- تىزىملاتقان
- 2015-1-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 12855
- نادىر
- 0
- يازما
- 1240
ئۆسۈش
7.14%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا putin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-9-1 10:14
ئۇيغۇر مېللىتىنىڭ ئەجداد مەسىلىسى بىرقەدەر مۇرەككەپ .چۈنكى ئۇيغۇر دىگەن مېللەت تارىختا قەبىلىلەر ئىتىپاقى ،مېللەتلەر ئىتىپاقى شەكىلدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان .ھونلار ئىتىپاقىدا ئۇيغۇر ،تۈرك، تاتار، قىرغىز...قاتارلىق مېللەتلەر ھون قەبىلە ئىتىپاقىغا قۇشۇلۇپ بىر زامان ھون دەپ ئاتالدى .
ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ گېن قۇرلۇشىدا ئالتاي گېن قۇرۇلمىسى 21%ئىپادىلىنىدۇ .غەربىي ياۋروپا گېن قۇرۇلمىسى 17%ئىپادىنىلىدۇ .يەنە شەرقى ۋە جەنۇبى ئاسىيا گېن قۇرۇلمىسى 13.5%،ئەرەب گېن قۇرۇلمىسى 10.5%،تۈرۈك گېن قۇرۇلمىسى 4.5%بولۇپ ،بۇ ئىلىمىي پاكىتلار ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ .
ھازىرقى ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەرنى قانداشلىقى بار يوقنىڭ ئارىسىدا .غەربىي ياۋروپا گېن قۇرۇلمىسى گەۋدىلىك بولغان مېللەتلەردىن گېرمانلار،روسلار ،پولشالىقلار ،بۇلغارلار بار .
ئالتاي گېن قۇرۇلمىسى قازاق ،ئۇيغۇر ،ئۆزبېك ،قىرغىز ،تاتار،شىنجاڭ موڭغۇللىرى قاتارلىق تۈركىي تېل سىستىمىسىدىكى مېللەتلەر ئوخشاش نىسبەتتە گەۋدىلىنىدۇ .
ئۇيغۇرلار زادى قايسى مېللەتلەرنىڭ ئەۋلادلىرى دىگەن سۇئالغا ئىنىق جاۋاب چىقىشى تەس .چۈنكى بىز تارىخىمىزنى يازالمايمىز .بىز تارىخىمىز يازىدىغان ۋاقىتتا ،ئۇيغۇرلار ئەجداد ئانا مېللىتى ئاندىن ئىنىق بولىدۇ .
ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدا ناتسىس پارتىيىسىنىڭ بىرىنچى قول رەھبىرى ھېملىر بۈيۈك ئارىيان مېللىتىنى ئىزدەش خىزمىتى داۋاملاشتۇرغان .ئۇرۇش توختىغاندىن كىيىن ،ئىزدىنىشمۇ توختىغان .لىكىن ،ھېملىرنىڭ تەتقىقات گورۇپپىسى ئالتاي -كۆئىنلون تاغ ئىتەكلىرىگە قەدەم باسقان .قىزىققۇچىلار بولسا ،Heinrich Himmlerتوغرۇلۇق نۇرغۇن ھۆججەتلىك فىلىملەر بار .ئىزدىنىپ بىقىڭلار
ئۇيغۇر مېللىتىنىڭ قان تەركىبى بىرقەدەر مۇرەككەپ ،ئاسلىمىناتسىيەلىشىش بەك ئىغىر .ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا بىرقەدەر ساپ بولغان ھەم تىپىك گەۋدىلىل چىراي ۋە بەدەن قۇرۇلىشا ئىگە ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىن ،لوپنۇر ،خوتەن ،قۇمۇل ،غۇلجا ،ئاتۇش بولۇپ ،غۇلجا ۋە ئاتۇش كىشىللىرى تىپىك غەربىي ياۋروپا قان سىستىمىسى بەدەن قۇرلىشى ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ .خوتەن تىپىك شەرقى -جەنۇبى ئاسىيا قان سىستىمىسىدىكى ھىندىلار گىنى ئىنىق ئىپادىلىنىدۇ .قۇمۇل كىشىللىرىدە تىپىك يەرلىك مېللەتلەرنىڭ چىراي ۋە گېن ئىپادىسى بار بولۇپ ،ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئاسلىمىناتسىيەلەنگەن .لوپنۇر تىپىك قەدىمقى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدىن دەپ قارالماقتا .
قەشقەر ۋە ئاقسۇ كىشىللىرى مىنىڭچە ئۇيغۇرلاردىكى ئاسىلىمىناتسىيە ۋە ئۆتۈشۈش ئەڭ ئىغىر بولغان رايونلار بولۇپ ،قان سىستىمىسى ۋە گېن تەتقىقاتى مۇرەككەپ .چۈنكى بۇ رايونلار تارىختىن يىزائىگىلىك ۋە سودا-سانائەت ئىشىلىرى ،ئىستىلاچى مېللەتلەرنىڭ كونتىرول قىلىش مەركىزى بولغان .شۇڭا ،بۇنداق ئورۇنلاردا ئاسلىمىناتسىيەلىشىش بىرقەدەر كۈچلۈك بولىدۇ .
بىزگە ئاللاقانداق تارىخىتىكى ئۇلۇغ مېللەتلەرنىڭ ئەۋلادلىرى دىگەن قالپاق كىرەك ئەمەس ھەم بەك كۈچەپ قوغلىشىپ كىتىشنىڭ ئورنى يوق .بىزنىڭ قىلالايدىغىنىمىز ھەم قىلىشىمىز كىرەك بولغىنى دەل شۇ ئۇلۇغ مېللەتلەردەك بولۇش .بىزنى باشقىلار ئەجداد مېللىتىم دەپ روھى جەھەتتىن مەدەت ئىزدەيدىغان مېللەت بولۇش .
|
|