- تىزىملاتقان
- 2012-2-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4250
- نادىر
- 2
- يازما
- 178
ئۆسۈش
75%
|
5-ماي كۈنى ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى بولۇپ ئۆتتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن نۇرغۇن نۇرغۇن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز شۇ كۈنى ئۆزلىرىنىڭ چىرايلىق دوپپىلىرىنى كېيشىكەنلىكى ئېنىق. لېكىن بۇ ھەقتە، مەن بىر مەسىلىنى ئىزچىل ئويلاپ كېلىۋاتىمەن. يەنى دوپپىنى زادى قانداق ئۇسۇلدا كېيىش كېرەك؟
ئۆزەم كونا سۈرەتلەرنى كۆرۈشكە ئامراق بولغاچقا، بىرەر يۈز يىل ئاۋۋالقى دوپپا كەيگەن ئۇيغۇرلارنى كۆرگىنىمدە، ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپا كىيىش ئۇسۇلىغا ئوخشىماي قالغانلىقىنى ھېس قىلماقتىمەن. ئەلۋەتتە، بۇنى تۆنۈگۈن ياكى بۈگۈنلا ھېس قىلىپ يەتكىنىم يوق، بەلكىم ئىككى يىللار بولۇپ قالغاندۇ. كونا سۈرەتلەر بىلەن ھازىرقى سۈرەتلەردىكى دوپپا كىيىش ئۇسۇلى، بولۇپمۇ ئەرلەرنىڭ دوپپا كىيىش ئۇسۇلىدا خېلى پەرق بارلىقى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ.
كونا سۈرەتلەردە، دوپپىنىڭ ئىككى قىرى ئىككى چېكىگە ئۇددۇل قىلىنىپ ياكى بىر چېكىسىنى قاشنىڭ قىرىغا ئۇددۇللاپ كېيىلىدىكەن.
ھازىرقى ئەرلەر بولسا دوپپىنىڭ خالىغان بىر قىرىنى پىشانىسىنىڭ ئۇددۇلىغا كەلتۈرۈپ كېيىدىكەن. بۇنداق كىيىش ئۇسۇلىنى ئەجداتلىرىمىزنىڭ كونا رەسىملىرىدىن ئاساسەن ئۇچراتقىلى بولمايدۇ.
بۇ جەھەتتە، بىز بىلەن ئوخشاش دوپپا كېيىدىغان ئۆزبەكلەر دوپپىنىڭ توغرا كېيىلىش ئۇسۇلىنى ساقلاپ قالغان. بەلكىم ئۇيغۇرلار ئۆزبەكلەردىن پەرقلىنىش ئۈچۈن، دوپپىنى ئالدىغا قىرلاپ كېيىۋالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. لېكىن نېمىلا دېگەن بىلەن، دوپپىنى ئەجداتلارغا ئوخشاش ھالەتتە كىيىش ئەڭ توغرا دەپ قارايمەن.
تۆۋەندە بىر قانچە كونا رەسىملەرنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم. ئالدى بىلەن، ئوت يۈرەك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ دوپپا كىيىشىنى كۆرۈپ باقايلى.
باشقا كونا سۈرەتلەرنى كۆرۈپ باقايلى
قەشقەردىكى سېتىقچى بالا. بالىنىڭ كەينىدىكى بادام دوپپا كەيگەن يەنە بىر بالىغا قاراڭ، دوپپىنى قانداق كىيىپتۇ؟
قەشقەر بازىرىدىكى دۇكان ئالدىدا تۇرغان بادام دوپپىلىق يىگىتكە قاراڭ.
يەكەنلىك دوپپا تىككۈچى يىگىت.
قەشقەر بازىرىدىكى سازەندىلەر سورۇنى. رەسىمنىڭ ئالدىدىكى بىزگە قاراپ تۇرغان يىگىت ھازىرقى ئۇيغۇرلاردەك كېيىۋالغاندىن باشقا، قالغانلىرى ھەممىسى ئاساسەن ھازىرقى ئۆزبەكلەردەك كېيىۋالغان. ئەمەلىيەتتە ئۆزبەكلەردەك ئەمەس، بەلكى توغرا ئۇسۇلدا كەيگەن. ئالدىدىكى يىگىت بەلكىم دوپپىسىغا دىققەت قىلمىغان بولۇشى مۇمكىن.
قۇچاقتىكى ئىككى بالىنىڭ دوپپا كىيىش ئۇسۇلىغا قاراڭ. ئۇ بالىلار ئەلۋەتتە ئۆزى شۇنداق كېيىۋالغان بولۇشى ناتايىن، ئېنىقكى ئاتا- ئانىسى ئاشۇنداق كەيدۈرۈپ قويغان. ئىشىنىمىزكى، ئاتا- ئانا بولغۇچى ئەلۋەتتە دوپپىنىڭ ئەڭ توغرا كىيىش ئۇسۇلى بويىچە بالىلىرىنى كېيىندۈرىدۇ.
دۆلىتىمىز يېڭى ئازات بولغان چاغدىكى دېھقانلارنىڭ سۈرىتى. دېمەك، شۇ چاغلاردىمۇ دوپپىنىڭ توغرا كېيىلىش ئۇسۇلىنى ئۇنۇتمىغان.
ئەمدى، ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ دوپپا كىيىش ئۇسۇلىغا قاراپ باقايلى.
لېكىن بەزى ياشانغان مويسىپىتلىرىمىز دوپپىنىڭ توغرا كېيىلىش ئۇسۇلىنى ئۇنۇتمىغان.
چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارمۇ دوپپىنى توغرا كېيىپ كەلگەن. تۆۋەندىكىسى ئاتاقلىق ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ دادىسى مۇزەپپەر مۇتەللىپ، قاراڭ، ئۇ كىشىنىڭ دوپپا كىيىش ئۇسۇلىغا!
كونا- يېڭى رەسىملەرنى ۋە ئەتراپىمدىكىلەرنى كۈزىتىش ئارقىلىق، دوپپىنى ئەجداتلىرىمىزدەك كەيسەك توغرا بولغۇدەك دېگەن پىكىرگە كەلدىم. بۇرۇن مەنمۇ دوپپىنىڭ بىر ئۇچىنى قىرلاپ كېيتەتتىم، لېكىن ئىككى يىلدىن بۇيان ئەجداتلاردەك كېيىدىغان بولۇپ قالدىم. ئەلۋەتتە بۇ بايقاشلار پىنھان قالسا بولمايدۇ دەپ ئويلاپ، توردىن ئىزدىنىش ئارقىلىق مۇشۇنداق بىر تېما يېزىشنى دۇرۇس تاپتىم.
ئۇنداقتا قەدىرلىك دوستۇم، سىز دوپپىنى قانداق كەيمەكچى؟
ھۆرمەت بىلەن، قومۇل تارانچىدىن ئىسكەندەر جېلىل (كۆكتاش) يازمىسى
ئۆز قەلەم |
|