- تىزىملاتقان
- 2011-1-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-1-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7872
- نادىر
- 6
- يازما
- 292
ئۆسۈش
57.44%
|
چەتئەل دىگەنلىك ھەممە نەرسە ھەل بولدى دىگەنلىك ئەمەس،،، نۇرغۇنلىغان قۇربانلىقلارنى بېرىشكە، زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ... چىقماقچى بولغان كاندىدات چوقوم كىچىكىدىمۇ ياخشى ئوقۇغان، تىرىشچان بولۇشى لازىم،،، باشلانغۇچ.، تولۇقسىز،، تولۇق دىگەندەك،،، ئەگەر كىچىكىدە ياخشى ئوقۇغان بولسا، ھەر قانداق يەردە ياخشى ئوقۇپ كېتەلەيدۇ،، ئەگەر كىچىكىدە ياخشى ئوقۇماي، چەتئەلدە ياخىشى ئوقۇيمەن دىيىش خام خىيال،،، ۋاقىت ۋە پۇلنى ئىسراپ قىلىشىتىن باشقا نەرسە ئەمەس.....مەن تۇرىۋاتقان دۆلەتتتىمۇ خېلى جىق ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى بار،،، لېكىن قانچىسى ياخشى ئۇقۇۋاتىدۇ،، ؟؟ كىم تىرىشىۋاتىدۇ؟؟ بارماق بىلەن سانىۋالغىلى بولىدۇ،،، بۇ ياخشى ئوقۇۋاتقانلار بۇرۇنمۇ ياخشى ئوقۇغلار،،،، كۆپىنچىلىرى ئالىي مەكتەپ پۇتتۇرۇپ چىققانلار....مەن بىلىدىغان ساناقلىقلا ياخشى ئۇقۇيدىغان ئۇيغۇر بالىلىرى بار.
تولۇقنى پۇتتۈرۇپ چىقىسىمۇ، يوقىرىدا دىگەندەك كىچىكىدىمۇ ياخشى ئۇقۇغان بولۇشى لازىم. بۇ يەردىمۇ نەچچە يىل يېڭى ئۇقۇم ئىنگىلىزتىلىنى قۇچاقلاپ يۇرگەنلەرمۇ بار...
2) چەتئەلدە ئاسان پۇل تاپقىلى بولىدۇ،،،؟؟؟ ئالدامچىلىق.... ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت،،،، چەتئەلنىڭ كوچىلىرى ئالتۇن ئەمەس،،، پۇل دىگەن بۇ نەرسە ھەممە كىمگە مۇھىم...... چەتئەلگە چىقىشىتىكى مەقسەت ئايدىڭ بولۇش لازىم... ئوقۇشمۇ ياكى پۇل تېپىشمۇ؟؟؟؟ پۇل تاپىمەن دەپ ئويلايدىغانلار، نىمىگە تايىنىپ پۇل تاپىمىز؟؟ ئاز تولا ئىنگىلىز تىلى بىلسەك پۇل تاپالەيمەن دەپ ئويلامسىز؟؟؟ ئنگىلىز تىلىنى بىز چوڭ بىلىمىز،،،، ئەمىلىيەتتە چەتئەلدە تازلىق ئىشچىلىرىدىن تارتىپ تاكسى شوپۇرلىرىغىچە بىلىدۇ،،، ئۇلارنىڭ باي بولۇپ كەتكىنى يوق،،،،،،،،،، ئوقۇيمەن دەمسىز؟؟؟ بىر تەرەپتىن ئىشلەپ بىر تەرەپتىن ئوقۇيمەن دەمسىز؟؟؟ ئىش بار،،، لېكىن ئۆز يۇرتىڭىدا قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىسىز،،، نىمە ئىش قىلىسىز؟؟؟ تاماقخانىلاردا تاماق توشۇيسىز،،، قاچا يۇيىسىز،،،، بۇ پۇل نىمىگە يېتىدۇ،،؟؟؟ شۇ سىزنىڭ ئاز تولا تۇرمۇش ئېھتىياجىڭىزدىن چىقىدۇ،،، شۇنىڭ بىلەن سىزگە بېسىم ۋە غېرىپچىلىق ھەمرا بولىدۇ.... ئوقۇي دىسىڭىز، ئىقتقسادى بېسىم، ئىشلەي دىسىڭىز ، ئوقۇش بېسىمى،،،،،،،
پۇلى بارلارمۇ بار،،، لېكىن ئۇلار پۇلنىڭ كۈچى بىلەن چىققان،،، بۇرۇنمۇ ياخىشى ئوقۇمىغانلار،،،، بۇ يەرگە چىقىپ تېخىمۇ ئوقۇش خوشياقمىغان،،، ئاتا-ئانىسىنىڭ پۇلىنى بىر قانچە يىل خەجلەپ، ئىنگىلىز تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتەمەيۋاتقانلار جىق،،،،،،مەن خېلى جىق كۆرگەن.....
3) شۇڭا سىزدە 2 ئامىل بولۇشى كېرەك،،،، تىرىشچان، كىچىكىدىن ياخشى ئوقۇغان،،، جاپا چىدايدىغان،،،،، ئوقۇشنىڭ قەدرىگە يەتكەن بولۇشى لازىم،،، بۇ ھەممىدىن مۇھىم... ئىقتىسادى ئەھۋالى بەك ياخشى بولمىسىمۇ،، لېكىن قىيلىنىپ قالغاندا ئائىلىسى پۇل ئەۋەتىپ بېرەيدىغان دەرىجىدە بولۇشى كېرەك.... بەك غېرىپسىنىپ كەتمەيسىز،،، ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئېلىش بەك تەس، باكلاۋۇرلىق كەسپىدە ئۇقۇيدىغانلارغا مۇمكىن ئەمەس دىسەكمۇ بولىدۇ، ماگىستىر ۋە دوكتۇرلۇق كەسىپلىرىگە بولسا سىزنىڭ بىڭسىڭىزغا ۋە تاللىغان كەسپىڭىزگە باغلىق،،، ئىنژنىرلىق كەسىپلىرىگە ئىلتىماس قىلغىلى بولىدۇ،، لېكىن سانى بەك چەكلىك، ئىلتىماس قىلماق تەس....
4) مېنىڭ تەكلىپىم: جوڭگودىكى مەكتەپلەردە ئالدى بىلەن باكلاۋۇرلىقنى تۈگىتىش،،، بەزىلەر تۈگەتمەك تەس، جوڭگودا ئوقۇماق تەس دىيىشى مۇنكىن،،، ئۇقۇش ھىچ يەردە ئاسان ئەمەس،،، يۇرتتا ئوقۇيالمىسىڭىز بۇ يەردىمۇ ئوقۇيالمايسىز،،، بەزىلەر جوڭگو ئوقۇتۇش تۈزۈمىنى ياراتماسلىقى مۇنكىن،،، ھەرقانداق ئوقۇش سىستىمىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بولىدۇ... مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ شاكىلىنى چىقىرۋەتسەك بولىدۇ..... باكلاۋىرلىقنى تۇگىتىش جەريانىدا، ئىنگىلىز تىلىدىن ئاساس سالغىلى بولىدۇ.... بەزىلەر چەتئەلدە ئاسان ، تىز تۈگەتكىلى بولىدۇ دەيدۇ،، قۇرۇق گەپ،،،، توغرا، 3-4 يىلدا تۈگەتكىلى بولىدۇ،، لېكن سىزدە شۇنداق قابىلىيەت بارمۇ؟؟؟ سىز ئىنگىلىز تىلىدا دەرھال دەرس ئالالامسىز؟؟ مۇنداق قابىلىيەت، تولۇق ئوتتۇرىنى پۇتتۇرۈپلا ھازىرلاش بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ناھايىتى تەس،، ھەتتا يوق دىيەرلىك،،، بۇ يەرگە چىقىپ ئىنگىلىز ئۆگىنىش ئۈچۈن 2 يىل ئەتىراپىدا (ئاز دىگەندە،،، تىرىشچان بولسىڭىز) ، كەسىپ ئوقۇش ئۈچۈن3-4 يىل كەتسە (ئوقوپ كېتەلىسىڭىز تېخى)،، ئاز دىگەندىمۇ 5-6 يىل كېتىدۇ،،،،،، دۇنيادا ئاسان ئوقۇش ۋە قىسقا يول يوق...
ئەڭ ئاخىرىدا تورداشلارغا دەيدىغىنىم: نىشان ئېنىق بولۇشى كېرەك، نىمە كەسىپ ئۇقۇش، كەلگۈسىدە نىمە ئىش قىلىش دىگەندەك، تور بەتلىرىگە كىرىپ، ئۆزى قىزىققان كەسىپلەرنى تاللىشى كېرەك.. مۇنۇ ئىنگىلىز تىلى گەپنى سىلەرگە سوۋغا قىلاي:
There is no short cut for success !
دۇنيادا مۇۋاپىقىيەت ئۈچۈن قىسقا يول يوق |
|