ھەرقاچان كۈلۈپ يۈرۇش كېرەكمۇ؟
ئاپتورى:پەرھات ئەمەت
كۈلكىنى ھەممەيلەن جان ئوزۇقى دەپ بىلىدۇ. شۇڭلاشقا بۇنىڭغا ئانداق مانداق دەپ بىرنېمە يېزىش ئارتۇقچىدەك تۇرىدۇ.ئەمما مۇشۇنداق غەلىتە پىكىرلىرىمنىمۇ ئازتولا قەدىرنى قىلىش كېرەك دەپ ئويلايمەن ئۆزەمچە .بىزنىڭ كۈلكە ھەققىدە قاراشلىرىمىز يېتەرلىكمۇ ياكى بىز ئۇنى خاتا چۈشنىپ كېلىۋاتامدۇق؟ بۇنىسى تولىمۇ نامەلۇم بىر ئىش.
كۈلگەن چېغىمىز ئەسلىدە بەكمۇ قەدىرلەشكە تېگشلىك ،بەزىدە ئىچ ئىچىمىزدىن كۈلسەك بەزىدە يوسون قائىدە ئۈچۈن كۈلۈپ قويمىز،ئىشقىلىپ ئادەملەر ئارىسداشاتلىق كۈلكسى،ھاياجان كۈلكسى مەسخىرە كۈلكسى .خۇشامەت كۈلكسى ،ھېيلگەرلىك كۈلكىسى دېگەندەك بىرمۇنچە كۈلكىلەر بار ئىكەن.بۇۋاقلارنى ئەركىلەتسەك ئۇنى كۈلۈشكە زورلاپ باقىمىز،‹بىر كۈلىۋتىڭە تاتلىق قوزام › دەپ بالىلارغا ھەرخىل قىلىقلارنى قىلىپ كۈلدۇرمەكچى بولىمىز. بەزى ئادەملىرىمىزنىڭ يارتىلشدىنلا ۋۇجۇدى كۈلۈپلا تۇرغاندەك تۇيۇلىدۇ، ياقتۇرمىغان ئادەملەرنى ‹قاپىقى يامان›<مۇز چىراي> <توڭ قاپاق>دەپ سۈپەتلەيمىز. ھەم ياقتۇرمايمىز، نېمشقا چۈنكى ئۇ كۈلۈپ تۇرمىغان.تەبەسسۇم قىلغان بولسمۇ كىشلەر بۇنىڭغا رازى بولمىغان.شۇڭا ئادەتتە بىزنىڭ جەمئىيتىمزدە قەيەرلەردىندۇر توساتتىنلا،،ھا ھا ھا دېگەن كۈلكە ئاۋازى ياڭراپ كېتىدۇ. بەزىدە ئاياللارنىڭ قاقالاپ كۈلگەن ئاۋازلىرى سورۇننى بىر ئالىدۇ..بىزنىڭ ئىلى تەرەپلەردە يۇمۇر چاقچاقلار كۆپ ھەم ئۇلار ئەلگە كۈلكە بېرەلگەنلىكى ئۈچۈن كۆپنىڭ ھۆرمتىگە ئىگە بولالايدۇ. كۆپچلىك تىلىقىپ كۈلۈش ئۈچۈن ئاتايىن قەيەردە چاقچاق سورۇنى بار ئىزدەپ يۈرۈيدۇ.شۇڭا توي قىلغان ئادەم ئەگەر ئۇنى مەسىلھەتكە يازمايدىغان بولسا كۆڭلىگە قاتتىق تېگىدۇ.مەسىلىھەتكە يازمىغانلىقى ئۈچۈن توي مۇراسىمغا غۇم ساقلاپ بارمايدىغانلارمۇ يوق ئەمەس. ئومومى جەھەتتن ئالساق كۈلكە ئىختيارسىز پەيدا بولسا بۇنداق كۈلكىلەر تەبئىي بولغاچقا قەدىرلەشكە،بەھىر ئېلشقا ئەرزىيدۇ. ئەمما تولا كۈلۈش____ساراڭلىق دەيدۇ كونىلار. مەن ئەتىدن كەچكىچە كىشلەر بىلەن چېقشىپ كۈلۈپ يۇرۇيدىغان بىر قىسم ئادەملەرنى كۆرۇپ ھەيران قالىمەن.بەزىدە ئۇلار شۇ قەدەر خاتىرجەم ،خوشالمىدۇ دەپ ئويلايمەن. مەسچىتلەردىمۇ مۇنداق ئەھۋاللارنى ئۇچرتىمەن.قارىم ياكى ئىمام دۇنيا ۋە ئاخىرەت ،ئىنسانلارنىڭ قىلمىشى،گۇناھ مەئىشەتلەر ھەققىدە سۆزلىگەندە ،ھەممەيلەن چوڭقۇر ئويلنىپ ئويغا چۆمىدۇ.ئارىدىن ،ھەق! دەپ ئىچىگە ئۇھ تارتقان كىشلەرمۇ چىقپ قالىدۇ. ئاندىن نامازدىن پارىخ بولغا نكىشلەر مەسچتنىڭ ھويلىسغا چىقا چىقماي بىر بىرى بىلەن چاقچاقلشىپب ئەتەي گەپ بەرمەيدۇ .
دېمەك شۇنىڭدىن قارىغاندا مەيلى ئىنسانلارغا دۇنيا قانداق تەسۋرىلەنمسۇن كىشلەرگە ئۈچۈن ئۇ يەنىلا قىزغىن،قاينام تاشقىنلىقتىن دېرەك بېرىدۇ،ئادەملەر دۇنيادا كۈلمىسە بولمايدۇ.لىكىن كۈلۈش ئۈچۈنمۇ بىر كۈلگىدەك ئىش بولۇشى سەۋەب بولۇشى كېرەك،مەسىلەن،تەبئىي پەنلەردە نەتىجە قازانغان بولۇشىمىز، سانائەتتە تەرەققى قىلغان بولۇشىمىز،ئەرلەر بىكار يۈرمەي كۆپرەك پۇل تېىپىپ بالا چاقا خوتون بالىلىرنى خۇشال قىلالىغان بولىشى كېرەك،مانا شۇنداق چاغدا ئۆيلەردە شاتلىق كۈلكىسى ياڭرسا تولىمۇ يارىشىدۇ..
تە تقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا،دائىم كۈلۈپ تۇرغان ئادەملەرنىڭ ئۆمىرى ئۇزۇن بولارمىش،ئېھتمال يۈز تېرىمىز ھەرىكەت قىلىپ تۇرسا قورۇقمۇ چۈشمەي ياش پېتى تۇرغاندەك كۆرۇنسەك كېرەك.لىكىن مىڭ كۈلگەن بىلەنمۇ قېرىشقا تېگشلىك ھۆجەيرىلەر ھامان ئۆلۈپ تۇرىدۇ بۇمۇ ئىلىمى تەتقىقاد ئىسپاتلىغان نەرسە. ئەتىدىن كەچكىچە كۈلگەندىن كېيىن خۇددى مەس ئادەم مەستلىكتىن يېشىلمىگەندەك ھەممە نەرسگە چاقچاق قىلىپ باقىدىغان غەلىتە مىجەزلىك بولۇپ قېلشمىز مۇمكىن. بۇنداق كىشلەر ئىجتمائىي تۇرمۇشتا،كىچىك سوۇرنچاقلاردا ئاز تولا تەرىپلەشكە ئىگە بولسىمۇ لىكىن ھەممەيلەن بۇنداق غەلىتە مىجەزلىك بولۇپ ،زىيادە ئوچوق يورۇق بولۇپ كېتىدىغان بولسا بىرەر مەسىلىنى تەپەككۇر قىلشمۇ،ئىلىمى ھالدا بىر تەرەپ قىلىشقىمۇ بولماي قالىدۇ. ئەگەر بىر تەتقىقاتچى مەلۇم مەسىلىنى كىشلەرگە چۈشەندۇرمەكچى بولۇپ توساتتىنلا ھا ھا ھا كۈلۈپ تاشلايدىغان بولسا پەقەت بىر قسىم ھاماقەتلەرمۇ ھاھا ھا دەپ كۈلۈپ كەتكەننى ھېسابقا ئالمىغاندا كىشلەر:،،سەن بىزگە دەرس بېرىۋاتامسەن ياكى بىزنى مازاق قىلىۋاتامسەن؟ دەپ سورىسا تولىمۇ ھەقلىق بولىدۇ. شۇڭا كۆپ كۈلۈشنى توغرا دەپ قارىمايدىغان غەلىتە بىر خىياللارغا كېلىپ قالدىم. ئۆزەم بەلكىم ئىچ مىجەز بولغاچقا شۇنداق ئويلاۋاتقان بولۇش مۇمكىن چۈنكى< كۆپ كۈلۈش ئەقىلىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ>دېگەن گەپ بار،يەنە< مىڭ كۈلكىنىڭ بىر يىغسى بار> دىگەن گەپلەرمۇ بار،ئىشقىلىپ كۈلكىمۇ جايىدا بولۇشى ،ئۇ تېتقسىزلىققا مازاققا ۋە ئورۇنسىز نەرسىگە ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك،بولمسا خوشاللانغان چېغىمىزنى بىلەلمەي قالىمىز. ئەگەر كۈلكىلىك تۇيۇلمىسا سىرتلارغا،چەتئەللەرگە چىقىپ باققانلاردىن سوراپ بېقىڭلار، ياپونلار،نېمسلار،ئامىرىكلىلىق چەتئەللىكلەر نېمشقا ئاز سۆزلەپ كۆپ ئىشلەيدىكەن؟ ئەتىدىن كەچكىچە ‹بەخىت -سائادەت›ئىچىدە كۈلۈپ يۈرەمدىكەن ياكى بىر ئىشلارغا جىددى قاراپ ئەستايدىل مەشغۇل بولامدىكەن؟ بىزدەك جوڭگولۇقلار چەتئەلدە توپلشىپ پاراڭلاشقاندا ئاشخانىلاردا تاماق يەۋاتقاندا، توساتتىنلا ،<ھا ھا ھا ..>دەپ توۋلاپ كۈلۈشۈپ كەتسەك ،، ئۇلار بىزگە قانداقتۇر بىر نەرسىلەرنى چۈشىنەلمىگەندەك ھەيرانلىق ئىلكىدە قاراپ قالامدىكەن؟
20154.20 |