بۇ يازمىنى ئاخىرىدا intilguchi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-5-25 21:24
تارتىش كۈچى دولقۇنى ۋە ئېلىكتىر-ماگنىت دولقۇنى
ئىنتىلگۈچى
تارتىش كۈچى دولقۇننى بىلىش ئۈچۈن تارتىش كۈچى(Gravitation) ۋە بوشلۇق-ۋاقىت ئىگىلىشىنى(Spacetime Curvature) چۈشىنىشكە توغرا كىلىدۇ. ئەڭ بۇرۇن نىيوتۇن تارتىش كۈچىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بايقىغان ھەم ئالەملىك تارتىش كۈچى قانۇنى ئوتتۇرغا قويغان، ھىسابلاش فورمىلاسى تۆۋەندىكىچە:
F=GMm/R^2 بۇ فورمىلادىكى G تارتىش كۈچى تۇراقلىق قىممەت(قالغىنى ئىككى جىسىمنىڭ ئارلىقى ۋە ماسسىللىرى.).
ئېينىشتىيىن ماددا بوشلۇق-ۋاقىت ئىگىلىشىنىڭ دەرجىسىنى بەلگىلەيدۇ(رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك)، بوشلۇق-ۋاقىت ئىگىلىشىنىڭ دەرجىسى بولسا ماددا ھەركىتىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ دەپ ئوتتۇرغا قويدى. ئۇنىڭ نىسىپىيلىك نەزىرىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى دەل تارتىش كۈچى دولقۇنى بولۇپ، ماددا ھەركىتى سەۋەبلىك تارتىش كۈچى دولقۇنى پەيدا بولىدۇ دەپ بىرقاتار ھىسابلاش فورمىلالارنى ئوتتۇرغا قويغان.
بوشلۇق-ۋاقىت شەكىل ئۆزگىرىشى يەنى ماددا ھەركىتى تارتىش كۈچى دولقۇننى پەيدا قىلىدۇ(ئۈستىدىكى قارا ئارقا كۆرۈنۈشلىك رەسىمدىكىدەك). تارتىش كۈچى دولقۇن ئۇزۇنلۇق ئۆزگۈرۈشى(Length variation) بولسا:Δℓ/ℓ = h دولقۇن ئامپىلتودىسى(Amplitude) بولسا: ، دولقۇن ئېنىرگىيسى(Power emitted) بولسا:.
ئېلىكتىر-ماگنىت دولقۇنى بولسا زەرىچىلەرنىڭ رادىياتسىيەسىدىن شەكىللىنىدۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى مۇشۇ دولقۇننى ۋاستە قىلدۇ. دولقۇن ئۇزۇنلىقىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن بىرقانچە بۆلەككە بۇلىنىدۇ(رادىيولىق، مىللىي مېتىر راديولىق، ئىنفېرا قىزىل نۇرلىق، ئوپتىكلىق، ئولتىرا بىنەپشە نۇرلىق، Xنۇرلىق ۋە گەمما نۇرلىق)، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىگە ئوخشاش:
تارتىش كۈچى دولقۇن ئۇزۇنلۇقى دولقۇن چىقارغۇچى مەنبەدىن چوڭ، ئەمما ئېلىكتىر-ماگنىت دولقۇنى ئۆزىنى چىقارغۇچى مەنبەدىن كىچىك. تارتىش كۈچى دولقۇننىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى بەك ئۇزۇن بولغاچقا ئۇنى سىزىش تەس، بۇنىڭدىن سىرىت تارتىش كۈچى دولقۇن مەنبەسى كۆپ بولغاچقا بىر تارتىش كۈچى دولقۇننىڭ قايسى مەنبەدىن كەلگىنىنى ئايرىشمۇ تەس. تا ھازىرغىچە تارتىش كۈچى دولقۇنى بايقىلىپ باقمىدى، شۇڭا بەزىلەر بۇ دولقۇننى يوق دەپ قارايدۇ، لىكىن كۆپ قىسىم كىشىلەر بۇنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئىشىنىدۇ. تارتىش كۈچى دولقۇنى بىلەن ئېلىكتىر-ماگنىت دولقۇنى ئىنتايىن مۇھىم بولغان دولقۇنلار بولۇپ بىزنىڭ ئالەمنى ۋە ئۆزىمىزنى ياخشى چۈشىنىشىمىزگە رولى زور. ئالەم جىسىملىرى تارتىش كۈچى دولقۇنى بىلەن ئېلىكتىر-ماگنىت دولقۇنى تارقىتىدىغان بولۇپ، بىز بۇسىگناللارنى ھەرخىل تېلىسكوپلار بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئالەم ۋە ئالەم جىسمىلىرىنىڭ فىزىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى بىلىمىز. مەسىلەن، بىز تارتىش كۈچى دولقۇننى بايقاپ قالساق ئېينىشتىيىننىڭ نىسىپىيلىك نەزىرىيەسىنى ۋە قارا ئۆڭكۈرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلىيالايمىز، بۇ بىر دەۋىر ھالقىغان بايقاش بولىدۇ، شۇڭا نۇرغۇن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر نۇرغۇن مەبلەغ سىلىپ مەخسۇس تارتىش كۈچى دولقۇننى بايقايدىغان تېلىسكوپلارنى قۇرىۋاتىدۇ. ياپۇنىيە، ئامىرىكا ۋە ياۋروپادا ئىشقا كىرىشكەن ياكى قۇرىلىۋاتقان بىر قىسىم يېڭى تارتىش كۈچى دولقۇنى تېلىسكوپلار بار. ئۇلارنىڭ نامى: LIGO GEO VIRGO eLISA KARGO
نەنجىڭ.
2015.5.25
|