قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 8290|ئىنكاس: 60

ئىسلامىيەتتىكى ئاياللار ۋە 21 - ئەسىردىكى ئاياللىرىمىزنىڭ تەقدىرى (1)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

5

دوست

1062

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   6.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34753
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 12
تۆھپە : 342
توردىكى ۋاقتى: 622
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-24 21:46:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسلامىيەتتىكى ئاياللار ۋە 21 - ئەسىردىكى خوتۇن - قىزلىرىمىزنىڭ تەقدىرى
يۈسۈپجان ئېلى ئىسلامى

    تەھرىر ئىلاۋىسى: قەدىمكى زاماندىكى ئاياللارنىڭ يىراق ئۆتمۈشى بىلەن تونۇشۇپ، ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ھەرقايسى دەۋرلىرىدە ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن غەم-قايغۇ، دەرد- ئەلەم، بالايىئاپەت ۋە ئېچىنىشلىق پاجىئەلەرنى ئەسلەپ، بەختسىز بولۇپ قېلىشنىڭ مەنبىئى، سەۋەبلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە 21 - ئەسىردىكى خوتۇن - قىزلىرىمىزنىڭ ئىستىقبالى، شۇنداقلا تەقدىرى ھەققىدە قايتا ئويلىنىش — نۆۋەتتە ھەربىر ئانا، خوتۇن- قىز، ئاچا - سىڭىل ۋە ئۇلارنىڭ مېھرىبان شاپائەتچىسى، كۈچلۈك ئارقا تىرىكى، ئىمانلىق تەربىيىچىسى بولمىش ھەربىر ئاتا، ئەر-ئوغۇل، ئاكا ۋە ئۇكىلارنىڭ سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىشىغا تېگىشلىك جىددىي بىر مەسىلە بولۇپ، ئالدىمىزغا قويۇلماقتا. خەلقىمىزنىڭ قەدىمكى زامان ھوقۇق تارىخچىسى مۆھتەرەم يۈسۈپجان ئېلى ئىسلامى ئەپەندىنىڭ بۇ رىسالىسى دەل مانا مۇشۇ ئېھتىياجنى قاندۇرۇپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئىسلام پەلسەپىسى بىلەن ئوپېراتسىيە قىلىپ، ئەخلاق بىلەن ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ قەدىر-قىممىتى بىلەن ئىززەت-ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىپ، نېمە قىلىشنى بىلمەي تېنەپ قېلىۋاتقان خوتۇن-قىزلىرىمىزغا توغرا يول كۆرسىتىپ روھىي ئوزۇق ئاتا قىلىدۇ.
1
    ياۋروپا مەدەنىيىتىنىڭ ئاتىسى ھېسابلانغان قەدىمكى مىسۇپوتامىيە ۋادىسىدا بۇنىڭدىن ئالاھازەل قىياس ئالتە مىڭ يىللار بۇرۇن ياشىغان سومېرلار، ئاسورىيلەر ۋە بابىلونلىقلارنىڭ مەدەنىي يادىكارلىقلىرىدا ئاياللارغا تېگىشلىك ئورۇن بېرىلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات يوق. مىلادىدىن ئاۋۋالقى 18- ئەسىردە قەدىمكى بابىل خانلىقىنىڭ پادىشاھى ھاممۇرابى تەرىپىدىن جاكارلانغان «ھاممۇرابى قانۇنى»دا ئاياللارنىڭ گۇناھكارلاردىن ئىكەنلىكى توغرىسىدا ماددىلار بار، ئۇنىڭغا ئاساسەن، ئەرلەر ئاياللارنى ئۆلتۈرۈۋەتسە ئۆلتۈرگۈچىگە ئۆلۈم كەلمەيتتى. ئەرلەر ئاياللىرىنى سېتىۋېتىشكە ياكى قۇل ئورنىدا قەرزگە تۇتۇپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق ئىدى. ئاياللار ئەرگە تېگىش ئۈچۈن مەخسۇس ئىبادەتخانىلارغا كېلىپ، سېتىلىدىغان بۇيۇم ئورنىدا تۇراتتى. چىرايلىقلىرى دەرھال سېتىۋېلىنسا، سەتلىرى ئۈچ-تۆت يىللاپ ئولتۇرۇپ كېتەتتى. بۇنداق ئىبادەتخانىلار تولاراق پاھىشە خانا خاراكتېرىنى ئالغان ئىدى. دەللاللار قاۋاقخانا ئېچىپ، سولامچىلىق بىلەن تۇرمۇسىنى قامدايتتى. نامرات ئائىلىلەرنىڭ قىزلىرى ئۆز تېنىنى سېتىپ جان باقاتتى. قەدىمكى ھىندىستاندا ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ناھايىتى تۆۋەن ئىدى. ھىندى ئالىمى دوكتور گوستاپ ئەپەندىنىڭ «تەمەددۇنى ھىندى» (ھىندى مەدەنىيىتى) دېگەن كىتابىدىكى قەيتلەرگە كۆرە، ھىندىستاننىڭ قەدىمكى قانۇنىدا: «ۋابا كېسىلى، ئۆلۈم، دەۋزەخ، زەھەر، زەھەرلىك يىلانلار، ئوت قاتارلىقلارمۇ خوتۇن كىشىدىن ياخشىراقتۇر» دېيىلگەن. ئۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئاياللارنىڭ تەقدىرى ئۇلارنىڭ خوجايىنى بولغان ئەرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەرلىرى ئۆلسە ئۇلار ئەرلىرى بىلەن بىللە تىرىك كۆمۈلەتتى ياكى ئوتتا كۆيدۈرۈلەتتى. «مانو قانۇنى»دا: «ئاياللار قىز بولسۇن، جۇۋان بولسۇن ۋە ياكى قېرى موماي بولسۇن، ئۆز ئەركىنلىكىنى تاللاش ھوقۇقى يوق. ئۇلار ئۆيدە ئاتىسىغا، تالاغا چىقسا ئېرىگە، ئېرى ئۆلسە ئوغلىغا ئىتائەت قىلىشى لازىم. تول ئاياللارنىڭ قايتىدىن ياتلىق بولۇشى راۋا ئەمەس. يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، يۈرۈش-تۇرۇش ۋە تارىنىش، ياسىنىش جەھەتتە ئۆلگۈچە پەرھىز تۇتۇشى لازىم. ئاياللارنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى يوق، ئۇلارنىڭ بارلىقى ئەرلىرىگە مەنسۇپ» دېيىلگەن. ئۇلار دەرەخ ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرگە چوقۇنىدىغان بولغاچقا ھەر يىلى شۇلارغا ئاتاپ ھەر بىرى ئۈچۈن بىردىن قىز قۇربانلىق قىلاتتى. مۇئەللىپ ئابدۇلفەتتاھنىڭ «روھۇد دىينىل ئىسلام» (ئىسلام روھى) دېگەن ئەسىرىدىكى قەيتلەرگە قارىساق، «تەۋرات»مۇ خوتۇنلارغا ھىندى قانۇنلىرىدىن رەھىمدىلرەك ئەمەس ئىدى. تەۋراتنىڭ «جامىئە» قىسمىدا مۇنداق يېزىلغان: «خوتۇن كىشى ئۆلۈمدىنمۇ ئاچچىق بىر نەرسىدۇر. خوتۇن كىشى (ئادەمنى ئوۋ قىلىدىغان) سىرتماق، ئۇنىڭ قەلبى قىسماق، ئۇنىڭ ئىككى قولى كىشەندۇر. مىڭ ئادەم ئارىسىدىن كېرەكلىك بىر ئادەم تېپىلىدۇ. مىڭ خوتۇن ئارىسىدىن كېرەكلىكىدىن بىرسى تېپىلمايدۇ». مىسىرلىق دوكتور ئەھمەد شەلەبىنىڭ «مۇقارىنەتۇل ئەديان ئەل ئىسلام» دېگەن كىتابىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مىلادىيە 6- ئەسىردە رىم ئاقساقاللىرى «‹ئاياللار روھى بار جىسىممۇ ياكى مۇتلەق جىسىممۇ؟› دېگەن تېمىدا كېڭەش ئۆتكۈزۈپ، ئاياللار دەۋزەخ ئازابىدىن قۇتۇلۇپ قالغان ئۇ دۇنيالىقى يوق، روھى بار پاسكىنا جىسىم، ئۇلار گۆش يېمەسلىكى، كۈلمەسلىكى كېرەك. ئۇلار ئىبادەت قىلىشقا ۋە ئەرلەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا يارىتىلغان» دېگەن پىكىردە بىرلىككە كېلىشكەن. رىملىقلار ئاياللارنى شەيتاننىڭ ھەمراھى، ئازدۇرغۇچى يامان روھ، بارلىق جىنايەتنىڭ مەنبەسى، شەيتان ئادەمزاتنىڭ روھىي دۇنياسىنى ئاياللار ئارقىلىق چىرىتىدۇ. ۋە نابۇت قىلىدۇ، دەپ قاراپ، خوتۇن - قىزلىرىنى تۆلەم ئورنىدا باشقىلارغا بېرىۋېتەتتى. ئاياللار ھەر خىل تەن جازالىرىغا ئۇچراپ تۇراتتى. بۇ چاغدىكى ئاياللارنىڭ سۆزلەش ھوقۇقى بولمايتتى. ئۇلارنىڭ گەپ قىلىشنى توسۇش ئۈچۈن، رىملىقلار ئاياللارنىڭ ئاغزىغا تۆمۈر قۇلۇپ سېلىپ قوياتتى. بەزى ئالىملار بۈگۈنكى كۈندىكى ئاياللارنىڭ پۇتىغا سېلىۋالغان ھالقا ئەنە شۇ قەدىمكى زاماندىكى ئاياللارنىڭ پۇتىغا سېلىنغان كىشەندىن، بوينىغا ئېسىۋالغان ئالتۇن زەنجىر بولسا، قەدىمكى زاماندىكى ئاياللارنىڭ بوينىغا سېلىنغان قۇلۇپلۇق زەنجىردىن ئۆزگىرىپ كەلگەن، قۇلىقىغا سالغان ھالقا ۋە قولىدىكى ئۈزۈكلەرمۇ ئەنە شۇلارنىڭ راۋاجى دېيىشىدۇ. «شۇبھاتى ھەۋەلەل ئىسلام»دا يېزىلىشىچە، ئافىنا (يۇنان) ئاياللىرى ئېلىپ-سېتىلىدىغان ماددىي بۇيۇم ئىدى. ئۇلار ئاياللارنى شەيتاندىن ئاپىرىدە بولغان مەينەت، پاسكىنا مەخلۇق دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىشتىنمۇ يىرگىنەتتى. ئاياللارنىڭ شۇملۇقى، نىجىسلىقى، پەسكەش ۋە بۇزۇقلۇقىدىن گۇناھ سادىر بولىدۇ، ئاياللاردىن يىراق تۇرغاندىلا ئاندىن ئالىي پەزىلەت ۋە يۇقىرى مەرتىۋە قولغا كېلىدۇ، دەپ قارايتتى. بەنى ئىسرائىل قەبىلىسى (يەھۇدىيلار)نىڭ خاتا گۇمانىچە ئاياللار ئەرلەرنى جەننەتتىن قوغلاپ چىقارغان بولۇپ، ئۇلار كەمسىتىلىپ ئەڭ ئېغىر ئىشلارغا سېلىناتتى. ئۇلار بەزىدە قىزلارنى ئۆلتۈرۈپ نەزىر ئۆتكۈزەتتى. پارس تارىخچىسى شاخىم ماكارىئوسنىڭ «ئىران تارىخى» دېگەن كىتابىدىكى قەيتلەرگە قارىساق، قەدىمكى ئىران نادانلىق بىلەن جىنايەتنىڭ بۆشۈكى بولۇپ، دۇنيانىڭ ھېچقانداق بىر يېرىدە تېخى مەۋجۇت بولمىغان نىكاھ تۈزۈمى ئىراندا قانۇنلۇق دەپ قارىلاتتى. ئۇنىڭدا يېزىلىشىچە، شۇ ۋاقىتتىكى ئىران پادىشاھى يەزدىگەرد ئىى ئۆزىنىڭ قىزىغا ئۆيلىنىپ، خوتۇنلاپ بولغاندىن كېيىن ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى. مەشھۇر ئەرەب تارىخ ئالىمى ئەبۇ جەفەر مۇھەممەد بىننى جەرىر بىننى يەزىد ئەل-تەبەرى (ھىجرىيە 224 — 310) نىڭ «تارىخى تەبەرى» دېگەن كىتابىدىكى قەيتلەرگە قارىغاندا، ئىران شاھى بەھرام چۆبىن ئۆزىنىڭ سىڭلىسىنى خوتۇنلۇققا ئالغان ئىدى. شۇەنزاڭ تەرىپىدىن يېزىلغان «بۈيۈك تاڭ دەۋرىدە غەربكە ساياھەت خاتىرىسى»دە يېزىلىشىچە، ئىران جەمئىيىتى ۋە ئۇنىڭ قانۇنى ھەرقانداق  شەكىلدىكى نىكاھلىنىشنى چەتكە قاقمايتتى.
    ئىران ساسانىيلار دەۋرىدە مانى دىنى تەلىماتى مەيدانغا كەلدى. ئۇ بىر تەرەپتىن شۇ زاماندا ئەۋج ئالغان ئەخلاقسىزلىق ھەم چۈشكۈنلۈككە قارشى تۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن قەدىمكى ئىران پەيلاسوپلىرىنىڭ قىزىقىپ تەتقىق قىلغان ئاتالمىش يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق كۈرىشى تەلىماتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىدى. مانى (216 — 276) مىلادىيە 3- ئەسىردە ئون ئىككى يېشىدا تەركىدۇنيالىقنى تەشۋىق قىلدى. ئۇنىڭچە بولغاندا، شۇ زاماندىكى ئىنسانلار ئارىسىدا يامراپ كەتكەن ھاراقكەشلىك، زىناخورلۇق، شەھۋەتپەرەسلىك قاتارلىق قورقۇنچلۇق كېسەلنى ئۇنىڭ تەلىماتى ئارقىلىق داۋالىغىلى بولاتتى. ئۇ بارلىق رەزىللىكلەر قاراڭغۇلۇقنىڭ يورۇقلۇققا قارشى تۇرغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، يورۇقلۇقنىڭ قاراڭغۇلۇقنى بويسۇندۇرۇشى ئۈچۈن ئىنسانلار نەسلىنى ئاۋۇتماسلىقى كېرەك، دېدى. مانى دىنىنىڭ رىۋايىتىدە  ئۇنىڭغا ئون ئىككى يېشىدا ۋە يىگىرمە تۆت يېشىدا ئىككى قېتىم زىناخورلۇق ۋە ئادەم، جانلىقلارنى ئۆلتۈرۈشنى مەنئى قىلىش ھەققىدە ۋەھىي كەلگەن دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ دىنىي تەشۋىقاتىغا ئاتىسى ۋە باشقا يەنە ئىككى ئادەملا ئاۋاز قوشقان، ئۇ ئۆز تەلىماتىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن تەبىىسفون، موقران، تۈركىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا، ھىندىستان ۋە جۇڭگوغا كەلگەن، ئاخىردا مىلادىيە 273- يىلى مانى مەملىكىتى ئىرانغا قايتقان. ئەمما، شۇ ۋاقىتتىكى ئىران پادىشاھى بەھرام: «بەختسىزلىكنى تەشۋىق قىلغۇچى بۇ ئادەمنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئۇرۇقىنى قۇرۇتىدىغان سۇيىقەستى ئىشقا ئېشىشتىن بۇرۇن ئۆزى ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك» دەپ جاكارلىدى ۋە 276- يىلى بەھرام ئۇنى تۇتۇپ گۇندى شافۇر زىندانىغا قامىدى ۋە يىگىرمە ئالتە كۈندىن كېيىن كىرستقا مىخلاپ ئۆلتۈردى. مانى ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ۋارىسلىرى، شاگىرتلىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى. ئەمما، ئۇنىڭ دىنىي تەلىماتى بۇ دىننىڭ مەركىزى بولغان بابىلونىيە ۋە باشقا شەھەرلەردە تەشۋىق قىلىنىۋەردى. مۇرىتلار ئەزەربەيجان، كىچىك ئاسىيا (ئانا-تولى)، مىسىر، مەغرىب (شىمالىي ئافرىقا)، ئوتتۇرا ئاسىيادا دىن تارقاتتى. مانى تەلىماتى شەرقتە، بولۇپمۇ يايلاق مىللەتلىرى ئىچىدە ئۈنۈملۈك تارقىتىلدى. 8- ئەسىردە ئۇيغۇرلار مانى دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتتى.
     مانى ئۆلۈپ ئىككى يۈز يىلدىن كېيىن، يەنى پادىشاھ قۇباد دەۋرى (488 — 531)دە ئىرانلىقلارنڭ شاللاقلىق مىجەزى قايتىدىن قوزغىلىپ، مەزدەك ھەرىكىتى دېگەن بىر تەتۈر بوھران كۆتۈرۈلدى. ئوتتۇرا ئەسىردە ياشىغان ئىسلام پەيلاسوپى ۋە تارىخ ئالىمى ئەبۇ فەتتاھ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلكەرىم ئىبنى ئەھمەد شىھىرىستانى (10860 — 1153)نىڭ «ئەلمىلەل ۋە ئەلنىھەل» دېگەن ئەسىرىدىكى قەيتلەرگە قارىغاندا، مەزدەك ئىنسانلار بىر ئاتا بىر ئانىدىن تۆرەلگەن. شۇڭلاشقا خۇددى ئوت، سۇ ۋە يېمەك- ئىچمەككە ئېھتىياجلىق بولغاندەك جاھاندىكى بارلىق ئەرلەر، بارلىق خوتۇنلار ۋە مال-دۇنيادىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشى كېرەك، دېگەننى تەشۋىق قىلدى. بۇ خوتۇن-قىزلارنىڭ بېشىغا كەلگەن دۇنياۋى خاراكتېرلىك چوڭ بىر ئاپەت، شۇنداقلا بارلىق ئەركەكلەرنىڭ ئەرلىك غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىدىغان دەھشەتلىك كەمسىتىش ئىدى. مەزدەك تەلىماتى ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن تەڭ خۇددى «تارىخى تەبەرى»دە ئېيتىلغاندەك، «ئۆز مەيلىچە ئىش قىلىشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن بىمەنە، چاكىنا، شاللاق ئادەملەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مەزدەك مۇرىتلىرىغا ئايلاندى. ھەتتا پۇقرالارمۇ خۇددى شىددەتلىك بوران كەبى كەلگەن بۇ ھەرىكەتكە قاتنىشىپ كەتتى. ھەممەيلەن ئۆز ئىختىيارىچە باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئۈسۈپ كىرەلەيتتى، باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالاتتى. شۇنداق قىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى تونۇمايدىغان، بالىلار ئاتا-ئانىلىرىنى تونۇمايدىغان بولدى». ئۇلارنىڭ ھايۋانلاردىن ھېچبىر پەرقى يوق ئىدى. مەزدەك مۇرىتلىرى پادىشاھ ئوردىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ، پادىشاھ قۇبادنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە بۇ ھەرىكەتكە قاتنىشىشقا قىستىدى. مەزدەك دىنى پادىشاھنىڭ قوللىشى ۋە مەدەت بېرىشىدە ھەش-پەش دېگۈچە پۈتۈن مەملىكەتكە تارقالدى. ئىران چىرىكلىك، مالىمانچىلىق، زىنا، پاھىشە، شەھۋەتپەرەستلىك، پاسكىنا، مەينەتچىلىك بىلەن بولغانغان، خوتۇن-قىزلار قاتتىق دەپسەندە قىلىنغان بىر قورقۇنچلۇق دۇنياغا ئايلاندى. ئاللانىڭ ئىرادىسى بۇنىڭغا قەيئىي يول قويمايتتى. مىلادىيە 496- يىلى ئىران ئاقسۆڭەكلىرى پادىشاھ قۇباد ئى نى تەختتىن چۈشۈردى. 6- ئەسىرنىڭ بېشىدا مەزدەكلەر ئىفتالىتلار ئارىسىدا پاناھلىنىۋاتقان پادىشاھ قۇباد ئى دىن ئۆزلىرىنى تەخت ۋارىسى قىلىپ بەلگىلەشنى تەلەپ قىلدى. ئەمما، 529- يىلىدىكى ئاقساقاللار كېڭىشى مەزدەك تەلىماتىنى بىردەك بىدئەتلىكتە ئەيىبلەپ، مازداق ۋە ئۇنىڭ سەكسەن مىڭ مۇرىتىنى دارغا ئاستى.
    ھىندىستانلىق ئىسلام ئالىمى مەۋلانە ئەبۇل ھەسەن ئېلى نەدىۋنىڭ «مازا خەسىرەل ئالەم بىنھىتاتىل مۇسلىمىن» دېگەن مەشھۇر ئەسىرىدىكى قەيتلەردىن جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئەرەبلەر رەزىللىك بىلەن قاباھەتنىڭ پاتقىقىغا پېتىپ قالغان بولۇپ، جازانىخورلۇق، زىناخورلۇق، ھاراقكەشلىك، قاتىللىق، بۇلاڭچىلىق ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ناھايىتى كەڭ ئەۋج ئالغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.  جاھىلىيەت دەۋرىدىكى شېئىرلارنىڭ كۆپ قىسمى مۇشۇ ناچار، قەبىھ ئادەتلەرنى تەسۋىرلەپ يېزىلغان بولۇپ، ئەرەبلەرنىڭ يازما ۋەسىقىلىرىدىنمۇ ھاراقنىڭ پۇرىقى كېلەتتى. قىمار — ئەرەبلەرنىڭ پەخىرلىنىدىغان بىر خىل كەسپى بولۇپ، ئۇلار باشقىلارنىڭ ئۆزىنى قىمارغا تەكلىپ قىلغانلىقىنى رەت قىلىشنى ئادەمنىڭ يۈز خاتىرىسىنى قىلمىغانلىق ھېسابلايتتى. قىمار كۆپىنچە قەبىلىلەر ئارىسىدا بولىدىغان قىساس ۋە قان تۆكۈلۈشلەرگە سەۋەبچى بولاتتى. زىنا ئەرەبلەردە گۇناھ ھېسابلانمايتتى. پاھىشىۋازلىق ھەر خىل شەكىللەر بىلەن بۇ جەمئىيەتنىڭ بەلگىسىگە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، پاھىشە ئاياللار ئۆزىنىڭ تۇرالغۇسىغا بىر بايراق قاداپ بەلگە قىلىپ قوياتتى. ئەرەب ئاياللىرىدا مال- مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى بولمايتتى.تۇل خوتۇنلار ۋە ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن خوتۇنلارنىڭ قايتا ئەرگە تېگىشىگە رۇخسەت قىلىنمايتتى. ئەرەبلەرنىڭ ئادىتى بويىچە، ئاتىسى ئۆلسە خوتۇنلىرى بىلەن مال- دۇنياسىغا چوڭ ئوغلى ۋارىسلىق قىلاتتى. غۇرۇر ۋە نامراتلىق تۈپەيلى يېڭى تۇغۇلغان قىز بوۋاقلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىدىغان قەبىھ ئادەت ھەر قايسى ئەرەب قەبىلىلىرى ئىچىدە ئومۇملاشقان بولۇپ، ھەر ئون ئەرەبتىن بىرى قىزىنى ئۆلتۈرۈپ گۇناھكار بولاتتى. بۇ چاغدا ئاللانىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان قىممەتلىك سوۋغىسى بولغان ئەخلاق ئېتىباردىن يىراقلاشتى، باتۇرلۇق بىلەن كۈچ زوراۋانلىق ۋە زۇلۇمنىڭ ۋاستىسىغا ئايلاندى. بۇزۇپ چېچىش ۋە ئىسراپچىلىق سېخىيلىقنىڭ بەلگىسى قىلىندى، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ ھاكاۋۇرلۇق قىلىش غۇرۇر سانالدى. پىلان-تەدبىرنىڭ ئورنىغا ھىيلىگەرلىك دەسسىدى. ئەقىلنىڭ بىردىنبىر ۋەزىپىسى جىنايەتنى لايىھىلەش ياكى كۆز كۆرسە يۈرەك جىغىلدايدىغان، يېڭىچە چىرىك، شەھۋانىي تۇرمۇشنى ئىجاد قىلىش بولۇپ قالدى. ئادەم ياشايدىغانلىكى جايلارنىڭ ھەممىسىدە ھەسرەت-نادامەت ۋە ئەندىشە-كۆڭۈلسىزلىكلەر ئەۋج ئالدى. سىياسەت قالايمىقان ئىشلىتىلدى، ئۇ خۇددى قالايمىقان چېپىپ يۈرگەن ياۋا تۆگىگە، ھوقۇق كەيپ بولۇپ قالغان ھاراقكەشنىڭ خەنجىرىگىلا ئوخشايتتى. ئۇ ئەقلىدىن ئاداشقان بولۇپ، مەيلى ئۆزىگە ياكى ئۆزگىگە بولسۇن پىچاق بىلەنلا تاقابىل تۇراتتى.
    يىغىنچاقلىغاندا، خرىستىئان دىنى يىلنامىسىنىڭ 6- ئەسىردە دۇنيادا بىرەرمۇ ساغلام دۆلەت، پەزىلەتلىك، غايىلىك بىرەرمۇ جەمئىيەت، پۇقرالىرىغا ئادىل مۇئامىلە قىلىدىغان بىرەرمۇ ئەدلى- ئادالەتلىك دانا ھۆكۈمران يوق بولۇپ، بۇ ۋاقىتتىكى دۇنيا تەپرىقىچىلىك ۋە توپىلاڭلارنىڭ ئانا مەنبەسى بولۇپ قالغان ئىدى. ئاللانىڭ ئىرادىسى بۇرمىلانغانلىقتىن كىچىككىنە يورۇقلۇق چىقىرىپ تۇرغان چېركاۋ ۋە ئىبادەتخانىلار زۇلمەت كېچىدە خىرە- شىرە يورۇپ تۇرغان شامغا ئوخشايتتى. ئۇ چاغدا ھەقىقەتنىڭ نۇرى ئۆچۈپ، ئادالەت ئۆزىنى دالدىغا ئالغان ئىدى. گەرچە ئىنسانلار زۇلمەت ئىچىدە نەچچە يۈز يىل ئىزدەنگەن بولسىمۇ، بىرەر كۈچمۇ ئۇلارنى خەتەرلىك يارنىڭ لېۋىگە كېلىپ قالغان ۋەزىيەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالمىدى. مانا مۇشۇنداق بىر چاغدا يەنە كېلىپ خۇددى ئۇلۇغ ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئالىمى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» دېگەن كىتابىدا ئېيتىلغىنىدەك: «زامان ئەھلىنىڭ ئەڭ ساغلاملىرى كېسەل، ئەڭ سۆزمەنلىرى كېكەچ بولۇپ قالغان بىر چاغدا مېھرىبان ئاللاھ ھالال بىلەن ھارام ئىشلار ئېنىق ۋە تولۇق بايان قىلىنغان قۇرئاننى جىبرىيل ئارقىلىق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈردى. شۇنىڭ بىلەن توغرا يولنى كۆرسىتىپ، مەشئەل ۋە يول كۆرسەتكۈچ بەلگە تىكلەپ بەردى». مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سېيماسى سەھنىدىكى داھىي ئەمەس، بەلكى ئاللانىڭ يولىنى تەشۋىق قىلغۇچى، ئىنسانلارنى يامان ئىشتىن ئاگاھلاندۇرغۇچى نۇرلۇق مەشئەل ئىدى. ئۇ بىر خىل گۇناھ بولىدىغان ئىشنى يەنە بىر گۇناھ بولىدىغان ئىشنىڭ ئورنىغا دەسسەتمىدى، بىر جايدا ئادالەتسىزلىكنى يوقاتقاندىن كېيىن يەنە بىر جايدا يېڭى ئادالەتسىزلىك پەيدا قىلمىدى. ئۇ باشقا مىللەتلەرنىڭ غايىسى ۋە ئارزۇسى تۇپرىقىدا ھەيۋەتلىك ئەرەب قەسىرلىرىنى بىنا قىلمىدى. ئىنسانلارنى رۇم ۋە پارس ئىستىبداتلىرىنىڭ بويۇنتۇرقى ئاستىدىن ئازاد قىلغاندىن كېيىن، ئەدنان ۋە قەتان ھۆكۈمرانلىرىنىڭ خارلىشىغا تاشلاپ قويمىدى. ئۇ بىرەر دۆلەت ياكى ئۈممەتكە دىن  تارقاتمىدى، بەلكى ئەرەبلەرنى دىن تارقىتىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرى ئۆستىدە باش قاتۇردى. چۈنكى، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەرەب جەمئىيىتى ئىجتىمائىي ئادالەت ۋە بايلىقنىڭ تەقسىم قىلىنىشى جەھەتتىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ چىرىك جەمئىيەت ئىدى.
    ئىسلام دىنى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ ئىرشادلىرى ۋە ھېكمەتلىك كۆرسەتمىلىرى بىلەن ئەر-ئاياللارنىڭ ھەر بىرىنىڭ بىر-بىرى ئۈستىدىكى ھوقۇقلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئەر-خوتۇنلۇق ئالاقىنى ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ يۈكسەك ئالاقىلەردىن قىلدى. «قۇرئان كەرىم» ئېنىق قىلىپ، ئەر-ئاياللارنىڭ يارىتىلىشتا، بۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە ئوخشاش ئىكەنلىكى (4:1، 49:13)، قىلغان ئىش- ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكى (33:35، 16:97، 60:12، 4:32، 4:124)، ئەر بىلەن ئايال ئىنسانلىق خۇسۇسىيەتلىرىدە ۋە ئىنسانلىق ھۆرمەتتە ئوخشاش ئىكەنلىكى (17:70)، ئەر بىلەن ئايال ئىسلام شەرىئىتىدە بۇيرۇلغان ئەمەل ئىبادەتلەرنى بەجا كەلتۈرۈشكە تەكلىپ قىلىنىشتا ئوخشاش ئىكەنلىكى (3:195)، ئەر بىلەن ئايال ئىسلام شەرىئىتىدە مەنئى قىلىنغان ئىشلاردىن توسۇلۇشتا ئوخشاش ئىكەنلىكى (28:84)، ئەر بىلەن ئايالنىڭ قىساستا ئوخشاش ئىكەنلىكى، يەنى بىر ئەر بىر ئايالنى ناھەق ئۆلتۈرگەن بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ئايال ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقى شۇنىڭدەك ئەگەر بىر ئايال بىر ئەرنى ئۆلتۈرگەن بولسا، ئۇ ئايالنىڭمۇ شۇ ئەر ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى (2:178)، ئەر بىلەن ئايال مال-مۈلۈككە ئىگىدارچىلىق قىلىشتا ئوخشاش ئىكەنلىكى، يەنى ئەر كىشى مال-مۈلۈككە قانداق ئىگە بولالىسا، ئاياللارنىڭمۇ شۇلارغا ئوخشاش مال-مۈلۈك ساھىبى بولۇشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى (33~32: 4)، ئەر بىلەن ئايال مىراس ئېلىش ھوقۇقىدا ئوخشاش ئىكەنلىكى، يەنى ئەرلەر مىراس ئالغاندەك ئاياللارنىڭمۇ مىراس ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى (4:7) قاتارلىقلارنى بېكىتتى. «قۇرئان كەرىم» يەنە ئەر بىلەن ئاياللارنىڭ نىكاھلىنىش ھوقۇقىدا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى، يەنى ئەرلەر ئۆزلىرى خالاپ ياخشى كۆرگەن ئاياللار بىلەن توي قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغاندەك، ئاياللارنىڭمۇ ئۆزلىرى خالاپ ياخشى كۆرگەن ئەرلەر بىلەن توي قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئوغۇل-قىزلارنى ئۇلار خالىمىغان بىرسى بىلەن توي قىلىشقا زورلاشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىنى بېكىتتى. بۇنىڭ بىلەن ئاياللار ئۆزلىرى خالىمىغان ئەرلەرگە تەگمەسلىككە، ئۆزلىرى خالىغان ئەرلەرگە تېگىشكە ھوقۇقلۇق بولدى. بۇ پۈتۈن دۇنيانىڭ ھوقۇقلىرى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ بىر ھوقۇق ئىدى. ئىسلام دىنى ئەرلەرنى ئاياللارغا ياخشىلىق قىلىشقا، ئاياللارنى ئەرلەرنى ھۆرمەت قىلىشقا تەۋسىيە قىلدى ھەمدە خۇددى ئاياللىرى ئۈستىدە ئەرلەرنىڭ ھەقلىرى بولغىنىدەك، ئەرلىرى ئۈستىدە ئاياللىرىنىڭمۇ ھەقلىرى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئىسلام دىنى ئاياللار خۇسۇسىدا ئۆزىدىن بۇرۇنقى ھەرقانداق بىر دىن ۋە مەدەنىيەتكە قارىغاندا ئىلغار يول تۇتتى. «قۇرئان كەرىم» ئىلىمنىڭ ئىنسانىيەتكە بولغان مۇھىملىقىنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىلىم يالغۇز ئىمتىياز ئىگىلىرىگىلا مەنسۇپ بولماستىن، بەلكى ئۇنى ئۆگىنىشكە ئىنتىلىدىغان ھەرقانداق كىشىگە مەنسۇپ ئىدى. ئىسلام دىنى ئەر بىلەن ئاياللارنىڭ ئىلىم-مەرىپەت ئۆگىنىشكە بۇيرۇلۇشتا ئوخشاش ئىكەنلىكى، يەنى ئىسلام دىنى  مۇسۇلمانلارنى ئىلىم ئۆگىنىشكە بۇيرۇغاندا ئەر، ئايال دەپ ئايرىماستىن ھەر ئىككىسىگە ئوخشاش ئەمىر قىلىدىغانلىقىنى، بىلىمنىڭ دىنىي ئىلىم ۋە شۇنداقلا شەخسكە، مىللەتكە، جەمئىيەتكە پايدىلىق بارلىق ئىلىم- پەن ۋە مەدەنىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى (3:18، 35:28، 39:9) قاتارلىقلارنى ئوقتۇردى ھەمدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلىم تەھسىل قىلىشىنى ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ شۇنداقلا ئىسلامىيەتنىڭ ئەڭ روشەن ۋە ئەڭ مۇھىم بىر بەلگىسى قىلىپ بېكىتتى. روسۇلىللا ھەزرەتلىرى خۇددى مەشھۇر تاتار ئالىمى رىزائىددىن ئىبنى پەخرىدىن (1859 — 1936)نىڭ «جەۋامىئولكەلىم شەرھى» كىتابىدا كۆرسىتىلگەندەك «پۈتۈن ئەھلى ئىسلام ئىچىدە ئىلىم يېيىلىشنى ئارزۇ قىلاتتى ۋە ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە كېرەكلىك بىلىملەرنى ئۆزى ئۆگىنىش لازىم ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلاتتى. لېكىن بۇ (تەشەببۇس) بەختسىزلىككە قارشى بۈگۈنگە قەدەر (20- ئەسىرگە قەدەر) مۇسۇلمانلار ئىچىدە ھېچبىر ئەسىردە ۋە ھېچبىر مەملىكەتتە ئىجرا قىلىنمىدى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىدى. بۇنىڭ گۇناھى دىندا ئەمەس، بەلكى ئۈممەتنىڭ ئۆزىدە» ئىدى.
2
    19- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىسلامىيەت دۇنياسىدا بىر تۈركۈم ئىلغار پىكىرلىك ئالىملار مەيدانغا كەلدى. ئۇلار 19- ئەسىردىكى مۇسۇلمانلرنىڭ ئىززەت- ئابرۇيىنىڭ تۆكۈلۈپ كېتىپ، ياۋروپالىقلارنىڭ مەسخىرىلىرى بىلەن ئەيىبلەشلىرىگە باھانە بولۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى؛ ئىلىم-مەرىپەتنىڭ كېمىيىپ، خار-زەبۇنلۇقلارنىڭ ئەۋج ئالغانلىقى؛ سەپەر يۈرۈشلىرىگە خۇراپاتلىق ئارىلىشىپ، دېھقانچىلىق، سودا- سانائەتتە ئارقىدا قالغانلىقىنى؛ رەسۇلىللاھ زامانىسىدا خاتىمە بېرىلگەن جاھىلىيەت دەۋرى ئىللەتلىرىنىڭ تەكرارلىنىۋاتقانلىقىنى ھەم بۇلارغا سەۋەب بولۇۋاتقان نەرسىنىڭ دەل مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز پەيلى ئېتىبارى ئىكەنلىكىنى كۆردى. ئۇلار ئىسلام دىنىنى دەۋرگە ماس ھالدا شەرھلەپ، ئۇنىڭ ھەقىقىي روھىي قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق (يېڭى نەرسىلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئەمەس) غەرب ئەللىرىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان تۈزۈمنىڭ ئىسلام جەمئىيىتىدە ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان توغرا ۋە ساغلام بىر دۆلەت شەكلى بولۇپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. ئۇلار ئىسلامىيەت دۇنياسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ تەرەققىي تاپتۇرۇش ئۈچۈن، پۈتۈن ئاھالىنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلغان ئاياللارنى ئويغىتىش، ئۇلارنىڭ جاراھەتلەنگەن قەلبلىرىگە مەلھەم سۈرۈپ، ئۇلارنى مۇسۇلمانلارنىڭ مۇنەۋۋەر ئانىلىرى، ئاچىلىرى، خوتۇنلىرى ۋە سىڭىللىرىغا ئايلاندۇرۇشنىڭ لايىھىلىرىنى تۈزۈپ چىقىشتى.
يېقىنقى زامان ئىسلام تارىخىدا ئاياللار مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلغۇچىلارنىڭ باشلامچىسى ۋە بايراقدارى مىسىرلىق ئىمام ئەزھەرى شەيخ رىفائەرافى ئەل تەختەۋى (1801 — 1875) بولدى. ئۇ يېقىنقى زاماندىكى مەشھۇر ئىسلام ئالىمى، شۇنداقلا مىسىرغا ئەڭ بۇرۇن غەرب دۇنياسىنىڭ ئىلىم-مەرىپىتى بىلەن دېموكراتىك ئىدىيىنى كىرگۈزگەن داڭلىق مۇتەپەككۇر ۋە مائارىپچى ئىدى. ئۇ ھىجرىيە 1241- يىلى (مىلادىيە 1825 — 1826)، يەنى يىگىرمە يېشىدا ئۆز زامانىسىنىڭ ئەللامىسى ھاشىم ئاتا دېگەن كىشىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن مىسىر نائىبى مۇھەممەد ئېلى پاشا (1769 — 1849) تەرىپىدىن پارىژغا ئوقۇشقا ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئىمام بولۇپ تەيىنلەندى ۋە 1826- يىلىدىن 1831- يىلىغىچە پارىژدا تۇردى. گەرچە ئۇ پارىژغا ئىماملىق سالاھىيىتى بىلەن (ئوقۇغۇچىلىق سالاھىيىتى بىلەن ئەمەس) بارغان بولسىمۇ، فرانسۇز تىلىنى قىلچە بوشاشماي تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ناھايىتى قابىل تەرجىمان بولۇپ يېتىشىپ چىقتى. ئۇ دۇنيانىڭ قەدىمكى زامان تارىخى، يۇنان پەلسەپىسى، دىنشۇناسلىق، جۇغراپىيە ئىلمى، ماتېماتىكا، مەنتەقە ئىلمىگە ئائىت نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئوقۇدى. ئۇ سىستېمىلىق ھالدا يەنە فرانسىيە مۇتەپەككۇرلىرىدىن مۇنتيوسكۇ، ۋولتىر ۋە روسسۇنىڭ ئەسەرلىرىنى قېتىرقىنىپ ئۆگەندى. مۇھەممەد ئېلى پاشا ئۆزىنىڭ پارىژغا ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچىلىرىدىن فرانسىيىنىڭ تۇرمۇشىغا ئائىت نەرسىلەرنى كۆپ بىلىپ كەتمەسلىكنى تەلەپ قىلاتتى. ئەمما، تەختەۋى ئۇنىڭ ئەكسىچە فرانسىيىنىڭ ھەممە نەرسىسىگە دىققەت قىلدى. ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپلا «پارىژغا سەپەر» ناملىق ئەسىرىنى يازدى. بۇ ئەسەر مىسىردىكى «مەتبۇئات بۇلاق» تەرىپىدىن 1834- يىلى تۇنجى قېتىم ئەرەب تىلىدا نەشر قىلىندى، 1839- يىلى تۈركچە نەشر قىلىندى. بۇ ئەسەردە 19- ئەسىردىكى فرانسىيىنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈمى، مەدەنىيەت ۋە ئىدىيە ئەھۋالى سىستېمىلىق بايان قىلىنغان بولۇپ ناھايىتى چوڭ تەسىر قوزغىدى. ئىمام تەختەۋى مىسىرغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن 1836- يىلى تەرجىمان ۋە دۆلەت ئەمەلدارلىرىنى يېتىشتۈرىدىغان كەسپىي مەكتەپنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۆتەش بىلەن بىللە شۇ ۋاقىتتىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ نەشر ئەپكارى — «ئەل ۋاقايى ئەل مىسىرىيە»نىڭ باش مۇھەررىرى بولدى. مۇھەممەد  ئېلى پاشىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۇ تارىخىي كىتابلارنى تەرجىمە قىلىشقا ھەممىدىن بەك كۈچ ئاجراتتى، «قەدىمكى دۇنيا تارىخى»، «ئوتتۇرا ئەسىردىكى فرانسىيە پادىشاھلىرى»، «ئىمپېراتۇر پېتىر»، «پادىشاھ چارلىز ۋىى نىڭ تارىخى»، «رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ گۈللىنىشى ۋە خارابلىشىشىنىڭ سەۋەبلىرى» قاتارلىق كىتابلار ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىندى. بۇ كىتابلارنى تەختەۋى ئۆزى تاللىغان ئىدى. تەختەۋى مۇھەممەد ئېلى پاشا زامانىسىدا ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىلدى. ئەمما مۇھەممەد ئېلى پاشىنىڭ نەۋرىسى ئابباس پاشا ھېلىمسانى زامانىسىدا (1848 — 1854) ۋە ئۇنىڭ تەخت ۋارىسى سەئىد پاشا زامانىسىدا (1854 — 1863) ئېتىۋاردىن يىراقلاشتى. چۈنكى، بۇ ئىككى ھۆكۈمران غەربلىشىشكە قارشى ئىسلام ئەنئەنىچىلىرى ئىدى. ھىجرىيە 1279- يىلى (مىلادىيە 1863- يىلى) ئىسمائىل پاشا تەختكە چىققاندىن كېيىن تەختەۋىنى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتتى. ئۇ 1870- يىلىدىن باشلاپ دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىكىدە تەتقىقات ۋە ژۇرنال چىقىرىش بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇنىڭ مائارىپقا ئائىت «ياشلارنىڭ توغرا يولى»، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئائىت «زامانىمىزدىكى سەنئەت ھۇزۇلىنىشىدىن مىسىرلىقلارنىڭ روھىي دۇنياسىغا نەزەر» قاتارلىق ئەسەرلىرى مانا مۇشۇ مەزگىلدە يېزىلغانىدى. ئۇ بۇ ئەسەرلىرىدە ئۆزىنىڭ ئەڭ مۇكەممەل ۋە پىشقان كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مىسىر ھۆكۈمرانلار گۇرۇھىنىڭ ئىدىيە ئەھۋالىنى قاتتىق تەھلىل قىلدى.
      ئۇ ئاياللار مەسىلىسىدە ئۆزگىچە بىر تەپەككۇر ئۈستۈنلۈكىدە تۇرۇپ، ئۆز زامانىسىدىكى ئىسلاھاتچىلارغا قارىغاندا دادىل بىر قەدەم باستى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورمالسىزلىشىپ كېتىشىدىكى سەۋەب خوتۇن-قىزلارنىڭ بەدەنلىرىنى ئوچۇق قويۇپ يۈرۈشى بىلەن بەدەنلىرىنى يۆگەپ يۈزىگە چۈمبەل تەرتىپ سەترە (يېپىنىۋېلىش) بولۇشىدا بولماستىن، بەلكى تەربىيىلەشنىڭ ياخشى-يامانلىقىدا ئىدى. ئۇ ئاياللار مەسىلىسى ئەھمىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ساھەلەردە تېخىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ناۋادا ئاياللارنىڭ ئىدىيىسى قاتمال ۋە كونىلىققا تەۋە بولسا، ئېتىبارغا ئېلىنماي تاشلىۋېتىلىدىغان بىر خىل قارا ئەمگەك كۈچىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئاياللارغا بولغان تەربىيىنى كۈچەيتىش، ئۇلارنى ئويغىتىپ بايلىق يارىتىدىغان ئەمگەك ۋە خىزمەتكە ئاتلاندۇرۇشنى ۋە شۇ ئارقىلىق ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىق يارىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. مىسىرغا تالانتلىق، ئىقتىدارلىق يېڭى ئادەملەر كېرەك. بۇ يېڭى جەمئىيەتنىڭ ئاساسىنى قۇرۇش ئۈچۈندۇر، دەپ قارىدى. تەختەۋىنىڭ بۇ كۆز قارىشىنىڭ تۈرتكىسىدە ئىسمائىل پاشا (1863 — 1879) مەدەنىيەت، مائارىپ ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ ھازىرقى زامان مىسىر مائارىپىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ھىجرىيە 1289- يىلى (مىلادىيە 1873- يىلى) ئىسمائىل پاشا ئۈچىنچى خوتۇنى جاسىر ئەفتەر خانىمنىڭ تۇنجى قىزلار مەكتىپىنى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، بۇ مەكتەپكە «سۇفىيە قىزلار مەكتىپى» دەپ نام بەردى. 1874- يىلى جۇغراپىيە، تارىخ ۋە دىنىي ئىلىمگە ئوخشاش ئاساسلىق دەرسلەر تەسىس قىلىندى. قىز ئوقۇغۇچىلار ماشىنىچىلىق (تىككۈچىلىك)، توقۇمىچىلىق، كەشتىچىلىككە ئوخشاش قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسىپلىرىدە ئوقۇدى. بۇ ئىش 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە داۋاملاشتى.
     ئىمام تەختەۋىدىن كېيىن شەيخ مۇھەممەد ئەبدۇھ ئىبنى ھەسەن خەيرۇللاھ ھەزرەتلىرى (1849 — 1905) مەيدانغا كەلدى. ئۇ ئىلغار پىكىرلىك تەرەققىيپەرۋەر ئىسلاھاتچى ۋە ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈاشنىڭ يەنە بىر باشلامچىسى ئىدى. ئۇ «ئەل ئىھرام» ۋە «ئەل ۋەقايى ئەل مىسىرىيە» گېزىتلىرىدە ماقالىلەر ئېلان قىلدى. 1889- يىلى جامالىدىن ئاففانى (1839 — 1897) بىلەن بىرلىشىپ پارژدا «ئەل ئۇرۋەتۇل ۋۇسقا» (مۇستەھكەم بىرلىك) نامىدا تەشكىلات قۇردى ۋە ژۇرنال چىقاردى. «رىسالەتۇت تەۋھىد»، «ئىسلام دىنى، كاتۇلىك دىنى ۋە ئېلىم-پەن مەدەنىيىتى»، «قۇرئان تەپسىرى»، «ئىسلام دىنى ۋە ئۇنى تەنقىد قىلغۇچىلارغا رەددىيە» قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنى يازدى. ئۇ ئىسلامىيەتنىڭ تەقدىرىدىن قاتتىق قايغۇراتتى. ئۇ پۈتكۈل ھاياتىنى ئىسلام ئىسلاھاتىنى مەركەز قىلغان ئىجتىمائىي ئىسلاھاتقا قارىتىپ، دىننى رېئال جەمئىيەتتىكى تۇرمۇش تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا لايىقلاشتۇرۇشقا تىرىشتى. ئۇنىڭ ئاساسلىق كۆز قارىشى ئېتىقادنى پاكلاپ ئەخلاقنى تەكىتلەش، ئىسلامنىڭ پاكلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلام ئەنئەنىسى ئىچىدىكى جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ماس كەلمەيدىغان كونا قائىدە-يوسۇن، ناچار ئۆرۈپ-ئادەت ۋە قانۇن-نىزاملارنى ئىسلاھ قىلىش، دىننى ئەقىلنىڭ كۈچىگە تايىنىپ دەلىللەش قاتارلىقلار ئىدى. مۇھەممەد ئابدۇ ھەزرەتلىرى بارغانسېرى ئۇششاقلاپ ۋە چاكىنىلىشىپ كېتىۋاتقان كونا قائىدە-يوسۇنلارنى ئاددىيلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، قارىغۇلارچە ئېتىقاد قىلىشنىڭ ئىسكەنجىسىدىن ئىدىيىنى ئازاد قىلىپ، ئىسلام دىنىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى. «قۇرئان كەرىم»نى يېڭى تەپسىرشۇناسلىق نەزەرىيىسى بويىچە شەرھلەپ، ئۇنىڭدىكى ئېتىقادقا ئائىت ۋەھىيلەرنى ئىجتىمائىي قانۇن تۇرغۇزۇشقا ئائىت ۋەھىيلەردىن ئايرىپ چىقتى. «قۇرئان كەرىم» ۋە ئىشەنچلىك «ھەدىس شەرىف»لەر ئىچىدىن زامانىۋى ئىدىيىلەرگە يېقىنراق بولغان ئامىللارنى تېپىپ چىقىپ، ھۆر پىكىر بىلەن فىقھى ئىلىمگە مەنتىقلىق يەكۈن بېرىپ، يېڭىچە بولغان قانۇن-قائىدە ۋە «ئىجما» پرىنسىپىنى بەرپا قىلدى. ياۋروپانىڭ ئىلغار پەن- تېخنىكا، مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى ئىسلامىيەتنىڭ ئىدىيە- مەدەنىيەت سىستېمىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مۇسۇلمانلارنى زامانىۋى تۇرمۇشقا يېتەكلەپ، دىننى زامانىۋى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلاشتۇردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەقىل- پاراسەتنى جانلاندۇرۇش بىلەن رېئاللىقنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئاساسى بولۇپ، ئەنئەنىۋى مەدرىسىچە بولغان مائارىپ تۈزۈمى بىلەن ئەرەب ئەدەبىي ئۇسلۇبىنى ئىسلاھ قىلىش، زامانىۋى بىلىملەرنى ئىگىلەپ، يېڭى بىر ئەۋلاد مۇسۇلمان زىيالىيلىرىنى يېتىشتۈرۈش دىنىي ئىسلاھاتنىڭ يادروسى ئىدى.
      مۇھەممەد ئەبدۇھ ھەزرەتلىرى ئىسلام دۇنياسىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈمگە رەت قىلىش پوزىتسىيىسىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ مۇسۇلمان ئائىلىلىرىگە ئېلىپ كەلگەن يامان تەسىرىنى تەنقىد قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، روسۇلىللا دەۋرىدىكى ئەرەبلەردە يولغا قويۇلغان كۆپ خوتۇنلۇق شۇ زامان ئىجتىمائىي شارائىتى ئاستىدىكى بىر خىل كېلىشتۈرمىچىلىك بولۇپ، «قۇرئان كەرىم»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان غايە (4:129، 4:3) ئەمەلىيەتتىكى بىر خوتۇنلۇق تۈزۈمگە بېرىلگەن بېشارەت ئىدى. چۈنكى «قۇرئان كەرىم»دە قەيت قىلىنغان كۆپ خوتۇنلۇق باراۋەر، ئادىل، شەخسىيەتسىز بولۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان بولۇپ، ئۇنداق ئادىل، باراۋەر بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش (ئەرلەرنىڭ تۆت خوتۇنغا باراۋەر، ئادىل مۇئامىلە قىلىشى) رېئاللىقتا قەتئىي ئىشقا ئاشمايدىغان ئىش ئىدى. مۇھەممەد ئابدۇ ھەزرەتلىرىنىڭ بۇ خىل شەرھلىشى مۇتلەق كۆپ سانلىق مۇسۇلمان ئىسلاھاتچىلىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى. شۇنداقلا خېلى نۇرغۇن ئەللەردە يولغا قويۇلۇۋاتقان كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈمىدىكى مۇسۇلمانلار ئائىلە قانۇنىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى ئۈچۈن نەزەرىيىۋى ئاساس ياراتتى.
     مۇھەممەد رەشىد رىزا ھەزرەتلىرى (1865 — 1935) ئۇستازى مۇھەممەد ئابدۇ ھەزرتلىرىگە ئوخشاش، كاتتا ئالىم شۇنداقلا دىنىي ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھاتچى ئىدى. ئۇ ھىجرىيە 1324- يىلى (مىلادىيە 1897- يىلى) ئۇستازى مۇھەممەد ئابدۇنىڭ ياردىمىدە قاھىرەدە «ئەل مەنار» ئايلىق ژۇرنىلىنى نەشر قىلدى ۋە ھىجرىيە 1317- يىلى (مىلادىيە 1900- يىلى)دىن باشلاپ ئۆزى يازغان «قۇرئان تەپسىرى»نى ئۆزىنىڭ مۇھەررىرلىكىدىكى شۇ ژۇرنالدا ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلدى. ئۇ «تەپسىيرۇل مەنار» دەپ ئاتالدى. بۇ «قۇرئان كەرىم» تەپسىرى ئەسلىدە ئون ئىككى جىلدقا پىلانلانغان بولۇپ، رەشىد رىزا ھەزرەتلىرىنىڭ ھاياتلىقىدا ئاران سەككىز جىلد يېزىلدى، قالغان قىسمىنى يېزىشقا ئۇنىڭ ئۆمرى قىسقىلىق قىلدى. ئۇ ئۇستازى شەيخ مۇھەممەد ئابدۇ ھەزرەتلىرىگە ئاتاپ «تارىخى ئوستاز شەيخ مۇھەممەد ئابدۇ» دېگەن بىئوگرافىك ئەسەرنى يېزىپ چىقىپ، ئۇنىڭ ھاياتىي پائالىيەتلىرى بىلەن ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى سىستېمىلىق تونۇشتۇردى. ئۇنىڭ «قۇرئان تەپسىرى» ھىجرىيە 1346- يىلى (مىلادىيە 1927- يىلى) قاھىرەدە نەشر قىلىندى.
     رىزا ھەزرەتلىرىنىڭ قارىشىچە، «قۇرئان كەرىم» ئۆرپ-ئادەت ھەققىدىكى قانۇن دەستۇرى، تېبابەتچىلىك قامۇسى ياكى ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتى خاتىرىلەنگەن تارىخنامە ۋە ياكى سەنئەت بۇيۇمى بولماستىن، بەلكى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ بارومېتىرى. ئۇ ئىنسانلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتلىك بولۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان مىزان ئىدى. رىزا ھەزرەت دېموكراتىك سىياسىي ئاساستا ئەرەب جەمئىيىتىنى ئۆزگەرتىش، مۇسۇلمانلارنى ئويغىتىپ، ئىسلام دىنى بىلەن ھازىرقى زامان دۇنياسىنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش، دىنىي ئەقىدە بىلەن ئىلىم-پەننى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇ «قۇرئان تەپسىرى»دە: مۇسۇلمان ئاياللار ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا قاتناشتۇرۇلۇشى كېرەك. ئۇلارمۇ خۇددى ئەرلەرگە ئوخشاشلا دىنىي مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغان، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتى دىننىڭ تەبىئىي پرىنسىپلىرى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن بولۇپ، ھوقۇقتا ئوخشاشتۇر. ئەرلەر ۋە ئاياللار فىزىئولوگىيىلىك بەدەن تۈزۈلۈشى، پسىخىكا ئىقتىدارى جەھەتلەردە تۇغما ئوخشىماسلىققا ئىگە. ئەمما بۇنداق تۇغما ئوخشىماسلىقلار ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىق تۈپەيلى داۋاملىق ساقلىنىپ تۇرۇۋەرمەسلىكى ھەم كەمسىتىلمەسلىكى، بەلكى مۇشاۋىرەت (كېڭەش) ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى ھەم تۈگىتىلىشى لازىم، دەپ قارىدى.
     ئاياللار مەسىلىسى ھەققىدە ئىسلام دۇنياسىدا ھەممىدىن كۆپ مەخسۇس ئەسەرلەر يازغان كىشى مىسىرلىق ئادۋوكات، سوتچى ھەم ئەدىب قاسىم بەگ ئەمىن (1863 — 1908)دۇر. ئۇ مۇھەممەد ئەبدۇھ ھەزرەتلىرىنىڭ يەنە بىر شاگىرتى ئىدى. مىسىرلىق ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئوسمان تۇنجىلىنىڭ «ئىسلامىيەتتىكى ئاياللار» دېگەن كىتابىدا قاسىم بەگ ئەمىن «شەرق ئەللىرىدە ئاياللار ئەرلەرنىڭ قۇلى، ئەرلەر بولسا ھۆكۈمرانلارنىڭ قۇلى ھېسابلىنىدۇ. ئەرلەر ئائىلىدە ئىستىبدات، جەمئىيەتتە بولسا ئىستىبداتلارغا بويسۇنغۇچىدۇر. ياۋروپا ئەللىرىدە بولسا ھۆكۈمەت ھۆرلۈك ۋە كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، ئاياللارغا ئېتىبار بېرىدۇ، ئاياللار ئىدىيە ۋە ھەرىكەت ئەركىنلىكىگە ئىگە» دېگەن ئۆزگىچە كۆز قارىشى بىلەن شەرق ئەللىرىدىكى ئاياللارئازادلىقىنى تۇنجى تەشەببۇس قىلغۇچى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئاقارتىش ھەرىكىتىدىكى ئۆرپ-ئادەتلەشتۈرۈش تەرەپدارلىرىنىڭ ئۈلگىسى ھەم ۋەكىلى دەپ قارالدى. قاسىم بەگ ئەمىننىڭ ئەڭ دەسلەپتىكى ئىدىيىسى مىسىردا يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان ئەرەب بۇرژۇئازىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىپ، ياۋروپا مەدەنىيىتى ۋە ئىدىيىسىگە قارىتا قارشى ئېلىش ھەم قوبۇل قىلىش تەرىپىدە بولغان بولسا، ياۋروپالىقلارنىڭ ئىسلامىيەت دۇنياسىغا بولغان مۇستەملىكىچىلىك ھەرىكىتىدىن كېيىن، ئىسلام پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ غەرب كۈچتۈنگىرلىرىنىڭ مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقى ۋە زومىگەرلىكنىڭ ماھىيىتى ۋە مۇددىئاسىنى ئېچىپ تاشلاش تەرىپىگە يۈزلەندى. ئۇ ئاياللار مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس ئۈچ پارچە ئەسەر يازدى. تۇنجى ئەسىرى «مىسىرلىقلار»دا مىللىي ئالاھىدىلىكنى تەكىتلەپ، مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىق شەيئىلەرگە بولغان كۆز قارىشىنىڭ ياۋروپالىقلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغانلىقى، غەرب ئىدىيىسى بىلەن مۇسۇلمانچىلىق ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنىڭ چوڭلۇقى، بەزى غەربلىكلەرنىڭ ئىسلامىيەت تۈزۈمىدە ساقلىنىۋاتقان كۆپ خوتۇنلۇق، تالاق ۋە يۈزىگە چۈمبەل تارتىش قاتارلىقلارنى باھانە قىلىپ ئىسلام دىنىنى كەمسىتىشىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. بۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ تەشەببۇسى ئۆز زامانىسىدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ فىقھى قارىشىغا ئاساسلانغان بولۇپ، ئۇ مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ رېئاللىقىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان ھالدا شەرق ئەللىرىدە ئاياللار مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس، ناۋادا بار دېيىلسە، غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدە پەيدا بولغان، دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئاياللار مەسىلىسىدىكى بەزى كۆز قاراشلىرى زىددىيەتلىك بولۇپ، ئۇ بارلىق مىسىر بۇرژۇئازىيىسىگە ئوخشاش بىر مەزگىل ئېچىۋېتىلگەن غەرب بىلەن ئىسلام ئەنئەنىسى ئوتتۇرىسىدا تەۋرىنىپ يۈردى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا غەربلىشىشكە قاراپ ماڭدى. ئۇنىڭ ئىككىنچى ئەسىرى «تەھرىيرۇل مەرئە» (ئاياللار ئازادلىقى) ھىجرىيە 1316- يىلى (مىلادىيە 1899- يىلى) قاھىرەدە نەشر قىلىندى. ئۇ بۇ ئەسىرىدە ئۈستقۇرۇلما ۋە ئىقتىسادىي بازىس تەرىپىدىن كېلىدىغان بارلىق توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاشنى، مەۋجۇت سىياسىي تۈزۈم بىلەن ئىدىيىۋى كۆز قاراشلارنى يېڭىلاشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ سىياسىي تەلىماتى بىلەن ئىدىيىۋى خاھىشى نۇقتىلىق ھالدا ئاياللار مەسىلىسىدە ئەكس ئەتتى. ئۇ بۇ كىتابىدا ئىسلامىيەت نىڭ ئاجىزلىشىشى ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشى بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ زەئىپلىشىشىدىن كېلىپ چىققان دەيدىغان بىر خىل ئىجتىمائىي دارۋىنزىملىق كۆز قاراشنى تەنقىد قىلدى. ئۇنىڭچە بولغاندا، ئىسلامىيەتنىڭ يېقىنقى زاماندا چېكىنىپ كېتىشىنىڭ مەنبىئىنى ھەرگىزمۇ تەبىئىي مۇھىتتىن ئىزدەشكە بولمايتتى. بەلكى ئۇنىڭ سەۋەبى جەمئىيەتتىكى گۈزەل ئىجتىمائىي ئەخلاقنىڭ يوقىلىشى، ئەر-ئاياللارنىڭ باراۋەرسىزلىكى، تېخىمۇ مۇھىمى ئائىلە تەربىيىسى، مىللىي مائارىپ، ئىجتىمائىي مائارىپنىڭ يېتەرسىزلىكى، شۇنداقلا ئىلىم-پەن بىلىملىرىنىڭ قالاقلىقىدا، قالاقلىقنىڭ بولسا ئەر-ئاياللارنىڭ باراۋەرسىزلىكىدە ئىپادىلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ ئاياللارغا تېگىشلىك ئورۇن بەرمىگەنلىكىدە ئىدى. ئۇ ئاياللار مەسىلىسىنى ئىجتىمائىي ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلىش لازىم، ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارغا ئاساسىي بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرىدىغان مەكتەپلەرنى قۇرۇپ بېرىش، تىل- ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، تارىخ، جۇغراپىيە، تېببىي ئىلىم، فىزولوگىيە ساۋاتلىرىنى ئۆگىتىش، شۇنىڭدەك ئۇلارنى تەبىئىي پەن، ئەخلاق، ئېتىكا، دىنىي ئىلىم، ئەدەبىيات-سەنئەت بىلىملىرىدىن خەۋەردار قىلىش لازىم. ئاياللارنى تەربىيىلەشتىكى مەقسەت ئۇلارنىڭ پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەش ۋە ئەرلىرى بىلەن مەدەنىي ھالدا ياشاشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلارنى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلەشتىن ئىبارەت، دەپ قارىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ ئاياللار ھوقۇقىنىڭ تۈپ كاپالىتى بولۇپ، مانا مۇشۇنداق مىسلىسىز دىرىجىدە ئومۇملاشقان ئىجتىمائىي مائارىپ ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا بولغان ھاكىممۇتلەقلىق ۋە مۇستەبىتلىكىگە خاتىمە بېرىدۇ. شۇنداقلا ئاياللارنىڭ يۈزىنى يۆگىۋېلىپ، ئۆيدىن تالاغا چىقماسلىقىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. قاسىم ئەمىن «قۇرئان كەرىم» ئاياللارنىڭ يۈزىنى ئېچىۋېتىپ يۈرۈشىنى قاتتىق چەكلىگىنى يوق. ئاياللارنىڭ خالىي جايغا كىرىپ بېكىنىۋېلىشى ھەققىدە ئېنىق كۆرسەتمە بەرگىنىمۇ ھەم يوق. ئاياللار يۈزىگە چۈمبەل سالسا، ئۇلارنىڭ خىزمەتلەرگە، ئىجتىمائىي ئالاقە قىلىشى، كوللېكتىپ يىغىلىشلارغا قاتنىشىشى، توختاملارنى تۈزۈشى، سودا قىلىشىغا قۇلايسىزلىق ئېلىپ كېلىدۇ. سەترە بولغان ئاياللارنىڭ ئەخلاقلىق، شەرم-ھايالىق بولۇشى، سەترە بولمىغانلارنىڭ ئەخلاقسىز، شەرم-ھاياسىز بولۇشى ناتايىن. ئاياللارنىڭ ئۆيدىن چىقماي، جەمئىيەت بىلەن ئۇچراشماي، يالغۇز پىنھان تۇرۇشىنىڭ جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىسى يوق، ئۇلارنىڭ ئۆزىگىمۇ پايدىسىز. بۇنداق قىلىش ئاياللارنىڭ ئۆزىدىكى جارى قىلدۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان يوشۇرۇن كۆچىنى نامايان قىلىپ، ئۇلارنىڭ مۇكەممەل ئادەم بولۇشىغا توسالغۇ بولىدۇ، دەپ ھېسابلىدى.
    ئاياللار ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە قاسىم بەگ ئەمىن ئۇستازى مۇھەممەد ئابدۇ ھەزرەتلىرىدەك «شەرىئەت»كە ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلدى. ئۇ شەرىئەتنىڭ ئاياللارنى كەمسىتىدىغان مەزمۇنلىرىنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىللە يەنە ئۇنىڭ ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ بېزىلەر ئاتىغاندەك ئاياللار ئازادلىقى ھەرىكىتى پائالىيەتچىسى ئەمەس بەلكى، ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشتىن بۇرۇن «قۇرئان كەرىم»، «ھەدىس شەرىف» ۋە شەرىئەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىشنى ۋە ئېتىقادنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن شۇ ئاساستا ھۆكۈمەت ئىشىغا قاتنىشىش ۋە ھۆكۈمەت ئىشىنى مۇلاھىزە قىلىشنى تەشەببۇس قىلغۇچى ئىسلاھاتچى ئىدى. ئۇ «قۇرئان كەرىم» ۋە شەرىئەتتە كۆرسىتىلگەن بەلگىلىمىلەرگە ئەر-ئاياللار تالاش- تارتىش قىلماي ئەمەل قىلىشى كېرەك. «قۇرئان كەرىم» ۋە شەرىئەتتە كۆرسىتىلمىگەن ئىشلاردا ئەر-ئاياللار ئۇنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىقىغا پايدىلىق-پايدىسىزلىقىدىن ئىبارەت قىممەت قارىشىدا تۇرۇپ تاللاش لازىم. شۇنداقلا دىنىي بەلگىلىمىلەردىن باشقا يەنە ئىنسانلار ئەمەل قىلىپ كەلگەن ئۆرپ-ئادەت مىزانلىرىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ، بۇ ئۆرۈپ-ئادەتلەر ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بارغانسېرى تۇراقلىشىدۇ. شۇڭلاشقا، ئەر-ئايال مۇسۇلمانلار ئىسلام ئەقىدىسىگە خىلاپلىق قىلماسلىق شەرتى ئاستىدا ئىجتىمائىي ئىشلارغا بولغان يېڭىچە قاراشلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشلىرى كېرەك، دەپ ھېسابلىدى. ئۇ ئاياللار مەسىلىسىنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مىسىر ئاياللىرىنى شەرىئەت يول قويغان دائىرە ئىچىدە ھازىرقى ھالىتى ۋە ئورنىنى ياخشىلاشقا چاقىردى. ئۇ ئاياللارنىڭ يۈزىدىكى چۈمبەلنى ئېلىۋېتىشنى تەشەببۇس قىلاتتى. ئەمما مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ ياۋروپادىكىدەك يالىڭاچ ياكى يېرىم يالىڭاچ يۈرۈشىگە قەتئىي قارشى ئىدى. ئۇ ئاياللارنىڭ جەمئىيەتكە يۈزلىنىشىنى، ئەمما ئاياللار قىلسا بولمايدىغان بەزى ئىشلار مەسىلەن، خەلىپە (دۆلەت باشلىقى)، ئىمام (دىنىي داھىي) قاتارلىق سىياسىيلىقى كۈچلۈك خىزمەتلەرنى ئاياللارنىڭ قىلسا بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. كۆپ خوتۇنلۇق مەسىلىسىگە «قۇرئان كەرىم»، «ھەدىس شەرىف»لەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ رەت قىلىش پوزىتسىيىسىنى تۇتتى ۋە شەرت ئاستىدا ئۇنى قېلىپلاشتۇرۇش، چەكلەش، بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ جەمئىيەت ۋە ئائىلىگە ئەپكېلىدىغان يامان تەسىرىنى تۈگىتىش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ غەيرىي ئىسلام ئاياللىرىنىڭكىدىن تۆۋەن بولۇشى، شۇنداقلا ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋالىنىڭ يامانلىشىشىنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرى ئۈستىدە كۆپ ئىزدەندى. ئۇ ئاياللار ئازادلىقى بىلەن مىللەتچىلىكىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاياللارنى چەكلەپ قويۇش دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولىدۇ، دەپ قارىدى. ئەرلەردە نىكاھتىن ئاجرىشىش ھوقۇقى بولۇش، ئاياللاردا بولماسلىقتەك ئادەتلەرنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.
قاسىم بەگ ئەمىننىڭ قانچىلىك ئېھتىياتچان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭ «ئاياللار ئازادلىقى» دېگەن ئەسىرى جەمئىيەتتە ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ، كىتاب نەشردىن چىقىپ بىرقانچە ئاي ئۆتە-ئۆتمەيلا ئۇنى تەنقىدلەيدىغان ماقالە ۋە ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغىنى شۇ ۋاقىتتا ئىستانبۇل دارۇلفۇنۇنلىرى بىلەن ئورۇنبورگ مەدرىسىلىرىدە قولدىن-قولغا ئۆتۈپ ئوقۇشلۇق بولغان «مۇسۇلمان خوتۇن» دېگەن كىتاب بولۇپ، ئۇ قاسىم بەگ ئەمىننىڭ «تەھرىيرۇل مەرئە» دېگەن ئەسىرىگە قارشى مۇسۇلمان ئالىمى فەرىد ۋاجىدى تەرىپىدىن يېزىلغان ئىدى. فەرىد ۋاجىدى بۇ ئەسىرىدە قاسىم بەگ ئەمىننىڭ ئاياللار ئازادلىقى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئىجابىي ۋە ئەقلىي تەرزىدە تەنقىد قىلدى. شۇ ۋاقىتتىكى «شورا» ژۇرنىلى ئۆزىنىڭ نۇرغۇنلىغان سان ۋە سەھىپىلىرىدە بۇ مۇنازىرىگە ئورۇن بېرىپ، غ.باتتالىنىڭ قاسىم بەگ ئەمىننىڭ كىتابىغا يازغان تەنقىدىي ماقالىلىرى بىلەن ز.قادىرىنىڭ ئۇنىڭغا يازغان جاۋابلىرىنى باستى. ز.قادىرى قاسىم بەگ ئەمىننىڭ «ئاياللار ئازادلىقى» دېگەن كىتابىنى ئەرەبچىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان تەرجىمان ئىدى. ن.ئەغايىف ئىستانبۇلدا چىقىدىغان «تانىن» گېزىتىگە تەپسىرشۇناس فەرىد ۋاجىدىنىڭ «مۇسۇلمان خوتۇن» دېگەن كىتابىغا يۇقىرى باھا بېرىپ مەدھىيىلەر يازغان. ت ئەنقىدكە قارشى تەنقىد مەقسىتىدە قاسىم بەگ ئەمىن ھىجرىيە 1317- يىلى (مىلادىيە 1900- يىلى) «يېڭى ئاياللار» ناملىق ئەسىرىنى ئېلان قىلدۇردى. بۇ ئەسەرنىڭ بىرقانچە بۆلەكلىرى ئۇنىڭ «ئاياللار ئازادلىقى» دېگەن ئىككىنچى كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆز قاراشلىرىنىڭ يېڭى بىر شەكلىدە شەرھىلىنىشى بولۇپ، بۇ ئەسەر نەشردىن چىقىشى بىلەن تەڭلا بۇرۇنقىدىنمۇ بەك مۇنازىرە قوزغىدى. نۇرغۇن دىنىي داھىي (ئىمام) لار ۋە مىللەتچىلەر قاسىم بەگ ئەمىننى غەربلىشىش ئىدىيىسى بەك كۈچلۈك دەپ ئەيىبلىدى. دېمىسىمۇ ئۇنىڭ غەربلىشىش ئىدىيىسى ھەقىقەتەن كۈچلۈك ئىدى. ئۇنىڭ «يېڭى ئاياللار» دېگەن ئەسىرى ئىلگىرىكى ئەسەرلىرىگە ئوخشىمايدىغان باشقىچە بىر ئوسلۇبتا يېزىلغان بولۇپ، ئۇ بۇ ئەسىرىدە ئاياللار مەسىلىسىنى «قۇرئان كەرىم» ۋە شەرىئەت ئاساسىدا مۇھاكىمە قىلماستىن، يېقىنقى زاماندىكى غەب دۇنياسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىلىم-پەن ھەم ئىجتىمائىي ئىدىيە ئېقىملىرىنىڭ تەشەببۇسى ۋە ئۇسلۇبى بويىچە مۇھاكىمە قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئاياللار ئازادلىقى ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا باغلىق. ئاياللار ئىپتىدائىي جەميەتتىكى ئاياللارنىڭ ھۆرلۈك دەۋرى، ئاياللار زۇلۇمغا ئۇچرايدىغان ئائىلىنىڭ شەكىللىنىش دەۋرى، ئاياللارنىڭ زۇلۇمغا قارشى كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ، ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان جەمئىيەتكە قاراپ مېڭىش دەۋرى ۋە ئاياللار ئازادلىققا چىققان ئىجتىمائىي مەدەنىيەت دەۋرى قاتارلىق تۆت دەۋرنى باشتىن كەچۈرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىسلام ئەللىرى 3- دەۋردە تۇراتتى. غەرب ئەللىرى بولسا 4- دەۋرگە كىرىپ بولغان ئىدى. ئۇ ئاياللار زۇلۇمغا ئۇچرىسا پۈتكۈل ئىنسانىيەت قۇل بولۇشتىن قۇتۇلالمايدۇ، ئاياللار زۇلۇمدىن قۇتۇلسا پۈتكۈل ئىنسانىيەت ھەقىقىي ھۆرلۈككە ئېرىشىدۇ، دەپ قارايتتى. ئۇنىڭ نەزىرىدە غەرب دۇنياسىدىكى ئىلىم-پەن، تەرەققىيات، ئىلغارلىق ئاياللار ئازادلىقىنىڭ ئۇل تېشى، ئىلىم-پەن ئىلغارلىقى ۋە ئىجتىمائىي ئاياللار ئازادلىقى بولسا ئىنسانلار ئەركىنلىكىنىڭ تەلتۆكۈس ئىشقا ئېشىشى ۋە ئۇنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى ئىدى.
     19- ئەسىردىكى ئاخباراتچىلىق، ھېكايە، ساياھەت خاتىرىسى قاتارلىق ئەدەبىي ئەسەرلەر غەرب ئاياللىرىنىڭ ئورنى ۋە تۇرمۇشىنى تەشۋىق قىلىپ، مەكتەپلەرگە كاتولىك دىنىدىكى ئاياللار مائارىپىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆرنەك ئېلىشنىى ئۆگەتتى. ھىندىستانلىق دىنىي ئىسلاھاتچى سەئىد ئەھمەدخان (1817 — 1897) ئۆزىنىڭ «ئاشارۇس سانادىد» (سەنئەتكە بېشارەت) دېگەن ئەسىرى ۋە شاھ رەئۇف ئەھمەدمۇجەددىد ئۆزىنىڭ «دۇررۇل مەئارىف» (مەرىپەت ئۈنچىلىرى) دېگەن ئەسەرلىرىدە نادانلىق، خۇراپاتلىق، قالاقلىق، ھەشەمەتچىلىك ۋە ئىسراپچىلىققا ئوخشاش ئىللەتلەرنىڭ ھامىيسى بولغان تەكەببۇر روھانىيلارنى تەنقىدلەپ، مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۈللەندۈرۈش غايىسىنى شەرھلىدى. ئەھمەدخاننىڭ ئوقۇغۇچىسى مۇمتاز ئېلى «ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتلىرى» دېگەن ئەسىرىدە ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكىنىڭ ئاياللارنىڭ ئۆز ئەھۋاللىرىنى ئۆزگەرتىشتىكى ئەخلاقىي-دىنىي تەربىيە بىلەن ئەمەلىيىتىنى ئىسلاھ قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تۇنىس ئىسلام ئالىمى ئىبن ئەبۇ دۇياف ھىجرىيە 1273- يىلى (مىلادىيە 1857- يىلى) «ئاياللار ھەققىدە» دېگەن ئەسەرنى، تاھىرخاددات ھىقرىيە 1348- يىلى (مىلادىيە 1930- يىلى) «شەرىئەت ۋە ئاياللار» دېگەن ئەسەرنى يازدى. «شەرىئەت ۋە ئاياللار» تاھىرخادداتنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يازغان ئەسىرى بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ پۈتكۈل ئىدىيىسى ۋە ئەمەلىيىتىنىڭ يەكۈنى ھەم جەۋھىرى ئىدى. تاھىر خاددات بارلىق ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەر، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي ئىنقىلابنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن خەلقنىڭ چوقۇم ئاڭ سەۋىيىگە ئىگە بولۇشى كېرەكلىكى، مىللىي تەرەققىياتقا پايدىسىز بولغان ئامىللارنىڭ سۈپۈرۈپ تاشلىنىشى، بارلىق ئامىللار ئىچىدە ئالدى بىلەن ئاياللار مەسىلىسىنىڭ ئوبدان ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بايقىدى. ئۇ نۇقتىلىق ھالدا ئاياللارنىڭ ئەھۋالى ۋە ئائىلە مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىپ شەرق، غەرب ئاياللىرىغا ئائىت بىر قاتار كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئىسلام دىنى تەرەققىياتىنى قوبۇل قىلىش، يېقىنقى زاماننىڭ تۇرمۇش رېتىملىرى بىلەن تەڭ قەدەمدە ماسلىشىپ مېڭىش كېرەك، دەپ ھېسابلىدى. ئۇ شەرىئەت مەڭگۈدۇر. نىكاھ، نىكاھتىن ئاجرىشىش، مال-مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىش، گۇۋاھلىق بېرىش قاتارلىقلار ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىگە ئائىت ئىشلار شەرىئەتنىڭ شاخچىسىدۇر. ئىسلام دىنى رېئاللىققا يۈزلىنىدىغان دىن، ئۇ رېئاللىقتا ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىي قىلىدۇ. بۇ ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك سىرى، دەپ قارىدى.
   ھىجرىيە 1300- يىلى (مىلادىيە 1883- يىلى) قىرىمدىكى باغچە ساراي شەھىرىدە رۇسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ تۇنجى گېزىتى «تەرجىمان» دۇنياغا كۆز ئاچتى. بۇ گېزىتنى پارىژ ۋە ئىستانبۇلدا ئاڭ ۋە بىلىم توپلىغان، بىر نەچچە خىل تىل بىلىدىغان قىرىملىق تاتار ئالىمى، ژۇرنالىست ۋە يازغۇچى ئىسمائىل بەگ غەسفىرىنىسكى (مىلادىيە 1851 — 1914) چىقاردى. ئۇ مۇئەللىملىك قىلغان ئوتتۇز ئىككى يىلدا ئۇنىڭ تەھرىرلىكىدىكى «تەرجىمان» گېزىتى مىللىي ئەدەبىياتنى بىرىنچى مەقسەت قىلغان ھالدا تۇنجى سانىدىن تارتىپ كەنجى سانىغىچە مەسلىكىنى ئۆزگەرتمەستىن باشتىن-ئاخىر مەقسەت بىرلىكى، تىل بىرلىكىدە چىڭ تۇردى. غەسفىرىنىسكى تاتار مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارقىدا قېلىشىدىكى تۈپ سەۋەبنى تاتارلارنىڭ ئۆزىدىن، ئۇلارنىڭ مىللەت ھەققىدە جان كۆيدۈرمىگەنلىكىدىن، قايغۇرمىغانلىقىدىن، ئەكسىچە نادان موللىلارنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىدىن ئىزدىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھەر بىر تاتار بەشتىن-ئالتىگىچە تىل بىلىشى كېرەك ئىدى. ئۇ مىللەتنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تاتار زىيالىيلىرىنى تەربىيىلەش، رۇس تۇرمۇشىدىكى ئەپچىل تەرەپلەرنى تاتار دۇنياسىغا كۆچۈرۈپ كېلىش، رۇس ئوقۇتۇش سىستېمىسى ئىچىدىكى تاتار مائارىپىغا ماس كېلىدىغان پايدىلىق ئامىللارنى قوبۇل قىلىپ، تاتار مائارىپىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇشنى ئويلىدى ھەم ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئۆمرىنى، زېھنىنى مۇشۇ ئىشقا ئاتىدى. ئۇ مىللەتنىڭ ھالىغا چۆكمەي تۇرۇپ مىللەتكە خىزمەت قىلىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلىپ يەتتى. دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ۋە دۆلەتلەرنىڭ ياخشى-يامان تەرەپلىرىنىڭ ھەممىسىنى تەتقىق قىلىپ، مىللىي زەئىپلىكنىڭ نېمىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكى ۋە مىللەتنىڭ نېمىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى چۈشەندى. نېمە ئىش قىلىشقا، ئىشنى نەدىن باشلاشقا، ئۆلگەن كۆڭۈللەرنى قانداق نەرسە بىلەن تىرىلدۈرۈشكە، ئىلگىرىلەش يولىنى توسۇۋالغان پەردىلەرنى نېمە بىلەن كۆتۈرۈشكە، نادانلىق دالاسىدا سۆرىلىپ ياتقان مىللەتنى نېمە بىلەن ئاياغ باستۇرۇشقا بولار؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللار بىلەن ئازابلاندى. ئاخىرىدا پەن ۋە مەرىپەتنى گۈللەندۈرۈشنى قارار قىلىپ مىللەت ئىچىگە ئوقتەك ئېتىلدى. ئۇنىڭ تەھرىرلىكىدىكى «تەرجىمان» گېزىتى يەنە ئاياللار ئازادلىقىنى تەكىتلەپ، خوتۇن-قىزلارنىڭ ھۇرۇنلۇقىنى، ئەرلەرگە تايىنىپ كۈن كەچۈرۈشىنى، ئۆيگە سولىنىپ ياشاشلىرىنى تەنقىدلىدى. ئىسمائىل بەگ غەسفىرىنىسكى 1884- يىللىرى ئۆزى قۇرغان «ئۇسۇلۇ جەدىد» مەكتەپلىرىدە كېيىن ئۆزلىرىمۇ ئانا بولغۇسى قىزلارنى ئوقۇتتى. ئۇ شىمال تۈركلىرى ئىچىدە خوتۇن- قىزلار ئۈچۈن ئەڭ بۇرۇن ھۆرىيەت تەلەپ قىلغان ئادەم بولۇپ، قىزى شەفىقە توتاش (خېنىم) تەھرىرلىكىدە خوتۇن-قىزلارغا ئاتاپ «غەلەمى نىسۋان» (خوتۇن-قىزلار دۇنياسى) دېگەن ژۇرنالنى نەشر قىلدى. كېيىن قازاندا «سۈيۈمبىكە» ناملىق مەخسۇس بىر ئاياللار ژۇرنىلى دۇنياغا كەلدى.
     ھىجرىيە 1325- يىلى (مىلادىيە 1908- يىلى) مەشھۇر تاتار ئالىمى رىزائىددىن بىننى پەخرىدىن (1859 — 1936) ھەزرەتلىرى ئورنبورگ شەھىرىدە «شۇرا» ژۇرنىلىنى نەشر قىلدى. ئۇ 15 كۈندە بىر چىقىدىغان ئەدەبىي، پەننىي ۋە سىياسىي مەجمۇئە بولۇپ، ئۇنىڭ ژۇرنال نامى «قۇرئان كەرىم»دىكى «شۇرا» (كېڭەش) سۈرىسىدىن ئېلىنغان ئىدى. «شۇرا» مەخسۇس سەھىپىلەر ئاجرىتىپ، مۇسا بېگيوۋ تەرىپىدىن يېزىلغان ئىپتىدائىي مەكتەپلەردە بالىلارغا ئۆگىتىش لازىم بولغان دىنىي ئىلىملەر، مىللەتنى ئىسلاھ قىلىش چارىلىرى ھەققىدىكى تەلەپ- تەكلىپلەر، «قۇرئان كەرىم ۋە ئىلىم» ماۋزۇلۇق لۇغەت، تارىخ، جۇغراپىيە ۋە باشقىلارغا دائىر دەرسلەر، ئوفا، پتېربورگ، قازان ۋە قوقەند قاتارلىق جايلارنىڭ سورىغان ھەر خىل تېمىدىكى سوئاللىرىغا «شۇرا» رىداكسىيىنىڭ بەرگەن جاۋابلىرى، رەشىد رىزا ھەزرەتلىرى تەرىپىدىن چىقىرىلغان مۇتىبەر « ئەلمەنار» ژۇرنىلىدا مەھمۇد تەۋفىق ئەپەندى سىدىقى تەرىپىدىن يېزىلغان ماقالىلەردىن قىلىنغان تەرجىمىلەر، مىسىرلىق ئىسلام ئالىمى مۇستافا كامىل (1874 — 1908) تەرىپىدىن ھىجرىيە 1316- يىلى (مىلادىيە 1899- يىلى) نەشر قىلىنغان «ئەللەۋا’» (تۇغ) ژۇرنىلىنىڭ ئىراندىكى شىرازىدا چىقىدىغان «دارۇل ئىلىم» گېزىتىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ يېڭى پەنلەرنى ئوقۇشىنىڭ دۇرۇس ياكى دۇرۇس ئەمەسلىكى ھەققىدە سورىغان سوئال-جاۋابلىرى، «سراتۇل مۇستەقىم» ژۇرنىلىدىن كۆچۈرۈپ بېسىلغان «تەلىم ۋە تەربىيە ھەققىدە ئىنگلىزلار ۋە بىزلەر» ماۋزۇلۇق ماقالىلەر، خوتۇن- قىزلار ۋە ئۇلارنىڭ بەزى يامان ئادەتلىرى، خوتۇن-قىزلارغا ئىلىم ئۆگەتمەك ئۈچۈن ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان «ئانىلار مەكتىپى» ھەققىدىكى خەۋەرلەر، غەززالى، مەۋەردى، ئىبنى مەسكۈيە، مەھمۇد ئەفەندى، ئەكرەم بەگ ۋە ئىسمائىل ھەققى قاتارلىق ئەرەب، تۈركئالىملىرىنىڭ «بالىلار تەربىيىسى ۋە ئانىلارنىڭ ئەخلاقى» توغرىسىدىكى ئەسەر، ماقالىلىرى، «تاشلانمىش بالىلار» تېمىسىدىكى تەرجىمە ئەسەرلەر، تىلەمچى، پاھىشە ئاياللار ۋە پاھىشەخانىلارنىڭ ئەۋج ئېلىشىنىڭ مىللەتكە كەلتۈرىدىغان ئاپەت ۋە زىيانلىرى، شەرئى مەھكىمە ۋە خوتون-قىزلار ھەققىدە مۇلاھىزە، شۇنداقلا ئەۋلاد تەربىيىسى ھەققىدە پىداگوكلارنىڭ ئۈگۈت-نەسىھەتلىرىگە ئالاھىدە ئورۇن بەردى.
     رىزائوددىن بىننى پەخىرىدىننىڭ خوتۇن-قىزلار خۇسۇسىدىكى ئەمگەكلىرى ئۇنىڭ ئىسلامىيەتنى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان زاماننىڭ تەلىپىگە ماسلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر يۈرۈش ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇرلىرىنىڭ ئورگانىك بىر قىسمى بولۇپ، يالغۇز ژۇرنال چىقىرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، «شۇرا» دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇنلا باشلانغان ئىدى. ئۇ ھىجرىيە 1321- يىلى (مىلادىيە 1904- يىلى)  «مەشھۇر خوتۇنلار» ناملىق ئەسەرنى يازدى. شۇ يىلى ئورنبورگتا نەشر قىلىنغان بۇ كىتابقا 360 نەچچە نەپەر مەشھۇر نامدار مۇسۇلمان مۇھتىرەمە ۋالىدىلەر (ئانىلار) ۋە ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى، ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپە-خىزمەتلىرى كىرگۈزۈلدى. «مەشھۇر خوتۇنلار»دىن ئورۇن ئالغان ئولبەنەتخان لۇتپۇللا سۇلايمان ئاخۇند قىزى «تۇرمۇش ئەدەبلىرى» ناملىق رىسالىنى يازدى. بۇ رىسالە رىزائىددىن بىننى پەخرىددىننىڭ 1897- يىلى نويابىردىكى بىر تەھرىر ئېلاۋىسى بىلەن ھىجرىيە 1316- يىلى (مىلادىيە 1898— 1899- يىلى) سانكىت پتېربورگدا ئارقا- ئارقىدىن ئىككى قېتىم نەشر قىلىنىپ، تاتار مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان ئىدى. رىزائىددىن بىننى پەخرىدىن يەنە قىزى زەينەپ ۋە ئۇنىڭ ھۆرمىتىگە ئاتاپ ئۇنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرى ھەققىدە «ئائىلە» ناملىق ئەسەرنى يازدى. بۇ ئەسەر يەنە ئۇنىڭ «تەربىيىلىك خوتۇنلار» دېگەن رىسالىسى بىلەن قوشۇلۇپ، جامائەتنىڭ فېئوداللىق خۇراپىي كۆز قاراشلىرىنى تۈزىتىشىگە ھەم ئەخلاقىي پەزىلەتلىرىنى ساقلاشقا ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتتى.
    بۇ مەزگىلدە مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى ئىسلاھاتچىلار ئوتتۇرىغا قويغان ئاياللارنى ئازاد قىلىشنىڭ  يولى — بىرىنچىدىن، مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش؛ ئىككىنچىدىن، ئۇلارنى خىزمەتكە قاتناشتۇرۇش بولدى. ئەمما، ئائىلە مەسىلىسى ئىسلاھاتچىلارنىڭ نەزىرىدە يەنىلا سىرلىق ۋە مۇقەددەس ئىدى. چۈنكى، مۇستەملىكىچىلىك تەسىرىنىڭ مىللەتكە خىرىس قىلىشى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، مىللىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ كرزىسقا پېتىپ قېلىشى ئارقىسىدا پەقەت ئائىلىلا مۇستەملىكىچىلىكنىڭ زەربىسىگە ئەڭ ئاز ئۇچرايدىغان ۋە بىرقەدەر مۇقىم ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان جاي بولۇپ، ئۇ ئاياللاردىكى ئەنئەنە ۋە ئەخلاق، شۇنداقلا ئۇنىڭ قىممىتىنى ساقلاپ قېلىشقا كاپالەتلىك قىلالايتى. ئائىلە ئاۋامنىڭ ئاڭ ۋە ھېسياتىدا چەتئەل مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئېزىتقۇ تۇمانلىرى ئىچىدىن يوقىتىپ قويمايدىغان ۋە ئۆزىنى ساقلاپ قالىدىغان ئەڭ ئاخىرقى بىردىنبىر قەلئە ئىدى.


داۋامى بار

مەنبە: «بۇلاق» ژۇرنىلى 2001- يىللىق 5-، 6- سان.

uyghuray

0

تېما

5

دوست

2172

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16795
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 686
توردىكى ۋاقتى: 195
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-25 16:23:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل ئەسەر  

0

تېما

3

دوست

4427

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   80.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19286
يازما سانى: 232
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 1400
توردىكى ۋاقتى: 231
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-25 17:37:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ebrar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-25 17:38  

مۇشۇنداق تەپسىلىي ھەم كەسپىي يېزىلغان ئەسەرلەر كۆپرەك يوللانسا، مەيلى قوللايلى ياكى قارشى تۇرايلى، ئۆزىمىزنىڭ دېگەن گېپىمىزنى بىلىپ چۈشىنىپ ئەركىن پىكىر قاتناشتۇرالىساق، بۇ چوقۇم بىزگە يۈكسىلىش ئېلىپ كېلىدۇ. ئاپتورنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت، ئىخلاس بىلەن ئوقۇپ باقاي.

0

تېما

3

دوست

1811

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   81.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19948
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 580
توردىكى ۋاقتى: 253
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-25 20:10:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئىسىل ئەسەرلەر ئۇزۇلمىگەي .....
uyghuray

4

تېما

10

دوست

8670

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   73.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35433
يازما سانى: 757
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 2620
توردىكى ۋاقتى: 684
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-25 20:16:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئېسىل يازما بوپتۇ! رەھمەت

4

تېما

4

دوست

2402

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   13.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35511
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 726
توردىكى ۋاقتى: 149
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-25 20:43:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللار مەسىلىسى خىرىستىئانلارنىڭ ئىسلام دۇنيااسىغا ھۇجۇم قىلىدىغان ئەڭ چۇڭ قۇرالى. ئىسلام ئالىملىرىمۇ ئاياللار تۇغرىسىدا  كۆپرەك ئەسەرلەرنى يىزىپ خاتا چۈشەنچىلەرگە رەددىيە بىرىشى لازىم

3

تېما

7

دوست

1408

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   40.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33893
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 424
توردىكى ۋاقتى: 45
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-25 22:09:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      بۇنى  ئوقۇپ چېقىپ بەزەن نەرسىلەرنى ھېس قىلغان بولدۇم، ھەرقايسى زاماندا ياشىغان ئالىملىرىمىز شۇ زاماندىكى ئاياللار ۋە مائارىپ مەسىللىرىگە قارىتا ئەسەر يازغان ھەم شۇ زاماندىكى غەرىپ ئەللىرنىڭ مائارىپ تەرەققىياتى ۋە ئاياللار ئازادلىقى ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئىسلاھەتلىرگە نىسبەتەب پىكىر ئىلىپ بارغان.  

      ئەمدى بۇ زامان ئۇ زامانغا پەقەتلا ئوخشىمايدۇ، ھازىرقى بۇ زامان ھەقىقەتەن ئېلىم-پەن تەرەققىي قىلىپ ئاخىرقى چەككە كىلىپ قالغان، ئەخلاق ۋە ئەخلاقسىزلىق ئوتتۇرسىدا كەسكىن كۈرەش بولۋاتقان، پۇتكۇل نەرسىلەر ئاشكارە بولغان ، زاماننىڭ ئاخىرى بولۇپ قالدى.  قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى ئوچۇق، ئاشكارە يۈز بېرۋاتقان بۇ زاماندا ئاياللارنىڭ بۇزۇلىشى ناھايىتىمۇ ئىغىر.     

     دەل غەرىپ مەدەنىييىتىنىڭ ۋە مائارىپىنىڭ تەسىرىدە ئىسلامسىزلىشىش، ئەخلاقسىزلىشىش ئەۋىج ئېلىپ قىز ئايللىرىمىزنى باشقۇرالمىغۇدەك ھالەتكە يەتتۇق، ئۇلاردىكى ئەركىن پىكىر ئىسلام ئۈممىتىگە ھەرگىز ماس كەلمەيدۇ. ھەقىقەتەن ئوقۇش ئەر-ئايال ھەربىر مۇسۇلمانغا پەرىز.  بىر ۋەقەلىك با بىر ئايال پەيغەمبىرىمىزنى ئىزدەپ كىلىپ ئۆزىنىڭ ئىلىم ئالغىسى بارلىقىنى بايان قىلىدۇ، رەسۇلۇللاھ ئۇ ئايالغا ئۇچىڭىزنى ئوراپ كىلىڭ دەيدۇ، ئۇ ئايال مەندە پەقەت ماشۇ كىيىملا با ئارتۇقى يوق دەيدۇ، باشقىلاردىن سوراڭ دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال پۇتكۇل مەھەلىدىكىلەردىن ئۆزىنى ئورۇغۇدەك بىرنەسە سورايدۇ ئەمما تاپالمايدۇ، رەسۇلۇللاھنىڭ قىشىغا كىلىپ تاپالمىغانلىقىنى ئىيتىدۇ، پەيغەمبىرىمىز ئۇ ئايالغا ئەمىسە ئۆيىڭىزگە قايتىپ ئۆيدە ئولتۇرۇڭ دەيدۇ. دېمەك سەترىمۇ پەرىز، ئىلىم ئېلىشمۇ پەرىز. ئەمما ئاياللارغا نىبەتەن سەترە ئەڭ مۇھىم، ئۆز ئىپپىتىنى ساقلىغىلى بولمايدىغان بۇ جەمىيەتتە ئىلىم ئالدىم دەپ اللە قۇرئاندا ئوچۇق ھارام قىلىنغان جايلىرنى ئېچىپ قويۇپ ئىلىم ئلىشى بەلكىم بىز مىللەتنى تەرەققىياتقا ئىگە قىلماستىن بەلكى بىزنى ئەخلاقى چېرىكلىشىشكە، زىناغا، پاھىشىۋازلىققا ئىلىپ بىرىپ ئەرلەرنىڭ زەئىپلىشىشىنى تېخىمۇ ئىلگىرلىتىدۇ.     

   شۇ سەۋەپتىن بىز ھازىرقى زامانغا خاسلىشىمىز دىسەك ئىسلامدىن يېراقلاشساق بولىدۇ، ئەگەر ئىسلام ئىچىدە ، شەرىئەت ئېچىدە ياشايمەن دەيدىكەنمىز چوقۇم رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىنى ، اللاھنىڭ بۇيرىغانلىرىنى چىڭ تۇتۇپ زامان بىلەن كارىمىز بولماسلىقى كىرەك. چۈنكى بۇ زامان شۇنداق ئىمتىھان زامانى، ئاياللار، پۇللار، بايلىقلار ھەممىسى بىزگە نېئمەت قىلىش بىلەن بىرگە بىزگە سىناق قىلىنغان.  شۇ سەۋەپتىن ئىسلامنى زامانغا ماسلاشتۇرمەن دەيدىغانلا ئاستا توختاپ قىلىشى كىرەك. چۈنكى بۇ زاماننىڭ كىلدىغىنىنى اللە قۇرئاندا بايان قىلغان ۋە ئالدانماسلىقىمىز ھەققىدە بىز ئىمان ئيتقان مۇسۇلمانلارنى ئاگاھلاندۇرغان.

1

تېما

0

دوست

3843

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   61.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14533
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 205
تۆھپە : 1080
توردىكى ۋاقتى: 278
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-25 23:19:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئىنسان ،ئادەم مەيلى ئۇ قايسى قەۋىمدىن بولسۇن ،قايسى دىندىن بولسۇن، ئەر ياكى ئايال بولسۇن،باي -كەمبىغەل،بىلىملىك-بىلىمسىز،بولسۇن ،غەم-قايغۇ،دەرت-ئەلەم،خوشاللىق-كۈلكە،بەخت-ئامەت ھەر ۋاقىت نىرى كەتمەيدۇ.تەقدىر- قىسمەت  ئىنسانلارنىڭ بىشىدا ھەر ۋاقىت چۆرگىلەپ تۇرىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )