قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4339|ئىنكاس: 21

ئامېرىكا خاتىرىلىرى (3) شەكىلسىز چامىدان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

25

دوست

5606

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   12.12%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17966
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 37
تۆھپە : 1902
توردىكى ۋاقتى: 296
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-13 12:50:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                          بىر مەيدان ئادىمىيلىك دەرىسى

                                                                         ئامېرىكا خاتىرىلىرى
                                                                                  (3)  



  ئامېرىكىدا جامائىتىمىز شەكىللەنگەندىن بۇيان بىرقانچە ئۇيغۇر، ھەتتا 10 نەچچە ئۇيغۇر بىر يەردە ئىشلەيدىغان ئىش ئورۇنلىرىمۇ تېپىلىدىغان بولۇپ قالدى، مېنىڭ ئىشلەيدىغىنىم شۇنداق بىر يەر.  بىر كۈنى ئىككى ئۇيغۇر خىزمەتدىشىمىز،  چۈشلۇك دەم ئېلىش سۆھبىتىدە يەنە بىر ئامېرىكلىق خىزمەتدىشىمىزنىڭ يېنىدا ئىنگىلىزچە سۆزلىشىپتۇ، سەۋەپ ئامېرىكلىقنى خاتا چۈشۈنۈپ قالمىسۇن دەپ؛ ئۇلار سۆزلىشىۋاتسا، ئامېرىكلىق پات-پات ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە  قاراپ قويغۇدەك؛ ئىككى دوستىمىز، گېپىمىزنى  خاتا ئاڭلىۋېلىپ بارغان  بولمىسۇن  دېگەن  ئەندىشە بىلەن ئۇنىڭغا تېخىمۇ يېقىنراق سۈرۈلۈپ گەپلىرىنى تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ سۈزلىشىپتۇ، بۇ ئارىدا ئامېرىكىلق خىزمەتدىشىمىز   ئەپسۇسلىنىش تەلەپپۇزى ۋە چىرايىدا دەپتۇ:
  --- نېمە ئۈچۈن ئۆز تىلىڭلاردا گەپ قىلىشمايسىلەر؟
---بىز سېنى خاتا چۈشۈنۈپ قالمىسۇن دەپ ئويلاپتۇق....

  ئامېرىكلىق بۇ نۆۋەتتە ئەسكەرتىش تەلەپپۇزىدا دەپتۇ:
  ---بالىلار ،  سىلەر ئامېرىكىدا ياشاۋاتىسىلەر.........
   مانا كىچىككىنە بىر ئىش،  ئەمما ئىشنىڭ ئالدى-ئارقىسىغا سىنچىلاپ قارىساق، بىزگە يېقىندىن- يىراقتىن مۇناسىۋەتلىك  بەزى پارلاق  مەنزىرىلەرنى ، شۇنداقلا يەنە بەزى  خۇنۈك بۇلۇڭ-پۇشقاقلارنىمۇ  كۆرەلەيمىز:
    شۇنداق،  ئامېرىكىمۇ پەرقلىق مەدەنىيەت ۋە ئېتنىك تەۋەلىكىدىكى پۇقرالىرىنىڭ ئۆزارا سىڭىشىشىنى، پۈتۈنلىشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇڭا ئامېرىكىدا social integration دېيىلىدىغان بىر ئۇقۇم ۋە ئېقىم مەۋجۇت؛ ئەمما ئامېرىكا،  پۇقرالارنى پۈتۈنلەشتۈرۈش ئۈچۈن يۇتۇۋېلىشقا ئۇرۇنمايدۇ، ھىچبولمىدى، دېگەندە بۈگۈن شۇنداق؛ " ئىچىمىزدە ئېرىپ كېتىشىڭ كېرەك ئىدى، ئېرىمىدىڭ، ئۇنداقتا  سېنى ھاگانچىغا سېلىپ  چوقۇپ ئېرىتىمەن" دەيدىغان نىيەت يوق؛ تەشەببۇسمۇ، تەدبىرمۇ ئوچۇق ۋە پەدەسسىز: ئاستا-ئاستا، قەدەممۇ-قەدەم سىڭىش، سىڭىشقاندا خاسلىقىڭنى ساقلاپ قال، يالغاندىن سىڭىشما، زورلاپ سىڭىشما، ھەر ئىش كۆڭۆل رازىلىقى بىلەن بولسۇن، ئايرىلىشمۇ، سىڭىشىشمۇ.
  ئامېرىكلىق خىزمەتدىشىمىزنىڭ يۇقارقى پوزىتسىيەسى، ئەمەلىيەتتە ئەنە شۇ ئامېرىكا مەنتىقىدىن بىر ئۇچقۇندا.
ئىككى دوستىمىز، ئامېرىكىنىڭ بۇ مەنتىقىسىنى بىلمەيدىغانلاردىن ئەمەس، ئۆزىنى، ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىنى قەدىرلىمەيدىغانلاردىن ئەسلا ئەمەس، مەسىلە كۆچمەنلەرنىڭ قولىدا بولىدىغان شەكىلسىز چامداندا.
   مۇھاجىرلار، بولۇپمۇ كونىرالقلار   " بىز بۇ دۆلەتكە ئىسسىق جېنىمىز بىلەن  بىر چامداننى كۆتۈرۈپلا چۈشكەن" دېيىشىمىز  ، ئويلىساق توغرا ئىپادە ئەمەس، بىر دۆلەتتىن يەنە بىر دۆلەتكە قەدەم باسقان ھەرقانداق  كۆچمەننىڭ قولىدا كۆزگە  كۆرۈنمەيدىغان يەنە بىر چامدانمۇ بولىدۇ، بۇنى تاكى يەرلىشىپ بولغىچە ۋە بەلكىم گورغىچە سۆرەپ يۈرىدۇ.  بۇ شەكىلسىز چامداندا شۇ دۆلەتتە تېپىلمايدىغان ياكى ئاز ئۇچرايدىغان ئۈنچە مارجانلارمۇ بولۇشى مۈمكىن، ئەخلەت چاۋارمۇ.
    مەن ۋەتەندىن ئايرىلغان مەزگىللىرىمدە ۋەتەندە   كوچىلاردا ئەخلەت ساندۇقلىرى يوق، شۇڭا  قولىمزىدىكى كېرەكسىز نەرسە ياكى قالدۇقلارنى ئۇدۇل كەلگەن يەرگە تاشلاپ ئادەتلەنگەن، تۈركىيەگە كەلسەم،  ئادەت باشقىچە،  ئەخلەتنى چوقۇم  بىر  ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلاش شەرت ئىكەن،  بۇ ئادەتنى تۈركىيەگە كېلىپ ھەپتە ئۆتمەي  بىلدىم،  ئەمما قولۇمدىكى ئەخلەتنى ئۇدۇل يەرگە تاشلاش ئادىتىدىن 3 يىلغا قەدەر قۇتۇلالمىدىم؛ گاھىدا ياتاقنىڭ دېرىزىدىن بىر قەغەز پارچىسىنى دېرىزىدىن سىرتقا ئاتقان، بەزىدە كولا قۇتۇسىنى يولنىڭ ياقىسىغا پىرقىرىتىپ تاشلىغىنىمدا يېنىمدىكى تۈرك ساۋاقداشلار ھەر قېتىم  " keshke atmasaydin!"   ( ئاپلا تاشلىماسلىقىڭ كېرەكتى) دېگىنىدە شۇ ئەخلەت يۈزۈمگە قايتىپ  كېلىپ ئۇرۇلغاندەك بىئارام بولۇپ يۈردۈم.
    جوڭگۇ  پۇقرالىرى چەتئەل ساياھىتىگە ماڭغىنىدا، ئىچكىرىدىكى ساياھەت شىركەتلىرى ئۇلارنىڭ  قولىغا 20-30 ماددىلىق ساياھەت قوللانمىسىنى   تۇتقۇزىدۇ: " بارغان يېرىڭلاردا كۆلگە سىيمەڭلار... ئادەم جىق يەردە كانىيىڭلارنى قىرىپ تۈكەرمەڭلار، مىشقىرماڭلار.... چەتئەللىكلەرنىڭ ئالدىدا بۇرنۇڭلارنى كوچىلىماڭلار......سۈيقاش ئىچكەندە ئاشنىڭ سۈيىنى قوشۇق بىلەن  ئېلىپ ئېغىزىڭلارغا قۇيۇڭلار، ھەرگىز ئېغىزىڭلار بىلەن ئىچىڭلارغا تارتىپ  بىۋاستە سۆمۈرىمەڭلار......"   جوڭگۇلۇق ساياھەتچىلەرنىڭ ئەقلى، بۇ قائىدىلەرنى يېزىپ  قولىغا تۇتقۇزۇپ قويمىسا چۈشۈنەلمىگىدەك دەرىجىدە زەئىپ ئەمەس، گەپ يەنە شۇ بىر ئىنسان ئۆز دۆلىتىدىن باشقا دۆلەتكە چىققاندا  ئاڭسىز ھالدا سۆرەپ يۈرىدىغان شەكىلسىز چامداندا. ئۇشتۇمتۇت باي بولۇپ، چاتىراقلىرى كېرىلىپ كەتكەن  بۇ ساياھەتچىلەرنىڭ   سۆرەپ يۈرىدىغان چامدىنىنىڭ تېخىمۇ چوڭلىقى،  ئۇنىڭدىن كېلىدىغان  غەيرىي پۇراقنىڭ  تېخىمۇ ئۆتكۈر ئىكەنلىكى؛ يالىڭچاراق ئېيتساق، ئۇل كېلەڭسىز  چامىداندا ئۈنچە-مارجاندىن ئەسەر يوق، قىغ ۋە قۇسۇق بىلەن تولغانلىقى  ۋە بۇ سەۋەپتىن بىر قاتار يۈز تۆكۈلۈش ۋە شەرمەندىچىلىكنىڭ بولۇپ ئۆتكەنلىكى  ئەنە شۇ ساياھەت قوللانمىسىدىن نامايەن.
     گېپىمىزگە قايتساق،  ئىككى  خىزمەتدىشىم، ۋەتەندىكى چېغىدىكى  " ھەي، خاتا چۈشۈنۈپ قالمىسۇن جۇمۇ" ، " ئوشۇقچە گۇمان قوزغۇۋالماي-ھە" دېگەندەك مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋەتتىكى زىيادە سەزگۈرلۈكلىرىدىن ، ئەندىشىلىرىدىن قۇتۇلۇپ كېتەلمىگەن، شەكىلسىز چامىدىنىدا سۆرەپ يۈرگەن.  شۇڭا ئىككىسى كۆڭۈل ئاياپ، ئامېرىكلىق خىزمەتدىشىمىزنىڭ ئالدىدا ئىنگىلىزچە گەپ قىلىشقان، لېكىن بۇ،  ئامېرىكلىققا سۈنئىيلىكتەك، ئەرتىسلىكتەك تۇيۇلغان ۋە دۇرۇست ۋە سەمىمىي بولۇشنى تەۋسىيە قىلىش مەقسىتىدە ئۆز  پوزىتسىيەسىنى ئىككىسىنىڭ  يۈزىگىلا   بىلدۈرگەن.    بۇ تەربىيەنى ئاڭلاۋاتقانلار ياشتا 30-40 ئارىسىدىكى چوڭ-چوڭ ئىككى ئادەم، بۇ ياشتا بىر تەربىيەگە  ئوبيېكت بولۇشنىڭ ئۆزىمۇ ئېغىر  ئىش، ھەتتا سەزگۈررەك بىرسى ئۈچۈن  غورۇري بىر  زەربە، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەردە  بېرىلىۋاتقىنى، تارتىپ-سوزۇپراق  چۈشۈنۈلسە  ئادىمىيلىك تەربىيىسى: ئاۋۋال ئۆز مىللىتىڭنىڭ تەۋەرۈكلىرىگە ھۆرمەت بىلدۈر، ئاندىن بىزنىڭكىگە، ئاۋۋال ئورنۇڭدىن تىك تۇر، ئاندىن ئارىمىزغا قېتىل،   پېشىمىزگە ئېسلىپ، پاچىقىمىزغا يامىشىپ سىڭىپ كىرىمەن دېمە."
   شۇ كۈنى  بۇ ئىككى دوستىمىز ئۆزلىرىنىڭ شۇ قېتىملىق   ئوسال ئەھۋالىنى لېۋىنى چىشلەپ تۇرۇپ بىزگە دەپ بەردى، مەنچە  بۇ لەۋ چىشلەش تەربىيەنى چۈشەنگەنلىك، يوشۇرماسلىق  بولسا تەربىيەنى يۈزدە-يۈز  قوبۇل قىلغانلىق؛ بەلكىم بۇ ئۇ .ىككىسى سۆرەپ يۈرگەن شەكىلسىز چامىداندىكى ئۈنچە-مارجانلاردىن بىر نەمۇنە.
bagdax

0

تېما

0

دوست

3502

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   50.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27927
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1114
توردىكى ۋاقتى: 153
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-13 17:37:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاپسىز،رەھمەت سىزگە.
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

2

تېما

0

دوست

4112

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   70.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11648
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 418
تۆھپە : 1014
توردىكى ۋاقتى: 310
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-13 18:29:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساياھەت خاتىرىللىرىنى ئۇقۇسا ئادەمنىڭ نەزەر دائىرسى كىڭيدۇ ،رەھمەت سىزگە
bagdax

39

تېما

4

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   14.02%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  159
يازما سانى: 620
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3350
تۆھپە : 2517
توردىكى ۋاقتى: 680
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-13 18:37:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز-ئۆزەمگە دەيمەنكى،جىنىم تىنىمدىلا بۇلىدىكەن ئانا تىلىمنى قەدىرلەيمەن،ئانا تىلسىز مۇھىت ماڭا گوياكى زۇلمەتلىك گۆردۇر!

0

تېما

6

دوست

3158

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   38.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10542
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 159
تۆھپە : 876
توردىكى ۋاقتى: 110
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-2

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-4-13 19:20:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى  تىزغۇ ،،،، بۇ قالتىس ،، چامداننى  توختماي  مالتلاپ تۇرۇڭ ....  بۇلۇپمۇ شەكىلسىز  چامداننى ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،   

0

تېما

2

دوست

2543

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   18.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7153
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 72
تۆھپە : 742
توردىكى ۋاقتى: 175
سائەت
ئاخىرقى: 2015-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-13 21:12:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما مۇئەللىپىنىڭ ئىسمى نېمىكىن؟

1

تېما

3

دوست

6356

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   27.12%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16107
يازما سانى: 533
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 1920
توردىكى ۋاقتى: 374
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-14 18:12:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرىنى ساقلايمىز. ھەجىمى بەكلا ئاز،بولسا كۆپرەك يوللاڭ. ئامىرىكىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىغابەكلا قىزىقىمىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )