بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-13 16:02
يەر شارى پوستىغا تەسىر قىلىدىغان تاشقى كۈچلەر
قاسىم سىدىق
بىز ماياتنىك تەجىربىسىدە ھېساپلاش ئارقىلىق كەلتۆرۆپ چىقارغان 29-تىئورمىچەئېغىش كۈچىنى كىلاسسىك نەزەريىلەردە قەيىت قىلىنغان يەر شارى ئۇچرايدىغان تارتىش كۈچىگە سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك ئېغىش كۈچى پەۋقۇلئاددە چوڭ بولۇپ چىقىۋاتىدۇ.شۇڭا يەر شارى ئۇچرايدىغان تاشقى كۈچلەر بىلەن تونۇشۇپ چىقىش ۋە ئۇلارنىڭ پارامىتىرلىرىنى تۇرغۇزۇش زۆرۆر ئىكەن دەپ قارىدۇق.بۇ كۈچلەرنىڭ يۆنىلىشى قوياشنىڭ تارتىش كۈچى يۆنىلىشىگە قارشى يۆنىلىشتىكى كۈچلەر،ياكى ئېغىش كۈچى يۆنىلىشىگە قارشى يۆنىلىشتىكى كۈچلەر بولىشى كىرەك.
ئالەملىك تارتىش كۈچىدىن باشقا يەر شارىغا تەسىر قىلىدىغان يەنە قانداق تاشقى كۈچلەر بار؟.
ھازىرچە بۇنداق كۈچلەردىن نەزەرگە ئېلىشقا تېگىشلىك بولغانلىرى:
1.قوياش نۇرىنىڭ يەر شارىغا بولغان بىسىم كۈچى.
2.قوياش بورىنى.
3.ئاقار جىسىملار قەۋىتىنىڭ بىسىم-سۆركۆلۈىش كۈچى.
3.ۋەھاكازالار.
ئىزاھات: بىز ئادەتتە يەر شارىنى ئاتمۇسفىرا قەۋىتى بىلەن قوشۇپ بىر پۈتۈن گەۋدە دەپ قارايمىز.لىكىن،ھەر بىر كونكىرىتلىقتا يەر شارى بىلەن ئۇنىڭ ئاقار جىسىملارقەۋەتلىرى ئارىسىدا بەلگىلىك خاسلىقلار بار.تورداشلارنىڭ بۇ تېمىنى ئوقۇغاندا مۇشۇ ئىزاھاتنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىغىنى ئۈمىت قىلىمەن.
قوياش رادىئاتسىيىسىنىڭ تەسىرى
视频: 光压风车
بەزى مەنبەلەردە قوياش نۇرى بىسىمى ئۇقۇمىنى تۇنجى بولۇپ كېپلىر قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز نىڭ قۇيرۇغىنىڭ شەكىلىنىش سەۋەبىنى چۈشەندۆرگەندە ئوتتۇرىغا قويغان دېيىلىپتۇ.
نىيوتۇن ئالەملىك تارتىش كۈچى ئىدىيىسىنى 1684-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان.يورۇقلۇقنىڭ بىسىم كۈچى ئۇقۇمى بولسا 1748-يىلى شىۋىتسارىيىلىك ماتىماتىك،تەبىئەت پەنلىرى ئالىمى لېئونخارد ئئولېر (Leonhard Euler ,1707年4月15日~1783年9月18日)تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
قارىغاندا،نىيوتۇن ئالەملىك تارتىش كۈچى ئىدىيىسىنى تۇرغۇزۇپ،پىلانىتلار ھەركىتگە تەدبىقلىغاندا يورۇقلۇقنىڭ بىسىم-ئىتتىرىش كۈچىدىن ئىبارەت بۇ ئامىلنى ئويلاشمىغان.ھازىر ئامرىكىدا يورۇقلۇقنىڭ بىسىم -ئىتتىرىش كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئالەم بۇشلۇغىدىكى ئۇچارلارنى ھەركەتلەندۆرۆش لايىھىسى ئوتتۇرىغا چىقتى.
يەر شارىنىڭ بىر يۆزى ئىزچىل ھالدا قوياشتىن كەلگەن يورۇقلۇقنىڭ بىسىمىغا ئۇچرىشى ئېنىق.بۇ بىسىم-ئىتتىرىش كۈچىنىڭ چامىسى قانچىلىك؟بۇنى ھېساپلاپ كۆرۈش كىرەك.يەنە بىر نۇقتا ئېنىقكى،بۇ كۈچنىڭ يۆنىلىشى تارتىش كۈچىنىڭ يۆنىلىشى بىلەن قارمۇ-قارشى.بۇ كۈچ نەزەرگە ئېلىنساۋە ئونىڭ قىممىتى ھەقىقەتەن 0دىن چوڭ بولسا، تارتىش كۈچى دېيىلىپ كېلىۋاتقان كۈچنىڭ ھازىر دېيىلىۋاتقان قىممىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىغى تۇرغانلا گەپ.
روس فىزىكا ئالىمى پىتىر نىكولايىۋىچ لېبېدېۋ (:ПётрНиколаевичЛебедев) ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدىلا 《رادىياتسىيە تارقاتقۇچى جىسىملارنىڭ ئىتتىرىش كۈچى》ماۋزۇلۇق ماقالىسىنى يازىدۇ. تۇنجى بولۇپ 1889-يىلى يۇرۇقلۇقنىڭ قاتتىق جىسىملارغا چۈشۈرىدىغان بىسىمىغا ئالاقىدار بىر قاتار تەجىربىلەرنى ئشلەپ بىسىمنى ئۆلچەيدۇ،1900-يىل پارىژدا ئېچىلغان دۇنيا فىزىكا يىغىنىدا ئۆز بايقىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇدۇ. 1901 -يىلى ئۆزىنىڭ "يورۇقلۇق بىسىمى تەجىربە تەتقىقاتى" ناملىق ئەسىرىنى ئېلان قىلىدۇ.ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرى ھازىرغىچە ئىلىم دۇنياسىدا مۇشۇ ساھەدىكى موھىم تەتقىقات سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ.
پەرەز قىلىش قىيىن ئەمەسكى،يورۇقلۇق بىسىمىنى ئەمەلى ھېساپلاشتىن كىلىپ چىققان نەتىجىلەر تارتىش كۈچىنىڭ ئەمەلى مىقدارىنى ئۆزگەرتىۋىتىپلا قالماي،نەزەريىۋى مۇدىل بولغان گىراۋىتۇن بىلەن ئەمەلى زەررىچە فۇتۇن جەڭگە چۈشۈپ،بىر قاتار نەزەريىۋى مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ تېمىدا قوياش رادىئاتسىيىسى بەزى كىچىك پىلانىتلارنىڭ ۋە ئالەم كېمىلىرىنىڭ ئوربىتىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەم تەۋرىنىش پەيدا قىلىدۇ دېيىلىپتۇ.
ئېيتىلىشىچە،ئادەتتە رادىياتسىيىنىڭ بىسىم كۈچى ناھايتى كىچىك بولسىمۇ،لىكىن ئۇنى ئۆلچىگىلى بولىدۇ،شۇنداقلا بەزى موھىتلاردا موھىم رول ئوينايدۇ.يەنى، ئاستىرۇنۇمىيە ۋە ئاسمان جىسىملىرى دېنامىكىسىى قاتارلىقلاردا شۇنداق. مەسىلەن،ئالەم ئۇچقۇسى " دېڭىز قاراقچىسى" نىڭ ئۇچۇش تەرتىۋىنى لايىھىلەشتە قوياش رادىئاتسىيىسىنىڭ ئۇچقۇغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئويلۇشۇلمىغانلىق سەۋەبىدىن،ئۇچار كېمىنىڭ مارىس ئوربىتىسىدىكى ھەركىتىدە تەخمىنەن 15000كىلومىتىر خاتالىق كۆرۆلگەن.
دەسلەپكى ھېساپلاشلاردا بايقىلىشىچە، قوياش رادىئاتسىيىسىنىڭ يەر شارىغا چۈشۈرىدىغان بىسىم-ئىتتىرىش كۈچىنىڭ قىممىتى،يەر شارى ئۇچرايدىغان قوياش تارتىش كۈچىنىڭ چامىسىغا نىسبەتەن سەل قارىغىلى بولمايدىغان مىقدار ئىكەن.بۇ ھالدا يەنىلا تارتىش كۈچى ئىدىيىسى ۋە نەزەريىلىرىدىن ياكى ھېچ بولمىغاندا ئۇلارنىڭ ھازىرغىچە تەشەببۇس قىلىنىپ كەلگەن قىممەتلىرىدىن گۇمانلانماي تۇرالامدۇق؟قارىغاندا مۇشۇ قوياش رادىئاتسىيىسىنىڭ بىسىم-ئىتتىرىش كۈچىنىڭ ئۆزىلا تارتىش كۈچى نەزەريىلىرىنى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۆپ قويىدىغاندەك قىلىدۇ!.
ئاتمۇسفىرا بىسىمى - يېپىشقاقلىغىنىڭ تەسىرى
يەر شارى ئاتمۇسفىراسىنىڭ يەر شارى ھەركىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى بارمۇ-يوق؟مانا بۇ مۇھاكىمە قىلىپ كۆرۈشكە تېگىشلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى.ئاتمۇسفىرا مۇتلەق مەنىدە يەر شارى بىلەن ماس قەدەملىك ھەركەت قىلسا بۇ مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق.لىكىن،ئالدى بىلەن تەپسىلاتلار بىلەن تونۇشۇپ چىقىش كىرەك.بۇ تارتىش كۈچى ئىدىيىسى ۋە تارتىش كۈچىنىڭ ئەمەلى قىممىتىنى مۆلچەرلەشتە مۇقەررەر ئويلۇشۇشۇشقا تېگىشلىك نۇقتا.
يەر شارى پوستىغا چۈشۈدىغان ئاتمۇسفىرا بىسىمىنىڭ يەر شارىنىڭ ئوقىدا ئايلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىغىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.يەر شارىنىڭ ئوقىدا ئايلىنىشى بولسا يەر شارىنىڭ سىزىقلىق(ئوربىتا)ھەركىتى بىلەن ئالاقىدار مىقدار.بۇلارنىڭ ھەممىسى تارتىش كۈچىدىن ئىبارەت بۇ كۈچنىڭ مىقدارىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئېھتىمال شۇنداق دېيىلىشى مۆمكىن:ئاتمۇسفىرا نىڭ يەر پوستىغا چۈشۈرۆدىغان ئوتتۇرىچەبىسىمىنى ھەر قايسى يېرىم شارلاردا باراۋەر دەپ قاراشقا بولىدۇ.شۇڭا ،بۇنداق بىسىم كۈچىنىڭ تەسىرى ئۆز ئارا يېيىشىپ كېتىدۇ.شۇڭا ئۇنىڭ تەسىرىنى 0دېيىشكە بولىدۇ.
مېنىڭچە يۇقۇرقىچە قاراش تەنقىتكە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.سەۋەپ:
1.سۈيۈقلۇق ئىچىدە ئايلاندۇرۇلغان نۇر ئادەتتە نورمال ئاتمۇسفىرا بىسىمى ئاستىدا تەكشىلىكتە ئايلىنىۋاتقان نۇرغا قارىغاندا ئايلىنىشتىن تېزرەك توختاپ قالىدۇ.يەنە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەقىقى بوشلۇقتا ئوخشاش تېزلىكتە ئايلىنىۋاتقان نۇرنىڭ ئالدىنقى نۇرغا قارىغاندا ئايلىنىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنراق بولىشىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.كۆرىۋىلىش قىيىن ئەمەسكى، بۇ پەرىقلەرنى موھىتنىڭ قارشىلىغى كەلتۈرۆپ چىقىرىدۇ.
2.ھازىر يەر شارىنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكىنىڭ ئۆتمۈشتىكىگە قارىغاندا بارغانسىرى ئاستىلاپ كېتىۋاتقانلىغى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار مەيدانغا كەلمەكتە.
ئاتمۇسفىرانىڭ يەر شارى پوستىغا بىسىم چۈشۈرىدىغانلىغى تالاي تەجىربىلەردىن ۋە ھېساپلاشلاردىن ئۆتكەن بىر پاكىت.بۇنداق بىسىم يۆز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا نىيوتۇن تارتىش كۈچى ئىدىيىسىنى تۇرغۇزغاندا بۇ ئامىللارنى ئويلاشمىغان دېيىشكە بولىدۇ.چۈنكى،نىيوتۇن تارتىش كۈچى ئىدىيىسى ، ماسساشۇنداقلا ماددى نۇقتا دىن ئىبارەت ئۇقۇم ۋە مىتۇتلار ئۈستىگە قۇرۇلغان.يورۇقلۇق بىسىمى،ئاتمۇسفىرا بىسىمى قاتارلىق يۆزگە مۇناسىۋەتلىك ئامىللار ئويلۇشۇلمىغان.
بۇ يەردە ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك بىر قانچەنۇقتا بار،ئۇلار:
1.يەر شارى ماسسىسىنى بېكىتكەندە ئاتمۇسفىرا ماسسىسىمۇ نەزەرگە ئېلىنغانمۇ؟
2.يەر شارىنىڭ ئاتمۇسفىرا ماسسىسىنمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇمى ماسسىسى 8371km نى رادىئوس قىلغان ئومۇمى ئاتمۇسفىرا قەۋىتىنمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەجىمگە تەقسىملىنىپ ھېساپلانغانمۇياكى يەر شارى ئۆزىنىڭلا 6371kmنى رادىئوس قىلغان ھەجىمىگە تەقسىملىنىپ ھېساپلانغانمۇ؟
3.يەر شارىنىڭ ئوقىدا ئايلىنىشىغا ئالاقىدار دېنامىكىلىق شەرىتلەر ئىچىدە ئاتمۇسفىرانىڭمۇ ھەسسىسى بارمۇ ياكى يوقمۇ؟
مەن 1-سوئال ئۈستىدە ئىزدىنىپ،ئالاقىدار ماتىرياللاردىن نىيوتۇننىڭ ئەينى ۋاقىتتا تارتىش كۈچى ئىدىيىسىنى تۇرغۇزغاندا ئاتمۇسفىرا ماسسىسى ئۈستىدە ئىزدەنگەنلىگى ھەققىدىكى قانائەتلىنەرلىك ئۇچۇرنى ئۇچراتمىدىم.
2-سوئالغا كەلسەك،يەر شارى ماسسىسى بىردەك ھالدا يەر شارى ئۆزىنىڭ 6371كىلومىتىرنى رادىئوس قىلغان ھەجىم ئىچىدە ھېساپلىنىپ كەپتۇ.
3-سوئالنىڭ جاۋابى بولسا، يەر شارى ئاتمۇسفىراسى يەر شارى ھەركىتىنىڭ،جۈملىدىن ئوقىدا ئايلىنىشىنىڭ دېنامىكىلىق سەۋەپلىرىنىڭ بىرەرسى ئەمەس.
مىنىڭ يۇقۇرقىلار ھەققىدە ئىزدىنىشىمدىكى سەۋەپ شۇكى،نىيوتۇن تارتىش كۈچى ئىدىيىسى يەر شارىغا تەدبىقلانغاندا يۇقۇرقى ئامىللار ئويلۇشۇلماي كەلدى.ئادەتتە يەر شارى ئاتمۇسفىراسى ۋە دېڭىز-ئوكيانلار يەر شارى بىلەن بىر پۈتۈن گەۋدە سۆپىتىدە قارالسىمۇ، لىكىن، ئۇلارنىڭ ھەركىتى بىلەن يەر شارىنىڭ ھەركىتى ئوتتۇرىسىدا يۆنىلىش،تېزلىك جەھەتلەردە مۇتلەق مەنىدىكى بىردەكلىك يوق.ئەكسىچە مۇئەييەن خاسلىقلار بار.ئاقار جىسىملارنىڭ يەر شارى پوستىغا بولغان بىسىمى ،يېپىشقاقلىغى،سۆركىلىش-قارشىلىق كۈچى قاتارلىقلار يەر شارىنىڭ ئوقىدا ئايلىنىشى ۋە ئوربىتدىكى تېزلىكىگە مۇئەييەن تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ.بۇلارنىڭ ھەممىسى،قوياش رادىئاتسىيىسىنىڭ يەر شارىغا بولغان بىسىم -ئىتتىرىش كۈچى بىلەن بىرلىشىپ تارتىش كۈچى ئىدىيىسى ۋە ئۇنىڭ ھازىر دېيىلىپ كېلىۋاتقان قىممەتلىرىگە سوئال بەلگىسى قالدۇرۇدۇ.ھالبۇكى،بۇلارنىڭ ھىچقايسىسىنى ئەينى ۋاقىتتا نىيوتۇن ئويلاشمىغان.
تورداشلارنىڭ سەھۋە-خاتالىقلارنى بايقىسا ئوتتۇرىغا قويۇشىنى قارشى ئالىمەن.
بۇ تېما ئاستىدىكى ئىنكاس قەۋەتلىرىگە ئەنە شۇنداق كۈچلەرگە ئالاقىدار ئۇچۇرلار توپلىنىدۇ.
2015.4.5
تېمىغا قوشۇمچە:
يەر شارى يادىروسىنىڭ ئوتتۇرىچە زىچلىغى 10.7 گىرام.رادىئوسى تەخمىنەن 3470 كىلومىتىر.يەر شارى ئومۇمى ماسسىسىنىڭ 31پۈتۈن ئوندەن بىر پىرسەنتىنى،ھەجىمى يەر شارى ھەجىمىنىڭ 16پۈتۈن ئۇندەن ئىككى پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ
يەرشارى ئوتتۇرا قەۋىتى
يەر مانتىسساسى- يەر ئوتتۇرا قاتلىمىنىڭ قېلىنلىغى تەخمىنەن 2900كىلومىتىر.يەر شارى ھەجىمىنىڭ 83% نى،ماسسىسىنىڭ 68% نى ئىگەللەيدۇ.
يەر شارى پوستى
قۇرۇقلۇقنىڭ ئوتتۇرىچە قېلىنلىغى تەخمىنەن 33كىلومىتىر.دېڭىز ئوكيانلار ئاستىدىكى يەر شارى پوستىنىڭ ئوتتۇرىچە قېلىنلىغى پەقەت 10كىلومىتىر.يەر شارى ئومۇمى ماسسىسىنىڭ 1% نى ئىگەللەيدۇ.ئۈستۆنكى پۇستىنىڭ ئوتتۇرىچە زىچلىغى 2.69 g/cm3至2.74 g/cm3غىچە،ئاستىنقى پوستىنىڭ ئوتتۇرىچە زىچلىغى 3.0 g/cm3至3.25 g/cm3غىچە.ماسسىسى يەرشارى ئومۇمى ماسسىسىنىڭ 0.2پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ.
يۇقۇرقى سانلىق قىممەتلەرگە قارىغاندا ئاتمۇسفىرا ماسسىسى يەر شارى ماسسىسىغا قوشۇپ ھېساپلانمىغان.
|