- تىزىملاتقان
- 2015-5-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 39
- نادىر
- 0
- يازما
- 1
ئۆسۈش
13%
|
ناخشىسىز ئىنسان ھاياتىنى تەساۋۋۇر قىلىش مۈمكىن ئەمەس.ناخشا ئىنسان مەنىۋىي ئالىمىنىڭ ئەڭ نادىر دۇردانىلىرىنىڭ بىرىدۇر.
كىشىلىك جەمىيەت ئۇزاق تارىخىي تەرەتققىيات جەريانىدا ئۆزىنىڭ شاتلىقى ۋە ئىزتىراپلىرىنى،ئىزگۈ تىلەكلىرى ۋە يۈكسەك ئىنسانىي چۈشەنچىلىرىنى ناخشا ئارقىلىق ئىپادىلەپ كەلگەن.ئەنە شۇ مەنادا ناخشىچىلىق سەنئىتى ھەر بىر خەلقنىڭ ھاياتى،تارىخى،تەقدىرى ۋە گۈزەللىك ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرلىرىنىڭ جانلىق ۋە ئۆلمەس سادالىرىدۇر.
ناخشا سەنئىتىدە بەدىئىي ئىجادىيەتنىڭ ئۈچ مۇھىم تەرىپى جەملەنگەن بولىدۇ.بۇلار خەلق ياكى شائىر شېئىرى،خەلق ياكى بەستىكار مۇزىكىسى ۋە ناخشىچى ئىجراسى.قاچانكى بۇ ئۈچ ئامىل بىر-بىرىگە باراۋەر بولغىنىدا ناخشا دۇنياغا كېلىدۇ.
ناخشا ھەققىدە گەپ قىلغاندا،ئالدى بىلەن كۆز ئالدىمىزغا ناخشىچى كېلىدۇ.كۆپىنچى ھاللاردا ناخشىچى ئارقىلىق بەستىكارنى تونۇيمىز،بەستىكار خۇددى تىياتىر ۋە كىنو رېجىسسورىدەك ئۆزى كۆرۈنمەيدۇ،ئەمما ناخشىچىنى كۆرسىتىدۇ.بەستىكار بولمىسا كۈي تۇغۇلمايدۇ،شائىر بولمىسا ناخشا توقۇلمايدۇ.بۇلار بىر-بىرىگە ئۇستاز،بىرى-بىرىگە شاگىرت،ئىككىلىسى بىر بولسا ناخشا دەپ ئاتالمىش قەلپ نۇرى جاھىنى ۋۇجۇتقا كېلىدۇ.
ياخشى ناخشا پەقەت ناخشىچىنىڭ ئاۋازى بىلەن بەلگۈلەنمەيدۇ.ئەۋۋال بەدىئىي گۈزەل ۋە ناخشىغا باپ شېئىر كېرەك.ئەگەر ناخشىنىڭ بىر قانىتى شېئىر بولسا،ئىككىنچى قانىتى كۈي،ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى قوشۇلۇپ،ناخشىچى ئاۋازى ئارقىلىق پەرۋاز قىلىدۇ.پەرۋازنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى،يىراق-يېقىنلىقى،كۈچلۈك ياكى زەئىپلىكى ناخشىچىنىڭ دىتى،ئىقتىدارى ۋە مۇزىكىلىق قەلبىگە باغلىق.
ناخشا خەلقىمىز ئارىسىغا كەڭ تارقالغان ژانىر.ناخشا ئاڭلىمايدىغان،خىراگاھى قىلىپ ئېيتمايدىغان،بىرەر ناخشىنى بېشىدىن-ئاخىرىغىچە يادا بىلمەيدىغان ئادەم كام تېپىلىدۇ. ناخشىچىلىق خەلقىمىزنىڭ دىتى،پاراسىتى ۋە مەنىۋىيىتىنىڭ يۈكسىلىشىدە ئەڭ كاتتا بەدىئىي-ئىستىتىك ئىمكانىيەتلەرگە ئېگە ئىكەن،ئۇنىڭ شېئىرى،ئاھاڭى ۋە ئىجراسى ھەققىدە جىددىي ئويلىماي بولمايدۇ.بۇ نەرسە دائىم مۇزىكىشۇناسلار،بەستىكارلار ۋە ناخشىچىلارنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولىشى زۆرۈر.
يېقىنقى يىللاردا دېيىلىۋاتقان زامانىىۋىي ناخشىلارنى كۆپرەك يارىتىش كېرەك،دېگەن شوئار كەسپىي مۇزىكا مىراسىمىزغا ئاز ئېتىبار بېرىش كېرەك دېگەن مەنانى بەرمەيدۇ.زامانىۋىي بەدىئىي-ئىستىتىك تەپەككۈر بىر پۈتۈن ۋە مۇرەككەپ جەريان سۈپىتىدە ئۆزىدە تۈرلۈك-تۈمەن شەكىللەر،ھالەتلەر،ئىدىيەلەر ۋە دىت نەمۇنىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئۇنى بىراقلا ئۆزلەشتۈرۈۋالغىلى بولمايدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىرگە،زامانىۋىي ئىستىتىك ئېھتىياجنى ئېتىبارغا ئالمايمۇ ئىلاج يوق.ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە خاس ئىدراك ۋە زوقلىنىش خۇسۇسىيەتلىرى باركى،بۇ نەرسە زامانىۋىي مۇزىكا مەدىنىيىتىنىڭ مۇرەككەپ بىرلىكىنى تەقەززا قىلىدۇ.
نۆۋەتتە زامانىۋى ناخشا نامى بىلەن ئىجات قىلىنىۋاتقان نۇرغۇن ناچار ناخشىلارنىڭ پەيدا بولىشىغا،بىرىنچى نۆۋەتتە،ناچار شېئىرلار سەۋەب بولماقتا.بەزى ناخشا تېكىستلىرىنى ھەتتا مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىشقمۇ بولمايدۇ.بۇلار غايەت لاۋزا،تېتىقسىز گەپلەرنىڭ قاپىيەلەشتۈرۈلگەن تىزمىلىرىدىنلا ئىبارەتتۇر.ئەگەر بۇ شېئىرلارنىڭ تېكىستىنى كۈيسىز،ئاھاڭسىز ئوقۇيدىغان بولساق،سەنئەت بىلەن پۈتۈنلەي ئالاقىسىز بىر نەرسىگە دۇچ كېلىمىز.
ناچار ناخشىلارنىڭ كۆپىيىش سەۋەبلىرى تولا.يېقىنىڭياقى ناخشىچىلارنىڭ ئۆزلىرى شائىر بولۇپ قېلىشىۋاتىدۇ.توغرا،بۈيۈك ناخشىچى-سەنئەتكار پوئېتىك سالاھىيەتكىمۇ ئېگە بولۇپ،بىر-ئىككى جەزبىدار شېئىرلار يېزىشى مۈمكىن.بىراق بۇ تەجرىبىدە كام ئۇچرايدىغان ھالەت.ھازىر مەلۇم ۋاقىت ئۆتىشى بىلەن ئۆزىنى ناخشىچى سۈپىتىدە ئەل ئارىسىدا تونۇتۇپ قالغاچ،ئۆزى ھەم شېئىر يېزىپ،ھەم مۇزىكا توقىيدىغان ۋە ئۆزى ئىجرا قىلىدىغان سەنئەتكارلار كۆپىيىپ بارماقتا.ناخشىچى سۈپىتىدىكى شۆھرىتى كاملىق قىلغاندەك ھەم شائىر،ھەم بەستىكار سۈپىتىدە نامايان بولۇش ئىستىكى ناچار ناخشىلارنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەپ بولماقتا.
ناچار ناخشىلار يا مۇزىكىدىن چالاساۋاتلىق ۋە ياخشى شېئىرنى تاللاشنى بىلمەسلىك،ياكى شۆھرەتپەرەسلىك ھەمدە كۈي،ناخشىدىكى مەنىۋى چاڭقاقلىق يولىدىن پايدىلىنىش ئاقىۋىتىدە خەلقنىڭ ناخشا ۋە مۇزىكىغا بولغان چەكسىز مېھىر-مۇھەببىتىنى سۈيىئىستىمال قىلىش نەتىجىسىدە پەيدا بولماقتا.بۇنىڭدىن سىرت، بەزى كومپىزىتورلار تەرىپىدىن يارىتىلغان ناخشىلارنىڭ ئاممىۋى تۈس ئالماسلىقىدىكى سەۋەپ:بىرىنچىدىن،بۇ ناخشىلاردا خەلق مۇزىكا مىراسىدىن ياخشى پايدىنالماسلىق،ئىككىنچىدىن،ياخشى،گۈزەل شېئىر تاللاشنى بىلمەسلىك ئۈچىنچىدىن،كومپىتورلۇق ئىستىدادىنىڭ يۇقىرى ئەمەسلىكىدىندۇر.
بۈگۈن يارىتىلىۋاتقان بەزى ناخشىلارنى ئاڭلاپ،ئادەمنىڭ سەبرى قاچىسى تاشىدۇ.بۇ ناخشىلاردا نە دىلغا ياققۇدەك مۇزىكا،نە يۈرەككە تەسىر قىلغۇدك شېئىر بار.رادىيۇدا بېرىلىۋاتقان بولسىغۇ، باشقا قانالغا يۆتكەپ قويۇپلا مەسىلىنى ئاسانلا ھەل قىلىش مۈمكىن.ئەمما بېكەتلەردە،بازارلاردا پىلاستىنكىلارنى سېتىۋاتقانلار كۆپرەك شۇنداق ناخشىلارنى سېتىش بىلەن ئاۋارە.نائىلاج ئاڭلايسز،مەزىسىز ناخشىنى ئاڭلىماي دەپ ئۇچرىغان ئابتۇبۇسقا چىقىپ كېتەلمەيسىز.
بۇنداق ھالەت سىزگە تەسىر قىلماي قالمايدۇ.دىلىڭىزغا ئاستا-ئاستا شۇ ناخشىلار ئورنىشىپ قالغىنىنىمۇ سەزمەيسىز .بازارلىرىمىزدا شۇنداق ناخشىلار يارىتىلىۋاتۇدىكى،ئۇلارغا ئومۇمەن شائىر مېھنىتىنىڭ،شېئىرنىڭ كېرىكى يوق.چۈنكى بىزنىڭ ئىجاديەتچىلىرىمىز كۈندىلىك ئاددىي نۇتۇقتىنمۇ بېمالال ناخشا يارىتىۋاتىدۇ .بۇنداق ناخشىلارنى ئاڭلاپ،سىزمۇ ئۆزىڭىزنى شائىر سانىسىڭىز،«بۇنداق شېئىرنى مەنمۇ يازالايمەنغۇ!» دېگەن ئويغا كەلسىڭىز ئەجەپ ئەمەس.بۇنداق ناخشىلاردىن قاپىيە تۈگۈل،ۋەزىننى،تۇراقنىمۇ قېدىرىپ ئاۋارە بولماڭ.چۈنكى بەرىبىر تاپالمايسىز.
ئىختىيارسز ئويلىنىپ قالىسىز:«ناخشىچىلىرىمىز بۇنداق تۇترۇقسىز ناخشىلارنى قايسى شېئىرلار ئاساسىدا يارىتىشىۋاتقاندۇ؟شائىرلىرىمىز شۇلارنى شېئىر دەپ يېزىۋاتقان بولغىيمىدى».توغرا،ھازىر شائىرغا مۇراجەت قىلماي،ناخشىچىنىڭ ئۆزى مۇزىكىغا چۈشۈرۈپ«شېئىر»يېزىشى مودا بولدى.بەلكى شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مەتبۇئاتلاردا يېقىنقى يىللاردا«پالانچى شائىرنىڭ شېئىرى»دېگەن ئىبارە ئورنىغا «پالانچى سۆزى»دەپ يېزىلىۋاتقانمىدۇ؟ شۇنداق ناخشىلارغا «شېئىرسىز يارىتىلىۋاتقان ناخشىلار»دەپ باھا بېرىش توغرا بولسا كېرەك.بۈگۈنكى زامانىۋى ناخشىلارنى ئاڭلاپ تۇرۇپ،سۆزىنىڭ شېئىرىيەت قائىدىلىرىگە ئومۇمەن توغرا كەلمەيدىغانلىقىنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن شائىر بولۇش شەرت ئەمەس.شېئىرىيەتتتىن يىراق ئاڭلىغۇچىلارمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ناخشىلاردا قاپىيە،مەزمۇن يوقلىقىنى ئىلغاپ ئېلىشالايدۇ.بۇ ناخشىلاردا نە شەكىل بار،نە مەزمۇن.ئۇلار مۇخلىسلىرىنىڭ دىتىنى ئۆلتۈرۈشتىن باشقىغا يارىمايدۇ.
شۇنداق سەنئتكارلارمۇ باركى،كۆزگە كۆرۈنىش،نام چىقىرىش ئۈچۈنلا ئۆزى ياخشى ئېيتالمايدىغان ناخشىنىمۇ ئېيتىۋېرىشىدۇ.ئۇلار ناخشىچىلىقنى بىر خىل يېڭى تىرىكچىلىك يولى قىلىۋالغان.شۇنداق ئىكەن ئۇلارنى تەنقىت قىلىشقا پېتىنالمايمىز.ئەمما كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ كېتىۋاتقان تېتىقسىز ناخشىلار.ناخشىچىلار،شېئىريەتكە پەقەتلا ئالاقىسى بولمىغانلار ئۆزلىرىنى شائىر دەپ ھىساپلاپ،مۇزىكىغا ماس سۆز يېزىشنىڭ كويىدا بولۇپ،تىڭشىغۇچىلارنىڭ كۆڭلىنى ئۆلتۈرۈشنى كەسپ قىلىشتى.ئۇلارنىڭ چۆنتىكى پۇلغا تولسىلا بولدى.بىر-بىرىدىن سەۋىيىسىز ناخشىلارنى ئاڭلاپ،ھەتتا مايمۇنلارمۇ دات سېلىپ يىغلاۋاتقىنى بىلەن نىمە ئىشى بار ئۇلارنىڭ.ھەيران قالىسىز. ناخشىچىلىرىمىزنىڭ دۇنيا قارىشى شۇنچىلىك تار تۇرسا.
ئەپسۇس،مىڭ ئەپسۇس،ناخشا ئىشقىبازلىرىنىڭ دىتى ئۆلۈپ بېرىۋاتقانلىقىغا،ياشلارنىڭ ئىنتايىن كۆپ يەڭگىل ناخشىلارنى بېرىلىپ تىڭشاۋاتقانلىقىغا، ناخشىچىلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ شېئىرسىز ناخشىلارنى ئىجرا قىلىۋاتقىغا .بۇ ھەقىقەتكە كۆز يۇمۇشقا ئىلاجى يوق.ئەسلىدە،بۇ كۆز يۇمۇپ تۇرۇۋالىدىغان مۇئەمما ئەمەس ئىدى.لېكىن نىمىشقىدۇر ناخشىچىلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى مۇئەممانىڭ يېشىمىنى تېپىشقا ئۇرۇنۇش تۈگۈل،بۇ ھەقتە گەپ قىلىشتىنمۇ قېچىشىدۇ.سەنئەتشۇناسلىرىمىزمۇ بۈگۈنكى ناخشىلارنى تەھلىل قىلىش ھەققىدە ئويلاشمايدۇ.ئۇنداقتا بۈگۈنكى ناخشىچىلىق سەنئىتى ھەققىدە كىم باش قاتۇرۇشى كېرەك؟!
خەلقنىڭ ئىستىتىك تۇيغۇسى،دىتى ۋە مەنىۋىيىتىگە بۇنداق نائىنساپلىق بىلەن مۇناسىۋەتتە بولۇش ياخشى نەتىجىلەرنى ئېلىپ كەلمەيدۇ.بۇنداق شېئىرلار،ئۇلارغا توقۇلغان مۇزىكا ئۇزاق ياشىيالمايدۇ.خەلق ھەقىقىي سەنئەت شەيداسى.سۇنئىي ۋە زومۇ-زو يارىتىلغان نەرسىلەرنى تىقىشتۇرۇش خەلقنىڭ مەنىېۋىي تۇيغۇلىرىنى ھاقارەت قىلىدۇ.
خەلقچىل ناخشا پەيدا بولۇشى ئۈچۈن ئاۋۋال ياخشى شېئىر،ئۇنىڭغا ماس كەلگۈچى،شېئىر ماھىيىتى ۋە روھىنى تولۇق ئېچىپ بېرىدىغان كۈي ۋە ئۇنى سەنئەتكارانە ئىجرا ئەتكۈچى،سازەندىلەرنىڭ ئىجادىي ھەمكارلىقى زۆرۈر.لېكىن ھازىر بۇ ئاددىي ھەقىقەتكە ئەمەل قىلىنمايدۇ.قەيەردە بەستىكار،شائىر ۋە سازەندەلەرنىڭ ھەقىقىي ئىجادىي ھەمكارلىقى،بەدىئىي-ئىستىتىك ئالىمىدە مۇشتىرەكلىك سېزىلسە ياخشى ناخشا،ياخشى بەدىئىيات گۈزەللىكى مەيدانغا كېلىدۇ.
ھازىرقى زامان ناخشىچىلىقىدا ياخشى ئەسەرلەرنىڭ پەيدا بولىشى تۆۋەندىكى ئامىللارغا باغلىق:شېئىر مەناسى ۋە مەزمۇنى كۈي مەزمۇنىغا،ئاھاڭلار خاراكتىرى ۋە ماھىيىتىغا ماس كېلىشى زۆرۈر؛شېئىر ئەۋۋال يۈكسەك بەدىئىي روھتا يېزىلغان،ئوقۇغۇچىنى ھەقىقى گۈزەللىككە، كامىللىققا چاقىرغۇچى بولىشى زۆرۈر.ئەنە شۇندىلا ئۇنىڭغا بەستىلەنگەن مۇزىكىدىن چوڭقۇر،پەلسەپەۋىي-ئىستېتىك مەنا تاشىدۇ.
ئەل ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ،تىللاردىن تىللارغا،دىللاردىن-دىللارغا ئۆتكەن ناخشىلار تېرەن مەنا،چوڭقۇر ئىنسانىي كەچۈرمىشلەرگە باي بولىدۇ.بۇنداق ناخشىلارنىڭ شېئىرىمۇ ،مۇزىكىسىمۇ،شۇنداق گارمونىك بىرلىك ھاسىل قىلىدۇكى ،بىرىنى ئىككىنچىسىز تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولمايدۇ.
ئەلىشىر نەۋائىي«مەجالىسۇن-نەفائىس»نىڭ يەتتىنچى مەجلىسىدە قىرائەت سەنئىتى،شېئىر ئوقۇش سالاھىتىنى ئۇلۇغلاپ مۇنداق يازىدۇ:«تېمۇر كۇراگان... ئەگەرچە نەزىم ئەيتماققا ئىلتىپات قىلمايدۇرلەر،ئەمما نەزىم ۋە نەسىرنى ئانداق خۇب مەھەل ۋە مەۋقەدە ئوقۇبدۇرلاركىم،ئانىڭدەك بىر بەيىت ئوقۇغۇنى مىڭ ياخشى بېيىت ئېيتقانچە بار».
ناۋائىي شائىرانە مۇبالىغە سۈپىتىدە «خوپ مەھەل ۋە مەۋقەدە»ئوقۇلغان بىر بېيىتنى يېزىلغان مىڭ ياخشى بېيىتقا تەڭ كۆرۈشى بېۋاستە ناخشا مەنىۋىيىتى ۋە ئۇنىڭدىكى سۆزلەرنى توغرا تەلەپپۇز قىلىپ،ئاۋازغا توغرا سېلىشقا تەدبىقلايدۇ.ئەنە شۇ مەنادا شېئىرىيەت بېغىدىكى مۇئەتتەر(خۇشپۇرۇق) گۈللەر،ھەر خىل ئاھاڭلار،ئىنسانىي كەچمىشلەرگە مەڭگۈلۈك ئۆمۈر بېغىشلاش،ئەۋلاتلار روھىيىتىنىڭ ئۆلمەس مىراسى بولۇپ قېلىشىدا ناخشىچىلار زىممىسىگە بەك يۇقىرى مەنىۋىي مەجبۇرىيەت يۈكلىنىدۇ.ناخشىچى شائىر يۈرىكىدىكى بارلىق شاتلىق ۋە غەم-قايغۇلارنى تىڭشىغۇچى يۈرىكىگە قۇيۇپ قويغۇچى سېھىرگەردۇر.شۇڭا،ناخشىچى ماھارىتىمۇ ئەنە شۇ مەقسەتنى قايسى دەرىجىدە ھۆددىگە ئالغىنى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.
ئىلگىرى ئۇستاز سەنئەتكارلىرىمىز لېنتىلارسىز،ئارتۇقچە دەبدەبىلەرسىزمۇ مۇخلىسلار كۆڭلىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى.چۈنكى ئۇلار ئىجرا قىلغان ناخشىلار –ئېسىل سەنئەت دۇردانىسى ئىدى،ئارتۇقچە ھەل بېرىشلارغا مۇھتاج ئەمەس ئىدى.
ئۇلۇغ سەنئەتكارلار خەلقنى تەۋرىتىدۇ،تېنچلاندۇرىدۇ،ئۇلارغا ئارام بېرىدۇ.ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە ھاياجان ياكى شادلىق،ئىستېتىك لەززەت ھەدىيە قىلىدۇ.ئەنە شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقىمىز ئاتاقلىق ناخشىچىلار سەنئىتىنى جان قۇلۇغى بىلەن تىڭشايدۇ.بۇ ناخشىچىلار سەنئىتىنىڭ قايسى تەرىپى كۈي،قايسى تەرىپى شېئىر ئىكەنلىكىنى ئاجرىتىش قىيىن بولۇپ،بىر پۈتۈن مۇزىكىلىق گۈزەللىك سۈپىتىدە تىڭشىغۇچىنى لەرزىگە سالىدۇ.
ياخشى ناخشا توپا بېسىپ ياتمايدۇ.ئۇ تېزلا خەلق ئارىسىغا تارقىلىپ كېتىدۇ.ناچار ناخشا ئەكسىنچە ئۇنى ھەر قانچە مۇكاپاتلار بىلەن مۇكاپاتلىسىمۇ خەلق دىلىدىن جاي ئالالمايدۇ.
بىزنىڭچە خەلق ئارىسىدا يەڭگىل ناخشىلارنىڭ كەڭ تارقىلىپ كېتىشىگە يول قويماسلىقىنىڭ بىردىن-بىر چارىسى كىىلاسسىك كۈي ۋە ناخشىلىرىمىز،مىللىي مىراسىمىز خەزىنىسىنى چوڭقۇر ئۈگەنمەك ۋە تەشۋىق قىلماقلىقتۇر.تىلشۇناس،ئەدەبىياتشۇناس،مۇزىكاشۇناس ئالىملىرىمىز،شائىر ۋە بەستىكارلىرىمىزنىڭ ئىجادىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ۋە مىللىي مۇزىكا مەدەنىيىتىمىزنىڭ پۈتۈن بەدىئىي-ئىستىتىك ماھىيىتىنى ھەر تەرەپلىمە تەتقىق قىلىش ئىشىنى جانلاندۇرۇشتۇر.
ئىنسانىيەت تارىخىدا ئىنتايىن كۆپ ناخشىچىلار ئۆتكەن.ۋاپات بولغىنىغا كۆپ يىللار بولغان بولسىمۇ ناخشىلىرى سۆيۈپ تىڭشىلىدىغان،سۆيۈپ كۈيلىنىدىغان سەنئەتكارلار ھەم تالايغىنا.ھازىرقى«ئاپسانىۋى»،«ئاخماقانە»لېنتىلارنى كۆرۈپ،ئويلاپ قالىمەن،ئادەملەر بۇ سەنئەتكارلارنى كېيىنچە قانچىلىك دەرىجىدە ئەسلىشەركىن:نومۇس بىلەنمۇ،ئەلەم بىلەنمۇ،ھاقارەت بىلەنمۇ؟..ئومۇمەن ئەسلەمدىغاندۇ؟
ئۆزبېكچە ماقالىلەردىن ئومۇملاشتۇرۇپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:بەختىيار ئابدۇساتتار
«شىنجاڭ سەنئىتى»ژورنىلى 2014-يىلى 4-سانىدىن ئېلىندى
|
|