قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
ئىگىسى: kokturuk

ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئانا ئەجدادى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

10

دوست

3054

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   35.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  49995
يازما سانى: 361
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 882
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-18 16:29:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق قىلىپ ئاتا ئەجداد، ئانا ئەجداد دىگەن گەپ چىقتىمۇ.
مەنمۇ ئىلگىرى مۇشۇ توغرىسىدا ئانچە مۇنچە ئىزلەنگەن. ھىس قىلىشىمچە، تىما ئىگىسى بىلەن پۇتىن ئەپەندىنىڭ پىكىرى بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ. لىكىن پۇتىن ئەپەندىنىڭ ئىنكاسىغا نىسبەتەن مۇنداق بىر قانچە نۇقتىنى قايتا ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە توغرا كىلىدۇ.
1. ئىلى ۋە ئارتۇچ ئۇيغۇرلىرىدا باشقا ئۇيغۇرلاردىن كۆرىنەرلىك ھالدا تىپىك غەربى ياۋروپا گىنتىك ئەجداد سىستىمىسى ۋە فىزىكىلىق ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ئىپادىلىنىشى ئاللىقاچان ئىسپاتلىنىپ بولغان، لىكىن بۇ ئىككى تىپقا كورلا-قاراشەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭمۇ بىر گۇرۇپپا تىپ ئىكەنلىكى چۈشۈرۈپ قويۇلغان. گەرچە لوپنور ئۇيغۇرلىرى ئەسكەرتىلگەن بولسىمۇ، لوپنور ئۇيغۇرلىرى پەقەت يۇقىرىقى توپنىڭ بىر كىچىك تارمىقى خالاس.
2. خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىرقى تىپىغا نىسبەتەن تولىمۇ يۈزەكى باھا بىرىلگەن. ئەمەليەتتە خوتەن ئۇيغۇرلىرى ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلىنىدىغان بولۇپ، بۇلار 1)مەركىزى گۇرۇپپا، يەنى خوتەن-قارىقاش ئۇيغۇرلىرى. 2) غەربى گۇرۇپپا، يەنى لوپ-قاغىلىق ئۇيغۇرلىرى. 3)شەرقى گۇرۇپپا،نىيە-كىرىيە ئۇيغۇرلىرى.
گەرچە خوتەن مەركىزى گۇرۇپپىسىدا ھىندى ۋە زاڭزۇلارنىڭ قىسمەن ئارلىشىش ھادىسىسى ئىتراپ قىلىنغان بولسىمۇ، لىكىن خوتەن شەرقى گۇرۇپپىسىنىڭ ئىلى ئۇيغۇرلىرى گۇرۇپپىسى بىلەن بىردەكلىكى گىن تەتقىقادلىرى جەريانىدا ئىسپاتلىنىپ بولغان. كەمىنىنىڭ ئۆز كۆزۈمدىن ئۆتكۈزگەن كۈزىتىشىمچە، غەربى گۇرۇپپىسىنىڭ پەرقىمۇ شەرقى گۇرۇپپىسىدىن كۆپ پەرىقلەنمىسە كىرەك.
3. قۇمۇللۇقلارنى ئاسلىلاتسىيە قىلىنغان تۈركۈم دەپ قاراش خاتا. چۈنكى ھازىرقى گىن تەتقىقادلىرى نەتىجىسىدە بايقالغان، ئاسىيادىكى ئارىيان قان سىستىمىسى ئالتاي گۇرۇپپىسىغا تەۋە R-M420 (R1a) ئەڭ ساپ بولغان تۈركۈم قۇمۇلغا ئەڭ يىقىن بولغان، موڭغۇلىيىدە ياشايدىغان قەدىمى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى خوتونلاردىن ئىبارەت. ئاندىن قالسا، تەتقىقادلاردا، قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاتا ئەجداد گىن قۇرۇلۇشىنىڭمۇ ئىلى ئۇيغۇرلىرى گۇرۇپپىسغا كىردىغانلىقى، ياكى ناھايىتى يىقىن ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان، پەقەت، قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ Mt-DNAسى يەنى ئانا ئەجداد گىنىدا شەرقى ئاسىيا تەركىبى ئەڭ يۇقىرى نىسبەتتە بولغاچقا، فىزىكىلىق پەرىقلەر كىلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن.
4. قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنى بىراقلا بىر تۈركۈمگە ھەيدەش ئىلمى ئەمەس. چۈنكى قەشقەردە ئون نەچچە شەھەر-ناھىيە ۋە تېخىمۇ نۇرغۇن ئۆزلىرىنى ئەنئەنىۋى ئايرىم يۇرىت ھىسابلايدىغان يىزا-بازارلار بولۇپ، ئارتۇش ئۇيغۇرلىرى تارىختا پەقەت شۇ يۇرىتلارنىڭ بىرى ھىسابلانغان. ئوبىكتىپ كۈزەتكەندىمۇ، قەشقەردە يۇرىتلار ئارا پەرىق خىلىلا گەۋدىلىك بولسا كىرەك دەپ ئويلايمەن.
بىراق پۇتىن ئەپەندىنىڭ قەشقەر مەركىزى گۇرۇپپىسىنى ئوتتۇرا شەرىق مەنبەسىگە ئىشارە قىلغانلىقىنى خاتا دىگىلى بولمايدۇ، چۈنكى قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاتا ئەجداد گىن تەتقىقاد نەتىجىسىدە ئوتتۇرا شەرىق ۋە جەنۇبى ياۋروپادا كۆپ كۆرۈلىدىغان Haplogroup J-P209 سىستىمىسى كۈچلۈك كۆرۈلىدۇ. لىكىن پۇتىن ئەپەندى بۇلارنى بىۋاستە ئەرەپ مەنبەلىك دەپ قارشى يۈزەكىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى،
بىرىنچىدىن. لوگىكلىق جەھەتتىن، ئالدى بىلەن ئەرەپ ۋە يەھۇدىيلارنىڭ ئورتاق ئەجدادى بولغان ئىبراھىم پەيغەمبەر ئۆزىنىڭ مەنبەسىنىڭ نەدىن ئىكەنلىكى ئىنتايىن مۇھىم. تارىختا خاتىرلىنىشىچە، ئىبراھىم پەيغەمبەر سومىرىئانلارنىڭ بىر شەھرى بولغان ئۇر شەھرىدىن قانان زىمىنىغا كۆچۈپ كەلگەن مالچى بولۇپ، ۋىنگىرىيىلىك تارىخچىلار تەرپىدىن سومىرىئانلارنىڭ تىلى ۋە ئىرقى ئالاھىدىلىكى ماجارلارغا يىقىن ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرىلىدۇ.
ئىككىنچىدىن. سومىرىئانلارنىڭ تەركىۋىدە قەدىمى تارىملىقلار بىلەن بىر قەۋىم بولغان كۇشانلارنىڭ ئاساسلىق خەلىق ئىكەنلىكى قەدىمى تارىختا ئىنىق خاتىرلەنگەن بولۇپ، ئۇر شەھرى نامىدىن ئالغاندىمۇ، ئىبراھىم ھەتتا قەدىمى ئۇيغۇرلاردىن بولۇشى، ھەتتا ئۇيغۇر نامىنى ئەجدادلىرىمىز ئىبراھىم دەۋرىدىن ئىلگىرىلا ئىشلىتىپ، دۇنياينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا شۇ نامنى قالدۇرۇپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. مەسلەن فىن-ئۇگۇرلار تىللىرى تىل سىستىمىسى جەھەتتىن ئۇگۇرلارغا تەۋە بولۇپ، ئۇگۇرلار روسىيە ۋە شەرقى ياۋروپا رايونىدا نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ياشاپ كەلگەن ئۇرال تىللىق بىر خەلىقلەر سىستىمىسى. بىراق يېقىنقى نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئۇگۇر مىللەتلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتى بارلىقى، ياكى بىر-بىرىگە تەۋەلىكى ھەققىدە ھىچقانداق تارىخى خاتىرە يوق. بۇنىڭدىن قەدىمى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇگۇرلار ۋە سومىرىئان-كۇشانلارنىڭ بەش ئالتە مىڭ يىللار ئىگىرىلا ئورتاق بىر نۇقتىدىن ئاجىراپ كىتىپ، ھەرقايسى ئۆز يولىغا ماڭغان، ئىھتىمال قىسمەنلىرى قايتا يۇغىرىلغان بولۇشى مۇمكىن، دىگەن دەسلەپكى يەكۈننى چىقىرىشقا بولىدۇ.
ئۈچىنجىدىن، يەنە شۇ گىن نەتىجىلىرىگە قايتىپ كەلگەندىمۇ، ئۇيغۇرلاردا تومتاقلا ئوتتۇرا شەرىقتىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن دەپ قارالغان Haplogroup J-P209 نىڭ ئۇيغۇرلارغا خاس ، J-M172 يەنى J2 تارمىقىنىڭ قەشقەر تەرەپلاردە ھەتتا ئوتتۇرا شەرىقتىنمۇ كۈچلۈك كۆرۈنۇشى، ئىھتىمال J2 بۇ تارماقنىڭ سىرىتتىن كىرگەن بولماي، بەلكى مەزكۇر قەشقەر-فەرغانە رايونىدىن تارقالغان بولۇشتىن ئىبارەت يەكۈننى گىن تەتقىقاتچىلىرى ئوتتۇرا قويغان، بۇ مىنىڭ سوبىكتىپ يەكۈنۈم ئەمەس.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، J2 تارمىقى قەشقەر-فەرغانە رايونىدىن باشقا يەرلەردە تىپىك تارقلىشى ئاسالىقى قەدىمى خىتلار، سومىرلار، گىرىكلار ۋە رىملىقلار قاتارلىق ئورال ياكى ھىندۇ-ياۋروپا تىل سىستىمىسىدىكى كىشىلەرنىڭ پائالىيەت دائىرىسى، نۆۋەتتىكى ئەۋلادىلىرى بولسا ئاساسلىقى ئىرانلىقلار، كافكاز مىللەتلىرى، تۈركىيىلىكلەر، گىرىكلار ۋە جەنۇبى ياۋروپالىقلار بولۇپ، ئەكسىچە جىڭ ئەرەبلەردە نىسبەتەن ئاز كۆرۈلىدۇ. ئىھتىمال ئۇيغۇرلاردىكى J2نىڭ مەنبەسى رىۋايەتلەردىكى ئالىف ئەر تۇڭا ۋە ئۇ باشلاپ كىلىپ، قەشقەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ماسسا-گىتى (كۇشانلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ) تارمىقى بولغان تورانلارغا تۇتىشىشى مۇمكىن. ئىلگىرىكى روسىيە تارىخ تەتقىقادچىلىرى ھەتتا قەدمى رىملىقلارنىڭ مەنبەئىنى تورانلارغا باغلاپ چۈشەندۈرۈشمۇ بار بولغان.
ئەمدى، ئۇيغۇرلاردا زادى Jنىڭ ئەرەبلەرگە تەۋە بولغان J1 تارمىقى بارمۇ-يوقمۇ، شۇنىڭغا قاراش كىرەك.
ئەندى، ئۇيغۇرلاردا زادى ئەرەب ئەجدادلار بارمۇ دىگەن مەسىلىگە ئىلمى قاراش كىرەك.
ئۇيغۇرلار بىلەن ئوتتۇرا يەر دىڭىزى ئىرقىدىكى جەنۇبى ياۋروپا، تۈركىيە، ئىرانلىقلارغا ئورتاق بولغان، J2 بىلەن ئەرەب-يەھۇدىيلارغا ئورتاق بولغان J1 نى بىر مەنبەدىن تارقالغان ئىككى چوڭ گۇرۇپپا دەپ قاراشقا بولىدۇ، ئەمەليەتتە بۇ ئىككى گۇرۇپپىنىڭ ئايلىرلىپ چىكەتكەن ۋاقتى ھەتتا سىلاۋيان سىستىمىسى بىلەن ئالتاي-تۈركى سىستىمىسىنىڭ ئەجداد ئايرىپ چىكىتىشىدىنمۇ قەدىمى بولۇپ، پەقەت ئىلمى گۇرۇپپىغا ئايرىش نۇقتىسىدىنلا نىسبەتەن يىقىن گۇرۇپپا بولمىغاچقا، بىر گۇرۇپپىغا كىرگۈزۈپ قويۇلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەرەپ-مىسىر J1 گە قارغاندا ئۇيغۇر-رىم J2 تارمىقىنىڭ تارقىلىشى تىخىمۇ گەڭرى بولۇپ، شەرىقتە خۇيزۇلاردىن تارتىپ، غەرىپتە فىرانسىۇز-ئىنگىلىزلارغىچە ھەممىسىدە مۇشۇ گۇرۇپپا تارقالغان.
شۇڭا ئۇيغۇرلاردا زادى ئەرەپلەرنىڭ يالدامىسى بار يوقلۇق مەسىلىسى ئەرەب-مىسرلىقلارنىڭ (ھام-ساملارنىڭ) J1نىڭ نىسبىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خېلىلا گەۋدىلىك ھالدا قەشقەر قاتارلىق قەدىمى مەدەنيەت مەركەزلىرىدە نىسبەتەن كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بۇلارنى بىرىنچىدىن يىپەك يولىنى قەدىمى مەدەنيەت ئالماشتۇرۇش ۋە سودا سىتىق قىلغىلى كەلگەن ئەرەپ تىجارەتچىلىنىڭ ئولتۇراقلىشىپ قىلىشى ۋە ئىككىنچىدىن، مەزكۇر رايونلارنىڭ تارىختا بۇغراخانلار ۋە ئىككى تۆمۈر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىسلام دىنى جىدەل-ماجرالاردا بىۋاستە باففىر زون ۋە تالىشىش نۇقتىلىرى بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئىھتىماللىقى مۇمكىن دەپ قارايمەن، بۇ ئۆزۈمنىڭ شەخسى كۆز قارشىم.
uyghuray

1

تېما

10

دوست

3054

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   35.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  49995
يازما سانى: 361
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 882
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-18 16:30:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يوللىغان ۋاقتى 2016-3-18 16:35:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەپنى خۇلاسىلىگەندە، فىزىكىلىق ئەجدادلارنىڭ كىم بولۇشى ۋە قەدىمى ئەجدادلارنىڭ قانچىلىك شۆھرەتلىك بولۇشى، بىزنىڭ بۈگۈنكى ئىجدىمائى رىئاللىقىمىزغا ھىچقانچىلىك ئەمەلى نەپ ئىلىپ كىلەلمەيدۇ. بۇ كۆز قاراشتا مەن پۇتىن ئەپەندى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە. لىكىن ئوخشىمايدىغان نۇقتا شۇكى، تارىخنى قىزىشنىڭ ئۇنچىلىك ئەھمىيەتلىك بولماسلىقى، تارىخقا نىسبەتەن ئەستايىدىلسىز ۋە بىر تەرەپلىمە كۆز قاراشتا بولۇپ، ئىلمى بولمىغان، بىپەرۋا يەكۈن چىقىرىشقا بولمايدۇ، دەپ قارايمەن.
تىخىمۇ مۇھىمى، بىز ئەگەر بۇندىن كىيىن ھەممە ئىشنى كىچىكتىن باشلاپ، تىرىشچانلىق بىلەن قەد كۆتۈرۈپ، جۈملىدىن دۇنيادا كۈنسىرى قۇدرەت تىپىۋاتقان جوڭخۇا ئىلى ۋە ئىنسانىيەت ئۈچۈن زور تۆھپە قوشۇپ، مۇنەۋۋەر مىللەت بولۇپ، دۇنيادا كۆزگە كۆرۈنسەك، دۇنيادىكى بارچە مىللەتلەر ئۆزىنىڭ ئەجدادىنى بىزدىن ئىزلەيدىغان بولىدۇ، چۈنكى بىزنىڭ جىسمىمىزدىن قەدىمى خۇۋاشىيالارنىڭ ئەجدادى روڭلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى بارلىق مۇنەۋۋەر مىللەتلەرنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ گىنى تىپىلىدۇ. بۇ ئىلمى ئىسپاتلانغان ھەقىقەتتۇر.

0

تېما

9

دوست

3635

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   54.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  59239
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1180
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-18 18:23:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تارىخچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-21 07:14  

قەدىمقى ‹‹قارلۇق ››قەبىلىسىدىن ھازىرقى ئۇيغۇرلارنى تەشكىل قىلغان ،ھازىرمۇ  ئۇيغۇر كىملىك -سالاھىتى بىلەن ھايات ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قارلۇقلىرى!   

[img=640,881]3682818595382399755[/img[

uyghuray

0

تېما

2

دوست

934

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   86.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55129
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 278
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-18 21:43:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك ئابدۇل بەسىر مۇئەللىم ئەنە شۇ بارتولد بىلەن بىر قاتاردىكى لىتۋىنىسكىي يازغان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قەدىمىي يېزىقلىرى ۋە مەدەنىيىتى توغرىسىدا دىگەن كىتاپنىڭ ئىككىنچى بابى يەنى «خوتەننىڭ بەرپا قىلىنىشى'» دىگەن قىسمىنى كۆرۈپ باققان بولسا. بۇ ماقالە تېخىمۇ مۇكەممەل چىقىدىكەنتۇق. ساكيامونى خوتەندە تۇغۇلغان، خوتەن سۆزىنىڭ يەرنىڭ ئەمچىگى دەيدىغان مەنىسى بار، ساكيامونى ئەنە شۇ يەردىن چىققان مۆجىزىلىك ئەمچەكنى ئېمىپ چوڭ بولغان، ئۇدۇن نامى تىبەتچىگە يېقىن، ئارىيانچىغىمۇ يېقىن دەيدىغان زىددىيەتلىك پىكىرلەر بايان قىلىنىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )