ۋە شەرقىي شىمال ) قىسىملىرىدا كۆرۈنەرلىك كۆرۈلدى. ئەمما دىڭىز بويى تەرەققىي قىلغان رايۇنلار(مەسىلەن: شاڭخەي،گۇاڭجۇ،شىنجىن...)دا تىخى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆرۈلمىدى. بەلكىم بۇ يەرلەر يەنە 4-5 يىل بەرداشلىق بىرەلىشى مۇمكىن .

8

تېما

8

دوست

3511

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   50.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 1022
توردىكى ۋاقتى: 291
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
يەر
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئەمدى يەرگىمۇ تويۇپتۇدە... ھەي ياخشى ئىش بولماپتۇ. ئېلىپ تۇرسا، ئاسمانغا تاقاشقۇدەك بىنالارنى بىرەر ئايغا بارمىغان ۋاقىتتا سېلىپ تۇرسا ياخشى بولاتتى.

0

تېما

0

دوست

763

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   52.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26563
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 238
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
5#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
sheydai يوللىغان ۋاقتى  2015-3-31 23:39
ئەمدى يەرگىمۇ تويۇپتۇدە... ھەي ياخشى ئىش بولماپتۇ. ئېلى ...

ئەسلى بۇ پارتىلاش بىرنەچچە يىل بۇرۇنلا يۈز بىرەتتى.بىراق شى جىن پىڭدىن بۇرۇنقى ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بانكىلارغا مەبلەغ تەمىنلەش ئارقىلىق يۈز بىرىشتىن ئەنسىرەپ ئىشنى ئارقىغا سۈردى. شى جىن پىڭ چىققاندىن كىيىن «بەرىبىر ھامان پارتىلايدۇ، كىچىكتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق» دەپ قويۇپ بەردى.
ئەگەر يەنە كەينىگە سۈرۈلگەن بولسا چوڭ ئىقتىسادىي كىرىزىس بولۇشى مۇمكىن ئىدى. شى جىن پىڭنىڭ سىياسەتلىرى ھەقىقەتەن ئۈنۈم قازىنىپ كىلىۋاتىدۇ.

8

تېما

8

دوست

3511

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   50.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 1022
توردىكى ۋاقتى: 291
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
6#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:03 |ئايرىم كۆرۈش
mustafaoguz يوللىغان ۋاقتى  2015-3-31 23:54
ئەسلى بۇ پارتىلاش بىرنەچچە يىل بۇرۇنلا يۈز بىرەتتى.بى ...

ھەقىقەتەن داناكەن. مۇشۇ شى رەئىس....

17

تېما

27

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.95%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1513
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4262
توردىكى ۋاقتى: 1701
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
7#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:17 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-1 16:08  
bandigah يوللىغان ۋاقتى  2015-3-31 22:34
غايەت زور پايدا ئېلشىنى كۆزلەيدىغان ئۆي-مۇلۇك بازىرىن ...



   بۇرۇن ئىكىسپورت ئارقىلىق ۋە چەتئەل شىركەتلېرىگە ئىشچى بۇلۇش ئارقىلىقمۇ نۇرغۇن كىرىم بار ئىدى، ھازىر بۇ كىرىملەر قىسقىراپ كەتكەن ۋاقىتتا زورلاپ قۇم-شېغىل بىلەن ھەپىلىشىپ ۋاقىت ۋە چەكلىك بايلىقنى ئىسراپ قىلىۋىتىشكە بولمايدۇ.

9

تېما

1

دوست

2548

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   18.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15652
يازما سانى: 279
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 750
توردىكى ۋاقتى: 163
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-2
8#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:07 |ئايرىم كۆرۈش
  سېتىۋالغىلى ئىككى يىل ھەمدە ئىككى يىلدىن ئاشقان ئادەتتىكى تورالغۇ ئۆينى  سېتىۋالسا تىجارەت بېجى ئېلىنمايدىغانلىقى ھەققىدىكى يېڭى سىياسەتتىن خەۋەر تاپتۇق .
بۇ سىياسەت رايونىمىزدا ، بولۇپمۇ مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىدە سىياسەت يولغا قويۇلغان كۈندىن باشلاپ ئىجرا بولامدۇ ياقمۇ ؟ ئۆي ساتقۇچى ، ئۆي سېتىۋالغۇچىلار بۇ سىياسەتتىن سىياسەت يولغا قويۇلغان كۈندىن باشلاپ پايدىلىنالامدۇ - يوق ؟
  ئۆي سېتىۋالغۇچى ئۆي سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ ئىككى يىلدىن كېيىن بۇ سىياسەت دائىرىسىگە كىرەمدۇ ياكى ئۆي مۈلۈك كېنىشكىسى چىقىپ ئىككى يىلدىن كېيىن بۇ سىياسەت دائىرىسىگە كىرەمدۇ ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )