قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1256|ئىنكاس: 14

ئىزدىنىشتىن مۇكاپاتلىق تەسىرات‹بەخىتسىز سەئىدىيە›

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

1

دوست

6747

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   34.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6345
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 386
تۆھپە : 1873
توردىكى ۋاقتى: 277
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-16 12:31:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«بەختسىز سەئىدىيە»دىن ئالغان تەسىراتىم

مەنزىرىگۈل راخمان (چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى)

1. ئاپتور ھەققىدە
ئەخەت تۇردى 1940 – يىلى 11- ئاينىڭ 20- كۈنى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1959- يىلى شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتېتىنىڭ تىل ئەدەبىيات فاكۇلتىتىغا ئوقۇشقاكىرگەن. 1964-يىلى 8-ئايدا ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كىيىن «تارىم» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن .1989- يىلى 1- ئايدىن باشلاپ كەسپى يازغۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنىپ، 2000-يىلى 12-ئايدا دەم ئېلىشقا چىققۇچە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام ئىلمىي جەمئىيتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك يازغۇچى.

2.ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى:
بىرىنچى قىسىم  زەرەپشاننىڭ كۆزيېشى
1-باب  قىسقا ھاياتتىكى ئۇزۇن بىر كېچە
2-باب  قارا بوران چاڭ- توزانلىرى
3-باب  جاھىل قورغان
4-باب   باسقۇن
5-باب  شىرقىراپ چۈشۈۋاتقان قان ئاۋازى
6-باب  كۆيگەن جاھان
7-باب  ئالتۇن تەخت ئۈستىدىكى بىردەملىك ئاچچىق خىيال
8-باب  ۋاباغا ئوخشايدىغان ئادەم
9-باب  بىر نەچچە سەھىپىلىك ئەسلىمە
10-باب  مېھرى ئىسسىق يوچۇن كىشى
ئىككىنچى قىسىم  قارغىشقا تولغان ئالەم
1-باب  ئوت ۋە ئوقيا
2-باب  نىكاھ ۋە سەلتەنەت
3-باب  قانغا بويالغان يىگىرمە بىرىنچى جۈمە
4-باب  شانلىق قەبرە
5-باب  سەرمازار ھاشىرى
6-باب  چۆلدىكى يالغۇز كەپە
7-باب  ئەۋلىيانى چۆچۈتكەن خەۋەر
8-باب  دىيانەت تەزكىرىسى
9-باب  ئۇزۇن چۈش
10-باب  ئۆلۈمسىز ھالاكەت

3.ئەسەرنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى:
بۇ كىتاب جەمئىي ئىككى قىسىم ، بىرىنچى قىسمى ئون باب، ئىككىنچى قىسمى خاتىمە قىسمىدىن باشقا ئون باب.
بۇ تارىخىي روماندا ئاساسلىقى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاپاق خوجىنىڭ قولىدا ۋەيران بولۇش جەريانى سۆزلەنگەن بولۇپ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئاپاق خوجا دەۋرىدىكى ھەسرەت –نادامىتى ناھايىتى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
ئاپاق خوجىنىڭ ئەسلى ئىسمى ھىدايىتۇللا ئىشان بولۇپ، ئۇ ئەسلى مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن، ئەرەبچە، پارسچە تىلىنى ۋە شەرىئەت، تەرىقەت، تەسەۋۋۇپ ئىلمىنى دادىسىدىن ئۆگەنگەن. مىلادىيە 1667- يىلى دادىسى مۇھەممەد يۈسۈپ خوجا قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇ دادىسى يۈرگۈزۈپ كەلگەن ئىشقىيە سۈلكىنىڭ ئومۇمىي ھەرىكەتلىرىگە باشچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى قولىغا ئالىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇ ئۈزلۈكسىز مۇرت توپلاش، تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىر تىغ ئۇچىنى دىنىي پائالىيەتتىن ھالقىتىپ ، ھاكىمىيەتكە قارىتىدۇ. بىراق، سۈيقەستى ئاشكارىلىنىپ قېلىپ، مىلادىيە 1671- يىلى ئىسمائىل خان تەرىپىدىن چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ بولدى قىلماي، پەسلىك بىلەن باشقا خانلىقلاردىن ئۆزىنىڭ « تەختى» نى قايتۇرۇپ بېرىش توغرۇلۇق ياردەم سورايدۇ. ئاخىرى تىبەت خانى دالاي لامانىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن، مىلادىيە 1678- يىلى جۇڭغار سەردارى غالدان سېرىننىڭ ياردىمىدە، قەشقەر ۋە ياركەنتكە لەشكەر تارتىپ كېلىپ، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ 12- سۇلتانى ئىسمائىلخاننى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ، ھاكىمىيەت تىزگىنىنى قولىغا ئالىدۇ. كېيىن ، ئىسمائىل خاننىڭ جىيەنى مۇھەممەدئىمىن خان تەختنى قايتا تارتىۋالىدۇ. لېكىن ئاپاق خوجىنى كۆزدىن يوقاتمايدۇ. بۇنى پۇرسەت دەپ بىلگەن ئاپاق خوجا مۇھەممەدئىمىن خاننىڭ سىڭلىسى بى بى مۆھتەرەم خېنىم (جاللات خېنىم)غا ئۆيلىنىش تەكلىپى ئارقىلىق، سۇيقەستىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولىدۇ. ئاخىرى مەقسىتىگە يېتىپ، مۇھەممەدئىمىن خاننى كۆزدىن يوقىتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، سەئىدىيە خانلىقى ئاپاق خوجىنىڭ قولىدا ئۈزۈل- كېسىل بەربات بولىدۇ.
قىسقىسى، ئاپاق خوجا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن بۇ دەۋردە، ئۆزىنىڭ خەلق ئارىسىدىكى تەسىرى ۋە ئابرويىدىن پايدىلىنىپ، خەلقنىڭ يىلىكىدە سۇ ئىچىپ، ھېسابسىز مال- دۇنيا يىغىدۇ. راست بىلەن يالغان ئالمىشىدۇ، ئادالەت يەكسان بولىدۇ، ئىلىم – مەرىپەت قايرىپ قويۇلۇپ، نادانلىق ۋە غەپلەت ئەل-يۇرتنى قاپلايدۇ. گۈللىنىپ ئاۋاتلىشىپ كەلگەن سەئىدىيە خانلىقى مانا مۇشۇنداق ساتقىن مۇناپىقنىڭ قولىدا زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ. روماندا، مۇشۇ ئېچىنىشلىق تارىخ ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. خەلقىمىزنىڭ پاجىئەلىك ئۆتمۈشى، ئۆز نۆۋىتىدە قاراڭغۇ زۇلمەتنى ئۆز شولىسى بىلەن يورۇتماقچى بولغان مەشئەلچىلەرنىڭ كۈرەشلىرى بايان قىلىنغان.

4. روماندىن ئالغان تەسىراتىم
تالانتلىق يازغۇچى ئەخەت تۇردى بۇ تارىخىي رومانىدا، ئەينى دەۋردىكى كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي رېئاللىق بىلەن بولغان ئوخشاشمىغان مۇناسىۋەت ئالاقىلىرىنى، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ باي ۋە مۇرەككەپ روھىي دۇنياسىنى تىپىك ۋە ماھىيەتلىك بولغان تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى ئىچىدە ئوبرازلىق ياراتقان.
بۇ روماننى ئوقۇپ مەن ئاپتورنىڭ كۈچلۈك ھېسلارغا تويۇنغان پاساھەتلىك سۆز- جۈملىلىرىدىن بەھرە ئالدىم. ئاپاق خوجىدىن ئىبارەت بۇ ئىنساپسىز مەلئۇنغا بولغان غەزەپ-نەپرىتىم ھەسسىلەپ ئاشتى،ئۇنىڭغا قارىغۇلارچە ئەگىشىپ كەلگەن مۇرتلىرىغا ۋە ئۇنى ئەۋلىيا ساناپ چوقۇنىدىغان نادان خەلققە تولىمۇ ئېچىندىم؛ ئەكسىچە،ھاجى قۇتلۇق مەۋلىۋى،ئەركابەگ،ھاۋاز بەگ،بەھرام سۇلتان،ھەيدەر بەگ قاتارلىق باتۇر ئەزىمەتلەرنىڭ خەلق ئۈچۈن جېننىمۇ ئايىمايدىغان جاسارىتى مېنىڭ ئۇلارغا ھۆرمىتىمنى كۈچەيتتى.
روماننى ئوقۇغاندىن كېيىن مەن يەنە شۇ نەرسىنى ھېس قىلدىم: شۇنچە جاسارەتلىك،ھۆكۈمرانلار نېمىشقا ئاپاق خوجىنى كۆزدىن يوقىتىشقا پېتىنالمايدۇ؟ ئۇنىڭ يالغان-ياۋداق سۆزلىرىگە ئاسانلا ئىشىنىدۇ؟خەلق نىمىشقا بۇ مالامەتلەرگە سۈكۈت قىلىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى بىرلا.ئۇ بولسىمۇ نادانلىق،نادانلىق ئۇلارنى جاھالەت پاتقىقىغا پاتۇردى،ئۆزلىرى ئىگە بولغان نەرسىلىرىدىن،ھەتتا تاتلىق جانلىرىدىن ئايرىدى. ئىلىم- مەرىپەتتىن يىراقلىشىش ئۇلارنى ئازاپقا،خۇراپاتلىققا مەھكۇم قىلدى. شۇنداق دىيىشكە بۇلىدۇكى، نادانلىقتا قالغان خەلق ئاخىرى بىلىمسىزلىكتە قۇمدەك چېچىلىپ،بىر-بىرسىنىڭ پېيىنى قىرقىشتىن يانمايدۇ. بۇنداق ئەل روناق تاپمايدۇ،بىر-بىرسىنىڭ يولىنى توسۇپ، بىر- بىرىگە رەقىپ بولۇپ، مەڭگۈ ئالغا باسالمايدۇ. ئەكسىچە، ئۆزىگە كۆز تىكىۋاتقان دۈشمەنلىرىگە يول ئېچىپ بېرىدۇ،خالاس.
ئەقىل ۋە ئىلىم ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى شەبچىراق گۆھەرىدۇر. ياخشى- يامانلىق، پايدا-زىيان، توغرا-خاتا بارلىقى مانا مۇشۇ ئىككى گۆھەر بىلەن ئۆلچىنىدۇ. شۇڭا بىز ئالغا باسىمىز دەيدىكەنمىز،چوقۇم ئىلىم- مەرىپەتنى ئۆزىمىزگە ھەمراھ قىلىشىمىز، بىلىمنى ھەقىقىي دوست دەپ بىلىشىمىز لازىم.

5.ئەسەردىكى مەن ياقتۇرغان ھېكمەتلەر
*پۇرسەت غەنىيمەتتۇر،چۈنكى پۇرسەت ئۆتكۈر شەمشەردۇر.شەمشەرنى ئىشلەتسەك پايدا ئالىسەن،ئىشلەتمىسەڭ دات باسىدۇ.
*نېسىۋە ھەممىگە باراۋەر بېرىلىدۇ،ئەمما ھەركىم قۇربى يەتكۈچە ئالىدۇ.
*بۆرە كۈچىكى ھامان بۆرىدۇر.ئۇنىڭ ئىككى چىشىنى سۇغۇرۇپ تاشلىساڭمۇ ئادەم يېيىش نىيتىدىن يانمايدۇ.
*ئاق، پاكىز نەرسە ئاسان كىرلىشىدۇ.
*ھەر ئادەم بىر دەرەخكە ئوخشايدۇ. ھەر دەرەخ نەتىجىسىز بولمايدۇ. يا مېۋە بېرىدۇ، يا سايە بېرىدۇ، ۋە ياكى ياشناپ گۈزەللىكىدىن بەھرە بېرىدۇ. دېمەك، ھەممىسى ئىشقا يارايدۇ.
*ئۆزگىنى يېيىشتىن كىمكى بولسا شاد،
بۆرە دېگىن ئۇنى، دېمە ئادەمزات.
*ھېكمەتنى قارىغۇلاردىن ئۆگىنىڭ. چۈنكى ئۇلار ماڭىدىغان يولىنى سىيلاپ بىلىۋالماي تۇرۇپ، ئاياغ باسمايدۇ.
*ئاقىلنىڭ قەلبى تىلىنىڭ ئارقىسىدا،
ئەخمەقنىڭ تىلى قەلبىنىڭ ئارقىسىدا.
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئاپتورى: ئەخەت تۇردى
كىتاب نومۇرى:ISBN 978-7-5371-6501-3
نەشر قىلىنغان ۋاقتى:2009- يىلى 3-ئاي 1- نەشرى
باھاسى:33.00 يۈەن
مەزكۇر كىتابنى سېتۋېلىش ئادرىسى:http://item.taobao.com/item.htm? ... &id=42745048441




uyghuray

2

تېما

1

دوست

2198

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   6.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12063
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 208
تۆھپە : 535
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-16 19:25:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يىزلىپتۇ...
ئوقۇتقۇچى بولسىمۇ شۇنچىلىك يازار بولغىيدى بۇ تەسىراتنى ...
زېھنى ئۇچۇق قىزكەن ،ھەقىقەتەنمۇ مۇكاپاتلاشقا لايىق تەسىرات بوپتۇ...

0

تېما

6

دوست

2350

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26835
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 736
توردىكى ۋاقتى: 209
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-16 19:41:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاللامدا زادى بىر چىگىش، بى بى مۆھتىرەم خىنىم زادە قانداق ئوبراز؟ « بەخىتسىز سەئىدىيە» دىكى سەلبى ئوبراز راسمۇ ياكى،«جاللات خىنىم »دىكى  ئىجابى ئوبراز راسمۇ؟

0

تېما

0

دوست

1920

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24888
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 598
توردىكى ۋاقتى: 111
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-17 01:13:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەلىكە موھتىرەم خېنىم ، بى بى موھتىرەم خېنىم ، جاللات خېنىم ھەممىسى  بىرلا شەخىس بولۇپ  سئەدىيە تارىخىغا دائىر  ماتىريال ۋە رومانلاردا ئوخشىمىغان دەۋىر ۋە ھادىسىلەردە  شۇ خىل ناملار  بىلەن تەسۋېرلەنگەن .
uyghuray

15

تېما

1

دوست

5504

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   10.08%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 1668
توردىكى ۋاقتى: 383
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-17 10:54:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىبەت خانى دالاي لامانىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن، مىلادىيە 1678- يىلى جۇڭغار سەردارى غالدان سېرىننىڭ ياردىمىدە،
______________ئۇ ۋاقىتلاردا موڭغۇللارنى تىبەتلەر باشقۇرامتى؟مۇشۇ ۋاقىتتىكى تارىخ بولسا سۆزلەپ بەرسەڭلار؟

14

تېما

1

دوست

6747

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   34.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6345
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 386
تۆھپە : 1873
توردىكى ۋاقتى: 277
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-17 13:22:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tikan يوللىغان ۋاقتى  2015-4-17 10:54
تىبەت خانى دالاي لامانىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن، مىلادىي ...

غالدان تىبەت دىنىنڭ مۇرتىغۇ دەيمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە غالدان ھەر تەرەپتىن پەشۋا يەپ،يېڭى بىر زىمىن ئىگەللەش ئىستىكىدە بولىۋاتقان ۋاقىتلار.

0

تېما

1

دوست

92

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   30.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34554
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 30
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-17 19:51:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ رۇماننى مەنمۇ ئۇقۇۋاتىمەن لېكېن جاللات خېنىم  بىلەن بەخىتسىز سەئىدىيە رومانى ئاساسەن بىر نىشھاندا ئىكەن لىكىن بەزى ۋەقەلىكلەر پەقەتلا ئوخشاش ئەمەسكەن

14

تېما

1

دوست

6747

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   34.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6345
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 386
تۆھپە : 1873
توردىكى ۋاقتى: 277
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-17 20:00:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bahadirlar يوللىغان ۋاقتى  2015-4-17 19:51
ئۇ رۇماننى مەنمۇ ئۇقۇۋاتىمەن لېكېن جاللات خېنىم  بىلەن ...

شۇنداق بۇ توغرىسدا كۆپلەپ كىتابلارنى كۆرۈشكە توغرا كىلىدۇ،بەلكىم ئابدۇۋەلى ئەلى يازغان مۇشۇ توغرىسدىكى كىتابلارنى ئوقۇسىڭىز يەنە ئوخشىماسلىقلارمۇ چىقىشى مۇمكىن.
لىكىن بىر نەرسە ئايدىڭككى،بۇ مەلئۇن خوجىلارنىڭ ئاشۇ ئىشلارنى قىلغىنى بىر ھەقىقەت.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )