قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5259|ئىنكاس: 21

ئەردۇغانغا يېزىلغان خەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

33

تېما

3

دوست

3677

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  390
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 806
تۆھپە : 579
توردىكى ۋاقتى: 866
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-13 06:30:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        دوكتۇر راغىب سىرجانى  : يازغۇچى      
         
   تەرجىمە قىلغۇچى: ئا، ئۇيغۇرى
 

مىنىڭ ۋە ئىسلام ئۈممىتنىڭ ھۆرمەتلىك ئالىيلىرى 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ۋەباركاتىھۇ   
 

        مەن ئىسلام دۇنياسىدىكى پەزىلەتلىك مۇسۇلمان ئۈممىتىنڭ پۈتۈن دۇنيادا سىزنىڭ ئىسلام دىننىڭ غەلبسنى ئۈچۈن ۋە  مۇقەددەس تۇپراقنى ھىمايە قىلىش  ئۈچۈن  كۆرسەتكەن تىرشچانلىقڭىزىغا ئوقۇلغان ماختاش خەۋەرلەرگە ئەگىشىمەن. ئىسلام ئۈممىتنىڭ ئىچىدىكى تەقۋادار كىشىلەرنىڭ سىزنى قۇللاپ قىلغان دۇئالىرى ۋە مېھىرى مۇھابەتلىرى سىز ئۈچۈن پايدىلىقتۇر.  مەن ھەممىگە قادىر ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ سىزنى مۇشۇ توغرا يولدا مۇستەھكەم قىلىپ بېرىشنى  شۇنداقلا سىزنىڭ نەزەر دائىرىڭىزنى تىخىمۇ  كەڭرى قىلىپ بېرىشنى سورايمەن. ئۇلۇغ ئاللاھ سىزنى ھەر دائىم توغرا يولدا قىلسۇن .ھەمدە سىزنىڭ قىلغان ئىشلىرىڭىزغا خەيىرلىك بەرسۈن.                                                                                        

 
       ھۆرمەتلىك ئالىيلىرى ، سىزنىڭ قالتىس تەدبىر - ئۇسلۇبڭىزىغا شاھىد بولغاندىن كىيىن قۇلۇمدىن كېلىشچە سىزنى ۋە سىزنىڭ نىشانىڭىزنى قۇللاپ سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنى قوللاش سىزگە ياخشى تىلەكلەرنى  تىلەش ھەمدە ئىسلام دۇنياسىغا خەيىرىيەتلىك ئىلىپ كېلىشنى مەقسەت قىلىپ بۇ خەتنى يېزىشنى مىنىڭ ئۈستۈمگە ئارتىلغان مەجبۇرىيەت دەپ ئويلىدىم.   

                    
مۇشۇ ئارزۇ-تىلەكلىرىمنىڭ ھېچقانداق مال دۇنيا،پەرزەنت ئەسقاتمايدىغان قىيامەت  كۈنىدە   ئۆزەمنى قۇتقۇزۇشۇمدىكى بىر يۇل بۇلۇپ قىلشنى ئاللاھدىن تىلەيمەن. ھەمدە مۇشۇ تىلەكلىرىمنى ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ سىزنىڭ قەلبىڭىزىگە سىلپ بېرىشنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد  قىلىمەن.                                              

بىرىنچى ئۈمىدىم
ھەممىگە قادىر ئاللاھ سىزگە  ئېغىر خىزمەتنى ھاۋالە قىلدى. سىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدىكى بىر يولباشچىسىز، كۆپ خەلق ئولتۇراقلاشقان قالتىس بىر دۆلەتنى يېتەكلەپ ماڭغان رەھبەر سىز. ئەگەر سىز راستىنلا ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان بولسىڭىز قىيامەت كۈنى سىز نېمە دېگەن بەخىتلىك !                                     
  
يەتتە تۈردىكى ئادەملەرنىڭ ئىچىدە بىرنچى بۇلۇپ ئاللاھنىڭ تەختىدە بولۇدىغان كىشلەر لىدرلاردۇر.  مەن سىزنىڭ شۇنداق بىر لىدىر ئىكەنلىكىڭىزىىگە ئىشىنىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئاللاھنىڭ رازىلىقنى مەقسەت قىلمىغۇچە بىر ئىشقا ھەرگىزمۇ ئالدىراپ قەدەم باسماڭ.                                                                                                      


بىلىشىڭىز كېرەككى ئىنساننىڭ مەقسەت مۇددىئاسى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. سىزمۇ ھەر دائىم ئۆزىڭىزنىڭ  مەقسەت نىشانىڭىزنى يېڭىلاپ تۇرىسىز. ئۆزىڭىزنىڭ قىلغان قالتىس ئىشلىرىغا ئالدانماڭ. چۈنكى ئاللاھ << ئىنسانلارنى  رازى قىلىشنى مەقسەت قىلىپ خىزمەت قىلغان شەھىدىلەرنىڭ، ئالىم-ئۆلىمالارنىڭ ۋە  ساخاۋەتچىلەرنىڭ  ئەمەللىرنى تاكى  پاكلىق بىلەن  ئاللاھ  رازىلىقى ئۈچۈن قىلمىغانغا قەدەر>> قۇبۇل قىلمايدۇ. 

دۇنياغا ئالدانماڭ چۈنكى ئۇ گومراھلىقتۇر، بايلىق ۋە ھوقۇق سىزنىڭ ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىمانى بۇرچىڭىزنى سۇسلاشتۇرۇپ قويمىسۇن. شۇنداق بىر كۈننىڭ كېلىشىگە ئىشىنىشىڭىز كېرەككى ھەممىگە قادىر ‹‹ ئاللاھنىڭ ھەر قانداق بىر كىچىك ئىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھېساب ئالدىغان ›› كۈنىگە تەييارلىق قىلىڭ. 
 
شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى: ئىنسانلار ئۆزدىن ئۆزلىرىنىڭ ئاياللىرىدىن ۋە باللىردىن ھېساب بېرىدۇ، ئەمما سىز پۈتكۈل ئىسلام ئۈممىتىدىن ھېساب بېرىسىز. ئۇنتۇلۇپ كېتىلىۋاتقان بۇ كۈندىن خەۋىرىڭىز بولسۇن.                       

ئىسلام دۇنياسىدىكى ھەر بىر مۇسۇلمان سىزنى چىن يۈرىكىدىن سۆيىدۇ ۋە سىزدىن ھەر- خىل ئارزۇ ئۈمىدلەرنى كۈتىدۇ. تىرىشىپ ئىشلەڭ شۇ ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئەڭ ياخشى ھالەتتە تۇرالايسىز.                                                                             
 
قېرىندىشىم ئەردۇغان، ئېسىڭىزدە بولسۇنكى : ئىرشكەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى بولسا ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن كەلگەن. پۈتۈن ئىرادە تەقدىر ۋە قارارلار ھەمدە  سىز قۇلغا كەلتۈرگەن غەلىبىلەرنىڭ ھەممىسى ھەممىنى بىلگۈچى ھەممىگە قادىر  ئاللاھ تەرىپىدىن بىرىلگەن.      
                                
قۇرۇق ئابرۇينىڭ ئۇغىرلىقچە قەلبىڭىزىگە كىرىشىگە يۇل قويماڭ.   بىر نەرسىنى مەن بېرەلەيمەن چۈنكى مەندە بىلىم بار دېمەڭ.  ھەر دائىم ئاللاھقا تەقۋالىق قىلىڭ  ، كەمتەر بۇلۇڭ.  ھەر دائىم ئاللاھنىڭ سىزنى  توغرا ۋە ياخشى يولغا يېتەكلەشنى ئەستىن چىقارماڭ. ئۇ ئىززەتنى بەرگۈچىدۇر. ئۇ پۈتكۈل كائىنتانىڭ باشقۇرغۇچىسدۇر. سىز ئاللاھنىڭ قانۇنغا  ئەڭ ياخشى ئىتائەت قىلغۇچىلاردىن بۇلۇڭ.  چۈنكى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق بۇ دۇنيادا ۋە قىيامەتتە  ياردەمگە  ئېرىشەلەيسىز. رەببىڭىزىگە ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتىپ ،ئىنسانلارنىڭ قۇللشنى قۇلغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يۇل قۇيۇشنى ئىزدىمەڭ.     
                                        
بىلىشىڭىز كېرەككى سىزنىڭ يۇقىرى مەرتىۋڭىز ۋە سالاھىيتىڭىز  ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە باغلانغاندۇر. ئۇلاردىن ۋاز كەچمەڭ  ھەر دائىم پۈتكۈل ھەمدۇ سانا ۋە ماختاشلارنىڭ ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقارماڭ. ئاللاھنىڭ  كىتابى پەيغەمبىرى ۋە  تەقۋادار مۇسۇلمانلارنى ئەستىن چىقارماڭ.    
                                                                                                                                        
ئىككىنچى ئۈمىدىم
ئاللاھدىن قالسا سىزنىڭ خەلىقڭىز غايىڭىزگە يىتىشتىكى قوللۇغۇچىلىرىڭىزدۇر. ئاللاھنىڭ قۇللىشى ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ مۇقەددەس غايىڭىزنى ئىشقا ئاشۇرالايسىز.

ئەرەب رەھبەرلىرىنىڭ ئاجىز بولۇپ قىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب شۇكى :  ئۇلارنىڭ شەخسيەتچىلىكى ، قارا قۇرساقلىقى ۋە ئۆز خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە سەل قارىغانلىقدۇر. سىز ھەرگىز ئۇلاردىن بوپ قالماڭ. 
                                 
قايتا ئېيتىمەنكى : ئۆز خەلىقڭىزنىڭ مەنپەئەتىگە سەل قارىماڭ. سىزنى ئۆزىگە رەھبەر قىلىپ تاللىغان ئادەملەرنىڭ تاكى ئىسلامدا قانۇنسىز سانالغان ئىشلارنى  سىزدىن تەلەپ قىلغانغا قەدەر ئۇلارغا قارشى تۇرماڭ.       
                                               
             
ئەگەر ئىسلامدا چەكلەنگەن ئىشنى قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا ئاندىن سىز  ئۇلارغا بۇيسۇنماڭ. ئۆزھۇقۇقڭىز يۇتتۇرۇپ قۇيغان تەقدىردىمۇ ئۇلارغا بۇيسۇنماڭ. ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسغا ئىتائەت قىلماي  باشقىلارغا ئىتائەت قىلىش ئىسلامدا يۇق.    

               
سىز ۋە سىزنىڭ خەلىقڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىرەر توسالغۇنى تاشلاپ قويماڭ. تول ئەر- ئاياللارغا ، يىتىم- يېسىرلارغا  ۋە نامراتلارغا كۆڭۈل بۇلۇڭ.  ئۆز ھاكىميتىڭزنىڭ ئىچىدىكى ناھەقچىلىككە ھەرگىز يۇل قويماڭ. ئاللاھدىن قورقۇڭ. زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارنىڭ قارغىشى ۋە ئۇلارنىڭ دۇئاسى بىلەن  ئاللاھنىڭ ئۇتتۇرسدا پەردە توسقى يۇق.                                                        

ئىقتىدارلىق ۋە قانائەتچان بۇلىمىغان ئادەملەرنى ھوقۇققا تەيىنلىمەڭ، ئەمەلدارلىڭىزىغا دىققەت قىلىڭ، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىسراپچىلىققا ۋە بەتخەجلكىگە  ھەرگىز يول قويماڭ، چۈنكى سىز قىيامەت كۈنى ھەممە ئىشلاردىن جاۋاب بېرىسىز.      

مۇغەمبەر ساختىپەز ئىنسانلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولماڭ، ئۇلارنىڭ سىزنى ماختىشىغا  سىزگە ھۆرمەت بىلدۈرۈشىگە ئالدىنىپ قالماڭ . ئۇنداق ئىنسانلار بىلەن دوست بولماڭ. چۈنكى ئۇلار ھىچنېمىگە ئەرزىمەس ئادەملەردۇر. ئۇنداق ئادەملەر سىزگە سۈيىقەست پىلانلايدۇ. ئۇپىرڭىزنى كولايدۇ.  
                                   
دۆلىتىڭىزنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە ھاياتلىقنىڭ ھەممە تەرەپلىرى ئۈچۈن قىزغىن ۋە چەبدەس بۇلۇڭ. ئىسلام دىنى بولسا   مۇكەممەل بىر دىن بۇلۇپ ئۇ ھاياتلىقنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ياخشى ئۇرۇنلاشتۇرغاندۇر. بىز سىزنىڭ   دۆلىتىڭىزنىڭ ھەر قانداق ئاجىز تەرەپلىرىنى ئاڭلاشنى خالىمايمىز. ئارمىيڭىزنى ۋە ئىقتىسادىڭىزنى  كۈچلۈك قىلىڭ. ئۇنۋىرستىلىرىڭىز ئۆزگىچە تەڭداشسىز بولسۇن. دۇختۇرخانلىرڭىز ئىلغار ئازادە ئالى بولسۇن. شەھەر- يېزا كۈچىلىرىڭىز پاكىز بولسۇن. ئاخبارات ۋاستىلىرىڭىز ھەقىقەتپەرۋەر، مەكتەپلىرىڭىز ئەخلاقلىق بولسۇن.   
                                                     
 پەقەت بىر ئىشقىلا كۆڭۈل بۇلۇپ باشقا ئىشلارغا سەل قارايدىغان ۋە ياكى كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ئەھۋالدىن ساقلىنىڭ. ھەممە ئىشلاردا ئورتاق بۇلۇڭ. كۇردلار مەسىلىسىدە ئېنىق غەلىبىلىك ھەل قىلىش ئۇسۇلغا ئېرىشمەي تۇرۇپ كۇردلار مەسىلىسىنى تاشلاپ قويماڭ. ئۆزىڭىز بىلسز تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەر خىل ئۇسۇللاردىن  پايدىلىنىپ  كۇرد مۇسۇلمانلىرى بىلەن ياخشى ياشاش  ھۇقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار.   
                                  
ئەگەر تۈرك مۇسۇلمانلىرى سىزنى كۇردلارغا يېقىنچىلىق قىلىپ كەتتى دەپ ئويلىسا ياخىشى ئەخلاق ئۇسۇل- چارىلەر بىلەن ئۇلارغا چۈشەندۈرۈڭ. ئەگەر سىز ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن كۇرد مۇسۇلمانلىرىغا  كەڭ قورساقلىق قىلسىڭىز ئۇلار سىزنى بېشىغا ئىلىپ كۆتۈرىدۇ، چۈنكى ئۇلار سالاھىدىن ئاييۇبىنىڭ نەۋرىلىدۇر.   
                    
دۆلىتىمىزدىكى دىنسىزلارنى دۆلىتىڭىزگە دۇشمەن قىلىپ ئۇلار بىلەن ئۇتتۇرىڭىزىغا تۇساق قۇيۋالماڭ. ئۆزىڭىزنىڭ سۆزنى ئۇلار ئۈچۈن كاتتا سۆز دەپ ئويلاپ قالماڭ. ئۇلارنى سەمىمىيلىك بىلەن دىنغا دەۋەت قىلىڭ.   ئۇلار سىزنىڭ مەسھلەتىڭىزگە ۋە دۇئايىڭىزغا مۇھتاج كىشىلەردۇر .ئەگەردە سىز ئۇلارغا ھەقىقەتنىڭ يولنى ئىچىپ بەرسىڭىز ئۇلار سىزگە ئەگىشىدۇ. مۇشۇ ھەقىقەت يولى بىلەن ئۇلار سىزنى قوللايدۇ ، ھەتتاكى ئۇلار سىزنىڭ ئىسلام بايرىقىنى پۈتۈن دۇنيادا لەپىلدتىشڭىزگە ياردەمچى بولالايدۇ. 
 
سىز سەمىمىيلىك بىلەن ئۇلارنى دەۋەت قېلىڭكى ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ قەلبىنى سىزنىڭ سۆزلىرىڭىزنى قۇبۇل قىلىشقا مايىل قىلىپ بەرسۇن. ئاللاھ سىزگە سىز ئويلاپ باقمىغان يوللار ئارقىلىق ياردەم قىلىدۇ.                                                               
                                                        
ئۈچىنچى ئۈمىدىم
غەربىلىكلەرنىڭ، شەرقلىقلەرنىڭ ۋە ئامىرىكلىقلارنىڭ ئىقتىسادى، ھەربىي ئەۋزەللىكى ئۇلارنىڭ زۇمڭىگەر بولۇشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى، شۇ سەۋەبتىن نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر ئۇلارغا ئەگىشۋاتىدۇ ۋە تاينىۋاتىدۇ.سىز ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ بىرسى بوپ قالماڭ.  
                                      
سىزنىڭ ئۆزگىچە ۋە ئۆزىگە خاس بۇلغان ئالاھىدە مۇستەقىل دۆلىتىڭىز بولسۇن. بۇنداق دېگەنلىكىم سىزنى باشقا دۆلەتلەر بىلەن  بولغان دىپلوماتىك مۇناسۋەتنى ئۆزىڭ دېگەنلىكىم ئەمەس. بەلكى ئۆزىڭىز بىلەن تەڭداش دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى يۈز بىردىغان مۇناسىۋەت مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتقانلىقىمدۇر.  
                       
سىز كىچىك ئەمەس، ئاللاھ خالسا ئاللاھنىڭ ياردىمى سىز بىلەن بىرىگە، سىز ئۇلاردىن كۆپ كۈچلۈكتۇرسىز ھەم كۆپ مەرتىۋلىكتۇرسىز. ئىقتىساد ۋە سىياسى جەھەتتىكى مەنپەئەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشنىڭ ئېغىر زىيىنى يۇق لېكىن سىز چوقۇم ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بۇلۇش ئۈچۈن تۆلىنىدىغان بەدەللەرنى بىلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر بۇ خىل بەدەللەر سىزنىڭ ئېتىقادىڭىز، ئەركىنلىكڭىز ۋە دۆلىتىڭىزنىڭ مۇستەقللقىغا مۇناسىۋەتلىك بولسا بۇنداق بەدەللەر تۆلەنمەسلىكى كېرەك.  ئاللاھ قۇرئان كەرىمىدە مۇنداق دەيدۇ. ئەگەر سىلەر پىقىرلىقتىن قورقساڭلار ئاللاھ خالىسا ئۆز پەزلى بىلەن سىلەرنى باي قىلىدۇ (سۈرە  تەۋبە 28- ئايەت) .        
          
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى  ھەمدە باشقا دۆلەتلەر پەقەتلا ئۆزلىرىنىڭ شەخسى مەنپەئىتى ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ. ئۇلارنىڭ  مەنپەئەتى ئوسمان خەلىپىلىكى دەۋرىدە ئېنىق ئىپادىسنى تاپتى، ئۇلار ئوسمان خەلىپىلىكنى يوقۇتۇش نىشانىغا يىتىش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەركەت قىلدى. . ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا ۋە رۇسيە ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلاشتى. ئوسمان خەلىپىلىكنى يوقىتىش ئۈچۈن ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدە بىرلەشتى.                                                                                                           
 
نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىگە قادىر ئاللاھ سىزنى ۋە سىزنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر قىرىنداشلىرڭىزنى  ئىسلامنىڭ ئىززىتنى قوغداشقا تاللىدى. ئەگەر بىر قىسىم تۈرك خەلقى بۇنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولسا لېكىن غەربلىكلەر بۇ تارىخنى ئۇنتۇپ كەتكىنى يۇق. ئۇلارنىڭ  ئوسمان خەلىپىلىكنى ئۇنتۇپ كەتمىگەنلىكى ئۇلارنىڭ ئىش - ھەرىكەتلىرىدىن  روشەن كۆرسىتىلمەكتە.        

                             
كۆزىڭىزنى يوغان ئىچىپ ئەتراپقا نەزەر سىلىڭ.  ئۇلارنىڭ سىلەرگە قىلىۋاتقان سۇيقەستلەرگە قاراڭ. پۈتۈن تۇخۇملىرىڭىزنى ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپالىقلارنىڭ سىۋەتلىرىگە سىلۋەتمەڭ.  ئۆزىڭىزنىڭ سىياسى بىرلىكىڭىزنى كۈچەيتىىڭ. ئۆز يىلتىزىڭىزغا تايىنىڭ. خەلقئارادىكى ئۈنۈملۈك  پايدىلىنىش ئۇسۇللىرىنى  تاللاڭ. مۇھىمى شۇكى سىز چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ تۈركىيە ئىچىدىكى كۈچڭىزىگە ۋە شۇنداقلا دۇنيادىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىڭ.
 
مىنىڭ سىزنىڭ قۇللقىڭىزىغا پىچرلىشىمغا يۇل قۇيۇڭ. مىنىڭ مىللەتلەرنىڭ تارىختىن ئۆگەنگەن تەجىربەمگە ئاساسلانغاندا ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمرانلىق كۈچى ئاجىزلاشتى. جەزىم قىلىمەنكى  ئامېرىكا كۈندىن- كۈنگە ئاجىزلاۋاتىدۇ . مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالىمۇ ۋە ۋاقتىمۇ  ئۆزگىرىۋاتىدۇ. خەلقئارالىق كۈچ تەڭپۇڭلىقىمۇ يېقىن كېلەچەكتە ئۆزگىرىدۇ. پۈتۈن رايونلار ۋە ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا سىزنىڭ يەرلىك ھوقۇق خەرتىڭىز بولسۇن. چۈنكى سىز پەقەت مۇسۇلمان بۇلۇپ قالماستىن بەلكى دۇنيانىڭ يېرىمنى سورىغان ئىنسانلارنىڭ ئەۋلادىسز.  ئاللاھ خالىسا ھەممىگە قادىر ئاللاھ  بۇ ھوقۇقنى سىزگە ئىلىپ بەرگۈسى. ئاللاھ پۈتۈن كائىناتنىڭ تۇللۇق ھوقۇق ئىگسىدۇر، ھەر قانداق ئىشلار ئۇ زاتنىڭ ئىلكىدە ئەمما ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنى بىلمەيدۇ.                                                                                                                   
 
تۆتىنچى ئۈمىدىم
بىر مۇسۇلمان لىدىر چوقۇم ھەر دائىم مۇسۇلمان قېرىنداشلىرنىڭ مەسىلىسى توغرىسىدا ئويلىنىشى كېرەك. ھەتتاكى ئۇ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى ئۆزنىڭ باشقۇرۇش دائىرسى ئىچىدە بولمىسمۇ ئۇلارنى ئۇيلىشى كىرەك. مۇسۇلمان لىدىر مۇسۇلمان قېرىنداشلىرنىڭ ھەق ھۇقۇقلىرنىڭ دەپسەندە بولۇشىغا ھەرگىز قاراپ تۇرۇشنى راھەت ھېس قىلماسلىقى كېرەك.     
                                        
مۇسۇلمانلارنىڭ قانداق تۇپراقتا ياشىشىدىن  قەتئىينەزەر مۇسۇلمان مەسىلىسىگە باشقىلارنىڭ ئارىلىشىشىغا خۇددى پەلەستىن مەسىلىسىگە ئوخشاش ئىمكان بەرمەڭ. 
 
كىمكى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن تىرىشسا ئاللاھ ئۇ كىشنى ئىززەت ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا سەل قارايدىكەن ئاللاھ ئۇنى شەرمەندە قىلىدۇ. پەلەستىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىززەت ئابرۇيدۇر.  بىز مۇسۇلمانلار تاكى  ئاللاھ مۇبارەك قىلغان ئاشۇ زېمىنىنىڭ ئازادلىقىغا شاھىد بولغانغا قەدەر راھەتتە ياشىيالمايمىز. بىز مۇسۇلمانلار تاماقسىز، سۇسىز ياشىيالايمىز لېكىن ئىززەت-ئابرۇيسىز ياشىيالمايمىز ھەم ئاراممۇ ئالالمايمىز.   
                                             
سىز مۇشۇ ئىشلارنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن بار كۈچىڭىز بىلەن خىزمەت قىلىشىڭىز كېرەك.  سىزنىڭ ئەجدادىڭىز سۇلتان ئابدۇل ھەمىدنىڭ تارىخىنى تەكرارلىشڭىز كېرەك. ( ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت ئاتا قىلسۇن). سۇلتان ئابدۇلھەمىد ئۆزىنىڭ ھاكىميتنى  مەسجىدى ئەقسا ئۈچۈن پىدا قىلغان ئىدى. ئۆ پەلەستننى سېتىش جىنايىتىگە قاتناشمىغان ئىدى. سۇلتان ئابدۇلھەمىدنىڭ  يولدىن قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بىرشدىن قەتئىينەزەر ئەگشىڭ. خەلىقڭىزنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا يېتەكلەڭ. ھەمدە ئۇلارنى يەھۇدى دۆلىتىنى قۇرۇش پىلانغا قارشىلىق قىلىش ھەرىكىتىگە تەييارلىق قىلىشنى قۇبۇل قىلدۇرۇڭ.    
             
تۈرك- يەھۇدىلارنىڭ تارىخى  مۇناسىۋەتلىرىنى  تەھلىل قىلىپ  تۇللۇق ھېس قىلىشىمچە  ۋە سىزنىڭ مىللىتڭىزنى چۈشىنىشىمچە سىزنىڭ تۇتقان يولىڭىزغا قارشى كۈچلۈك بىر  قارشىلىق بار. مەن سىزگە شۇنى دەيمەنكى مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالنىڭ ناچارلىششىغا ۋە خەتەرلىك يولغا مۇپتىلا بولۇشقا ھەرگىز يۇل قويمايدۇ.  باشقىلارنىڭ مۇسۇلمانلارنى خار قىلىشقا ھەرگىز يۇل قويماڭ. يەھۇدى ۋە زاينسۇتلارنىڭ پۇچىلىقغا ھەرگىز يۇل قويماڭ. بىلىشىڭىز كېرەككى پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش سىزنىڭ جەننەتكە كىرشىڭزدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىلىدۇر. ھەمدە پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ يۈرىكىدىن ئۇرۇن ئىشلىڭزىدىكى مۇھىم بىر يۇلدۇر.     
                                                                                                                      
پەلەستىن مەسىلىسىگە ئارىلاشقان ۋاقتىڭىزدا دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى سىزنىڭ تىرشچانلىقڭىزىغا كۆڭۈل بۇلۇشىڭىزىگە  مۇھتاج بۇلغان ئىراق، ئافغانىستان،  كەشمىر ۋە ئۇيغۇر  مۇسۇلمانلىرنى ئۇنتۇپ قالماڭ. ئېغىر قىيىنچىلىقتا قالغان  نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنىڭ تەقدىرى سىز ياشىغان بۇ دەۋرىدە سىزنىڭ پىشانىڭىزىگە پۈتۈلدى.  
                                      
شۇنى ئەستە تۇتشىڭىز كېرەككى سىزنىڭ تىرشچانلىقڭىز ئارقىلىق ئاللاھ  سىزنى مۇكاپاتلايدۇ.  سىز  سەمىميلىكىڭز ئارقىلىق ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشەلەيسىز.
http://www.nurlukislam.com

71

تېما

0

دوست

6187

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   23.74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1558
تۆھپە : 832
توردىكى ۋاقتى: 541
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-13 17:46:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوتلۇق ھاياجان ئىلكىدە بۇ ماقالىنى يېنىش- يېنىش ئوقۇپ چىقىتىم ، ئەرەپ پۇشتىدىن بولغان نوپوزلۇق ئالىم ،دوكتور راغىپ سىرجانىنىڭ سەمىمىي تىلەكلىردىن سۆيۈنۈپ كەتتىم. ھەقىقىي ئىمان ئېيتقان مۇسۇلمان مىللەتچىلىكتىن خالى ھالدا پۇتۇن سۈرۈك مۇسۇلمانلارنىڭ ئومومىي ھال-ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ ،ئازاپ -ئوقۇبەت ،غەم قايغۇ ، شاتلىق خوشاللىقلارغا ئورتاق بولىدۇ .
  مەيلى قايسى مىللەتتىن بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئىسلام شوئارىنى توۋلاپ مۇسۇلمانلارنىڭ قايغۇسى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان شىر يۇرەك ئەزمەتلىرمىزنى پۇتۇن ۋۇجۇدىمىز بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلىشىمىز بىزدىكى قەرىز ھەم پەرىزدۇر .جۇملىدىن تۇرك پۇشتىمىزدىن بولغان شىر يۇرەك ،جاسارەتلىك ئوغلانىمىز ئەردوغاننىڭ  ئىشلىرنى ئاللا تېخىمۇ ئاسان قىلسۇن !يۈكسەلدۈرسۇن!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

0

دوست

918

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   83.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2842
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 220
تۆھپە : 131
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2012-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-13 18:43:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوكتۇر راغىب سىرجانى  كىم ، ب قايسى پەن دوكتۇرى ، بۇ ھەقتە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغانلار بارمۇ ؟

21

تېما

0

دوست

7799

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   55.98%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 1737
تۆھپە : 1227
توردىكى ۋاقتى: 1372
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-13 19:00:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسىرلىق تارىخچى، ئۆلىما ۋە مېدىتسىنا دوخـــتورى...
1964 -يىلى تۇغۇلغان،،،،
1988 -يىلى دوختۇرلۇق ئىلمىدىن باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان،،
1991 -يىلى قۇرئاننى تولۇق يادلاپ بولغان..
1992 -يىلى يىلى دوخــتۇرلۇق ئىلمىدىن ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان...
1998 -يىلى ئامىرىكىلىق ۋە مىسىرلىق دوكتورلارنىڭ يىتەكچىلىكى ئاستىدا، ئۇرۇلوگىيە كەسپىدىن دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان....

ھازىر كەيرو ئۇنىۋېرسىتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتىدۇ....

7

تېما

0

دوست

830

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2843
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 205
تۆھپە : 114
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2012-12-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-13 19:23:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەققىەتەن ياخشى ماقالە ئكەن ماقالىدىن بىر سالھ ھەم ئەقلى ھۇشى جايىدا مۇسۇلماننڭ  نۇرلۇق قەلبىنى ھەم  ئۇنڭ  ھازىرقى دۇنيا ۋەزيتىگە بولغان بولغان ئۆتكۈر ئنكاسىنى كۈرۋالغىلى بۇلدۇ ئاللاھ ماقالە ئاپتۇرىغا ھەم ئەردوغانغا رەھمەت قلسۇن

6

تېما

0

دوست

5281

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   5.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1614
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1111
تۆھپە : 881
توردىكى ۋاقتى: 92
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-13 20:18:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈرمىدە يېتىشىغا سەۋەپ بولغان شېئىر     

         ئىلاۋە: تۈركىيەنىڭ ھازىرقى باشباقانى( زۇڭلى) رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلنىڭ شەھەر باشلىقى بولۇپ تۇرغان مەزگىللەردە (1994-1998) ، تۈركىيە ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى شۇ چاغدىكى « سائادەت » پارتىيىسىنى تارقىتىۋىتىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەردوغان 1997- يىلى دېكابىردا پارتىيىداشلىرى بىلەن تەشكىللىگەن نارازىلىق يىغىلىشىدا ئوقۇغان تۆۋەندىكى شېئىرى تۈپەيلىدىن 10 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ( لېكىن 4 ئاي ياتىدۇ). بۇ شېئىر زىيا كۆكئالىپنىڭ شېئىرى بولۇپ، ئەردوغاننىڭ شۇ چاغدا ئۆزىنى ئاقلاپ دېيىشىچە، تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىكىگە قاراشلىق بىر نەشىرىيات تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان بىر كىتاپقا كىرگۈزۈلگەن بىر شېئىر ئىكەن. لېكىن ئەردوغاننىڭ بۇ ئىشى « دىنىي ۋە ئىرقىي ئۆچمەنلىكنى تەرغىپ قىلغان» دەپ قارىلىپ ھۆكۈم ئىجرا قىلىنغان ۋە ئەردوغاننىڭ شەھەر باشلىقىلىق ۋەزىپىسىمۇ قالدۇرۇلغان. تۆۋەندىكىسى ئۇ ئەينى چاغدا ئوقۇغان شېئىرنىڭ ئۇيغۇرچىسى:

قولۇمدا مىلتىق، كۆڭلۈمدە ئىمان،
تىلىكىم ئىككى: دىن بىلەن ۋەتەن…
كۈچۈمدۇر ئارمىيەم، بۈيۈكىم سۇلتان،
سۇلتانغا ياردەم ئەيلىگىن يا رەب!


ئۆمرىنى زىيادە ئەيلىگىن يا رەب!
دىنىمىز ئىستەر ساداقەت، خىزمەت،
ئانىمىز ۋەتەن، دادىمىز مىللەت،
ۋەتەننى مەمۇر ئەيلىگىن يا رەب


مىللەتنى خۇشھال ئەيلىگىن يا رەب!
تۇغۇڭدۇر تەۋھىد، بايرىقىڭ ھىلال،
بىرسى يېشىل، يەنە بىرسى ئال ( قىزىل).
ئىسلامغا ئىچ ئاغرىت، دۈشمەندىن ئۆچ ئال،

ئىسلامنى ئاۋات ئەيلىگىن، يا رەب!
دۈشمەننى بەرباد ئەيلىگىن يا رەب!
جەڭ مەيدانىدا تالاي قوچقار يىگىت،
دىن ۋە يۇرت ئۈچۈن بولۇشتى شېھىت،

ئوچىقى يانسۇن، ئۆچمىسۇن ئۈمىت،
شېھىتنى مەھزۇن ئەتمىگىن يا رەب!
نەسلىنى زەبۇن ئەتمىگىن يا رەب!
قۇماندان، ئوفىتسېر دادىلىرىمىز،

سېرژانت، ئون بېشى ئاغىلىرىمىز،
تەرتىپ ۋە ھۆرمەت قانۇنلىرىمىز
قوشۇننى سەرخىل ئەيلىگىن، يا رەب!
بايراقنى ئۈستۈن ئەيلىگىن، يا رەب!


رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يۇقارقى شېئىرنى ئوقۇغاندا بەزى يەرلىرىنى ئۆزگەرتىپ تۆۋەندىكى مىسرالارنى ئۆزى قوشۇپ ئوقۇغان:

مۇنارلار نەيزە، قۇببىلەر قالقان،
مەسجىدلەر گازارما، مۆئمىنلەر ئەسكەر،
بۇ ئىلاھى قوشۇن دىنىمنى قوغدار
ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر!

CNNTÜRKتورىنىڭ 7-ئاينىڭ 12 كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، باشباقان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە 61- ھۆكۈمەتنىڭ پروگراممىلىرى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر كېڭەشتە بۇ شېئىرنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇغان ۋە پۈتۈن پارتىيىداش مىللەت ۋەكىللىرى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ ئالقىشلىغان
7#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

33

تېما

3

دوست

3677

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  390
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 806
تۆھپە : 579
توردىكى ۋاقتى: 866
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-14 01:06:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى ihwanدە2011-08-13 17:46يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئوتلۇق ھاياجان ئىلكىدە بۇ ماقالىنى يېنىش- يېنىش ئوقۇپ چىقىتىم ، ئەرەپ پۇشتىدىن بولغان نوپوزلۇق ئالىم ،دوكتور راغىپ سىرجانىنىڭ سەمىمىي تىلەكلىردىن سۆيۈنۈپ كەتتىم. ھەقىقىي ئىمان ئېيتقان مۇسۇلمان مىللەتچىلىكتىن خالى ھالدا پۇتۇن سۈرۈك مۇسۇلمانلارنىڭ ئومومىي ھال-ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ ،ئازاپ -ئوقۇبەت ،غەم قايغۇ ، شاتلىق خوشاللىقلارغا ئورتاق بولىدۇ .
  مەيلى قايسى مىللەتتىن بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئىسلام شوئارىنى توۋلاپ مۇسۇلمانلارنىڭ قايغۇسى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان شىر يۇرەك ئەزمەتلىرمىزنى پۇتۇن ۋۇجۇدىمىز بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلىشىمىز بىزدىكى قەرىز ھەم پەرىزدۇر .جۇملىدىن تۇرك پۇشتىمىزدىن بولغان شىر يۇرەك ،جاسارەتلىك ئوغلانىمىز ئەردوغاننىڭ  ئىشلىرنى ئاللا تېخىمۇ ئاسان قىلسۇن !يۈكسەلدۈرسۇن!  


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
   يۈرۈكۈمدىكى گەپلەرنى قىپسىز قېرىندىشىم! اللە كۆڭۈلدىكى ئىشلىرىمىزنى كۆڭۈلدىكىدەك قىلىپ بەرگەي، امين! دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى ئېمان دەۋاسىدا راستچىل كىشىلەردىن قىلىپ، قەلبلىرىنى ئۆزئارا چېتىپ بەرگەي،امين! پۇتىمىزنى ھەقتە مەزمۇت قىلىپ، قەلبلىرىمىزنى ھەقتىن بۇرىۋەتمىگەي، امين!...
http://www.nurlukislam.com
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )