- تىزىملاتقان
- 2013-9-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 16613
- نادىر
- 2
- يازما
- 1512
ئۆسۈش
16.53%
|
بىر ئۆي-مۈلۈك سودىگىرىنىڭ تەكلىپى: ياشلار ئەمدى قەرزگە ئۆي ئالماڭلار
بۇ ماقالە ھازىرقىدەك شارائىتتا سەل غەلىتە تۇيۇلۇشى مۇمكىن.
جۇڭگو نەچچە مىڭ يىللىق «ئاۋۋال ئۆي-ئوچاقلىق بولۇپ، ئاندىن كەسىپنىڭ بېشىنى تۇتۇش» دەيدىغان كىشىلىك تۇرمۇش شەكلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەلگەن دۆلەت. ئۆي-ئوچاقلىق بولۇشتا بىر ئۆيى بولۇش نىكاھ تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى شەرتى. بىرەيلەن چاقچاق قىلىپ: «جۇڭگولۇق قېيىنئانىلار ئۇششۇقلۇق قىلىپ تۇرۇۋېلىپ، ئۆي باھاسىنى ئۆستۈرۈۋەتتى» دېدى. ئەلۋەتتە، ئۆي-مۈلۈك سودىگىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز ئاشۇنداق قېيىنئانىلارغا چوڭقۇر تەشەككۇر بىلدۈرىمىز.
ئۇنداقتا بىر جۇڭگولۇق ياش بولۇش سۈپىتىم بىلەن 25 ياشتا ئۆي-ئوچاقلىق بولۇش يېشىغا يەتتىم. ھازىر مەن مەسئۇل بولغان بىر نەچچە بىنا ئۆي سېتىش ئورنى ۋە يېڭى ئۆي بارا-بارا ئاساسىي ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. ئۆي سېتىۋالىدىغانلارنىڭ %99.99ى مۇددەتكە بۆلۈپ قەرز تۆلەش شەكلى بىلەن ئۆي سېتىۋېلىشقا موھتاج، ئۆي سېتىۋالىدىغانلارنىڭ %90ى 25 ياش بىلەن 30 ياشنىڭ ئارىلىقىدىكىلەر. ھېسابلاپ باقسام، ئاران %5 ياشلارلا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ياردىمىگە تايانمايمۇ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچى بىلەن ئۆي سېتىۋالالايدىكەن. ئەلۋەتتە يەنە بايلارنىڭ بالىلىرىمۇ بار، ئۇنداق بالىلار تېخى كىچىك ۋاقتىدىلا ئۆيىدىكىلىرى ئۇنىڭغا ئاتاپ بىر نەچچە يۈرۈش ئۆي ئېلىپ تەييارلاپ بولغان بولىدۇ. بۇنداقلارغا ئەڭ ياخشىسى ھەۋەس قىلىپ ئولتۇرمىغان ياخشى، ھەۋەس قىلغان بىلەنمۇ بەرىبىر ھېچنېمىگە پايدىسى يوق.
ئەسلى مەقسەتكە كەلسەك، نېمە ئۈچۈن نامراتلارنىڭ بالىلىرى، دېھقانلارنىڭ بالىلىرى، ئىشچىلارنىڭ بالىلىرى ياكى ئادەتتىكى ياشلار ئۆي ئېلىشقا ئالدىرىماسلىقى كېرەك؟
ئۆي-مۈلۈك سودىسى بىلەن شوغۇللانغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ ساھەنى خېلى ئوبدان چۈشىنىمەن. مەن بۇ يەردە كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنىڭ ھەممىنى دەپ، ئۆي سېتىۋېلىشنىڭ باش قېتىنچىلىقىدا تۇرىۋاتقان ياشلارغا ئازراق بولسىمۇ ياردەم بېرەلىسەم ئەجەب ئەمەس. ئەمەلىيەتتە مەن قوشنا دۆلەتلەر ھەققىدىمۇ ئىزدىنىپ باققان، ياپونىيەلىك ياشلارمۇ قېيىن ئانىسىدىن قورقامدىغاندۇ؟ كېيىن شۇنى بايقىدىمكى، ياپونىيەلىك ياشلارمۇ توي قىلىدىغان چاغدا ئۆي ئالىمەن دېسە ئىنتايىن قىممەت، ياپونىيەنىڭ زېمىنى ئىنتايىن كىچىك، نوپۇس زىچلىقى ئىنتايىن يۇقىرى، ئۆي باھاسىمۇ خېلىلا يۇقىرى (توكيودا ئوتتۇرا ھال ئۆينىڭ باھاسى 40 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى ئەتراپىدا)، ياپونىيەلىك ياشلار ئۆي ئېلىشقا ئالدىرىمايدىكەن. ئۇلار ئۆي ئېلىپ قالسا ئۆزلىرىنىڭ باشقا شەھەرلەرگە بېرىپ، گۈزەل تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن، بۇ ھەم ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي تەرەققىياتىغىمۇ پايدىسىز دەپ قارايدىكەن. ئەمما بىزچۇ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن ھېچنېمىگە قارىماي قەرز ئېلىپ، ئۆي سېتىۋېلىپ، بىر ئۆمۈر ئۆينىڭ قۇلى بولۇپ ياشايمىز. ئەلۋەتتە، يۇقىرىدىكىسى جەمئىيەتتە پەيدا بولغىلى، ئېقىپ يۈرگىلى ئۇزۇن ۋاقىت بولغانلىقىنىڭ سەۋەبى. چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەن ئەنئەنىۋى كۆز قاراشمۇ بار. كىمنىڭ ئۆيى بار بولسا شۇ نوچى، كىمنىڭ ئۆيى يوق بولسا شۇ يارىماس. ھازىرقى قىزلارنىڭ ياش يىگىتلەرنى باھالاش ئۆلچىمى مۇشۇنداق بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن باشقا، ياشلارنىڭ ئالاقىزادە بولۇپ ئۆي ئېلىشىدا يەنە مۇنداق ئىككى سەۋەبمۇ بار:
بىرىنچىدىن، شۇنى دېمەكچىمەنكى، نۇرغۇن كىشىلەر بىزدەك ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرىنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كېتىدۇ، «ھازىر ئۆي ئېلىۋالمايدىغان بولسىڭىز ئۆي باھاسى يەنە ئۆسۈپ كېتىدۇ، ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈشى مەڭگۈ مائاشنىڭ ئۆسۈشىدىن تېز. ھازىر ئالمايدىغان بولسىڭىز بەلكىم مەڭگۈ ئۆي ئالالماسلىقىڭىز مۇمكىن». ئەمەلىيەتتە راستلا شۇنداقمۇ؟
مەندە مۇتەخەسسىسلەرنىڭكىدەك ئۇنداق سانلىق مەلۇماتلار يوق، كەسپى ئەمەلىيەت نۇقتىسىدىن تۇرۇپ، بۇ سەپسەتىنى ئېچىپ تاشلاشتىن بۇرۇن، مۇنداق بىر نەچچە مىسال كەلتۈرۈپ بېرەي. ھازىر 80-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار 80-يىلىدىن بۇرۇنقى ئىشلارنى چۈشەنمەيدۇ، كىتابلاردىن ئوقۇسا ياكى چوڭلاردىن سوراپ بىلىۋالسا بۇ باشقا گەپ. مەن ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي ھادىسىلەرنى تەتقىق قىلغاندا ئىنتايىن قىزىقارلىق بىر ئىشنى بايقاپ قالدىم، يەنى مېدىيەلەردىكى جامائەت پىكىرى ئىقتىسادتىكى مەخپىيەتلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
بىرىنچى مىسال: 70-يىللاردا ئەمدى تېلېفون پەيدا بولغان يىللار، شۇ چاغدىكى جامائەت پىكىرىدە: ئۆيىدە چىراق بىلەن تېلېفون بار بولسا شۇ كىشىلەر باي ھېسابلىناتتى، بۇ سالاھىيەتنى ئۆلچەشنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ قالغان ئىدى. شۇ چاغلاردا پەقەت رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۆيلىرىدىلا تېلېفون بار. شاڭخەيدە بىر تېلېفون ئورنىتىش ئۈچۈن 5000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلەشكە توغرا كېلەتتى، يەنە تېخى نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ كېتەتتى. نېمىشقا شۇنداق قىلىدۇ؟ سالاھىيەت، يۈز-ئابروي، مودىغا ماسلىشىش ئۈچۈن. مانا بۇ مېدىيەلەردىكى جامائەت پىكىرىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىشى. ھازىر ئۆيگە تېلېفون ئورنىتىش ئۈچۈن 5000 يۈەن خەجلەمدۇق؟ نەدىكىنى. تېخى يېقىندىلا كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىدىن ئۆيىمىزگە بېرىپ ئاپامغا ھەقسىز بىر تېلېفون سوۋغا قىلىپتىكەن، ئاپام ئۆيدە تېلېفون بەك كۆپ بولۇپ كەتتى دەپ، ئىشلەتمەي تاشلاپ قويدى.
ئىككىنچى مىسال: توي قىلغاندا كەم بولسا بولمايدىغان ئۈچ نەرسە. بۇ ئۈچ نەرسە نېمە؟ ۋېلىسپىت، قول سائىتى ۋە كىيىم تىكىش ماشىنىسى. ئەمما 80-يىللارغا كەلگەندە، بۇ ئۈچ نەرسە ئۆزگىرىپ، توڭلاتقۇ، رەڭلىك تېلېۋىزور ۋە كىرئالغۇ بولۇپ قالدى. 90-يىللارغا كەلگەندە بولسا، بۇ ئۈچ نەرسىنىڭ كۇرسى ئۆسۈپ كومپيۇتېر، ھاۋا تەڭشىگۈچ ۋە موتوسىكىلىت توي قىلغاندا كەم بولسا بولمايدىغان ئۈچ نەرسىگە ئايلاندى. ھازىرچۇ؟ ھازىر بۇ ئۈچ نەرسىدە ئۆزگىرىش تېخىمۇ چوڭ، يەنى ئۆي، ماشىنا، پۇل. ھەر بىر دەۋردىكى تاۋار ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تەرەققىياتى ئوخشاش بولمىغان جامائەت پىكىرىنىڭ پەيدا بولۇشىغا نىسبەتەن يېتەكچىلىك رول ئوينىدى. يېتەكچىلىك رول ئوينىمىسا، كىم شۇنچە پۇل خەجلەپ رەڭلىك تېلېۋىزور، كىرئالغۇ سېتىۋالىدۇ؟ يېتەكچىلىك رول ئوينىمىسا، شۇنچە كۆپ ئىشلەپچىقىرىلغان تاۋارلارنى كىمگە ساتىدۇ؟ بۇ كارخانىلار قانداق تەرەققىي قىلىدۇ؟ دۆلەت GDP نى قانداق ئاشۇرىدۇ؟ كۆپچىلىك، ئويلاپ باقتىڭلارمۇ؟ شۇ چاغلاردىكى شۇنداق قىممەت تېلېفون، توڭلاتقۇ، رەڭلىك تېلېۋىزور ... بۇلارنى ھازىر تىلغا ئېلىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ بۇ يەردىكى چوڭقۇر قاتلاملارغا يوشۇرۇنغان سەۋەب زادى نېمە؟
مېنىڭچە بۇ يەردىكى مەسىلە تەمىنلەش بىلەن تەلەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت مەسىلىسى. پۈتۈن بىر دۆلەت بىر نەرسىگە تەقەززا بولغان چاغدا، بۇ نەرسە مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە كەمچىل بولۇپ كېتىدۇ. ھەممە ئادەم تالىشىپ سېتىۋالىدۇ، مۇشۇنىڭ سودىسىنى قىلىدىغان سودىگەرلەر بار بولىدۇ، بەزىلەر ھايانكەشلىك قىلىپ پۇل تېپىشنىڭ كويىغا كىرىدۇ. 70-يىللاردا، ۋېلىسپىت قالتىس نەرسە ھېسابلىناتتى. كىمنىڭ ۋېلىسپىتى بار بولسا شۇ نوچى، ھازىر ۋېلىسپىتنى ھەرقانداق ئادەم سېتىۋالالايدۇ، ئەمما ئۇ چاغدا سېتىۋالالمايتتى، شۇ چاغدا بەزىلەر ۋېلىسپىتنى كۆپلەپ بېسىۋېلىپ، بىراقلا پايدا ئېلىشنى كۆزلىگەن، ھازىر ۋېلىسپىتنى كۆپلەپ بېسىۋالىدىغان ئەخمەق ئادەم بارمۇ؟
ھازىرقى ئادەملەر نېمىنى بېسىۋالىدىغان بولدى؟ ئۆي. دۆلەت ئۆي-مۈلۈك تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاۋاتىدۇ، ھازىرقى جامائەت پىكىرى نېمە؟ توي قىلىش ئۈچۈن ئۆي بولمىسا بولمايدۇ. كۆپچىلىك ھەممىسى ئۇنى تالىشىپ سېتىۋېلىۋاتىدۇ، مېدىيەلەرمۇ ئۆي يېتىشمەيۋاتىدۇ دەپ داۋراڭ سېلىۋاتىدۇ. ئۆينىڭ باھاسىمۇ ئۆستى، ئېيىغا نەچچە يۈز، ھەتتا نەچچە مىڭ يۈەن تۆلەيدىغان بولىۋاتىدۇ.
ئىقتىسادشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئېھتىياج ئاشقان بىر مەزگىل ئىچىدە ئۆي باھاسى شىددەت بىلەن ئۆسىدۇ، ئوتتۇرىدا پايدىنى كۆزلەيدىغان ھايانكەشلەرنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆي باھاسى تېخىمۇ ئۆسۈپ كېتىدۇ. تېخىمۇ كۆپ ئادەم، پۇلنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ساھەگە ھۇجۇم قىلىپ، كۆپلەپ ئۆيلەر سېلىنىدۇ. مەن بىلىدىغان ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى باشقا ساھەدە پۇل تېپىپ، ئېشىنچا پۇلى بار بولغاندا قارىسا، نەچچە يىل جاپا تارتىپ تاپقان پۇلىنى بىر بىنا بىلەن بىر ئايدىلا تېپىۋاتقان، شۇنىڭ بىلەن دەرھاللا ئۆي-مۈلۈك سودىسىغا كىرىشكەنلەر. تۈگمەنچى، بېلىقچى، موزدوز، كۆكتات ئېلىپ ساتىدىغانلار ھەممىسى مۇشۇ ساھەگە كىرىشىپ، ئۆي سېتىۋېلىش، ئۆي سېلىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن. بۇ يەردە مۇنداق بىر مەسىلە شەكىللىنىدۇ، ھەممە ئادەم ئۆي سالسا، سېلىنغان ئۆيلەر ئەمەلىي ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتكەن ۋاقىتتا قانداق ئاقىۋەت يۈز بېرىدۇ؟
ھەر قايسىڭلار ئويلاپ باقتىڭلارمۇ يوق، ھازىر پۈتۈن مەملىكەت بويىچە زادى قانچىلىك ئۆي باردۇ؟ كەلگۈسى بەش يىلدا يەنە قانچىلىك ئۆي سېلىنار؟
ھازىر جەمئىيەتتە يالغۇز پەرزەنتلەر كۆپ، يەنە 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىنچۇ؟ ئەڭ ئاددى ئۇسۇل بويىچە ھېسابلاپ باقايلى، ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ بىر يۈرۈش ئۆيى بار، قېينىئاتا-قېينىئانىسىنىڭ بىر يۈرۈش ئۆيى بار، ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننىڭ بىر يۈرۈش ئۆيى بار. ئەمما 10 يىلدىن كېيىن، چوڭلار ئالەمدىن ئۆتسىچۇ؟ بىر ئائىلىگە ئۈچ يۈرۈش ئۆي بار بولدى دېگەن گەپ. يەنە 10 يىلدىن كېيىن بۇ ئاتا-ئانا بالىسى ئۈچۈن بىر يۈرۈش ئۆي ئېلىپ قويامدۇ؟ ئۆي باھاسى مەڭگۈ مۇشۇنداق توختىماي ئۆسىۋېرەمدۇ؟ كىشىلەرنىڭ ئولتۇرىدىغانغا ئۆيى بار بولغاندا، ئۆي سېتىۋالىدىغانلار ئازلىسا، ئۆي باھاسى يەنە ئۆسىۋېرەمدۇ؟ ئۇ چاغدا ئۆينى كىمگە ساتىدۇ؟
شۇڭا ، ئۆي باھاسى مەڭگۈ ئۆسۈش ھالىتىدە تۇرىدۇ دېگەن قۇرۇق گەپ. ھازىرقى سۈرئەت بويىچە قارىغاندا 20 يىل، ھەتتا 15 يىلغا قالماي، ئۆيلەرنىڭ «قويرۇقىنى قۇم باسىدۇ».
شەھەرلىشىش دېگەن زادى قانچىلىك دەرىجىدە بولىدۇ؟ بېيجىڭغىمۇ كىرسۇن، جىنەنگىمۇ كىرسۇن، ھەممىلا يەر شۇنداق بولۇپ كېتەمدۇ؟
دۆلەت 11-بەش يىللىق پىلانى: ئۇنىڭدىكى بىر ماددا بولسا سوتسىيالىستىك يېڭى كەنت بەرپا قىلىش، 2009-يىلىدىن باشلاپ شەندۇڭنى سىناق نۇقتا قىلىپ، يېڭى كەنت بەرپا قىلىشنى باشلىغان، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، شەھەر –بازارلاشتۇرۇش پىلانلاندى، 3 يىلدىن 5 يىلغىچە بولغان ۋاقىتتا بىر قىسىم سىناق نۇقتىلاردا دېھقانلار بىنا ئۆيلەردە ئولتۇرالايدىغان بولدى، شۇنىڭ بىلەن تۆتىنچى دەرىجىلىك شەھەرلەردىمۇ ئۆي باھاسى ئۆسۈپ كەتتى. يېزىلارنى شەھەر-بازارلاشتۇرۇشمۇ ئەمەلىيەتتە شەھەرلىشىشنىڭ بىر قىسمى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بىر مىليارد 200 مىليون ئادەمنىڭ ھەممىنى ئەمەس، بەلكى بىرىنچى، ئىككىنچى دەرىجىلىك شەھەرلەرنى شەھەرلەشتۈرۈش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭغا ئامېرىكىمۇ يېتىپ بولالمايدۇ. كەلگۈسىدىكى يېڭى يېزا قۇرۇش ئىشىدىمۇ دېھقانلار يەنىلا كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدۇ. ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىقنى پەيدىنپەي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى دېھقانلارنى كۆپەيتىش، يېرى بار، شەھەر-بازار كارخانىسىدىن كىرىم قىلالايدىغان، ئولتۇرىدىغانغا بىنا ئۆيى بار بولىدىغان بولسا بېيجىڭغا بېرىپ نېمە قىلىدۇ؟ كوچا سۈپۈرەمدۇ؟ ئامانلىق ساقلىغۇچى بولامدۇ؟
ئۇنىڭدىن باشقا، دۆلەتنىڭ 12-بەش يىللىق پىلانىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغىنى: ھەر يىلى بىرىنچى، ئىككىنچى دەرىجىلىك شەھەرلەردە يېڭىدىن ئالتە مىليون يۈرۈش ئەرزان، قولايلىق ئۆي، ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي سېلىش، بەش يىلدا 30 مىليون يۈرۈش سېلىنسا، 100 مىليون شەھەرگە كىرگەن يېڭى دېھقانلارنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسى ھەل بولدى دېگەن گەپ. ئۇنىڭدىن باشقا، مېنىڭ بەش يىللىق تىجارەت تەجرىبەمگە ئاساسلانغاندا: ھازىر پەقەت چوڭ شەھەرلەردىلا بىنا سېلىش كۆلىمى چوڭ بولۇپ قالماي، ھەتتا كىچىك ناھىيىلەردىمۇ بىنا ئۆي سېلىش كۆلىمى شىددەت بىلەن يۇقىرىلاۋاتىدۇ. جىنەندىكى بىر خېرىدارىمنىڭ يەتتە يۈرۈش ئۆيى بار، ئۇلارنىڭ كەنتىدە (شەھەر ئەتراپىدىكى كەنت، خوڭجيالونىڭ يېنىدا) ئۇنىڭغا ئوخشاش تۆت يۈرۈشتىن ئۆيى بار كىشىلەر خېلى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىكەن. يەنە بېيجىڭ، ۋېنجۇدىكى خېرىدارلارمۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، جىنەنگە كېلىپ ئۆي سېتىۋالدى، لۇنېڭ لىڭشيۇچىڭ ئولتۇراق رايونىدىكى ئۆيلەرنى تاپشۇرۇپ بولغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، كۆچۈپ كىرىش نىسبىتى %50كىمۇ يەتمەيدۇ. يېرىمىدىن كۆپرەك ئۆيلەر تېخى قۇرۇق. ئۆي-مۈلۈك بېجىنى %3تىن ھسابلىغاندا قولىدا ئۈچ يۈرۈش ئۆي بار كىشىلەر ھەر يىلى نەچچە يۈز مىڭ يۈەن ئۆي-مۈلۈك بېجى تۆلەيدۇ. ئۇلار ھەم ئۆي قەرزى بىلەن ئۆسۈمىنى تۆلىشى، ھەم باج تۆلىشى كېرەك، شۇنىڭ بىلەن كۆپ مىقداردىكى نىمكەش ئۆيلەر سېتىلىشقا باشلايدۇ. بىر تەرەپتىن شەھەرگە كىرىدىغانلار ئازلايدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆيلەر جىقلايدۇ. شەھەرلىشىش ئۆي باھاسىنى تېخىمۇ يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ دېگەن سەپسەتىمۇ ئاشكارىلاندۇغۇ مانا.
10 يىل بۇرۇن نەچچە ئون مىڭ يۈەنلىك يان تېلېفون، كوميۇتېر، موتسىكىلىتنى ھازىر ھېچ قىينالمايلا سېتىۋالغىلى بولىدۇغۇ. دېمەك، 10 يىلدىن كېيىن ئۆيمۇ ئېغىر مەسىلە ھېسابلانمايدۇ دېگەن گەپكە ئىشىنىش كېرەك. ئاۋال ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرۇپ تۇرمامسىز، ھاياتىڭىزنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋاقىتلىرى ( 25 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان ۋاقىت )نى بانكىغا قەرز تۆلەپ، ئۆلگۈدەك ئىشلەپ ئۆتكۈزىۋېتەمسىز؟
ياشلارنىڭ ئۆي سېتىۋېلىشى شەك-شۈبھىسىزكى، قىسقىغىنا ياشلىقى ۋە كەلگۈسى غايىسىنى دوغا تىككەنلىك. كۆپلىگەن ياشلار بۇ قاينامغا ھەتتا قېرىغان ئاتا-ئانىسىنىمۇ سۆرەپ كىرىۋاتىدۇ.
مەنبە: تېڭشۈن تورى
تەرجىمە قىلغۇچى ئوكيان تورىدىن گۈلجەننەت |
|