- تىزىملاتقان
- 2014-12-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8291
- نادىر
- 0
- يازما
- 840
ئۆسۈش
65.82%
|
يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن جەمىيىتىمىزگە نەزەر
ئۇيغۇر دىداكتىك داستانچىلىغىنىڭ ئاساسچىسى يۈسۈپ خاس ھاجىپ 1019-يىللار ئەتراپىدا تۇغۇلغان دەپ تەخمىن قىلنىدۇ. چۈنكى ئالىمنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى تولۇق خاتىرىلەنمىگەن، شۇنداقلا قولىمىزدا ئۇنىڭ شاھانە ئەسىرى "قۇتاتغۇبىلىگ" دىن باشقا بۇ تەرىپىنى تەستىقلايدىغان بىۋاستە خاتىرىلەر يوق دىيەرلىك. بۇ ھەقتە ئالىمنىڭ ئۆز ئەسىرىنىڭ مۇقەددىمىسىدە بىزگە مۇنداق مەلۇمات قالدۇرۇلغان:
Munuqi turug'laq Quz O'rdu ëli, Tüb esli, nesebdin yürümish tili.
"بۇنىڭ تۇغۇلغان ئىلى قۇز ئوردىدۇر، يىلتىزى، ئەسلى نەسەبتىن تىلى راۋاندۇر"
بۇنىڭغا قاراپ ئالىمنىڭ "قۇز ئوردا" يەنى بالاساغۇن شەھرىدە تۇغۇلغانلىغى، تىلىنىڭ ئەسلى نەسەبى تىلىدىن ئىكەنلىگى(ئۇيغۇر تىلىنى دىكەچى)
ئەسەرنىڭ نامى ھەققىدە مۇنداق مەلۇمات قالدۇرۇلغان: "قۇت" سۆزى قەدىمىي تىلىمىزدىمۇ شۇنداقلا ھازىرقى ئەدەبىي تىلىمىزدىمۇ "بەخىت"، "بەرىكە" مەنالىرىنى بىلدۈرىدۇ. "ئادغۇ" سۆزى "ئەتكۈچى"، "قىلغۇچى"، "باشلىغۇچى" دەيدىغان مەنىلەرگە ئىگە. بۇ سۆزنىڭ ئەسلى تۈپ سۆزى كونا ئەدەبىيەتلاردا يەنە "ئېدگۈ" شەكلىدىمۇ ئۇچرايدۇ. "بىلىگ" سۆزىنىڭ مەنىسى "بىلىم" دۇر. دىمەك مۇشۇ مەزمۇنلارغا ئاساسلىنىپ "قۇتادغۇبىلىگ" سۆزىنىڭ ھازىرقى تىلىمىزدىكى مەنىسى " بەختكە يىتەكلىگۈچى بىلىم" ياكى "بەختىيار قىلغۇچى بىلىم" دىگەندىن ئىبارەت يەكۈننى چىقىرىش تامامەن توغرىدۇر.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەسىرىنى بىر يېرىم يىلدا يېزىپ تاماملىغانلىغىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق يازىدۇ:
Tügal on sakkiz ayda ëydim bu söz, Odurdum, adirdim söz evchlim tëra.
"بۇل سۆزنى ئون سەككىز ئايدا تۈگەل ئېيتتىم،(تاماملىدىم)، ئولتۇردۇم، سۆزلەرنى تاللاپ ئولتۇردۇم (ئويلاندىم)".
بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان ئون سەككىز ئاي ئەلۋەتتە كىتابنى يېزىشقىلا سەرپ قىلىنغان ۋاقىت. ئەمما ئالىم كىتابىنى يېزىش ئۈچۈن بۇرۇندىن پۇختا تەييارلىق قىلغانلىغى يۇقۇرىقى جۈملىدىن مەلۇم.
Barusi bitilmish, ëturmish nizam, Bu Qeshqer ëlinda qoshulmish tamam.
"بارى پۈتۈلدى، ئېتىلمىش نىزام، بۇ قەشقەر ئىلىدە ھەممىسى تاماملاندى"
بۇ خاتىرىدىن كىتابنىڭ قەشقەردە يېزىلىپ تاماملانغانلىغى مەلۇم.
Yil altmish iki tört yüz bila, Bu söz sözledim men tutib jan sura.
"تۆت يۈز ئاتمىش ئىككىنچى تىلىدا، مەن يۈرەك قېنىم بىلەن بۇ سۆزنى سۆزلىدىم"
بۇ يازمىدىن ئەسەرنىڭ ھىجرى 462-يىلى، مىلادى 1069-1070-يىللاردا يېزىپ تاماملانغانلىغى مەلۇم. ئالىم بۇ ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئەللىك ياشتا ئىكەنلىگىدىن ئىكەنلىگىدىن مەلۇمات بېرىپ مۇنداق يازغان:
Tëgurdi menga elgi ellik yashim, Qughu qildi quzghun tüsi tesh bashim.
"تەگدى ماڭا ئەللىك ياشىم، قۇزغۇندەق باشىم قوغلاندى."(يەنى قارا چاچلىرىم يوق بولدى، چېچىمغا ئاق چۈشتى).
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەسىرىدە ئىلىمنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنىغا يۈكسەك دەرىجىدە باھا بېرىدۇ، بىلىملىك ئالىملارنى ھەقىقەتنىڭ تۈۋرۈكلىرىگە قىياسلايدۇ، ئالىم ئەسىرىدە پەرزەنت تەربىيىسىگىمۇ ئالاھىدە نەزىرىنى قاراتقان. مەسىلەن:ئايتولدى ۋاپاتىدىن بۇرۇن ئوغلى ئۆگدىلمىشكە نەسىھەت قىلىپ، بالىنى ئىلمۇ – ھىكمەتلىك، خۇشپىل قىلىپ تەربىيەلەش ئاتىنىڭ بۇرچى ئىكەنلىگى، پەرزەنتلىرى يارىماس بولۇپ قالسا بۇنىڭ جاۋاپكارى ئاتىلار ئىكەنلىگىنى تەكىتلەيدۇ. ئەسەردە بۇ تەرەپلەرگە كەڭ ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، سالام – سائەت، مېھمان كۈتۈش ھەتتا ئۆيلىنىش قاتارلىق تەرەپلەردە چوڭقۇر نەسىھەت خاراكتىرلىق ئۈگۈتلەرگە ئورۇن بېرىلگەن.
ئەسەرنىڭ مەزمۇنىدىن ئالىمنىڭ ئۆز زامانىسىدىكى يېتۈك بىلىم ئىگىسى ئىكەنلىگى ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن:
Yaratti kör, avran tuchi evrulur, Aning birla tezginch yëma tezginur.
"ياتراتتى پەلەكنى دائىم ئايلىنار، ئۇ بىلەن بۇ چاقمۇ تىزگىنسىز ئايلىنار"
ئالىمنىڭ ئەسىرىدىكى ئاسمان جىسىملىرى، ئون ئىككى بۇرج، يەتتە سەييارە ھەققىدىكى بايانلىرى ھەتتا ئىلىم – پەن يۈكسەك تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۆز قىممىتىنى يوقاتقىنى يوق. ئالىمنىڭ مەزكۇر ئەسىرىنى يەنە ۋەتەن ۋە ئەل – يۇرت مەدھىيەسى دەپ ئاتاشمۇ مۈمكىن. ئەسەرنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئەل – يۇرت پاراۋانلىغى، دۆۋلەت تۈزۈلمىسى قاتارلىق چوڭقۇر مەنالىق مەزمۇنلارنى ئۆزىەە مۇجەسسەملىگەن. ئەسىرىدە ئالىم ئۆز ئىلىنىڭ ساداقەتلىك، چوڭقۇر پىكىرلىك ۋەزىرى سۈپىتىدە نامايەن بولىدۇ، يەنە ئەسەر مەزمۇنىدىن شۇنىمۇ كۆرۈۋېلىشقا بولۇدۇكى مۇئەللىپ ئۆز زامانىسىدىكى بارلىق ئىلىملەردىن تولۇق قوراللانغان مۇكەممەل بىلم ئىگىسى ئىكەنلىگىدە شەك يوق.
11-ئەسىرلەردە ئاۋام – خەلق "بودۇن" نامىدا يورۇتۇلغان. دۆۋلەتنىڭ بىخەتەرلىگى ۋە ئۇنىڭ راۋاجلىنىشى ئۆزىنىڭ خەلقىنىڭ بەختىگە چېتىلىدىغانلىغى توغرىسىدىمۇ بايانلارنى قىلغان:
Kimung dewleti bash kötürse aru, Qamugh' ezgü qilghu budunqa taru.
"كىمنىڭ دۆۋلىتى باش كۆتۈرمەك بولسا، ئۇ خەلىققە ئەزگۈ سىياسەت يۈرگۈزۈشى كېرەك".
Begi ëzgü bolsa budun barche tüz, Bolur qiliqi ëzgü, yoriqlari uz.
"ئەگەر بېگە گۈزەل بولسا، خەلىقلىرىمۇ تۈز، يورۇقلۇغى ئۇز بولۇر( جەمىيەتمۇ يورۇق بولۇر).
شۇنى تەكىتلەش كېرەككى قەدىمىي ئەجدادلىرىمىزدا "ۋەتەن" چۈشەنچىسى ۋەتەنگە تەئەللۇق بولغان "ئەل" ، "پۇقرا" سۆزلىرى بىلەن تەسەۋۇر قىلىنغان. "ئەل" سۆزى مەملىكەت، خەلىق، سەلتەنەت، يۇرت چۈشەنچىلىرىنى ئىپادىلەيدۇ. ئالىمنىڭ نەزىرىدە جەمىيەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسى جەمىيەت يۈكىنى يېنىكلىتىشكە كۈچ چىقىرىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق ئادەم ئۆىنىڭ ئىشى بىلەن شۇغۇللانمىقى، ھالال، پاكىز ياشىشى، ئۆزنىڭ تار دائىرىدىكى "شەخىس" كۆز قارىشى دائىرىسىدە بېكىنىپ قالماي، ئەل – يۇرت مەنپەتىنى ئۆز مەنپەتىدىن ئۈستۈن ئورۇغا قويمىغى شەرت. بۇنىڭ بىردىن بىر يولى – ئوقۇش، بىلم ئالماقتۇر.
Yula-ul oqush, kor, qaraghuka köz, Ölug tenge janul, aghin tilqa so'z.
"قارا، ئوقۇش كور، قارغۇغا كۆز، ئۆلۈك تەنگە جان، گاچا تىلغا سۆز ئاتا قىلۇر"
ئوقۇش، بىلىم ئېلىش ئادەم كۆڭلىنى بېيىتىدۇ، كۆڭلى باي ئادەم بولسا، ھىممەتلىك، ساخاۋەتلىك، ساپدىل، ئادىل بولىدۇ. ئەكسىچە بىلىمسىز، نادان كىشىلەرنى تىرىكلەر قاتارىغا قوشۇش قىيىن مەسىلىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بىلىم ئېلىش بىلەن ئۆزىنىڭ قەلبىنى پاكلاش ھەر بىر ئىنساننىڭ ئىنسانىي بۇرچىدۇر.
ئالىمنىڭ سىياسىي قاراشلىرى جەھەتتىكى بايانلىرى بولۇپمۇ بەگلەر بىلەن رەئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە باغلىق بايانلىرى ئادەمنى ھەقىقەتەن ھاياجانغا سالىدۇ. ئالىم ئەسىرىدە "بىلىگ"(بىلىم ) سۆزى بىلەن "بەگ" سۆزىنى بىر قاتارغا قويۇپ بايان قىلىدۇ. بەگ ئۆزى باشقۇرىدىغان ئەلنىڭ سىمۋولىدۇر، بەگ بولغان ئادەم جىسمانىي ۋە مەنىۋىي جەھەتلەردىن يېتۈك ئادەم بولمىغى دەركار. ئەدىبنىڭ قارىشىغا ئاساسەن بەگ بولغان ئادەم ئوتتۇرا بوي، خۇشپېل، بىلىملىك، جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام بولمىقى لازىم. شۇڭلاشقا "بەگ" سۆزىنى بىلىمگە تەڭ ئورۇنغا قويۇپ بايان قىلىدۇ.
Bek ati bilig bila bag'lig' turur, Bilig lami ketse bek ati qalur.
"بەگ نامى بىلىگ بىلەن باغلىقتۇر، بىلىگ سۆزىنىڭ لامى (ل ھەرىپىنى دىمەكچى)كەتسە بەگ نامى يوق بولۇر"
ئەرەپ يېزىقىدا "بىلىگ" سۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى "ل" ھەرىپى ئېلىپ تاشلانسا "بىگ" يەنى قۇرۇقلا "بەگ" بولۇپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا بەگ بولغان كىشىنىڭ جىسمىدا تولۇق "بىلىگ"(بىلىم) بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
جەمىيەت مۇناسىۋىتى، خەلقنىڭ گۈللىنىشى ۋە يۇرت خاتىرجەملىگىدىكى ئاساسىي ئامىل. بۇ خىل كۆز قاراش ياۋروپادا 18-ئەسىردە فرانسىيەلىك ئەدىپ جان جاك رۇسسونىڭ ئەسەرلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يەنى ئەجدادلىرىمىزدىن 7ئەسىر كىيىن. شۇڭلاشقا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى ئۆز زامانىسىغا نىسبەتەن بىر ئىنقىلاپ ھىسابلىنىدۇ. ئالىم ئۆزى ياشىغان زاماننى ھېچقانداق مۇكەممەل زامان دىيىشكە بولنايدۇ. تۆۋەندىكى بايانلارغا دىققەت قىلىشىمىز زۆرۈر:
Kichigde edeb yoq, ulug'da — bilig, Atunlar ökush boldi, yitti silig.
"كىچىكتە ئەدەپ يوق، چوڭدا بىلىم، پەسكەشلەر كۆپىيىپ يوقالدى...."(بۇ يەردىكى "سىلىگ" سۆزىنىڭ تەرجىمىگە قۇربىم يەتمىدى. تورداشلارنىڭ تولۇقلاپ قويۇشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن)
Kishi barcha yarmaq quli boldiler
"كىشىلەرنىڭ ھەممىسى پۇلنىڭ قۇلى بولۇششتى"
Musulman qarishti, ichin et ëshur
"مۇسۇلمانلار ئۇرۇشۇپ، بىر – بىرىنىڭ ئېتىنى غاجاشماقتا"
Ataliq qilur, kor ataqa ogul, Ogul bek bolib, kor, ata boldi qul
"ئاتىلىق قىلۇر، كور ئاتىغا ئوغۇل، ئوغۇل بەگ بولۇپ، كور ئاتا بولدى قۇل"
Ejün boldi ahir, törü ertedi...
"دۇنيا تۈگەشتى، تەرتىپ بۇزۇلدى..."
دىمەك يۇقۇرىدا بايان قىلىنغا قىسقىغىنە مەزمۇنلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىش قىيىن ئەمەسكى ئەجدادلىرىمىز ھەرقايسى تارىخىي دەۋىرلەردە بىلىم ئېلىش، ياخشى ئادەم بولۇش، بىلىملىك بولغاندىلا ئاندىن ئىنسان ھەقىقىي قەدىر – قىممىتىنى تاپالايدىغانلىغى توغرىسىدا قىممەتلىك نەسىھەتلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن. شۇڭلاشقىمۇ بىزنى يەنىلا ساقلاپ قالىدىغان، مەرتىۋىمىزنى يۇقۇرى كۆتۈرىدىغان ۋاستە يەنىلا بىلمدىن ئىبارەت. شۇڭلاشقا ھەر بىر جەمىيەت ئەزاسى بۇ ئىشلارنى ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز، ئەتراپتىكىلەرگە ئۈلگە بولۇشىمىز كېرەككى ھەرگەىز بىر – بىرىمىزنى كەمسىتىدىغان، بىرى – بىرىمىزگە ئورۇنسىز زىيان يەتكۈزىدىغان، ئورتاق پىكىرلەرنى ئىلمىي نۇقتىدىن مۇلاھىزە قىلىپ، جەمىيىتىمىز، مەدەنىيىتىمىزگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىنى تاللاپ قېلىپ، ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىرىنى شاللىشىمىز كېرەك. قىسقىسى بىلىم قۇرۇلمىمىز يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەندىلا جەمىيىتىمىزدىكى ھەممە مەسىلىلەر ئۆزىنىڭ مۇناسىپ يېشىمىنى تاپقان بولىدۇ.
|
|