قانۇندىن مەسلىھەت سورايمەن
ئىلاۋە
ئەسسالام مۆھتىرەم تورداشلار،كەمىنە باغداش تورىغا ئىشتىياق باغلاپ كىلىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر قىرىندىشىم ئۆزىنىڭ دەردى بارلىقنى ئيتىپ مەن بىلەن پىكىرلەشتى،بىر ئاددىي دېھقاننىڭ تارتقان ئۇۋالچىلقى مېنى ئويلاندۇردى.
بۇ كىشى قەشقەر ئوپالدىن بولۇپ،يالغۇز ئوغلىنىڭ خىزمىتنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر ئالدامچىنىڭ شىرىن-شىكەر سۆزلىرىگە ئىشىنىپ ،ئىلىگىرى-كېيىن بولۇپ 30مىڭ يۈەنگە يىقىن پۇلىنى ئۇ قويمىچىغا بەرگەن،ئەمما خىزمەت مەسلىسى ھەل بولمىغان. (بىر دېھقان ئۈچۈن 20-30مىڭ ئاز پۇل-ئەمەستە.)ئاخىرى ئۈچ يىل بولغاندا ئۇ قويمىچى (ئاللا ئۇنىڭغا لەنەت قىلسۇن) پەقەت 5مىڭ يۈەننىلا قايتۇرۇپ،قالغىنىنى بىردىغان ۋاقىتنى بەلگىلەپ قەرز ھۆججىتى يىزىپ بەرگەن.ئەمما 40كۈندىن بۇيان ئۇ ئالدامچىنىڭ ئىز-دىرىكى بولمىغان،تېلىفۇنى ئېتىك،ئۆيىدە ئادەم يوق.(ئۇ ئۈرۈمچىدە پاناھلىنىۋاتقان بولۇپ،ئۇ ئالدامچىنىڭ قەشقەر يېڭشەھەر ناھيىلىك سوت مەھكىمسىدە ئىشلەيدىغان قىزىمۇ باركەن.دېمەك ئۇ ئالدامچىنىڭ قانۇندىن خەۋرى بارلىقى ئېنىق) شۇڭا بۇ قىرىندىشىمز ئامالسىز سوت مەھكىمسىگە ئەرىز يازماقچى بولغان بولۇپ،مەن ئۇنى يېزىپ بەردىم.ئەمما قانۇن-ساۋاتىم يېتەرلىك بولمىغاچقا توردىكى قىرىنداشلارنىڭ بۇ ئەزىرنامنى كۆرۈپ پىكىر بىرىشىنى ھەم يول كۆرسىتىشىنى سورايمەن.بەلكم تورداشلار ياردىمىنى ئايىماس دەپ ھەم ئويلايمەن.
ئەلۋەتتە،بۇ قىرىندىشىم مۇشۇ 2كۈن ئىچىدە بىر ئادۋۇكات بىلەن كۆرۈشمەكچى ھەم سوتقا ئەرز سۇنماقچى.
دەۋاگەر :ت ، ئەر ،ئۇيغۇر ، 57 ياش ، دىھقان ، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيە ئوپال بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق .
جاۋابكار : ئىلى ۋەلى ، ئەر ،ئۇيغۇر ، 69 ياش ، ، قەشقەر شۆبە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ پىنسىيونېرى ، قەشقەرۋىلايەتلىك شۆبە تەپتىش مەھكىمىسى ئائىلە قورۇسى 3- بىنا .......................................... ئولتۇرۇشلۇق . كىملىك نومۇرى : .........................6531011946 تېلفۇن نومۇرى: ........................- 0998، ................138..................،132 1. جاۋابكاردىن مەندىن قەرز ئېلىپ قايتۇرمىغان 24600 (يىگىرمە تۆت مىڭ ئالتە يۈز) يۈەننى قايتۇرۇپ ئېلىپ بېرىشىڭىزلارنى سورايمەن . 2. بۇ دېلونىڭ دەۋا ھەققى ۋە باشقا چىقىملىرىنى جاۋابكارنىڭ ئۈستىگە ئالدۇرۇپ بېرىلسە . جاۋابكارمەندىن 2013- يىلى2- ئاينىڭ 17- كۈنىدىن 2014- يىلى 10- ئايغىچە بولغان ئارىلىقتابىر قانچە قېتىمدا جەمئىي 29600يۈەن (يىگىرمە توققۇز مىڭ ئالتە يۈز يۈەن) قەرزئالغان ھەمدە قەرزنى قايتۇرۇش ۋاقتىنى ئېنىق بېكىتىپ ھۆججەت يېزىپ بەرگەن ، يەنى :2015- يىلى 2- ئاينىڭ 19- كۈنى (چاغاندىن) دىن بۇرۇن قايتۇرىدىغان بولۇپ قەرزھۆججىتى يېزىپ بەرگەن ئىدى.بۇ قەرىز پۇلدىن جاۋابكارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭمۇخەۋرى بار. 2015-يىلى3-ئاينىڭ24-كۈنى جاۋاپكارپەقەت 5000(بەش مىڭ)يۈەننىلاقايتۇردى.قالغان قەرىز پۇلىنى تا ھازىرغىچە قايتۇرمىدى.مەن ئالغان قەرىزنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ،قايتا-قايتا سۈيلىگەن بولساممۇ لېكىن ۋاقىتنى كەينىگەسوزدى. قەرىزنى سۈيلەپ ئۆيگە بارسام ئۆيىدە يوق، تېلفۇن قىلسام تېلفۇننى ئالمىدى، تېلىفۇننى ئېتىۋالدى ھەتتا تېلىفۇننى قەستەن توختىتىپ قويدى. ھازىر ئۆزى تۇرۋاتقان ئۆيگىمۇقايتىپ كەلمىدى. مەن كۆپ قېتىم پۇلنى سۈيلىگەن بولساممۇ جاۋاپكار يوقىلاڭ باھانەسەۋەپلەرنى كۆرستىپ قەرىز پۇلنى بەرگىلى ئۇنىمىدى. يىغىنچاقىلىغاندا:جاۋابكار ئۆزى بىر قانۇن ئورنىدا ئىشلەيدىغان، قانۇننى تولۇق چۈشىنىدىغان ئادەم تۇرۇپ ، مەندەك بىر ئاددىي دىھقاندىن قەرز ئېلىپ ۋەدىسىدە تۇرماي ، قەرز قايتۇرۇش مۆھلىتىدە قەرزنىمۇ قايتۇرماي ، مىنىڭ ھوقوق – مەنپەئەتىمگە ئېغىر دەخلى – تەرۇز يەتكۈزدى. سوت مەھكىمىسىنىڭ مېنىڭ قانۇنى ھوقوق-مەنپەئەتىمنى قوغداپ، جاۋابكاردىن مەندىن قەرزئالغان 24600 (يىگىرمە تۆت مىڭ ئالتە) يۈەننى قايتۇرۇپ ئېلىپ بېرىشىڭىزلارنى سورايمەن.
ھۆرمەت بىلەن : قەشقەر شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تورداشلارنى چۈشنىدۇ دەپ ئويلاپ دەۋاگەرنىڭ ئىسمى قاتارلىق شەخسى ئۇچۇرلىرىنى ئۆچىرۋەتتىم. ئەمما ئالدامچى ئىلى ۋەلى ۋە ئۇنىڭ تونۇش -بىلىشلىرى بۇ ئەرزنامىنى كۆرۈپ ئۇ قىرىندىشمىز بىلەن تىزرەك ئالاقە قىلىپ، سوت مەھكىمسىنىڭ ئۇقتۇرۇش قەغىزىدىن بۇرۇن ھۇشىنى تېپىۋىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۇچۇرلىرىنى قەستەن ئازراق قىسقارتىپ يوللىدىم.(70كە يىقىنلاشقان بىر بوۋايسىمان كىشىنىڭ ئۆيىدە نەۋرىسىنى بېقىپ ئولتۇرماي ئۆزىنىڭ مىللىتىنى ئالدىشى توغرىمىدۇ؟)
قىنى ئەمسە، بۇ ھەقتىكى قىممەتلىك پىكىرلەرنى ئايىمىغايسىلەر ....
|