- تىزىملاتقان
- 2013-5-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-6-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 16180
- نادىر
- 1
- يازما
- 1776
ئۆسۈش
15.45%
|
putin يوللىغان ۋاقتى 2015-8-31 23:29
ئۇيغۇر مېللىتىنىڭ ئەجداد مەسىلىسى بىرقەدەر مۇرەكك ...
ھىچقانداق مىللەت بىر ئۇرۇقتىن تەركىپ تاپمايدۇ.
ھىچقانداق ئۇرۇق قەبىلە بىر مىللەتتىن تەركىپ تاپمايدۇ.
يىڭى ئېرادىكى ئىپتىدائىي ياشايدىغان ئۇرۇقلارنىڭ بىرلىشىشىدىن قەبىلە، قەبىلىدىن ئۇلۇسقا،ئۇلۇستىن مىللەتكە ئايلىنىدۇ.
قەبىلە،ئۇلۇس،مىللەتلەرنىڭ ناملىرى بەزىسى جۇغراپيەلىك، بەزىسى ئۆز تىلىدا مەلۇم ئۇقۇم مەنانى ئىپادلەيدىغان ئېتنوگرافيەلىك يەنە بەزىسى چوڭ قەبىلىلەرنىڭ كىچىك قەبىلىلەرگە بەرگەن نامى بىلەن بولۇدۇ.
مەسىلە: چىڭگىزخان تارىخ سەھنىسىگە چىقىشتىن بۇرۇن ھىچقايسى تارىخىي مەنبەدە «مۇڭغۇل»دىگەن ئۇلۇس نامى ئۇچىرىمايدۇ.ھەم ئۇنداق ئۇرۇق قەبىلىمۇ بولۇپ باقمىغان.
مۇڭغۇل دىگەن نام ئۆز دەۋىردىكى بىرنەچچە قەبىلە بىرلىكىگە قويۇلغان، تۈركىي تىلدىكى «مىڭ ئوغۇل» دىن تۈرەلگەن نام.
قىرغىزىستان تارىخچىلىرى «قىرغىز» نامىنىڭ ئەسلى «قىر ئوغىز»سۆزىدىن تۈرەلگەن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇلارمۇ بىرنەچچە ئۇرۇق قەبىلىدىن تەركىپ تاپىدۇ.
بۈگۈنكى ئافغانىستاندا بىرنەچچە چوڭ ئېتنىك ئۇلۇس ياشايدۇ. ئافغان دەيدىغان مىللەت يوق،ئەمما ئافغانىستانلىقلار چەتئەللىكلار تەرپىدىن «ئافغان»دەپ ئاتىلىدۇ.بەلكىم يەنە 500 يىلدىن كىيىن ئافغانىستاندىكى بىرنەچچە مىللەت ئارلىشىپ كىتىپ ئۆزىنى ئافغان مىللىتى دەپ بىلسە دۇنياغا يىڭى بىر مىللەت پەيدا بولغان بولۇدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇرۇقبازلىق ئەنئەنسىدە توختاپ قالغان خەلقلەر.
ئۇيغۇرلارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.بىزمۇ بىرنەچچە غول ئۇلۇسنىڭ بىرلىششىدىن شەكىللەنگەن مىللەت.گەرچە يەرشارلاشقان مىللەت دەرجىسىگە كىچىكىپ قالغان بولساقمۇ، بۇ پەقەتلا ۋاقىت مەسىلىسى. يەنىلا كىملىكىمىزدىكى «مىللىتى» تىزىمىغا «ئۇيغۇر»يىزىقلىق. دۆلىتىمىز بىزنى رەسمىي مىللەت سۈپىتىدە ئىتراپ قىلىپ بولغان.
ئۇيغۇرلار تەركىبىدە ھون تىپى،تۈرۈك تىپى،مۇڭغۇل تىپى،بولغىنىدەك ئارىيان تىپىنىڭ ئىزنالىرىمۇ ئۇچۇرايدۇ. بۇ دىياردا ئەڭ بۇرۇن ئارىيانلار ياشىغان بولسا، بىزنىڭ ئاتىلىرىمىز نەچچە مىڭ يىل مابەينىدە كافكازدىن ، مۇڭغۇلىيەدىن تەدىرىجى كۆچۈپ يەرلىك ئارىيان تىپى بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن بولسا،ئۇيغۇۇرنىڭ ئانا ئەجدادى ئارىيانغا بىرىپ تۇتىشىدۇ دىگەن تېئورمىنىڭ ھىچبىر خاتاسى يوق.
قەشقەر ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرى قېدىمقى قارلۇق غول ئۇلۇسى بىلەن ئارلىشىپ كەتكەن.نەتىجىدە قارلۇقلار ئاسمىلاتسىيەگە ئۇچۇراپ يوقۇلۇپ بۈگۈنكى قەشقەر ئۇيغۇرلىرى شەكىللەنگەن. قارلۇق ئۇلۇسى بولسا ئۇيغۇر غول 3 ئۇلۇسىنىڭ بىر قانىتى. تارىختا غەربى كۆكتۈرۈك،غەربى ئۇيغۇر،غەربى قاراخان ئېلىنىڭ تىزگىنىنى قولىدا تۇتقان خەلق شۇ.
بۈگۈنكى بەزى فىرانسۇز تارىخشۇناسلىرى قاراخان(ئېلخان) ئىلىنى قارلۇقلارنىڭ قۇرغانلىقى،ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنرەك قوشۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردۇ. |
|