قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 3270|ئىنكاس: 15
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بىلىمخۇمار: يىراق قىرلاردا مېھنەتلىك ئۆتكەن ھايات

 تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

220

تېما

6

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 953
نادىر تېمىسى: 21
مۇنبەر پۇلى: 1313
تۆھپە : 6229
توردىكى ۋاقتى: 2107
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-29 10:05:00 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-29 11:07  

يىراق قىرلاردا مېھنەتلىك ئۆتكەن ھايات
- سەنئەتكار، يازغۇچى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ھەققىدە -
(نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار 14)


بىلىمخۇمار
2015-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى

ئۇچۇر دەۋرىدىكى مەدەنىيەت ۋە سەنئەتنىڭ دۇنيا ئەللىرى ئارا تارقىلىشى بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ بىر  گەۋدىلىشىشىگە ماس ھالدا ئۆز رولىنى ئاكتىپ ھالدا نامايان قىلىۋاتماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياغا تونۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت ‏- سەنئىتىمۇ دۇنيا سەھنىسىدە قىزىقىشقا، تونۇلۇشقا، ۋە كۈندىن-كۈنگە ئالقىشلىنىشقا سازاۋەر بولۇپ كەلمەكتە.

ھەرقانداق بىر نەتىجە مېھنەتسىز ۋۇجۇدقا كەلمەيدۇ. ئۇيغۇر ناخشا‏ - مۇزىكا سەنئىتىنىڭ ياۋروپادا، جۈملىدىن ئانا ۋەتىنىدىن 10 مىڭ كىلومېتىرلارچە ئۇزاقتىكى ئەل -- بۈيۈك برىتانىيەدە تونۇلۇشىغا ئون نەچچە يىللاردىن بۇيان ئۆز ئەجرىنى ئۈن - تىنسىز سىڭدۈرۈپ كېلىۋاتقان بىر ئىنىمىز بار. ئۇ ئىنىمىز بۇ ساھەلەردە خەلقىمىزگە شان -شەرەپ قۇچتى. چەت ئەلدىكى باشقا مىللەت خەلقلىرى ئارىسىدا گۈزەل مەدەنىيەت - سەنئىتىمىزدىن ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇلىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. دۇنيادىكى باشقا ئەللەر بىلەن ئۆز - ئارا مەدەنىيەت دىئالوگى قۇرۇپ، ئۆز-ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر مەدەنىيەت - سەنئىتىنى دىيارىمىز بىلەن بىرگە تونۇشتۇرۇپ، نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئېلىپ باردى. بۇ دىيارىمىزدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، كۆپكە قادىر، ئىقتىدارلىق ئۇيغۇر ئىنىمىزنىڭ ئىسمى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈندۇر.

y01_eziz.jpg
1-رەسىم: ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

مەن ئىنىمىز ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن بىلەن 10 يىلدەك ۋاقىتتىن بۇرۇن تونۇشقان بولۇپ، شۇنىڭدىن بېرى ئۆز-ئارا ئالاقىلىشىپ ئۆتۈۋاتىمىز. ھەمدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزدا پۇرسەت يارىتىلغاندا ئۆز-ئارا ياردەملىشىپ كېلىۋاتىمىز. مەن 2008-يىلى ئايالىم بىلەن ياۋروپاغا ساياھەتكە بارغان بولۇپ، شۇ قېتىم لوندوندا بىز ئەزىز ئەيسا ۋە دىلشات ھېۋزۇللا ئۇكىلىرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىر-ئىككى كۈن بىرگە بولدۇق.

y02_eziz1.jpg
2-رەسىم: سولدىن ئوڭغا: ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن، بىلىمخۇمار، ۋە كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال مۇتەخەسسىسى دوكتور دىلشات ھېۋزۇللا. بۇ رەسىم 2008-يىلى 8-ئايدا لوندوندا تارتىلغان. ئىنىمىز دىلشات كومپيۇتېر ئۇيغۇر تىلى سىستېمىسىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە ھەل قىلغۇچ تۆھپە قوشقان كىشى بولۇپ، ئۇ ھازىرمۇ ئائىلىسى بىلەن لوندوندا ياشايدۇ. كېيىنچە مەن بۇ ئىنىمىزنىمۇ تەپسىلىي تونۇشتۇرىمەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىسرانىم، باغداش، ئىزدىنىش ۋە بوزقىر قاتارلىق تور سەھىپىلىرىدە ئېلان قىلىپ كېلىنىۋاتقان تۈرلۈك مەزمۇندىكى ئىجادىي ئەسەرلىرى بىلەن، بولۇپمۇ «دوناي دەرياسىدىن ئورخۇن بويلىرىغىچە» ناملىق كىتابى، ۋە «قىتئەلەر ئارا قاناتلانغان كۈي -- سەنۇبەر تۇرسۇن» ناملىق ئەدەبىي خاتىرىسى بىلەن خەلقىمىزگە تونۇلغان، 2004 - يىلى لوندوندا «لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى» نى قۇرۇپ چىققان، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر ناخشا - مۇزىكا ۋە سەنئەت مەدەنىيىتىنى بۈيۈك برىتانىيەنى مەركەز قىلغان ھالدا ياۋروپا دۆلەتلىرىدە پائال تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان سەنئەتكار، يازغۇچى، تەرجىمان، ۋە مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىنىمىز ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن 1970 - يىلى 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تارىم دەرياسىنىڭ شىمالىي بويلىرىدىكى بوستانلىق يۇرت شايار ناھىيىسىنىڭ تويبولدى بازىرى يېزا يېڭىچىمەن كەنتىدە بىر يېزا دوختۇر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك يىللىرىنى يېزىدا ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى شايار ناھىيىلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇپ، 1991 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چەت ئەل تىلى فاكۇلتېتى رۇس كەسپىنى پۈتتۈرىدۇ.

ئىنىمىز ئەزىز 1991 - يىلى ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1999-يىلىغا قەدەر ئاقسۇ شەھىرىدە مەمۇرىي ۋە تىجارى ئورۇنلاردا تەرجىمان بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. 1999 - يىلىدىن 2001 - يىلغىچە قىرغىزىستان، تۈركىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق ئەللەردە ياشايدۇ. 2001 - يىلى 8 - ئايدا بۈيۈك برىتانىيەنىڭ لوندون شەھىرىگە كېلىپ يەرلەشكەندىن كېيىن، ھازىرغا قەدەر ئائىلىسى بىلەن بىللە لوندوندا ئوقۇش، خىزمەت، ئىجادىيەت ۋە ئىلمىي تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. ئۇ 2011- يىلىدىن باشلاپ باش شتابى لوندونغا جايلاشقان خەلقئارا يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن 1986 - يىلى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا تۇنجى ئەسىرىنى ئاقسۇ گېزىتىدە ئېلان قىلىش بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كېلىدۇ. ئۇ خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن ئاقسۇدا ئۆتكەن يىللىرىدا رۇس تىلى ئوقۇتقۇچىسى ۋە تەرجىمان بولۇپ ئىشلەش بىلەن بىرگە، يەنە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئاقسۇ گېزىتى قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا شېئىر ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىدۇ. ئۇ 1999 - يىلى ۋەتەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىيات ۋە ئاخبارات ساھەلىرىدە ئاكتىپلىق بىلەن خىزمەت قىلىپ، نۇرغۇن شېئىرىي، ئەدەبىي ، ئىلمىي ۋە ئاخبارات ئەسەرلەرنى يازىدۇ. ئۇيغۇر ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىرادىسى يۈرىكىگە مەھكەم پۈكۈلگەن ۋە بۇ يولدا بىر كۈنمۇ ئىزدىنىشنى، ئەجىر سىڭدۈرۈشنى توختاتماي كېلىۋاتقان ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 300 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، ئوبزور، ئەدەبىي خاتىرىلەر ۋە ئىلمىي ماقالىلەرنى يېزىپ، خەلقىمىزنىڭ ئوقۇشىغا تەقدىم قىلىدۇ.

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن 2007-يىلى 9-ئايدىن 2008-يىلى 2-ئايغىچە بۈيۈك برىتانىيە (ئەنگلىيە) دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بۈيۈك برىتانىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى -- BBC نىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆزبېك بۆلۈمىدە ئىختىيارى مۇخبىر ۋە تور يازغۇچىسى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. بۇ جەرياندا خەلقىمىزنىڭ تارىخ، مەدەنىيەت ۋە سەنئىتىگە ئائىت 10 نەچچە پارچە ئەسەر ۋە خەۋەر يېزىپ، مەزكۇر ئاگېنتلىقنىڭ تور بېتىدە ئۇيغۇر يېزىقىدا ئېلان قىلدۇرىدۇ.

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن 2004-يىلى لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنى قۇرۇپ چىققاندىن بۇيان، بۈيۈك برىتانىيە ۋە ياۋروپانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇر سەنئىتىنى تونۇشتۇرۇش مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر ئۇچۇر ئالاقە تورىنى مەركەزلىك تېما قىلغان ھالدا ئىلمىي تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ يەنە تەرجىمە خىزمەتلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ ھازىرغا قەدەر برىتانىيىلىك ئۇيغۇر مۇزىكىشۇناس، دوكتور رەيچېل ھاررىس بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ بىر قىسىم مۇقام تېكىستلىرىنى، ھەمدە 50 پارچىغا يېقىن ئۇيغۇر خەلق ناخشا تېكىستلىرىنى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلدى. ئۇ يېقىندا «تاتارىيەدىن خەۋەر -- پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر» ناملىق تارىخىي كىتابنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت قىسىملىرىنى تەرجىمە قىلىپ، تور ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ئوقۇشىغا سۇندى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننىڭ ئىنگلىز تىلىدا يازغان بىر قىسىم ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرى ئەنگلىيەنىڭ نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ۋەكىل خاراكتېرلىك ئىلمىي ئەسىرى 2011-يىلى دوكتور رەيچېل ھاررىس خانىم بىلەن بىرلىكتە ئەنگلىيەنىڭ كەمبرىچ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىچكى ئاسىيا ئىلىم ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىپ، دۇنيا ئىلىم ساھەسىنىڭ ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا بولغان ئالاھىدە قىزىقىشىنى قوزغىغان «نەزىرگە تەكلىپ: ئۇيغۇر توربەتچىلىكىگە ئومۇمى نەزەر» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئىلمىي ماقالىسىدۇر.

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن يەنە دوكتور رەيچېل ھاررىس خانىم بىلەن بىرلىكتە ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئۇيغۇر ناخشا مۇزىكا سەنئەت ئۆمەكلىرىنى ئەنگلىيەگە تەكلىپ قىلىش، ئەنگلىيەگە كەلگەن ئۇيغۇر سەنئەت ئۆمەكلىرىنى كۈتۈۋېلىش، ئۇلارغا تەرجىمان ۋە ياردەمدە بولۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنىمۇ قىلىدۇ. شۇ ئارقىلىق بۈيۈك برىتانىيە بىلەن ئۇيغۇر دىيارى ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت-سەنئەت ئالاقىلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەسىلەن، 2003-يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلىدىن تەشكىللەنگەن بىر ئۆمەك ئەنگلىيەگە ئويۇن قويۇشقا كېلىدۇ. ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن بۇ ئۆمەكتىكىلەر بىلەن 15 كۈن بىللە بولۇپ، ئۇلارغا تەرجىمانلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ پائالىيىتىگە ياردەم قىلىدۇ. 2014-يىلى 5-ئايدا ئاتاقلىق سەنئەتكارىمىز سەنۇبەر تۇرسۇن باشچىلىقىدىكى بىر ئۆمەكنىڭ لوندون، پارىس ۋە ۋېناس قاتارلىق شەھەرلەردە ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا سەنئىتىدىن ئۆرنەكلەر كۆرسىتىش ۋە سەنئەت بويىچە ئىلىم ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە ئالاھىدە كۈچ چىقىرىدۇ.

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى ئىنگلىز مائارىپىدا بىلىم ئېلىش ئارزۇسى لوندونغا كەلگەندىن كېيىن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۇ 2001-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە لوندوندىكى مورلېي (Morley College) ئىنگلىز تىلى تەربىيىلەش مەكتىپىدە تولۇق كۈنلۈك سىنىپتا ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىدۇ. 2005-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە لوندون لامبېت ئىنستىتۇتىدا (Lambeth College) ئىنگلىز تىلى ۋە قوش تىل مائارىپى ۋە كومپيۇتېر كەسپىدە، 2009-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى بېرىكبەك ئىنستىتۇتىدا (Birkbekk College) كومپيۇتېر ئۇچۇر ئىلمى، تور لايىھىلەش ۋە مېدىيە تېخنىكا كەسىپلىرى بويىچە ئوقۇشىنى تاماملايدۇ. ئۇ ھازىر لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئافرىقا ۋە شەرق شۇناسلىق ئىنستىتۇتى تارمىقىدىكى «جۇڭگودىكى ئىسلامى ئاۋاز» ناملىق تەتقىقات تۈرىدە خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ قوشۇمچە برىتانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى كۆچمەنلەر ئىدارىسىدە تەرجىمان بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ.

ئانا ۋەتەندىن يىراقتىكى ھاياتنىڭ قىسمەتلىرى، بىزگە ئېيتىلمىغان ھېكايەتلىرى تېخىمۇ كۆپ. نىكاھنىڭ غايىب بولغىنىدەك تەقدىرنىڭ قىسمەتلىرى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئەت تەتقىقاتىغا ئۆزىنىڭ بارلىقىنى بېغىشلىغان برىتانىيەلىك ئۇيغۇر مىللىي مۇزىكىشۇناس دوكتور رەيچېل ھاررىس خانىم 2001-يىلى سېنتەبىردە لوندون پارلامېنت بىناسىنىڭ يېنىدىكى ۋېستمىنستېر (Westminster) دا ئېچىلغان بىر قېتىملىق يىغىندا تونۇشىدۇ. 2004-يىلى بۇ بىر جۈپلەر لوندوندىكى گۈزەل بىر باغچىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئائىلە قۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ھازىر لەيلىگۈل ۋە سەنەمجان ئىسىملىك قىزلىرى بىلەن بىللە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە سەنئەت تەتقىقاتىغا بېغىشلىغان ھاياتىنى لوندوندا داۋام ئەتكۈزۋاتىدۇ.

y03_eziz2.jpg
3-رەسىم: ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئەت تەتقىقاتىغا ئۆزىنىڭ بارلىقىنى بېغىشلىغان برىتانىيەلىك ئۇيغۇر مىللىي مۇزىكىشۇناس، دوكتور رەيچېل ھاررىس خانىم 2004-يىلى لوندوندىكى بىر گۈزەل باغچىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن ۋاقىتتىكى بىر كۆرۈنۈش.

y04_eziz.jpg
4-رەسىم: ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى خانىمى رەيچېل ھاررىس بىلەن بىللە. رەسىم 2004-يىلى ئىيۇل پارىژدا تارتىلغان.

y05_eziz2.jpg
5-رەسىم: ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ۋە ئائىلىسىدىكىلەر. بۇ رەسىم 2013-يىلى 1-يانۋار كۈنى لوندوندا تارتىلغان.

y06_A_R_wed_10year2014.jpg
6-رەسىم: ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن بىلەن رەيچېل ھاررىس خانىم 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 22- كۈنى لوندون Kenwood باغچىسىدا.


1.لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى

بىز ئىنسانلار دۇنياسىدا مۇزىكا ھەممە مىللەتلەر تەرىپىدىن تەرجىمانسىز چۈشىنىلىدىغان بىر ئومۇملۇققا ئىگە تىلدۇر. جۈملىدىن ئاسىيانىڭ مەركىزىدە ياشاپ كەلگەن سۆيۈملۈك خەلقىمىز ئۆز ئەقىل-ئىدراك ۋە ھايات-پائالىيەتلىرى ئاساسىدا ياراتقان ئۇيغۇر ئېتنىك مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبلىرىدىن بىرى بولغان ئۇيغۇر ناخشا - مۇزىكا سەنئىتى 2004-يىلى لوندون شەھىرىدە «لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى» نىڭ دۇنياغا كېلىشى بىلەن تەڭ ھازىرقى زامان مەدەنىيەت ۋە ئىلىم-پەن بۆشۈكى ھېسابلىنىدىغان بۈيۈك برىتانىيە پايتەختىدە ياڭراشقا باشلىدى.

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ قۇرۇلۇشى ھەققىدە بەرگەن بىر قېتىملىق تېلېۋىزىيە سۆھبىتىدە مۇنداق دەيدۇ:
«ناخشا-مۇزىكا دېمەك بىر مىللەتنىڭ مىللىي روھىدىكى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىنى روشەن گەۋدىلەندۈرىدىغان، مىللىي كۈچ-قۇۋۋىتىنى ئويغىتىدىغان، ئۆز زامانىدىكى شادلىقى ۋە قايغۇسىنى يارقىن ئاھاڭ ۋە مۇڭلۇق ئاۋازلار بىلەن ئىپادە قىلىدىغان بىر سەنئەت شەكلىدۇر. بولۇپمۇ ئۆز ئانا ۋەتىنىدىن سەرسان بولۇپ ئايرىلىپ يات ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ئىپادىلەيدىغان مەنىسى كۆپ خىل ۋە چوڭقۇر، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي قىممىتى تېخىمۇ يۈكسەكلىككە ئىگە بولىدۇ.

y07_eziz1.jpg
7-رەسىم: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر 30 نۆۋەتتىن ئارتۇق مەخسۇس ئۇيغۇر سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك كونسېرت 2009- يىلى 2- ئاينىڭ 17- كۈنى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيا - ئافرىقا ئىنستىتۇتىنىڭ تەكلىپى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن دۇنياغا داڭلىق بۈيۈك بېرىتانىيە موزىيىنىڭ يېنىغا جايلاشقان لوندون برۇنېي تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەخسۇس ئۇيغۇر سەنئەت كېچىلىكىدۇر. ئەينى ۋاقىتتا لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ۋە بۇ قېتىملىق سەنئەت كېچىلىكى ھەققىدە دىيارىم توربېتىدە نەق مەيدان سىن كۆرۇنۇشلۇك خەۋەر بېرىلگەن ئىدى. بۇ رەسىم شۇ ۋاقىتتىكى دىيارىم توربېكىتىنىڭ 2009-يىلى 2- ئاينىڭ 27- كۇنىدىكى خەۋرىدىن ساقلىۋېلىنغان.

y08_eziz.jpg
8-رەسىم: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى 2010-يىلى 7- ئاينىڭ 9-كۈنى نورۋېگىيەنىڭ فورد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «فورد 2010-يىللىق خەلقئارالىق مۇزىكا فېستىۋالى» غا قاتنىشىپ 3 كۈن ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسۇللىرىدىن ئۆرنەكلەرنى كۆرسىتىپ نورۋېگىيە خەلقىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا سازاۋەر بولىدۇ. رەسىمدە ئانسامبىل ئەزالىرى فورد شەھرىدە. رەسىمدىكىلەر ئوڭدىن - سولغا يۆلىنىش بويىچە 1- كىشى ئانسامبىل تەمبۇرچىسى نىزدمىدىن سەمەتوۈ؛ 2- كىشى ئانسامبىل دۇتارچىسى رەيچال ھاررىس خانىم؛ 3- كىشى ئانسامبىل داپچىسى رۇستەم سالىيېۋ؛ 4- كىشى ئانسامبىل ناخشىچىسى رەھىمەت مەخمۇت خانىم؛ 5- كىشى ئانسامبىل مۇزىكانتى كامىل ئابباس؛ 6- كىشى ئانسامبىل ئۇسۇلچىسى يالقۇن ئابدۇرەھىم.

y09_LUE_Forde2009_3.JPG
9-رەسىم: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى 2010-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى نورۋېگىيەنىڭ فورد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «فورد 2010-يىللىق خەلقئارالىق مۇزىكا فېستىۋالى» غا قاتنىشىپ نورۋېگىيە خەلقىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا سازاۋەر بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى فېستىۋال يېپىلىش مۇراسىمىدا ئانسامبىل ناخشىچىسى رەھىمە مەخمۇت خانىم نورۋېگىيە پادىشاھى سونىيا خانىمنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىدۇ.

بىز دۇنيانىڭ قانداق يېرىدە بولمايلى، بىزنىڭ ئۇيغۇر ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىمىزنىڭ بىر يەككە، تۈز-سىزىقلىق يولى بولمايدۇ. خەلقىمىز ئۆتكەن ئەسىردىكى قايتا كەلمەس پۇرسەتلەرنى جاھىللىق ئۇيقۇسىدا ئۇخلاپ ئۆتكۈزۈۋەتتى. ئەمدى بۇ ئەسىردىكى بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز ھەر كىم ئۆز قولىدىن قانداق ئىش كەلسە كەلسۇن، ئۇيغۇر مىللىي مەنپەئىتىگە پايدىلىق ئىش بولسىلا قىلىشىمىز، ۋە بۇ خىزمەتلىرىمىز ئارقىلىق ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بوشلۇقلىرىنى تولدۇرۇشىمىز كېرەك. مەن ئەنگلىيەگە يېڭى كەلگەن يىللاردا ساۋاقداشلىرىم مېنىڭدىن قەيەردىن كەلگەنلىكىمنى، مىللىتىم ۋە تىلىمنى سورىغاندا «مەن ئۇيغۇر» دەپ جاۋاب بەرسەم، ئۇلار مەندىن «ئۇيغۇر؟ بۇ قانداق نەرسە؟ يەيدىغان نەرسىمۇ؟» دەپ سورايتتى. كېيىنچە بۇ دۇنيانى ھېچ چۈشەنمەيدىغان، نەزەر دائىرىسى تار ياۋروپالىقلارغا «ئۇيغۇر» نى چۈشەندۈرىمەن دەپ ۋاقتىمنى زايە قىلماسلىقنى نىيەت قىلدىم. ئۇنىڭدىن كېيىن مەندىن بىرەرسى «قەيەردىن كەلدىڭ؟» دەپ سورىسا، ھېچ ئىككىلەنمەستىنلا «مارستىن» دەپ جاۋاب بېرىدىغان بولدۇم. ئۇلار مەندىن «سەن نېمىشقا مۇنداق چاقچاق قىلىسەن؟» دەپ سورىغان سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بەردىم: «مەن ئۆزۈمنى ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلدىم، مەن ئۇيغۇر، دېسەم، سەن چۈشەنمەيسەن. بۇنى ساڭا چۈشەندۈرۈشكە كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ. مانا شۇ سەۋەبتىن مەن شۇنداق دېدىم» دەپ ئېيتىدىغان بولدۇم. بۇ تەنبىھ گېپىم تەسىر قىلغانلىرى كېيىنچە «ئۇيغۇر» نىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۆگىنىپ كېلىپ، ئاندىن ماڭا ئۆزلىرى ئازراق ئىزدىنىپ، ئۇيغۇرنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئازراق چۈشىنىۋالغانلىقىنى ئېيتىشتى. ئۇ ۋاقىتلاردا لوندوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ناھايىتى ئاز ئىدى. مەن شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرنى قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك تونۇشتۇرغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئىزدىنىپ، ئاخىرى بۈگۈنكى لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنى قۇرۇپ چىقىشقا، ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا مۇۋەققەت بولالىدىم.»

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن 2006-يىلى 17-ماي كۈنى لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تور بېكىتىگە بىر پارچە ماقالە يازىدۇ، ۋە ماقالىسىنىڭ ئاخىرىنى مۇنداق ئۇزاقلاشتۇرىدۇ:

«مەن لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنى قۇرغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆز كۆرگەنلىرىم ۋە ھېس قىلغانلىرىمنى قىستۇرۇپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. مەيلى ئۇيغۇرنىڭ ناخشا-مۇزىكىسى چوڭ ھەشەمەتلىك تىياتىرخانىلاردا ياڭرىسۇن، ياكى ئادەملەر بىلەن لىق تولغان لوندوننىڭ مەركىزى باغچىلىرىدا ياكى تار كوچىلىرىدا ياڭرىسۇن، ئەگەر سىز شۇ مەيداندا بولسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ نەقەدەر گۈزەل مەدەنىيەتكە ئىگە بىر مىللەتنىڭ ئەزاسى بولغىنىڭىزدىن چەكسىز پەخىرلىنىسىز. ھەمدە بۇ سەرسانلىق بىلەن ئۆتكەن كۈنلىرىڭىزدە چەتئەللىكلەرگە «ئۇيغۇر» دېگەن ئىسىمنى چۈشەندۈرۈپ بولالماي، قانچە قېتىملاپ ئاچچىق يۇتۇپ كەتكەن چاغلىرىڭىزنى دەرھال ئېسىڭىزگە ئالغىنىڭىزدا، تەمبۈرنىڭ بۇلبۇلدەك ياڭراۋاتقان خۇش ئاۋازىغا قوشۇلۇپ، يۇقىرى ئاھاڭدا ئېيتىلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىدىن:

كىچىك بالىلار ئوينايدۇ يەي
تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ،
غېرىب باللا يىغلايدۇ يەي
ئۆز يۇرتىنى ياد ئېتىپ.

تاغلاردىن ئورۇن ئالدۇق،
باغلاردىن ئورۇن تەگمەي.
ئۆز يۇرتلاردىن ئايرىلدۇق.
دۈشمەنگە بويۇن ئەگمەي.

دېگەن ناخشىلارنى ئاڭلىغىنىڭىزدا، ئىشىنىمەنكى، كۆزىڭىزگە كەلگەن ياشلىرىڭىزنى ئۆز ئىختىيارلىقىڭىز بىلەن توختىتالمايسىز. ئەلۋەتتە شۇ دەقىقىدە ھەر قانداق بىر چەتئەللىك ئالدىراش مېڭىۋاتقان قەدىمىنى توختىتىپ، ئۆزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىزدىن «بۇ قايسى دۆلەتنىڭ، قايسى مىللەتنىڭ مۇزىكىسى؟» دېگەندەك سوئاللارنى سورىماي تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئالقىشلىرىنى، ئۇيغۇر مىللىتىگە بولغان ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈرمەي تۇرۇپ سىز بىلەن خوشلاشمايدۇ. دېمەك مەدەنىيەتلەشكەن، باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى چۈشىنىدىغان، ھەمدە ئۇلارغا ھۆرمەت قىلىشنى بىلىدىغان غەرب ئەللىرى ئۈچۈن سەنئەتنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ھەقىقەتەنمۇ مۆلچەرلىگۇسىزدۇر.

بايانلىرىمنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن، ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، چەت مەملىكەتلەردە مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئۆزۈمنىڭ لوندون ھورنسېي ئاتاتۈرۇك ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلگەن «3-نۆۋەتلىك تۈرك مەدەنىيەت-سەنئەت فېستىۋالى» دا تىياتىرخانا تېمىغا ئېسىلغان مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ مۇنۇ بىر كەلىمە سۆزىنى ھەدىيە قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم: ئۆز سەنئىتىدىن ئايرىلغان مىللەتنىڭ بىر ھايات تومۇرى كەمدۇر.»

لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى 2004-يىلى تەشكىل قىلىنغاندىن كېيىن، تۇنجى بولۇپ ئۆز پائالىيىتىنى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنى لوندوندا ئاممىۋى شەكىلدە كۆرسىتىش بىلەن، يەنى «لوندون 2005-يىللىق كۆچمەنلەر بايرىمى» گە قاتنىشىش بىلەن باشلايدۇ. كېيىن لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ بۇ تۈردىكى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ھەر ساھەلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ. جۈملىدىن لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئافرىقا ۋە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر مۇزىكىشۇناسلىق ئىلمى دوكتورى رەيچېل ھاررىس خانىمنىڭ كەسپىي جەھەتتىن قىزغىن قوللىشىغا ۋە يېتەكلىشىگە ئېرىشىدۇ.

دېمەك، لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تۇنجى قېتىم بۈيۈك برىتانىيەدە تەشكىللەنگەن ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ۋە ئاممىباب ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ئورۇنلايدىغان سەنئەت گۇرۇپپىسى بولۇپ قۇرۇلغان. ئانسامبىلىنىڭ ناخشىچىلىرى ۋە مۇزىكانتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن، قىرغىزىستاندىن ۋە بىرقانچە ئۇيغۇر مۇزىكىسىغا ئىشتىياق باغلىغان برىتانىيەلىك ئىنگلىز مۇزىكا ھەۋەسكارلىرىدىن تەشكىل تاپقان. ئانسامبىلنىڭ ئورۇنلىغان ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىسى ئاساسلىقى ئۇيغۇر مۇزىكا تىڭشاق ئاھاڭلىرى، ئىجادىي ۋە خەلق ئاھاڭلار، بولۇپمۇ ئىلى خەلق ناخشا-مۇزىكىلىرى ھەم ئەنئەنىۋى «ئۇيغۇر 12 مۇقامى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئانسامبىل 2004-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، سەنئەت پروگراممىلىرىنى تەييارلاپ چىقىش، ئانسامبىلنىڭ ئىنگلىز ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدىكى تور سەھىپىسىنى قۇرۇش، ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىنى دۇنيا مىقياسىدا تەشۋىق قىلىش قاتارلىق ئانسامبىلنىڭ كەسپىي ۋە تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن جاپالىق خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارغان. ئانسامبىل مۇزىكانتلىرىنىڭ بەزىلىرى ئائىلە ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئەنگلىيەگە كۆچمەن مۇساپىر سالاھىيىتى بىلەن كەلگەن بولۇپ، ئانسامبىل ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنى لوندوندا ئاممىۋى شەكىلدە 2005- يلىدىن باشلپ كۆرسىتىلىشكگ باشليدۇ.

شۇنىڭدىن كېيىن مانا بۈگۈن قۇرۇلغىنىغا 11 يىلدىن ئاشقان لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى لوندوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۈيۈك برىتانىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە بولۇپ 100 قېتىمدىن ئارتۇق، ياۋروپا ۋە باشقا دۆلەتلەردە 20 قېتىمدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا ئۆزنەكلىرىدىن كونسېرت بېرىپ، سەنئەت سۆيەر برىتانىيەلىكلەرنىڭ ۋە باشقا ئەل خەلقلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىسىنى چۈشىنىشىگە، ياقتۇرۇشىغا ۋە قىزغىن ئالقىشلىشىغا سازاۋەر بولىدۇ.

قېنى ئەمدى بۇ گۈزەل ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىسىنىڭ كۈچلۈك مەپتۇن قىلىش كۈچى بىلەن لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى قۇرۇلغان دەسلەپكى يىللاردا ئانسامبىلغا ئەزا بولغان سەنئەتكار ۋە ئارتىسلار بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى:

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن (ئانسامبىل قۇرغۇچىسى، ئانسامبىل ئومۇمىي ئىشلىرىغا ۋە ئىنتېرنېت تورىغا مەسئۇل):

بۇ ئىنىمىز بىلەن يۇقىرىدا تونۇشۇپ ئۆتتۇق.

رەيچېل ھاررىس (دۇتار، كەسپىي يېتەكچى)


y10_eziz.jpg
10-رەسىم: دوكتور رەيچېل ھاررىس خانىم.

چىمەن دوپپىلىق دۇتارچى دوكتور رەيچېل ھاررىس خانىم ئوتتۇرا ئاسىيا، ئۇيغۇر ۋە جۇڭگو مۇزىكىشۇناسلىق ئىلمى بويىچە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئافرىقا ۋە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى مۇزىكا فاكۇلتېتىدا ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. رەيچېل خانىم ئۇيغۇر ناخشا ‏-مۇزىكىلىرىغا ئالاھىدە مۇھەببەت باغلىغاندىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىگە بىر نەچچە قېتىم بېرىپ، ھەتتا ئۇزۇن تۇرۇپ زىيارەت قىلىش، تەتقىق قىلىش ۋە ئۆگىنىش بىلەن شۇغۇللانغان. شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر مۇزىكىشۇناسلىق ئىلمىدە مۇتەخەسسىسكە ئايلانغان. ئۇ دۇتار بىلەن ئۇيغۇر خەلق ئاھاڭلىرى، ھەتتا مۇقاملارنى بىمالال چالالايدىغان سەۋىيىگە يەتكەن. ئۇ چىمەن دوپپىنى ياراشتۇرۇپ كىيىپ، دۇتارنى قولىغا ئالغاندا، ئۇنى ئۇيغۇر سازەندىلىرىدىن ھېچ پەرقلەندۈرەلمەيسىز .

رەھىمە مەخمۇت (ناخشىچى)

y11_eziz3.JPG
11-رەسىم: ئايالىم بىلەن ئىككىمىز رەھىمە سىڭلىمىز بىلەن 2013-يىلى ئىستانبۇلدا ئازراق بىرگە بولغان بولۇپ، بۇ رەسىم شۇ چاغدا خاتىرە ئۈچۈن تارتىلغان.

ئانسامبىل ناخشىچىسى رەھىمە مەخمۇت‏ گۈزەل ئىلى ۋادىسىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. ئۇ بىر دىنىي ئائىلىدە چوڭ بولغان. رەھىمە ناخشا ئېيتىشنى دەسلەپتە ئانىسىدىن ئۆگەنگەن. مەھەللىلەردە داۋاملىق بولۇپ تۇرىدىغان مەشرەپ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىلى ۋادىسىنىڭ يەرلىك ئاھاڭلىرى ئۆگىنىشىگە مۇھىم مەكتەپ بولغان. رەھىمە مەشرەپلەردە ئاكىسى دۇتار چالسا تەڭكەش بولۇپ ناخشا ئېيتقان. ئۇ لوندوندا ياشىغاندىن بۇيان يېڭى نەشردىن چىققان ئۇن-سىن پلاستىنكىلىرى ئارقىلىق ئەڭ يېڭى ناخشىلارنى ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. ئەنگلىيەدە مەزكۇر ئانسامبىلنىڭ قۇرۇلۇشى ئۇنىڭ قەلبىدىكى سەنئەت تالانتىنى تولۇق نامايان قىلىشقا سەھنە ھازىرلايدۇ.

نىزامىدىن سەمەتوۋ (تەمبۈر)

مەزكۇر ئانسامبىلنىڭ ئاساسلىق سازەندىسى نىزامىدىن سەمەتوۋ قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇر بولۇپ، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدە قىرغىزىستانغا كۆچۈپ كەلگەن كوپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى. ئۇ ئۇيغۇرلار قىرغىزىستاندىكى مۇساپىرلىق ھاياتىدا ئانا ۋەتىنىنىڭ مەدەنىيەت-ئەنئەنىلىرىنى داۋاملىق ساقلاپ كەلگەن. نىزامىدىننىڭ گىتار چېلىشقا بولغان ئىشتىياقىدىن باشقا، ئۇ يەنە بىر قانچىلىغان ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرىنى - داپ، دۇمباق، دۇتار، تەمبۈر قاتارلىقلارنى ئەنئەنىۋى ئاھاڭلاردا چېلىشنى قىرغىزىستاندىكى پېشقەدەم مۇزىكانتلاردىن ئۆگەنگەن.

ستىفېن جونىس (ئىسكىرىپكا، غېجەك)

بۇلاردىن باشقا ئۇيغۇر ئانسامبىلىدا ئۆزى ئۇيغۇر بولمىسىمۇ ، ئۇيغۇر ناخشا ‏- مۇزىكىلىرىغا چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان ئەنگلىيەلىك مۇزىكانتلارمۇ بار. ئۇلارنىڭ بىرى مۇزىكىشۇناس دوكتور سىتىفېن جونېس ئەپەندى. ئۇ كەسپى ئىسكىرىپكا چالغۇچىسى. سىتىفېن جونېس ئەپەندى بۇرۇن ئەنگلىيەدىكى داڭلىق مۇزىكا ئورچېسترالىرىدا مۇزىكا چالغان. ئۇ جۇڭگو مۇزىكا ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردىكى مۇتەخەسسىسلەردىن ھېسابلىنىدۇ. ستىفەن لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن، ئەنگلىيەدە بىر قانچىلىغان جۇڭگو مۇزىكا گۇرۇپپىلىرىنى قۇرۇپ چىققان. ھازىر ئۇ بۇ ئانسامبىلنىڭ ئۇستا غېجەكچىسىگە ئايلانغان.

يالقۇن ئابدۇرەھىم (ئۇسسۇلچى)

يالقۇن ئابدۇرەھىم قەشقەردە تۇغۇلغان. ئۇ 11 يېشىدىن باشلاپ ئۇسۇل ئويناش كەسپىنى ئۆگەنگەن. ئۇ 1991-يىلى ئەنگلىيەگە كەلگەندىن بۇيان بالېت ئۇسۇلى، ھازىرقى زامان ئۇسۇلى ۋە ئۇسۇل لاھىيەلەش كەسپىنى 1993 -يىلىغىچە ئۆگىنىدۇ. يالقۇن ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئىنگلىز دۆلەتلىك بالېت، ئىنگلىز دۆلەتلىك ئوپېرا، ئەنگلىيە پادىشاھلىق ئوپېرا، دانىيەنىڭ پېتېر سچائۇففۇس بالېت شىركىتى قاتارلىق ئورۇنلاردا نومۇر كۆرسىتىدۇ. ئەنگلىيەنىڭ ھەرقايسى كىنېزلىكىدە ۋە ياۋروپادا مەخسۇس ئويۇن كۆرسىتىش سەپىرىگە قاتنىشىدۇ. يالقۇن لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىغا قاتناشقاندىن كېيىن ئۆز مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسۇلىنى قايتىدىن سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ، قىزغىن ئالقىشلاشقا ئېرىشتى.

رۇستەم سالىيېۋ (داپ)

رۇستەم سالىيېۋنىڭ ئەسلى يۇرتى قىرغىزىستان. ئۇ ھازىر لوندوندا ياشايدۇ. رۇستەم داپ چېلىشنى نىزامىدىندىن ئۆگەنگەن.

كامىل ئابباس (غېجەك، تەمبۈر)

تالانتلىق ئۇيغۇر مۇزىكانتى كامىل ئابباس ئەپەندى ئۈرۈمچىدە بىر زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ بالىلىق چاغلىرىدىن باشلاپلا ئۇيغۇر چالغۇلىرىنى چېلىشقا باشلىغان. كامىل ئابباس ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسۇل ئوپېرا سەنئەت ئۆمىكىگە كەسپىي مۇزىكانتلىققا قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، مۇزىكا ساھەسىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قازانغان. ئۇ ئۈرۈمچى ئوپېرا ئۆمىكىدە ئىشلىگەن مەزگىللىرىدە «ئارشىن مالالان»، «غەرب-سەنەم»، «غۇنچەم»، «كۈرەش يولى» قاتارلىق تىياتىرلاردا مۇزىكا چالغان. كامىل ئابباس ئائىلىسى بىلەن بىللە ياۋروپاغا كېلىپ يەرلەشكەندىن كېيىن، 1995-يىلى «مەشرەپ» ناملىق CD پلاستىنكىسى نەشر قىلدۇرىدۇ. كامىل ئابباس 2008-يىلىدىن بۇيان بېلگىيەدىكى «فلوئە-فلوئە» قورچاق تىياتىرخانىسىدا كەسپىي مۇزىكانت بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە. كامىل ئابباس ئەپەندى 2004-يىلىدىن بۇيان لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ياۋروپا سەھنىلىرىدە ئىجرا قىلىپ ئۆزنىڭ كەسپىي مۇزىكا تالانتىنى نامايان قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

y12_eziz2.jpg
12-رەسىم: سولدىن-ئوڭغا: دوكتور رەيچېل ھاررىس، دوكتور سىتىفېن جونېس، رەھىمە مەخمۇت، ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن، ۋە نىزامىدىن سەمەتوۋ. بۇ رەسىم 2007-يىلى 27-ماي لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن "باھارنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىيە مۇزىكىسى بىلەن كۈتۈۋېلىش" سەنئەت پائالىيىتىدە تارتىلغان.

مانا بۇ لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىغا دۇنيانىڭ ھەر جايلىرىدىن يىغىلىپ تەشكىللەنگەن سەنئەتكارلار. ئۇلارنىڭ سەھنىدە بىرلىكتە كۆرسەتكەن ماھارەتلىرىدىن ئۇلارنىڭ ئۇيۇشۇشىغا سەۋەب بولغان ئامىلنىڭ ئۇيغۇر ناخشا ‏-مۇزىكىلىرىنىڭ سېھرى كۈچى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيسىز. ئۇلار ئۇيغۇر ناخشا‏-مۇزىكىلىرىدىن ئۆزلىرى ھۇزۇرلىنىپلا قالماي، بۇ گۈزەل ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلارنى ئەنگلىيەدە، ياۋروپادا ۋە ھەتتا دۇنيادا ھەر قايسى دۆلەتلىرىدە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بەھرى ئېلىشىغا تەقدىم قىلدى. ھەمدە دۇنيا خەلقلىرى تەرىپىدىن تەرجىمانسىز چۈشىنىلىدىغان ناخشا-مۇزىكىدىن ئىبارەت بۇ قەلب مېلودىيىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنى، ئۇيغۇرلارنى ۋە گۈزەل، باي ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ جانلىق تەشۋىقاتچىلىرىغا ئايلانغان ئاۋانگارتلاردۇر.

لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى بۈيۈك برىتانىيەدىن باشقا يەنە ياۋروپادىكى ئىرېلاندىيە، نورۋېگىيە، ئىتالىيە، ۋېنگىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە، دۇنيانىڭ باشقا قىتئەلىرىدىكى تەيۋەن، ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۇيغۇر سەنئىتىدىن كونسېرت بېرىپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ.

ئۆتكەنكى 10 يىلدىن بۇيان لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ئىجراسىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قىسىم مەخسۇس سەنئەت كېچىلىكلىرى ۋە كونسېرت بېرىش پائالىيەتلىرىنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:
1. لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى لوندون شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن كۆچمەنلەر ئىدارىسى بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان "لوندون 2005-يىللىق مۇساپىرلار بايرىمى" تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
2. 2005-يىلى نويابىردا لوندون ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئافرىقا ۋە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن "تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ مۇزىكا فېستىۋالى" دا ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىسىدىن سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى.
2. 2006-يىلى مارت ئېيىدا كېمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن 2006-يىلى 24-مارت نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش سەنئەت پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ئورۇندىدى.
3. 2007-يىلى 27-ماي لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن "باھارنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىيە مۇزىكىسى بىلەن كۈتۈۋېلىش" سەنئەت پائالىيىتىدە ئۇيغۇر مۇزىكىسىدىن سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى.
4. لوندوننىڭ كەمدىن رايونلۇق يەرلىك ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۇ يىل 6-ئاينىڭ 22-كۈنى ئورۇنلاشتۇرۇلغان "2007-يىللىق كۆچمەن مۇساپىرلار ھەپتىلىكى" پائالىيىتىدە ئانسامبىل ئۇيغۇر سەنئىتىدىن نومۇرلار كۆرسەتتى.
5. ئانسامبىل 2007- يىلى ئۆكتەبىرنىڭ 13- كۈنى ئىرېلاندىيە جۇمھۇرىيەتنىڭ پايتەختى دۇبلىن شەھىرىدە دۇبلىن ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن "12- نۆۋەتلىك خەلقئارالىق جۇڭگو ۋە شەرقى جەنۇبى ئاسىيا مۇزىكا ئىلمى يىغىنى" دا ئۇيغۇر خەلق ناخشا-مۇزىكىلىرىدىن ئويۇن كۆرسەتتى.
6. لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى 2008-يىلى 11-ئاپرېل كۈنى لوندون شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان St Ethelburgas "تىنچلىق ۋە يارىشىش" مەركىزىدە ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىسىدىن سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى.
7. لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى 2008-يىلى 12-ئىيۇل كۈنى لوندون پادىشاھلىق باغچىسىدا (Hyde Park) لوندون شەھەرلىك ھۆكۈمەت، لوندون سەنئەت ھەمكارلىق شىركىتى ۋە لوندون پادىشاھلىق باغچىسى قاتارلىق ئورۇنلار تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان "لوندون 2008-يىللىق مۇھاجىرەتتىكى مىللەتلەر سەنئەت فېستىۋالى" (Diaspora London Music Village 2008) غا قاتنىشىپ، 45 مىنۇت مەخسۇس ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسۇلىدىن سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى.
8. ئانسامبىل ئەنگلىيەنىڭ شەرقى-جەنۇبىغا جايلاشقان Sidmouth, Dewon شەھىرى تەرىپىدىن 2008-يىلى 7-ئاۋغۇست كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن "2008- يىللىق Sidmouth خەلق مۇزىكا بايرىمى" (Sidmouth Folk Festival) غا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ئورۇنداپ، ئۇيغۇرنىڭ كىملىكى، مەدەنىيىتى ۋە گۈزەل سەنئەتنى فېستىۋال تاماشىبىنلىرىغا تونۇتتى.
9. 2009-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئافرىقا ۋە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تەكلىپى ۋە ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن دۇنياغا داڭلىق بۈيۈك برىتانىيە مۇزېيىنىڭ يېنىغا جايلاشقان لوندون بىرۇنېي تىياتىرخانىسىدا مەخسۇس لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
10. ئانسامبىل 2009-يىلى 3-نويابىر كېمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن «ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مۇزىكا كۆرىكى» سەنئەت كېچىلىكىدە ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتىنى نامايان قىلىدۇ.
11. لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى 2010-يىلى 30-ماي تەيۋەن دۆلەتلىك «تەيپىي جۇڭگو ئوركېستىر» نىڭ تەكلىپىگە بىنائەن «2010-يىللىق خەلقئارالىق يىپەك يولى فېستىۋالى» غا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا ئۆرنەكلىرىدىن نامايەندىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
12. ئانسامبىل 2010 -يىلى 7- ئاينىڭ 9- كۈنى نورۋېگىيەنىڭ فøردە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «فøردە 2010-يىللىق خەلقئارالىق مۇزىكا فېستىۋالى» غا قاتنىشىپ 3 كۈن ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسۇللىرىدىن ئۆرنەكلەرنى كۆرسىتىپ نورۋېگىيە خەلقىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا سازاۋەر بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى فېستىۋال يېپىلىش مۇراسىمىدا ئانسامبىل ناخشىچىسى رەھىمە مەخمۇت خانىم نورۋېگىيە پادىشاھى سونىيا خانىمنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىدۇ.
13. 2011-يىلى 7- ئاينىڭ 9-كۈنى ئەنگلىيەنىڭ Hitchin, Hertfordshire دە ئۆتكۈزۈلگەن «2011-يىللىق دۇنيا رىتىمى دۇنيا مۇزىكا فېستىۋالى» (Rhythms of the World--2011 Festiwal of World Music in Hitchin) غا قاتنىشىپ ئالقىشلارغا ئېرىشىدۇ.
14. ئانسامبىل 2011-يىلى 6-ئىيۇن ئىتالىيەنىڭ Foundation Uniwersity Ca 'Foscari ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۇرىن شەھىرىدىكى «شەرق سەنئەت مۇزېيى» تىياتىرخانىسىدا ( Museum of Oriental Art-Turin) ئىككى كۈن ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا سەنئىتىدىن دەرس ۋە كونسېرتلار بېرىپ ئىتالىيە خەلقىگە ئۇيغۇر سەنئەت ۋە مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ ئالقىشقا ئېرىشىدۇ.
15. 2012 يىلى 22-فېۋرال ئانسامبىل ئۇرال-ئالتاي تىل سىستېمىسىدىكى يازغۇچىلار بىلەن ۋېنگىرىيە يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە ۋە شۇ يىلى 7-ئايدا «دۇنيا ھون قۇرۇلتىيى» سەنئەت فېستىۋالىغا قاتنىشىپ ئۇيغۇر سەنئەت مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدۇ.
16. لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى 2012-يىلى 1-ئاپرېل گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى The Gasteig تىياتىرخانىسىدا نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش مەخسۇس سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، تاماشىبىنلارنىڭ زور ئالقىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ.
17. لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى 2014-يىلى 11-ئۆكتەبىر لوندون شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان St Ethelburgas «تىنچلىق ۋە يارىشىش» مەركىزىدە 2-قېتىم ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىسىدىن سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى.

لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ئەنگلىيەنى مەركەز قىلغان ھالدا ياۋروپادىكى دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلارنى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ۋە ناخشا-مۇزىكىسىنى تونۇشتۇرۇشنى ئۆزلىرىنىڭ ئاساسلىق يەتمەكچى بولغان نىشانى قىلغان بولۇپ، ئىنگلىز تىلىدا لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ۋە ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا مەدەنىيىتى مەخسۇس تونۇشتۇرۇلغان رەڭلىك تەشۋىقات كىتابچىسىنى نەشر قىلدۇرۇپ، كونسېرت ۋە فېستىۋال پائالىيەتلىرى داۋامىدا ئۇلاردىن 20 مىڭ پارچىدىن ئارتۇقىنى تارقاتقان.

لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ تۇنجى ئالبومى «ئاق بېلىق» (White Fish) ناملىق ئۈن CD پلاستىنكىسى 2010 - يىلى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئافرىقا ۋە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى مۇزىكا فاكۇلتېت ستۇدىيىسىدە 4000 تىراژى بىلەن نەشر قىلىنىپ، دۇنيا مۇزىكىسىغا خۇشتار برىتانىيەلىكلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.


2. ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە سەنئىتىگە تەقدىم قىلىنغان دۇنيا تورى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تور سەھىپىسى

ئۆز خەلقىگە جۈملىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىگە بولغان چىن مۇھەببەت بىلەن چىن يۈرەكتىن تۆكۈلگەن مېھنەتلەر بەدىلىگە يارىتىلغان ئەمگەك دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولمىسۇن قەدىرلىنىدۇ.

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئىنىمىز 2004-يىلى لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى قۇرۇپ چىققاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت سەنئىتىنى تونۇشتۇرغان ئىنگلىزچە مەنبەلەرنىڭ ناھايىتى كەملىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى دەۋرىگە لايىق ھالدا لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ جانلىق سەھنە پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، برىتانىيە ۋە دۇنيا ئەللىرىگە مەخسۇس ئىنگلىز يېزىقىدا تونۇشتۇرىدىغان بىر تور بېكىتىنى لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك تەرەققىيات نىشانى قىلىپ بېكىتىدۇ. بۇ مەقسەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدا تور لاھىيەلەش ۋە ئۇچۇر تېخنىكا كەسپىنى ئوقۇشقا كىرىدۇ. ئۇ ئوقۇشى داۋامىدا بۇ ئىش توغرىسىدا قايتا-قايتا ئويلىنىپ، ئانسامبىلدىكى ئەزالار بىلەن مەسلىھەتلەشتى. شۇ ئارقىلىق ئۇدا ئىككى يېرىم يىل ئىزدىنىش، ماتېرىيال توپلاش، ئۇيغۇرچە مەنبەلەرنى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىش، لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ رەسمىي سىمۋوللۇق بەلگىسىنى لايىھىلەش، ۋە قۇرۇلىدىغان تور بېكەتنىڭ تېخنىكىلىق پروگراممىلىرىنى يېزىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆز قولى بىلەن قېتىرقىنىپ ئىشلەپ، ئاخىرى 2007-يىلى 7-ئايدا لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ ئىنگلىز ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدىكى رەسمىي تور سەھىپىسىنى ئېلان قىلىدۇ.

y13_eziz1.jpg
13-رەسىم: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تور بېتىنىڭ بىر كۆرۈنۈشى.

y14_eziz.jpg
14-رەسىم: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تور بېتىنىڭ يەنە بىر كۆرۈنۈشى.


لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تور بېكىتى دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم ئىنگلىز تىلىدا ياساپ تارقىتىلغان، مەخسۇس ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىگە تەقدىم قىلىنغان، ئىلمىي ۋە تەتقىقات قىممىتى يۇقىرى بولغان مەنبەلەر بىلەن تەمىن ئېتىلگەن تور بېتى بولۇپ، ئۇنىڭغا 4000 پارچىدىن ئارتۇق ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىگە ئائىت ماتېرىياللار قويۇلغان. ئانسامبىل تور بېكىتىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭغا ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرى ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام مۇزىكىلىرى، يەرلىك مۇقاملار، كلاسسىك مۇزىكىلار، كلاسسىك خەلق ناخشىلىرى، خەلق ناخشىلىرى، ھازىرقى زامان ئاممىباب (پوپ) ناخشىلار، تىڭشاق ئاھاڭلار، ئۇيغۇر ئازغۇن ناخشا-مۇزىكىلىرى، مەشرەپ مۇزىكىلىرى، ۋە ئەل ئىچىدىكى ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلار قويۇلغان. ھەمدە ئۇنىڭغا ئەل-نەغمىلىرىنى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى داۋامىدا ئىشلەنگەن ئۈن ۋە سىنگە ئېلىنغان فىلىم كۆرۈنۈشلىرىمۇ قويۇلغان. شۇنداقلا ئانسامبىلنىڭ بارلىق نەق مەيدان كونسېرتلىرى سىنگە ئېلىنىپ، ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا مەزكۇر تور ئارقىلىق بارلىق كۆرگۈچىلەرگە تارقىتىپ تۇرۇلغان.

ئەزىز ئەيسائەلكۈننىڭ 10 يىلدىن بۇيان خالىس ھالدا ئۆزىنىڭ ئىشتىن سىرتقى بارلىق ئىمكانلىرىنى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئىنگلىز تىلىدا پۈتۈن دۇنياغا تور ئارقىلىق تارقاتقان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بارلىق ئىجتىمائىي تور ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتى ئۈچۈن تەقدىم ئەتكەن پىداكارلىق ئەجىرلىرى 2010-يىلى ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئېرىشتى. يەنى شۇ يىلى لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تور بېكىتى بۈيۈك برىتانىيە دۆلەتلىك تور ئۇچۇر رەقەم ئارخىپى ئىدارىسى بىلەن برىتانىيە كۇتۇپخانىسى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىندى. نەتىجىدە لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تور بېكىتىنىڭ پۈتكۈل مەزمۇنلىرى بۈيۈك برىتانىيىدە ئارخىپلاشتۇرۇپ ساقلاش ۋە قوغداش تور بېكەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، رەسمىي رەقەملىك ئارخىپلاشتۇرۇلدى. ھەمدە بۇ ھەقتە گۇۋاھنامە بېرىلدى. دېمەك، بۈيۈك برىتانىيەنىڭ گىراموفون شىركىتى تەرىپىدىن 1909-يىلى قەشقەردە ئۈنگە ئالغان «ئاشناجان» (Mushagaran Kashkarcha 'Ashnajan' song by Sadyk Mullo/Tokhta Akhun/Turdi Muazin) ناملىق ئۇيغۇر ناخشا -مۇزىكىسى بۈيۈك برىتانىيە كۇتۇپخانىسى ئاۋاز ئارخىپىغا ساقلاشقا كىرگۈزۈلۈپ 100 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە، خەلقىمىزنىڭ بۇ تەۋەررۈك ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى بۇ ئۇيغۇر پەرزەنتى ئۆز ئەجر-مېھنىتى بىلەن قايتىدىن تەقدىم قىلدى.

لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تور بېكىتىنىڭ يەنە بىر ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى، بۇ تور بېكەتتە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئافرىقا ۋە شەرق شۇناسلىق ئىنستىتۇتى مۇزىكا فاكۇلتېتىنىڭ دوكتورى رەيچېل ھاررىس خانىم بىلەن ئەزىز ئەيسائەلكۈننىڭ 10 نەچچە يىلدىن بۇيان بىرلىكتە كۆپ قېتىم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئۇيغۇر مىللىي مۇزىكا مەدەنىيەت-سەنئىتى، جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە ئىنسانشۇناسلىق ساھەلىرى بويىچە ئېلىپ بارغان ئەل ئىچى تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىش خىزمەتلىرى ئاساسىدا يېزىپ چىققان ئەڭ يېڭى تەتقىقات ماقالىلىرى دائىملىق ئېلان قىلىنىپ تۇرغان. 2008-يىلى ئەنگلىيەنىڭ ئاشگاتە نەشرىياتىدا ئىنگلىز تىلىدا دوكتور رەيچېل ھاررىس خانىم نەشر قىلدۇرغان «ئۇيغۇر 12 مۇقامنىڭ قېلىپلاشتۇرۇلۇشى» (The Making of a Musical Canon in Chinese Central Asia: the Uyghur Twelwe Muqam) ناملىق كىتاب يۇقىرىدىكى بايانلىرىمىزنىڭ مىسالى بولالايدۇ. مەزكۇر كىتابتا ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ قېلىپلىشىش تارىخى ۋە قېلىپلىشىش جەريانلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىنىڭ كۆپ ۋاقىت سەرىپ قلىشى ۋە ئەجىر سىڭدۈرۈشى، ئىنچىكىلىك بىلەن قېتىرقىنىپ ئىشلىشى نەتىجىسىدە دوكتور رەيچېل ھاررىس خانىم بىلەن شىنجاڭ سەنئەت تەتقىقات ئورنىدىن ياسىن مۇخپۇل ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە يېزىپ چىققان ۋە 2002 - يىلى تۈركىيىدە «تۈرك ئېىنسكلوپېدىيەسى» دە ھەم ئەنگلىيە Ashgate نەشىرياتىدا ئىنگىلىز تىلىدا نەشىر قىلىنغان «ئۇيغۇرلارنىڭ مۇزىكىسى» (Music of the Uyghurs) ناملىق چوڭ تىپتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا - مۇزىكا مەدەنىيىتى تەپسىلى تونۇشتۇرۇلغان ئىلمىي ماقالە بىلەن ئۇيغۇر چالغۇلىرىنىڭ چېلىنىش ئۆرنەكلىرى ئەمەلىي مىساللار بىلەن كۆرسىتىلگەن سىن فىلىملىرى كىرىشتۈرۈلۈپ ئىشلىنىپ تور ئارقىلىق دۇنياغا ھەقسىز تارقىتىلىدۇ. كېيىن بۇ مەنبە بولۇپمۇ ئىنگىلىز تىلى قوللىنىدىغان دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلاردىكى ئۇنۋېرسىتېتلاردا مۇزىكىشۇناسلىق ئىلمى بويىچە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇن بىردىن بىر ئەمەلىي مىساللىق دەرسلىك مەنبەسى قىلىپ قوللىنىلىدۇ.

مانا بۇ مۇھاجىرەتتىكى 16 يىللىق ھاياتىنى ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت ئىشلىرى بويىچە توختىماي ئىزدىنىش، دۇنيا مەدەنىيەتلىرى بىلەن بىر سەھنىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت دىئالوگى قۇرۇش ئۈچۈن مېھنەت ئاقتۇرغان، كۆپكە قادىر بىر سەنئەت سۆيەر ئۇيغۇر پەرزەنتنىڭ ھايات سەرگۇزەشتىسىدۇر. مەن خۇددى بۇرۇن تونۇشتۇرغان 39 نەپەر ئۇكىلارغا ئوخشاشلا، ئىنىمىز ئەزىز ئەيسا ئەلكۈندىن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن.

ئەزىز ئەيسا ئەلكۇننىڭ مەتبۇئات ۋە تورلاردا ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ئەمگەكلىرى توۋەندىكىچە:

خەلقارالىق ئىملىمي ژۇرناللادا ئېلان قىلغان ماقالىللىرى:

[1] “Invitation to a Mourning Ceremony: Perspectives on the Uyghur Internet”
Authors: Rachel Harris & Aziz Isa, Published by Inner Asia Studies of Cambridge University. Inner Asia, Volume 13, Number 1, 2011 , pp. 27-49(23) Publisher: BRILL. This paper offers a historically located and sociopolitical reading of the Uyghur internet, focusing on Uyghur language sites which were legally operating within China. We argue that this internet-based discourse has much in common with earlier, pre-digital home-grown nationalist movements, and that its emphasis on mourning is representative of a more widespread sense of self within Uyghur popular culture: one which equates national identity with grief and loss. Keywords: INTERNET; UYGHUR; XINJIANG; INTERETHNIC VIOLENCE; DIASPORA; NATIONAL IDENTITY; MOURNING. Document Type: Research article DOI: 10.1163/000000011797372832 Publication date: 2011-09-01.
Publisher's website: Global Oriental, an imprint of Brill.
http://www.ingentaconnect.com/co ... 003#expand/collapse
[2] ‘Islam by Smartphone: the changing shape of Uyghur social media networks’ (already published online in Uyghur language: Eqilfon_Islam.pdf). English version forthcoming in Central Asian Survey, 2016.)

ئۇيغۇر يېزىقىدا نەشىر قىلىنغان كىتاپ:

[3] "دوناي دەرياسىدىن ئورخۇن بويلىرىغىچە" -
2011- يىلى شىۋىتسىيەدە نەشىر قىلىنغان.
http://www.uyghurensemble.co.uk/ ... ghiche_Aziz_Isa.pdf

تۇرلۇك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ئىملىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلىرى:

تور سەھىپىللىرىدە ئېلان قىلغان بىر قىسىم ئەسەرلىرى:
[4] ‘ئورخۇن بويلىرىغا سەپەر’ (1- قىسىم)
./thread-27441-1-1.html
‘ئورخۇن بويلىرىغا سەپەر’ (2- قىسىم)
./thread-24299-1-1.html
[5] ئۈزۈلمەس تارىخىي رىشتە: ./thread-28622-1-1.html
[6] ‘ئەقىلفون ئارقىلىق ئىسلاملىشىش: ئۇيغۇر ئىجتىمايى ئالاقە تورىنىڭ ئوزگىرىشىگە نەزەر’
http://uyghurensemble.co.uk/uy/
[7] ‘ئۇيغۇر توربەتچىلىكىگە ئومۇمىي نەزەر’
http://uyghurensemble.co.uk/uy/
[8] ‘1960- يىلى يېزىق ئوزگەرتىش توغرىسىدا يېزىلغان كىتاپ ھەققىدە’
./thread-19059-1-1.html
[9] ‘جاللات خېنىم رومانىدىن تەسىراتلار’
./thread-21037-1-1.html
[10] ‘قىتەلەر قاناتلانغان كۇي - سانۇبەر تۇرسۇن’
(1) ./thread-20139-1-1.html
(2) ./thread-25657-1-1.html
(3) ./thread-25677-1-1.html
[11] ‘يازغۇچى مەسۇمجان زۇلپىقار ئاكىنى ئەسلەيمەن’
./thread-23239-1-1.html
[12] سىز بۇيۇك بىرتانىيەنى قانچىلىك بىلىسىز؟’
(1)./thread-24259-1-1.html
(2)./thread-24581-1-1.html
[13] ‘ھەسىرەتلىك يىللار- ئانام تارتقان كۈلپەتلەر’
./thread-27733-1-1.html
[14] يىللار ھەسرىتى - "رەگەتكە بىلەن قاغا ئېتىش"
./thread-27572-1-1.html
[15] "لوندوندىكى قەشقەر كوچىسى" - شىنجاڭ پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتى: http://uyghur.xjass.com/uyghur/c ... 0/content_3172.htm; http://www.bbc.co.uk/uzbek/news/ ... 10_qeshqer_ar.shtml
[16] ‘قارچۇقۇمدا قاتقان دۇنيا’ - ./thread-22544-1-1.html
[17] ‘ئۇيغۇرچە سوزلىشىش’ - ./thread-22389-1-1.html
[18] ‘سويگۇ ۋە ئىنسانلىق’ - ./thread-23736-1-1.html
[19] ‘بىر گۇل ئەچىلسا بولمايدۇ باھار’
./thread-22652-1-1.html
[20] ‘مەن كورەلمەيدىغان چۇش’ - ./thread-27388-1-1.html
[21] ‘بالىلىق خاتىرەم ۋە لوندوندىكى ئايەم’
./thread-23338-1-1.html

تۇرلۇك ئۇيغۇر مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان ئىملىي ئەسەر، تەرجىمە ۋە شېئىرلىرى:

[22] قازاقىستاندا نەشىردىن چىقىدىغان "ئىنتىزار" ناملىق پەسەللىك ئەدەبىي ژۇرنالنىڭ 2004- يىلى فېۋرال ئېيىدىكى سانىدا "ئەزىز ئىسا ئەلكۈن شېئىرلىرى" سەرلەۋىسىدە ئۇنىڭ شىئېرلىرى تونۇشتۇرۇلۇپ نەشىر قىلىنغان. ئىنتىزار ژۇرنىلى 2014- يىلى، فېۋرال، 17- بەت.
[23] قازاقىستاندا نەشىر قىلىنىدىغان "ئۇيغۇر پەن" ناملىق ئەدەبىي ژۇرنالنىڭ 2014 - يىللىق 4- سانىدا ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تەرجىمھالى تونۇشتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ تاللانغا بىر قانچە پارچە نادىر شېئىرلىرى نەشىر قىلىنىدۇ. (مەزكۇر ژۇرنالنڭ 72 - بېتىدىن 77- بەتىگە قارالسۇن)
[24] ئاۋۇسترالىيەدە ئۇيغۇر ئۆسمۇرلىرىنى نىشان قىلغان "سابىيلەر ساداسى" ناملىق ئۇنىۋېرسال ئەدەبىي ژۇرنالنىڭ 2013- يىللىق 9- سان (توپلام 145- بەت) "بىر گۇل ئېچىلسا بولمايدۇ" نەملىق شېئىرى ئېلان قىلىنىدۇ.
[25] ئىسپانىيەدىكى ئاز سانلىق مىللەت باسك خەلقى ئىسپانىيە ئىچكى ئۈرۈش يىللىرىدا يەنى 1937- يىلى 26- ئاپرېل ئىسپانىيە مىللەتچى ھاكېمىيىتى ئارمىيەسىنىڭ باسىك رايونىدىكى گېرىنىكو شەھرىنى بوماردىمان قىلغان (Bombing of Guernica, Guernica- Gernika in Basque; officially Gernika-Lumo) ۋە 1،654 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان. مانا مۇشۇ تىراگېدىيە "گېرنىكو بومباردىمانىنىڭ قىلىنغانلىغىنىڭ 75 يىللىقى» نى خاتېرلەش مۇناسىۋېتى بىلەن باسىك يازغۇچىلار جەمىيىتى تەرپىدىن دۇنيادىكى 35 ياش شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى تاللاپ باسىك ۋە ھەر بىر شائىرنىڭ ئۆز تىلىدا ھەم ئېنگلىسچە ئۇچ خىل تىلدا 2012- يىلى بىر شىئېرى توپلام نەشىر قىلىغان ئىدى. مانا شۇ كىتاپقا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىنىڭ تەرجىمھالى بىلەن ئۇنىڭ بىر پارچە شېئىرى بۇ توپلامدا نەشىر قىلىنىدۇ. (مەزكۇر كىتاپنىڭ 81، 82 ۋە 83- بەتلىرىگە قارالسۇن)
[26] قازاقىستان دولەتلىك "ئۇيغۇر ئاۋازى" گېزىتىنىڭ 2011- يىلى 10- ئىيۇندىكى سانىنىڭ 9- بەتىدە ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىنىڭ تەرجىمھالى ۋە شېئىرى ئەسەرلىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ.
[27] ئەلكۈن ئەپەندىنىڭ 1999- يىلىدىن 2002- يىلىغىچە يازغان ئىلمي ماقالىللىرى، ئەبەدىي ئەسەرلىرى "ئۇيغۇر ئەزىزى" قەلەم نامىدا تۇرلۇك مەتبۇئاتلاردا ئېېلان قىلىنىدۇ.
[28] ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننىڭ تۇرلۇك ئەدەبىي ئەسەرلىرى 1986- يىلىدىن 1999- يىلىغىچە "ئاقسۇ گېزىتى"دە ۋە مەزكۇر گېزىتنىڭ "جەنۇب شاماللىرى" ئەدەبىي ساھىپىسىدە نەشىر قىلىنىدۇ.

تەرجىمە ئەسەرلەر:

[29] ‘تاتارىيەدىن خەۋەر - پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر’
(News from Tartary: A Journey from Peking to Kashmir by Peter Fleming)
(1)./thread-27980-1-1.html
(2)./thread-28311-1-1.html
[30] ‘تاتارىيەدىن خەۋەر ناملىق كىتاپ ھەققىدە ’
./thread-27868-1-1.html
[31] ‘بىر تۇيغۇ’ - ./thread-22408-1-1.html
[32] ئاھ ئاتىلار’، ‘نۇزۇگۇمنىڭ چاقىرىقى’، ئۇيغۇر مۇقام تېكىستلىرى
http://www.uyghurensemble.co.uk


بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.


bagdax

0

تېما

2

دوست

279

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36054
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 72
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2015-6-24
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-29 11:01:55 |ئايرىم كۆرۈش
ئۇيغۇر سەنئىتىنى دۇنياغا تونىتىش مەخسەت قىلىنىپتۇ ... لوندۇن ئانسانبىلىنىڭ بۇندىن كىيىنكى سەنئەت ھاياتىغا زور ئۇتۇقلانى تىلەيمەن..

0

تېما

0

دوست

690

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35676
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 192
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-30
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-29 14:20:48 |ئايرىم كۆرۈش
ياخشى خىزمەت قىپتۇ رەھمەت لىكىن بالىلىرنىڭ ئىنگىلزچە ئسمىمۇ بادۇ  ھەقەچان

0

تېما

7

دوست

3555

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33796
يازما سانى: 228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1094
توردىكى ۋاقتى: 264
سائەت
ئاخىرقى: 2016-10-24
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-29 16:28:26 |ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت ھارماس ئۇستاز ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ تىما يولىغنڭىزغا.ئاللاھ تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن.ئائىلىڭىزنى خاتىرجەملىك ئاتاقىلغاي...
bagdax

0

تېما

0

دوست

70

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   23.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36192
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 22
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2015-8-30
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-29 17:56:15 |ئايرىم كۆرۈش
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن سىدىق ئاكا بىزلەر ئۈچۈن ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ بىزلەرنى سۈيۈندۈرىدىغان ياخشى تىمىلارنى يۇللاۋاتىسىز سىزگە چۇڭقۇر تەشەككۈر .

3

تېما

1

دوست

820

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36093
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 240
توردىكى ۋاقتى: 49
سائەت
ئاخىرقى: 2016-10-25
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-29 18:44:30 |ئايرىم كۆرۈش
ئۆزىنى سۆيگەنلەر مۇرادىغا يەتسۇن
7#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

0

دوست

2158

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35824
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 656
توردىكى ۋاقتى: 102
سائەت
ئاخىرقى: 2016-10-13
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-29 19:24:08 |ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت!قەلىمىڭىزگە.بىز نەتىنجىلىك  كىشىلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقلىرىدىن ئۆگۈنىمىز.ئۇلارنىڭ
روھىنى ئۈلگە قىلىمىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )