ئەيدىز بىمارلىرىنى ئالداپ دورا سېتىش ئەھۋاللىرى يۈز بەرمەكتە
بۈگۈن ئىشخانىدا ئولتۇرسام، ئىدارىمىزدىكى ئەيدىز ئىشلىرىغا مەسئۇل ئاچىمىز بىر قۇتا دورىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، كۆرۈپ بېقىشىمنى ئېيتتى.چۈشەندۈرۈشلىرى ساپلا ئېنگلىزچە بولغاچقا، نېمىگە ئىشلىتىدىغان دورا ئىكەنلىكىنى بىلەلمەپتۇ. ھېلىمۇ ياخشى ئالىي مەكتەپتە ئېنگلىزچە ئۆگىنىپ قويۇپتىكەنمەن، گاھىچاغلاردا ئۆزۈمگە ئەسقاتسا، گاھى چاغلاردا مانا مۇشۇنداق خىزمەتلەرگە ۋە باشقىلارغىمۇ ئەسقېتىۋاتىدۇ. دورىنىڭ نامى (korean panax ginseng)ئىكەن، ئېنگلىزچە چۈشەندۈرۈشىنى ئوقۇسام، بۇ ئەسلى ئادەمنىڭ فىزىئولوگىيىسىنى ياخشىلايدىغان ساغلاملىق دورىسى بولۇپ، ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن ئىكەن، دورا نامىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلساق "كورىيە ئادەمگىياھى" دېگەنلىك بولىدىكەن. ئاستىدىكى كىچىك كاتەكچىدەمۇنداق ئەسكەرتىپتۇ: مەزكۇر دورا (ئامېرىكا) دورا- يېمەكلىك ئىدارىسىغا تىزىمغا ئالدۇرۇلمىغان، بۇ دورا كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇشقا، كېسەل داۋالاشقا،ساقايتىشقا ۋە ئالدىنى ئېلىشقا ئىشلىتىلمەيدۇ. ئۇ ئاچىمىزدىن "بۇ دورىنى كىم بەردى؟" دەپ سورىسام، بىر ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىنىڭ "نېمە دورا ئىكەنلىكىنى بىلىپ بەرسىڭىز" دەپ بېرىپتۇ. ئەلۋەتتە، ئەيدىز خىزمەتچىلىرى يۇقۇمدارلارنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلايدۇ، يۇقۇملانغۇچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرمەيدۇ، مېنىڭمۇ بۇنى سوراشيولۇم يوق، شۇڭا مەن پەقەت دورىنىڭ ئېنگلىزچە خەتلىرىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇپ بىلەنلاكۇپايىلەندىم. ئۇ يۇقۇملانغۇچى بۇ دورىنى800 يۈەنگە سېتىۋاپتۇ. ساتقۇچى مۇشۇ دورا ئەيدىزنى داۋالايدۇ دەپ ساتقان ئىكەن. دەرھال ھالقىلىق سۆز بولغان korean panax ginsengنى كومپىيۇتېرغا كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسام، بۇ دورا دۆلىتىمىز ئىچىدىمۇ سېتىلىدىكەن. تاۋباۋ تورىدىكى باھاسى 128 يۈەن ئىكەن. ئاندىن ئامازورن تورىدىكىسىگە قاراپ باقسام، ئاران 15.80 دوللار ئىكەن، بۇنى جۇڭگو پۇلىغا سۇندۇرساق، تەخمىنەن 90 يۈەنئەتراپىدا بولىدۇ. تاۋباۋدىكىلەر ئىنساپ بىلەن ئاران8 3يۈەن پايدا ئاپتۇ. لېكىن بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز ئۆز قېرىندىشىدىن 700يۈەن ئەتراپىدا پايدا ئاپتۇ. ئەگەر بۇنى پىرسەنتكە سىندۇرىدىغان بولغان، 128 يۈەنلىك دورىنى 800يۈەنگە ساتقاندا، ئالغان پايدا نىسبىتى 5 ھەسسىدىن ئارتۇق، يەنى %525 بولىدۇ.تاۋباۋدىكىلەر بولسا ئاران %42 پايدا ئالغان بولىدۇ. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى سىياسەت دەرسلىكىمىزدە مۇنداق بىر جۈملە ھېلىمۇ ئېسىمدە، بۇ جۈملە ماركىسنىڭ كاپىتال دېگەن ئەسىرىدىن ئېلىنغان ئىدى:كاپىتالىستلار (سودىگەرلەر) %100 پايدا كېلىدىغان ئىش بولسا بارلىق تىرىشچانلىقىنى ئىشقا سالىدۇ، ئەگەر %200 پايدا ئالىدىغان ئىش بولسا ھەر قانداق ئىشنى قىلىشتىن يانمايدۇ، ناۋادا %300 پايدا ئالغىلى بولسا ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشكىمۇ رازى بولىدۇ. ئۇنداقتا، %500 پايدا بولىدىغان ئىش بولسا، ئىنسان نېمىنى قىلمايدۇ دەيسىز!؟ ئەيدىزنىڭ ھازىرغىچە تېخى داۋاسى چىقمىغانلىقى ھەممىمىزگە ئېنىق. لېكىن بەزى ساختىپەز ساتارمەنلەر "يەمەندە پالانچى مۇسۇلمان تېۋىپ ئەيدىزنى ساقايتىپتۇ-يەي"، "ئەرەبىستاندا ئەيدىزنىڭ دورىسى چىقپىتۇ- يەي"، "غەرب ئالىملىرى بۇ ئىشنى قەستەن باستۇرۋېتىپتۇ-يەي" دېگەندەك بىر توقام كوچا خەۋەرلىرىنى دەستەك قىلىپ، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى قاقتى- سوقتى قىلماقتا. "يەمەندىن دورائەكەلدۈرۈپ بەرسەم، ئاللاھ خالىسا كېسىلىڭ ساقىيىپ كېتىدۇ" دەپ نۇرغۇن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالماقتا. بۇ يۇقۇمدارلارمۇ ئاشۇ ھىيلىگەر ساتارمەنلەرنىڭ خۇدانى ئاغزىغا ئېلىپ قەسەم قىلىشلىرىغا ئىشىنىپ، ھەمدە كېسىلىدە «مۆجىزىلەرچە» بىر ئۆزگىرىش بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ، بۇ دورىلارغا ئەشەددى يۇقىرى باھالارنى قويسىمۇ، يەنىلا سېتىۋېلىپ ئىستېمال قىلماقتا. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك،ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئىقتىسادى مۇشۇ كېسەل سەۋەبلىك ئاللىقاچان ۋەيران بولۇپ بولغان، ئەيدىزبىمارلىرىنىڭ بولسا مىدىراپ پۇل تاپقۇدەك مادارى يوق، مۇشۇنداق ئاجىز كىشىلەرنىئالداش ۋە قاقتى- سوقتى قىلىش ھەقىقىي بىر مۇسۇلماننىڭ ئىشى ئەمەس. دۆلىتىمىز "ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى ھەقسىز داۋلاش تۈرى"نى يولغا قويىۋاتقىلى خېلى ئۇزۇن بولدى. داۋالاشتا بىمارلارغا بېرىدىغان دورلارنىڭ ھەممىسى ھەقسىز، بۇنى دۆلەت بىر تۇتاش ئىقتىساد چىقىرىپ ھەل قىلىدۇ، بۇدورىلار زاۋۇتتىن ھەرگىزمۇ بىكارغا چىقىپ قالمايدۇ. لېكىن بەزى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە بىمارلار «ئەرزان گۆشنىڭ شورپىسى يوق» دېگەن تەمسىل بويىچە، "بىكارلىق گۆشنىڭ تېخىمۇ شورپىسى يوق" دېگەن يەكۈنگە ئەقىدە باغلاپ، بۇنداق بىكارلىق داۋالاشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلمەكتە. ئەلۋەتتە، بۇ ھەقسىز دورىلار ئەيدىزنى تەل- تۆكۈش ساقايتالمايدۇ، پەقەت بەدەندىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، بىمارنىڭ ئىممۇنتېت كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردىمى بولىدۇ. يۇقارقى "كورىيە ئادەمگىياھى" غا ئوخشاش ساغلاملىق دورىلىرى ھەرگىز كېسەل داۋالىيالمايدۇ، پەقەت بەدەندە كەم بولغان ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلاپ،ئىممۇنتېت كۈچىنى ياخشىلىشى مۇمكىن، يەنە بەزى ساغلاملىق دورىلىرى بىمارغا ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىشىگىمۇ بىر نەرسە دەپ بولغىلى بولمايدۇ. يەنە بەزى بىمارلارئالدامچىلارنىڭ ساغلاملىق دورىلىرىغا زىيادە ئەقىدە قىلىپ، ۋاقتىدا دوختۇرغا بارماي شۇ دورىلارنى يەۋەرگەچكە، كېسەلنىڭ ئۈنۈملۈك داۋلاش باسقۇچىنى ئۆتكۈزىۋېتىشى مۇمكىن. "يەمەنلىك ئۇستاز ئەيدىزنى ساقايتىدىغان دورىنى ياساپ چىقتى" دېگەن ئەپ قاچتى گەپلەرگە ئىشەنمەڭ. بەلكىم يەمەنمۇ بۇ ھەقتە تېببىي تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بولۇشى، ھەتتا جۇڭگونىڭكىدەك ۋىرۇسقا قارشىدورىلارنى ياساپ، بىمارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولۇشى مۇمكىن،لېكىن ئەيدىزنى تەلتۆكۈس ساقايتقىنى پۈتۈنلەي يالغان. ئەگەر راست بولسا ئىدى،دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئالىملار بۇنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشى،ھەتتا بۇنىڭغا نوبىل مۇكاپاتى بېرىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان دوستلارنىڭ ئالدامچى ساتارمەنلەرگە ئالدىنىپ كەتمەسلىكىنى، كوچا پاراڭلىرىغا ئىشىنىپ كەتمەي، كەسىپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت ئېلىشنى، قۇرساققا ئوبدان يەپ، ياخشى كۈتۈنۈپ،سالامەتلىكىنى ئاسراشنى تەۋسىيە قىلىمىز. تۆۋەندىكىلەر ھېلىقى دورا بىلەن توردىكى ئوخشاش دورىنىڭ باھا سېلىشتۇرمىسى ، كۆرۈپ بېقىڭ:
قۇمۇل تارانچىدىن: ئىسكەندەر جېلىل
|