ئوقۇرمەنلەر ئىلىم چېيىدىكى روھ پەرۋىشى-فىلىم
ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتورى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەڭرىتاغ ئالىمى زۇلپىقار بارات ئۆزباش، ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر، ئابدۇرغۇپۇرئابدۇراھمان قاتارلىقلارنىڭ تەشكىللىشى، شىنجاڭ راۋان ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ قۇرغۇچىسى، مۇدىر ئادۋۇكات كۆرەش ھاشىم ئەپەندىنىڭ سورۇن ھازىرلاپ بېرىشى بىلەن تۇنجى قېتىملىق ئوقۇرمەنلەر ئىلىم چېيى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. بىزنىڭ بۇپائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشىمىزدىكى ئاساسلىق مەقسەت، مىللىتىمىزنىڭ ئەڭ ئاۋانگارت قوشۇنلىرىدىن بولغان زىيالىلارنىڭ يېتەكلەش كۈچى ئارقىلىق ئوقۇرمەن مەدەنىيىتىنى جەمئىيىتىمىزدە كەڭ ئومۇملاشتۇرۇش، جەمئىيەتتە سورۇن ئىسلاھاتى قىلىش، كىتاب ئوقۇشنى ئابىستىراكىت ھالدا سۆزلەۋېرىشتىن، كىشىلەرنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇش ئادىتىگەئايلاندۇرۇۋېتىشتىن ئىبارەت.
نېمىشقا ئىلىم چېيى ئۆتكۈزۈلدى
بىزگەمەلۇم بولغىنىدەك، كىتاب ئوقۇش يىلىنىڭ تەسىرىدە دىيارىمىزنىڭ جاي – جايلىرىدا كىتاب ئوقۇشنى مەزمۇن قىلغان تۈرلۈك شەكىلدىكى پائالىيەتلەر ئارقا – ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، جەمئىيىتىمىزنىڭ كىتابخۇمارلار جەمئىيىتى بولۇشىغا مۇئەييەن ئاساس سېلىندى. توي – تۆكۈنلەردە، پائالىيەت ۋە مۇراسىملاردا كىتاب سوۋغا قىلىش، يېتىم –يېسىر ئوقۇغۇچىلارغا كىتاب ئىئانە قىلىش، كىتاب ھەققىدە تۈرلۈك ئەنجۈمەنلەرنى ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلارنىڭ ئارقا – ئارقىدىن قانات يېيىشى، كىتابخانا ۋەكۇتۇپخانىلاردا كىتاب ئوقۇيدىغانلار سانىنىڭ ئاۋالقى ھەرقانداق بىر يىلدىكىدىن كۆپ بولۇشى، كىشىلەرنىڭ ئادەتتىكى سۆھبەتلىرىدە كىتاب ھەققىدە پاراڭلىشىشى، كىتابخۇمارلارنىڭ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئالاھىدە ھۆرمەتكە ئېرىشىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى كىتاب ئوقۇش يىلىدىكى خۇشاللىنارلىق كارتىنىلار دېيىشكەبولىدۇ، ئەلۋەتتە بۈگۈنكى قىممەتلىك سورۇنىمىزنىمۇ ئەنە شۇ كارتىنىلارنىڭ مۇھىم بىرى دېيىشكە بولىدۇ.بىزگە مەلۇم، خەلقىمىزئارىسىدا قاتار چاي ۋە ياكى تۈرلۈك زىياپەت شەكىللىرىنى ئۆتكۈزۈش ئادىتى شەكىللەنگەن. بىزنىڭ ئۆتكۈزۈۋاتقان قاتار چايلارمىز ئاساسەن 10 –20 ئادەم بىرسورۇنغا يىغىلغاندىن كېيىن، ئۆز – ئارا كۆڭۈل ئېچىشنى مەقسەت قىلغان، ئۇنىڭدائىلىم ھەققىدە مۇنازىرە ۋە مۇھاكىمىلەر بولۇنمايدۇ ياكى يوقنىڭ ئورنىدا بولىنىدۇ،ھەتتا بەزى قاتار چاي سورۇنلىرىمىز غەيۋەتخورلار سورۇنى ياكى ئىچەرمەنلەر پوزۇلىغائايلىنىپ قالغان.
بىز خەلقىمىزئارىسىدا ئومۇملاشقان بۇ خىل قاتار چاي ۋە ھەرخىل زىياپەتلەرنىڭ شەكلىنى بارا –بارا ئىسلاھ قىلىشقا ئازغىنە بولسىمۇ پايدىسى تېگىش مەقسىتىدە «ئىلىم چېيى»ئۆتكۈزگەن، ھازىرغىچە 14 سان ئۆتكۈزۈپ بولدق، يەنە داۋاملىق ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتىمىز.مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى خەلقرادىيو ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلى،خەنزۇچە ئىقتىساد گېزىتى، شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى باغداشتورىقاتارلىق تاراتقۇلاردا كەڭ تەشۋىق قىلىنىپ، جەمئىيەتتە ياخشى بولغان جامائەت پىكىرى ھاسىل قىلدى. ئىلىم چېيىمىزغا ئىلگىر كېيىن بولۇپ مىجىت ناسىر، مۇھەممەت رېھىم، جالالىدىن بەھرام،راخمان مامۇت، قۇربان مامۇت قاتارلىق پىشقەدەم ئۇستازلىرىمىز قەدەم تەشرىپقىلىپ،ناھايىتى يۇقىرى باھالارنى بەردى، شۇنى قەيت قىلىپ ئۆتۈشىمىز زۆرۈركى، ئىلىم چېيمىزغا مۇساجان ئەزىزى، مىجىت ساۋۇت قاتارلىق تۆھپىكار ئۇستازلىرىمىز ھايات چېغىدا قەدەم تەشۈرۈپ قىلىپ، مۇشۇنداق كىلاسسىكلىرىمىزنىڭ ئىلغار ئەنئەنىسىگەئاكتىپ ۋارىسلىق قىلغان مۇشۇنداق بىر ياخشى سورۇن مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىدىن بەكمۇ تەسىرلەنگەنىدى، بىز ئۇلارنىڭ تەۋەرۈك سۆزلىرىنى ھەرۋاقىت چۇڭقۇر ياد ئېتىمىز. بىزنىڭ ئىلىم چېيىمىز ھەر قېتىمدا مەلۇم بىر كىتابنى مۇھاكىمەقىلىش ئاساسىدا داۋاملىشىدۇ، چاي ئۆتكۈزۈشتىن ئىلگىرى چايغا قاتناشقۇچى مۇھاكىمەقىلىنماقچى بولغان كىتابنى تولۇق ئوقۇپ كېلىدۇ. ئاندىن چايدا شۇ كىتاب توغرىسىداسۆھبەت بولىدۇ. ئىلىم چېيى سورۇنىمىز ھازىرغىچە ھەربىرىمىزنىڭ بىلىمىنى تاكامماللاشتۇرىدىغان، ئىلىم ئېلىش يولىدىكى مەنىسىزلىك تۇيغۇسىغا خاتىمەبېرىدىغان مۇھىم سۆھبەت سورۇنى بولۇپ كەلدى.
ئوقۇرمەنلەر ئىلىم چېيىدا ئالدى بىلەن دوكتور زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئۈستۈن ئوقۇرمەنلىك ھەققىدە بىرسائەت ئېسىل لېكسىيە سۆزلىدى، ئارقىدىن پائالىيىتىمىزنىڭ ساھىبخانى، سورۇن ھازىرلاپ بەرگۈچىسى، شىنجاڭ راۋان ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ قۇرغۇچىسى، قانۇنغا ئالاقىدار كۆپلىگەن يازمىلارنى يېزىش ئارقىلىق ئۇيغۇرئادۋۇكاتچىلىقىدا خېلى زور تەسىر پەيدا قىلغان كۆپ قىرلىق ئادۋۇكات كۆرەش ھاشىم ئەپەندى سۆز قىلدى. ئارقىدىن ئاتاقلىق رىياسەتچى مەۋلۇت ئىبراھىم، دوكتورسۇلايمان قەييۇم، ئالىي دەرىجىلىك تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئابباس نىيازقاتارلىقلار سۆز قىلدى. پائالىيەت ئاخىرىدا مول –مەزمۇنلۇق زېھىن سىناش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، سوئالغا توغرا جاۋاب بەرگەنلەرمۇكاپاتلاندى.پائالىيىتىمىزئاخىرىدا ئۆگەن مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى، شائىر ئەركىن ئىبراھىم پەيدا ئەپەندى بىلەن ئۈرۈمچى ئىزدىنىش كىتابخانىسىنىڭ غوجايىنى نۇرشات ئەپەندى ئوقۇرمەنلەر ئىلىم چېيىمىزغا كەلگەن ئەللىكتىن ئارتۇق مېھمانغا كىتاب ھەدىيە قىلدى.ئۆزباش ئىلىم چېيىغا تېزىملاتقۇچىلار:ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر 13039487548 ، ئابدۇپۇر ئابدۇراھمان 13201343376 لار بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىڭ!)
|