- تىزىملاتقان
- 2013-2-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 562
- نادىر
- 0
- يازما
- 42
ئۆسۈش
12.4%
|
namsizbiz يوللىغان ۋاقتى 2016-2-13 18:51
راس گەپقىلسام مەنمۇ چەتئەلگە چىقىپ ئۇقۇش ئارزۇسىدا تۇ ...
ئۇكام ، قورقماڭ . سىزنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتە قانداق ئوقۇغۇنىڭىز بەك مۇھىممۇ ئەمەس ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىغىنىڭىزمۇ مۇھىم ئەمەس . ئەڭ مۇھىمى سىز جەمىئىيەتتە ئۈزلۈكسىز ئۈگىنىپسىز ، مۇشۇ روھىڭىز قەدىرلىك . سىز دىگەن تەكشىلىك لايىھىلەش كەسپى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئاقىدۇ . سىز چوقۇم ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ . چەتئەلگە چىققانلارنىڭ ھەممىسى دەرىستە دەھشەت ياخشى ئوقۇغانلار ئەمەس . بۇنىڭغا چوقۇم ئىشنىڭ . ئاليى مەكتەپكە ئۆتەلمەي ، كېيىن ئۆزلۈكىدىن ئېنگىلىزچە ئۈگىنىپ چەتئەلدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇپ ياخشى ئىش ئورۇنلىرىدا يۇقۇرى مۇئاش بىلەن ئىشلىگەنلەرمۇ كۆپ .
بەزىلىرى ئالىي مەكتەپتە ھىچنىمە ئۈگىنەلمىگەن بىلەن كېيىن ئىرادە باغلاپ ، خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن كۆپ بىلىملەرنى ئۈگىنىدىغانلارمۇ بار .
سىز ئامېرىكىدىكى ئېنگىلىز تىلى مەكتەپلىرىدىن چاقىرىق ئەكەلدۈرۈپ سىناپ بېقىڭ . تەلىيىڭىز كەلسە ئامېرىكا ۋىزىسى ئالالايسىز . ئازراقلا ئېنگىلىزچە ئۈگەنگەن ، ئوتتۇرۇھال سەۋىيەگىمۇ يەتمىگەن بەزىلەر مۇشۇنداق تىل مەكتەپلىرىنىڭ چاقىرىقى بىلەن تەلەي سىناپ ۋىزا ئېلىپ ئامېرىكىغا بارغانلارمۇ بار .
ياكى ياپونىيەگە بېرىشنى ئويلاشسىڭىزمۇ بولىدۇ . ياپونچە ئۈگىنىشمۇ بەك تەس ئەمەس . |
|