- تىزىملاتقان
- 2015-1-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-6-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 676
- نادىر
- 0
- يازما
- 10
ئۆسۈش
35.2%
|
«بۇلار سىز ئوقۇيدىغان كىتابلار ئەمەس»
-ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
2005-يىلى قومۇلدىكى قەلەمكەش ئەل ئاغىنىلەر «مەشرەپ»-رېستورانىدا ئۆتكۈر ئەپەندى ۋاپاتىنىڭ10 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى. قومۇلدىكى چوڭ-كىچىك قەلەمكەشلەرنىڭ كۆپىنچىسى يىغىلغان پائالىيەتكە مەرھۇم شائىر ئابدۇكېرىم خوجايوپنىڭ قازاقستاندىكى ئىنىسى، شائىر، تەرجىمان يۈسۈپ خوجايوپ ئاكىمۇ تۇغقان يوقلاش باھانىسىدە كېلىپ قاتناشقان ئىكەن. ئابلىز ئىسمايىل ئاكىنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان سۆزىدىن كېيىن سۆز نۆۋىتى ئۇ كىشىگە بېرىلدى، ھاياجان، يۇرت سېغىنىشى ۋە نازۇك شائىرلىق تەبىئىتى بىلەن يىغلىۋېتىشكە ئاران-ئاران تۇرىدىغان يۈسۈپ خوجايوف ئاكا:
_سۆيۈملۈك ئانا يۇرتۇمغا كېلىپ، رەھمەتلىك ئۆتكۈر ئاكامنى خاتىرى-لەش پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقىمدىن ئۆزۈمنى بەك بەختلىك ھېس قىلىۋاتىمەن، مەن ئۆتكۈر ئاكامنى 1945-يىللاردا سۈكچىدە تۇنجى قېتىم كۆرگەنىدىم، ئۆتكۈر ئاكام شۇ چاغدا شىنجاڭدىكى ئېغىر تەقىپلەردىن قېچىپ ئىچكىرىدىكى قېرىنداشلارنى پانا تارتىپ كەلگەنىكەن. مەن شۇ چاغلاردا خەنزۇچە جەڭنامىلەرنى، قىسسىلەرنى ئوقۇپ يۈرگەن چاغلىرىم ئىدى، ئۆتكۈر ئاكام ئۇ كىتابلارنى كۆرۈپ قېلىپ_ئۇكام بۇ سىز ئوقۇيدىغان كىتابلار ئەمەس، بولسا مۇنداق، مۇنداق كىتابلارنى ئوقۇڭ-دەپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا چوڭ بىلىدىغان مەشھۇر كىتابلاردىن بىر نەچچىنى تەۋسىيە قىلدى. شۇ چاغدا ئۆتكۈر ئاكام يەنە بىر جەڭگىۋار شېئىرنى يېزىپ ئۇنى ئۆزى ئاھاڭغا سېلىپ ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. مېنى كىچىك كۆرمەي ماڭا ئۇنى ئۆز ئاھاڭى بىلەن ئوقۇپ بەرگەنىدى. بۇ جەڭگىۋار شېئىر ھازىرغىچە ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. ھەممىلىرىگە مەن شۇ شېئىرنى ئوقۇپ بېرەي دەپ نەق مەيداندا ئوقۇپ بەردى. بۇ جەڭگىۋار شېئىر ئاھاڭ بىلەن ئوقۇلغاندا پۈتكۈل سورۇن سۈكۈتكە چۆمدى. پائالىيەت ئاياغلاشقاندا يۈسۈپ خوجايېف ئاكا ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ روھىغا، يۇرتقا، خەلقىگە ئەمىنلىك خاتىرجەملىك تىلەكلىرىنى تىلەپ ساپ ئۇيغۇر تىلىدا دۇئا قىلدى.
ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ ھاياتىنىڭ ھەر بىر دەقىقىلىرىگىچە خەلقى ئۈچۈن كۆيۈپ كۈل بولىدىغان جەڭگىۋار ھاياتى، كېچە-كۈندۈز تەپەككۈر بىلەن، جەمئىيەتكە، ئەتراپتىكەلەرگە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قارايدىغان ئاشۇ مەنىۋى ئويغاقلىق(ئاتالمىش ئارىفلىق)ى سورۇن ئەھلىنى قاتتىق ھاياجانغا سالغانىدى.
يۈسۈپ خوجايېف ئاكا ئاشۇ جەڭگىۋار شېئىرنى ئوقۇۋاتقاندا كۆڭلۈم ئىختىيارسىز يەنە ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ 90-يىللارنىڭ باشلىرىدا قاتتىق ئەۋج ئالغان گۇڭگا شېئىرىيەت ھەققىدىكى قاتتىق دەتالاشلارغا ئارتۇقچە رەددىيەبېرىش، مەدھىيەلەش ياكى قۇلاقنى يوپۇرىۋېلىش پوزىتسىيەسىدە تۇرماي قىسقىغىنە قىلىپ«بالىلىرىم بىزگە ھازىر جەڭگىۋار ئەدەبىيات كېرەك» دېگەن سۆزى ئارقىلىق مۇشۇ دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىدەك ۋەقەلەرگە پەرۋاز قىلىپ كەتتى.
ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ يۈسۈپ خوجايېف ئاكىغا زادى قانداق كىتابلارنى تەۋسىيە قىلغانلىقىنى بىلمەيمىز. ئەينى ۋاقىتتا بۇنى ئاشۇ ئۇلۇغلىرىمىز خۇددى مەڭگۈ ياشايدىغاندەك كالتا پەملىك قىلىپ ئۆزىدىنمۇ سورىۋالماپتىمىز. مانا ئەمدى ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئارىمىزدا يوق. لېكىن شۇنى پەم قىلىشقا بولىدۇكى، ئۆتكۈر ئەپەندىم يۈسۈپ ئاكىنى مىللىي ئاڭ، جەڭگىۋار روھ يېتىلدۈرىدىغان ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا دەۋەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنى ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ مەڭگۈ تەۋرەنمەس ئەقىدىسى، ئىجادىي ھاياتىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئۆتكۈر ئەپەندىم ھەر سۆزىنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتتى.
بىر مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ قايسى دەۋردە قانداق فۇنكىتسىيەگە ئىگە بولۇشىنى ياخشى بىلگەن ئەپەندىم، يۇقىرىقى سۆزىگە ئىزچىل ئەمەل قىلىپ كەلدى. خوجانىياز ھاجىنىڭ قولغا ئېلىنىشى بىلەن دادىسى ئوسمان ھاجىملارمۇ خوجىنىيازنىڭ قۇيرۇقى دەپ قارىلىپ باستۇرۇلغان، ئۆز ھاياتىمۇ ئېغىر خەۋپكە دۇچ كەلگەن زامانلاردىمۇ، شېڭ شىسەينىڭ قانلىق قىلىچىدىن ئۈركۈپ كەتمەي، خەلقنى ئەركىنلىككە، ھۆرلۈككە ئۈندەيدىغان«چىن مودەن»دىراممىسىنى، ھەر دەۋردە ئۆز قىممىتىنى يوقاتمايدىغان، ئوتلۇق جەڭگىۋار شېئىرلارنى يېزىشتىن ھېچ قاچان قول ئۈزمىدى.ليۇ بىندىنىڭ پوپوزىلىرىدىن قورقۇپ قالمىدى. ئۇيغۇر مەنىۋىيىتىنىڭ مەركىزى، ئۇزاق مەزگىل سىياسىي مەركەزلىك رولىنى ئۆتىگەن قەشقەرگە ئوتلۇق سالىمىنى يوللىغاچ، كاشغەردىكى مۇدھىش تېررورلۇقنى ئومۇم ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ زۇلمەتلىك، كۈلپەتلىك تۈرمۇشىنىڭ كارتىنىسى دەپ ھەسرەت چەكتى، بۇ قۇرلاردىن«قەشقەر كېچىسى»داستانى پۈتتى.
قومۇل-ئۈرۈمچى ئارىلىقىدا تۈگەللەنگەن تۆمۈر خەلىپە يېغىلىقىنى يۇقىرى بەدىئىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، دېھقانلار ئىنقىلابىنى ئومۇم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ساداسى دەپ چۈشەندۈردى، تۆمۈر خەلىپىنىڭ پاجىئەلىك ئۆلۈمىنى ئۇيغۇر تارىخىدا تەكرارلىنىۋاتقان ئوخشاش پاجىئەلەرنىڭ تىپىك مىسالى سۈپىتدە خەلققە تونۇتتى، خەلقنى ھۆكۈمرانلارنىڭ ئۆزگەرمەس تەبىئىتىدىن ئاگاھ بولۇشقا ئۈندىدى.
«ئويغانغان زېمىن»رومانىدا قەددى پۈكۈلسىمۇ روھى سۇنمىغان كۈرەشچان خەلقنىڭ تۆمۈر خەلىپەنىڭ پاجىئەلىك قىسمىتىدىن ئۈركۈپ كەتمەي يەنە قايتا قولىغا قورال ئېلىپ جەگڭگىۋار كۈرەشكە ئاتلانغانلىقى،بۇ ئوتنى پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىغا تۇتاشتۇرغانلىقى،دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ ئۇيغۇر تارىخىدا يېپيېڭى بىر دەۋرنى ياراتقانلىقىنى تونۇتتى، مەلۇم بىر يۇرت كىشىلىرىنىڭ ئوبرازىنى تىكلەشتەك شەخسىي خاھىشلاردىن يىراق تۇردى، ئەكسىچە لىللا باھالىدى، ساددا دېھقانلار رەھبىرىنىڭ مۇرەككەپ دەۋر، مۇرەككەپ ۋەزىيەتتىكى ياغىلارغا تاقابىل تۇرۇشتا گاڭگىراپ قېلىپ، تۆمۈر خەلىپە ۋە خوجانىياز ھاجى پاجىئەلىرىدەك پاجىئەلەرنىڭ تەكرارلانغانلىقى، خەلق قەھرىمانى بىلەن سىياسىيون ۋە داھىينىڭ تەبىرىدىن بېشارەت بېرىپ، ئۇيغۇر جەمئىيتىدىكى چوڭ بىر تارىخىي دەتالاشنىڭ ياخشى يېشىمىنى چىقاردى.
بەدىئىي توقۇلمىلاردىن كۆرە تارىخىي چىنلىققا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىلگەن بۇ ئىككى تارىخىي رومان، ھەتتا بەزىدە ئۆزىنىڭ يۇقىرى چىنلىقى بىلەن تارىخىي ھۈججەتلىك خاراكتېرىنىمۇ ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ، بۇلار تارىخشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىسى .
دەرھەقىقەت ئۆتكۈر ئەپەندىم دېگىنىنى ئەمەلىيتىدە كۆرسەتتى.قولىغا قەلەم ئالغاندىن تارتىپ تاكى ئاخىرقى تىنىقلىرىغىچە بىر مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مىللەت روھىيىتىنى پاكلايدىغان، ئۇنى جەڭگىۋار روھتا تەربىيەلەيدىغان فۇنكىتسىيەسىنى ئۇنتۇپ قالمىدى.ھەممىلا مىللەت ئەدەبىياتلىرىنىڭ ھەرقانداق دەۋردە ئۇنداق فۇنكىسىيەسى بولماس، ئەلۋەتتە مىللىي ئۆزگۈرلۈكلىرى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىپ بولغان ئەدەبىياتلارنىڭ ئۇنداق فۇنكىتسىيەگە ئېھتىياجى قالماس.
|
|