قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 996|ئىنكاس: 3

"تۈركىي تىللار دىۋانى" ۋە "قۇتادغۇبىلىگ" دىن تۇغۇلغان خىياللار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

16

دوست

8291

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   65.82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 840
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 2460
توردىكى ۋاقتى: 711
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-7 19:10:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
"تۈركىي تىللار دىۋانى" ۋە "قۇتادغۇبىلىگ" دىن تۇغۇلغان خىياللار



   ھەممىمىزگە مەلۇمكى دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر مىللەت ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان شانلىق نەتىجىلىرى بىلەن دۇنيا چوڭ ئائىلىسىدە مۇناسىپ ھۆرمەتلىنىشكە ۋە ئېتىراپ قىلنىشقا نائىل بولۇپ كەلگەن شۇنداقلا ئىنسانىيەت جەمىيىتىدە بەلگىلىك ئورنىنى، ئىززەت – ھۆرمىتىنى يوقلىقتىن بارلىققا كەلتۈرۈپ، بارلىرىنى كۆز قارچۇغىنى قوغدىغاندەك قوغداپ كەلدى. ئۇيغۇر جامائىتىمۇ شۇ جۈملىدىندۇر.  
   يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان خەلقىمىزنىڭ ئارىسىدىن چىققان پەخىرلىك ئوغلانلىرىمىز، بىلىمخۇمار ھەمشىرىلىرىمىز ئىلىم – مەرىپەت سېپىدە تىرىشىپ كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى بىلەن ئۇيغۇرنىڭ بېشىدىكى تاجدەك دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا، ئىلىم دۇنياسىدا ئۆزىنىڭ جۇلاسىنى چاقنىتىپ كەلمەكتە. بۇ بىز ئۈچۈن ھەقىقەتەن خۇشاللىنارلىق بىر ئەھۋال. ئەمما بۇ يەردە يەنە بەزى گەپلەرنى قىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ پەقەتلا ھاجىتى يوق. چۈنكى بەزى مەسىلىلەردە ئۆزىمىزنىڭ يۈزەكى قاراشلىرىمىز بىلەن يېقىندىن بۇيان يېڭى "نەتىجىلەر"گىمۇ نائىل بولدۇق، "ياخشى" باھالارغىمۇ ئېرىشىپ كېلىۋاتىمىز.
پۇشكىننىڭ، گوركىينىڭ، دوستويېفسكىينىڭ شۇنداقلا باشقا ئەللەر ئەدىپلىرىنىڭ ھەرخىل ژانىردىكى داڭلىق ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئىلىم ئەھلىلىرى ھەتتا ھەرقانداق كىتاپ كۆرۈشنى ئۆزىگە ئادەت قىلغان بىر ئۇيغۇر ئاساسەن تونۇش. بەزىدە ئۆزىمىزچە ئويلاپ قالىمىز: "مۇشۇ ئەسەرلەر قايسى سېھرىي كۈچى بىلەن شۇنچە ئابروي قازانغاندۇ؟" . ئەمەلىيەتتە تىل تەسۋىرى جەھەتتە ئەشۇنداق ئەسەرلەرنى ئۆزىمىزنىڭكى بىلەن بىر قاتاردا قويۇپ سېلىشتۇرساق ھامان يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ قايسى جەھەتلەردىن بولمىسۇن نۇرغۇن ئەۋزەللىكلەر ۋە ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە ئىكەنلىگىنى بايقاپ يىتەلەيمىز. نىمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بەزى ئەسەرلىرى شۇنچە شۆھرەتكە سازاۋەر؟ نىمە ئۈچۈن بىزنىڭ قايسى ژانىردا بولسۇن يېقىنقى زاماندىكى بىرەر پارچە ئەسەرلىرىمىز شۇ قاتاردا كۆرۈنمەيدۇ؟ بۇنىڭدىكى بىردىنبىر مەسىلە ئەسەرلىرىمىزنىڭ قىممىتى ۋە ياكى باشقا تەرەپلىرىدىكى مەسىلە بولماستىن، ئەكسىچە تەشۋىقات مەسىلىسى.
   ئۆز زامانىسىدا يېزىلىپ قەدىر قىممىتى سېزىلمىگەن، ئەمما باشقىلار قەدىر – قىممىتىنى تونۇپ يورۇق دۇنياغا چىقىرىپ بەرگەن ئىنسانىيەت مەدەنمىيەت ساھەسىدىكى كىشى ئەقلىنى لال قىلغۇدەك ئىككى پارچە ئاتا مىراسىمىز مەۋجۇت. ئۇنىڭ بىرى "تۈركىي تىللار دىۋانى" يەنە بىرى "قۇتادغۇبىلىگ" ئەسەرلىرىدىن ئىبارەت.
  "تۈركىي تىللار دىۋانى"غا كەلسەك بۇ شاھانە ئەسەر ئۆزىمىزنىڭ بەزى تېيىز بىلىملىك كىشىلىرىمىز تەرىپىدىن ئۇ پەقەتلا بىر لۇغەت دەپ قارىلىپ كېلىنمەكتە. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يەتكەن زىيالىيلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس. بۇ ئەسەرنى ئادەتتىكى لۇغەت دەپ قاراش ناھايىتى ئېچىنىشلىق دەرىجىدىكى بىر نادانلىقنىڭ مەھسۇلى. ئەسەر تارىخ، جۇغراپىيە، لىنگىۋىستىكا، ئاسترونومىيە، پەلسەپە، ئەدەبىيات، جەمىيەتشۇناسىلق، سىياسەت،ئېتنوگرافىيە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بىر قاتار ئىنسانىيەت ئەقلىي قابىليىتىنىڭ مەھسۇلى بولغان ھەرقايسى پەنلەرنىڭ دائىرىسىگە چېتىلىدىغان بولۇپلا قالماستىن، بەلكى مۇشۇ دەۋرىمىزدىكى تەرەققىيات باسقۇچىدا مەيدانغا كېلىۋاتقان بەزى ئىلىملەرنىڭ ئاساسى دەپ قاراشقا تامامەن بولىدۇ. شۇ ۋەجىدىن ئەسەرنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يەتكەن غەرىپ ئالىملىرى ۋە باشقا زىيالىيلارنىڭ كۈچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە ئېتىراپ قىنىشقا ئېرىشىپ ، 2008-يىلنى ب د ت پەن- مائارىپ كومىتېتى دۇنيا "مەھمۇد قەشقەرى"يىلى قىلىپ بېكىتتى. بۇ ئەھۋال ئەلۋەتتە بىزنى ئالىمنىڭ بىۋاستە ئەۋلادلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خوشال قىلماي تۇرالمايدۇ. شۇنداقلا مۇشۇ ساھەدە كۈچ چىقارغان كەڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە چىن كۆڭلۈمىزدىن تەشەككۈر ئېيىتماي تۇرالمايمىز.
    ئەمما بۇ ئىشنىڭ ئارقىسىدا مۇنداق بىر مەنتىقىلىق مەسىلە مەۋجۇت. ئۇ بولسىمۇ دۇنيا جامائەتچىلىكى بىز ئۇيغۇرلارغا بولغان بىر خىل ئىلىم ساھەسىدىكى قوللاش ئىپادىسىنى مۇشۇ ھادىسە بىلەن ئىپادىلىدى. ئەمما بىزچۇ؟ بىز يەنىلا سۈكۈتتە تۇرۇپ كېلىۋاتىمىز. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن بۇ ئىككى پارچە ئۇيغۇرنىڭ تاجى بولمىش، دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىنىڭ نۇرلۇق مەرۋايىتى بولمىش بۇ ئەسەر تەتقىقاتى باشقا ئەللەر ئالىملىرى تەرىپىدىن يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىنىشقا باشلىدى. ئەمما بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئىگىسى بولمىش بىز ئۇيغۇرلار بۇ ساھەدە نىمە ئىشلارنى قىلدۇق؟ باشقىلار بىزگە يەنە نىمىلەرنى قىلىپ بېرىشى كېرەك؟ بىزدىن نېمىگە قەرىزدار ئىدى؟ ئەجىبا مۇشۇ يەتتە يىل مابەينىدە بۇ مەسىلىنى ھېچقانداق بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئۇخلاپ چۈشىگىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىدىغۇ؟ بىزدىكى زىيالىيلارنىڭ ۋەزىپىسى زادى نىمە؟ ياكى ئۇيغۇردا زىيالىي يوقمۇ؟ ئۇيغۇردا زىيالىي ئەلۋەتتە بار. دۇنيا خاراكتىرلىق بىر خىل مۇھىتتا ياشاپمۇ يەنىلا قەددى پۈكۈلمەيۋاتقان مۇشۇ ئۇيغۇردىن دۇنيا بويلاپ ئىزلىسە يەنە بىرنى تاپقىلى بولمايدۇ. چۈنكى بىز ئەشۇنداق سېھرىي كارامەتكە ئىگە بىر خەلىق. مەدەنىيەت سەۋىيىمىز ھازىرقى دۇنيادىكى ئىلغار سانىلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ بەزىلىرىدىن ئۈستۈن تۇرسا تۇرىدۇكى ھەرگىزمۇ ئارقىدا ئەمەس. بىراق بىزدىكى مۇشۇ سېھىرنى قايسىمىز بايقىيالىدۇق؟ ھېچ قايسىمىز تېخى بۇنى بايقىمىدۇق. بايقىغانلىرىمىز ناھايىتى ئاز ساندىكىلىرىمىز خالاس.
    يەنە بىر شاھانە ئەسىرىمىز "قۇتادغۇنىلىگ" بۇ ئەسەر بىلمىگەن كىشىگە نەسىھەت تۈسىنى ئالغان بىر شېئىرىي داستان خالاس. ئەمما تونۇپ، بىلەلىگەنلەر ئۈچۈن گەرچە مىڭ يىل بۇرۇنقى ئەسەر بولسىمۇ يەنلا ھازىرقى زاماندىكى قوللىنىشچان ئىلىملەردىن جەمىيەتشۇناسلىق، سىياسەت، تەبىئەت، ئەدەبىيات، ئاسترونومىيە ، پەلسىپە قاتارلىق ئىلىملەرنى ئۆزىگە مۇجەەسملىگەن بىر شاھانە قامۇستىن ئىبارەت. مىڭ يىل ئۆتۈپمۇ مۇشۇ ئىككى مىراسىمىزنى بېسىپ چۈشكىدەك بىرەر ئەسەر تېخى دۇنيادا بارلىققا كەلگىنى يوق. بۇ ئەھۋاللار نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ بۇ ئەھۋاللار بىزنىڭ دۆت، بىلىمسىز مىللەت ئەمەسلىگىمىزنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. سەنئەت جەھەتتىن 12 مۇقامىمىزمۇ ب د ت دەرىجىسىدە يەنى دۇنيا غەيرىي ماددىي مىراسلىرى قامۇسىدىن ئورۇن ئالدى. بۇنداق شۆھرەت يەنە قايسى خەلىقتە بار؟ بۇنى كىم بىلىدۇ؟ دۆۋلەتمۇ قولىدىن كېلىشىچە قوللاپ باقتى، دۇنيا جامائەتچىلىگىمۇ شۇنداق.... بىز ئەكسىچە نىمە ئىش قىلدۇق؟ بۇ مەسىلىنى كىم ئويلاپ باقتى؟ بىز بىر بېكىنمە، ئايلىنىشچان ۋاكۇئۇمنىڭ ئىچىگە بىلىپ، بىلمەي ئۆزىمىزنى كىرگۈزىۋالدۇق. ئەمەلىيەتتە باشقىلار مۇشۇنچىلىك قوللىغان يەردە ئۆزىمىز مۇشۇ بايلىقلىرىمىزنى كۈچەپ دۇنيا بويلاپ تەشۋىقك قىلىشىمىز كېرەك ئىدى. بەزىلەر ھەتتا "ئۇيغۇرنى كىم تونۇيدۇ؟" دەيدىغان تېمىدا ماقالىمۇ يېزىپ باقتى. ئەمما مۇشۇ مەسىلىلەرنى ئىنچىكىلەپ تەھلىل قىلىپ باقمىدى. بۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىمىز ئىدى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىشى ئىدى.
يارىتىشنى ياراتتىم دېدىلەر،  يارالمىشىڭ ئۆزۈڭ بىرلە،

قاراپ ئالقىشقا نائىلسەن، توقۇپ چىققان بۆزۈڭ بىرلە.

بۆز توقۇشنى ئەيلىسەڭ، دەستىگاھ ئەقىل ئىدراك،

شۇل دەستىگاھ بىلەن، شەپەق پارلار يۈزۈڭ بىرلە.


   بىزدە بىلىملىك بار. ئەقىللىقمۇ بار. ئەمما نىمە ئۈچۈن باشقىلار يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قويسىمۇ يەنىلا كەينىمىزگە داجىۋالىمىز؟ بىزنى كىم ئورنىمىزدىن تۇرغۇزۇپ قويىدۇ؟ يەنىلا ئۆزىمىز.
   يېقىندىن بۇيان دۆۋلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ، زامانغا ماسلىشالىغان سەركىلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ سودا رىقابىتى جەريانىدىكى توپلىغان تەجرىبىلىرىنىڭ مەھسۇلى بولمىش مىللىي كارخانىلارنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇمى بىر خۇشاللىنارلىق نەتىجە. ئەنە شۇ سەركىلىرىمىز پۇل تاپقاندا يەنىلا خەلقىمىزنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ھەرقايسى ساھەلەردە ئۆزلىرىنىڭ ياردەم قولىنى جەمىيىتىمىزگە سۇنىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ تۇرمۇش قۇرۇلمىسىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما زىيالىيلار قوشۇنى ھېچقانداق بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرمەيۋاتىدۇ. بىز مۇشۇنداق تارىخىي پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مۇشۇ شاھانە ئەسەرلىرىمىزنى تەتقىق قىلىشىمىز، ھەرقايسى ئەللەرنىڭ تىللىرىغا تەرجىمە قىلىپ، دۇنيا بويلاپ تارقىتىشىمىز، شۇ ئارقىلىق ئۆزلۈگىمىزنى تونۇشىمىز كېرەك ئىدى. ئىلىمنى تەتقىق قىلىدىغان جەمىيەت قۇرۇش ھېچقانداق قانۇن توسقۇنلۇقىغا ئەلۋەتتە ئۇچرىمايدۇ. ئەكسىچە قوللاشقا ئېرىشىدۇ. جەمىيەتكە مۇرجەت قىلساق ئەلۋەتتە قوللاشقا ئېرىشكەن بولاتتۇق. ئەمما يەنە قاچانغىچە ئۇخلايمىز؟ بۇ مەسىلىنى ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر چوڭقۇر ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە. بىز ھەتتا كىملىگىمىزنى ساقلاپ قالساقلا بولاتتى دەيدىغانلارمۇ بولدى. ئەمما مۇشۇنداق ئەۋزەللىكلىرىمىزدىن نىمە ئۈچۈن پايدىلىنىشنى ئويلىشىپ كۆرمەيمىز؟  ملىتىمىزنىڭمۇ بەزى سىياسەتلىرى، قانۇن – بەلگىلىمىلىرى، ۋەكىللىك خاراكتىرغا ئىگە تارىخىي ئەسەرلىرى دەل مۇشۇنداق تەشۋىقات يولى بىلەن باشقىلارنىڭ بېكىنمە ھالەتتە مۇئامىلە قىلىشىنىڭ ئورنىغا ئېتىراپ قىلىنىشقا سازاۋەر بولدىغۇ. بىزنىڭ بۇ ئىشلىرىمىزنىمۇ باشقىلار قىلىپ بېرىشى كېرەكمىدى؟

uyghuray

0

تېما

0

دوست

256

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   85.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31739
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 84
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-8 00:22:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

16

تېما

9

دوست

5291

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   5.82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7463
يازما سانى: 483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 45
تۆھپە : 1568
توردىكى ۋاقتى: 202
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-9 13:22:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە بىر تەكلىۋىم ۋە مەسلىھەتىم : بۇ يىل كىتاب يىلى بولغان ئىكەن ،كىتاب توغرىسىدا بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر قارالغان يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرغان ماقالىدىن بىرنى يىزىپ باقسىڭىز...
يەنە بىرى بۇ يىلى كىتاب يىلى بولغانىكەن ،مۇشۇ دەملەرگىچە يىزىلغان كىتابلار ۋە يازغۇچىلار توغرىسىدا ئەلرايى سىناش پائالىيتى ئۆتكۈزۈپ بىقىشنى ئويلاپ باقسىڭىز(توردا بىلەت تاشلاش ۋە تەسىرات سۆزلەش ،قىسقىچە باھا شەكىلدە )...مىنىڭچە پايدىسىنى دەپ ئولتۇرمىسامۇ ،سىزگە ئايان ! قوبۇل كۆرسىڭىز ،مەن ياردەمگە تەييار....

13

تېما

16

دوست

8291

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   65.82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 840
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 2460
توردىكى ۋاقتى: 711
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-9 13:26:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
samawar يوللىغان ۋاقتى  2015-4-9 13:22
سىزگە بىر تەكلىۋىم ۋە مەسلىھەتىم : بۇ يىل كىتاب يىلى بو ...

مېنىڭچە جەمىيىتىمىزنىڭ تېخى ماددىي نەپسى قانغىنى يوق. بۇ مەسىلە ھەل قىلىنماي تۇرۇپ باشقا ئىشلارنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىدىن تازا ئۈمۈدىم يوق. بەزى گەپلەرنى قىلىمىز، ئەمما شۇ ئورنىنى تاپمىسا بىكار. بىراق پىلانىڭىزنى بىلىپ باققۇم بار.
uyghuray
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )