قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1612|ئىنكاس: 15

ئۆمەر ھەييامنىڭ ھاياتى ۋە ئەمگەكلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

16

دوست

8291

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   65.82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 840
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 2460
توردىكى ۋاقتى: 711
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-11 01:53:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sheydai تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-11 16:07  

ئۆمەر ھەييامنىڭ ھاياتى ۋە ئەمگەكلىرى




     غىياسىدىن ئابدۇلفاتىھ ئۆمەر ئىبن ئىبراھىم ھەييامىي نىشاپۇرىي 1038-1132-يىللار ئارىلىغىدا ياشاپ، ئۆزىدىن كىيىنكى ئەۋلادلارغا ناھايىتى باي بولغان شېئىرىي ۋە ئىلمىي مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن بۈيۈك مۇتەپەككۇردۇر. بۈيۈكلەرنىڭ بۈيۈكلىگى – ئۇلارنىڭ كىيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇپ كەتكەن مىراسلىرىنىڭ پايانى بولمايدۇ، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ جاۋاھىرات بايلىقىغا ئايلىنىدۇ.
    ئۆمەر ھەييامنىڭ يۇرتى كاسپىي دېڭىزىنىڭ شەرقىي ۋە شەرقىي جەنۇپ قىرغاقلىرى بىلەن تۇتاش، شىمالدىن ئاشخاباد ۋە مارىغا، شەرق تەرەپتىن بەلخ ۋە ھىراتقا تۇتاش خۇراسان ۋە ئۇنىڭ بىر شەھرى بولغان نىشاپۇر بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ نامى پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە مەلۇم. ئۇنىڭ ئوتلۇق رۇبائىيلىرى دۇنيانىڭ بارلىق تىللىرىدا ئۆزىگە خاس ئاھاڭدا ياڭراپ كەلمەكتە.
   غىياسىدىن--- ئۆمەر ھەييامنىڭ دىنىي ئۇنۋانى. چۈنكى ئۇ ياشىغان ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ئۆز بىلىمى ۋە يۇقۇرى مەرتىۋىسى بىلەن تونۇلغان مۇتەپەككۇرلەرگە مۇشۇنداق دىنىي پەخرىي ئۇنۋان بېرىش ئومۇملاشقان بىر قائىدە ئىدى. ئابدۇلفاتىھ ئۆمەر ئۇنىڭ ئۆز ئىسىمى بولۇپ، ئىبراھىم ئاتىسىنىڭ ئىسىمى، نىشاپۇرىي--- ئالىمنىڭ تۇغۇلغان ۋەتىنى ئىدى. "ھەييام" نامىغا كەلسەك بۇ سۆز ئەرەپچە سۆز بولۇپ، "چردىر تىككۈچى" دىگەن مەنىگە ئىگە. ھىكايە قىلىنىشىچە ئۆمەر ھەييامنىڭ ئاتا – بوۋىلىرى چېدىر تىكىش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇشقان. بۇنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە ئۆمەر ھەييام بۇ مىسرالارنى قالدۇرغان:

ساناقسىز چېدىرلار تىككەن ئاجايىپ،
ھەييام غەم – غۇسسىگە پاتتى مۇڭلىنىپ.
ئۆمۈر رىشتىسى ۋە ئۈمۈد ئۈزۈلدى،
ئەتكەسچى قولىدا كەتتى سورىلىپ.

    يەنە بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا رۇبائى يېزىش ئۆمەر ھەييامنىڭ كەسپى بولماستىن، ئۇ ئىلمىي تەتقىقاتلار جەريانىدا قاتتىق چارچىغان ۋاقىتلىردا ئۆز ئەسەرلىرىنىڭ ھاشىيەسىگە ھازىرقى دۇنياغا داڭقى كەتكەن رۇبائىيلىرىنى پۈتۈپ ماڭغان. بۇنداق دىيىلسە ئۆمەر ھەييامنىڭ ئەرەپ ۋە پارىس تىللىرىدا پۈتكەن كۆپلىگەن داستان ۋە غەزەللىرىنى نېمىنىڭ ھاشىيەسىگە پۈتكەن؟ دىگەن سوئال تۇغۇلىدۇ. گەپ بۇنىڭدىمۇ ئەمەس. ئۇنىڭ بەدىئىي ئەسەرلىرىنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئۆتۈپ بۈگۈنكى كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەنلىگى بىر ھەقىقەت. بەدىئىي ۋە ئىلمىي ئەسەرلىرى ئۇنىڭ قانداق ھالەتتە يارىتىلغانلىقىغا قاراپ ئەمەس، قانداق ئىقتىدار ۋەسالاھىيەت بىلەن يارىتىلغانلىقىغا قاراپ باھالانغان.
    قىسقىسى ئۆمەر ھەييامنىڭ ھاشىيەسىگە رۇبائىيلار پۈتۈلگەن ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى دۇنياۋىي شۆھرەتكە ئىگە. "ئاگېبرا ۋە تەڭلىمىلەرنىڭ ئىسپاتلىرى ھەققىدە رىسالە" دىگەن ئەسىرى ماتېماتىكا ئىلىمى تارىخىدىكى بۈيۈك كەشپىياتتۇر. بۇ رىسالىدە سانلاردىن پۈتۈن مۇسبەت يىلدىز تېپىشنىڭ قائىدىسى كەشىپ قىلىنغان. شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىرراتسىئونال سانلار نەزەرىيىسىگە دۇنيا بويلاپ ساناقسىز دىسسىرتاتسىيەلەر يېزىلغان بولغاچقا ئۆمەر ھەييامنىڭ ئىرراتسىئونال سانلار نەزەرىيەسىنى كەشىپ قىلغانلىغى بىزگە ھازىرقى زاماندا مەلۇم بولدى. مەسىلەن ماتېماتىماتىكىدا پۈتۈن سانلارنىڭ يىلتىزىنى چىقىرىش قىيىن مەسىلە دەپ قارىلىپ كەلگەن، بىراق 1637-يىلىغا كەلگەندىلا فرانسىيەلىك ماتېماتىك، فىزىك، پەلسەپەچى ۋە مېخانىك لېنې دېكارت ئۆمەر ھەييامدىن تەخمىنەن 5 ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتتىن كىيىنلا ئىسپاتلاپ چىقالىغان.  
  ئەبۇل ھەسەن ئەل بايھەقىي (1106-1174-يىللار) ئۆزىنىڭ "دانالىق خەزىنىدارلىرىغا قوشۇمچە" دىگەن ئەسىرىدە، شۇنداقلا ئۆمەر ھەييام دەۋرىدىن قالغان باشقا خاتىرىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە ئۇنىڭ ئەسەر يېزىش ۋە دەرىس ئۆتۈش ساھەسىدىكى نەتىجىلىرى كەم بولغانلىقتىن ئۇ ئۆز بىلىملىرى دائىرىسىگە نىسبەتەن ناھايىتى ئاز ئەسەرلەرنى يازغان. ئەمما ئۆمەر ھەييامنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى مۇلاھىزە قىلىپ كۆرۈلسە ، ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇنداق كەم ئەسەر يازغانلىغى مەلۇم بولىدۇ.
فەيزۇللاھ رەشىد ئەددىن (1247-1318-يىللار) ئۆزىنىڭ "تارىخنامىلەر توپلىمى" ئەسىرىدە مۇنداق بىر ھىكايىنى نەقىل كەلتۈرىدۇ:
   مەكتەپداش ئۈچ ئاغىنە---نىزامۇل مۈلك، ھەسەن سابباھ ۋە ئۆمەر ھەييام قول بېرىشكەن ئاغىينىلەردىن بولۇپ، ئۈچىنىڭ قايسى بىرى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلسە، قالغانلىرىغا ھامىيلىق قىلىشقا ۋەدە قىلىشقان. نەتىجىدە بۇلاردىن نىزامۇل مۈلك مەنسەپدارلىق شوتىسىدا پەيدىنپەي يۇقۇرى ئۆرلەپ، سالجۇقىيلار سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى مەلىك شاھقا ۋەزىر بولىدۇ. ھەسەن سابباھ ئىسلام دىنىدىكى "ئىسمائىلىيلار "مەزھىبىگە ئاساس سېلىپ، تونۇلغان ئۆلۈما بولۇپ كېتىدۇ. ئۆمەر ھەييام ئىلىم يولىنى تاللىغان بولۇپ، نامراتلىقتا ياشايدۇ. ئۆمەر ھەييام نىزامۇل مۈلككە بالىلىق دەۋرىدىكى ۋەدىسىنى ئەسلەتكەندە: "ساڭا نىشاپۇرنىڭ ھاكىملىغىنى بەردىم"— دەيدۇ.  ئۆمەر ھەييام ئۇنىڭغا جاۋابەن: " خەلقنىڭ ئۈستىدىن ھاكىملىق قىلىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ، ئېيىتقىن، ماڭا يىلدا بىر قېتىملا نەپىقە بەرسىلا يېتىدۇ، بىر پىيالە چاي بىلەن يېرىم نان يىسەم قوسىغىم تويىدۇ، ئىلىمنىڭ يۇقۇرى پەللىسىگە چىقىشىم كېرەك."¬—دەيدۇ.
    نىزامۇل مۈلك نىشاپۇردىن قايتىپ كەلگىنىدىن كىيىن، دوستىغا ئاتاپ، باجگىرلارغا  دوستىغا يىلىغا ئونمىڭ دىناردىن نەپىقە بېرىشكە بۇيرۇپتۇ.
بۇ ئەلۋەتتە بىر رىۋايەت ۋە بەلكى تارىخ. چۈنكى تارىخ ئۆمەر ھەييامنىڭ 1048-يىلى، نىزامۇل مۈلكنىڭ 1017-يىلى تۇغۇلغانلىغى شۇنداقلا ئۆمەر ھەييام بىلەن ھەسەن سابباھنىڭ ھېچقاچان تونۇش ئەمەسلىگىدىن دالالەت بېرىدۇ. لېكىن شۇ تارىخ ئۆمەر ھەييامنىڭ كەمسۆز، شان – شۆھرەت ۋە مەنسەپ ئىشلىرىغا قىزىقمىغانلىقى ھەققىدە تولۇق ئىسپات بېرىدۇ.
    15-ئەسىردە ياشىغان ئىران فولكلورشۇناسى ئەھمەد تەبرىزىينىڭ "تەرەبخانا" ناملىق ئەسىرىدە ئۆمەر ھەييامنىڭ ئۆسمۈرلۈك ھاياتى بەلختە ئۆتكەنلىگى، دەسلەپتە ناسىر ئلموللا ۋەددىن شەيىخ مۇھەممەد مەنسۇرنىڭ قولىدا تەھسىل ئېلىپ، 17يېشىدا پەلسەپە ئىلىمنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە كامالەتكە يەتكەنلىگى ھەققىدە يازىدۇ. يالغۇز تەبرىزىيلا ئەمەس، ئۆمەر ھەييامنىڭ زامانداشلىرىدىن بولغان ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى دەۋىرلەردە ئۆتكەن تارىخچىلارمۇ ئۆز ئەسەرلىرىدە ئۇنىڭ ئۆتكۈر ئەقىل، كۈچلۈك ئىلىمگە ئىگە، ئەمما تىلىنىڭ ناھايىتى ئۆتكۈر، زىرەك ئادەم. ئىكەنلىگى ھەققىدە بايان قىلىشىدۇ. بەزى يازمىلاردا خاتىرلىنىشىچە ئۇ ئىسفاھاندا بىر كىتابنى يەتتە قېتىم ئوقۇپ يادقا ئالغان ۋە نىشاپۇرغا كېلىپ، ئۇنى بايان قىلىپ تۇرۇپ يازدۇرغىنىدا ئەسلىدىكى كىتاپتىن ناھايىتى ئاز مەزمۇنلىرىلا پەرىق قىلغان.
    سالجۇقىيلار سۇلالىسىدىن مەلىكشاھ ۋە ئۇنىڭ ۋەزىرى نىزامۇل مۈلك سەلتەنەتكە كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتا ئۆمەر ھەييام ناھايىتى مۇھتاجلىقتا ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەللەر ئارا داۋاملىشىپ تۇرغان ئۇرۇشلار ئۆمەر ھەييامدەك ئىلىم ساھەسىدىكى ئالىملارنىڭ ئىلىم بىلەن شۇغۇللىنىشىغا كاشىلا پەيدا قىلىپ كەلگەن. ئېھتىمال ئالىم مۇشۇ سەۋەپلەردىنمۇ كۆپ ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرالمىغان بولۇشىمۇ مۈمكىن.
   ئۆمەر ھەييامنىڭ رۇبائىيچىلىق تارىخىغا نىسبەتەن مۇنداقمۇ بىر شۈبھە مەۋجۇت: ئۇ ئۆز رۇبائىيلىرىدا مەيخورلۇقنى تەرغىپ قىلغان شۇنداقلا ئۆزىمۇ كۆپ مەي ئىچكەن، شۇڭلاشقا ئىلىم ئىشلىرى بىلەن كەم شۇغۇللانغان. ئەمما تارىخىي ئىسپاتلار بۇ شۈبھىلەرنى رەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ مەيخورلۇغى ھەقىقەتەن راست بولغان تەقدىردە، يۇقۇرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەن .ەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپلىرىنىڭ ھېچ بولمىغاندىمۇ بىرەرسى بۇ ھەقتە مەلۇمات قالدۇرماي قالمىغان بولاتتى.
ئۇنىڭ رۇبائىيلىرى ئۈستىدە توختىلىدىغان بولساق مەي— ئينى دەۋىردىكى مۇسۇلمان جەمىيىتىگە نىسبەتەن ئىسيانكارلىق بەلگىسىدىن ئىبارەت. دىندارلار، مۇتەئەسسىپلەر پانىي دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن كېچىپ، پانىي دۇنيانىڭ مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ياشاش كېرەكلىگى كۈچەپ تەرغىپ قىلنىۋاتقان بىر دەۋىرگە نىسبەتەن مەي ۋە يار مەدھىيەلىرى ئەنە شۇ دەۋىرنىڭ تەركى دۇنيالىق ئېقىمىغا قارشى بولغان مۇئەييەن قارشىلىق ئىدىيەسى ئىدى.

دەرلەر: جەننەتتە ھۆرلەر، كەۋسەر بولارمىش،
ئېرىق تولا مەي، سۈت، شىكەر بولارمىش.
قەدەھنى تولدۇرۇپ، قولۇمغا بەرگىن،
مىڭ نېسىدىن بىر نەخ خۇشتار بولارمىش.


بۇ رۇبائى ئەلىشېر نەۋائىينىڭ:


زاھىد ساڭا ھۆر، ماڭا جانانە كېرەك،
جەننەت ساڭا بولسۇن، ماڭا مەيخانە كېرەك.


   دەپ يازغان مىسرالىرى بىلەن مەنىداش كېلىدۇ. مەي ۋە يار تەسۋىرلەنگەن رۇبائىي، قەسىدە، غەزەللەردە مۇتەئەسسىپلەر تەرغىپ قىلغىنىدەك باھادىرلىق ئەمەس، بەلكى شۇ يورۇق ئالەمنىڭ، ئىنسان ھاياتىنىڭ رىئال ئىنتىلىش ئىپادىسى چىقىپ تۇرىدۇ.
   مەي گۈزەللىك، ئىنسان بولسا ئۆمەر ھەييام ئىجادىيىتىنىڭ قان تومۇرىدۇر. ئەمما، مۇتەئەسسىپلەر ئۆمەر ھەييام مەي ۋە مەيخورلۇق تەرغىباتى بىلەن ئىماننىڭ مۇقاددەسلىگىنى، ئاشىقلىنى باقىي ئالەم ئۈچۈن تەرغىپ قىلىدۇ دىگەن باينلارنىمۇ قىلىشقان. ئەگەر ئۆمەر ھەييامنىڭ تۇرمۇشى يولى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە قاراشلىرىغا چوڭقۇرلاپ نەزەر تاشلايدىغان بولساق، بۇلارنىڭ مەنتىقىسىز بىر خىل قاراش ئىكەنلىگى ئىسپاتىنى تاپقان بولىدۇ.
    مەسىلەن يەنە ئۆمەر ھەييامنىڭ "كائىنات ۋە ئۇنىڭ ۋەزىپىلىرى رىسالىسى" نى ، ئۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىپ "ئۈچ سوئالغا جاۋاپ" ئەسەرلىرىنى نەقىل ئالىدىغان بولساق، بۇ ئەسەرلىرىدمۇ ۋە باشقا ئەسەرلىرىدىمۇ ئۆمەر ھەييام ئۆز زامانىسى، ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئالىملارغا ئوخشاش ئاللاھنىڭ بىرلىگى ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد س. ۋ. ئىكەنلىگىنى تەن ئالغان ئاساستا ئەسلى ھەقىقەتكە يانداشقان ھالدا ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىدۇ. يەنى ئۇ قەتئىيلىك بىلەن تەبىئەتنىڭ سىرلىرىنى ئېچىشقا، ھاياتلىقنىڭ ھەقىقىتىنى تېپىشقا ئىنتىلىدۇ. مەۋجۇدىيەتلەرنىڭ ئاڭنىڭ سىرتىدا مەۋجۇت ئىكەنلىگىنى، بۇنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىگىنى، ماددىنىڭ يوقىلىپ كەتمەستىن، بىر شەكىلدىن يەنە بىر شەكىلگە ئۆتۈپ تۇرىدىغانلىغىنى ماتىريالىستىك نۇقتا نەزەردىن ئىسپاتلاشقا ھەرىكەت قىلىدۇ.
    ئۆمەر ھەييام مۇتەئەسسىپلەر بىلەن بىر ئۆمۈر چىقىشالمىغان. جۇغراپىيە ئالىمى زەكەرىيە ئەل قەزۋىنىي "شەھەرلەرنىڭ ئابىدىلىرى ۋە خۇدانىڭ بەندىلىرى ھەققىدە خەۋەر" دىگەن ئەسىرىدە ئۆمەر ھەييامنىڭ نىشاپۇردىكى ھاياتى ھەققىدە مۇنداق بىر نەقىلنى كەلتۈرىدۇ: "ھىكايە قىلىنىدۇكى: ئەلەملەردىن بىرى ھەر كۈنى كۈننىڭ چىقىشىدىن بۇرۇن ئۆمەر ھەييامنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن پەلسەپە ئىلىمىدىن ساۋاق ئالىدىكەن. ئەمما كىشىلەرگە ئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلىدىكەن. بۇنى ئاڭلىغان ئۆمەر ھەييام بىر كۈنى ئۆيىگە بارلىق ناغرا- سۇنايچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئادىتى بويىچە ئەلەم كەلگەن ھامان ناغرا – سۇنايلارنى كۈچەپ چېلىشقا بۇيرۇپتۇ، ناغرا – سۇناي سادالىرىنى ئاڭلىغان جامائەت شۇ تەرەپكە كېلىپ يىغىلىشىپتۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۆمەر ھەييام جامائەتكە قاراپ: ھەي نىشاپۇرلۇقلار! مانا بۇ ئالىمغا قاراڭلار! ئۇ ھەر كۈنى مۇشۇ ۋاقىتتا مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا كېلىپ ئىلىم ئۈگۈنىدۇ، ئەمما سىلەرگە مېنىڭ غەيۋىتىمنى قىلىپ بېرىدۇ! ئەگەر مەن ئۇ ئېيىتقاندەك ھەقىقەتەن دەھرىي بولسام نېمە ئۈچۈن ئۇ مەندەك بىر دەھرىيدىن ئىلىم ئۈگۈنىدۇ؟ ئەگەر دەھرىي بولمىسام نىمە ئۈچۈن ئۆز ئوقۇتقۇچىسىنىڭ غەيۋىتىنمى قىلىدۇ؟ " دەپ خىتاپ قىلپتۇ....
   تارىخىي مەنبەلەردىن مەلۇم بولۇشىچە ئۆمەر ھەييام ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا مۇتەئەسسىپلەر بىلەن بولغان زىددىيىتى ناھايىتى كەسكىنلىشىپ كەتكەنلىكتىن، مەككىگە كەتكەن. ھەجدىن قايتىپ كېلىپمۇ ئۆز كۆز قاراشلىرى ۋە ئىلمىي ئىسپاتلىرىدىن ۋاز كەچمىگەن. جامالىدىن ئىبن ئەل كىفتىي مۇنداق يازىدۇ: "ئاسترونومىيە ۋە پەلسەپە ئىلىمىدە ئۇنىڭ تەڭدىشى يوق ئىدى، ئەگەر دەھرىي ئاتىلىپ قېلىشتىن قورىقمىغىنىدا ئىلىم ساھەسىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولاتتى."
   ئاسترونومىيە ئىلىمى جەھەتتە ئۆمەر ھەييام ئۆزىنىڭ "نەۋرۇزنامە" ئەسىرىدە ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتى، قۇيھشنىڭ ئايلىنىش دەۋرى قاتارلىق بىر قاتار شۇ دەۋىرگە نىسبەتەن ئەقىل يەتمىگۈدەك نەتىجىلىرىنى بايان قىلىش ئارلىقىق يىل، ئاي، كۈن قاتارلىق ۋاقىتلارنى ئېنىق ھىساپلاپ چىققان، شۇ ئەسەردىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ ئىران كالېندارى بارلىققا كەلگەن ھەمدە كۈن بىلەن تۈننىڭ تەڭشىلىش كۈنى ھىساپلانغان كۈن نەۋرۇز كۈنى ھىسابلىنىپ، نەۋرۇز بايرىمى شۇ تەرىقىدە كېلىپ چىققان.  
    ئۆمەر ھەييامنىڭ دۇنياۋىي شۆھرىتى ھەققىدە يەنە نۇرغۇن بايانلارنى كەلتۈرۈش مۈمكىن. ۋولتر لورد ئۆزىنىڭ "تىتانىكنىڭ ئاخىرىقى كېچىسى" ناملىق ئەسىرىدە نەقىل كەلتۈرۈشىچە 1912-يىلى دېڭىزغا چۆكۈپ كەتكەن "تىتانىك "ناملىق پاراخوتتىكى بارلىق مۈلۈك، جۈملىدىن يولۇچىلار ۋە شۇ دەۋىرلەردە 250 مىلىيون دوللار قىممىتىدىكى ئقتىسادىي زىيان ئىدى. ئەمما ئۆمەر ھەييامنىڭ شۇ پاراخوتتا چۆكۈپ كەتكەن رۇبائىيلىرىنىڭ قوليازما نۇسخىسىنىڭ باھاسى يوق ئىدى" دەپ يازغان.  

پايدىلىنىلغان ماتىرياللار:
ئۆمەر ھەييام "نەۋرۇزنامە" 1990-يىلى تاشكەنت "مېھنەت" نەشرىياتى ئۆزبېكچە نەشرى.
دېكارت "گېئومېترىيە" 1936-يىلى لېنىنگراد رۇسچە نەشرى.

uyghuray

1

تېما

11

دوست

4379

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   79.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15384
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 1402
توردىكى ۋاقتى: 539
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-11 22:11:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

image.jpg

13

تېما

16

دوست

8291

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   65.82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 840
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 2460
توردىكى ۋاقتى: 711
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-11 22:15:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
pelek يوللىغان ۋاقتى  2015-4-11 22:11


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پەلەك ئەپەندى. جاپا چېكىپسىز. بولسا تەرجىمىسىگە كۈچەپ قويغان بولسىڭىز بوپتىكەن. مۇكەممەللىشەتتى. چوقۇم پارىس تىلى ئۈگۈنمەيدىغان بولسام.

0

تېما

3

دوست

1034

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34298
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 298
توردىكى ۋاقتى: 78
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-11 23:17:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جەننەتتە ھۆرلەر، كەۋسەر بولارمىش،
ئېرىق تولا مەي، سۈت، شىكەر بولارمىش.

قەدەھنى تولدۇرۇپ، قولۇمغا بەرگىن،

مىڭ نېسىدىن بىر نەخ خۇشتار بولارمىش.
                                                                           
uyghuray

13

تېما

16

دوست

8291

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   65.82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 840
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 2460
توردىكى ۋاقتى: 711
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-12 01:32:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
madika2 يوللىغان ۋاقتى  2015-4-11 23:17
جەننەتتە ھۆرلەر، كەۋسەر بولارمىش،
ئېرىق تولا مەي، سۈت ...

رۇبائىي مەنىسىدىن تەھلىل قىلىڭ.

2

تېما

6

دوست

3927

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   64.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26563
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 1316
توردىكى ۋاقتى: 269
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-12 17:15:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەيدائىي قىرىندىشىم، يازمىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ، ئوقۇپ ھەقىقىي بىر قانغان بولدۇم.

ئۆمەر ھەييامنىڭ روبائىيلىرىنى ئېدۋارد فىزگىرالد مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن تەرجىمە قىلىنىشى نەتىجىسىدە ئۆمەر ھەييام كىشىلەر تەرىپىدىن « بىلگىلى بولماسلىق نەزەرىيە تەرەپدارى ۋە پاراغەتچى» دەپ ئاتالغان دەپ قارىلىدىكەن. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

تۇغۇلغان ھەم ۋاپات بولغان ۋاقتى خاتا يېزىلىپ قالمىغاندۇ-ھە؟ چۈنكى مەن كۆرگەن ماتىرىيالدا ئۆمەر ھەييامنى 1040- يىلى تۇغۇلۇپ، 1124-يىلى ۋاپات بولغان دىيىلىپتۇ.

13

تېما

16

دوست

8291

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   65.82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 840
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 2460
توردىكى ۋاقتى: 711
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-12 21:34:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sheydai تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-13 00:09  
mustafaoguz يوللىغان ۋاقتى  2015-4-12 17:15
شەيدائىي قىرىندىشىم، يازمىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ، ئوقۇ ...


ئېدۇئارد فىتسجېرالد-(1809-31-مارىت-1883-يىلى 14-ئىيۇن)ئەنگىلىيىلىك شائىر. ئۇنىڭ داڭقى ئۆز ئەسەرلىرىدە چىقماستىن دەل ئۆمەر ھەييامنىڭ رۇبائىيلىرىنىڭ تەرجىمىسى بىكەن چىققان. 1853-يىللاردىن باشلاپ شەرىقشۇناسلىق  ئىلىمى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. تۇنجى قېتىمدا 1856-يىلىدا ئابدۇراھمان جامىينىڭ "سالامان ۋە ئابسالام" ناملىق ئەسىرىنى تەرجىمە قىلغان. 1857-يىلى ئەنگىلىيىلىك سانسكرىتشۇناش كائۇئېل كالكۇتادىكى "ئاسىيا جەمىيىتى" كۈتۈپخانىسىدا تۇنجى قېتىم ئۆمەر ھەييامنىڭ تۆت مىسرالىقتىن رۇبائىيلىرىنى بايقىغان ھەمدە  ئېدۇئارد فىتسجېرالدقا ئەۋەتىپ بەرگەن. ئۇ 1859-يىلى 15-يانۋادا "ھاپىز بىلەن ئۆمەر ھەييامنىڭ ئالتۇندەك ساداسى" دىگەن ماقالە ئاستىدا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغان. يەنە بىر نەچچە ۋاقىتتىن كىيىن
رەسمىي ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى نامىدا ئەمما ئۆزىنى ئاشكارىلىماي ئېلان قىلغان. ئەمما بو ۋاقىتلاردا ھېچقانداق بىر ئادەم بۇ رۇبائىيلارغا پەقەتلا قىززىقمىغان.  1869-يىلىغا كەلگەندە بۇ رۇبائىيلانىڭ تەرجىمىسىنى ئەنگىلىيىلىك شائىر دانتې گابرېئىل روسسېتى بايقىغان. ئۇنىڭدىن كىيىن سيۇئىنبيۇرى ۋە لورد خيۇتونلار بايقاپ ئاندىن رەسمىي تەتقىق قىلىشقا بايقايدۇ. بۇلاردىن بەزىسى بۇ رۇبائىيلارنىڭ سانى بەشمىڭغا يېتىدۇ، بۇنىڭدىن پەقەت 16دىن 26گىچە ئۆمەر ھەييامنىڭ قالغانلىرىنى باشقا بىرەر ئادەم يېزىپ قەستەن ھەييامنىڭ نامىغا توغرىلاپ قويغان دەپمۇ قارىشىدۇ. ئەمما تەرجىمىنىڭ خاتالىغى ھەققىدە ماتىريال ئۇچراتمىدىم، بىراق بۇ توغرىسىدا ئون ئىككىدەك ياپونىيىلىك، فرانسىيەلىك، گېرمانىيەلىك، ئەنگىلىيەلىك ، ئىسپانىيەلىك تونۇلغان ئەدىبلەرنىڭ كۆز قارىشى بىر – بىرىدىن پەرىقلىق. ئومۇمەن بۇ رۇبائىيلارنى باشقا بىر يېزىپ، ئۆمەر ھەييامنىڭ نامىدا قالدۇرغان دەيدىغان قاراشلار ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئىلىم ساھەسىدىكىلەر بۇ رۇبائىيلاردىن بەكرەك ماتېماتىكا نەزەرىيەسىگە دىققىتىنى بۇرىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن بەزى غەرىپ ماتېماتىكلىرى ماتېماتېكا نەزەريەسىنى ھەييام دەۋرىدىن بۇرۇنقى ماتېماتىكا ۋە كىيىنكى ماتېماتىكا دەپ ماتېماتىكىنىڭ تەرەققىيات باسقۇچىنى دەل ئۆمەر ھەييامدىن ئايرىيدىكەن. تۇغۇلغان ۋاقتىغا كەلسەك بۇمۇ ھەرقايسى ئەسەرلەردە ھەرخىل بايان قىلىنغان. ئومۇمەن مەن1048-يىلنى توغرا دەپ قارايمەن. چۈنكى كۆپ ئەسەرلەردە مۇشۇ يىل كۆرسىتىلىدىكەن.

2

تېما

6

دوست

3927

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   64.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26563
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 1316
توردىكى ۋاقتى: 269
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-13 12:47:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sheydai يوللىغان ۋاقتى  2015-4-12 21:34
ئېدۇئارد فىتسجېرالد-(1809-31-مارىت-1883-يىلى 14-ئىيۇن)ئەنگىل ...

سىز مىنىڭ سوئالىمغا جاۋاب بەرمەپسىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )