(قارلۇق)جەمىيتىمىزدىكى ئانىسىغا قالغان بالىنىڭ فامىلىسىنىڭ ئۆزگەرتىلىش ھادىسىسى ۋە ئىسمىنىڭ
قەرەلسىز ئۆزگەرتىلىش ھادىسىسىگەقانداق قارايسىز؟
قارلۇق ئىلاۋىسى: نەچچە ئون يىللىق ئەمەلى خىزمەت ئەمىليىتىمدە نەچچىلىگەن ئۆسمۈر باللارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ نىكاھتىن ئاجىرشىش ۋە دادىسى تۈگەپ كىتىش سەۋەپلىك فامىلىسىنىڭ ھېلى بۇنىڭغا ھېلى ئۇنىڭغا ئۆزگىرەۋاتقانلىغىنى ھەمدە بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ باللىرىنىڭ ئىسمى قۇلاققا ياقمايدىكەن ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىسمىغا يېقىنلاشماپتۇ دىگەنلەرنى باھانە قىلىپ ئىسمىنى خالىغانچە ھېلى ئۇنىڭغا ھېلى بۇنىڭغا ئۆزگەرتىۋالغانلىغىنى بايقىدىم. گەرچە جەمىيتىمىزدىكى بۇ ھادىسلەرگە ئۇزۇندىن بۇيان نەزەر سېلىپ كەلگەن بولساممۇ خىزمەت سەۋەپلىك ۋاقىت يىتىشتۈرەلمەي كەلگەن ئىدىم.بىر قانچە كۈن ئىلگىرى باغداش مۇنبىرىدىكى بىر توردىشىمىزنىڭ مۇشۇ ھەقتى كىيازمىسىنى كۈرۈپ مەزموننى بېيتىپراق ئوتتۇرغا قۇيۇپ تورداشلىرىم بىلەن ئورتاقلىشىپ بېقىش نىيتىگە كىلىپ ئۇشبۇ يازمامغا قەلەم تەۋرەتتىم. كۆپچىلىكنىڭ ئۇيغۇرجەمىيتىمىزنىڭ بىر ئىزغا چۈشىۋېلىشى ئۈچۈن ئەتىراپلىق مۇلاھىزە قىلىپ باقساق دىگەن ئۈمىتتىمەن.
1.جەمىيەتنى كۈزەتكەنلىرىم
نەچچەيىل ئىلگىرى مەكتەپتىكى باشقۇرغۇچىلىق خىزمىتىدىن ۋاز كىچىپ سىنىپ تۇتۇپ ئۇقۇغۇچى تەربىيلەش خىزمىتىگە قەدەم ئېلىپ سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقان مەزگىلىمدە بىر ئىككى نەپەر ئۇقۇغۇچۇم بار ئىدى، بۇ باللارنى باشقا باللار فامىلىسى بۇيچە ئاتىغاندا باشقىچە فامىلدە ئاتاۋاتقانلىغىنى بايقىدىم. بىر كۈنى دەرسكە كىرگەندەيوقلىما قىلىپ يوقلىمامدىكى ئىسمىنى سۇرىسام بار دەپ جاۋاپ بەردى،يەنە بىرىمۇ شۇنداق جاۋاپ بەردى،مەن گەپ قىلماي ئۆتكۈزۋەتتىم. بۇ باللارنىڭ فامىلىسىدىكى ئېنىقسىز بولغان ئاتىلىشى كاللامغا كىرىۋېلىپ مىنى بىئارام قىلغىلى تۇردى.مەن بىرمەزگىلنى ئۆتكۈزۋېتىپ يەنە دەرس ۋاقتىدا ئۇ بالىنى يەنە يوقلۇمدىكى ئىسمى بۇيچە چاقىرۋېدىم بار دەپ جاۋاپ بەردىم،يەنە بىر قېتىم قەستەنگە باللارنىڭ چاقىرىشى بۇيچە يوقلىما قىلىۋېدىم ئوخشاشلا بار دەپ جاۋاپ بەردى.مەن ئاستاغىنە ئالدىغا بېرىپ ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ نەچچە دادىسىنىڭ بارلىغىنى سۇرىدۇم.ئۇ بالا ئاپىسى دادىسىدىن ئاجىرشىپ كەتكەندىن كىيىن يېقىندا قايتا ياتلىق بولغانمىش ھەمدە فامىلىسىنىڭمۇ ھازىرقى ئۈگەي دادىسىغا ئۆزگەرگەنمىش. بۇ چاغدا ئاچچىقىمنى زادىلا باسالماي ئىنسان دىگەننىڭ بىرلا دادىسى بۇلدۇ،بىر كۈنى ئۇ بىر كۈنى بۇ دادا بۇپقالمايدۇ سىزنى كىم تاپقان بولسا شۇ دادىڭىز،بۇندىن كىيىن ئۈزىڭىزنىڭ دادىسىنى قۇشۇپ ئاتاڭ دەپ بۇپ ئاندىن دەرسىمنى داۋام ئەتتىم. كىيىنچەبىر بازارنىڭ نۇپۇس سىتاتىستكا خىزمىتىنى ئىشلىدىم ئىشلەش داۋامىدا نۇپۇستىكى ئىسىم-فامىلىسى بىر خىل،مەكتەپتىكى ئۇقۇغۇچىلار تىزىملىگىدە بىر خىلئىكەنلىگىنى،بۇ خىل ئىسىم ۋە فامىلە ئۆزگەرتىشنى كۆپ ئىكەنلىگىنى بايقىدىم.
2.تەھلىلىم ۋە كۆزقارىشىم
بىزئۇيغۇرلار نەچچە مىڭ يىللىق ئورپ-ئادەتلىك،مەدىنيەتلىك مىللەت.گەرچە دەۋىر شارائىتى تۈپەيلىدىن بىر قىسىم ئورپ ئادەتلىرىمىز سۇسلىشىۋاتقان بولسىمۇ لىكىن چوڭ توپنىڭ ئومومى ساپاسىغا ئەكىس تەسىر كۆرسىتىشكە بولمايدۇ،بىزنىڭ ئىسمىمىزمۇ جۇڭخۇامىللەتلىرى قاتارىدىن ئۇرۇن ئېلىپ كىلىۋاتقان 56مىللەتنىڭ ئىچىدە خېلى ئالاھىدەبولغاچ بىزنىڭ ئىسمىمىزنى ئاڭلاپ كۈرۈپ باقمىغان مىللەتلەر ھەيرانلىق ئىلىكىدەياۋرۇپانىڭ قەيىردىن بولغىيدى دەپ قېلىشىدۇ.دىمەك ئىسىم-فاملىمىز ئۆزگىچە خاسلىققائىگە. قانۇنى نوقتىسىدىن قارىغاندا بۇ قىلمىشلار قانۇنسىزلىق قىلمىشىغا ياتمايدۇ، قانۇن بۇيچەقانداق ئىسىم ۋە فامىلىنى قوللىنىش شۇ شەخىسنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش،جەمىيەت نوقتىسىدىن ئېيتقاندا بۇنداق قىلمىشنى بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا شەخىسنىڭ ئابرۇي قوغلىشىش ياكى ئىسمىنى باشقىلارغا مەنىلىك،گۈزەل تۇيۇلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىغىنى كۈرۈۋېلىشقا بۇلدۇ،ئۆز نۆۋىتىدە بۇنداق قىلمىشنىمۇ قانۇنى جەھەتتىن ئەيىپلەپ كەتمەيمىز. لىكىن ئورپ-ئادەت نوقتىسىدىن كۈزتىدىغان بولساق ئورپ-ئادىتىمىزنىڭ سۇسلىشىپ كىتىۋاتقانلىغى،مىللى كىملىكنىڭ كىرزىسقا پېتىۋاتقانلىغىنى ھەمدە ئۇيغۇرجەمىيتىمىزنىڭ مەلۇم چىكىنىشكە يۈزلىنىۋاتقانلىغىنى بىلىۋالمىغىمىز تەس ئەمەس. كەمىنەنىڭ قارىشىچە،ئەزان توۋلاپ قويغان ئىسىمنى خالىغانچە ئۆزگەرتىش بىزلەرگە يات.يەنەكىلىپ تەبىئەتتىكى بارلىق جان-جانىۋارنىڭ تاپقان دادىسى تۇغقان ئانىسىغا ئوخشاشلاپەقەت ۋە پەقەت بىرلا بۇلدۇ، فامىلىسىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىۋېلىش دادىسىدىن تانغان ياكى تاندۇرغانلىق،دادىسىغا قىلىنغان ئەڭ ئېغىر ھاقارەت،ئانىسى ۋە بالىسىغانىسبەتەن ئېيتقاندا ئەڭ ئېغىر مەسئۇليەتسىزلىكتۇر. نەچچەيىل ئىلگىرى بىز ئىككى ئاساسەن دىگەن جاپالىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن ۋاقتىمىزدا بىزيېزىقىمىزنىڭ ئىپادىلەشچانلىغى يۇقۇرى بۇلۇش سەۋەپلىك ئائىللەرگە كىرگەن ۋاقتىمىزدا ئىسىم-فامىلىسىنى سۇرىۋېلىپلا ئائىلە مەدەنيەت ئارخىۋىنى ئىشلىگەن بولساق خەن يولداشلىرىمىز نۇپۇس دەپتىرىنى ئېلىپ نۇپۇس دەپتىردىكى ئىسم-فامىلىسىنى يېزىپ ئىشلەيدىكەندۇق، يوقلىمىسىمۇ نۇپۇس دەپتىرگە ئاساسەن تۇرغۇزۇلدىكەندۇق.لىكىن نۆۋەتتىكى ئۆلچەملەشتۈرۈش خىزمىتىدىكى تەلەپلەرگە سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك ئۇلارنىڭ قىلغىننىڭ ھەممىگە قولايلىق ئىكەنلىگىنى ھېس قىلىۋاتىمىز.بۇ قېتىمقى خىزمەتلەر كەڭ مائارىپچىلارنى كىچىسى ئۇخلاتماي جاپاغا سالغىنى ئاز دەپ ھازىرغىچە ئىسمى ۋەفامىلىسى ئوخشىماسلىق سەۋەپلىك تالاي ئۆسمۈرلەرنى سېلىشتۇرۇپ تاپالمايۋاتىمىز. ھەتتاكى بوۋىسنىڭ ئسمىنى فامىلە قىلىپ قوللىنىش ھادىسلىرى سىزنى غەزەپلەندۈرمەي قالمايدۇ. يۇقارقىلاردىن ئىسىم ۋە فامىلىسىنىڭ ئوخشىماسلىغىنىڭ كۈندىلىك خىزمەت ۋە تۇرمۇشقىمۇ قولايسىزلىقئېلىپ كىلىۋاتقانلىغىنى ئېتراپ قىلماي تۇرالمايمىز ئەلۋەتتە.
3.مۇراجەت
كەڭ ئۇيغۇر ئاتا-ئانا ۋە بولغۇسى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇزۇن ئەسىرلەردىن داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان ئىسىم-فامىلە توغۇرسىدىكى ئادەتلىرىمىزگە توغرا يۇسۇندا ۋارىسلىق قىلىشىنى،مىللى ئۆزلۈك ۋە مىللى كىملىكىمىزنىڭ سۇسلىشىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتائۈزىنىڭ ئۇيغۇرلۇقىغا يۈز كىلەلىشىنى،باشلامچىلىق بىلەن ئۇيغۇر جەمىيتىمىزدەيامراۋاتقان ناچار خاھىشلارغا يول قويماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمەن.ئۇيغۇرنىڭ جاھاندانامى ئاتالغان مىللەت، بۇ مىللەتنىڭ چۇقۇم بىر ئىسمى،بىر دادىسى ۋە بىر ئاپىسى بولسۇن! تورداش بۇ مەزمونغا سىز قانداق قارايسىزكىن؟ مىنىڭ قارىشىڭىزنى بەكمۇ بىلىپ باققۇم بار.ئۇنداق بولسا ئېنكاسىڭىزغا قاراپ قالدىم،مەرھەممەت.
ئىنكاس يازمىسىڭىزمۇ مەيلى بىراق نۆۋەتتىكى ئىجىتمائى ۋەزىيەتكە مۇخالىپ ئىنكاس يازماسلىغىڭىزنى ئۈمىت قىلمەن.
|