- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-12-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 10164
- نادىر
- 2
- يازما
- 353
ئۆسۈش
0.41%
|
مەن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن شىنجاڭ مائارىپى ژورنىلىنىڭ 2011-يىلى 10-سانىنى قولۇمغا ئېلىپلا ساۋاغدىشىم ئەنۋەرنىڭ سۈرىتىنىڭ ژورنال باش مۇقاۋىسىغا بېسىلغانلىقى شۇنداقلا قىسقىچە تەرجىمھالى تونۇشتۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خوشال بولدۇم. ئۇنىڭ ساۋاغدىشى بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلەندىم. ھەمدە باشقىلارنىڭمۇ بۇ ژورنالدىكى مەزمونلاردىن تور يۈزىدە بولسىمۇ خەۋەردار بولىشىنى لايىق تاپتىم.
ئەنۋەر نىيازنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى تۆۋەندىكىچە:
ئەنۋەر نىياز ھازىر قومۇل شەھەرلىك كەسپى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۇ 1991-يىلى 7-ئايدا قومۇل ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنىڭ گۈزەل سەنئەت كەسپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزۈپ خىزمەتكە چىققان 20يىلدىن بۇيان ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيۈپ، قومۇل ۋىلايىتىنىڭ مىللى مائارىپىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن مەملىكەت، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت ، شەھەر بويىچە كۆپ قېتىم «ئىلغار ئوقۇتقۇچى»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخىس»،«يېڭىلىق ياراتقۇچى شەخس»، «مۇنەۋەر ئوقۇتقۇچى»، «ئىلغارخەلق قۇرۇلتاي ۋەكىلى»......... قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
ئۇ 2004 يىلى 4-ماي ياشلار بايرىمىنى تەبرىكلەش يۈزسىدىن تۇنجى نۆۋەتلىك «گۈل قاپاق كۆرگەزمىسى » ئېچىپ ، ئاپتونوم رايون ۋە قۇمۇل ۋىلايىتىدىكى ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدە تونۇشتۇرۇلۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. ھەمدە 2008-يىلى10-ئايدا «جۇڭگو رەسساملار جەمىيىتى» نىڭ تەتقىقاتچى خادىملىقىغا قوبۇل قىلىنغان.
ئەنۋەر نىياز تەربىيلىگەن ئوقۇغۇچىلار دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تۈرلۈك گۈزەل سەنئەت مۇسابىقىلىرىدە كۆپ قېتىم ئالماس، ئالتۇن، كۈمۈش، مىس قاتارلىق جەمئىي 127 دانە مەملىكەت دەرىجىلىك مېدالغا ئېرىشىپ، قومۇل ۋىلايىتى ۋە مائارىپ سېپىگە زور شان شەرەپلەرنى كەلتۈردى.
ئۇنىڭ بىر قىسىم ئىجادىي ئەسەرلىرى تۈركىيە، ياپۇنىيە، شىۋىتسىيە، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ھەمدە مەملىكىتىمىز ئىچى سىرتىدا تونۇلماقتا، ئۇ ھازىرمۇ ئىزچىل مىللى گۈزەل سەنئەت تۈرىنىڭ بىرى بولغان قاپاق سەنئىتى توغۇرلۇق داۋاملىق ئىزدەنمەكتە. شۇنداقلا ئۇيغۇر تارىخىدا ئۆتكەن مۆھتىرەم ئالىملىرىمىز ۋە مەشھۇر شەخسلەرگە بولغان سېغىنىش ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ پورتىرىتى ، تەرجىمھالى ۋە ۋەكىل خارەكتىرلىق ئەسەرلىرىنى قاپاق يۈزىگە يىغىنچاقلاپ سىزىپ، ئۆزگىچە بولغان خاتىرە بۇيۇم ئىشلىمەكتە .
ئۇنىڭ 120 پارچىدىن ئارتۇق ماي بوياق رەسىم ۋە قاپاق سەنئەت ئەسەرلىرى ھازىرمۇ قومۇل ۋىلايەتلىك 12 مۇقام سارىيىدا ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت سەنئىتىنى كۆرگەزمە ئارقىلىق نامايەن قىلماقتا. |
-
|