قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1968|ئىنكاس: 38

بىز نىمە ئۈچۈن ئادۋۇكات بولدۇق؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

26

تېما

35

دوست

400 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8883
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 800063
تۆھپە : 802415
توردىكى ۋاقتى: 2768
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-21 17:43:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز نىمە ئۈچۈن ئادۋۇكات بولدۇق؟
كۆرەش ھاشىم
شىنجاڭ راۋان ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ مۇدېرى


    ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ئەڭ داڭلىق ئونۋىرسىتىتىنىڭ مەلۇم بىر  قانۇن پەنلىرى دوكتۇرى،قانۇنشۇناس، داڭلىق بىر ئادۋۇكات 2012- يىللىق ئەدىلىيە ئىمتىھانى تەييارلىق سىنىپ ئوقۇغۇچىللىرىغا ئەدىلىيە ئىمتىھانىنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا سۆزلىگەن نوتقىدا :« ئەگەر سىز ئەدىلىيە ئىمتىھانىدىن ياخشى نەتىجە بىلەن ئۆتسىڭىز دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، كاتتا بىر سوتچى ياكى تەپتىش بولىسىز، مانا بۇ سىزنىڭ ئەڭ چوڭ شان – شەرىپىڭىز، ئەگەر سىز دۆلەت مەمۇرى بولالماي قالسىڭز، ھىچ بولمىدى دېگەندە بىر ئادۋۇكات بولسىز ..» دەپ، ئۆزى بىر قانۇنشۇناس، دوكتۇر ئادۋۇكات تۇرۇپ سوتچى ۋە تەپتىشلەرنى نوپۇزلۇق كەسىپ دەپ قاراپ، ئادۋۇكاتلىق كەسپىنى تەپتىش، سوتچى بولالمىغاندىن كىيىن ئامالسىزلىقتىن بولىدىغان كەسىپ دەپ قارىغان. بۇ نۇتۇقنى باشقىلار ماڭا يەتكۈزگەندىن كىيىن تولىمۇ غەلىتىلىك ھىس قىلغان ئىدىم، چۈنكى بۇ ماڭا ئوخشاش دۆلەت مەمۇرلۇق خىزمىتىنى تاشلاپ، ئادۋۇكات بولغان ئادەم ئۈچۈن قۇبۇل قىلغىلى بولمايدىغان پىكىر ئىدى. مەن شۇ ۋاقىتتا ئۆز – ئۆزۈمگە ئادۋۇكاتلىق كەسپى راستىنلا دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەي، ئىش تاپالمىغاندا ئامالسىزلىقتىن شوغۇللىندىغان كەسىپمىدۇ؟ بىز نىمە ئۈچۈن ئادۋۇكات بولدۇق؟ دەپ ئويلاپ قالغان ئىدىم.

  2011- يىلى 7- مارتتا ئامرىكىنىڭ «يەر شارى ۋاقىت گىزىتى»نىڭ مۇخپىرى  ئامرىكىلىق داڭلىق ئادۋۇكات لىچاس خىدىسنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇنىڭ ئادۋۇكاتلىق كەسپى بىلەن باشقا كەسىپلەرنى سېلىشتۇرۇپ، ئۆز كەسپىدىن پەخىرلەنگەن ھالدا :« ئادۋۇكاتلىق كەسپى پايدا ۋە شەخسى تاپاۋەت نوقتىسىدىن ئېلىپ ئىيتقاندا ھەر قانداق كەسپتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، سوت،تەپتىش ۋە ئەدىلىيە ئورگانلىرىنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنى قوشقاندىمۇ ئادۋۇكاتلىق خىزمىتىنىڭ يېرىمىغا تەڭ كەلمەيدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان بىر ماقالىسىنى كۆرگەن ئىدىم ھەمدە پايتەخىت ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ قۇرغۇچىسى،قانۇن پەنلەر پىراففىسورى، داڭلىق جىنايى ئىشلار ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتى تىيەن ۋىنچىياڭ ئادۋۇكاتللىق ھەققىدە تەبىر بەرگەندە: « ئادۋۇكات ھەققانىيەتكىمۇ ۋەكىللىك قىلمايدۇ، رەزىلىككىمۇ ۋەكىلىك قىلمايدۇ، بەلكى ئەدىلىيە پائالىيتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا قاتنىشش ئارقىلىق ھەققانىيەتنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ ۋە نامايەن قىلىدۇ. ئاددى قىلىپ ئىيتساق، ئادۋۇكات ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەتىنى قانۇن بويىچە قوغداش شەكلى ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ » دېگەن پىكىرىنمۇ قايتا – قايتا ئوقۇغان ئىدىم.
    دېمەك يۇقارقى ئۈچ مۇتەخەسىنىڭ ئادۋۇكاتلىق كەسپىگە بەرگەن تەبىرلىرىدىن قارىغاندا تىيەن ۋىنچىياڭ بىلەن لىچاس خىدىسىنىڭ پىكىرى بىزنىڭ ئۇيغۇر قانۇنشۇناس، ئادۋۇكاتىمىزنىڭ پىكىرىگە قارمۇ – قارشى پىكىر بولۇپ، ئادۋۇكاتلىق كەسپىگە بولغان ئىنىقلىمىنى تىخمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ بەرگەن ئىدى.  مېنىڭ قارىشىمچە ئادۋۇكات بىر دەۋا پائالىيتىگە قاتنىشىدىغان قانۇن خىزمەتچىسى بولۇپلا قالماستىن بەلكى تۈرلۈك سىياسەتلەرگە بولغان سەزگۈرلىكى بىلەن بىر سىياسى ئەرباپ قاتاردىنىمۇ ئورۇن ئالالايدۇ. ئادۋۇكاتلار ئىجتىمائىي بايلىق ۋە سودا پۇرسەتلىرىگە بولغان بايقاشلىرى، تىجارەت جەرياندىكى كېلىپ چىقىشى مۈمكىنچىلىكى بولغان تۈرلۈك خىيىم – خەتەر ۋە زىيانلاردىن قانداق ساقلىنىش ۋە ئالدىنى ئېلىش، پۇرسەتلەرنى قانداق تۇتۇش ۋە پايدىلىنىشنى ئەسكەرتىپ، قانۇن يولغا قويغان دائىرە ئىچىدە جىسمانى ھوقۇقىڭىز ۋە مال- مۈلۈك ھوقۇقىڭىزنى قانداق قوغدىشىڭىزغا قارتا  ياردم بېرىش بىلەن بىرگە سىزگە غايەت زور ئىقتىسادى پايدا ئېلىپ كېلەلەيدۇ، ئادۋۇكات ئۇ مۇۋەپەقىيەت قازانغان بىر تىجارەتچىمۇ بولالايدۇ. ھالبۇكى  ئۇنىڭ ئىقتىسادى گەۋدىلەرگە يەتكۈزگەن ۋاستىلىق ۋە بىۋاستە پايدىسى بەزى ۋاقىتلاردا شىركەت ياراتقان قىممەتتىنمۇ ئېشىپ كىتەلەيدۇ. قانۇن مۇلازىمەت دائىرسىدىن ئېلىپ ئىيتقاندا ھەقدارلىق، قەرىزدارلىق، ئائىلە -نىكاھ، ئۆي چىقىپ – كۆچۈرۈش، ئۆي ئېلىم – سېتىم، ئەمگەك كېسىم تالاش تارتىشى، مەبلەغ سېلىش، ئىستىمال، مىراس، قاتناش ھادىسىسى تۆلىمى،جىسمانى زىيان تۆلىمى، دەۋالاش ھادىسىسى تۆلىمى قاتارلىقلاردا كەڭ ئاممىنى قانۇن مۇلازىمىتى بىلەنمۇ تەمىنلەپ بىرەلەيدۇ. ئەمگەك مۇناسىۋىتى، سودا پائالىيتى جەريانىدىكى توختا?1?9 ئەندىزىللىرى، قانۇن ھۆججەتلىرىنى تۈزۈپ، ھوقۇق – مەنپەت مۇناسىۋىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرەلەيدۇ. ھەر دەرىجىلىك ئىقتىسادى گەۋدىلەردىكى ئىناۋەت تەكشۈرۈش، سودا – سانائەت، باج ئارخىپلىرىنى ۋە تامۇژنا ۋاكالەتچىلىكى قاتارلىق تىزىملىتىشقا ئائىت كەسىپلەرنى بېجىرىپ بىرەلەيدۇ. پۇقىرالارنىڭ مال – مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ ئەڭ ئۆلچەملىك بىخەتەرلىكىنى كەپالەندۈرلۈپ بېرەلەيدۇ. تۈرلۈك زىددىيە ۋە مەنپەت توقۇنىشىنى پەسەيتىشتە ئەڭ ئۆنۈملۈك تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقىپ، جەمىيەت مۇقىملىقىغا ھەسسە قوشالايدۇ. كەسپى بىلىمىگە تايىنىپ، قانۇن توقۇنىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان خاتالىقلارنى ھەل قىلىشنىڭ ئۆنۈملۈك يولىنى تېپىپ بىرەلەيدۇ. ئادۋۇكاتلارنىڭ ئۆزىنى يىڭىلايدىغان قۇرالى تەپەككۇر ۋە لوگىكا، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ھەر خىل زىددىيەتلەرنىڭ ماھىيتىنى، ھەل قىلىش يوللىرىنى تېپىپ چىقىش. گەرچە ئادۋۇكاتلىق خىزمىتى مۈشكۈل ۋە جاپالىق بولسىمۇ ئىزچىل چىنىققان تەپەككۇرنىڭ باشقۇرشى بىلەن ئەقلى يەكۈن چىقىرىش باسقۇچىدىن ئۆتۈپ، ئۆزىنى يىڭىلاپ تۇرىدۇ.
   دۆلىتىمىزدە ج خ، تەپتىش، سوت  ئورۇنلىرى نوپۇزلۇق دۆلەت ئورگانلىرى بولسىمۇ بۇ ئۈچ ئورۇننىڭ ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغان خىزمەت فونكىسىيسى بىر – بىرىدىن پەرىقلىنىدۇ. ئادۋكاتلىق خىزمىتى بۇ ئۈچ ئورۇننىڭ خىزمىتىگە ئورتاق ئارلىشش رولىنى ئۆتەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا دۆلىتىمىزنىڭ مەمۇرى ئورگانلىرىنىڭ مەمۇرى ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش جەرياندىىكى پائالىيتىگە قاتنىشىپ، مەمۇرى ھوقۇقىنىڭ ئەدىلىيلىك چىكىنى مەلۇم جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. كەسپى ئورۇنلارنىڭ كەسپى پائالىيتى جەريانىدىكى ئەمگەك مۇناسىۋەتلىرىنى قىلىپلاندۇرۇش ۋە ئەقلى مۈلۈك مۇناسىۋەتلىرىنى كەسپ جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.
   ئادۋۇكاتلا قانۇن ئومۇمى گەۋدىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئادۋۇكاتلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى ج خ، تەپتىش،سوتچى خادىملىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۇنىڭ ھوقۇق چىكىگە قاراپ، ئىجتىمائىي ئورنىغا باھا بېرىش ئادىللىق ئەمەس. ج خ، تەپتىش، سوت ئورگانلىرى دۆلەت ئەدىلىيە ھوقۇقىنىڭ گەۋدىلىنىشى، ئادۋۇكاتلىق قانۇن مۇلازىمەت خىزمىتىنىڭ بىر تۈرى. بۇ خىزمەتلەرنىڭ ئۈستىگە ئالغان فونكىسيىسىدىن قارىغاندا ئادۋۇكاتلىق خىزمىتىنىڭ چىتىشلىق دائىرسى ئىجتىمائىيەتنىڭ ھەر – قايسى ھالقىللىرىغا چېتىلىدۇ. ج خ، تەپتىش، سوت ئورگانلىرىنىڭ خىزمىتى بولسا ئەدىلىيە خىزمىتىنىڭ تەقسملىنىشىدىن ئىبارەت، ئۇ ئىجتىمائىيەتنىڭ ھەر قايسىلىرى ھالقىللىرىغا چېتىلمايدۇ.
    شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كىرەككى، جەمىيەتتە يەنەبىر قىسىم كېشىلەر ئادۋۇكاتلارنى «ئىلمىي قويمىچىلار»، «ئەسكى ئادەملەر ئۈچۈن گەپ قىلغۇچىلار »، «ئىجتىمائىي تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرغۇچىلار»،« پۇل ئۈچۈن ئاق – قارىنى ئاستۈن ئۈستۈن قىلغۇچىلار»،«جەمىيەت تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي ئادىللىقنىڭ قارشىسىدىكى كىشىلەر»... دېگەندەك يامان ئىبارىلەر بىلەن سۈپەتلەپ، ئادۋۇكاتلار ئوبىرازىنى خۈنۈكلەشتۈرىۋاتقان ئەھۋاللار يوق ئەمەس.ئەمما بۇ ئادۋۇكاتلىق كەسپىنىڭ ئالاھىدىلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىللار بولۇپ، جەمىيەت تەرەققىياتى زىددىيەتلەر ئىىچىدە تەرەققى قىلىدۇ. شۇڭا يۇقىرىدا ئىيتىپ ئۆتكەن قانۇن پەنلىرى پىراففىسورىمىز يۇقارقىدەك خاتا ئىددىيەلەرنى قۇبۇل قىلغان، ئۆز كەسپىنىڭ ئىجتىمائىي قىممىتى ۋە فونكىسىيسىنى توغرا پەرىقلەندۈرۈەلمىگەن ئادۋۇكات بولۇشى مۈمكىن. يۇقاردا مەن ئوتتۇرىغا قويغان يۇقارقى ئىغىر ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇنى بايقىغان ئادۋۇكاتلار بىزنىڭ قوشۇنىمىزدا ئاز ئەمەس، شۇڭا بۇ كەسىپنى قانۇن مەدەنىيتى نوقتىسىدا تۇرۇپ كۈزۈتۈپ، ئورتاق كەلگۈسىمىزنى، بىر – بىرىمىزگە تايىنىپ، قۇرۇلمىمىزنى تەڭشەپ، قالاقلىق بىلەن تەرەققىيات ئوتتۇرسىدىكى پەرىقنى تېپىپ چىقىپ، جەمىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ئادۋۇكاتلىق مۇھىتى ھازىرلاۋاتقان ، مەسئۇلىيەت بىلەن مەجبۇرىيتىىنى توغرا تونىغان ئەھۋالدا، ئۆزىمىزنىڭ ئىجتىمائىي قىممىتىمىزنى تىخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىز ئادۋۇكات بولغان.

ئاپتورنىڭ رۇخسىتى بىلەن باغداش تورىغا يوللاندى!

باغداش تورىغىلا خاس رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ!

uyghuray

0

تېما

0

دوست

13

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   4.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36033
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-21 18:25:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تىما ئىكەن رەھمەت سىزگە
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

1

تېما

0

دوست

1731

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   73.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36006
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 534
توردىكى ۋاقتى: 90
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-21 18:38:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر قانۇنشۇناسلاردىن كۆزگە كۆرۈنگەنلەردىن كىملەر بار؟
بولسا تەپتىش ،سوت،ئەدلىيە قاتارلىقلارنىڭ ۋەزىپىىسى ،پەرقى ۋە باغلىنىشىنى دەپ بەرسەڭلار؟
6#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
7#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
8#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )