قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 7894|ئىنكاس: 75

ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇئامىلە ئەخلاقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

5

دوست

1062

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   6.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34753
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 12
تۆھپە : 342
توردىكى ۋاقتى: 622
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-5 05:15:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kitaphumar101 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-5 05:27  


ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇئامىلە ئەخلاقىغا بولغان تەسىرى توغرىسىدا

ئەخمەتجان ھەسەن

قىسقىچە مەزمونى: ئۇيغۇرلار گۈزەل ئەخلاققا ئىگە،قەدىمىي، مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئەخلاقىنىڭ شەكىللىنىشى ئۇيغۇرلار تارىختا ئېتىقاد قىلغان دىنلارنىڭ بولۇپمۇ ئسلام دىنىنىڭ ئەخلاقىي قاراشلىرىنى مۇھىم مەنبە قىلغان.ئسلام دىنى ئۇيغۇر ئەخلاقىنىڭ شەكىللىنىشى،تەدرىجىي مۇكەممەللىشىشى ، مەزمونىنىڭ كېڭىيىشى ۋە بېيىشىغا ئاساس سېلىپ بەرگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاقى ئسلام دىنى ئەقىدىلىرى بىلەن بىرلىشىپ تېخىمۇ تاكاموللاشقان،ئۇيغۇر جەمىيئىتىدىكى ھەربىر شەخىسنىڭ ھەركىتىنى تىزگىنلەپ،ئەخلاق ئارقىلىق تىزگىنلىنىدىغان جەمىيئەت ئەندىزسىنىڭ مۇھىم قورالى بولۇپ كەلگەن. ئىجتىمائىي ئەخلاق ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئەخلاقى سېستىمىسى ئىچىدىكى ناھايىتى مۇھىم بىر تەرەپ بولۇپ،ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۇيغۇر جەمىيئىتى ۋە شۇ جەمىيئەت كىشىلىرىنىڭ تۈرلۈك ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىنى تەڭشەشنىڭ ۋاستىسى ۋە ئۆلچىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئەخلاقىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر:ئسلام دىنى؛ئۇيغۇرلار؛ئىجتىمائىي مۇئامىلە ئەخلاق

    ”ئەخلاق بىرخىل ئىجتىمائىي ئاڭ شەكلى بولۇپ،ئۇ مۇئەييەن جەمىيئەتتىكى كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشەيدىغان ھەركەت-قىلىق ئۆلچەملىرى ۋە مىزانلىرىنىڭ ئومومىي گەۋدىسىنى كۆرسىتىدۇ“.①ئەنئەنىۋى ئەخلاق-مەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم تەكىبىي قىسىمى بولۇپ ، ئۇ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئىجتىمائىي ئەمەلىيىتى جەريانىدا تەدرىجىي شەكىللەنگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاقىمۇ ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخىي جەريانلاردا ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا قارىشى، تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى،ئۆرۈپ-ئادىتى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە مۇناسىپ ھالدا شەكىللەندۈرگەن ھەمدە ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان،ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان،ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىنى تەڭشەشتە ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ھەركەت مىزانلىرىنىڭ ئومۇمىي نامىدۇر.ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاقى- ئۇيغۇر جەمىئىتىدىكى ھەربىر شەخىس بىلىشى،ۋارىسلىق قىلىشى ھەم ئەمەلىيىتىدە ئىجرا قىلىشى زۆرۈر بولغان ھەركەت مىزانىدۇر.ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئەخلاقىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئۇيغۇرلار تارىختا ئېتىقاد قىلغان دىنلارنىڭ بولۇپمۇ ئسلام دىنىنىڭ ئەخلاقىي قاراشلىرى مۇھىم مەنبە بولغان .ئسلام دىنى ئۇيغۇر ئەخلاقىنىڭ شەكىللىنىشى،مۇكەممەللىككە قاراپ يۈزلىنىشى، مەزمونىنىڭ كېڭىيىشى ۋە بېيىشىغا ئاساس سېلىپ بەرگەن. مىلادى 10-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا،تىيانشاننىڭ غەربىي قىسىمىدىكى قاراخانىيلار خانلىقى ھۆكۈمرانىنىڭ ئسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشى قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىننىي ئېتىقادى جەھەتتىكى چوڭ بىر تارىخىي بۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ.شۇنىڭدىن باشلاپ،ئسلام دىنى تەدرىجىي ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تارقالغان ۋە باشقا دىنلارنىڭ ئورنىنى ئېلىپ،ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھۆكۈمران ئورۇندىكى دىنغا ئايلانغان.ئسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تارقىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ،ئسلام دىنىنىڭ مۇسۇلمانلار ئادا قىلىشى شەرت بولغان ئىبادەت،مەجبۇرىيەتلىرى ۋە تۇرمۇشتا مەنئى قىلىنغان ئىشلار ئۇيغۇرلار ئىچىدە تەدرىجىي قېلىپلاشقان. ئسلام دىنى بىر خىل دىننىي ئېتىقاد ۋە بىر پۈتۈن ئىدېئولوگىيە،مەدەنىيەت سېستىمىسى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن،ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي،سىياسىي، ئىقتىسادىي،مەدەنىي تۇرمۇشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئىجتىمائىي مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسىمىغا ئايلانغان.ئسلام دىنى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۈتۈن ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە چوڭقۇر سىڭىپ كىرگەن.ئسلام دىنى ئەقىدىلىرى،قانۇن ۋە تۈزۈملىرى تەدرىجىي ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئجتىمائىي تۇرمۇش ئۆلچىمىگە ۋە ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنىڭ قىبلىنامىسىگە ئايلانغان.

    ئسلام دىنى ئەخلاققا يۈكسەك ئېتىبار بېرىدىغان دىن بولۇپ، ئسلام دىنىدىكى قاراشلار بويىچە ئېيتقاندا،ئەخلاق-ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر.ئسلام دىنىدا مۇسۇلمانلارنىڭ بەش پەرھىزنى ئادا قىلىشنىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلمايدۇ،پەرھىز ۋە مەجبۇرىيەتلەردىن باشقا يەنە ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشى،ئەخلاقىنى كامىللاشتۇرۇشى كېرەك دەپ قارىلىدۇ. ياخشىلىققا بۇيرۇش،ھەرخىل يامانلىقلارنى توسۇش 《قۇرئان كەرىم》دىكى مۇھىم مەزمونلارنىڭ بىرىدۇر.مۇھەممەد ئەلەيھسسالاممۇ:”مەن گۈزەل ئەخلاقلارنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم“دىگەن.ھەدىسلەردە ئەخلاق مۇسۇلماننىڭ ئاخىرەتتىكى بەخىتكە ئېرىشىشىنىڭ مۇھىم شەرتى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام:”تارازىغا گۈزەل ئەخلاقتىن ئېغىر توختايدىغان نەرسە يوق“،”سىلەردىن مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان،قىيامەت كۈنى ماڭا ئەڭ يېقىن تۇرىدىغان كىشى-ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل كىشىدۇر“، ”ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى-تەقۋالىق ۋە گۈزەل ئەخلاق“دىيىش ئارقىلىق ئەخلاقنىڭ مۆئمىنلىكنىڭ مۇھىم بەلگىسى،مۇسۇلمانلىقنىڭ مۇھىم شەرتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

   ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئائىلىۋى تۇرمۇشىنى،كەسپىي تۇرمۇشىنى ۋە ئاممىۋى تۇرمۇشىنى،ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا تەڭشەش،ئۇيغۇنلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە،ئېسىل ئائىلە ئەخلاقى،كەسپىي ئەخلاق ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاق(جامائەت ئەخلاقى)نى شەكىللەندۈرگەن.بۇ ئۈچ تەرەپتىكى ئەخلاق بىر-بىرى بىلەن باغلىنىشلىق ھالدا ،ئۇيغۇر ئەخلاقىنىڭ مۇكەممەل سېستىمىسىنى شەكىللەندۈرگەن. ئىجتىمائىي ئەخلاق ئۆز نۆۋىتىدە يەنە شۇ جەمىيئەتنىڭ ياكى شۇ جەمىيئەت كىشىلىرنىڭ ئەخلاق ساپاسى ۋە مەرىپەت دەرىجىسىنى كۆرسىتىغان بەلگە ۋە ئىپادە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئەخلاقىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
       جامائەت ئەخلاقى ـــ بىر جەمىيئەتتىكى ھەممە كىشى ئۆزلىرىنىڭ ئورتاق تۇرمۇشىدا ۋە ئورتاق ئىجتىمائىي ئالاقىلىرىدە رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك بولغان ئەخلاقىي ھەركەت مىزانلىرى بولۇپ،ئۇ شەخس بىلەن شەخىسنىڭ،شەخس بىلەن جەمىيئەتنىڭ،ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋەتلىرى جەريانىدىكى تۈرلۈك ئەخلاق نورمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئىجىتىمائىي ئالاقىلەرنىڭ دائىرىسى كەڭرى ،شەكلى كۆپ خىل،مەزمونى مول بولىدۇ. ئۇيغۇرلار ناھايىتى قەدىمكى دەۋىرلەردىلا جەمىيئەت بولۇپ ئۇيۇشقان ھەم تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش جەريانىدا ئۆز جەمىيئىتى ئىچىدىكى كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشەيدىغان بىر قاتار ئەخلاق مىزانلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجىتىمائىي مۇئامىلە ئەخلاقىدىكى تۈپ ئۆلچەم باشقىلارغا دوستانە ، ياخشى مۇئامىلە قىلىش،ئىتتىپاقلىق ۋە دوستلۇقتىن ئىبارەت.دوستانە ۋە ئىتتپاق بولۇش ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ئەخلاقىنىڭ تۈپ ئۆلچىمى شۇنداقلا ئاخىرقى مەقسىتىدۇر . ئسلام ئۆلىمالىرى ئۆزلىرىنىڭ ۋەز-تەبلىغلىرىدە ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن شەخس بىلەن جەمىيئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۆپ تەرەپتىن شەرىھلىگەن . ھەربىر كىشىنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان ئالاقە مۇناسىۋەتلەردە ياخشىلىق قىلىشىنى ، ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش كېرەكلىكىنى، بىر-بىرىگە مېھرىبانلىق،دوستلۇق،قېرىنداشلىق مېھىر-مۇھەببىتىنى يەتكۈزىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن . ئسلام دىنىدا مۇسۇلمانلارنىڭ قېرىنداشلىقى ھەققىدىكى پىكىر كۆپ تەكىتلىنىدۇ.《قۇرئان كەرىم》دىمۇ ”مۆئمىنلەر ھەقىقەتەن قېرىندشلاردۇر ، قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەڭلار“②دېيىلىدۇ . ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە ئالاقىلەردىكى ئەخلاقىي مەجبۇرىيەت قاراشلىرىكىشىلەرنىڭ باشقىلار بىلەن ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈش ، كەمبەغەل ، يېتىم-يىسىرلەرگە شەپقەت قولىنى سۇنۇش ، قوشنىلار ۋە مېھمانلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش، ئاممىۋى سورۇنلاردىكى ياخشى سالام-سەھەت قاتارلىق ئەخلاقىي ھەركەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . مەيلى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتتىپاقلىقى بولسۇن ،يۇرتداشلارنىڭ ئىتتىپاقلىقى بولسۇن ياكى قان-قېرىنداشلارنىڭ ئىتتىپاقىلىقى بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت ھەربىر كىشىنىڭ باشقىلارغا سۆز-ھەركەتتە ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەپلەردە ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدىغان،شەخسنىڭ شان-شەرىپىنى،قىممىتىنى ئاشۇرىدىغان مۇھىم ئەخلاق نىزامىدۇر . ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئەخلاقىدا يۇقىرقى مەسىلە دىنىي ۋە ئىجتىمائىي مەجبۇرىيەت سۈپىتىدە ئۇيغۇرلار ھاياتىدىكى مۇھىم ئەخلاق يۇسۇنى ۋە ئەندىزىسىگە ئايلانغان.تۆۋەندە ئۇيغۇرلاردىكى كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشتەك ئىجتىمائىي ئەخلاق نورمىسى سالام-سەھەت،ئاتا-ئانىلارغا ۋە چوڭلارغا كۆيۈنۈش،قوشنا-قۇلۇم ۋە باشقىلار بىلەن ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈش، مېھمانلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش، يېتىم-يىسىرلەرگە شەپقەت كۆرسىتىشقاتارلىق بىرقانچە نۇقتا بويىچە ئايرىم-ئايرىم بايان قىلىنىدۇ.

1.سالام-سەھەت قىلىش

    سالاملىشىش ئەدەپ-ئەخلاقىنىڭ مۇھىم بىر مەزمونى، ئۇ شەخىسنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ئېتىراپ قىلىش، باراۋەرلىكىنى ئىپادىلەش ،دوستلۇق،سەمىمىيلىك، كەمتەرلىك ھېسسىياتىنى ئايان قىلىش قاتارلىق مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئەخلاقىي ھەركەت بولۇش سۈپىتىدە ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا زور رول ئوينايدۇ،شۇڭا ئۇيغۇرلار سالام-سەھەتكە يۈكسەك ئېتىبار بىلەن قارايدۇ، سالاملىشىشقا ئەخلاق مىزانى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىدۇ،ئاتا-ئانىلار بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپلا ئەدەپ-قائىدە ئۆگىتىدۇ. ئسلام دىنىدىكى،جۈملىدىن مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدىكى سالاملىشىش ھەققىدىكى تەۋسىيە ۋە بۇيرۇقلارنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سالاملىشىش ئۇسۇلى قۇيۇق ئىسلامىي تۈس ئالغان.ئسلام دىنىدا سالام قىلىشنىڭ ئۇسۇلى،ئېيتىلىدىغان سۆز ۋە ئۇنىڭ تەرزى ھەققىدە ئېنىق كۆرسەتمە بار.《قۇرئان كەرىم》دە شۇنداق دېيىلگەن:”سىلەرگە بىر كىشى سالام بەرسە،ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشى سالام بىلەن جاۋاب قايتۇرۇڭلار ياكى ئۇنىڭ سالىمىنى ئەينەن قايتۇرۇڭلار“.بۇنىڭدىن سالام قىلىش ۋە ئۆزىگە قىلىنغان سالامغا سالام بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ پەرھىز(مەجبۇرىيەت)ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھسسالاممۇ سالام قىلىشنى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن سۈننەت تەرىقىسىدە كۆپ تىلغا ئالغان ۋە بۇيرۇغان.بۇ ھەقتە مۇنداق ھەدىسلەر بار:”مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندىكى ھەققى بەشتۇر:سالامغا جاۋاب قايتۇرۇش،كېسەل بولسا يوقلاش،مېيىت نامىزىغا قاتنىشىش،چاقىرغان يېرىگە بېرىش ۋە چۈشكۈرگەنلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش“.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دىگەن:”ئۇلاغلىق پىيادىگە،پىيادە ماڭغۇچى ئۇلتۇرغۇچىغا،ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا سالام قىلسۇن“.ئسلامىي قاراشتا سالام قىلغۇچى سالام قىلىنغۇچىغا سالام ئارقىلىق ئامانلىق تىلەيدۇ،ئاللاھ بۇ سالام ئارقىلىق سالام قىلىنغۇچىنى سالامەت قىلىدۇ.بۇقاراشلار ئۇيغۇر ئەخلاقشۇناسلىرىنىڭ دىداكتىك ئەسەرلىرىدىكى سالام ھەققىدىكى بايانلارنىڭمۇ روھىي مەزمونىدۇر.
    ئۇيغۇرلار سالام-سەھەتنى ئەخلاقىي ھەركەتنىڭ ئەقەللىي ئۆلچىمى دەپ قاراپ،ھەممە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ سالام قىلشتىن باشلىنىشىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇيغۇرلار باشقىلار بىلەن ئۇچراشقاندا ”ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم“(سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمەن)، ”ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام“ قاتارلىق ئەرەبچە ئىبارىلەر، ”تىنىچلىقمۇ“، ”ياخشىمۇسىز“ دىگەندەك ئادەت سۆزلىرى ئارقىلىق ئۆز سالىمىنى يەنى ئۇلارغا بولغان ياخشى مۇئامىلىسى ۋە ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدۇ. قىسقىسى، ئۇيغۇرلاردا سالام-سەھەت بىر كىشىنىڭ ئەخلاقىي تەربىيلىنىشى، پەزىلىتى،كەمتەرلىكىنىڭ ئۆلچىمى، شۇنداقلا ئەقەللىي ئەخلاق ئۆلچىمى سۈپىتىدە تونۇلىدۇ.بۇ سەۋەبتىن ئىجتىمائىي ئالاقىلەردە بىر-بىرىگە قىزغىن سالام ئارقىلىق يېقىنچىلىق،ھۆرمەت ياكى ئىززەت تۇيغۇلىرىنى ئىپادە قىلىپ،ئۆملۈكنى ئادەتكە،ئەنئەنىگە،مۇھىمى مىللىي ئەخلاقنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا ئايلاندۇرغان.

2. ئاتا-ئانىلارغا ۋە چوڭلارغا كۆيۈنۈش

    ئاتا-ئانىغا سادىق بولۇش-ھەممە مىللەتكە ئورتاق بىر ئەنئەنە.ئۇيغۇرلار ئاتا-ئانىنى ئۆينىڭ تۈۋرۈكى،بەرىكىتى،چىرىغى ھېسابلاپ قەدىرلەيدۇ. ئاتا-ئانىنى ئۆزلىرىگە قانات ھېسابلاپ، ئۇلارنى ئاسرايدۇ.ئۇيغۇرلاردىكى ئاتا-ئانىغا سادىق بولۇش،ئۇلارغا كۆيۈنۈش ۋە ئاسراش ئىدىيىسى ئسلام دىنى تەرىپىدىن تىخىمۇ يۈكسەلدۈرۈلگەن. ئىسلام دىنى ئىنسانغا، مېھرىبانلىق قىلىشنى تەرغىپ قىلىدىغان دىن بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا،ئۇرۇق-تۇغقان-قېرىنداشلىرىغا،قوشنىلارغا ،ئومۇمەن كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىگە كۆيۈنىشى ۋە ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشىنى بۇيرۇيدۇ.ھەتتا ھايۋانلارنى ئاسراشىمۇ ئادىمىيلىك بۇرچ سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان. كۆيۈنۈش مەجبۇرىيىتى بار دىيىلگەن، بۇ ئەقىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاق ئېڭىغا چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن شۇنداقلا ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئەخلاق مىزانلىرىنىڭ نېگىزىگە ئايلانغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلاردا كىشىلەرگە كۆيۈنۈش-ئەخلاقىي ۋە دىننىي مەجبۇرىيەت بولۇپلا قالماستىن،مۇھىمى ئادىمىيلىك بۇرچ دەپ تونۇلىدۇ.مانا مۇشۇ ئەخلاقىنىڭ تەركىبىي قىسىمى سۈپىتىدە ئۇيغۇر جەمىيئىتىدىكى ھەرخىل ئىجتىمائىي ئالاقىلەردە ئاتا-ئانىلارغا كۆيۈنۈش،ھۆرمەتلەش،ئاسراش-ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەل ئەخلاقلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.ئسلام دىنىدا كىشىلەرنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشى بۇيرۇلىدۇ.《قۇرئان كەرىم》دە:”پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا-ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى.ئۇلارنىڭ بىرى ياكى ئىككىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا ئۇلارغا قاتتىق تەگمىگىن،ئۇلارنى دۆشكەللىمىگىن،ئۇلارغا ھۆرمەت ۋە يۇمشاق سۆز قىلغىن“⑧،”ئىنساننى ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق“⑨دېيىلگەن . مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدىمۇ”ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئاتا-ئانىلىرىڭلارغا ئاسىي بولۇشنى ھارام قىلدى“،” ئەڭ چوڭ گۇناھلار-ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش،ئاتا-ئانىغا ئاسىي بولۇشتۇر “،”ئەمەللەرنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈكى-ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش“ دىگەندەك بايانلاردىن سىرت، ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ نەپلە نامازدىنمۇ ئارتۇق ئىكەنلىكى ھەققىدە بايانلار بار.ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىدىكى يۇقىرىقى بۇيرۇق ۋە كۆرسەتمىلەرگە لايىق ھالدا كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىشنى ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشتىن باشلاشنى تەرغىب قىلغاندىن سىرت، ئۇنى ئىلاھىي دەرىجىگە كۆتۈرگەن.مەسىلەن، ئۇيغۇرلاردا پەرزەنتلەر ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىنىڭ ياخشى دۇئاسىنى ئېلىش ئەڭ چوڭ بەخت ، بەددۇئا (قارغىش) ئېلىش ئەڭ چوڭ گۇناھ دەپ قارىلىدۇ.بۇ ئەخلاقىي ئەقىدە 《يەر سۇ بىلەن كۆكىرەر،ئادەم ئاتا-ئانا دۇئاسى بىلەن كۆكىرەر》،《جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىقى ئاستىدا》...دىگەن ماقاللاردا ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن.بۇنداق ئادەت-ئەنئەنىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلار جامائەت تەرپىدىن 《كۆيۈمسىز》،《ۋاپاسىز》دەپ قارىلىپ نەپرەتكە دۇچار بولىدۇ.ھەربىر كىشى ئاتا-ئانىغا ۋاپادار ۋە سادىق بولۇشنى،ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىشنى دىنىي، ئەخلاقىي،ئىنسانىي مەجبۇرىيەت دەرىجىسىدە تونۇيدۇ ھەمدە ئۇنى ئەمەلدە كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ.

3.قوشنىلار بىلەن ئىناق ئۆتۈش

   ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئەخلاقىدا قوشنىدارچىلىقنى قەدىرلەش،قوشنىلار بىلەن ئىناق ئۆتۈش ۋە ئۆزئارا ياردەمدە بولۇش ئېسىل پەزىلەت جۈملىسىدىن سانىلىدۇ.مۇھەممەد ئەلەيھسسالام مۇنداق دىگەن: ”كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنسە،قوشنىسىغا ئازار بەرمىسۇن “.⑦ئسلام دىنى تەكىتلىگەن خوشنىدارچىلىق ھەققىدىكى تەشەببۇسلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا، ئۇيغۇرلار قوشنىلار ئارا ياخشى ئۆتۈش،ئۆزئارا يېقىندىن ياردەمدە بولۇشنى ئۆزلىرىنىڭ مۇھىم ئەخلاق مىزانىغا ئايلاندۇرغان.ئۇيغۇرلاردا《قوشنا ھەققى》دىگەن ئەقىدە بولۇپ،بۇ ھەربىر كىشىنىڭ ئۆز قوشنىسىغا ياردەم قىلىش،ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش،ھەرخىل ئىش-پائالىيەتلەردە ھەمكارلىشىش مەجبۇرىيىتى بار،دىگەنلىك بولىدۇ. مۇشۇنداق ئەقىدە ياكى ئەخلاق ئېڭى ئاساسىدا ئۇيغۇرلار كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى قوشنىدىن باشلايدۇ،قوشنىلارغا ھەرقانداق ئىشتا يېقىندىن ياردەملىشىدۇ،ھەرۋاقىت ھال-ئەھۋال سورىشىپ،تاماق سۇنۇشۇپتۇرىدۇ، بىر-بىرىنىڭ ئۆيىگە مېھمان كەلسە ئۆزئارا تەكلىپ قىلىشىدۇ. بىر-بىرىنىڭ خوشالىقى ۋە قايغۇ ھەسرىتىگە ئورتاقلىشىدۇ،بىر-بىرىنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدۇ.ئۇيغۇرلاردىكى《يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا ئەلا》دىگەن ماقاللار ئەنە شۇ ئەخلاقنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.ئۇيغۇرلاردىكى قوشنىدارچىلىقتا ئىپادىلىنىدىغان ئەخلاق يالغۇز تام قوشنا بىلەنلا چەكلەنمىگەن.ئومۇمەن بىر مەھەللىدىكى كىشىلەر بىر-بىرىنى قوشنا ساناپ،ئۇلارغا ھەرقايسى تەرەپتە ياخشى مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق ئېسىل جامائەت ئەخلاقىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلگەن.

4.مېھمانلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش

    ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائىي ئومۇمىي ئەخلاقنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى- مېھمانلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشتۇر.مېھماندوستلۇق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ ئېسىل، ئەڭ ياخشى ئەنئەنىسى.ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندوستلۇق ئەخلاقىنىڭ شەكىللنىشىدە ئسلام دىنى ئەقىدىسىنىڭ تەسىرى چوڭقۇر.ئسلام دىنىدا مېھماننى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇنىڭ خىزمىتىنى مۇۋاپىق قىلىش-مۇھىم ئەخلاقىي مەجبۇرىيەت تەرىزىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.مۇھەممەد ئەلەيھسسالام مۇنداق دىگەن: ”كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنسە،مېھمىنىنى ھۆرمەت قىلسۇن “.⑥ئۇيغۇرلار ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۆيىگە بىرى كەلسە ئۇنىڭ تونۇش ياكى ناتونۇشلۇقى،كىچىك ياكى چوڭلۇقىدىن قەتئىينەزەر ئالدى بىلەن بىردەك ئوچۇق چىراي بىلەن قىزغىن قارشى ئېلىپ، سالام-سەھەت قىلىپ ئۆيگە باشلاپ تۆردىن ئورۇن كۆرسىتىدۇ.ئائىلىلەردە مېھمانلار ئۈچۈن تەييارلانغان يىمەك-ئىچمەكلەر ساقلىنىدۇ،يېڭى يوتقان-كۆرپىلەر تەييار قىلىنغان بولىدۇ.قىسقىسى، مېھمانغا ئۆزىدە بار بولغان ئەڭ ياخشى يېمەك-ئىچمەك،گەپ-سۆزبىلەنمۇئامىلە قىلىشقاتىرىشىدۇ.ئومۇمەن،ئۇيغۇرلار مېھمانلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى يالغۇز ئادەتلا ئەمەس،بەلكى يەنە《ئادەمگەرچىلىك》سۈپىتىدىكى ئەخلاق ئۆلچىمى دەپ قاراپ،ئۇنى كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمونىغا ئايلاندۇرغان.بۇ خىل ئەخلاق-پەزىلەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئىتتىپاقلىقىنى ئاشۇرۇشقا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن.

5.كەمبەغەل يېتىم-يىسىرلەرگە ياردەم بېرىش

    ھەربىر كىشىنىڭ ئۆز قۇدرىتىگە يارىشا ئۆزىدىن كەمبەغەل بولغان كىشىلەرگە ۋە ئىگە-چاقىسىز يېتىم-يېسىرلەرگە ياردەم قىلىش ئۇيغۇر جەمىيىتىدە كاتتا ياخشىلىق شۇنداقلا ھەربىر كىشىنىڭ دىنىي مەجبۇرىيىتى دەپ قارىلىدۇ.ئسلام دىنى كىشىلەرنىڭ باشقىلاغا ياخشىلىق قىلىشىنى تەكىتلەيدۇ.《قۇرئان كەرىم》دە مۇنداق دېيىلگەن: ”ئاللاھنىڭ يولىدا (پۇل-مال) سەرپ قىلىڭلار، ئېھسان قىلىڭلار،ئېھسان قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ “.③بۇ ئايەتلەردە ئېھسان قىلىشنىڭ ياخشى ئەمەل ئىكەنلىكى، مىسكىنلەرگە ئېھسان قىلىش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.ئسلام دىنىدا كىشىلەرنىڭ ئېشىنچا مال-مۈلكىدىن زاكات ، ئۆشرە ۋە سەدىقە بېرىشى پەرھىز ، يەنى دىنىي مەجبۇرىيەت قىلىپ بېكىتىلگەن.《قۇرئان كەرىم》دە مۇنداق دېيىلگەن: ”سەدىقىنى ئاشكارا بەرسەڭلار، بۇ ياخشىدۇر؛ئەگەر ئۇنى مەخپى بەرسەڭلار ۋە يوقسۇللارغا بەرسەڭلار،تېخىمۇ ياخشىدۇر“.④بۇ ئايەتتەباشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشىنىڭ ئاشكارا بولۇشتىن مەخپىي بولىشى تېخىمۇ تەكىتلەنگەن.مۇھەممەد ئەلەيھسسالاممۇ نۇرغۇن ھەدىسلىرىدە مىسكىنلەرنى ياخشى كۆرۈش، سىلە-رەھىم قىلىش،ئۇلارغا يېقىن تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان.بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلاردا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ مال-مۈلكىنىڭ بىرقىسىمىنى ياكى ئسلام دىنىدا بەلگىلەنگەن زاكاتنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئۆشرە ئورنىدا كەمبەغەل،يېتىم-يىسىرلەرگە بېرىش شەكلىدە ياخشىلىق قىلىشنى ئادەت قىلغاندىن باشقا ، مەخسۇس دىنىي خىزمەت ئورۇنلىرىدىن بولغان مەسچىت، خانىقا ۋە مەھكىمە شەرىئىيلەر مەزكۇر زاكات ۋە ئۆشرىنى بىرتۇتاش توپلاپ ، كەمبەغەللەرگە ۋە قىيىنچىلىقى بارلارغا تەقسىم قىلىدىغان ئادەتمۇ كەڭ ئوموملاشقان . بۇنداق ياردەملەرنىڭ ئوبيېكتلىرى ئومۇمەن كەمبەغەللەر ،مىسكىنلەر،ئۇقۇشسىز قالغان بالىلار ۋە مۇساپىرلاردىن ئىبارەت، ئۇندىن باشقا ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورۇنلىرى،مەكتەپ،دوختۇرخانا ۋە يول ياساش قاتارلىقلارمۇ ئۇيغۇرلار كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ياردەم قىلىدىغان ئوبېيكتلارغا ئايلانغان. يەنە《 پىتىر زاكات 》دەپ ئاتىلىدىغان زاكات ياكى سەدىقىنمۇ ئاۋام خەلق رامزان ئېيىدا يۇقىرقى ئوبيېكتلارغا ھەدىيە قىلىش ئارقىلىق ياخشىلىقنى ئىپادىلەپ كەلگەن. ئۇيغۇرلار ئادەتتىكى چاغلاردا بېرىدىغان سەدىقىمۇ دىنىي قائىدە بويىچە پىتىر زاكاتنىڭ بىرخىل شەكلى بولۇپ ، ئۇ كىشىلەر ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان بىرخىل ياخشىلىق قىلىش ئۇسۇلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار كەمبەغەل ۋە يېتىم-يىسىرلەرگە ياردەم بېرىشنى ئەخلاق سۈپىتىدە تونۇغاندا ئۇنى كۆپىنچە سېخىيلىق،ئىنساپ،ئېھسان قاتارلىق ياخشى خۇلق ۋە ھەمدە ئاچ كۆزلۈك، رىياكارلىق،نائىنساپلىق،بېخىللىق قاتارلىق ناچار خۇلق بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چۈشىنىدۇ. خەلق ئارىسدا مەرد، سېخىي كىشىلەر ماختىلىدۇ. ئەكسىچە بېخىل، ئاچ كۆز كىشىلەر ئەخلاق جەھەتتىن قامچىلىنىدۇ. ئسلام دىنىدا سېخىيلىق (ساخاۋەت) يۈكسەك پەزىلەت سۈپىتىدە تونۇلغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە 《ئاللاھ سېخىيدۇر ،سېخىيلىقنى ياخشى كۆرىدۇ ھەمدە گۈزەل ئەخلاقنى ياخشى كۆرىدۇ، ناچار ئەخلاقنى ياقتۇرمايدۇ》⑤دىگەن بايانلار كۆپ ئۇچرايدۇ.《قۇرئان كەرىم》دە كىشىنىڭ ئۆز مال-مۈلكىدىن باشقىلارغا (كەمبەغەل يېتىم-يېسىرلەرگە) ھەدىيە ،سەدىقە ، زاكات بېرىشى-ئۇنىڭ جەننەتكە كىرىشىدىكى مۇھىم ئەمەلى سۈپىتىدە بايان قىلىنغان . مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ چۈشەنچىسىدە قولىدىكى مال-مۈلۈكتىن ئۆزىگە يېتىپ ئاشقان قىسىمنى شۇ مالنى ئېلىشقا ئەڭ لايىق كېلىدىغان كىشىلەرگە ساخاۋەت قىلىپ بېرىش-ئەڭ ياخشى ئەمەللەر جۈملىسىدىن بولۇپ ، ئۇ مۇسۇلماننى جەننەتكە ئېلىپ بارىدىغان يول دەپ قارالغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاق قارىشىدا سېخىيلىقنىڭ مۇكاپاتى يالغۇز جەننەت دەپلا تەرىپلىنىپ قالماستىن، بەلكى يەنە شەخىسنىڭ ئەل ئارىسىدىكى شۆھرىتىنىڭ،قىممىتىنىڭ ئېشىشى دەپمۇ تەرىپلەنگەن.

6.ئىتتىپاقلىق ۋە دوستلۇق

    ئىتتىپاقلىق ۋە دوستلۇق-ئەخلاقتىكى ۋاستە ھەم مەقسەتتۇر،يەنى جەمىيئەتتە كىشىلەر ئىتتىپاقلىق ۋە دوستانىلىك ئارقىلىق ئۆزئارا مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرىدۇ ۋە تەڭشەيدۇ. ئۇيغۇرلار ئۇيۇشۇشچان مىللەت بولۇپ، دوستلۇققا ۋە ئىتتىپاقلىققا ناھايىتى ئېتىبار بىلەن قارايدۇ.”ئۇيغۇر“ دىگەن ئاتالغۇمۇ ”ئىتتىپاقلىشىش“،”ئۇيۇشۇش“ دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كەمبەغەل يېتىم-يېسىرلەرگە ئىقتىسادىي جەھەتتە يار-يۆلەك بولۇش،مېھماننى ياخشى كۈتۈش،قوشنىلار بىلەن ئىناق ئۆتۈش، سالام-سەھەت قىلىشىش، دوستلىشىش...قاتارلىق پەزىلەتلەر ئەمەلىيەتتە كىشىلەرنىڭ ئۆملىشىش ۋە ئىتتىپاقلىشىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كونكرېت تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ئىپادىسىدىن ئىبارەت. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆملۈك ، ئىتتىپاقلىق ئېڭى ۋە پەزىلىتى ئسلام دىنىدا بۇيرۇلغان بەلگىلىمىلەر بولغانلىقىدىن شۇنداقلا يەنە ئۇنىڭ ھاياتىي پائالىيەتلەردە كەم بولسا بولمايدىغان زۆرۈرىيەت بولغانلىقىدىن ياكى شەكىللەنگەن.《قۇرئان كەرىم》دە:
     ” مۆئمىنلەر (دىندا) ھەقىقەتەن قېرىنداشلاردۇر، ( ئۇرۇشۇپ قالسا ) قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەڭلار،رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار“.(49-سۈرە ھۇجۇرات 8-ئايەت) 《قۇرئان كەرىم》دە: ” كىشىلەرنى مەنسىتمەسلىك بىلەن يۈز ئۆرۈمىگىن، زىمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن،ئاللاھ ھەقىقەتەن ھاكاۋۇر،ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ“. (31-سۈرە لوقمان 16-ئايەت)پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:”سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىنى دىننىي قېرىندىشى ئۈچۈنمۇ ياخشى كۆرمىگىچىلىك مۆئمىن بولالمايدۇ“.بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارغا ھەقىقىي ئسلام قېرىنداشلىقىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنى ھەقىقىي قېرىنداشلىققا چاقىرىپ، بۇنى ئەمەلىي ھەركەتتە كۆرسىتىشنى تەكىتلىگەن .ئەگەر مۇسۇلمانلار ھەقىقىي قېرىنداش بولۇپ،بىر-بىرىنى دوست تۇتىدىغان بولسا،بۇنى ئاغزىنىڭ ئۇچىدىلا ئەمەس،بەلكى ئۆز ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن ئىپادىلىشى كېرەك.شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ قېرىنداشلىقىنى ئىمان بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەكىتلىگەن شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنى دىننىي قېرىنداشلارئارا ياخشىلىق قىلىشقا،باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىككە دەۋەت قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە: ”مۇسۇلمان كىشىنىڭ دىننىي قېرىندىشىغا ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئادەۋەت تۇتۇپ،ئۇچراشقاندا بىر-بىرىدىن يۈز ئۆرۈپ يۈرۈشى ھالال بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئەڭ بۇرۇن سالام بەرگەن كىشىدۇر“ دېيىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى قېرىنداشلىقنى مۇستەھكەملەش ۋە ئىناق-ئىتتىپاقلىقنىڭ ئسلام دىنى باشتىن-ئاخىر تەكىتلەيدىغان ۋە بۇيرۇيدىغان نەرسە ئىكەنلىكىنى يورۇتۇپ بەرگەن.
     ئۇيغۇرلاردا ئىناقلىق ۋە ئىتتىپاقلىق قاتارلىق ئەخلاقىي تەلەپلەر تەكىتلەنگەن ۋاقىتتا،ئۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ بىر يۈرۈش تەلەپلىرىمۇ ئوتتۇرغا قويۇلىدۇ.مەسىلەن،ئاچ كۆز،ھەسەتخور بولماسلىق،مەغرۇر ۋە ۋاپاسىز بولماسلىق،پىتنىخورلۇق ۋە ئىغۋاگەرچىلىك قىلماسلىق،ھەق-ناھەقنى پەرق ئېتىش،باشقىلارنىڭ ھەققىگە چېقىلماسلىق، سەۋىر-تاقەتلىك، قانائەتچان بولۇش...دىگەنگە ئوخشاش.ئسلام دىنىدا كىشىلەرئارا ھەسەتخورلۇقنىڭ قەبىھ ئىش ئىكەنلىكى ھەققىدە ”ئاللاھ بەندىلىرىگە بايلىقلارنى ئۆزى خالىغانچە تەقسىم قىلىدۇ“ دىگەن ئەقىدە ئاساسىدا كەسكىن چەكلىمە ئوتتۇرغا قويۇلغان.مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەسەتتىن ساقلىنىش ھەققىدە توختىلىپ: ”ئۆزئارا دۈشمەنلەشمەڭلار،ھەسەت قىلشماڭلار،يۈز ئۆرۈشمەڭلار،سىلە-رەھىمنى ئۈزۈپ قويماڭلار،بەلكى ئاللاھنىڭ قېرىنداش بەندىلىرى بولۇڭلار “دىگەن.《قۇرئان》ۋە《ھەدىس》تە ئومومەن كىشىلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئۆملۈكىنى بۇزۇشقا سەۋەب بولىدىغان ھەسەت، رىيا،ئالدامچىلىق، زۇلۇم، پىتنە-پاسات،ئىغۋا،خىيانەتكارلىق...قاتارلىقلارغا ئوخشاش سەلبىي ھەركەت-قىلىقلار قاتتىق چەكلەنگەن.
     ئومۇمەن،ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇئامىلە ئەخلاقى ئۇيغۇرلارنىڭ دىننىي ئېتىقادى ،يەنى ئسلام دىنى ئەقىدىلىرى بىلەن بىرىكىش ئارقىلىق تىخىمۇ بېيىغان،مۇكەممەللەشكەن،شۇنداقلا تۈرلۈك قانۇنلار بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر جەمىيئىتىدىكى كىشىلەرنىڭ تۈرلۈك پايدا-زىيان مۇناسىۋىتىنى تەڭشەپ،ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ كەلگەن،ئۇيغۇر جەمىيئىتىدىكى ھەربىر شەخىسنىڭ ھەركىتىنى تىزگىنلەپ،ئەخلاق ئارقىلىق تىزگىنلىنىدىغان جەمىيئەت ئەندىزسىنىڭ مۇھىم قورالى بولۇپ كەلگەن.ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئىجتىمائىي مۇئامىلە ئەخلاقىدا تەشەببۇس قىلىنىدىغان ياخشىلىق قىلىش،كەمبەغەللەرنى يۆلەش،قوشنىلار بىلەن ئىناق ئۆتۈش ۋە سالاملىشىش قاتارلىق ئەخلاق نورمىلىرى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشەش،زىدىيەتلەرنى پەسەيتىش رولىنى ئويناپ كەلگەن.ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئەخلاقىدا بىر-بىرىگە بولغان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي،سىياسىي،مەدەنىي مۇئامىلىلىرىدە ئادىللىق،توغرىلىق،ئوتتۇرا ھاللىق،شەپقەت،كەڭ قورساقلىق پىرىنسىپلىرى ئاساسىدا ئۆزلىرىنىڭ ھەرخىل مۇئامىلىسى ۋە مۇناسىۋىتىنى تەڭشەپ،يۇقىرىدا ئېيتىلغان ھەرخىل سەلبىي خۇلقلارنى چەكلەپ،ئۇيغۇن،چىقىشقاق خاراكتېرىنى،ئۆم،ئىناق،ئىتتىپاق جەمىيئەت ئەندىزىسىنى تەشكىل قىلىپ داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ۋە كەلمەكتە.

پايدىلانغان ماتىرىياللار:

①ئەنۋەر سەمەد قورغان:《ئۇيغۇر ئەئەنىۋى ئەخلاقى》 شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2006-يىلى 3-ئاي 1- نەشىرى
②《قۇرئان كەرىم》سۈرە ھۇجۇرات، 10-ئايەت
③《قۇرئان كەرىم》2-سۈرە بەقەرە 193-ئايەت
④ 《قۇرئان كەرىم》2-سۈرە بەقەرە 269 -ئايەت
⑤《ھەدىسلەردىن تاللانمىلار》
⑥《ھەدىسلەردىن تاللانمىلار》
⑦《ھەدىسلەردىن تاللانمىلار》
⑧《قۇرئان كەرىم》17-سۈرە بەنى ئسرائىل 21،22-ئايەت
⑨《قۇرئان كەرىم》46-سۈرە ئەھقاف 13-ئايەت
ئابدۇكېرىم راخمان،رەۋەيدۇللا ھەمدۇللا،شېرىپ خۇشتار《ئۇيغۇر ئۆرۈپ-ئادەتلىرى》شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى 2008-يىل 4-ئاي 2-نەشىرى
ئابدۇرەھىم ھەبىبۇللا《ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيىسى》شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىلى 4-ئاي- 1-نەشىرى

مەنبە: جۇڭگو مۇسۇلمانىرى 2010-يىللىق 3-سان

uyghuray

0

تېما

10

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   24.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 925
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 981
تۆھپە : 5572
توردىكى ۋاقتى: 2218
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-5 13:24:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن  ئېلىم ۋە سەمىمىيەت ئەكىس ئەتكەن ئېسىل ماقالە بوپتۇ. ئاپتۇرنىڭ ۋە تېما ئېگىشىنىڭ ئەجرىگە ھەشقاللا..!
دىننى ئېنسانىيلىققا، قېرىنداشلىققا ، مېھرى-مۇھەببەتكە، سەمىمىيەتكە، ئەخلاق-پەزىلەتكە باغلاپ تەمسىل قىلغاندا  دىن تولىمۇ گۈزەل بوپ كۆرۈنىدۇ ۋە كىشىلەر كۆڭلىنى يورۇتۇپ  ياخشىلىققا ئۈندەيدۇ.  لېكىن دىننى ھە دېسە ئىختىلاپلىق تالاش-تارتىشلارغا، ئۆچمەنلىككە، ئاداۋەتكە سەۋەپ بولىدىغان ئەسلى دىن بىلەن قىلچە ئالاقىسى بولمىغان تېمىلارغا ئارلاشتۇرىۋالغاندا  ئەھۋال دەل ئەكسىچە بولىدۇ.
بىرنىڭ نۇرغۇن ئېسىل مەدەنىيەتلىرىمىز ، ئەنئەنە-ئادەتلىرىمىز دەل ئېتقادىغا سەمىمىي ئالىملىرىمىزنىڭ  ياخشىلىقنى كىشىلەرنىڭ ئەقلى، ۋىجدانى ۋە قەلبىگە يەرلەشتۈگەنلىكنىڭ نەتىجىسى ئېدى.  دىن ئەسلىدە قەلب ئىشى، ۋىجدان ئىشى، ئەقىل ئىشى ئېدى. لېكىن دىننى تۇرمۇش-ھاياتنىڭ تۈرلۈك ئۆتكۈنچى ھادىسىلىرى ۋە ئىختىلاپلىق تېمىلىرىغا قارا-قويۇق چېتىۋىلىنىپ، دىننىڭ ئىجدىمائىي ھاياتتىكى ماھىيەتلىك رولى-ئەھىيىتىنى  كىشىلەر قەلبىدە خۇنۈكلىشىشىگە سەۋەپ بولىۋاتىدۇ.
مۇشۇنداق ماقالىلەرنىڭ كۆپرەك چىقىشىغا تىلەكداشمەن.

0

تېما

4

دوست

5284

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   5.68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34003
يازما سانى: 406
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1611
توردىكى ۋاقتى: 659
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-5 13:34:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل يازما!!!

0

تېما

4

دوست

5284

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   5.68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34003
يازما سانى: 406
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1611
توردىكى ۋاقتى: 659
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-5 13:38:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن  ئېلىم ۋە سەمىمىيەت ئەكىس ئەتكەن ئېسىل ماقالە بوپتۇ. ئاپتۇرنىڭ ۋە تېما ئېگىشىنىڭ ئەجرىگە ھەشقاللا..!

تېمىنى شۇنداق ئىخچام ۋەزنى بىلەن يىغىنچاقلاپسىز، ئەگشتىم!
uyghuray

2

تېما

49

دوست

9497

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   89.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3167
يازما سانى: 568
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 2969
توردىكى ۋاقتى: 677
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-5 15:06:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئەزىز قېرىندىشىم!
سىزگە ۋە ماقالە ئاپتورىغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!
ناھايىتى ياخشى ماقالە ئىكەن. ئاپتور بۇ ئىنسانلىق ئالىمىنىڭ تىنچ - بەختىيارلىق قانۇنىنى ئۇيغۇر ھاياتى بىلەن باغلاپ ناھايىتى قايىل قىلارلىق چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈپتۇ.
مانا بۇ ئۇيغۇر، مانا بۇ ئىنسانىي ھاياتنىڭ پارلاق بىشارىتى.
مۇشۇنداق بىر دىنىي ئېتىقاتلىق مىللەتنى ئەتۋارلاش ___ جەمىيەت ئامانلىغىنى توغرا يۆنۈلۈشتە ساقلاشنىڭ قانۇنىي پەزىلىتى، ئەلبەتتە.
ئەمما ئەپسۇس، «دىننى سۇسلاشتۇرۇش» ھەرىكەتلىرىنىڭ باش كۆتىرىشىدىن بەكمۇ بىئارام بولىۋاتىمەن. مونۇ ماقالىنى ئۇيغۇر باشلىقلىرىمىز كۆرەمدىغاندىغاندۇ؟
قەدىرلىك باغداش مۇنبىرى گۈللەپ ياشنىغاي!

1

تېما

1

دوست

3100

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   36.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34835
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 936
توردىكى ۋاقتى: 202
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-5 18:31:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍ىتقات ھەر قانچە توغرا بولسىمۇ .......دىنغا ئ‍ىشەنگۇچلەر تەرەقيات يولغا ماڭمىسا......؟؟.سانائ‍ەتلىشىش ..تەتقىقات ئ‍ۇرۇنلىرنى قۇرۇش ...ئ‍ۇنۋىرستىتلانى كۆپەيتىش...ئ‍الىملانى كۆپەيتىش ....مائ‍ارىپقا ئ‍ەھمىيەت بېرىش ....دىنغا ئ‍ىشەنگۇچلەنى ئ‍ىنجىنىر ئ‍الىم دوكتۇر قىلىشقا ئ‍ەھمىيەت بەرمىسە ............؟؟ ئ‍ۇ ئ‍ىتقات كىشىلىرى تەقۋالىق بار...قالاق بىلىمسىز بۇلۇپ قېلىپ دۇنيانىڭ شالىۋىتشىگە ئ‍ۇچقايدۇ...........؟؟......باشقا ئ‍ىتقاتتىكلەر .....ھە دىسلا ئ‍ۇزنىڭ غەلبىلىرنى كۆز كۆز قىلىپ گۇزەل دىننى ..ئ‍ىشەنگۇچلەنى..مەسخىرە قىلشىدۇ.............شۇڭا قېرىنداشلار مەغلۇبيەتنى دىندىن كۆرمەي ....ئ‍ۇزەڭلانىڭ تەرەقىقى قىلىشقا تىرىشمىغىنىڭلادىن كۇرۇڭلار.........؟؟مەن ئ‍ويلايمەن ئ‍امرىكىنىڭكىدەك ئالى ئ‍ۇنۋىرستىتلىرمىز.. ئ‍الىم دوكتۇرلىرمىز ..مائ‍ارىپمىز بولسا ...سانائ‍ەتلىشىش ...تەتقىقات ئ‍ىشلىرغا كۆڭۇل بۆلسەك.............؟؟دىنمىز دۇنيادىكى ئ‍ەڭ توغرا ئ‍ىنسانيەت چۇقىندىغان ھەقىقەتكە ئ‍ايلىنامدىكىن دەيمەن.....................؟؟ بىزنىڭ يارماس بىلىمسىزلىكمىزدىن دىنمىزمۇ خورلۇق تاتۋاتدۇ.........   شۇڭا قېرىنداشلارمۇ دىندىن زىركىپ سۇسلاشتۇرۇشقا ئ‍ۇرنىۋاتدۇ.......ياكى دىننى خۇراپاتلىققا چىقىرۋاتدۇ..........ئ‍ىتقادمىزنى قەدىرلەيلى.........تىرشىپ ئ‍ىلىم پەن ئ‍ىگەللەيلى................

3

تېما

7

دوست

1408

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   40.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33893
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 424
توردىكى ۋاقتى: 45
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-5 18:51:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    اللە  ئەجرىڭىزنى بەرسۇن

    ئۇزۇندىن بىرى مىنىڭ يېزىشنى ئويلاپ كىلىۋاتقان مەزمۇنلاردىن بىرسى دەل ماشۇ تېما ئىدى، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئەخلاقىنى ئىسلام دىندىن پۇتۇن ئايرىلغان ھالەتتە تەسۋىرلەنگەن ماتىرىياللانى تاپالماي قەلەم تەۋرەتمىگەن ئىدىم، سىز ئىسلام دىنىغا باغلاپ شۇنداق ئىسىل بىر ئەسەرنى مەيدانغا كەلتۇرۇپسىز،  بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ بەك خوش بولدۇم.

    ھەقىقەتەن ئۇيغۇر مىللىتى ئۆزىنى ئىسلامدىن ئايرىپ تۇرۇپ ھىقىقىي بىر مىللەت سۇپىتىدە بۇ دۇنيادا باش كۆتىرەلمەيدۇ، بىز ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلغانلىقىمىز ئۈچۈنلا بىز ساقلىنىپ قالغان، بولمىسا ئاقىۋىتىمىز بەلكىم نەچچە مىڭ يىل پادىشاھلىق قىلغان مانجۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا ئوخشاپ قالغان بولاتتۇ.


     ئەلخەمدۇلىللاھى رەببىل الەمىيىن

2

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   1.72%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25572
يازما سانى: 1003
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 3228
توردىكى ۋاقتى: 1089
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-5 19:25:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abdulquddus يوللىغان ۋاقتى  2015-5-5 15:06
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئەزىز قېرىندىشىم!
سىزگە ۋە ماقالە  ...

       ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ئەزىز قېرىندىشىم ! سىزگە ۋە ماقالە ئاپتورىغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!
       ناھايىتى ياخشى ماقالە ئىكەن. ئاپتور بۇ ئىنسانلىق ئالىمىنىڭ تىنچ - بەختىيارلىق قانۇنىنى ئۇيغۇر ھاياتى بىلەن باغلاپ ناھايىتى قايىل قىلارلىق چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈپتۇ.
مانا بۇ ئۇيغۇر، مانا بۇ ئىنسانىي ھاياتنىڭ پارلاق بىشارىتى.
       مۇشۇنداق بىر دىنىي ئېتىقاتلىق مىللەتنى ئەتۋارلاش ___ جەمىيەت ئامانلىغىنى توغرا يۆنۈلۈشتە ساقلاشنىڭ قانۇنىي پەزىلىتى، ئەلبەتتە.
       ئەمما ئەپسۇس، «دىننى سۇسلاشتۇرۇش» ھەرىكەتلىرىنىڭ باش كۆتىرىشىدىن بەكمۇ بىئارام بولىۋاتىمەن. مونۇ ماقالىنى ئۇيغۇر باشلىقلىرىمىز كۆرەمدىغاندىغاندۇ؟
       قەدىرلىك باغداش مۇنبىرى گۈللەپ ياشنىغاي!
                  ----------------------------------

       ئامىن .
       دەۋرىمىزدە ھۆكۈمىتىمىزمۇ ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇئامىلە ئەخلاقىغا بولغان تەسىرىنى ئىجابىي چۈشەنگەچكە ، 18 ياشتىن ئاشقانلارنى دىنى تەربىيە ئېلىشقا ئۈندەۋاتىدۇ ھەم ئەمەلىي ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئەمەلىيلەشتۈرىۋاتىدۇ . ئەپسۇس ، مۇشۇنداق ئەۋزەل شارائىتنى قەدىرلىمەسلىك ئەھۋالى بىزدە بەك ئېغىر . تىزىملەتكەنلەرنىڭ سانى توشمايۋاتقان . ئادەمنى ئېچىندۇرۇپ .
        «دىننى سۇسلاشتۇرۇش» ھەرىكەتلىرىنىڭ باش كۆتىرىشىدىكى سەۋەپمۇ دەل دىنى بىلىمنى ماھىيىتىدىن توغرا ئۆگەنمىگەنلىكتىن ، چۈشەنمىگەنلىكتىندۇر . شۇنداق كىشىلەر  قۇلىقىغا  كىمنىڭ گېپى قالتىس ئاڭلانسا ، خۇددى ھەلەپكە يۈگەۈرگەن كالىدەك بېشىنى بۇلغاپ شۇ ياققا ئۆتۈۋەۋاتقان . بۇنداق قالتىس گەپلەرنىڭ ئىچىدە زەھەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى يا پەرەق ئېتەلمىگەن .  ...

       ئاپتورغا ۋە تېما ئىگىسىگە ھەم باغداش ئەپەندىمگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت . اللەقا ئامانەت .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )