قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 10454|ئىنكاس: 63

بىلىمخۇمار: ئىنگلىزچە ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

220

تېما

6

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 953
نادىر تېمىسى: 21
مۇنبەر پۇلى: 1313
تۆھپە : 6229
توردىكى ۋاقتى: 2107
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-5 01:56:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-18 00:18  

ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىۋاتقان قېرىنداشلار ئۈچۈن

بىلىمخۇمار
2015-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى

ئىلاۋە: ماڭا ۋەتەندىكى ئۆزلىگىدىن ئىنگلىزچە ئۆگىنىۋاتقان بىر ئۇكىمىزدىن بىر پارچە ئېلخەت كەلدى.  ئۇ مەندىن ئۆزىگە تىل ئۆگىنىشكە پايدىلىق بولغان ئىنگلىزچە ماقالىلەرنى ماڭدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىپتۇ.  مەن ئاشۇ ئۇكىمىزغا قانداق ياردەم قىلىش ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقاندا، كاللامدا مۇنداق بىر ئوي پەيدا بولدى:  مەن ئارىلاپ-ئارىلاپ ئىنگلىزچە ماقالىلەرنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ، ئۇنى ئۆز ماقالەمدە ئىشلىتىۋاتىمەن.  ئەگەر مەن ئاشۇنداق ماقالىلەرنىڭ ئىنگلىزچىسىنى بىلەن ئۇنىڭ مەن تەييارلىغان ئۇيغۇرچە مەزمۇنىنى تەڭلا تورغا چىقىرىپ قويسام، ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىۋاتقان ئۇكىلار ئۇ ئىككىسىنى سېلىشتۇرۇپ ئۆگەنسە، ئۇنىڭ ئۈنۈمى ۋە پايدىسى ناھايىتى ياخشى بولمامدۇ؟  شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر تېمىنى باشلىدىم.  مەن بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنداق ماقالىلەرنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ سەھىپىنىڭ ئىچىگە ئىنكاس شەكلىدە قوشۇپ ماڭىمەن.  

مەن ئوقۇرمەنلەرگە ئەسكەرتىپ قويىدىغان بىر ئىش، مەن بىر كەسپىي تەرجىمان ئەمەس.  مېنىڭ ئۇيغۇرچە تىل سەۋىيەممۇ تۆۋەن.  شۇنداق بولغاچقا، مەن بىر ئىنگلىزچە مەزمۇننى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغاندا، خېلى كۆپ يەرلەردە سۆزمۇ-سۆز تەرجىمە قىلماي، پەقەت مەزمۇنىنى تولۇق ئېلىشقىلا تىرىشىمەن.  شۇنداق بولغاچقا ئۇكىلاردىن «تەرجىمىدىكى خاتالىق» لارنى ئىزدەپ ئاۋارە بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن—بەزىدە مەن تەرجىمىدىكى خاتالىق» نى بىلىپ تۇرۇپ سادىر قىلىمەن.  ئەمما تىل ئۆگىنىشكە پايدىلىق بولغان تەكلىپ-تەشەببۇسلار بار بولسا، ئۇنى تارتىنماي ئوتتۇرىغا قويىۋېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاخىرىدا مەن بارلىق ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىۋاتقان ئۇكىلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

i9_Erkin4d.JPG

1-رەسىم: مەن مەزكۇر يازمىنى تەييارلاۋاتقاندا ئوزۇمنىڭ تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىنى بىر ئاز ئەسلىدىم.  شۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىمنىڭ بىر خاتىرىسى سۈپىتىدە بۇ رەسىمنى مۇشۇ يەرگە قىستۇرۇپ قويغۇم كەلدى.  بۇ رەسىمنى مەن 1975-يىللىرى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ساۋاقدىشىم ۋە دوستۇم دىلشات بىلەن بىللە چۈشكەن. مەن ئۇ چاغدا خەنزۇ تىلى ئوگىنىۋاتقان ئىدىم.  ئىنگلىز تىلى بىلەن ياپون تىلىنى ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن ئۆزۈمگە تايىنىپ ئۆگەندىم.  دىلشات ھازىر ئاقسۇ شەھىرىدە ياشايدۇ.

= ============================= =

مەن 1979-يىلىدىن باشلاپ ئۆزلىكىمدىن ئىنگلىزچە ئۆگەنگەن ۋاقىتتا قوللانغان ئۇسۇل

بىلىمخۇمار


بىر ئادەمنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئۇسۇلى يەنە بىر ئادەمنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ.  ئۇنىڭدىن باشقا، تىل ئۆگىنىش بىر ئۇزۇن مۇددەتلىك، مۈشكۈل ۋەزىپە بولۇپ، ناھايىتى يۇقىرى ئىرادە بىلەن مۇستەھكەم بەل باغلىماي تۇرۇپ، بىر تىلنى مۇكەممەل ئۆگىنىش مۇمكىن ئەمەس. تىل ئۆگىنىش ھېچكىم ئۈچۈن ئاسان ئەمەس. شۇڭا باشتىن تارتىپ بۇ توغرىلىق مۇستەھكەم ئىدىيىۋىي تەييارلىق بولۇشى كېرەك.  مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى (XJU) دە ئوقۇغان ۋاقتىمدا، 1-يىلى خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى 2 يىلنىڭ ئىچىدە ئىنگلىز تىلىنى قوشۇمچە ئۆگىنىپ، تەبىئى پەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 3 يىللىق دەرسلىكىنى ئۆگىنىپ بولۇپ، ئىنگلىزچىنى ئوقۇپ تۈگەتكەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە ئىمتىھانغا قاتنىشىپ، يۇقىرى نەتىجىگە ئېرىشكەن ئىدىم.  ئەڭ ئاخىرقى 2 يىل جەريانىدا ياپون تىلىنىمۇ ئۆزلۈكىمدىن ئۆگىنىپ بولدۇم.

       مەن قوللانغان ئۇسۇل مۇنداق:
1) ھەر كۈنى يېڭى سۆزلۈكتىن 20 دانە سۆز ئۆگىنىش.
2) بىر سۆزنى 5 كۈن، ھەر كۈنى 3 قېتىمدىن يېزىش.
3) تېكىستنى پۈتۇنلەي يادلىۋېلىش.
4) تاپشۇرۇقنى بىرنىمۇ قالدۇرماي ئىشلەش.  تۆۋەندىكى ھەر بىر مەسىلە ئۇستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەي.

       1) تىل ئۆگىنىشتە ئەڭ قىيىنغا توختايدىغان بىر نەرسە يېتەرلىك ساندىكى سۆزلۈكنى يادلاپ ئىگىلەشتىن ئىبارەت. سۆز يادلاش قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قاتتىق تۇتۇپ ئېرىشكىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس. ئۇزۇن مۇددەت ئىزچىل تىرىشىش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدىغان نەرسە. شۇڭا ئۇنى كۈندىلىك ۋەزىپە قىلىۋېلىش كېرەك. مەن ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 6 دە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئالدىنقى كۈنى ئاخشىمى تەييارلاپ قويغان 20 سۆزلۈكنى يادلىدىم.  يەنى خەنزۇچە مەنىسىگە قاراپ، ئىنگلىزچىسىنى دەپ بېرەلەيدىغان بولدۇم. ئەتىگەنلىك تاماقتىن كېيىن سىنىپقا 5-10 مىنۇت بالدۇر بېرىپ، دەرس باشلىنىشتىن بۇرۇن، بۈگۈن ئۆگەنگەن 20 سۆز ۋە ئالدىنقى 4 كۈندە ئۆگەنگەن 80 سۆز بولۇپ جەمئىي 100 سۆزنى خەنزۇچىسىغا قاراپ تۇرۇپ ئىنگلىزچىسىنى يازدىم.  بۇنى چۈشتىن كېيىنكى دەرستىن بۇرۇن ۋە كەچلىق تەكراردىن بۇرۇن يەنە 2 قېتىم تەكرارلىدىم. يەنى ھەر كۈنى 5 كۈنلۈك 100 سۆزنى 3 قېتىم يېزىپ چىقتىم. ھەر بىر سۆزنى مۇشۇنداق 5 كۈن تەكرارلىسام، ئۇ مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدىغان بىر نەرسىگە ئايلاندى.  بۇنى ئۆزۈمگە ئىنتايىن قاتتىق تۈزۈم قىلىۋالغان بولۇپ، سۆزلۈكنى يېزىپ بولماي تۇرۇپ كىنوغا بارمىدىم. سۆزلۈكنى يازماي تۇرۇپ ئولتۇرۇشقا بارمىدىم. ئويۇن-تاماشىدىن ۋاز كەچسەممۇ بۇ تۈزۈمنى قەتئىي بۇزمىدىم.

       2) يۇقىرىدا ئېيتقاندەك، ھەر قېتىم 5 كۈنلۈك سۆزنى (يەنى 100 سۆزنى) يازدىم. ھەر كۈنى 3 قېتىم يازدىم: ئەتىگەنلىك دەرستىن بۇرۇن، چۈشتىن كېيىنكى دەرستىن بۇرۇن ۋە كەچلىك تاماقتىن كېيىن.

       3) مېنىڭ ئۆگەنگىنىم تەبىئىي پەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرسلىك كىتابى بولۇپ، ھەر بىر دەرسنىڭ بىردىن رەسمى تېكىست ۋە بىردىن "ئىختىيارىي ئوقۇش تېكىستى" (رەئادىڭ تەخت) بار ئىدى. مەن ھەر ھەپتىدە بىردىن يېڭى دەرس ئۆگەنگەن بولۇپ، ھەپتىنىڭ ئاخىرىغىچە ھەر كۈنى ئەتىگەندە تېكىستنى يادلاپ، ئاخىرىدا تېكستنى پۈتۈنلەي يادلىۋالدىم. بۇنىڭ پايدىسى، سىز خام سۆزنى پۇختا ئېسىڭىزگە ئېلىۋېلىپلا قالماي، گرامماتىكا قائىدىسىنىمۇ پۈتۈنلەي يادلىۋالىدىغان بولغاچقا، كېيىنچە گرامماتىكىنى جانلىق ئىشلىتىشىڭىز ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن پايدىسى بولىدىكەن.  مەن رەئادىڭ تەخت نىمۇ ھەر كۈنى ئوقۇپ، ئاساسەن ئېسىمگە ئېلىۋالدىم.

       4) تاپشۇرۇقنى تولۇق ئىشلەش ھەر قانداق پەندە يېڭى ئۇقۇمنى پىششىق ئىگىلەشتە كەم بولسا بولمايدىغان نەرسە. شۇڭا بۇ يەردە تەپسىلىي توختالمايمەن.

       بىر داڭلىق ئادەم مۇنداق دېگەن: "ۋاقىتنى مىنۇت بويىچە ھېسابلايدىغان ئادەمنىڭ ۋاقتى، ۋاقىتنى سائەت بويىچە ھېسابلايدىغان ئادەمنىڭكىگە قارىغاندا 60 ھەسسە كۆپ بولىدۇ."  بۇ سۆز تىل ئۆگىنىشتە ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، تاماققا ئۆچرەت تۇرغان ۋاقتىمدا، ئاپتوبۇستا ماڭغان ۋاقتىمدا، يىغىنلارنىڭ ئالدى-كەينىدە دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىنگلىزچە سۆزلۈك يادلايتتىم.

= ============================= =

ھاياتىمىزنىڭ ھەقىقىي مەنىسى

مايكۇل جوسېفسون


ئامېرىكىدا بىر قورچاق كىنو بار. ئۇنىڭدا بىر ياشانغان پادىشاھ جەننەتنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن ئۆتۈشكە ئۇرۇنىدۇ. ئۇ ئىشىك باققۇچىغا ئۆزىنى «مەن ئېدۋارد دېگەن ياخشى زات بولىمەن»، دەپ تونۇشتۇرىدۇ. ئالدىغا بىر پارچە قېلىن كىتابنى قويۇۋالغان ئىشىك باققۇچى بولسا ئۇنىڭغا: «ئېدۋارد، سەن بىر ياخشى زاتمۇ-ئەمەسمۇ، ئۇ ھەقتىكى ھۆكۈمنى بىز ئۆزىمىز چىقىرىمىز»، دەيدۇ.

بۇ يەردىكى مۇھىم نۇقتا شۇكى، ئەڭ ئاخىرىدا ھېساب بولىدىغىنى سىزنىڭ ئۆز-ئۆزىڭىزگە مەردلىك بىلەن بەرگەن باھايىڭىز ئەمەس. ئۆزىمىز ھەققىدىكى ئابىدە تېكىستىنى بىزنىڭ قانداق ياشىغانلىقىمىزنى ئوبدان بىلىدىغان كىشىلەر يېزىپ، ئۆزىمىز ھەققىدىكى مەدھىيە سۆزلىرىنىمۇ ئاشۇ كىشىلەر ئوقۇيدۇ.

نوبېل مۇكاپاتىنى ئىجاد قىلغان كىشى ئالفرېد نوبېل ئەپەندى ھەققىدە مۇنداق بىر ھېكايە بار. شۇ زاماندا بېسىلىپ تارقىلىۋاتقان بىر پارچە گېزىت خاتا ئۇچۇرغا ئاساسلىنىپ، نوبېلنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە بىر پارچە خەۋەر باسىدۇ. نوبېل بۇ خەۋەرنى گېزىتتىن ئوقۇيدۇ، ھەمدە ئۇ مۇشۇ پۇرسەتنىڭ باھانىسىدە ئۆزى ئۆلگەندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى قانداق بىر تەرىقىدە ئەستە ساقلايدىغانلىقىنى بىلىۋالىدۇ. گېزىتتىكى خەۋەردە نوبېل ئەپەندى بىر ناھايىتىمۇ ئەقىللىق خىمىيە ئالىمى بولۇپ، ئۇ پارتلاتقۇچ دورىسىنى كەشىپ قىلىپ، ناھايىتى باي بولۇپ كەتكەنلىكى بايان قىلىنغان. نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ ئۆزىنى بىر ئەقىللىق ۋە باي ئادەم، دەپ ئەستە ساقلىشى ناھايىتىمۇ قانائەتلىنەرلىك بىر ئىش ئىدى. لېكىن، نوبېل ئەپەندى ئۇنداق دەپ ئويلىمايدۇ.

نوبېل ئەپەندى ئۆزىنىڭ ھاياتى ھەققىدە يۇقىرىقىدىن ئىجابىيراق بولغان بىر ئابىدىنى قالدۇرۇش ئارزۇسى ئۈستىدە ناھايىتى كۆپ ئويلىنىپ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆز بايلىقىنىڭ ناھايىتى زور بىر قىسمىنى ئىنسانلار ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ يېڭىلىقلارنى ئېتىراپ قىلىدىغان «نوبېل مۇكاپاتى» نى تەسىس قىلىش ئۈچۈن قالدۇرۇپ كېتىدۇ.

بىزنىڭ ئارىمىزدا نوبېل مۇكاپاتىغا ئوخشاش چوڭ نەرسىلەرنى بەرپا قىلالايدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس، ئەمما بىز ھەممىمىز پەرزەنتلىرىمىز ۋە ئاتا-ئانىلىرىمىزنى پەخىرلەندۈرىدىغان مەدھىيە سۆزلىرىگە ئېرىشەلىگۈدەك بىر خىل ھاياتنى ياشىيالايمىز.

بىز ھەر كۈندىكى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى ئىچىدە ھەممە ئىشلار توغرىسىدا توغرا ئويلاپ كېتەلمەيمىز. بىز ئۈچۈن پۇل، خىزمەت ئورنى، نام-ئاتاق ۋە ھوقۇقلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ كۆرۈنۈپ، بۇ جەريان ئۇ نەرسىلەر بىز ئۈچۈن مۇھىم بولماي قالغان بىر زامانغىچە داۋام ئېتىدۇ. ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرىدا ئەڭ مۇھىم بولۇپ قالىدىغان نەرسە، سىز بۇ دۇنيادىن ئايرىلغاندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ سىزنى قانچىلىك ئۇزۇن ۋاقىت ئەستە تۇتۇشى، سىزنى كىملەرنىڭ ئەستە تۇتۇشى، ۋە سىزنى نېمە ئۈچۈن ئەستە تۇتۇشىدىن ئىبارەت بولىدۇ.

شۇڭلاشقا، ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتىنى قانداق ياشاشنى بىلمەكچى بولسىڭىز، سىز مۇنداق بىر ئىشنى ئويلاڭ: سىز كىشىلەردىن ئۆزىڭىز ئۆلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ سىز توغرىسىدا نېمىلەرنى دېيىشىنى ئىستەيسىز؟ يەنى، سىز ئۆلگەن ۋاقىتتىن باشلاپ كەينىگە يېنىپ بىر قېتىم ياشاپ بېقىڭ.

مەنبەسى:
چەت ئەلدە ئوقۇغان نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار (6)
./thread-29145-1-1.html


uyghuray

220

تېما

6

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 953
نادىر تېمىسى: 21
مۇنبەر پۇلى: 1313
تۆھپە : 6229
توردىكى ۋاقتى: 2107
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-5 01:58:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-5 13:14  

The True Meaning of Our Lives


by MICHAEL JOSEPHSON on MARCH 19, 2015


I saw a cartoon showing an old king checking in at the gates of heaven. He introduced himself as “Edward The Good.” The gatekeeper with a large book in front of him said, “Well, Eddie, we’ll be the judge of that.”


The point is that, in the end, generous self-appraisals won’t matter. Our epitaphs will be written and eulogies delivered by the people who knew how we lived.


There’s a story told about Alfred Nobel reading his own obituary because the people at the newspaper mistakenly thought he’d died. This gave him the opportunity to see how he would be remembered. The article described Mr. Nobel as a brilliant chemist who made a great fortune as the inventor of dynamite. For lots of people, being remembered a brilliant and rich would be quite enough, but it wasn’t for Mr. Nobel.


After significant reflection about his desire to leave a more positive legacy, he bequeathed his considerable wealth to establish the Nobel Prizes to acknowledge great human achievements.


Few of us can create something as momentous as the Nobel Prizes, but we can all live lives that earn a eulogy our children and parents would be proud of.


In the hurlyburly of everyday living, it’s hard to keep perspective. Money, position, pride, and power seem so important – until they’re not. What will matter is how long you will be remembered, by whom, and for what.


So, if you want to know how to live your life, just think about what you want people to say about you after you die and live backwards.


This is Michael Josephson reminding you that character counts.




2

تېما

5

دوست

922

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   84.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34303
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 280
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-5 18:24:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت ئەركىن ئاكا چۇقۇم  ياخشى پايدىلنىمىز

220

تېما

6

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 953
نادىر تېمىسى: 21
مۇنبەر پۇلى: 1313
تۆھپە : 6229
توردىكى ۋاقتى: 2107
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-5 22:21:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-6 11:42  

مەن ئىنگلىزچىنى قانداق ئۆگەندىم؟

بىلىمخۇمار

ئىلاۋە: مەن 1978-يىلىدىن 1983-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدە 5 يىل ئوقۇدۇم.  ئۇنىڭ 1-يىلىدا بىز تەييارلىق باسقۇچى سۈپىتىدە پەقەت خەنزۇ تىلىنىلا ئۆگەندۇق.  ئوقۇشنىڭ 2-يىلىدىن باشلاپ مەن ئۆزلىكىمدىن ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشنى باشلاپ، ئىككى يىل ئىچىدە شۇ چاغدىكى خەنزۇ تەبىئىي-پەن ئوقۇغۇچىلىرىغا 3 يىل ئۆتۈلگەن ئىنگلىز تىلى دەرسنىڭ 3 كىتابىنى تولۇق ئۆگىنىپ تۈگەتتىم.  شۇنداقلا مەن بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىغا كىرگەن، مەكتەپ بويىچە كوپ قېتىم «ئىلغار سىنىپ» بولۇپ باھالانغان خەنزۇ سىنىپ، 77-يىللىق 1-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىنگلىز تىلىنى تاماملاش ئىمتىھانىسىغا قاتنىشىپ، 90 نومۇر ئالدىم.  ئەڭ ئاخىرقى 2 يىل ئىچىدە يەنە ئۆزلىكىمدىن ياپون تىلى ئۆگىنىپ، 1983-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندە، مەن ياپون تىلى گرامماتىكىسىنىمۇ تولۇق ئۆگىنىپ تۈگەتتىم.

مەن شۇ مەزگىللەردە ئۆزۈمنىڭ ھەر كۈنلۈك ئىش-مەشغۇلات جەدۋىلىنى بىر خاتىرە دەپتەرگە يېزىپ قويغان بولۇپ، ئۇنىڭدىكى مەزمۇن مۇنداق ئىكەن (بۇ مەزمۇن «ئەركن سىدىقنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى» نىڭ 6-بۆلۈمىدە بار):

سائەت 5:00 تىن 5:40 گىچە:         ئورنىدىن تۇرۇش، يۈگۈرەش، چېنىقىش، يۈز يۇيۇش
سائەت 5:40 تىن 6:50 گىچە:         چەت ئەل تىلى ئۆگىنىش
سائەت 6:50 تىن 7:30 غىچە:       ئەتىگەنلىك تاماقنى يېيىش، خام سۆز يېزىش  
سائەت 7:30 تىن 11:30 گىچە:       دەرس ئوقۇش، دەرس تەكرارلاش  
سائەت 11:30 تىن 12:30 گىچە:     چۈشلۈك تاماق يېيىش، گېزىت ئوقۇش  
سائەت 12:30 تىن 14:00 گىچە:     چۈشلۈك ئۇخلاش  
سائەت 14:00 تىن 17:30 گىچە:     دەرس ئوقۇش، دەرس تەكرارلاش  
سائەت 17:30 تىن 18:00 گىچە:     كەچلىك تاماق يېيىش  
سائەت 18:00 تىن 21:30 گىچە:     كەسپىي دەرسلەرنى تەكرارلاش  
سائەت 21:30 تىن 22:00 گىچە:     ياپونچە رادىئو لېكسىيىسىنى ئاڭلاش  
سائەت 22:00 تىن 23:00 گىچە:     كەسپىي ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش  

مەن 2005-يىللىرى بىر قىسىم ئۇكىلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئۆزۈمنىڭ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشتە قوللانغان ئۇسۇلىنى قىسقىچە خۇلاسىلاپ چىققان بولۇپ، مەن ئۇنى ھازىرغىچە ئۆزۈمدىن ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى سورىغان ئۇكىلارغا ئېلخەت ئارقىلىق ماڭدۇرۇپ بېرىپ تۇردۇم.  ئۇ يازما مەزكۇر سەھىپىدىكى مەزمۇنلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ئۇنى ھازىر ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىۋاتقان ئۇكىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بۇ يەرگە چىقىرىپ قويدۇم.

مەن بارلىق ئۇكىلاردىن مۇنداق بىر ئىشنى ئەستە تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن:  ھەممە ئادەملەر ئۈچۈن ئوخشاش دەرىجىدە ياخشى ئۈنۈم بېرىدىغان بىر ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش ئۇسۇلى مەۋجۇت ئەمەس.  ئوخشىمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.  مەن ئۆزۈم قىلىدىغان ھەممە ئىشلارغا بىر «تەجرىبە» نۇقتىسىدىن قارايدىغان بولۇپ، يېڭى ئۇسۇلنى سىناق قىلىش، ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان نەتىجىنى يەكۈنلەش، ھەمدە بۇ جەرياننى كۆپ قېتىم تەكرارلاش ئارقىلىق، ھەر بىر ئىشقا ياخشى ئۈنۈم بېرىدىغان بىردىن ئۇسۇلنى تېپىپ چىقىمەن.  مانا ماۋۇ ئۇسۇل ھەممە ئادەم ئۈچۈن ئۈنۈم بېرىدىغان بولۇپ، مەن بارلىق ئۇكىلارغا بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

تۆۋەندىكىسى مەن 2005-يىللىرى تەييارلىغان «مەن ئىنگلىز تىلىنى قانداق ئۆگەندىم؟» دېگەن قىسقا يازمىنىڭ تولۇق تېكىستى.

بىر ئادەمنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئۇسۇلى يەنە بىر ئادەمنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ.  ئۇنىڭدىن باشقا، تىل ئۆگىنىش بىر ئۇزۇن مۇددەتلىك، مۈشكۈل ۋەزىپە بولۇپ، ناھايىتى يۇقىرى ئىرادە بىلەن مۇستەھكەم بەل باغلىماي تۇرۇپ، بىر تىلنى مۇكەممەل ئۆگىنىش مۇمكىن ئەمەس. تىل ئۆگىنىش ھېچكىم ئۈچۈن ئاسان ئەمەس. شۇڭا باشتىن تارتىپ بۇ تۆغرىلىق مۇستەھكەم ئىدىيىۋىي تەييارلىق بولۇشى كېرەك.  مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئوقۇغان ۋاقتىمدا، 1-يىلى خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى 2 يىلنىڭ ئىچىدە ئىنگلىز تىلىنى قوشۇمچە ئۆگىنىپ، تەبىئىي-پەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 3 يىللىق دەرسلىكىنى ئۆگىنىپ بولۇپ، ئىنگلىزچىنى ئوقۇپ تۈگەتكەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە ئىمتىھانغا قاتنىشىپ، يۇقىرى نەتىجىگە ئېرىشكەن ئىدىم.  ئەڭ ئاخىرقى 2 يىل جەريانىدا ياپون تىلىنىمۇ ئۆزلۈكىمدىن ئۆگىنىپ بولدۇم.

مەن قوللانغان ئۇسۇل مۇنداق:  
1)ھەر كۈنى يېڭى سۆزلۈكتىن 20 دانە سۆز ئۆگىنىش.
2) بىر سۆزنى 5 كۈن، ھەر كۈنى 3 قېتىمدىن يېزىش.
3) تېكىستنى پۈتۈنلەي يادلىۋېلىش.
4) تاپشۇرۇقنى بىرنىمۇ قالدۇرماي ئىشلەش.  تۆۋەندىكى ھەر بىر مەسىلە ئۇستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەي.

1) تىل ئۆگىنىشتە ئەڭ قىيىنغا توختايدىغان بىر نەرسە يېتەرلىك ساندىكى سۆزلۈكنى يادلاپ ئىگىلەشتىن ئىبارەت. سۆز يادلاش قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قاتتىق تۇتۇپ ئېرىشكىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس. ئۇزۇن مۇددەت ئىزچىل تىرىشىش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدىغان نەرسە. شۇڭا ئۇنى كۈندىلىك ۋەزىپە قىلىۋېلىش كېرەك. مەن ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 6 دە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئالدىنقى كۈنى ئاخشىمى تەييارلاپ قويغان 20 سۆزلۈكنى يادلىدىم.  يەنى خەنزۇچە مەنىسىگە قاراپ، ئىنگلىزچىسىنى دەپ بېرەلەيدىغان بولدۇم. ئەتىگەنلىك تاماقتىن كېيىن سىنىپقا 5-10 مىنۇت بالدۇر بېرىپ، دەرس باشلىنىشتىن بۇرۇن، بۈگۈن ئۆگەنگەن 20 سۆز ۋە ئالدىنقى 4 كۈندە ئۆگەنگەن 80 سۆز بولۇپ جەمئىي 100 سۆزنى خەنزۇچىسىغا قاراپ تۇرۇپ ئىنگلىزچىسىنى يازدىم.  بۇنى چۈشتىن كېيىنكى دەرستىن بۇرۇن ۋە كەچلىك تەكراردىن بۇرۇن يەنە 2 قېتىم تەكرارلىدىم. يەنى ھەر كۈنى 5 كۈنلۈك 100 سۆزنى 3 قېتىم يېزىپ چىقتىم. ھەر بىر سۆزنى مۇشۇنداق 5 كۈن تەكرارلىسام، ئۇ مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدىغان بىر نەرسىگە ئايلاندى.  بۇنى ئۆزۈمگە ئىنتايىن قاتتىق تۈزۈم قىلىۋالغان بولۇپ، سۆزلۈكنى يېزىپ بولماي تۇرۇپ كىنوغا بارمىدىم. سۆزلۈكنى يازماي تۇرۇپ ئولتۇرۇشقا بارمىدىم. ئويۇن-تاماشىدىن ۋاز كەچسەممۇ بۇ تۈزۈمنى قەتئىي بۇزمىدىم.

2) يۇقىرىدا ئېيتقاندەك، ھەر قېتىم 5 كۈنلۈك سۆزنى (يەنى 100 سۆزنى) يازدىم. ھەر كۈنى 3 قېتىم يازدىم: ئەتىگەنلىك دەرستىن بۇرۇن، چۈشتىن كېيىنكى دەرستىن بۇرۇن ۋە كەچلىك تاماقتىن كېيىن.

3) مېنىڭ ئۆگەنگىنىم تەبىئىي پەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرسلىك كىتابى بولۇپ، ھەر بىر دەرسنىڭ بىردىن رەسمى تېكىست ۋە بىردىن «ئىختىيارىي ئوقۇش تېكىستى» (Reading Text) بار ئىدى. مەن ھەر ھەپتىدە بىردىن يېڭى دەرس ئۆگەنگەن بولۇپ، ھەپتىنىڭ ئاخىرىغىچە ھەر كۈنى ئەتىگەندە تېكىستنى يادلاپ، ئاخىرىدا تېكستنى پۈتۈنلەي يادلىۋالدىم. بۇنىڭ پايدىسى، سىز خام سۆزنى پۇختا ئېسىڭىزگە ئېلىۋېلىپلا قالماي، گرامماتىكا قائىدىسىنىمۇ پۈتۈنلەي يادلىۋالىدىغان بولغاچقا، كېيىنچە گرامماتىكىنى جانلىق ئىشلىتىشىڭىز ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن پايدىسى بولىدىكەن.  مەن «ئىختىيارىي ئوقۇش تېكىستى» نىمۇ ھەر كۈنى ئوقۇپ، ئاساسەن ئېسىمگە ئېلىۋالدىم.

4) تاپشۇرۇقنى تولۇق ئىشلەش ھەر قانداق پەندە يېڭى ئۇقۇمنى پىششىق ئىگىلەشتە كەم بولسا بولمايدىغان نەرسە. شۇڭا بۇ يەردە تەپسىلىي توختالمايمەن.

بىر داڭلىق ئادەم مۇنداق دېگەن: "ۋاقىتنى مىنۇت بويىچە ھېسابلايدىغان ئادەمنىڭ ۋاقتى، ۋاقىتنى سائەت بويىچە ھېسابلايدىغان ئادەمنىڭكىگە قارىغاندا 60 ھەسسە كۆپ بولىدۇ."  بۇ سۆز تىل ئۆگىنىشتە ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، تاماققا ئۆچرەت تۇرغان ۋاقتىمدا، ئاپتوبۇستا ماڭغان ۋاقتىمدا، يىغىنلارنىڭ ئالدى-كەينىدە دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىنگلىزچە سۆزلۈك يادلايتتىم.

مەن ئاخىرىدا ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىۋاتقان بارلىق ئۇكىلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
uyghuray

7

تېما

1

دوست

4468

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   82.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5470
يازما سانى: 262
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 195
تۆھپە : 1263
توردىكى ۋاقتى: 289
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-6 00:05:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن نۆلدىن باشلىماقچى قايسى كىتاپتىن،قانداق شەكىلدە ئۆگۈنۈشنى باشلىسام بۇلىدىغاندۇ، مەسلىھەتنى ئايمىساڭلار

2

تېما

4

دوست

1062

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   6.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31111
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 342
توردىكى ۋاقتى: 75
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-6 01:15:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىنى يازغان كىشى ئەسلى ئەركىن سىدىق ئاكىمىزكەنغۇ..... بىر ئويلىسام ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ،چۈنكى مەن باشلانغۇچنىڭ 5-يىللىقىغا چىققاندا ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ ئىسمىنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىغانتىم، ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا ئاكامنىڭ  ۋە ئۇقۇتقۇچىلىرىمنىڭ تېخىمۇ تۇلۇق دەپ بېرشى بىلەن ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ ئامىركىدا  ناسا ئالەم بوشلىقى تەتقىقات مەركىزىدەئىشلەيدىغان ئالىم ئىكەنلىكىنى بىلدىم ،شۇندىن باشلاپ ئەركىن سىدىق ئاكىمىزدىن پەخىرلىنىپ يۇردۈم ،ئالىي مەكتەپكە كەلگەندە ،‹‹غايىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ سىرى››،‹‹ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىقى›› قاتارلىق ماقالىلىرىنى ئۇقۇغاندىن كىيىن بۇ ئاكىمىزنىڭ تەبىي -پەندىلا ئەمەس ،ئىجتىمائىي -پەنلەر جەھەتتىمۇ ناھايتى ياخشى بىلم ساپاغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدىم ۋە ھەسسىلەپ ھۆرمىتىم ئاشتى،ھەتتا ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنى مەن ھازىر چوڭ بىر داھىدىنمۇ ئۈستۈن كۆرىمەن،شۇڭا بىر ئويلىسام مۇشۇ باغداش تورىدا ماقالىلىرىنى چىقارغاندا راس شۇ كىشىمىدۇ يا يالغاندىن بىرەسى چىقىرۋاتامدۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن.......مەن ھەتتا ھازىرمۇ بىلىمخۇمارنىڭ ئەركىن سىدىق ئاكىمىز ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيۋاتىمەن. ناۋادا بىلمىخۇمار ئاكىمىز راسلا ئەركىن سىدىق ئاكىمىز بولسا ،مەن سىزنىڭ تىنىڭىزنىڭ سالامەت،ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇڭۇشلۇق بۇلۇشىنى تىلەيمەن ۋە سىز مىنىڭ قەلبىمدىكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ھايات كىشلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ كىشى......

220

تېما

6

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 953
نادىر تېمىسى: 21
مۇنبەر پۇلى: 1313
تۆھپە : 6229
توردىكى ۋاقتى: 2107
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-6 01:21:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tilmaq1 يوللىغان ۋاقتى  2015-4-6 01:15
بۇ ماقالىنى يازغان كىشى ئەسلى ئەركىن سىدىق ئاكىمىزكەن ...

ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام ئۇكام، سەمىمىي سۆزلىرىڭىزگە رەھمەت! مەن سىز بىلىدىغان ئەركىن سىدىق شۇ.  مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، 2009-يىلىدىن باشلاپ مۇشۇ «بىلىمخۇمار» دېگەن تور ئىسمىنى ئىشلىتىۋاتىمەن.

0

تېما

0

دوست

2919

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31463
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 906
توردىكى ۋاقتى: 212
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-6 05:00:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى باشلىنىش بۆپتۇ  . بۇنداق بولغاندا تىل ئۇگەنگۇچىلەرگە ۋە باشقىلارغىمۇ كوپ پايدىسى بولغۇدەك  .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )