ئەسلى تېما :<لازىر نۇرى ئارقىلىق كوكايىنغا خۇمار بولۇشقا نەزەر>گە ئۇيغۇر تىبابىتى ئارقىلىق نەزەر
(تۇرغۇن توختى)
دوكتۇر تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەت (بىلگەجان) ئىنىمىز مىسرانىم تورىدا «لازىر نۇرى ئارقىلىق كوكايىنغاخۇمار بولۇشقا نەزەر» ماۋزولۇق بىر پارچە تىما ئېلان قىلىپ، كەلگۈسى بىر نەچچە يىل ئىچىدە زەھەرگە خۇمار بولغۇچىلارنى داۋالاش تېخنىكىسى بارلىققا كېلىشى مۇمكىنلىگىدىن ئىبارەت ئۇچۇرنى يەتكۈزدى. ماقالىدا تۇنۇشتۇرۇلغان ئاساسلىق مەزمۇنلار تۆۋەندىكىچە: «ئامېرىكا دۆلەتلىك ساغلاملىق ئېنىستىتوتى تەتقىقات گۇرۇپپىسى، كالىفورنىيە ئۇنۋېرستىتى سان فىرانسىسكودىكى ئالىملار بىلەن ھەمكارلىشىپ زىيانسىز بولغان لازىر نۇرى ئىمپىلوسىنى كوكايىنغا خۇمار بولغان چوڭ چاشقاننىڭ مىڭىسىگە يەتكۈزۈپ بۇ ئارقىلىق چوڭ چاشقاننىڭ بۇخىل ناركوتىك دورىغاخۇمار بولىشىنى توسۇپ قالغان. بۇ خىل تېخنىكىنى ئىنسانلارغا ئىشلىتىشكە بولمىسىمۇ،ئىنسانلاردا مەيۈسلىنىش كېسلىنى داۋالاشتا ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان مېڭىنى ماگىنىتلىق غىدىقلاش (TMS) تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ، مىڭىنىڭ ئالدى قىسمىنى غىدىقلاپ، ئالدى مىڭە رايونىنىڭ ھەركىتىنى جانلاندۇرۇش ئارقىلىق زەھەرگە خۇماربولۇشنى توسۇپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى مىڭىنى ماگىنىتلىق غىدىقلاش تېخنىكىسىتېخى ئىنسانلاردا سىناق باسقۇچىدا بولۇپ، ئەگەر كېلىنكىلىق سىناق مۇۋاپىيەتلىك بولسا كەلگۈسى بىر نەچچە يىل ئىچىدە زەھەرگە خۇمار بولۇشنى كېلىنكىدا داۋالاپ ساقايتىشتىن ئۈمۈت تۇغۇلىشى مۇمكىن.....». ئۇنىڭدىن باشقا دوكتۇر تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەت (بىلگەجان) ئىنىمىز يازمىدا زەھەرگە خۇمار بولۇش كېسەللىكى ھەققىدەتۆۋەندىكىلەرنى تونۇشتۇرغان. «ئادەتتە زەھەرگە خۇمار بولۇپ قېلىش پۈتۈنلەي مىڭىدىكى مۇكاپات سېستىمىسىنىڭ كونتروللىقى ئاستىدا بولۇپ ناركوتىك ماددىلار ئىنسان ۋە ھايۋانلار مىڭىسىدە ئوخشاشلا مۇكاپات سېستىمىسىنى قوزغىتىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق خۇمار بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر خۇمار بولغان ماددا مىڭىگە يىتىپ بارمىساشۇ جانلىق چوڭ مېڭىسىدىن ئېنىقى ئالدى مىڭە فونكىتسىيىسدىن چاتاق چىقىدۇ ۋە ئالدىمىڭە ھەركىتى ئاستىلاپ، ئەقلى يەكۈن چىقىرىش ئىقتىدارى، خەتەرنى مۆلچەرلەش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەن چەككە چۈشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ زەھەر چىكىشكە سەۋەپ بولىدۇ.»
دوكتۇر تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەت (بىلگەجان) ئىنىمىزنىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ تەرەققى قىلغان ئۇ تەرىپىدىكىيىڭى ئۇچۇرنى ناھايىتى تىز ۋاقىت ئىچىدە بىزگە يەتكۈزگەنلىكىگە ۋە بۇنىڭدىنبۇرۇنمۇ ئۆز كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك يىڭى بىلىملەردىن خەۋەرلەندۈرۈپ تىنىمسىز ئەجىرقىلىۋاتقانلىقىغا كۆپتىن- كۆپ تەشەككۇر ئېيتىمىز. بۇندىن كىيىنمۇ داۋاملىق تىرىشىپ ئىمكانىيەتنىڭ يىتىشىچە ئۆز قەۋمىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە ھەم ئۆز تەتقىقاتلىرىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىگە تىلەكداشمىز.
ئەمىلىيەتتە بىزدەئىلمى تەتقىقات ئارقىلىق دەلىللەشتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ زەھەرگەخۇمار بولۇشنى داۋالاش تېخنىكىسى بىر نەچچە يىل بۇرۇن بارلىققا كېلىپ بولغان.كىلىنكىدا قوللىنىپ كىلىۋاتىمىز. ھازىر خېلىلا مۇكەممەللەشتى. تۆۋەندە مۇشۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ۋە كىلىنكىلىق داۋالاش جەريانىدا توپلىغان تەجرىبىلىرىمىز ئاساسىدا يەكۈنلىگەن قاراشلىرىمىزنى قىسقىچە بايان قىلىپ كەسىپ ئەھىللىرى بىلەن ئورتاقلاشماقچى.
ئۇيغۇر تىبابىتى ئەقىللىق، تىرىشچان ئەجدادلىرىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا تۈرلۈك كېسەللىكلەر بىلەن ئىزچىل كۆرەش قىلىش ئارقىلىق تەدرىجى يەكۈنلەنگەن سان- ساناقسىز تەجرىبىلىرىنىڭ ئىلمى يەكۈنىدۇر. ئۇ ئۆزىگە خاس بىر يۈرۈش نەزىرىيە سېستىمىسىغا، داۋالاش ئۇسۇللىرىغا ئىگە. بولۇپمۇ سوزۇلما خاراكتېرلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا كۆرىنەرلىك ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە. ھازىرقى زامان تىببى ئىلمى ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ بىر قىسىم نەزىرىيىۋى قاراشلىرىنى ئىلمى تەتقىقات ئارقىلىق ئىسپاتلاپ چىقمىغان بولسىمۇ لېكىن ئۇ تەكرار تەجرىبىلەر ئارقىلىق ئىسپاتلىنىپ يەكۈنلەنگەن ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن قاراشلاردۇر.
ئىنسان ئىنتايىن مۇرەككەپ جانلىق بولۇپ، ماددا بىلەن روھنىڭ يەنى تەن بىلەن روھىنىڭ بىرىكىشىئارقىلىق ۋوجۇدقا كەلگەن. بۇ ئىككىسى ئۆز- ئارا تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ ھەم ئۆز-ئارا تەقەززا قىلىپ، بىر- بىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلايدۇ. ئۇيغۇر تىبابىتى ئىنسانلارنى كەڭ تەبىئەتنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدۇ. ھەم مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇيغۇرتىبابىتى ئىلمىدىكى مۇھىم نەزىرىيىۋى قاراشلار مۇشۇ مەنبە ئاساسىدا تەدرىجى شەكىللىنىپ، بېيىپ، سېستىمىلاشقان. 4 تادو تەلىماتى، خىلىت تەلىماتى، مىزات تەلىماتى، روھ تەلىماتى قاتارلىق تۈپ نەزىرىيىۋىلەر يۇقارقى تونۇش ئاساسىدا بارلىققا كېلىپ راۋاجلانغان. تەبىئەتنى تۈزگۈچى ئىلمىنىتلارنىڭ ئادەم ئورگانىزىمىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، يەر شارىدىكى سۇ بىلەن قۇرۇقلۇقنىڭ نىسبىتىنىڭ ئادەم ئورگانىزىمى بىلەن ماس نىسبەتتە بولۇشى ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىنساننى تەبىئەتنىڭ بىر قىسىمى دەپ قارىشىنىڭ ھەقىقەتكە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.خىلىتلارنىڭ مىزاج، ساقلىق ۋە كېسەللىك بىلەن بولغان مۇناسىتى، روھقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى رىئالنى مەۋجۇت نەرسە بولۇپ، ئادەم بۇنى بىۋاستە سەزگىلى، ھېس قىلغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: ئىسسىق، سوغۇق، ھۆل، قورۇق قاتارلىق كەيپىياتلارنى ئادەم بىۋاستە ھېس قىلغىلى بولىدۇ. كىلىنكا ئەمىلىيىتىدىمۇ خىلىتلارنىڭ كېسەللىكلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەر دائىم ئىسپاتلىنىپ تۇرىدۇ. ئەمما بۇ قاراشلارنى ھازىرقى زامانتىببى ئىلمى ئىسپاتلاپ چىققىنى يوق. روھنىڭ ئورگانىزىملار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئۇيغۇر تىبابىتى ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارايدۇ. بۇ ھەقتە بەزى قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ مىخانىزىمى تەتقىقات ئارقىلىق ئىسپاتلانمىغان. ھازىرقى زامان تىببى تەتقىقاتى ئاساسەن ماددىغا مەركەزلەشكەن.
مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ھازىرقى زامان تىببى تەتقىقاتى ئارقىلىق ئادەم ئورگانىزىمىنىڭ مۇرەككەپ بولغان سېستىمىلىرىنى چوڭقۇر ۋە تولۇق چۈشىنىش مۇمكىنچىلىكى تۆۋەن. شۇڭا ئەنئەنىۋى تىبابەتتىكى بەزى نەزىرىيىۋى قاراشلارنى كونكىرتنى كېسەللىك ھەققىدىكى تەتقىقاتلاردا مۇۋاپىق پايدىلىنىشنىڭ ئەھمىيىتى بار دەپ قارايمەن. ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى داۋالاش ئۇسۇللىرى يۇقارقىدەك ئۆزگىچە نەزىرىيىلەر ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. ھازىرقى زامان غەرپ تىبابەتچىلىكىدە داۋالاش مۇمكىن بولمايۋاتقان نۇرغۇن كېسەللىكلەرنى ئۇيغۇر تىبابىتى ئارقىلىق داۋالىغىلى بولىدۇ. ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى كېسەللىكنى مەنبەدىن داۋالاشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغاچقا قايتا قوزغىلىش نىسبىتى تۆۋەنرەك. غەرپ تىبابەتچىلىكى ئۆتكۈر، جىددى كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئالاھىدە ئارتۇقچىلىققا ئىگە. ھەر ئىككى تىبابەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقى ۋە يىتەرسىزلىكى بار. خەلقىمىزنىڭ ئادەتلەنگەن ئېڭىدا غەرپنىڭ پەن- تېخنىكا تەرەققىياتى يۇقۇرى بولغاچقا يىڭى تېخنىكىلار غەرپتە بارلىققا كېلىدۇ دەپ قارايدۇ. رىئاللىقمۇ ھەقىقەتەن شۇنداق. ئەمما تىببى ئىلىمدە پۈتۈنلەي شۇنداق دىگىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇر تىبابىتى پەقەت رايونىمىزدىلا مەۋجۇت.غەرپ تىبابىتى تەتقىق قىلىپ بارلىققا كەلتۈرگىلى بولمايۋاتقان بەزى يىڭى تېخنىكىلارنى ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ئۆزگىچىلىكى ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.تىببى تەتقىقاتلار مەيلى قايسى ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلمىسۇن، قانداق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلمىسۇن، ئېلان قىلىنسۇن ياكى قىلىنمىسۇن ئاخىرقى ۋە بىردىنبىر مەقسەت كېسەللىكنى داۋالىغىلى بولىدىغان تېخنىكىنى بارلىققا كەلتۈرۈش. شۇ ئارقىلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاپ ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتۇر. يىڭى بىرتېخنىكا بارلىققا كېلىپ ئۇنى ئىلمى ئىسپاتلاشتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېلان قىلىنغاندا كەسپى ساھەنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا، مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە ئېرىشكىلى، ئاۋامنى خەۋەردارقىلغىلى بولىدۇ. ئەمما ئۇ ئاخىرقى مەقسەپ ئەمەس.
مەن بىر ئۇيغۇرتىبابىتى دوختۇرى بولۇپ بىز تۇنۇشتۇرماقچى بولغان بۇ داۋالاش تېخنىكىسى كېلىنكىلىق داۋالاش جەريانىدا كۆزىتىش، كېسەللىكنىڭ مەنبىيى ھەققىدە ئىزدىنىش، تەپەككۇر قىلىپيىڭى داۋالاش ئۇسۇللىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش، سىناق قىلىش ئارقىلىق تەدرىجى بارلىققاكەلگەن يىڭى تېخنىكا بولۇپ، ئىلمى تەتقىقات ئۇسۇلى ئارقىلىق بارلىققا كەلمىگەن. بۇجەھەتتە بىز ئىلمى نۇقتىدا ئىزدىنىشىمىز مۇمكىن. گەرچە بۇ ئىلمى تەتقىقات ئارقىلىق دەلىللەنمىگەن بولسىمۇ ئەمىلى تەجرىبىدىن ئۆتكەن، ئۈنۈمى يۇقۇرى، مەنبەدىن داۋالاش تېخنىكىسىدۇر.
كەسىپ ئەھلىلىرىگە ئايان بولىغىنىدەك روھى كېسەللىكلەر چوڭ مىڭە فونكىتسىيىىنىڭ نورمالسىزلىقىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك دەپ قارالسىمۇ بۇنداق نۇرمالسىزلىق مىڭىدىكى قانداق كېسەللىك ئۆزگىرىشىدىن كىلىپ چىقىدىغانلىقى تىببى ئىلىمدە ئىنىقلانمىغان مەسىلىدۇر. شۇڭلاشقا پەقەت ئالامىتىگە قارىتا يۈزەكى داۋالاش قىلىنىۋاتىدۇ. بىزكۆپ يىللىق كىلىنكا ئەمىلىيىتى جەريانىدا تەكرار كۆزىتىش، داۋالاشتىن بۇزۇنقى ھالىتى بىلەن داۋالاشتىن كىيىنكى ھالىتىنى سېلىشتۇرۇپ ئۆزگىرىش پەرقىنى تېپىپ چىقىش ئارقىلىق روھى كېسەللىكلەر (تۈرلۈك زەھەرگە خۇمار بولۇش، ئىسپىرىتتىن زەھەرلىنىش كېسەللىكى)، بىر قىسىم نېرۋا كېسەللىكىنىڭ مەنبىئى ھەققىدە تۆۋەندىكىلەرنى يەكۈنلەپ چىقتۇق.
1. باشنىڭ نورمال ئاناتومىيىلىك شەكلى ئۆزگىرىپ، ھەجىم جەھەتتىن كىچىكلەش كېلىپ چىقىدۇ. يەنى باشنىڭ ئومۇمى ھەجىمى رۇشەن ھالدا كىچىكلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە باشنىڭ ئوخشىمىغان ئورۇنلىرى چوڭ- كىچىكلىكى ئوخشىمىغان ھالدا پەسلەپ ئويمانلىشىپ قالىدۇ. مەسىلەن:بەزىلەرنىڭ بىر تەرەپ چىكە قىسمى ئويمانلىشىپ قالسا، بەزىلەرنىڭ ئىككىلا تەرەپ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئويمانلىشىدۇ. بەزىلەرنىڭ چوققا قىسمى، بەزىلەرنىڭ باشنىڭ ئارقا ئوڭ تەرەپ، بەزىلەرنىڭ ئارقا سول تەرەپ، بەزىلەرنىڭ ئارقا ئوتتۇرا قىسمى ئويمانلىشىپ قالىدۇ. بەزىلەرنىڭ باشنىڭ ئالدى قىسمى پىشانىسى بىلەن بىرگە قوشۇلۇپ پەسلەپ كېتىدۇ. بەزىلەرنىڭ ئايرىم ئورۇنلارنىڭ ئويمانلىشىشى كۆرىنەرلىك بولماي،ئومۇمى ھەجىمدىن كىچىكلەيدۇ. ئادەملەرنىڭ باش ھەجىمى شەكلى ئوخشاش بولمىغاچقاكېسەللىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان باشنىڭ ھەجىمىدىكى كىچىكلەشنى داۋالاشنىڭ ئالدىدابىلگىلى بولمايدۇ. داۋالاشتىن كىيىن ياخشىلانغاندا تەكشۈرۈپ بۇرۇنقى ھالىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا قانچىلىك دەرىجىدە كىچىكلىگەنلىكىنى ئىنىقلاپ چىققىلى بولىدۇ.ئايرىم ئۇرۇنلاردىكى ئويمانلىشىش ئەھۋالىنى چاچنى چۈشۈرۈپ قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ.روھى- نىرۋا كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ھەممىسىدە مانا مۇشۇنداق ئۆزگىرىش كىلىپ چىقىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە باش سۆڭەكتىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىدۇر.
2. باش سۆڭەكتىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى بىلەن ماس ھالدا مىڭىنىڭ ھەجىمى قورۇلۇپ كىچىكلەيدۇ. ئايرىم ئۇرۇنلاردىكى ئويمانلىشىپ قالغان ئۇرۇننىڭ ئۇدۇلىدىكى مىڭە رايونىدىمۇ ماس ھالدائېغىرراق ھالدا قورۇلۇپ ئويمانلىشىش كىلىپ چىقىدۇ. باش، مىڭىنىڭ ھەجىمى كىچىكلەپ قورۇلۇش دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغاچقا ۋە ئايرىم ئۇرۇنلارنىڭ ئويمانلىشىش ئورنى ۋەدەرىجىسى ئوخشاش بولمىغاچقا كېسەللىك ئالامەتلىرىدىمۇ روشەن پەرقلەر كىلىپ چىقىدۇ.باش، سۆڭەك، مىڭىدىكى يۇقارقىدەك كېسەللىك ئۆزگىرىشى تۈرلۈك روھى كېسەللىكلەر(زەھەرگە خۇمار بولۇش، ئىسپىرىتتىن زەھەرلىنىش) ۋە بىر قىسىم نىرۋا كېسەللىكلىرىنى ھەم پىسخىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۈپكى مەنبەدۇر. بۇرۇن ياللۇغى،ئاشقازان ياللۇغى، كۆپىنچە جىنسى ئىقتىدار توسالغۇغا ئۇچراش كېسەللىكى قاتارلىق نىرۋا مەنبەلىك كېسەللىكلەرنىڭ كىلىپ چىقىشىمۇ يۇقارقىدەك كېسەللىك ئۆزگىرىش سەۋەبىدىندۇر. ئادەتتىكى نېرۋا- روھى كېسەللىكلىرى بىلەن زەھەرگە خۇماربولغۇچىلاردا كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەپ ئوخشىمىسىمۇ، كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋىتى ئوخشاش بولىدۇ. بۇنداق كېسەللىك ئۆزگىرىشى نىمە سەۋەپتىن كېلىپ چىقىدىغانلىقى، قانداق مىخانىزىم ئارقىلىق باش سۆڭەك ۋە مىڭىنىڭ ھەجىمىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇيغۇر تىبابىتى نەزىرىيىلىرى ئاساسىدا ئىزدىنىپ خېلى چوڭقۇر چۈشەنچە ھاسىل قىلدۇق. بۇ جەھەتتىكى ئەھۋاللارنى غەرپ تىبابىتى ئارقىلىقمۇ چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولىدۇ.
داۋالاش ھەققىدە:
كېسەلنى داۋالاش ئۈچۈن شۇ كېسەلنى ئەتراپلىق، چوڭقۇر چۈشىنىش زۈرۈر. بىز يۇقارقى چۈشەنچىلىرىمىز ئاساسىدايەنە داۋاملىق ئىزدىنىپ تەكرار سىناق قىلىش، 70- 80 قېتىملىق ئۆزگەرتىش ئارقىلىق كىسەلنى مەنبەدىن داۋالاش ئۇسۇلىنى بارلىققا كەلتۈردۇق. دەسلەپتە داۋالاش ئۆنۈمى تۈۋەن بولۇپ، بوشاشماي تىرىشىش نەتىجىسىدە ئۈنۈم ئۆزلۈكسىز يۇقۇرى كۆتۈرۈلۈپ تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان داۋالاش ئۈنۈمى زور دەرىجىدەيۇقۇرى كۆتۈرۈلدى ھەم قېلىپلاشتى. بىز ھازىر نېرۋا- روھى كېسەللىكلەر جۈملىدىن تۈرلۈك زەھەرگە خۇمار بولۇش، ئىسپىرىتتىن زەھەرلىنىش (ھاراققا خۇمار بولۇش)كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا مۇۋاپىقىيەت قازاندۇق دەپ ئېيتالايمىز. داۋالاش جەريانىدا ماددا ئالمىشىش ياخشىلىنىپ، باش ھەجىمى تەدرىجى چوڭىيىپ، ئويمانلىشىپ قالغان ئورۇنلار ئەسلىگە كەلدى. باشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ مىڭىنىڭ قورۇلۇپ قېلىش ئەھۋاللىرى مۇناسىپ ھالدا ياخشىلاندى. باشنىڭ چوڭىيىپ ئەسلىگە كىلىش ئەھۋالىنى مۇناسىپ تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ بىلگىلى بولىدۇ. ئادەتتىكى كۆزبىلەنمۇ قاراپ ئېنىق بىلگىلى بولىدۇ. بىمارلارمۇ ئېنىق ھېس قىلالايدۇ. باش ھەجىمىنىڭ ئاناتومىيىلىك قورۇلمىسىدىكى ئۆزگۈرۈش ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ كېسەللىك ئالامەتلىرى تەدرىجى يەڭگىللەپ ماڭىدۇ. باش چوڭىيىپ ئەسلىدىكى ھالىتىگەكەلگەندە بىماردىكى روھى ھەم جىسمانى جەھەتتىكى بارلىق كېسەللىك ئالامىتى ياخشىلىنىپ نورمال ھالەتكە كېلىدۇ. بۇ جەھەتتىكى داۋالاش ئۇسۇلىمىزغا ئىككى تۈردەكەشپىيات پاتنىت ھوقۇقى ئالدۇق.
زەھەر (خىروئىن) چەككەن بىمارنى داۋالاش جەريانىدىكى داۋالاشنىڭ ئالدى ۋە داۋالىنىپ چىققاندىن كېيىنكى CTدا تەكشۈرۈش نەتىجىسى
داۋالاشنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتىدىكى نەتىجىسى
كۈنلۈك داۋالاشتىن كىيىنكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى
زەھەرنىڭ ناركوز قىلىش،ئاغرىق پەسەيتىش، روھلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتى بار. ساغلام ئادەم دەسلەپ زەھەر ئىستىمال قىلغاندا ھاياجانلىنىپ، نىرۋىسى تىنىچلىنىپ، پۇت- قوللار يەڭگىللەپ، ئۆزىنى ناھايىتى راھەت، ئازادە ھېس قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن زەھەرگە قىزىقىش پەيدا بولىدۇ.مەلۇم ۋاقىت داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن بۇنداق راھەت سىزىمى يوقىلىپ، زەھەر ئىستىمال قىلمىسا پۇت- قوللار ئاغرىيدىغان، پۈتۈن بەدەن قاتتىق يېقىمسىزلىنىپ بىئارام بولىدىغان، ئىچى تىتىلداپ ئۆزىچە چېچىلىپ ئاچچىقلايدىغان، ئۇيقۇسى كەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا زەھەر چىكىش ئارقىلىق ئازاپتىن قۇتۇلۇشنىلا ئويلايدۇ.زەھەر ئىستىمال قىلغان ۋاقتى ئۇزارغانسىرى يۇقارقى ئالامەتلەر ئېغىرلىشىپ كۆرۈلىدۇۋە باشقا نۇرغۇن روھى ئالامەتلەر كۆپىيىپ قوشۇلۇپ كېلىدۇ. بۇ خىل ئالامەتلەرنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى- زەھەر بەدەنگە قوبۇل قىلىنغاندىن كىيىن قان ئايلىنىش ئارقىلىقپۈتۈن بەدەنگە تارقايدۇ ھەمدە باش قىسمىغا يىتىپ بېرىپ باش سۈڭەك، مىڭە ۋە باشقىسمىدىكى باشقا توقۇلمىلارنىڭ ھۈجەيرە ئارلىقلىرىغا چۆكۈپ ماددا ئالمىشىشنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ. نەتىجىدە ھۈجەيرىلەرنىڭ قورۇلۇپ قېلىشىنى، بىر قىسىم ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھۈجەيرىلەرنىڭ بۆلۈنۈپ كۆپۈيىشىمۇ توسقۇنلۇققائۇچرايدۇ. شۇ سەۋەپتىن باشنىڭ ئاناتومىيىلىك قۇرۇلمىسىدا تەدرىجى چىكىنىش خاراكتىرلىك ئۆزگىرىش يۈز بىرىپ، ھەجىمى كىچىكلەيدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئادەمنىڭ ئىرادە،ھىسيات، تەپەككۇر قاتارلىق روھى پائالىيەتلىرى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. خۇمار بولۇش دىگەنلىك ئادەتتە ئېيتىلىۋاتقان ئاددىلا خۇمار بولۇش بولماستىن زەھەرلىنىشتىنكىلىپ چىققان پۈتۈن بەدەن خاراكتىرلىك ئۇنۋىرسال كېسەللىك بولۇپ، بىمار پەقەت ئۆز-ئۆزىنى ناركوز قىلىش ئارقىلىق ئازابىنى يەڭگىللىتىش مەقسىتىدە زەھەر ئىستىمالقىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. زەھەر ئىستىمال قىلمىسا ناھايىتى ئازاپلىنىپ، قىينىلىپ كىتىدۇ. مىڭىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كىچىكلىگەن ئەھۋالدا، مىڭىنىڭ ئالدى رايونىلائەمەس پۈتۈن مىڭىنىڭ ھەممە قىسمىنىڭ ھەركىتى ئاستىلىشى مۇمكىن.
بۆرەك، جىگەر قاتارلىق ئەزالارنىڭ بەدەندىكى كىرەكسىز زەھەرلىك ماددىلارنى سۈزۈپ تازىلاش رولى بولسىمۇپەقەت نورمال ماددا ئالمىشىش جەريانىدىكى زەھەرلىك ماددىلارنى تازىلاش ئىھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. كۆپ مىقداردا قوبۇل قىلىنغان زەھەرلىك ماددىلارنى تازىلىيالىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا زەھەر پۈتۈن بەدەنگە تارقىلىپ، بىر قىسىم ئەزالارنى زەخمىلەندۈرۈپ كېسەللىك پەيدا قىلسا، بىر قىسىم ئەزالارنىڭ فىزىلوگىيىلىك خىزمىتىنى زەئىپلەشتۈرىدۇ.
مىڭىنى ماگىنىتلىق غىدىقلاش تېخنىكىسى ئارقىلىق مىڭە ئالدى رايونىنىڭ ھەركىتىنى كۈچەيتىپ، زەھەرخۇمارىنى يوقىتىپ داۋالاش سىناقتىن ئۆتۈپ كىلىنكىدا قوللىنىلغان ھالەتتىمۇ ئۇيەنىلا يۈزەكى، ۋاقىتلىق ئۆنۈم بىرىدىغان داۋالاش ئۇسۇلى بولۇپ، كېسەللىكنى مەنبىئىدىن داۋالاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ. مىڭىنى ماگىنىتلىق غىدىقلاش تېخنىكىسى مىڭىنىڭ ھەركىتىنى سۈنئى ھالدا جانلاندۇرۇش بۇلۇپ، مىڭە ھەركىتى تۆۋەنلەشكە سەۋەپ بولغان ئامىل (كېسەللىك سەۋەبى) يوقىتىلمىغان ئەھۋالدا قىلىنغان داۋالاش ئۇسۇللىرى ۋاقىتلىق چارىدىنلا ئىبارەت بولۇپ، مىڭە ۋە باشقا ئەزالاردىكى كېسەللىك ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلالماسلىقى مۇمكىن. زەھەرگە خۇمار بولغۇچىلارداتۆۋەندىكىدەك كېسەللىكلەر كۆرۈلىدۇ. بەدەنگە ئورناپ كەتكەن زەھەر تازىلىنىپ مۇشۇكېسەللىكلەر ياخشىلانغاندىلا زەھەرگە خۇمار بولۇشنى مەنبىئىدىن داۋالاش ئەمەلگەئاشىدۇ.
1. زەھەرگە خۇماربولغان، ئىسپىرىتتىن زەھەرلەنگەن بىمارلارنىڭ نىرۋا سېستىمىسىدىن ئالدىداچۈشەندۈرگىنىمىزدىكىدەك چىكىنىش خاراكتىرلىك كېسەللىك كىلىپ چىقىدۇ. ھەمدەتۆۋەندىكىدەك كىلىنكىلىق ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ؛ زىھنىنى يغالماسلىق، ئەستاساقلاش قابىلىيىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، سەۋەپسىز ئاچچىقلىنىش، ئىچى تىتىلداپ بىئارام بولۇش، سىزىمى، ئىنكاسى ئاستىلاش، ئۆزىنى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كىتىش، جىم تۇرالماسلىق، ئۇيقۇسىزلىق، تەپەككۇر قابىلىيىتى تۆۋەنلەش،ئىرادىسى ئاجىزلاش، بەدەندە بىر نەرسەمېڭىۋاتقاندەك قىمىرلاش قاتارلىق روھى ئالامەتلەر كىلىپ چىقىدۇ. جىسمانى جەھەتتىكى ئالامەتلەردىن پۇت- قوللار ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئاغرىيدۇ. سىرقىرايدۇ.ئېغىرلاشقاندا دېۋەڭلىك، خامۇشلۇق، ئورۇنسىز قورقۇش، نىرۋا فونكىتسىيىسى قالايمىقانلىشىش، ئىچى سىقىلىپ قاتتىق بىئارام بولۇش، ئالاقزادە بولۇش، خىيالى تۇيغۇ پەيدا بولۇش، بىر قىسىم بىمارلادا ئېلىشىپ قېلىش (ساراڭلىق) كىلىپ چىقىدۇھەمدە پۇت- قوللار تىترەش، بەدەننىڭ ئېلاستىكىلىقى تۆۋەنلەش كۆرۈلىدۇ.
2. قان ئايلىنىش سېستىمىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. يۈرەك موسكۇلى ۋە قان- تومۇرلارنىڭئېلاستىكىلىقى تۆۋەنلەپ قېتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قان پىلازمىسى ئازىيىدۇ.
3. ئاشقازان يىگىلەش،ئاشقازان ياللۇغى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئومۇمىيۈزلۈك ئىشتىھاسىزلىق،ھەزىم ناچارلىشىش كۆرۈلىدۇ. جىگەر ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، ھەرخىل جىگەر ياللۇغى،جىگەر قېتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. ئىممونىت سېستىمىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ سىبلىس قاتارلىق يوقۇملۇق كېسەللىكلەردىن ئاسان يوقۇملىنىدۇ.ئومۇمى بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، ھالسىزلىنىش كۆرۈلىدۇ. بارلىق ئەزالارنىڭفونكىتسىيسى چىكىنىپ كىتىدۇ. كۆپىيىش ئەزالىرىنىڭ فونكىتسىيىسى تۆۋەنلەپ جىنسى ئىقتىدار ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۆرەك زەئىپلىشىدۇ.
دىمەك زەھەرگە خۇماربولۇش زەھەرلىنىش سەۋەپلىك ئورگانىزىملار زەخمىلىنىش سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدىغان ئۇنۋىرسال كېسەللىك. بەدەنگە ئورناپ كەتكەن زەھەر تازىلىنىپ، زەخمىلەنگەن ئەزالارئەسلىگە كېلىپ، فونكىتسىيىسى ئاجىزلاشقان، قالايمىقانلاشقان ئەزالارنىڭ خىزمىتىنى نورماللىشىپ جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىكى بارلىك كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ياخشىلاپ نورمال ھالەتكە كەلتۈرۈشنى داۋالاشنىڭ پىرىنسىپى ۋە نىشانى قىلغاندىلا ھەقىقى زەھەر خۇمارىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، كېسەللىكنى مەنبىئىدىن داۋالاش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ. بەدەندىكى زەھەرنى تازىلاش، نىرۋا ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داۋالاشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. زەھەر تازىلانغاندىلا بەدەننىڭ ئىقتىدارى تەدرىجى ئەسلىگە كېلىدۇ. ياكى باشقا مۇناسىپ كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئىمكانىيەت توغۇلىدۇ.زەھەر تازىلانغاندا مىڭىنىڭ ئىقتىدارى ئەسلىگە كىلىپ نورماللىشىدۇ. مىڭە ھەركىتىمۇتەبىئى ھالدا كۈچىيىپ نۇرماللىشىدۇ. زەھەر خۇمارىمۇ تەبىئى ھالدا يوقىلىدۇ. نىرۋابىلەن مۇناسىۋەتلىك بارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى ياخشىلىنىدۇ. باشقا ئەزالاردىكى مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرمۇ ياخشىلىنىپ روھى ھەم جىسمانى جەھەتتە ساغلام ھالەتكەكەلتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. مانا بۇ بىز رىئاللىققا ئايلاندۇرغان، 10نەچچە يىلدىن بىرى كىلىنكا داۋامىدا داۋاملىق ئىسپاتلىنىپ كىلىۋاتقان ئىش.تەجرىبىلىرىمىزگە ئاساسلانغاندا زەھەر مەلۇم مىقداردا تازىلىنىپ، مىڭە ئىقتىدارى%30- %40 ئەتراپىدا ئەسلىگە كەلگەندە كۈچلۈك زەھەر خۇمارى ئاساسەن پەسلەيدۇ.ئۆزىنى كونترول قىلغۇسىز دەرىجىدىكى قىينىلىش، ئازاپلىنىش، زەھەرگە بولغان كۈچلۈك ئىنتىلىش يوقىلىدۇ. بۇ ھالەت كېسەلنىڭ ياخشىلىنىپ، ئېغىرراق دەۋرىدىن ئۆتكەن ۋاقتى بولۇپ، بىمار ئۆزىنى ساقايغاندەك ھېس قىلىدۇ. روھى جەھەتتە تەپەككۇر، ھىسيات،ئىرادە قاتارلىق پائالىيەتلىرىدە مەلۇم دەرىجىدە نورمالسىزلىقلار يەنىلا مەۋجۇتبولۇپ، ئالدىراڭغۇلۇق، جاھىللىق، مەسىلىلەرنى ھەر تەرەپتىن ئەتراپلىق تەپەككۇرقىلالماسلىق، كەيپىياتى تۇراقلىق بولماسلىق، ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشى بولالماسلىقتەك ئالامەتلەر بىماردا قېلىپ قالىدۇ. ئېغىر دەرىجىدىكى ماغدۇرسىزلىق ياخشىلانسىمۇ،كۈچ قۇۋۋىتى تولۇق ئەسلىگە كەلمەيدۇ. باشقا ئىچكى ئەزالاردىكى كېسەللىك ئەھۋالىماس ھالدا ياخشىلىنىشقا قاراپ ماڭىدۇ. داۋاملىق داۋالاش ئېلىپ بارغاندا باشنىڭ ھەجىمىدىكى نورمالسىز ئەھۋاللار ئەسلىگە كېلىدۇ. قىينىلىش، ئازاپلىنىش ئەھۋاللىرىپۈتۈنلەي يوقىلىش بىلەن بىرگە تەپەككۇرى نورمال، ھېسيات ۋە كەيپىياتى تۇراقلىق،زەھەرگە بولغان ئىنتىلىش يوقالغان ھالەتكە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. بىمار ئۆزىنى راھەت،كۆڭلى توق ھېس قىلىدۇ. ئەتراپتىكى مۇھىت يىڭىلانغاندەك، ھەممە نەرسە گۈزەللىشىپ كەتكەندەك تويغۇغا كېلىدۇ. ھاياتقا ئۆمىتۋارلىق بىلەن قارايدىغان بولىدۇ. ئۆزىگە،ئائىلىسىگە، جەمئىيەتكە نىسبەتەن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى شەكىللىنىدۇ. ئۆزىنى كونتىرول قىلىش، ئىشلارغا سوغۇق قانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئىقتىدارى شەكىللىنىدۇ. ئويقۇسۈپىتى نورماللىشىدۇ. ھەزىم سېستىمىسىدىكى كېسەللىكلەر ياخشىلىنىپ ئىشتىھاسىئەسلىگە كېلىدۇ. جىگەردىكى، ئىممونىت سېستىمىسىدىكى، كۆپىيىش سېستىمىسىدىكىكېسەللىكلەر ۋە باشقا زەھەر تەسىرىدىن كېلىپ چىققان چىكىنىش خاراكتىردىكى باشقا كېسەللىكلەر مەنبىئىدىن ياخشىلىنىدۇ.
ھازىرغىچە 500دىن ئارتۇق نىرۋا- روھى كېسەل بىمارلىرىنى داۋالىدۇق. تۆۋەندە 2 تۈرلۈك كېسەللىكنىڭ داۋالاش نەتىجىسى قوشۇمچە قىلىندى.
1. چۈمادو (Tramadol) غا خۇمار بولۇپ قالغان بىمارلارنى داۋالاشتىن نەتىجە
چۈمادو (Tramadol) غا خۇمار بولغانلاردىن جىگەردە كېسەللىك كۆرۈلگەنلەر
چۈمادو (Tramadol) غا خۇمار بولغانلاردىن جىنسى ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلار
. ئىسپىرىتتىن زەھەرلەنگەن (ھاراققا خۇمار بولغان) بىمارلارنى داۋالاشتىن نەتىجە
ئىسپىرىتتىن زەھەرلەنگەنلەر (ھاراققا خۇمار بولغانلار)نىڭ جىنسى ئىقتىدار توسقۇنلۇققائۇچرىغانلار
شىنجاڭ ئەل ئۆمىد بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى خوتەن تۇرغۇن ئۇيغۇرتىبابەت ئامبۇلاتۇرىيىسىدىن تۇرغۇن توختى |